قومۇل ۋىلايىتىمىزدىكى خەتتاتلار ۋە دېھقان رەسساملار بۇ يىللىق نۇرۇزنى ئۆزگىچە ئۇسۇلدا كۈتىۋالدى. گەرچە قىسمەن سەۋەبلەر بىلەن بۇ پائالىيەت بىكىتىلگەن كۈندە ئۆتكۈزۈلمىگەن بولسىمۇ، 16-چىسلا پائالىيىتىمىز ئىنتايىن غەلبىلىك باشلاندى. خەتتاتلىرىمىزنىڭ ئەسەرلرىنى كۆرگەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى زىيارەتچىلەر ئاپرىن ئېيتىشتى. ئۆزەمنىڭ ھېس قىلىشىچىمۇ، بۇ قېتىم قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر بۇلتۇز-ئوزىقى ئەسەرلەردىن سۈپەت، ئىجادىيەت جەھەتلەردە پىشىپ يېتىلىپتۇ، يېڭى بىر ئەۋلاد خەتتاتلار سېپىمىزگە قوشۇلۇپتۇ. خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ ئۇچۇرىنى كىچىكىپ بولسىمۇ تور ئەھلى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشنى لايىق تاپتىم.
ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇنلار: قومۇل شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلىمى
قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى
ئۆتكۈزگۈچى ئورۇنلار: قومۇل شەھەرلىك خەتتاتلار جەمئىيىتى
قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتى
قومۇل شەھەرلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەتلەرنى قوغداش مەركىزى
***********
قومۇل شەھەرلىك خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھۆسۈيۈن سالى ئېچىلىش مۇراسىمىدا...
ئىزباسار ئەۋلادلار...
پىشقەدەم رەھبەر ۋە خەتتاتلىرىمىز ئوڭدىن يۈنۈس ھاجى، ئېلى ئىسمايىل ۋە نەمەت ناسىر قاتارلىقلار...
ياش نوتىلار ئەسەرلەردىن ھوزۇرلانماقتا.
ۋىلايەتلىك تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋۇ خۇامىن قاتارلىق رەھبەرلەر نۇرۇزلۇق ئەسەرلەرنى كۆرۈپ ئىنتايىن قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەرنى بەردى...
بۇ پائالىيەتكە مەن ھۆسىنخەت ئەسىرى قاتناشتۇرالماي قالدىم، بىراق فوتوسۈرەتلىرىمدىن 12 پارچىنى نۇرۇزلۇق پائالىيەتنىڭ ھوزۇرىغا ئەكەلگەنتىم...
ھۆسىنخەتلەر ھوزۇرۇڭىزدا بولسۇن!
***
***
***
***
***
مەردان ئايۇپ يازغان
***
***
***
ھەممە ۋاقىتقا بېرىپ تاقىشىدىكەن، ئەمدى قالغان قىسمىنى قومۇل موزىيخانىسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى كۆرگەزمە زالىغا بېرىپ كۆرۈشىڭىزلەرنى سورايمەن...بۇمۇ ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنى قوللىغانلىقىڭىزلاردۇر. خەيىر ئامان بولىڭىزلار!
كۆرگەزمە 3-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ...پۇرسەت غەنىمەت!
2012-يىلى3-ئاينىڭ19-كۈنى