saltanat lutun elan berig
«1234»Pages: 1/4     Go
بۇ تېما 4576 قېتىم كۆرۈلدى
oychan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1788
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 99
شۆھرەت: 632 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 665 سوم
تۆھپە: 368 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 372 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 303(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىكى ئېتىقادسىزلىشىش

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ilim تەرىپىدىن قۇلۇپلاندى(2012-03-24)
باياتىن بۇ مۇنبەردە ئوقۇغۇچىسىغا چېقىلغان ئىپلاس ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىشلىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، بۇ تېمامنى يوللاپ كويۇشنى لايىق تاپتىم

ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىكى ئىتىقادسىزلىشىش



كىچىكىمىزدىن باشلاپ « ئوقۇتقۇچى ـ ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى» دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ كەلدۇق. ئۇنداقتا ئوقۇتقۇچىلار راستىنلا « ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى»غا ئايلىنالىدىمۇ؟ مېنىڭ ھىس قىلىشىمچە، بۇ ماقامغا يەتكەن ئوقۇتقۇچىلار ئىنتايىن ئاز سالماقنى ئىگەللەيدۇ.
ھازىرغا قەدەر ماڭا بىرەر قېتىممۇ «ئادىمىيلىك دەرسى» ياكى ۋە ياكى ئادەم نېمە ئۈچۈن ياشايدۇ؟ قانداق ياشاش كېرەك؟ دېگەنلەرگە جاۋاب تاپىدىغان دەرس ئۆتۈلۈپ باقمىدى دەپ قارايمەن. بەلكىم باشقا تورداشلىرىممۇ بۇنداق دەرسنى ئاڭلاپ باقمىغان بولسا كېرەك. ئەمما، يۇقارقىلار ئۆزىنى ئادەم دەپ قارىغان ھەر بىر مەخلۇق چوقۇم بىلىشى كېرەك بولغان ئەڭ ئاساسىي بىلىم ئىدى. ئەپسۇس، نۇرغۇنلىغان « ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز روھىغىمۇ ئىنژىنىر بولالمىغانلىقى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇپ تۇرماقتا. بۇنداق ئوقۇتقۇچىلار قانداقمۇ ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىغا ئادىمىيلىكنى ئۆگىتەلىسۇن؟ ( يۇقارقىلار پۈتۈنلۈك ئەمەس، ھەقىقىي ئىنژىنىرلارمۇ باردۇ بەلكىم). ھازىرقى كۆپ ساندىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ پەزىلىتىدە ئېغىر مەسىلە بار. گەرچە كۆپ ئۇلار ئۆز كەسپىدە پىشىپ يېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما، ئادىمىيلىك جەھەتتە پىشىپ يېتىلەلمەپتۇ. ھەر كۈنى دەرس ئارىلىقىدا كارىدورغا چىقىمىز. كارىدورنىڭ ھەر ئون نەچچە مېتىر يېرىدە بىردىن «禁止吸烟 تاماكا چېكىش مەنئىي قىلىنىدۇ» دېگەن خەتلەر يېزىلغان تاختىلار ئېسىلغان. ئەمما، ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان ئىش دەل مۇشۇ يەردە. بىز بىلىمىدىن پەخىرلىنىدىغان، ئۆزىنىڭ ئوقۇغان مەكتەپلىرىنى، بېرىپ كەلگەن دۆلەتلىرىنى، ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ ئېغزىمىزدىن سېرىق سۇ ئېقىتىۋېتىدىغان ئوقۇتقۇچىلىرىمىز دەل ئاشۇ تاختىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، تاماكىلىرىدىن پۇرقىرىتىپ ئىس چىقىرىشىدۇ. ئەمەس. بۇنداقلارنىڭ ئىچىدە ئىنتايىن يۇقىرى بىلىملىك، دائىم خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ تۇرىدىغان دوكتۇرلارمۇ بار .بۇنداق ئەھۋالنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمەن. ھەتتا سىنىپتا دەرس ئۆتۈۋېتىپ بىر سائەت ئىچىدە بىر نەچچە تاماكا چېكىپ بولىدىغان ياۋروپادا ئىلىم تەھسىل قىلىپ كەلگەن پراففىسورمۇ يوق ئەمەس.  ئەجابا، ئۇلار بىلىملىك بولغانلىقى ئۈچۈنلا، قائىدە- تۈزۈم، ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پەرۋا قىلماسلىق ھوقۇقى بولامدۇ؟

ئەگەر مەن، ئۆزۈم يامان ئىشلارغا ئۆگۈنىۋالمىساملا بولدى دەپ، ئەتراپىمدا بولىۋاتقان گەپلەرگە قۇلىقىمنى ئېتىۋېلىپ، كۆرۈلىۋاتقان ئىشلارغا كۆزۈمنى يۇمىۋېلىپ، سۆزلەشكە تېگىشلىك ئىشلارغا ئېغىزىمنى پېچەتلىۋالسام، ئۇ چاغدا مېنىڭ جەمئىيەتكە نېمە رولۇم بولسۇن؟ شۇ سەۋەبتىن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم:

بىر قېتىملىق قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئالدىدا سىنىپ مەسئۇلىمىز يىغىن ئاچتى. يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاساسلىق مەزمۇن تۆۋەندىكىلەر بولدى:
ـ بايرامدا ئۆيىگە قايتمايدىغانلار سىرتلاردا قالايمىقان ئىشلارغا ئارىلىشىپ قالماڭلار. مەكتەپ ئىچىدە ھاراق ئىچمەڭلار. ئامال بار رېستۇرانلارغا بېرىپ يىغىلىش ئۆتكۈزمەڭلار. ھاراق ئىچىپ مەكتەپكە كىرمەڭلار. گەپ ئېنىق بولسۇن: مەكتەپ سىرتىدا قانداق قىلسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى، ئەمما ھاراق ئىچىپ مەكتەپكە كىرمەڭ، مەس ھالىتىڭىزدە مەكتەپ ئىچىگە كىرمەڭ!

يۇقارقى تەربىيەنىڭ مەزمۇنىنى تورداشلار چۈشەندى، دەپ قارايمەن. ھاراق ھارام دەپ ئىتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىمى بولغان قۇربان ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى ئەنە شۇنداق تەربىيە قىلىندى. يۇقارقىدەك تەربىيە پەقەت شۇ بىر قېتىملا بولمىدى. 4- ئاينىڭ بېشىدىكى قەبرە سۈپۈرۈش بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىدىغان چاغدىمۇ بىر قېتىم يىغىن ئېچىلدى. بۇ قېتىممۇ يىغىننىڭ ئاساسلىق تىمىسى ـ ھاراق ئىچكەندىن كېيىن مەكتەپكە كىرمەسلىك، بولدى.
ـ سىلەرگە سىرتتا ھاراق ئىچمە دېمىدىم. ھاراق كۆتۈرەلمەيدىغان ھالىڭغا نەچچە بوتۇلكىنى ئىچىۋېلىپ، مەس ھالىتىڭدە مەكتەپكە كىرىپ، ئىش تېرىما. مەكتەپ سىرتىدا قانداق قىلساڭ قىل.

يۇقارقىلار ئالىي مەكتەپتە دەرس ئۆتىدىغان بىر پىروففىسورنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا قىلغان تەربىيىسى. سىنىپ مەسئۇلى تۇرۇقلۇق، ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىغا: ھاراقتىن يىراق تۇرۇڭلار، مەكتەپ سىرتىدىمۇ ئىچمەڭلار، ئۇ ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق، دېگەن گەپنى دېمىدى. ( بۇ سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ئىچىدىغانلىقى ئېنىق).


ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىمىز  بىر نەچچە قېتىم مەستلىكى يېشىلمىگەن ھالەتتە، بەزىدە ھاراق پۇراپ تۇرغان ھالەتتە دەرسكە كىرگەن ئىدى. شۇ چاغدىلا بۇ ئوقۇتقۇچىنى زابوي مىكىن دەپ ئويلايتتۇق. لېكىن بىرەر قېتىممۇ تاماكا چەككنىنى كۆرۈپ باقمىدۇق. بۇ ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە ئىككى يىلدىن بېرى دەرس ئۆتۈپ كېلىۋاتقان بولغاچقا، سىنىپتىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى خېلى ياخشى ئىدى.بىر قېتىملىق دەرستە مەن ئەڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ئىدىم دەرس ئارىلىقىدا مۇئەللىم پارتامنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويغان چاي قۇتىسىنى ئېلىپ قۇتىنىڭ ئاغزىغا چاي قۇيۇپ خۇددى ھاراق كۆتۈرگەندەك ئىچتى. ئاندىن ماڭا قاراپ چاقچاق تەلەپپۇزىدا:
ـ بىرەر رومكا كۆتۈرۈپ قويامسەن؟ دېدى.
مەنمۇ چاقچاق تەلەپپۇزىدا:
ـ ياق، ئىچمەيمەن. مەن ئۆمرۈمدە ھاراق- تاماكىغا يولاپ باقمىدىم، ھاراقنىمۇ ئىچەمدۇ؟ ۋاسكىتبول مەيدانىغا پىۋىنى داڭلاپ لوزىنكىلارنى ئېسىۋېتىپتۇ، ئىچمىسىڭىز ئارماندا قالىسىز، دېگەندەك خەتلەر باركەن. مەكتەپ ئىچىگە ھاراقنىڭ ئېلانلىرىنى ئېسىۋەتسە، بۇ قانداق ئىش ئەمدى؟، دېدىم.
ـ پىۋە دىگەن ئادەتتىكى ئىچىملىك ئەمەسمۇ؟
ـ پىۋىدىمۇ ئىسپىرىت بار، ئادەمنى مەست قىلىدۇغۇ؟ مەست قىلغان ئىچىملىك ھەممىسى ھاراق.
ـ تاماكىنىغۇ چېكىدىغان نەرسە ئەمەس، ھاراقنى ئاز- تولا ئىچىپ قويسا نېمە بوپتۇ؟
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، رەددىيە بەرمەكچى بولدۇم:
ـ مۇئەللىم، ئۇيغۇرلار چوشقا گۆشى يەمدۇ؟
ـ ياق.
ـ نىمىشقا؟
ـ چوشقا گۆشى ھارام تۇرسا!
-ھاراق ھارام ئەمەسمۇ؟ ھاراق تېخى چوشقا گۆشىدىنمۇ بەكراق زىيانلىق. ھاراق ئىچىپ مەست بولغان ئادەم چوشقا گۆشىنىمۇ يېيىشى مۇمكىن.
ـ چوشقا دېگەن مەينەت نەرسىلەرنى يەيدۇ، شۇڭا ھارام. ھاراقنى دېگەن ئۈزۈمدىن، بۇغدايدىن ياسايدىغان تۇرسا!
ـ ئۇنداقتا، توخۇمۇ پوخ يەيدۇ، لېكىن توخۇ گۆشىنى يەيمزغۇ؟ پاكىز نەرسىدىن ياسىغانلىقى ئۈچۈنلا ھالال بولۇپ قالمايدۇ.
يېنىمدىكى بالا سۆز قىستۇردى:
ـ مۇئەللىم، قۇرئاندا ھاراق ھارام دەپ باركەن، شۇڭا ئۇنى ئىچسەك بولمايدۇ.
ـ ئاڭلىسام قۇرئاندا چوشقا گۆشىنىمۇ ئۆلۈپ قالغىلى تۇرغان ئادەم بىر چىشلەم يېسە بولىدۇ دەپ باركەنغۇ؟ دېدى مۇئەللىم.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ مەن سۆز قىستۇردۇم:
ـ ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇچىلىك مىقداردا يېسە ھىچنىمە بولمايدۇ، لېكىن كۆپ يېسە بولمايدۇ.
ـ ھاراقمۇ كېسەلگە پايدا قىلىدۇغۇ؟ قان- تومۇر قېتىشىش، يۇقىرى قان بېسىمى .. دېگەندەك كېسەللەر ئاز تولا ئىچىپ قويسا كېسىلىگە پايدا قىلىدۇ، ئاز- تولا ئىچكەننىڭ ھىچ زىيىنى يوق.
ـ مۇئەللىم، ئاشۇ كېسەللەرنىڭ ھاراقتىن باشقا ھا؛لال نەرسىلەردىن بولغان دورىسى بار، ھارام نەرسىنى پايدا قىلىدۇ، دەپ ئىچكەندىن، ھالال دورىلىرىنى تېپىپ ئىچسە بولىدۇغۇ؟
ـ ئۇ دورىلار قىممەت تۇرسا؟ ھاراقنى بر بوتۇلكا ئېلىپ قويۇپ، كۈندە كىچىك بىر رومكا ئىچىپ قويسا، كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ. ئېشەكنىمۇ ھارام دەپ يېمەيمىز، لېكىن ئېشەك سۈتى تۇتقاقلىق كېسىلىگە پايدا قىلىدىكەن. ياشلار باغچىسىنىڭ ئالدىدا ئېشەك سۈتى ساتىدىغان دۇكان بارغۇ. كېسەل ئادەم ئىچسە ھىچنىمە بولمايدۇ. مەن ساڭا ھاراقنى مەست بولغۇچە ئىچ، دېمىدىم. كۈندە ئاخشىمى بىرەر رومكا ئىچىپ قويسا ئادەم روھلۇق بولىدۇ.
ـ ھاراق دېگەن ئاز ئىچسمۇ ھارام، جىق ئىچسمۇ ھارام. ئاز ئىچىپ، بارا- بارا كۆپ ئىچىشكىمۇ ئۆگۈنۈپ قالىدۇ.
ـ ئۇ دېگەن ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق. نېمىشقا ئۆگۈنۈپ قالغۇدەك؟ مەلۇم ئۆلچەم بويىچە ئىچىپ بەرسە بولىدۇ. ئادەمگە زىيان قىلمايدۇ.
ـ مەيلى قانداقلا بولسۇن، ئاز ئىچكەن بولسىمۇ يەنىلا زىيانلىق. ئاز ئىچكەندىكى كىچىككىنە پايدىنى كۆرۈپ، زىياننى كۆرەلمىگەن بىلەن، زىيان يەنىلا پايدىدىن چوڭ بولىدۇ. قانداقلا بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ئۇنى ئىچىشكە بولمايدۇ، ئاللاھ زىيانلىق بولمىسا ھارام قىلمايتتى.
ـ بىزنىڭ بىر قوشنىمىز بار ئىدى. تۇتقاقلىق كېسىلى بار ئىدى، ئۇنىڭغا كۈندە ئاز مىقداردا ھاراق ئىچىپ بەرسە پايدا قىلىدۇ، ئىشەك سۈتى ئىچسە بولىدۇ، دېسە، ھارام نەرسىنى ئىچمەيمەن دەپ تۇرىۋېلىپ، رەمەتلىك قازا قىلىپ كەتتى.
ـ مۇئەللىم، ئۆمۈرنى بىرەر مىنۇتمۇ ئۇزارتقىلى بولمايدۇ. قۇرئاندىمۇ شۇنداق دە باركەن. ھاراق ئىچمىگەچكە ئۆلۈپ كەتتى، دېسەك بولمايدۇ.
تەنەپپۇس ۋاقتى توشۇپ كەتتى. لېكىن مۇئەللىمنىڭ گېپى تۈگىمىگەن ئىدى. ئۇ دەرس سۆزلەش مۇنبىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، يەنە بايىقى گېپىنى داۋاملاشتۇردى:
_ سىلەرنى ھاراق ئىچىڭلار، دېگەنلىكىم ئەمەس، لېكىن ئۇ نەرسە بەزى چاغلاردا ئادەمنى جۇشقۇن، روھلۇق قىلىدۇ. ئىش خوشياقمىغان چاغلاردا ئازراق ئوتلاپ قويسا، ئىشنى ئوبدان قىلغىلى بولىدۇ. ئادەمدىكى روھىي بېسىمنى يەڭگىللىتىدۇ. ئۆتكەندە بىر قىز مەكتەپنىڭ ئائىلىكلەر قوروسىنىڭ 17- قەۋىتىدىن سەكرەپ ئۆلىۋالدى، ئۇ قىز بەك جىمغور، باشقىلار بىلەن ئارىلىشىشنى ياقتۇرمايدىغان، ئادەتتىكى ئىشلارنىمۇ ئۆزىگە بەك بېسىم قىلىۋالىدىغان قىز ئىدى، مانا، روھىي بېسىم سەۋەبىدىن ئۆززىنى ئېتىۋالدى. شۇڭا، سىلەر ئۆزۈڭلارغا بەزى ئىشلارنى بېسىم قىلىۋالماڭلار، ئۆگىنىش قىلىمەن دەپ ئۆزۈڭلارنى مەجبۇرلاۋەرمەڭلار، ئاز- تولا ئويۇن تاماشا سورۇنلىرىغىمۇ بېرىپ قويۇڭلار، بەزىدە ھېلىقى نەرسىنى ئاز- تولا كۆتۈرۈپ قويغانغا ھىچنىمە بولمايدۇ.
يۇقارقىلار ئالىي مەكتەپتىكى خېلى يۇقىرى سەۋىيىلىك ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن قىلىشقان پارىڭى.

ئىلىكتىر ئىلمى دەرسى ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىمىز  مۇنداق دەيتتى:
ـ مېنىڭ غورۇرۇم بەك كۈچلۈك، شۇڭا سىلەرگە قاتتىق تەلەپ قويىمەن. مىللىتىمىزنىڭ ئادەملىرى تەييارتاپ، نادان بولۇپ قالسا بولمايدۇ. ئادەم دېگەن ئۆزىنىلا ئويلىسا بولمايدۇ، مىللىتىنى ئويلاش كېرەك! مەن مىللىتىمنى ئويلايمەن، شۇڭا سىلەرگە ھەقىقىي بىر نەرسە بىلدۈرەلىگۈدەك دەرس ئۆتىمەن، بولمىسا، بەزى ئوقۇتقۇچىلاردەك دەرس ۋاقتىدا كىرىپ دەرسىمنى ئۆتۈپ قويۇپ، دەرستىن چۈشۈپلا ئۆيۈمگە كېتىپ، سىلەر بىلەن ئانچە كارىم بولمىغان بولسىمۇ يەنە مۇشۇ مائاشىمنى ئالىۋېرەتتىم. لېكىن، بۇنداق قىلىشقا مېنىڭ غورۇرۇم يول قويمايدۇ.
ـ قايسىڭلار دەرس ۋاقتىدا مەن ئۆتۈۋاتقان كىتابتىن باشقا كىتابنى ئالدىڭلارغا ئېلىۋالىدىكەنسىلەر، قايسىڭلار دەرس ۋاقتىدا تاپشۇرۇق كۆچۈرىدىكەنسىلەر، ئۇدۇل بېرىپ ئاشۇ كىتاب- دەپتەرنى يىرتىۋېتىمەن. قايسىڭلار تېلىفۇن ئوينايدىكەنسىلەر، تېلىفۇننى چېقىۋېتىمەن، دەرس ۋاقتىدا تېلىفۇننى ئېتىۋېتىڭلار.(ھەقىقەتەن، بىرسىنىڭ كىتابىنى تارتىۋالدى، بىرسىنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرىنى يىرتىۋەتتى).
ـ ئادەم دېگەن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونۇشى كېرەك، ئويۇن ئوينايدىغان ۋاقىتتا ئويناش كېرەك، دەرس ۋاقتىدا كۆڭۈل قويۇپ دەرس ئاڭلاش كېرەك. دەرسنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولۇپ قانچە ئوينىسىڭىز بولىدۇ. مەنمۇ ياش چاغلىرىمدا تازا ئوينايتتىم، لېكىن ئويۇننى ئۆگىنىشكە پۇتلاشتۇرمايتتىم، تانسىغا ئەجەپ ئۇستىتىم. ھەممە ئىش ئۆز يولىدا بولسا بولىۋېرىدۇ.
ـ ماس قەدەملىك ئىلىكتىرماتورنىڭ ھەرىكىتى ئۆز- ئارا ماس بولىدۇ. بىر ئوغۇل بالا بىلەن بىر قىز بالا تانسا ئويناۋاتقان چاغدا پۇتلىرى ئۆز- ئارا ماس كەلمىسە بولامدۇ؟ ماس قەدەملىك ئىلىكتىرماتور دېگەن ئوغۇل- قىز تانسا ئوينىغاندا قەدەملىرى ماس كەلگەندەك ئۆز- ئارا ماس قەدەمدە ھەرىكەتلىنىدىغان نەرسە.
ـ مەن بىلەن بىللە ئوقۇغانلار يېزىلاردا ئىشلەپ يۈرىدۇ، مەن ياخشى ئوقۇغان بولغاچقا، بۇ يەردە تۇرۇپتىمەن. بالىلىرىمنى ئېسىل مەكتەپلەردە ئوقۇتتۇم، ئازادە ئۆيۈم بار، ماشىنام بار. بەزىلەرنىڭ بىر ئايلىق مائاشىغا مېنىڭ ماشىنامنىڭ بىر تال چىرىغىمۇ كەلمەيدۇ، ياخشى ئوقۇمىغاندىكىن شۇنداق بولىدۇ-دە! ياخشى ئوقۇساڭلار گوڭۋۇيۈەن ئىمتاھانىدىن قىينالمايسىلەر، ئاتا- ئاناڭلارغا خىزمەت تېپىپ بەر، دەپ بېسىم قىلمايسىلەر. ياخشى ئوقۇغانلارغا كادىر بولۇش ئانچە تەس ئەمەس.
ـ دەرسنى نىمانداق چۈشەنمەيسىلەر؟ بۇنى تېخى ئالدىنقى كۈنى سۆزلىمىدىممۇ؟ سىلەر ھازىر مەس بوپ قاپسىلەر! مەس ئادەم گەپ چۈشىنەمدۇ؟ سىلەرنىڭمۇ ئەقلىڭلار مەست بوپ قاپتۇ. مەستلىكىڭلاردىن ئەمدى يېشىلىڭلار! ھە راست، ئەتىگەندە دەرسكە كىرىشتىن بىر سائەت بۇرۇن كەلگەنتىم، ئەنە ئاۋۇ ئۇكام كۆردى، بىنانىڭ كىرىش ئىشكنىڭ يېنىدا ھاراق بوتۇلكىلىرى، بوتۇلكا سۇنۇقلىرى، قەغەزلەر چېچىلىپ كېتىپتۇ. ئىچىدىغان نەرسىنى بۇ يەردە ئىچىپ مەست بولۇشۇپ ئۆزەڭگە ئىش تېپىۋېلىشما! ئىچىدىغان سورۇن دىگەن ئايرىم، بۇ دېگەن ئوقۇيدىغان جاي. ئوقۇش بىلەن ئويۇن- تاماشىنى ئايرىشىڭلار كېرەك. ئىككىسىنىڭ سورۇنى، ۋاقتى باشقا- باشقا.
ـ بۈگۈن ئۈچ كۈنلۈك دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىدۇغۇ؟ بۇ ئۈچ كۈندە كىتابنى باشتىن باشلاپ قايتا كۆرۈپ چىقىڭلار، بولمىسا دەرس ۋاقتىدا ماڭا تۇتۇلۇپ قالىسىلەر. ئويۇننى ئاخشىمى ئوينىسا ياخشى بولىدۇ. خىزمەتچىلەرمۇ كۈندۈزى ئىشلەپ ئاخشىمى ئارام ئالىدۇ. ياش ۋاقىتلىرىمدا مەنمۇ تازا ئوينايتتىم، ئىچەتتىم. لىكىن دەرسكە پۇتلاشتۇرمايتتىم سىلەرمۇ كۈندۈزى ئۆگىنىشنى تازا قىلىپ، ئاخشىمى تازا ئوينىمامسىلەر! ئۇسسۇل- تانسا دېگەن ئاخشىمى بەك قىززىيدۇ، ھېلىقى سەكرەپ ئوينايدىغان يەردىمۇ ئاخشىمى ئوينىسا بەك قىززىيدۇ. ئىچسەڭلارمۇ ھىچقىسى يوق، ياش بولغاندىكىن ھىچنىمە بولمايدۇ.

يۇقارقىلار چوڭ بىر ئۇنىۋېرىستىتتىكى، چەتئەللەردە ئوقۇپ كىرگەن، ئۆزىنى ئىنتايىن غۇرۇرلۇق چاغلايدىغان، «مىللىتىنى سۆيىدىغان»، بىلىمى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بىر پىروففېسورنىڭ بىر نەچچە ئاي جەريانىدا ئوقۇغۇچىلىرىغا ئېيتقان دەرستىن سىرتقى تەربىيە خارەكتىردىكى سۆزلىرى.

كومپىيوتىر ئاساسىي بىلىملىرى دەرسىنى ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىمىز بىلەن بىر قېتىم دەرس ئارىلىقىدا قىلغان سۆزى قەتئىي يادىمدىن چىقمايدۇ:
بۇ مۇئەللىم ياشىنىپ قالغان ھەم بىر خىل مۇلايىم بولغاچقا كۆزىمىزگە ئىسسىق كۆرۈنەتتى. بىر قېتىم دەرس ئارىلىقىدا مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى. سىنىپتا ياغلىقنى چۆكۈرۈپ چىگىدىغان، ئۇزۇن كۆينەك كىيىدىغان بىر قىز بار ئىدى. ھېلىقى قىز مۇئەللىمگە كۈلۈپ تۇرۇپ «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ سالام قىلدى. لېكىن مۇئەللىم «ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام» دېمەستىن، ياخشىمۇ، دەپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىز مۇئەللىمگە سالامغا جاۋاب قايتۇرمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە باشلىنىپ قالدى:
ـ سىز ياغلىقنى بۇنچە چۆكۈرۈپ چىگىپ، قۇلاقنى ئېتىۋالسىڭىز دەرس ئاڭلىيالامسىز؟
ـ مۇئەللىم، قىزلارنىڭ چېچى كۆرۈنۈپ قالسا بولمايدۇ. ئاللاھ بىزگە ئەۋرەتلىرىمىزنى يېپىشنى بۇيرىغان.
ـ بۇنچە چىگىۋالمىسىمۇ بولار. كۆڭلىكىڭىزمۇ بەك ئوزۇنكەن، يول ماڭغاندا يەرنى سۈپۈرۈپ ماڭسا، مەينەت بولار؟ ئىسلام دىنىدا پاكىز، رەتلىك بولۇش تەكىتلىنىدىغۇ؟
ـ بۇنداق دېسىڭىز بولمايدۇ مۇئەللىم، مۇسۇلمان بولغاندىكىن مۇشۇنداق كىيىنىشىمىز كېرەك.
ـ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولغاندىكىن، گۇنا ئىش قىلماي، ئۆزىڭىزنى ياخشى باشقۇرۇپ، باشقا ئىشلارنى كۆڭلىڭىزدە بىلسىڭىز بولدى ئەمەسمۇ؟
ـ كۆڭۈلدە بىلىپ قويۇپ، ئەمەلىيەتتە قىلمىسا قانداق بولىدۇ؟
ـ خۇدا نىيەتنى بىلىپ تۇرىدۇ، شارائىتقا بېقىپ ئىش قىلسىمۇ، نىيەت توغرا بولسىلا خۇدا كەچۈرىدۇ.
چاچلىرىنى ئالاھىدە ياسىتىۋالغان، غەلىتە كىيىملەرنى كىيىۋالغان بىر قىز سۆز قىستۇردى:
ـ شۇنى دەيمەن، ھەممىدىن نىيەت ئەلا. ئۇزۇن كىيىمنى كىيىۋالغانغىلا ھېساب ئەمەس، ئۇنداقلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ. خۇدا نىيىتىمىزنى بىلىپ تۇرىدۇ، نىيەت ياخشى بولسىلا بولدى.

بۇ قىز يۇقارقى سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ياسىنىشىنى ۋە تىزىنىمۇ ياپالمايدىغان كىيىملەرنى كىيىشىنى توغرا قىلىپ كۆرسەتمەكچى ئىدى. مۇئەللىم بولسا ھېلىقى قىزنىڭمۇ باشقا قىزلاردەك چىرايلىق ياسىنىپ، « رەتلىك، پاكىز» كىيىنىشىنى ئۈمىد قىلاتتى ۋە شۇنداق قىلىشقا كۈشكۈرتەتتى. نىيەت ئەۋزەل دېيىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ تاماكا چېكىشتىن ئىبارەت ئەيبىنىمۇ، خۇمار بولۇپ قالغانلىقتىن ئامالسىز قىلىۋاتقان ئىش، كاللىنى سەگەكلەشتۈرىدۇ، دېگەندەك باھانىلەر بىلەن خاتا ئىشنى توغرا قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولدى. بۇ 60 ياشقا يېقىنلاپ قالغان بىر بوۋاينىڭ سۆزلىرى ھەم ئىدىيىسى.

يۇقارقى دىئالوگ، بايانلاردا قىلچىلىكمۇ كۆپتۈرمە يوق. تىلغا ئېلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۆزلىرىنى ئايرىپ، ناچارلىرىنىلا يېزىپ، ياخشى تەربىيەلىرىنى يازمىنىڭ ئىچىدىن چىقىرىۋەتكەن ئىشلارمۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. بۇلار پۈتۈنلەي ھەقىقەت. بۇ تېخى مەن مۇشۇ ئالىي مەكتەپكە كېلىپ  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاغزىدىن بىۋاستە ئاڭلىغان،، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىشلارنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمى،  يازمىنىڭ ئۇزىراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ھەممىنى يېزىپ يۈرمىدىم.  گەرچە يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى ئالىي مەلۇماتلىق، «يۇقىرى ساپالىق» بولغان، جەمئىيىتىمىزدىكى ئەڭ ئىلغار زىيالىيلارنى ۋە زىيالىي بولغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەيدىغان، كۆپ قىسمى دوكتۇرلۇق ياكى پراففىسورلۇق ئۇنۋانى ئالغان،  قىسقىسى، ئىلىم جەھەتتىن خەلقىمىز ئىچىدىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كىشلەر بولسىمۇ، ئەمما، ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىغا ھاياتلىقنىڭ ماھىيىتى، ياشاشنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا ئازراقمۇ توغرا چۈشەنچە بېرەلمىدى. ئۇلار ئۆزىنى مۇسۇلمان سانايدىغان تۇرۇقلۇق، ئىسلام بىلەن يۇغۇرۇلغان ھەقىقىي ئەخلاق -پەزىلەتنى ئوقۇغۇچىلىرىغا سىڭدۈرەلمىدى. ھەتتا، بۇنداق ئەخلاق پەزىلەتلەردىن ئۆزلىرىمۇ مۇستەسنا.
بىزگە كېرىكى پەقەتلا پەن- تىخنىكىمۇ؟ دوكتۇر ئاتالغان بىر قېرى ئادەمنىڭ دائىم تانسىغا ئويناشنىڭ، كېچىلىككە بېرىشنىڭ گېپىنى قىلىپ يۈرۈشى ئۇنىڭغا ماس كېلەمدۇ؟
ئادەمنى ھەقىقىي ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرىدىغان نەرسە ياخشى ئەخلاق- پەزىلەتمۇ ياكى پەننىي بىلىممۇ؟ مېنىڭچە يۇقارقىلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى بىرلىكتە مەۋجۇت بولغان ئادەم ئەڭ ھۆرمەتلىك، ئۇنىڭدىن قالسا، بىلىمسىز بولسىمۇ پەزىلەتلىك بولغان ئىنسان ھۆرمەتلىك، ئەخلاقسىز ئادەملەر نەزەرىمدە ھۆرمەتلەشكە لايىق ئەمەستۇر! ئەخلاق- پەزىلىتى ناچار ئادەملەرنىڭ ئۆزىدىكى بىلىمنى نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلىدىغانسىلەر؟
كۆپ قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئەنە شۇنداق ئىتىقادسىز، ئۆزلۈكىنى ئۇنتۇپ كەتكەن، پەقەت ماددىي مەنپەئەت ۋە ماددىي تەرەققىياتنىلا ئاساسىي نىشان قىلىۋالغان، شۇنداقلا، ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىنىمۇ ئەنە شۇنداق ماتىريالىستىك نۇقتىئىنەزەردىن كېلىپ چىققان خاتا ئىدىيىلەر بىلەن تەربىيىلىمەكتە.
بەلكىم سىز ئادەم بولۇش، ياشاشتىكى نىشان بولۇش، ئەخلاق – پەزىلەتلىك بولۇش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تەربىيەنى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بېرىدۇ. ئالىي مەكتەپلەردە ئۇنداق ئۇششاق ئىشلارغا ئارىلىشىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، دېيىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما، ئويلاپ باقتىڭىزمىكىن، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ئەنە شۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قولىدىن چىققان بىزدەك ستودىنتلار ئەمەسمۇ؟ ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بىزگە ئادەم بولۇشىنى ئۆگىتىش مەجبۇرىيىتى بولمىسا، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئادەم بولۇش مەجبۇرىيىتىمۇ يوقمۇ؟ ھەممە ئىشنى پەقەت مەجبۇرىيەت ئۈچۈنلا قىلامدۇق؟
پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن:
سىلەر ھەممىڭلار پادىچى. ھاكىم پۈتۈن يۇرتتىكىلەرنىڭ پادىچىسى، ئەر كىشى ئائىلىسىنىڭ پادىچىسى. ئايال كىشى ئېرىنىڭ ئۆيى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ پادىچىسى. ھەممىڭلار ئۆز پاداڭلاردىن سوئال- سوراق قىلىنىسىلەر.

بەزىلەر ئالىي مەكتەپتە ئەخلاق تەربىيىسى دېگەندەك ئۇششاق ئىشلارغا ۋاقىت ئاجرىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئادەمنىڭ خارەكتىرى ئوتتۇرا مەكتەپتە يېتىلىپ بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
ئۇنداقتا مەملىكىتىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەردە نېمىشقا "ئىدىيە ئەخلاق 思想道德 " دەرسىنى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ؟ بۇ دەرسلىك ھەرقانداق ئالىي مەكتەپتە زۆرۈر دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلىدۇ. پەيغەمبىرىمىز ئىسلام دىنىنى دەسلەپتە نەچچە ياشلىق ئادەملەرگە چۈشەندۈرگەن؟ ئىسلامغا كىرگەنلەرنىڭ ئەخلاقى قانداق ئۆزگەرگەن؟ ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ھازىرقى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېشىدىن ئېشىپ كەتكەنلەر ئىدى.
ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى جەمئىيەتتىكى كىشلەرنىڭ ساپاسىنىڭ قانداق بولۇشىغا ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ قايسى يۆنىلىشتە مېڭىشىغا، شۇنداقلا، سىياسەتنىڭ قانداق يۈرگۈزۈلۈشىگە ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلاردۇر. چۈنكى، ھاكىميەت ئورۇنلىرىدىكى ھەر قاتلام، ھەر ساھە كىشلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى تەرىپىدىن تەربىيىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئوقۇتقۇچىلار، دوختۇرلار، ئىنژىنىرلار.... ھەممىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەربىيىسىدە يېتىلگەن بولىدۇ. شۇڭا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ساپاسىنىڭ قانداق بولۇشى پۈتۈن جەمئىيەت كىشلىرىنىڭ ساپاسىنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەخلاق- پەزىلىتى پۈتۈن جەمئىيەت ئەخلاقىنىڭ قانداق بولۇشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئوقۇتقۇچىلار بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتەكچىسى ھەم باشلامچىسى. سىتۇدىنتلىرىمىزنىڭ ھەقىقىي زىيالىيلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسى ھەم پەزىلىتىگە باغلىق. شۇڭا، مىللىتىمىزدىكى پىكرىي يۈكسىلىشنى ۋە ھەقىقىي مەنىدىكى تەرەققىياتنى مەيدانغا كەلتۈرىمىز دەيدىكەنمىز، چوقۇم، ھەممىنىڭ تەربىيەتچىسى بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىدە توغرا دۇنيا قاراش تىكلىشى، ئىدىيىسىنى توغرىلىشى، پەزىلەتنى ئۆزىدە نامايەن قىلىشى، ئوقۇغۇچىلىرىغا ئادىمىيلىك، توغرا ئەقىدە-ئىتىقادنى سىڭدۈرەلىگۈدەك بولۇشى ۋە شۇنداق قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەقەت كەسپىي جەھەتتىن يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىشىنى كۆزلىمەي، ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتىگىمۇ يۇقىرى سەۋىيە ھازىرلىشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە تىرىشىشى كېرەك.
ئى ئىسلام ئىتىقادىدىكى ئۇيغۇر قەۋمى! توغرا ئىتىقادنى، مۇستەھكەم ئەقىدىنى، ئېسىل ئەخلاقنى، مۇكەممەل بىلىمنى ئۆزىمىزدە نامايەن قىلىش ئۈچۈن تىرىشايلى!

ئېتىقادنى ئۇنتۇمايلى

" ئ "
ھەرىپىدىن باشلانغان سۆز ئويۇنى


ئاشۇ ئالىي ئوقۇللاردىكى ئىتىقادىنى ئۇنتىغانلارغا ئېيتىمەنكى، ئۆزەمغۇ ئۇشبۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەقىدە-ئەخلاق ئۆگىتىشىگە ئانچە ئېھتىياجلىق ئەمەس، ئۇلارنى ئاللىقاچان ئۆگىنىپ، ئۆز ئىشىمنى ئۇقىۋالغانمەن (ئەمدىلىكتە ئوقۇتقۇچىلىرىمغا ئەدەب ئۆگىتىشنى ئويلاپ ئولتۇرۇپتىمەن.) ئەمما، ئەتراپىمدا ئايرىم ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئاجايىپ ئەخلاقسىز ئىشلار ئۇچراۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇشبۇ ئىشلىرىنى ئاتا- ئانىسى ئۇقمايدۇ. ئاتا - ئانىلىرى ئۆيىدە ئوغلىغا ئەۋەتىدىغان ئىقتىساد ئىزدەش ئۈچۈن ئاۋارە. ئۇشبۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئەدەپ- ئەخلاقنى ئەسكەرتىدىغان ئىنسان ئۇچرىمايدۇ. ئۇلار ئىنتايىن ئەركىن- ئازادە ئويناۋاتىدۇ.
ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۇلارنى ئويلىمىسا، ئۇلار ئەسكىلىكلەرنى ئۆگىنىۋەرسە، ئۈممەتنىڭ ئەھۋالى ئېچىنىشلىق ئەمەسمۇ؟

ئۆزىمىزنىلا ئويلىمايلى، ئىقتىسادنىلا ئۇلۇغلىمايلى. ئىتىقادىمىزنى ئۇنتۇمايلى.ئىشىمىزنى ئەقىدىمزگە ئۇيغۇنلاشتۇرايلى. ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغانلىقىڭىز ئۈچۈن، ئېشىۋالماڭ. ئۇنتۇماڭكى، ئۆزىڭىزمۇ ئۆزگىلەرگە ئوخشاشلا ئىنسان، ئادەم ئەلەيھسالامنىڭ ئەۋلادى!
ئۇنۋىرىستىتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئاتىقىغا ئېرىشىۋېلىپلا، ئىتىقادىڭىزنى ئۇنتۇماڭ. ئالىم ئاتالسىڭىزمۇ ئاللانىڭ ئىمتاھانى ئالدىدا ئۇنۋانلىرىڭىز ئەسقاتمايدۇ.
ئىلىم ئۆگۈنۈشنى ئىنكارلىماڭ! ئاللاھنىڭ ئەڭ ئاۋۋالقى ئايىتى : " ئىقرائ (ئوقۇغىن) دۇر. ئەمما، ئالىي ئوقۇلدىكى ئىلىمغىلا ئېسىلىۋالماڭ! ئىلىم ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ئۆگىنىش ئەھمىيەتسىز ئىلىملەرمۇ ئۇچرايدۇ. ئۆگەنمىسە ئاللاھمۇ ئەپۇلىمايدىغان ئۇلۇغ ئىلىملەرمۇ ئۇچرايدۇ. ئۆزىڭىز ئەقلىڭىزنى ئوبدان ئىشلىتىپ، ئىككى ئالەملىك ئەزىزلىككە ئېرىشتۈرىدىغان ئىلىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆگەنگەيسىز!
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-03-21, 10:28
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+9(ilim) نادىر
  • مەن _ مۇرەككەپ يارىتىلغان ئاددىي ئادەم!
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-03-21 00:15 |
    ilim

    دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


    UID نۇمۇرى : 35
    نادىر تېما : 6
    يازما سانى : 1084
    شۆھرەت: 6961 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 7070 سوم
    تۆھپە: 3902 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3966 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 1586(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نادىر ماقالە دەپ قارايمەن .نادىرلىققا كۆرسىتىمەن .مەن دىمەكچى بولغاننى تېمىدا ئاساسلىق دەپ بولۇپتۇ .
    lutun
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-21 10:47 |
    anka
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6068
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 270
    شۆھرەت: 1336 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1343 سوم
    تۆھپە: 803 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 810 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 288(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-08
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن 17يىللىق ئوقۇش ھاياتىمدا <ئىنسان روھىنىڭ ئېنژىنېرى>دېگەن نامغا لايىق بىرەر ئوقۇتقۇچىنى ئۇچىرتىپ باققىنىم يوق!!!مەن كۆرگەن ئوقۇتقۇچىلاردا ئوقۇغۇچىلارغا  كۆيۈنۈش دېگەندىن ئەسەرمۇ يوق،ئادىمىيلىك تەربىيىسى دېگەنغۇ ئەسلا،ئۇلار ھە دېسىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان گەپلەرنى قىلاتتى، تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا بىر قىز ئوقۇغۇچى مۇئەللىمنىڭ گەپلىرىگە چىدىيالماي ھوشىدىن كەتكەن ،بىر ئايال ئوقۇتقۇچى بىر قىزنى دوسكىغا چىقىرىپ مەسىلىنى ئىشلىيەلمىگەندە ،مۇئەللىم ئۇ قىزنى ئۇرۇپ ،سىلكىشلەۋېرىپ ئاخىرى ھېلىقى قىزنىڭ ئىشلەتكەن تازلىق قەغىزى يەرگە چۈشۈپ كەتتى .....ئۇ قىز شۇ ئىزاچىلىقتا مەكتەپتىن چېكىنىدى....سىياسەت دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە خۇداغا ئىشىنەمسىلەر دەپ سورىغاندا بىز ئىشىنىمىز دېسەك ،ئۇ: سىلەر خۇدانى  كۆرۈپ باققانمۇ دەپ سورىدى ،بىز ياق دېسەك ،كۆرۈپ باقمىغان كىشىگە قانداق ئىشىنىسىلەر دېدى،ئاندىن تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كىم خۇدانىڭ رەسىمىنى سىزىپ باقىدۇ دېدى،ئوغۇللاردىن بىرسى قول كۆتۈرۈپ ساقاللىق بىرىنىڭ رەسىمىنى دوسكىغا سىزدى......................(ئاللا گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغاي)
    مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى <توققۇز قەدەم نېرىدىن سالام بېرىش >كە لايىق ئوقۇتقچىلاردۇر.............
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-21 11:32 |
    ilim

    دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


    UID نۇمۇرى : 35
    نادىر تېما : 6
    يازما سانى : 1084
    شۆھرەت: 6961 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 7070 سوم
    تۆھپە: 3902 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3966 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 1586(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەنقا بىر تاياقتا ھەيدىگىنىڭىزنى توغرا چۈشىنىمەن .لېكىن تولۇق قوللىيالمايمەن .ئىتىقاتىدا مەسىلە ئېغىر ئوقۇتقۇچىلار ھەقىقەتەنمۇ كۆپ .
    saltanat
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-21 11:58 |
    anka
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6068
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 270
    شۆھرەت: 1336 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1343 سوم
    تۆھپە: 803 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 810 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 288(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-08
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى ilimدە2012-03-21 11:58يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
    ئەنقا بىر تاياقتا ھەيدىگىنىڭىزنى توغرا چۈشىنىمەن .لېكىن تولۇق قوللىيالمايمەن .ئىتىقاتىدا مەسىلە ئېغىر ئوقۇتقۇچىلار ھەقىقەتەنمۇ كۆپ .

    ئەلۋەتتە ھەممە ئوقۇتقۇچىلارنى شۇنداق دېگىنىم يوق ،ھەقىقىي ئېنژىنېرلار مۇ بار ،پەقەت ماڭا ئۇچۇرمىغانلا يېرى بار،باشقىلار دىن،كىچىكىمدە بىر ئوقۇتقۇچۇم مېنى بەك ئىلھاملاندۇراتتى،شۇنىڭ تەسىرىدە مەن مۇشۇنداق مۇۋاپىققىيەت قازىنالىدىم ،دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىسىم بەك ھەۋەس قىلىمەن.شۇغىنىسى مەن پەقەتلا ئۇچىرتىپ باقمىدىم..........
    simfoniya
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-21 12:29 |
    tunji
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6299
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 20
    شۆھرەت: 105 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 105 سوم
    تۆھپە: 62 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 62 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 51(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىزدە شەكىلنىۋاتقان ئىتقاتسىلىقنى چۈشەندۈرۈشكە ئادەم ھەقىقىتەن ئاجىزلىق قىلىدۇ ، يۇقارقى يازمىدىكى ئوقۇتقۇچىلاردا بولۇشقا تىگىشلىك ئەخلاق چۈشەنچىلەرنى ھەر - بىر ئىنسان روھىنىڭ ئىنجىنىرلىرى ھەقىقىتەن بىر قېتىم ئوويلىنىشقا ئەرزىيدۇ . ئاللانى ھەققى قەلبىدىن سۆيىدىغان بىر ئۈمۈت ئۈچۈن، ئىسلام قائىدىلىرى بىلەن تەربىيە بېرىلسە ھېچكىمنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلماسلىقىغا ھەققى ئەمەس ، مېنىڭ چۈشەنمەيدىغىنىم شۇنچىلىك ئىتقاتسىزلىق ئامىلىنى ئازايتىشقا ئامال بولارمۇ ؟ دەرۋەقە مانا مۇشۇنداق ياخشى تېمىلار ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ ئوقۇپ ئويلىنشى ئاساسىدا ئۇنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىدىغىنى ئىنىق . تېما ئىگىسىنىڭ بايانىغا قارىغاندا ئالىي مەكتەپلەردە ئىتقاتلىق ئوقۇتقۇچىلارنى تاپقىلى بولمايدىگەن ، يۇقاردا تىلغا ئالىغنى پەقەت بىر قىسىمى ئىكەن ، ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان ئىتقاتسىلىق ئەھۋاللارنى ساناشنى لايىق كۆرمەپتۇ , تۆۋەندىكى ئىنكاس يازغان ئىقتىدارلىق توردىشىمىز ، ھازىرغىچە بىرەر ياراملىق ئوقۇتقۇچىنى كۆرۈپ باقماپتۇ ، بەلكىم كىچىك ۋاقتىدىكى بىر ئوقۇتقۇچىسىلا يادىدا ئىكەن ، لىكىن ئۇنى بۇ چاقىچە كۆرۈپ باقماپتۇ . گەپلىرىڭلار ئورۇنلۇق تورداشلار ، ھەقىقتەن ھەممىمىز ئويلانغىدەك تېما بپتۇ ، لىكىن سەلبى تەرەپلەرنى بەك چەكتىن ئاشۇرمەتمىسەڭلار. بۇلارنى شۇنچە دېگەنگە شۇنداق ئىتقاتلىق ئوقۇتقۇچىلارنى بىز چەتەلدىن تەكلىپ قىلىپ ئەكىرەلمەيىز .(ئەلىۋەتتە سىز مۇشۇنچىلىك قايغۇ ، زارلىنشقا ئۇچىرغاندا ، تىخمۇ ياخشى ئوقۇپ ، شۇنداق ئالىي مەكتەپتە قالغىدەك ئىقتىدارنى ھازىرلىسىڭىز ۋە ئەتراپىڭىزدىكى شۇنداق ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆزگەرتسىڭىز ، دەرس مۇنبىرىدە تۇرۇپ شۇ ئوقۇغۇچىلىرىڭىزنى تەربىلىگەن بولسىڭىز ، مەن چوقۇم مۇشۇ ئالىي مەكتەپ مۇنبەرنىڭ ئادىمى بولىمەن، دەپ ئىنتىلگەن بولسىڭىز ، ئاللا ئالدىدا سىزنىڭمۇ ، بىزنىڭمۇ يۈزمىز يورۇق بولاتتى، لىكىن سىزدە شۇنداق ئىنتىلىش بامۇ يوق ، بۇنى مەن بىلمەيمەن  )  بىزدە بارى شۇ ، بۇمۇ ھازىرقى زامان مائارىپنى مەسئۇلاتلىرى . يۇقاردا بايان قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار يەنە كېلىپ يۇقۇرى مەلىماتلىق ، ھەتتا چەتئەلدە ئوقۇپ كەلگەن بىلىم ئىگىلىرىكەن . ئۇلار شۇنچە خۇنىك بولسا بىزنىڭ ئەمدى مائارپتىن كۈتكىدەك ئۈمۈدىمىز قالماپتۇ .  دەرۋەقە يۇقارقى تېمنى يازغۇچى تورداشقا ئوخشاش ، شۇنچىلىك ئىتقاتسىلىق ئىچىدىمۇ ئەقىدىسىنى يۇقاتمىغان قىرىنداشلىرىمىز بار . ئۇ ئوقۇتقۇچىلار شۇنچىلىك ئىتقاتسىلىقنى تەشەبۇس قىلغانغا ئۇنىڭ ئىدىيسىمۇ ئۆزگۈرۈپ كەتمىدى ، يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالىدىغان ساۋاقداشلىرىنىڭ بولىدىغانلىقى چوقۇم ...سىلەر ياشلانىڭ زارلىشىنى ئازراق قىلىپ ، ئەمىلىي ھەركىتىڭلار بىلەن شۇنداق موھىم ئورۇننىڭ ئىگىسى بولىشىڭلارنى، مۇشۇنداق سۇس ئەقىدە ، ياۋىيىلارچە تەربىلەش، ئىتقاتسىلىق ئامىللىرىنى تېپىپ چىقىشڭلارنى ۋە ئۆزگەرتىشكە ئاتلىنىشڭلارنى چىن دېلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن ،مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ مۇشۇ ئىتقاتنى سېدۈرۈش جەھەتتە يارىماسلىقمنى ھېس قىلدىم . مائارىپ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشكە ، ئىتقات تەربىيىسىنى سېدۈرۈشكە مەندىمۇ جۈرەت قالماپتۇ ... ئۇزۇن يىللىق مائارىپ ئەمەلىتى مېنىمۇ كىكەچ قىلغانلىقى ئىنىق .لىكىن بۇنىس ىسلەر توغرا چۈشۈنىڭلار دېيەلمەيمەن.  بىزگە زارلىش ، خاپا بولۇپ سەكرەپ قوپۇش ئەمەس ئەمىليەت كېرەك . بۇ مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ چۈشەنچەم خالاس...
    lutun
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-21 13:29 |
    ihwan
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 36
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 182
    شۆھرەت: 1486 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1521 سوم
    تۆھپە: 800 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 809 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 530(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-02
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ۋاقىتلاردا ياخشى ئوقۇتقۇچىلار كۆپ ئىدى.يېققىندا بىر ۋىجدانلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئاغزىدىن ، باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئوتتۇرا مەكتەپكە ھەر يىلدا 10 يېققىن ئوقۇغۇچىنىڭ ساۋاتسىز چىقىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ،مائارىپ ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىغىر دەرىجىدە پۇچەكلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم .
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-21 13:55 |
    www.kuznak.com
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 5696
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 112
    شۆھرەت: 576 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 583 سوم
    تۆھپە: 344 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 346 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 11(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-01
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھازىرقى زاماندىكى بۇ ئىستۇدىنتلار غا نىمە دىسەك بولدىكىنتاڭ!



    http://www.kuznak.com/
    saltanat
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-21 15:59 |
    anka
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6068
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 270
    شۆھرەت: 1336 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1343 سوم
    تۆھپە: 803 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 810 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 288(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-08
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    )تۆۋەندىكى ئىنكاس يازغان ئىقتىدارلىق توردىشىمىز ، ھازىرغىچە بىرەر ياراملىق ئوقۇتقۇچىنى كۆرۈپ باقماپتۇ ، بەلكىم كىچىك ۋاقتىدىكى بىر ئوقۇتقۇچىسىلا يادىدا ئىكەن ، لىكىن ئۇنى بۇ چاقىچە كۆرۈپ باقماپتۇ . (
    ئىنكاسىمنى ئەستايدىل ئوقۇپ چىققان بولسىڭىز بولاتتىكەن.......................
    ozgul munbar
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-21 18:43 |
    bughram
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6382
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 28
    شۆھرەت: 140 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 140 سوم
    تۆھپە: 84 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 84 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 356(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-11
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش ئەقىل ئىگىسىنىڭ ئىشى ئەمەس.  شۇڭا بۇ يازمىنى ناچار يازما دەپ قارايمەن.
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-21 19:23 |
    akbar0902
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 96
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 69
    شۆھرەت: 345 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 345 سوم
    تۆھپە: 207 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 207 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 99(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-11
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەش بارماق ھەممىسى تەڭ بولماس.بۇرۇنمۇ مەكتەپتە بالىلار كىچىكىپ قالسا «ئاپاڭنىڭ پايتىمىسىنى توقۇپ كەلدىڭمۇ؟؛داداڭنىڭ نامىزىنىڭ ئوقۇپ كەلدىڭمۇ »دىگەندەك سېسىق گەپلەر بىلەن تىللايدىغان ئوقۇتقىچىلار بار ئىدى .  ھازىر قايسى بىر ئوقۇتقۇچى شۇنداق تىللىيالايدۇ؟.............لېكىن شۇغىنىسى ئېسىڭىزدە بولسۇن ھەممىسى سىزگە بىلىم بېرىش ئۇچۈندۇر ،سىزنى ياخشى ئۆگەنسۇن دىمەكچى .ئۇ سىزنىڭ ئۇستازىڭىز، مەيلى قانچىلىك ئەسكى بولسۇن ئۇستازنى ھۆرمەت قىلىش لازىم.
    مەيلى 10 بالا ساۋاتسىز چىقسۇن ياكى 100 بالا ساۋاتسىز چىقسۇن ،ئارىسىدا بىرلا ياخشى بالا بولىدىكەن ئۇ ئۇستاز يەنىلا چوقۇم  ياخشى ئۇستازدۇر .قالغان ساۋاتسىزلار پەقەت تىرىشمىغان بالىلار بولىدۇ.چۇنكى ھەممىسى ئوخشاش سىنىپتا ئوخشاش ۋاقىتتا .ئوخشاش ئۇستازدىن تەلىم ئالىدۇ.ھەرگىز ئۇلارنى بۆلۈپ ئايرىم دەرس بەرمەيدۇ.
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-21 20:30 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    «1234»Pages: 1/4     Go
    Bagdax bbs » قوغۇنلۇقتىكى پاراڭلار