saltanat lutun elan berig
«12345»Pages: 1/5     Go
بۇ تېما 6360 قېتىم كۆرۈلدى
karwan@
ئادەم ئادەمدەك ياشىشى كېرەك!!!

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 2277
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 478
شۆھرەت: 2576 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2593 سوم
تۆھپە: 1530 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1544 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 852(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 خىجالەتكە قالغان نورۇز

 مەن ئۆزەمگە ئۆچ بولۇپ كەتتىم، بۇ نورۇز  دېگەن گەپ نەدىن پەيدا بولغانكىن تاڭ،  مەن ئۆزىنىڭ ئۆتمۇش تارىخلىرىنى تولۇق چۈشەنمەيدىغان، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى تازا چۈشىنىپ كېتەلمەيدىغان، دىن بىلەن مىللى ھېسىياتنى پەرق ئېتەلمەي گاڭگىراپ قالغان بەزى كىشىلەرنى ئۇرۇشقا سېلىپ. بىر قوۋم خەلقنى ئاق تاغلىق قارا تاغلىق قىلىپ ئىككى گوروھقا بۆلۈۋەتتىم . مەن نورۇز تازا  ياخشى بايرام بولمىسام كىرەك،  بولمىسا بەزى كىشىلەر مەندىن  بىزار بولۇپ، نورۇز ئۆتكۈزمەيمەن، دەپ جار سالماس بولغىيتى.  مەن نىمىشىقا مۇشۇنداق كۆپ قىرلىق مەدەنىيەتنى ئۆزىگە يۈكلىۋالغان مىللەتنىڭ ئاقماس بايرىمى بولۇپ قالغاندىمەن؟ شۇ تاپتا نورۇز ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدىغان ئادەملەر مېنىڭ مەۋجۇتلىقىمدىن  بەكمۇ بىزار بولسا كېرەك.
  مەن ئەسلىدەتارىختىن بۇيان ھېچقانداق دىن بىلەن باغلىنىشىم يوق تەبئەت بايرىمى ئىدىم. ئۆزەمدىمۇ خېلى مەسىلە بار، قانداق دېسەڭلار مەن مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن ھەربىر دەۋردە ياشاپ ئۆتكەن، مېنى بايرام دەپ ئېتراپ قىلغان قوۋملار ئۆزىنىڭ دىنى ھېسىياتىنى، مىللى ئۆرپ-ئادەتلىرىنى مەندەك بىر تەبىئەت بايرىمىغا يۈكلەپ قويسا، كېيىن باشقا مەدەنىيەت كاتىگورىيىسىگە كۆچكەن قوۋملار ئىلىگىرىكى بايرام ئۆتكۈزۈش ئادەتلىرىنى داۋملاشتۇرۇپ كەلسىە، كۆڭۈلچەكلىك قىلىپ، بوپتۇ،دەپ رەت قىلمىغان گۇناھ ئۆزەمدە.
   كۆك تەڭرى زامانىسىدىكى مېنى بايرام دەپ ئېتراپ قىلغان قوۋملار يەر جاھان ئىللىپ، مايسىلار كۆكۈرۈپ، جان-جانۋارلار مىدىرلاشقا باشلىسا، خۇشال بولۇشۇپ كېتەتتى. شۇ چاغدىن باشلاپلا ھەرگىزمۇ دىن بىلەن مۇناسىۋىتىم يوق ئىدى.  ئەمەلىيەتتە ھەر دەۋردىكى كىشىلەر ئىتىقاد قىلغان دىن بىلەن مەندەك بىر تاپا-تەنىگە قالغان ئەنئەنىۋى، تەبىئەت بايرىمىنى بىر-بىرىگە باغلاپ مۇھاكىمە قىلىش تولىمۇ ئەخمەقلىق بولسا كېرەك، بولمىسا ،ھەممە قوۋم ئۆزىنىڭ ئەجداتىنىڭ بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلىشىدىكەن، ئەمما مەندەك بىچارە بايرامنىڭ ئەسىلىدە ئاشۇ ئەجداتلىرى تەرىپىدىن ئورتاق ئىتراپ قىلىنىپ، زامان- زامانلار داۋامىدا ھەرخىل قوۋم تەرىپىدىن ئۆزىگە خاس ئۆرپ-ئادەت، قائىدە- يۇسۇن، دىنى ھېسيات يۈكلىنىش سەۋەبىدىن، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مەنبە بىر بولسىمۇ ئېقىننىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى، تۈركىي قوۋم بىلەن پارس قوۋمىنىڭمۇ مەن- نورۇز بايرىمىغا قارىتا ئوخشىمىغان ئادەت،ئايرىم-ئايرىم  ھېسيات ۋە ئۆزگىچەمۇئەييەنلەشتۈرۈشلىرىنىڭ بارلىقىنى ئىتراپ قىلمايدىكەن. ئەڭ ئاددىسى بىرەر بايرام ياكى خاتىرلەش كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈشتە ھەربىر مىللەت، يۇرت، مەھەللىلەردە ئۆزگىچىلىك، ئىنچىكە پەرقلەر بار بولسۇنيۇ ، نىمىشىقا ئىككى چوڭ قوۋمنىڭ ماڭا بولغان پوزۇتسىيىسى ئوخشاش بولسۇن؟  ھازىر مېنىڭ ئۇ ئىككى قوۋم ئالدىدىكى ھالىتىمنى ئوخشاش ئىسىملىك، ئەمما خاراكتىرى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئىككى ئادەمگە ئوخشتىش تامامەن مۇمكىنغۇ.
    مەن بۇ كۈنلەردە بەك خىجالەت بولۇۋاتىمەن. دىنى بايرام بىلەن مەندەك بىر ئەنئەنىۋى تەبىئەت بايرىمىنىڭ چىقىشالمايدىغان نەرى بار، مەن تارىختىن بىرى مەيلى ئاتەشپەرەسلىك دىنى ، مەيلى بۇددا دىنى، ۋە ياكى ئىسلام دىنى بولسۇن  ھەر قانداق دىنى  بايراملار بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىپ كەلمىدىم.ھەم باشقا بايراملارغا  ئوخشاپ قالماي ئۆزگىچىلىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ ھەر قايسى دەۋردە كىشىلەر قانداقلا دىنغا ئىتىقاد قىلمىسۇن، مەن يەنىلا بىتەرەپلىك ھالىتىنى ساقلاپ كەلدىم. پەقەت كىشىلەرنىڭ  ئۆزلىرى ماڭا دىنى پۇراق كىرگۈزىۋالسا رەت قىلالماي قالدىم،خالاس. ئەمەلىيەتتە ھەر قانداق مەدەنىيەت ھادىسىسى ھەر قانداق شارائىتتا يەككە- يىگانە ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.  مەسىلەن ھازىرقى ئۇيغۇر مىللىتىنى ئالايلى، ئۇيغۇرلار دىنى جەھەتتىن ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغانلىقى سەۋەبلىك مۇسۇلمان كىملىكىگە ئىگە، مىللەت تەۋەلىكى جەھەتتىن ئۇيغۇر كىملىكىگە ئىگە، ماكانلىشىش كىملىكى جەھەتتىن چوڭ جەھەتتىن جۇڭگو شىنجاڭغا تەۋە. بۇنداق تەۋەلىك ئايرىپ كەلسەك ئۇيغۇرلارغا بىرەر يۈز، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئارتۇق كىملىك ئارتالىشىمىز مۇمكىن. شۇنداق ئىكەن، مېنىڭ پەقەت يەككە كىملىك بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشىم مۇمكىنمۇ؟
  مەن ئۆز- ئۆزەمدىن بەك بىزار بولۇپ كەتتىم. مەن تۈپەيلى  ھەر قايسى جايلاردا نۇرغۇن تالاش- تارتىش، جەڭگى-جىدەللەر بولۇۋاتىدۇ، مەن ئەسلى بىر تىنچلىق بايرىمى، خۇشاللىق بايرىمى، ئۈمىد بايرىمى ئىدىم. ئەمدى قانداق كۈنلەرگە قالارمەن، نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىم تۇرۇپ، بۇ دەۋرگە كەلگەندە دەۋرگە ماسلىشالماي زىيان تارتقان زاۋۇتتەك تاقىلپ قالارمەنمۇ، دەپ قورقۇپ يۈرىكىم سۇ. ئەرەپلەر پارسلارغا ياخشى قاراشتا بولمىسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بايرام، ئادەتلىرىنى ياخشى كۆرمەيدۇ-دە. ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى  قانداقمۇ باشقا نورۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزىدىغان قوۋملار بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟
  بەزىلەر نورۇز بولمىسا، قوچقار سۇقۇشتۇرۇش، ئوغلاق تارتىشىش... ھاراق- شاراپ ئىچىش دېگەندەك ئىسلامغا يات ئىشلار بولمايتى دەۋاپتۇ، ئەمەلىيەتتە مەن بىر نورۇزنىڭ يوق بولۇشى بىلەن كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئاشۇ ئادەتلىرىدىن ۋاز كېچەرمۇ، بەزى جايلاردا ھەر ھەپتە، ھەر كۈنى دېگۈدەك يۇقىرىقىدەك  مۇسابىقىلەرنى ئېلىپ بارىدۇ، قىمار ئوينايدۇ، ھاراق ئىچىشىدۇ، ئەجەپ <ئۆچىكىنىڭ كۈندە ئېچىلىپ قالسا گەپ يوق، قوينىڭ  بىر ئېچىلىپ قالسا ۋەيت-ۋەيت>  بولىدىكىنە؟  كىشىلەر ئەجەپ نورۇز كۈنىدە چىرايلىق كىيىملىرىنى كېيىشىپ، چوڭلارنى يوقلىشىپ، نورۇز ئاشلىرىنى يەپ، شائىرلار. ئىلىم ئەھلىلىرى  بىر يەرگە يىغىلىپ ئەنجۇمەلەرنى ئۆتكۈزۇشسە، كۆرىدىغان كۆز، ماختايدىغان ئادەملەر يوقكىنە؟ ياخشى ئىش بولسا باشقىلارغا، يامان ئىش بولسا مەن بىچارە نورۇزغا بولامدىكەن. ياكى مېنى ئىگىسىنىڭ تايىنى يوق دەپ بۇزەك قىلامسىلەر؟!
  بەلىكىم بۇ دەۋردىكى ئالىملارمۇ بوش ئەمەستۇ، ئەمما جاھانغامەشھۇر مەھمۇد قەشقىرىمۇ بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر دىنى ئالىم ئەمەسمىدى. ئەجىبا. مەھمۇد قەشقىرى توغرا كۆرۈپ، ماڭا ئىگە بولۇپ، نورۇز ئۆتكۈزگەن مەلۇماتلار بار. ئەگەر مەن مەلۇم بىر دىنغا تەۋە دىنى بايرام بولسام ئاشۇ كاتتا ئالىم قانداقمۇ مېنى قوبۇل قىلىپ، ئىگە بولۇپ، نورۇز بايرىمىنى خاتىرلەپ، ئۈتكۈزۈپ يۈرەلىگەن بولاتتى. ھەر قايسىڭلار ئۆزەڭلىنى مەھمۇد قەشقىرىدىنمۇ كاتتا ئالىم دەپ قارىمايدىغانسىلەر يەنە؟
  مەن جاندىن تويۇشقا ئاز قالدىم بۇنىڭدىن 70-80 يىللار ئىلگىرى بەزى سىياسىيۇنلار ئۆزىنىڭ سىياسى مەقسىتىنى دەپ مەلۇم قوۋملار ئارىسىدا مېنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋەتسىمۇ ئانچە كۆڭلۈم يېرىم بولمىغان ئىدى. چۈنكى ئۇ چاغدا مەن يەنىلا كىشىلەر قەلبىدە يۈكسەك ئورۇندا ئىدىم. ئەمما بۈگۈنكىدەك سىياسەت كەڭرى كۈندە كىشىلەر ئۆزىنىڭ قەلبىدىن ماڭا ئورۇن بېرىشكە پېتىنالمايۋاتىدۇ. كىشىلەرنى مەندىن بەزدۈرۈۋاتىدۇ، ماڭا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئازاپ بارمۇ؟
      بەزىلەر نورۇز ئۆتكۈزسە مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى ناتوغرا باشلامچى بولۇپ قالىدىكەنمىز دېگەندەك تۆھمەتلەرنى سۆزلەپ يۈرۈيمىش. مەن چىدىيالماي قالدىم. بولدى، مەن بەك قىيلىنىپ كەتتىم. بەزى كىشىلەرنىمۇ بەك قىينىۋەتتىم. مېنى خالمىساڭلار گىپىڭلارنى ئېنىق قىلىڭلار،  ھەي، ئەزىز قوۋملار مېنى مۇنداق خىجالەت قىلغۇچە... كاللاڭلارنى سەگەك تۇتۇپ، تەپەككۇرىڭلارنى ئېچىۋىتىڭلار. گەپ يۈزدە، ئۇسۇل تۈزدە دېگەن گەپ بار. دىن بىلەن زىتلىشىپ قالغان يېرىم بولسا، بىراۋلارنىڭ  گۇناھلىرىنى ماڭا ئارتماستىن پاكىت بىلەن دەللىلەپ بېرىڭلار.
      ئەتە مېنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن قۇتلۇق خاتىرە كۈنۈم، بۇ كۇننىڭ يەنىلا قاينام-تاشقىنلىققا چۈمگەن ھالدا داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.  مېنى يەنە خىجالەتكە قويىدىغان ئىشنى قىلماي   ئىسىل، ساغلام، ئەھمىيەتىلىك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشۈڭلارغا تىلەكداشمەن.
    ئەي ئەزىز نورۇز ئەھلى،ئەتە مەن بويۇنىمنى بىچارىلارچە  قىسىپ قالماسمەن-ھە؟!

     مەنبە:8 كوچا مۇنبېرى
تېما تەستىقلىغۇچى : ilim
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-03-21, 11:24
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-03-21 10:51 |
zekrila
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5765
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 210
شۆھرەت: 1081 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1083 سوم
تۆھپە: 645 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 647 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1396(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نۇرۇز بايرىمى يالغۇز بىزنىڭلا بايرىمىمىز  ئەمەس پۇتۇن تۇركى مىلەتلارنىڭ ئۇرتاق بايرىمى  ھەم پارىسلارمۇ ئۇتكۇزىدۇ بۇ بايرامنى، باشقا مىلەتلەر   دىن بىلەن ھىشقانداق مۇناسىۋىتى يۇق دەپ  قەدىمدىن تارتىپ  بىزگە ئۇخشاش بۇ بايرامنى   ئۇتكۇزۇپ كېلىۋاتىدۇ  بۇگۇنكى كۇنگە   كەلگەندە باشقا مىلەتلەرنىڭ  دىنى ئېتىقادىغا تاقاشماي بىزنىڭ دىنى ئېتىقادىمىزغا تاقىشامدىكەن بۇ بايرام كۇلكىلىك ئىشتە بۇ
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-21 11:50 |
ilim

دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 1086
شۆھرەت: 6991 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 7100 سوم
تۆھپە: 3920 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3984 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1590(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

پارىسلار بەك بىتئەت ئوتكۆزىدۇ ،بەلكىم پارىسلار بۇ بايرامنى بىزدىن ئۆگىنىپ ئاندىن ئاتەشپەرەسلىك ۋە بۇتپەرەسلىك ئىتىقاتىغا ئارلاشتۇرۋالغان بولىشى مۇمكىن .
ھازىرقى زامان دىنى ئالىملىرىنىڭ بۇ بايرامنى توسۇشتىكى ئاساسلىق سەۋەپ دىننى روھى ئوزۇق قىلمايدىغان مىللەتچىلەرنىڭ ئارلىشى ئارقىسىدا نۇرۇز بايرىمىغا بەزى بىتئەت مەزمونلار قوشۇلۇپ قېلىۋاتقانلىقىدا .مانا بۇ ئاساسلىق سەۋەپتور .تورداشلار بۇ مەسىلىنى تەھلىل قىلغاندا سوغاققان بولۇپ نەپسىمىزگە ئالدىرىماي ئەتراپلىق ئويلايلى .بولمىسا ئىتىپاقلىققا تەسىر يىتىدۇ .دىننى خاتا چۈشىنىش كېلىپ چىقىدۇ .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-21 11:54 |
anka
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6068
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 270
شۆھرەت: 1336 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1343 سوم
تۆھپە: 803 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 810 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 288(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىلىم توغرا دەيدۇ،بەزىلەر نورۇزدىكى قوچقار سوقۇشتۇرۇش ئويۇنلىرىنى دىنغا مۇخالىپ دەپ قارىغاچقا بەلكىم نورۇزنى ئۆتكۈزمەسلىكنى تەشەببۇس قىلغان بولىشى مۇمكىن .
يەنە بەزىلەرنىڭ قارىشىچە نورۇز بىز ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن پەيدا بولغاچقا ھەم ئىسلام دىنىدا پەقەت روزاھېيت ۋە قۇربان ھېيتتىن ئىبارەت ئىككىلا بايرام بولغاچقا ، شۇڭا نورۇزنى ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك دەپ قارىغان بولىشى مۇمكىن.
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-21 12:16 |
zekrila
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5765
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 210
شۆھرەت: 1081 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1083 سوم
تۆھپە: 645 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 647 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1396(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى ankaدە2012-03-21 12:16يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئىلىم توغرا دەيدۇ،بەزىلەر نورۇزدىكى قوچقار سوقۇشتۇرۇش ئويۇنلىرىنى دىنغا مۇخالىپ دەپ قارىغاچقا بەلكىم نورۇزنى ئۆتكۈزمەسلىكنى تەشەببۇس قىلغان بولىشى مۇمكىن .
يەنە بەزىلەرنىڭ قارىشىچە نورۇز بىز ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن پەيدا بولغاچقا ھەم ئىسلام دىنىدا پەقەت روزاھېيت ۋە قۇربان ھېيتتىن ئىبارەت ئىككىلا بايرام بولغاچقا ، شۇڭا نورۇزنى ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك دەپ قارىغان بولىشى مۇمكىن.

ئۇنداق بۇلسا بىز بىزدىن باشقا تۇركى مىلەتلار ياكى پارىسلار  بۇ بايرامنى قانداق ئۇتكەزسە بىزمۇ شۇلاردىن ئۇگىنىپ شۇنداق ئۇتكەزسەك بۇلغىىدەك ئۇلارنىڭ دىنى ئرتىقادىغا تاقاشمىغان بايرام بىزنىڭمۇ  دىنى ئېتىقادىمىزغا تاقاشمايدۇ  ھەمىمىز ئۇخشاش مۇسۇلمان تۇرساق
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-21 12:28 |
ilim

دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 1086
شۆھرەت: 6991 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 7100 سوم
تۆھپە: 3920 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3984 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1590(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياق بىزدە ئەقىل بار .تەپەككۇر بار .خەقنى قار قويۇق دوراشقا بولمايدۇ .
پارىسلاردا ئوتقا چوقىنىش ھادىسىسى ھازىرغىچە تۈگىمىدى.پارىسلار ئىسلام ھارام دەپ قارايدىغان ۋاقىتلىق نىكاھنى ھالال دەپ قارايدۇ ،ئۈچ تالاقنى شەرىئەت بويىچە بىر تەرەپ قىلمايدۇ .بۇت ياساش كەسپىنى ھالال دەپ قارايدۇ . چەكلىمەيدۇ .مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە مۇھەببىتى سۇس ،ئاتالمىش موللىرىنى ھەتتا پەيغەمبەردىنمۇ ئۈستۈك كۆرىدۇ .مۇشۇنداق بىر تائىپىگە ئەگىشەمدۇق؟
ئەتراپىمىزدىكى باشقا تۈركى قەۋىملەر دىنسىزلىق تەسىرىدىن ھازىرغىچە قۇتۇلالمىدى .ئۇلارغا ئەگىشىش تېخىمۇ خەتەرلىك .
شۇڭا كۆپرەك ئىسلامى بىلىمى ئۆگىنىپ نۇرۇزنى ئۆتكۈزۈشكە بولامدۇ يوق ،بولسا نىمە ئۈچۈن بولمىسا نىمە ئۈچۈن ؟ئەگەر بولسا قانداق تەرتىپتە ئۆتكۈزىمىز؟بولمىسا ئەمەلىيىتىمىزگە قانداق ئايلاندۇرىمىز ۋە ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلار بىلەن ئىتىپاقلىقنى قانداق ساقلايمىز بۇ ھەقتە ئىنسانىي ئويلىنىش قىلغان ياخشى .ئاشقۇن تەپەككۇر ھېچبىرىمىزگە پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ .
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-21 12:41 |
anka
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6068
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 270
شۆھرەت: 1336 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1343 سوم
تۆھپە: 803 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 810 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 288(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

Zoroaster بۇ نەۋرۇز دىگەن بايرامنى قەدىمى ئىراندا پەيغەمبەر دەپ ئاتىۋالغان زوروئاستېر
دىگەن كىشى ئىجات قىلغان بولۇپ، كېيىنچە ئەرەپلەرنىڭ كېڭىيىشى بىلەن بۇ بايرام شەرققە سىلجىپ دىيارىمىزغا كىرگەن .

http://en.wikipedia.org/wiki/Nowruz 19 مىنۇت ئالدىدا چىقىرىشچۈشۈرۈش (35.88 KB)





http://zh.wikipedia.org/zh/%E7%90%90%E7%BD%97%E4%BA%9A%E6%96%AF%E5%BE%B7%E6%95%99
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-21 13:01 |
mehrigiyah
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 553
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 129
شۆھرەت: 668 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 669 سوم
تۆھپە: 399 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 400 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 121(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى ilimدە2012-03-21 12:41يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ياق بىزدە ئەقىل بار .تەپەككۇر بار .خەقنى قار قويۇق دوراشقا بولمايدۇ .
پارىسلاردا ئوتقا چوقىنىش ھادىسىسى ھازىرغىچە تۈگىمىدى.پارىسلار ئىسلام ھارام دەپ قارايدىغان ۋاقىتلىق نىكاھنى ھالال دەپ قارايدۇ ،ئۈچ تالاقنى شەرىئەت بويىچە بىر تەرەپ قىلمايدۇ .بۇت ياساش كەسپىنى ھالال دەپ قارايدۇ . چەكلىمەيدۇ .مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە مۇھەببىتى سۇس ،ئاتالمىش موللىرىنى ھەتتا پەيغەمبەردىنمۇ ئۈستۈك كۆرىدۇ .مۇشۇنداق بىر تائىپىگە ئەگىشەمدۇق؟
ئەتراپىمىزدىكى باشقا تۈركى قەۋىملەر دىنسىزلىق تەسىرىدىن ھازىرغىچە قۇتۇلالمىدى .ئۇلارغا ئەگىشىش تېخىمۇ خەتەرلىك .
شۇڭا كۆپرەك ئىسلامى بىلىمى ئۆگىنىپ نۇرۇزنى ئۆتكۈزۈشكە بولامدۇ يوق ،بولسا نىمە ئۈچۈن بولمىسا نىمە ئۈچۈن ؟ئەگەر بولسا قانداق تەرتىپتە ئۆتكۈزىمىز؟بولمىسا ئەمەلىيىتىمىزگە قانداق ئايلاندۇرىمىز ۋە ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلار بىلەن ئىتىپاقلىقنى قانداق ساقلايمىز بۇ ھەقتە ئىنسانىي ئويلىنىش قىلغان ياخشى .ئاشقۇن تەپەككۇر ھېچبىرىمىزگە پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ .

ئەمدى نورۇز بايرىمىنىمۇ دىننى بىلىملەر بىلەن باغلاپ ئۆتكۈزەمدۇق ئۆتكۈزمەمدۇق دەپ يۈرەمدۇق؟ بۇ دېگەن تەبىئەت بايرىمى، ئىناقلىق بايرىمى.......تۇرسا. يەنە كېلىپ پۈتۈن تۈركى مىللەتلىرىنىڭ بايرىمىدە! بىز بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشلىقى بولمىغان ھەم پۈتۈنلەي يد بولغان بايراملارنى تەبرىكلەۋاتىمىز نېمىشقا نورۇز ئۆتكۈزسەك بولمايدىكەن. مېنىڭچە بولىدۇ، لېكىن ئۆتكۈزۈش شەكلىگە دىققەت قىلساق ئۆزىمىزنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرىگە ماس قىلىپ ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارساق بەلكىم بۇنى ئۇلۇغ ئاللامۇ راۋا كۆرۈشى مۇمكىن!!!!!!!!!
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-21 13:03 |
anka
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6068
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 270
شۆھرەت: 1336 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1343 سوم
تۆھپە: 803 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 810 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 288(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئىنكاسلارنىڭ ئىچىدە يۇقىردىكى يازما بارئىكەن ،يوللاپ قويدۇم ،كۆرۈپ بېقىڭلار
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-21 13:03 |
anka
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6068
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 270
شۆھرەت: 1336 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1343 سوم
تۆھپە: 803 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 810 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 288(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى zekrilaدە2012-03-21 12:28يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

ئۇنداق بۇلسا بىز بىزدىن باشقا تۇركى مىلەتلار ياكى پارىسلار  بۇ بايرامنى قانداق ئۇتكەزسە بىزمۇ شۇلاردىن ئۇگىنىپ شۇنداق ئۇتكەزسەك بۇلغىىدەك ئۇلارنىڭ دىنى ئرتىقادىغا تاقاشمىغان بايرام بىزنىڭمۇ  دىنى ئېتىقادىمىزغا تاقاشمايدۇ  ھەمىمىز ئۇخشاش مۇسۇلمان تۇرساق

ئاستىدىكى ئىلىم يازغان ئىنكاسنى ئوقۇپ بېقىڭ بۇرادەر،تۈركى مىللەتلەر ئۆتكۈزگەندىكىن بىزمۇ ئۆتكۈزىمىز دەپلا ئۆتكۈزىمىزمۇ؟
سىز ھەقىقەتەن ئۆتكۈزىمەن دەپ قارىسىڭىز ئۆتكۈزۈڭ،راستىنى ئېيتسام مەنمۇ تېخى لىڭگىرتاقتاقتا،زادى ئۆتكۈزسە بولامدۇ بولمامدۇ مەنمۇ ئېنىق بىلمەيمەن ،شۇڭا پەقەت بىلىدىغىنىمنى يېزىپ كۆپچىلىك بىلەن بۇ توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ بېقىشنى لايىق كۆرۈپ ئىنكاس يازدىم،بەلكىم بۇ مۇنازىرىنىڭ بىزنىڭ توغرا يولنى تېپىۋېلىشىمىزغا پايدىسى بولار..........
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-21 13:11 |
ilim

دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 1086
شۆھرەت: 6991 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 7100 سوم
تۆھپە: 3920 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3984 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1590(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مېھرىگىياھ ئىنكاسىڭىز ئىچىدىكى<مېنىڭچە> دىگەن بىر قوۋۇز سۆزىڭىز يازغان ئىنكاسىڭىزنىڭ بەركىتىنى ئۇچۇرۇپتۇ .شۇنى بىلىڭكى ئىسلام شەكلەن ئىتىقات قىلىدىغان نەرسە ئەمەس .ئىسلام سىزنىڭ بارلىق ئىش پالىيىتىڭىزگە يول باشچى ۋە روھىي ئوزۇق .ھەتتا ئوبىرنىغا كىرگەندىمۇ
<ئەكەك ۋە چىشى شەيتانلارنىڭ ئازدۇرۇشىدىن پاناھ تىلەيمەن > دەپ كىرىدىغان مۇسۇلمانلار مەنىۋى ئازغىشىش پەيدا قىلىدىغان مەدەنىيەت ھادىسىلىرىگە نىمە ئۈچۈن دىنى قاراشتا تەھلىل قىلمايمىز .سوغاققان بولغايسىز .
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-21 13:19 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12345»Pages: 1/5     Go
Bagdax bbs » ئادەت قېرىماس