saltanat lutun elan berig
«12345»Pages: 3/5     Go
بۇ تېما 6356 قېتىم كۆرۈلدى
akbar0902
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 96
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 71
شۆھرەت: 355 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 355 سوم
تۆھپە: 213 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 213 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 107(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەممىڭلارنىڭ نۇرۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
ئاللا ھەرگىز ئۆز يولىدا ئۆتكۈزۈلدىغان ياخشى ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى چەكلىمەيدۇ. بۇنىڭغا ئىشەنچىم مۇتلەق!!!!!!!!!!
چوققا [22 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-21 19:14 |
yegsar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6293
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 12 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 12 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 16(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نۇرۇز بايرىمى ھەققىدە

      بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
مۇقەددىمە
مىللەتنىڭ كىملىكىنى قوغداش مەسىلىسى ھەر مىللەتنىڭ ئالىم ۋە زىيالىيلىرى ھەر دائىم جىددىي باش قاتۇرۇپ كېلىۋاتقان  ئىشلارنىڭ بىرىدۇر. مىللەتنىڭ كىملىكىنى تەشكىل قىلىدىغان ئالاھىدىلىلەر شۇ مىللەتنىڭ دىنى تەۋەررۈكلىرى، يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك ئادەتلىرىدىن ئىبارەتتۇر.
بايراملار بولسا بىر مىللەتنى باشقا بىر مىللەتتىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان سىمۋوللارنىڭ ئەڭ بۈيۈكىدۇر. ھەر مىللەتنىڭ بايرىمىنىڭ ئەسلىسىگە بىر قارىغان كىشى ئۇ بايرامنىڭ شۇ مىللەتنىڭ ئېتىقادى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ.
بىز مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب ماھىيىتىدە تەييارلىغان بۇ پەتىۋادا ئەسلىدە زەردۇشتىيلەرنىڭ بايرىمى بولغان، ئۇلارغا ئەگىشىپ بەزى مۇسۇلمانلارمۇ ئۆتكۈزۈۋاتقان «نۇرۇز بايرىمى» ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.
1- بايراملار دىنى سىمۋۇلدۇر
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«قَالَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ اللَّهُمَّ رَبَّنَا أَنْزِلْ عَلَيْنَا مَائِدَةً مِنَ السَّمَاءِ تَكُونُ لَنَا عِيدًا لِأَوَّلِنَا وَآخِرِنَا وَآيَةً مِنْكَ وَارْزُقْنَا وَأَنْتَ خَيْرُ الرَّازِقِينَ. قَالَ اللَّهُ إِنِّي مُنَزِّلُهَا عَلَيْكُمْ فَمَنْ يَكْفُرْ بَعْدُ مِنْكُمْ فَإِنِّي أُعَذِّبُهُ عَذَابًا لَا أُعَذِّبُهُ أَحَدًا مِنَ الْعَالَمِين».
«مەريەم ئوغلى ئىيسا: ‹ئى پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ! بىزگە ئۈستىدە تاماق بار بىر داستىخان چۈشۈرگىن، بىزلەرگە ۋە بىزدىن كېيىنكىلەرگە بايرام ۋە سەندىن بىزگە بىر مۆجىزە بولسۇن. بىزگە رىزىق بەرگىن، سەن رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىسەن› دېدى.
ئاللاھ : ‹مەن سىلەرگە ئۇنى چوقۇم چۈشۈرىمەن، سىلەردىن كىمكى شۇنىڭدىن كېيىن كاپىر بولسا، ئۇنى شۇنداق بىر ئازاب بىلەن ئازابلايمەنكى، ئەھلى جاھاندىن ھېچ كىشىنى مۇنداق ئازابلىمايمەن› دېدى.
ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ داستىخاننىڭ چۈشۈشىنى ئۇممىتىگە بايرام قىلىشى بايرامنىڭ مىللەت ئىشى ئەمەس ئۇممەت ئىشى ئىكەنلىكىگە، بايرامنىڭ ئۆرپ-ئادەت بىلەن ئەمەس، ئىمان-ئېتىقاد بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە دالالە قىلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇممىتىنى ئۆز بايراملىرى بىلەن باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرۇشقا تەشۋىق قىلغان. باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەتلىرىدە ئىرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغان.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەبۇبەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا «ئى ئەبا بەكىر! ھەر قەۋمنىڭ بىر بايرىمى بار. بۇ بىزىڭ بايرىمىمىز»[①] دېگەن سۆزىمۇ ئىسلام ئۇممىتىنىڭ بايرىمىنىڭ ئايرىم ئىكەنلىكىگە، ئىسلام ئۇممىتى ئۆز بايرىمى بىلەن باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغانلىقىغا ئوچۇق-ئاشكارا دالالەت قىلىدۇ.
بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنى تۆۋەندىكى ھەدىس تەكىتلەيدۇ:
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، يەھۇدىيلاردىن بىر كىشى: «ئى مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى! سىلەرنىڭ كىتابىڭلاردا سىلەر ئوقۇيدىغان بىر ئايەت بار. ئەگەر ئۇ ئايەت بىز يەھۇدىيلارغا نازىل بولسا ئىدى، بىز ئۇ كۈننى بايرام قىلىۋالغان بولاتتۇق» دېدى. ئۆمەر: «قايسى ئايەت ئۇ؟» دېدى. يەھۇدىي:
«الْيَوْمَ أَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ وَأَتْمَمْتُ عَلَيْكُمْ نِعْمَتِي وَرَضِيتُ لَكُمُ الإِسْلاَمَ دِيناً»
«بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلامنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم»[②] دېگەن ئايەت دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر: «بىز ئۇ ئايەت نازىل بولغان كۈننى ۋە جاينى ئوبدان بىلىمىز. ئۇ ئايەت پەيغەمبىرىمىزگە ئەرەپاتتا جۈمە كۈنىدە نازىل بولغان» دېدى[③].
دېمەككى، بايرام ھەر مىللەتنىڭ دىنى ئېتىقادى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇ يەھۇدىي ئۇ ئايەت نازىل بولغان كۈننىڭ ئۇلۇغلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ ئۇ كۈننى بايرام قىلمىدى. ئەگەر ئۇ ئايەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىن چىققان بىر پەيغەمبەرگە نازىل بولسا ئىدى، ئۇلار ئۇ كۈننى ھېچ ئىككىلەنمەستىن بايرام قىلىۋالغان بولاتتى. ھەزرىتى ئۆمەرمۇ ئۇ يەھۇدىينى ۋە ئۇنىڭ دىنى قېرىنداشلىرىنى ئۇ كۈننى بايرام قىلىشقا مەجبۇر قىلمىدى. چۈنكى ئۇ ئايەت نازىل بولغان كۈن ئۇلارنىڭ ئەمەس، مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىمى ئىدى. ئۇلارنىڭ دىنىدا بولمىغان بىر بايرامنى ئۇلارغا قىلدۇرۇش ئۇلارنى دىنغا زورلاش بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام خەلىپىسى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارنىڭ دىنىدا بولمىغان بايرامغا ئۇلارنى زورلىمىغان.
2- ئىسلام دىنىدا قانۇننى ئاللاھ بەلگىلەيدۇ
بىر ئىشنى يولغا قويۇش (قانۇن بەلگىلەش) ھوقۇقى ئاللاھقىلا ئائىتتۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«شَرَعَ لَكُمْ مِنَ الدِّينِ مَا وَصَّى بِهِ نُوحًا وَالَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ وَمَا وَصَّيْنَا بِهِ إِبْرَاهِيمَ وَمُوسَى وَعِيسَى أَنْ أَقِيمُوا الدِّينَ وَلَا تَتَفَرَّقُوا فِيهِ كَبُرَ عَلَى الْمُشْرِكِينَ مَا تَدْعُوهُمْ إِلَيْهِ اللَّهُ يَجْتَبِي إِلَيْهِ مَنْ يَشَاءُ وَيَهْدِي إِلَيْهِ مَنْ يُنِيبُ».
«ئاللاھ، ئۆزى نۇھقا بۇيرۇغان نەرسىنى سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇنى قىلدى. ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنىمۇ، بىز ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئيىساغا بۇيرۇغان نەرسىنىمۇ سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇنى قىلدۇق. ئۇ نەرسە شۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر: ‹دىننى توغرا چۈشىنىپ ھۆكۈملىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىڭلار، دىندا پىرقىلەرگە بۆلۈنمەڭلار›. ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا، سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان نەرسە ئېغىر كەلدى. ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئۇنىڭغا تاللايدۇ، ئۆزىگە ئۈزلۈكسىز يۆنەلگەن كىشىنى ئۇنىڭغا ئېرىشتۈرىدۇ»- شۇرا 42/13.
«أَمْ لَهُمْ شُرَكَاءُ شَرَعُوا لَهُمْ مِنَ الدِّينِ مَا لَمْ يَأْذَنْ بِهِ اللَّهُ وَلَوْلَا كَلِمَةُ الْفَصْلِ لَقُضِيَ بَيْنَهُمْ وَإِنَّ الظَّالِمِينَ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ».
«ياكى ئۇلارنىڭ، ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان نەرسىلەرنى ئۇلار ئۈچۈن دىن قىلىپ بېكىتكەن مەبۇدلىرى بارمۇ؟ ئەگەر ئاللاھنىڭ ‹ياخشى-ياماننى ئايرىش قىيامەتتە بولىدۇ›، دېگەن سۆزى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى. شۈبھىسزكى، زالىملارغا ئېغىر ئازاب بار»- شۇرا 42/21.
3- مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە رازى بولۇشلىرى كېرەك
كۈنىمىزدە بەزى مۇسۇلمانلار ئاللاھ قانۇنلاشتۇرمىغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ، مەسىلەن: ئۇلار خرىستىئانلاردىن تۇغۇلغان كۈن بايرىمىنى، زەردۇشتىيلەردىن نۇرۇز بايرىمىنى، ياۋرۇپالىقتىن ئاتا-ئانىلار بايرىمى، ئاياللار بايرىمى، ئاشىقلار بايرىمى دېگەندەك بايراملارنى ئۆگىنىپ بۇ بايراملارنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارغا ئەگىشىۋاتىدۇ.
ئۇلارنىڭ بۇنى تەرك ئېتىشلىرى كېرەك ۋە مۇبارەك دىنىمىز ئىسلام يولغا قويغان روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتتىن ئىبارەت بايراملىرى بىلەن كۇپايىلىنىشى لازىم. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككى بايرىمى بار. بۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك.
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەدىنىلىكلەرنىڭ جاھىلىيەت دەۋىدە ئىككى بايرىمى بار ئىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
«سىلەرنىڭ ئىككى كۈنۈڭلار بار ئىدى. ئۇ ئىككى كۈندە بايرام قىلاتتىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ئۇ ئىككى كۈننىڭ ئورنىغا ئۇ ئىككى كۈندىن ياخشى بولغان روزا ھېيت كۈنىنى ۋە قۇربان ھېيت كۈنىنى بەردى»[④].
بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئېيتقاندا، مۇسۇلمانلارنىڭ يىلدا ئىككى بايرىمى بار: بىرى روزا ھېيت، يەنە بىرى قۇربان ھېيت. ئۇ ئىككى بايرامدىن باشقا بايراملار يەھۇدىيلارنىڭ ياكى خرىستىئانلارنىڭ ۋە ياكى باشقا كاپىرلارنىڭ بايراملىرى بولۇپ، بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئۇ بايراملارنى تەبرىكلەش، تەبرىكەيدىغانلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قېتىلىش ئاللاھ بەلگىلىگەن بايراملارغا قانائەت قىلمىغانلىق بولىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇلارنىڭ دىنىنى شۇئارلىرىنى ياقتۇرغانلىق، ئۇلارنى بۇ ئىشلاردا قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىك، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى توغرا دەپ قارىغانلىق، نەتىجىدە ئاللاھنى غەزەپلەندۈرگەنلىك بولىدۇ.
4- غەيرىي مۇسۇلمانلارغا ئوخشىۋېلىشتىن ساقلىنىش لازىم
غەيرىي مۇسۇلمانلارغا ئوخشىۋېلىش يەنى ئۇلارنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدىغان ئىشلارنى قىلىش مەسىلەن: ئىككى ھېيتتىن باشقا بايراملارنى ئۆتكۈزۈش، تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈش، بۈشۈك توي ئۆتۈزۈش، خرىستىئانلارنىڭ راھىب ۋە راھىبەلىرىنىڭ مەخسۇس راھىبلىق كىيىملىرىنى كىيىش، بۇددىستلەرنىڭ دىنى كىيىملىرىنى كىيىش… قاتارلىقلار غەيرىي مۇسۇلمانلارغا ئوخشىۋالغانلىق بولۇپ دىنىمىز بۇنىڭدىن مەنئى قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسەلام مۇنداق دېگەن:
«كىمكى قانداقلا بىر قەۋمگە (مىللەتكە) ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ شۇ قەۋمنىڭ قاتارىدىن بولۇپ كېتىدۇ»[⑤].
5- غەيرىي مۇسۇلمانلارنىڭ ئارزۇلىرىغا خىلاپلىق قىلىش لازىم
ئاللاھ تەئالا باشقىلارنىڭ ئارزۇلىرىغا ئەگىشىشتىن مەنئى قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«ثُمَّ جَعَلْنَاكَ عَلَى شَرِيعَةٍ مِنَ الامْرِ فَاتَّبِعْهَا وَلا تَتَّبِعْ أَهْوَاءَ الَّذِينَ لا يَعْلَمُونَ إِنَّهُمْ لَنْ يُغْنُوا عَنْكَ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا وَإِنَّ الظَّالِمِينَ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ وَاللَّهُ وَلِيُّ الْمُتَّقِينَ»
«ئى مۇھەممەد! ئاندىن بىز سېنى دىن ئىشىدا بىر يول ئۈستىدە قىلدۇق. سەن ئۇ يولغا ئەگەشكىن، بىلمەيدىغانلارنىڭ ئارزۇلىرىغا ئەگشمىگىن.
ئۇلار ئاللاھدىن كېلىدىغان ھېچبىر نەرسىنى سەندىن دەپئى قىلالمايدۇ. زالىملار بىر-بىرلىرىنىڭ دوستلىرىدۇر. ئاللاھ تەقۋادارلارنىڭ دوستىدۇر»- جاسىيە 45/ 18-19.
«وَلَن تَرْضَى عَنكَ الْيَهُودُ وَلاَ النَّصَارَى حَتَّى تَتَّبِعَ مِلَّتَهُمْ قُلْ إِنَّ هُدَى اللّهِ هُوَ الْهُدَى وَلَئِنِ اتَّبَعْتَ أَهْوَاءهُم بَعْدَ الَّذِي جَاءكَ مِنَ الْعِلْمِ مَا لَكَ مِنَ اللّهِ مِن وَلِيٍّ وَلاَ نَصِيرٍ»
«سەن يولىغا ئەگەشمىگىچە يەھۇدىيلارمۇ، ناسارالارمۇ سەندىن رازى بولمايدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ‹شۈبھىسىزكى، توغرا يول پەقەت ئاللاھنىڭلا يولىدۇر›. ئەگەر سەن ساڭا كەلگەن بۇ ئىلىمدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئارزۇلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، ساڭا ئاللاھ تەرىپىدىن ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق بىر ياردەمچى يوقتۇر»- بەقەرە 2/120.
شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەھۇد، نەسارا ۋە مۇشرىلارغا خىلاپ ئىش قىلىپ ھەر زامان ئۇلارغا ئوخشاپ قالماسلىققا دىققەت قىلاتتى.
ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا كۈنلەرگە قارىغاندا شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى كۆپ روزا تۇتاتتى ۋە: «بۇ ئىككى كۈن مۇشرىكلارنىڭ بايرىمى. مەن ئۇلارغا خىلاپ ئىش قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن» دەيتتى[⑥].
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ بايراملىرىدىن يىراق تۇرۇڭلار» دېگەن[⑦].
خۇلاسە
نورۇز بايرىمى، ئاتا-ئانىلار بايرىمى، ئاياللار بايرىمى… دەك بايراملارنى ئۆتكۈزۈش، ئۆتكۈزگەنلەرگە ئىختىيارىي ھالدا قوشۇلۇش ئىسلام دىنىدە قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ، ھەتتا بۇ بايراملار ئەسناسىدا بايرام كەلدى دەپ خۇشاللىق ھېس قىلىش، باشقا ۋاقىتتا سېتىۋالمايدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ، بۇ كۈننى كافىرلار ئۇلۇغلىغاندەك ئۇلۇغلاش، باشقا كۈنلەردە قىلىشمايدىغان سوۋغا-سالاملارنى ئۇ كۈندە قىلىشىش غەيرىي مۇسۇلمانلارغا ئوخشىۋالغانلىق، ئۇلارنىڭ ئارزۇلىرىغا ئەگەشكەنلىك، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنمىغانلىق، پەيغەمبەرنىڭ يولىنى تۇتمىغانلىق بولىدۇ. قىسقىسى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىق كىملىكىگە ئۇيغۇن ئىش قىلمىغانلىق بولىدۇ.
ئەسكەرتىش:
بۇ پەتىۋا مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن پەتىۋا بولۇپ مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋىتى يوقتۇر.

--------------------------------------------------------------------------------
[①]- بۇخارى، مۇسلىم، ئەۇ داۋۇد، تىرمىزى، نەسەئى ۋە ئىبنى ماجەلەر رىۋايەت قىلغان.
[②]- مائىدە 5/3.
[③]- بۇخارى، مۇسلىم، تىرمىزى ۋە نەسەئى رىۋايەت قىلغان.
[④]- بۇ ھەدىس سۈنەنۇننەسەئى، كىتابۇ سالاتىل ئىيدەين، بەيھەقى، ئەسسۈنەنۇلكۇبرا كىتابۇ سالاتىل ئىيدەين دە ئۆتىدۇ.
[⑤]- بۇ ھەدىس سۈنەنى ئەبۇداۋۇد ۋە مۇسنەدى ئەھمەددە ئۆتىدۇ.
[⑥]- مۇسنەدى ئەھمەد، 26750- نومۇرلۇق، بەيھەقىي، سۇنەنۇلكۇبرا 2789- نومۇرلۇق ھەدىس.
[⑦]- بەيھەقىي، سۇنەنۇلكۇبرا 18862- نومۇرلۇق ھەدىس.
lutun
چوققا [23 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-21 19:18 |
bughram
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6382
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 28
شۆھرەت: 140 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 140 سوم
تۆھپە: 84 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 84 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 358(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىزدە نەسىھەت قىلىدىغانلار كۆپ لېكىن ئىجرا قىلغۇچىلار يوق دىيەرلىك، جۇملىدىن نەسىھەت قىلغۇچىمۇ بەزىدە  دىگىنىگە ئەمەل قىلمايدۇ، شۇڭا  خەلقىمىزدا « موللا ھەممىنى بىلەر ، موللا تۇرۇپ كۆلگە سىيەر » دىگەن ماقال بارلىققا كەلگەن.
چوققا [24 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-21 19:37 |
akbar0902
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 96
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 71
شۆھرەت: 355 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 355 سوم
تۆھپە: 213 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 213 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 107(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قارىغاندا ئۇيغۇرلار يەنە مۇسۇلمان ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇر دەپ بۆلىنىپتۇدە.
saltanat
چوققا [25 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-21 19:38 |
bahdaxohli

دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3149
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1175
شۆھرەت: 6343 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 6397 سوم
تۆھپە: 3751 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3795 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 453(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

دىنى ئېتىقادىمىز مۇقەددەس ، تەڭداشسىز ، ئۇلۇغ ئىسلام ، مىللىتىمىز بۈيۈك ئۇيغۇر مىللىتى ، تىلىمىز ئۇيغۇر تىلى
شۇڭلاشقا نۇرۇزغا ئوخشاش ئىختىلاپلار كۈرۈلگەندە ھەممىمىز ئىتتىپاقلىقنى كۈزدە تۇتۇپ كىچىككىنە ئىشنى دەپ بۈلۈنمىچىلىك قىلىشتىن ساقلىنايلى ، مېنىڭچە بۇنى تالاش تارتىش قىلىش ئەرزىمەس ئىش
ئىتتىپاقلىق مەۋجۈتلىقىمىزنىڭ ئاساسى ، ئىناق ئىتىپاق بولۇپ كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا ئۈلگە بولمىساق ئۇلارنىڭ ھالى تېغىمۇ خاراپ ،
simfoniya
چوققا [26 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-21 19:51 |
akbar0902
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 96
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 71
شۆھرەت: 355 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 355 سوم
تۆھپە: 213 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 213 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 107(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قۇرئان كەرىم سېتىۋالىمەن دەپلا كۆرگەن يەردىن سېتىۋالغىلى بولمايدۇ....ھازىر ساختا ،ئۆزلىرى ئىجاد قىلۋالغان ، يېڭىدىن بارلىققا كېلىۋاتقان قۇرئان كەرىملەر نۇرغۇن. ئاللا چۈشۈگەن قۇرئان مۇككەممەل قۇرئاندۇر.ئۇنىڭغا ھەتتا پەيغەمبەرلەرمۇ ئۇزگەرتىش كۈگۈزۈشكە،تولۇقلىما بېرىشكە پېتىنغان ئەمەس.شۇڭا كېيىن بارلىققا كەلگەن بەزى پەتىۋالارغا بىرنىمە دىيەلمەيمەن . لېكىن كۆڭلىمىزدە ھېچقان ئاللاھقا  شەك كەلتۇرمىدۇق.  
lutun
چوققا [27 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-21 19:53 |
zekrila
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5765
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 210
شۆھرەت: 1081 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1083 سوم
تۆھپە: 645 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 647 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1396(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 26قەۋەتتىكى bahdaxohliدە2012-03-21 19:51يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
دىنى ئېتىقادىمىز مۇقەددەس ، تەڭداشسىز ، ئۇلۇغ ئىسلام ، مىللىتىمىز بۈيۈك ئۇيغۇر مىللىتى ، تىلىمىز ئۇيغۇر تىلى
شۇڭلاشقا نۇرۇزغا ئوخشاش ئىختىلاپلار كۈرۈلگەندە ھەممىمىز ئىتتىپاقلىقنى كۈزدە تۇتۇپ كىچىككىنە ئىشنى دەپ بۈلۈنمىچىلىك قىلىشتىن ساقلىنايلى ، مېنىڭچە بۇنى تالاش تارتىش قىلىش ئەرزىمەس ئىش
ئىتتىپاقلىق مەۋجۈتلىقىمىزنىڭ ئاساسى ، ئىناق ئىتىپاق بولۇپ كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا ئۈلگە بولمىساق ئۇلارنىڭ ھالى تېغىمۇ خاراپ ،

دېگەلىرىڭىز تۇغرا مەن قۇلايمەن  نۇرۇز  بايرىمى بىز مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىمى  يەنى دىن بىلەن ھىشقانداق مۇناسىۋېتى يۇق شۇڭا بىز ئۇتكۇزىۋاتىمىز ، چۇنكى نۇرۇز  يىل بېشى، يېڭى يىل دېيىلىدۇ ،3ئاينىڭ 21 كۇنى يىڭى يىل يەنى نۇرۇز بايرىمىنى ئۇتكۇزۇشنى  خالىمىغانلار  قېرىنداش مىلىتىمىز  بۇلغان  مۇڭغۇل، زاڭزۇ ، خەنزۇ،  مانجۇ، جۇاڭزۇ ، قاتارلىق  مىلەتلەرنىڭ ئەن ئەنىۋى بايرىمى  بۇلغان يېڭى يىل بايرىمى يەنى چاغان  بايرىمىنى ئۇتكۇزسېمۇ بۇلىۋېرىدۇ  چۇنكى ئۇزىنىڭ مىلى بايرىمى بارلار  ئۇزىنىڭ بايرىىمىنى ئۇتكۇزىدۇ يۇقلار باشقىلارنىكىنى ئۇتكۇزىدۇ ،ئۇز مىلىتىنىڭ تىلى بارلېرى ئۇز تىلىدا سۇزلەپ تىلىنى يۇقۇتۇپ قۇيغانلار باشقا مىلەتنىڭ تىلىدا سۇزلىگەندەكلا ئىش
simfoniya
چوققا [28 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-21 22:23 |
karwan@
ئادەم ئادەمدەك ياشىشى كېرەك!!!

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 2277
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 478
شۆھرەت: 2576 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2593 سوم
تۆھپە: 1530 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1544 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 852(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاياللار بايرىمى،بالىلار بايرىمى قاتارلىقلارغا ئۆزىمىز بارلىققا كەلتۈرمىگەن،ئۇنى يات دىندىكىلەر پەيدا قىلغان دېگەن پەتىۋانى تاپتۇق،ئەجداتلىرىمىز تۇپراق ئېرىپ،پۈتكۈل جاھان ئىللىپ،جانۇ-جانىۋارلار ھەركەتكە كەلگەن بۇ پەسىلدىن خوشال بولۇپ خوشاللىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بىزگىچە كەلگەندە بىز ئۇنىڭغىمۇ پەتىۋا كۆرسىتىپ بۇنىمۇ يوقىتايلى،ئۇيغۇرغا خوشال بولۇشنى كىم قويۇپتۇ؟بولسا ئۆيىمىزدىكى تېلېۋىزور،رادىيو،سىن قويۇش ئاپاراتلىرى قاتارلىق ئازدۇرغۇ شەيتانلارنى ئاپىرىپ ئادەم كۆرمەيدىغان يەرگە تاشلاپ،دۇنيادىن بىخەۋەر ياشاپ،ئەجىلىمىز تولغاندا 2 مېتىر يەرگە بېرىپلا ياتىلى،شۇ چاغدا بىز ھەقىقى مۇسۇلمان بولىمىز.
saltanat
چوققا [29 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-21 23:19 |
diwa

دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 724
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 199
شۆھرەت: 1295 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1308 سوم
تۆھپە: 722 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 734 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 143(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى ئىنكاسلار چۈشۈپتۇ ئاپىرىن
ozgul munbar
چوققا [30 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-22 02:03 |
ilim

دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 1086
شۆھرەت: 6991 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 7100 سوم
تۆھپە: 3920 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3984 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1590(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قېرىنداشلار كۆپرەك كىتاپ كۆرەيلى !دىنى مەسىلىلەرگە <مېنىڭچە> دىمەڭ دىگىنىم سىزنىڭ مېنىڭچە دەپ پەتىۋا پىچىدىغان سالاھىيەت ھازىرلىمىغان .سىزدە ئىلىم سۇز بولغاچقا سىز ئالىملارنىڭ بەرگەن پەتىۋالىرىغا ئەگىشىشكە مەجبور ،ئەگەر سىز تەقۋالىق ئىزدىسىڭىز .
بۇ يەردە ھېچكىم ھېچكىمگە دوق قىلمىسۇن .پەقەت ھەقىقەتنى ئىزدەشكە ھەركەت قىلىشقا تىرىشايلى .ئۆتكۈزدىغانلار شۇئان كاپىر بولۇپ كېتىشى ناتايىن .ئۆتكۈزمەيدىغانلار ھەم شۇئان مۆئمىن بولۇپ كېتىشىمۇ ناتايىن .لېكىن ئالىملەر ئۆتكۈزمەسلىككە رىغبەتلەندۇرگەنكەن ،ئاللاھ خالىسا ئۆتكۈزمىگەنلەرگە چوڭ ئەجىر باردور .راست،دىيارىمىزدا بولۇپمۇ قومۇلدا ئىسلامى تۈس بويىچە نەۋرۇز ئۆتكۈزۈپ كەلگەن .نەۋرۈز كۈنى ئوتتىن ئاتلايدىغان بىتئەت قائىدىلەر تازىلانغان .ھازىرمۇ ئەل ئارىسىدا شۇنداق تۈستە ئۆتكۈزىلىۋاتىدۇ .لېكىن شەھەرلەردىچۇ ؟قانداق ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىسىلەر خالايىق .بۈگۈن مەن رېستۇرانلار ئالدىدا نۇرغۇن كىشىنىڭ مەس چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم .
يەنە بىر سەمىڭىزگە سېلىپ قوياي ،سىزنىڭ ئىسلامغا خىلاپ ئەمەس بارلىق ئىش پالىيىتىڭىزنىڭ ھەممىسى ئىبادەت ،ئىسلامغا زىت بارلىق ئىش پالىيىتىڭىزنىڭ ھەممىسى گۇناھ .ئىسلام ئادەمنىڭ بارلىق ئىش پالىيىتىگە تەدبىقلىنىدۇ .بۇ مانا مۇشۇنداق ئىلاھىي قانون .ئەگەر مۇشۇنداق تەدبىقلانماي خىرىستىيانلاردەك ۋە يەھۇدىيلاردەك ھەپتىدە بىر چىركاۋغا بېرىپ ،شەكلەن ھالەتتىكى ئىبادەت بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا ،نە ھارام نە ھالال ئىلغانمىسا ،ئىسلامنىڭ روھىي قانداق ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ ؟موزىكىنىڭ بەزىلىرى ھارام دىۋىدوق ،تور موللىسى ئاغزىڭنى يۇم دىدىڭلار،ئۇسسولنىڭ بەزىلىرى ھارام دىۋىدۇق تور موللىسى ئاغزىڭىنى يۇم دىدىڭلار،تانسا ئوينىماڭلار بۇ دىگەن قەبىھ گۇناھ دىۋىدۇق تور موللىسى يوقال دىدىڭلار ،
يېڭى يىلنى ئۆتكۈزۈش بىتئەت دىۋىدوق يوقال تور موللىسى دىدىڭلار ،مۇشۇ تور ئېچىلغاندىن بۇيان بىز ئاتالمىش تور موللىلىرى خەلقىمىز تۇرمۇشىدىكى نۇرغۇن بىتئەتلەرنى كۆرسىتىپ پاكىز مۇسۇلمان بولۇپ ياشاشقا رىغبەتلەندۈرۈپ كەلدۈق ،لېكىن يەنىلا تور موللىسى دەپ مەسخىرە قىلىندۇق .
مېنىڭ ئاخىرقى تەشەببۇسۇم ،نەپسىڭىز ئۈچۈن ئالدىراپ تىللىرىڭىزنى ئەگرى قىلماڭ ،ئەگەر نەپسىڭىز ئۆتكۈزۈشكە ئالدىراتسا ئۆتكۈزۈپ لېكىن ئۆتكۈزمەيدىغانلارنى مەسخىرە قىلماڭ ،ئۆتكۈزمەيدىغانلار مۇسۇلمانلىق بۇرچىنى يەنى ئۆتكۈزدىغانلارغا نەسىھەت قىلىپ قويسىلا كۇپايە ،لېكىن ئەڭ موھىمى ئىتىپاقلىق ۋە بىرلىك .بىر ئائىلىدىمۇ ھەرخىل قاراشتىكىلەر بولىدۇ لېكىن ئۇلار يەنىلا قېرىنداش بولغاچقا ئىناق ياشايدۇ .شۇڭا بۇ ئىشلاردا ئاشقۇنلۇق بىلەن ھەرخىل غەيرى غەلەت سۇئاللارنى سورىماي كىتاب كۆرەيلى ۋە ئىزدىنىپ باقايلى .  
چوققا [31 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-22 02:04 |
edirhan
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2666
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 308
شۆھرەت: 1672 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1694 سوم
تۆھپە: 984 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 987 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 276(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئىلىم ئەپەندى ئېيتقاندەك كىتاب كۆرۈش، كۆپىرەك ئىزدىنىش، ئىتتىپاقلىشىپ ئىككى دۇنيالىق ساپا ھازىرلىساق يوقارقى مەسىلىلەرنىڭ تۈگۈنى يېشىلىدىغانلىقىدا گەپ يوق... نورۇزنى ئەجداتلىرىمىز جۇغراپىيىلىك تەبئىي شارائىتىمىزنىڭ ھاياتلىقتىكى ئويغىنىش پەسلىگە توغۇرلاپ ئىسلامدىن بۇرۇنلا مەيلى قوبۇل قىلغان بولسۇن ياكى ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان بولسۇن. بۇ ھامان يېڭى بىر يىلدىكى يېڭى ھاياتلىق پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش قىزغىنلىق كەيپىيات كۈنى... بۇ بىردىن بىر دېھقانلار بايرىمى... ئەمگەك بايرىمى... پاكىزلىق بايرىمى... گەرچە ئىسلامى بىلىملەردىن يېتەرلىك نەرسە بىلمىسەممۇ لېكىن، ھاياتلىق پائالىيىتىمۇ ئوخشاشلا  ئىبادەت قىلغانغا ئوخشاش ئىكەنلىنى بىلىمەن... توغرا، بىز نورۇز دەۋاسى قىلىۋاتىمىز... ئىتتىپاقلىققا ھېچكىمنىڭ تەسىر يەتكۈزگۈسى يوق... نورۇز ئۆز ئىچىگە ئالغان پائالىيەت مەزمۇنىغا قاراپ باقايلى... (مەن تەشكىللىك ئۇيۇشتۇرۇلغان نورۇز پائالىيىتىنى كۆزدە تۇتمىدىم) ... ... مەيلى نىمىلا دېمەي، مېنىڭ نەزىرىمدىكى نورۇز يەنىلا كىچىكىمدە خاتىرەمدە قالغان، دېھقان ئاكىمىزنىڭ <<بىسمىللاھىراھمانىررېھىم >>دەپ، ئاشۇ ئۈن-تىنسىز تازىلىق ۋە تېرىقچىلىق پائالىيىتىنىڭ باشلىنىشى نورۇز... چۈنكى بۇ كۈندە پۈتۈن يۇرت، پۈتۈن مەھەللە، ھويلا ئارام ھەممىسى بىر قېتىم چوڭ تاھارەت ئالاتتى!!! بۈگۈنكدەك كوچىلاردا ئەخلەت چاۋا ئۇچۇپ توردا دەتالاشتا قالمايتتى...
چوققا [32 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-22 04:22 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12345»Pages: 3/5     Go
Bagdax bbs » ئادەت قېرىماس