ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 17قەۋەتتىكى allahummaدە2012-03-22 21:09يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
سىز روزى موللا دەپ كىمگە سۈيىقەست قىلىۋاتىسىز؟ كىمگە دارتمىلاۋاتىسىز؟ ھەق گەپ بىلەن مەشھۇرلۇق تاپقان يالقۇن رۇزىنى دارتمىلىغىنىڭىز نىمىسى؟
سىز ئەمدى بولدى قىلىڭ! بەس!
دەسلەپتە، سىز يوللىغان ماقالىنى دادىللىق بىلەن، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يازغىنىڭىزدىن بەكمۇ خۇش بولغانىدىم. لېكىن، «ھەمجىنىس، زەيپانى» دەپ ئېلىنىدىغان ئاتالغۇلارنى «سەرخۇش» دەپ توككىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ قويغىنىڭىزدىن سەل يىرگەنگەنىدىم. مىللىتىڭىز بىر، دىنىڭىزمۇ بىر بولغان قېرىندىشىڭىزنىڭ شۇنچە يىل جاپادا جۇلالاندۇرغان ماركا ئورنىدىكى ئاتالغۇغا بىپەرۋالىق قىلىپ، ئۇيغۇر ئېدىئولوگىيەسى ئەڭ قوبۇل قىلالمايدىغان «ھەمجىنس» مەنىسىدە ئىزاھلىشىڭىزنى نېمە دەپ چۈشەنمەك مۇمكىن؟! بۇ ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھۆرمەت سانىلاتتى ئەمەسمۇ؟! ئەمدى بولغاندا، ئوت يۈرەك شائىرىمىزنىڭ قىساسكارى، قارا يۈز روزى موللا ھەققىدە گەپ بولسا، بۇ گەپنى زورمۇ زور ئەكىلىپ، يالقۇن روزىغا تۇتاشتۇرغىنىڭىز قىززىق! بىلىپ قويۇڭ: ھەممە كىشى دېپىڭىزغا ئۇسسۇل ئويناۋەرمەيدۇ!
ئۇيغۇرزادە بىر مىللەتنىڭ سېسىپ كېتىۋاتقان جاراھەتلىك تېنىنى ئوپراتسىيە قىلىپ، ئۆزىنىڭ نام-شەرىپى بىلەن ھېسابلاشماي، لالمىلارنىڭ قاۋاپ، چىدىماسلارچە ھۇجۇم قىلىشىدىن قورقۇپ قالماي، پاكىتلىق دەلىللەر بىلەن تەخىرسىز مەسىلىلەرنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان ۋىجدانلىق بىر جەمئىيەتشۇناس.
يالقۇن روزى بولسا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى نامۇۋاپىق يۈزلىنىشلەرنى رېلىسقا سېلىپ، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەرنى ئويغاق تۇرۇشقا چاقىرىپ، خىلمۇ خىل شىكايەت-غەيۋەتلەرگە پىسەنت قىلماي، ئىزدىنىۋاتقان مەسئۇلىيەتچىل ئوبزورچى ئالىم.
ئەمدى سىز قوپۇپ بۇ ئىككىلىسىنى زورمۇ زور باغلاپ «سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتماقچى»مۇ؟ بۇ ئاقماسمىكىن! بۇ ئىككىلىسىلا بىز ئەڭ كېرەك بولىدىغان كىشىلەر. خۇشامەتچىلىك، تەخسىكەشلىك، كۆچۈرمىچىلىك، يۈزسىزلىك تۇمانلىرى قاپلاپ كەتكەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى تەنقىد روھى بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر يولدىكى، بىر ئۇلۇغ مەقسەتتىكى كىشىلەر. سىزچە بۇ ئىككىلىسى بىر-بىرىنى ئېتىراپ قىلىشماسمۇ؟! بىر-بىرىنى چىشلەپ تاتارمۇ؟
ئۇلار سىزگە ئوخشىمايدۇ، رەزىل ۋاسىتىلەر بىلەن ئۆچ ئالىدىغانغا! ئاۋۇ «سەرخۇش» دېگەننىغۇ بىلىپ-بىلمەي ئالغان بولۇڭ، ئەمما، بۇ يەردىكى ئوتقۇيرۇقلۇق قىلىشىڭىز نېرۋامنى ئۆرلىتىپ قويدى!