ناھايىتى ياخشى بوپتۇ ، سەھنە لاھىيسىمۇ ئىنتايىن كۈركەم ، رەڭدار ، قومۇل خەلىق ناخشىلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا يەنە بىرمۇنچە ئىجادىي ناخشىلارمۇ بار ئىكەن ، ئەمما كۈندۈزى يارباغ كۈررۈك بىلەن مۇقام سارىيسى ئالدىدا ئۈتكۈزۈلگەن ئەنئەنىۋىي پائالىيەتلەرنى ئىنتايىن قىسقىلا قىستۇرۇپ قويۇپتۇ، 5مىنىتقا ئارانلا بارىدىكەن ،
ئىسكەندەر سەمەت ئورۇنلىغان <<قومۇل بوستانى>> دىگەن ناخشا ناھايىتى مول مەزمونلۇق ئىكەن ،
يەنە بىرسى چولپانگۈل مۇئەللىم بىلەن ئەركىن ئورۇنلىغان << قاتار چاي >> دىگەن ئۈتكۈر مەزمونلۇق تەنقىدىي ناخشا قاتار چاي ئولتۇرۇشلىرىنى قامچىلاپ ، قاتار چاي ئولتۇرۇشلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەبتى بەشىرسىنى ئېچىپ بەردى ، ئەمدىكى گەپ دىيارىمىزدىكى جۈملىدىن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قاتار چايغا تويمايدىغان چايچىلار مۇشۇ ئاچچىق كىنايە بىلەن ئورۇنلانغان تەنقىدىي ناخشىدىن تەربىيە ئالسا تېغىمۇ ياخشى بولاتتى
ئۈمەكنىڭ ياشلىرى << ئەل خالايىق قاراڭلار ، چولپان چايغا مېڭىپتۇ ، ۋاي مېڭىپتۇ ، قاتلاپ ئون قۇر كىيىمنى چامدىنىغا تېڭىپتۇ >> دىگەن مىسىرانى ئېيتقاندا دەھشەت كۈلۈۋەتتىم
چولپانگۈل بىلەن ئەركىنگە كۈپ رەخمەت
يەنە بىرسى مۇقام ئۇستازلىرىدىن ئۈمەر قارى بىلەن ئەسەت مۇختار قاتارلىقلارغا بولغان ھۈرمۈتۈم تېىخىمۇ ئاشتى ، بولۇپمۇ ئۈمەر قارى پىشقەدەم ئەلنەخمىچىمىز گەرچە تۇخما ئەما بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ناخشا ئېيتىش ، مۇزىكا ئورۇنلاش جەھەتتىكى ماھارىتىگە قايىلمەن ، ئۇ كىشىنىڭ تالانتىغا قول قويمايدىغان ئادەم بولمىسا كىرەك ، شىڭشىڭشىا ( ئارا يۇلتۇز ) دىگەن ناخشا مۇزىكىنى ئورۇندىغاندا ئۈمەر قارىى بىردىنلا كۈلۈمسىرەپ پۈتۈن ھېسسيادى بىلەن ئورۇندىدى ، بۇنىڭدىن ئۇ كىشىنىڭ ناخشا مۇزىكىغا بولغان ئوتتەك قىزغنىلىق ، ئۇنىڭدىكى خوشاللىق ، كۈڭۈل ئازادىلىكى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى يورۇقلۇقنى كۈرگەندەك ھسسسىياتتا بولدۇم ،
[ بۇ يازمىنىbahdaxohliدە2012-03-24 13:17قايتا تەھرى ]