ئايشەم ئەخمەت قەلىمىدىكى ياچىبەگ كىم؟!
-راجىبالا
بۈگۈن << قومۇل ئەدەبىياتى>>ژورنىلىنىڭ 2012-يىللىق 1-سانىنى كۆرۈپ قالدىم. ئادىتىم بويىچە ئەسەرلەرنىڭ مۇندەرىجىسىگە كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتىم. مۇندەرىجە تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان <ياچىبەگ> پوۋسىتى دىقىتىمنى تارتتى. بۇ پوۋسىتنى يۇرتىمىزدىن چىققان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا تېگىشلىك نوپۇسى بار <<ئۆچمەس ئىزلار>>،<<مەلىكىنىڭ مەڭزىدىكى داغ>>،<<مۇھەممەت بىشىر چىنۋاڭ >> قاتارلىق رومان ۋە توپلاملارنىڭ قەلەم ساھىبى، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى قان-تەر، ئەجىرى بىلەن ئەلنىڭ ھۆرمىتىگە نائىل بولغان داڭلىق ئايال يازغۇچىمىز ئايشەم ئەخمەت ھاجى قامىلى يازغانكەن. ئۆزەممۇ يۇرتىمىز تارىخىغا قىزىققۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تۇنجى بولۇپ مۇشۇ ئەسەرنى ئوقۇپ چىقتىم. ژورنالدا ئەسەرنىڭ 1999-يىلى يېزىلغانلىقى قەيىت قىلىنىپتۇ. بۈگۈنگىچە ھېسابلىساقمۇ ئەسەر پۈتكىلى 13 يىل بولدى، دېگەن گەپ. مەن بۇرۇندىن يازغۇچى ئايشەم ئەخمەتنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ كېلىۋاتقان ئاددىي ئوقۇرمەن بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئايال يازغۇچىلىرىمىزنىڭ سەركىسى بولغان بۇ ئايال يازغۇچىغا قايىلمەن. بىر ئايالنىڭ ئەدەبىيات ئىجادىيىتى كوچىسىدىن چۈشۈپ قالماي شۇنچە مول-ھوسۇللۇق يازغۇچىغا ئايلىنىشى ئۈچۈن شۇ قەدەر چىدام ۋە غەيرەت، غايىلەر كېرەكتۇر. نۇرغۇنلىغان قىز-ئايال يازارمەنلەر تۇرمۇشنىڭ قاينام-تاشقىنلىرىدا ئۈن-تىنسىز غايىپ بولۇپ كەتتى. بىراق، 94-يىللاردىن باشلاپ مېنىڭ دىققىتىمگە سازاۋەر بولغان ئەسەرلەرنىڭ ساھىبى ئايشەم ئەخمەت ھاجى قامىلى ئەدەبىيات ساھەيىمىزدىكى يۈتمەس ماياكتەك، ئۆچمەس چولپاندەك ئىز باسارلار ئۈچۈن ھەقىقى ئۈلگىلىك رولىنى ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ.
مەن ئوبزورچى ئەمەس، ئەدەبىيت تەنقىدنىڭ نىمىلىكىنىمۇ بىلمەيمەن، بىراق، بىزنىڭ كاتتا نام-شۆھرەتلەرگە ساھىبقىران بولغان زىيالىيلىرىمىزنىڭ ھەر بىر قىلغان ئەتكىنىنىڭ خەلق ئۈچۈن نەقەدەر قىممەتلىكلىكىنى ھېس قىلالايمەن. بولۇپمۇ ئەل قەلبىدىن يۈكسەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان يازارمەنلەرنىڭ ھەر بىر پەش، چىكىتىلىرى ئۆز خەلقى ئۈچۈن روھى ئوزۇق بولالايدۇ. يازغۇچى دېگەن ئۆز ئەسەرلىرى بىلەن تۇرمۇشنى، ھاياتنى، دۇنيانى...تەتقىق قىلغۇچى . ئۇلار ئۆز خەلقىگە ئاشۇ يازغان ئەسەرلىرى بىلەن بىلىم-ھېكمەت، مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزگۈچىلەردۇر. ئەگەر بىر ئابرويلۇق يازغۇچى ئەل ئىچىگە چوڭقۇر چۆمىگەن، تارىخى كىتاب ۋە ماتىرىياللارنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئەسەر يازسا، ئۇنىڭ ئەلگە كەلتۈرگەن پايدىسىدىن زىيىنى زور بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆز زىممسىدىكى شەرەپلىك مەجبورىيەتنى ئادا قىلىشنى ئالدى كەينىدە چوقۇم سوغوققانلىق بىلەن قەلەم تەۋرىتىشى كېرەك.
<<قومۇل ئەدەبىياتى>>دىكى ياچىبەگ نامىدىكى پوۋسىتنى ئوقۇپ بولۇپ يا كۈلۈشۈمنى يا يىغلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. بەلكىم، بۇ يۇرتىمىزدا ياشاپ ئۆتكەن قەھرىمانىمىز ياچىبەگ ھەققىدە بىلمىگەنلەرگە بۇ پوۋېسىت بەكمۇ ياراپ كېتىشى مۇمكىن. بىراق، ئۇ ئۇلۇغ قەھرىمانىمىز، ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر بىر غېرىچ مۇقەددەس تۇپرىقىنى قوغداش ئۈچۈن، ياۋۇز دۈشمەن، خائىن قولىدا شېھىد كەتكەن پالۋانىمىزنى بىلىدىغانلارنىڭ قەلبىنى ئاچچىق ئەلەم قاپلىماي قالمايدۇ. قەلەم ساھىبى تارىخقا، تارىخى چىن شەخىسلەرگە چوقۇم ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.
تۆۋەندە مەن ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى يۈزە بولسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن. ياچىبەگ داستانىنى ئاڭلاپ باقمىغان قومۇللۇق ئاز بولسا كېرەك. ئاڭلىغانلار ئېسىدە بولىشى مۇمكىن. ياچىبەگنىڭ قايسى دەۋىردە ياشىغانلىقىنى ياچىبەگ داستانىدىن بىلگىلى بولىدۇ. ئۇ <<قومۇل ئەدەبىياتى>>دا قالماق خانى غالدان دەۋرىدە ياشىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. يەنە كېلىپ، ياچىبەگ بىلەن مۇناسىۋىتى، دەۋىرداشلىقى بولمىغان ئۆمەر باتۇر بىلەن دەۋىرداش قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ. ھەتتا، ياچىبەگنىڭ ئاتىسىنىڭ ئۆز ئىسمى بار تۇرۇقلۇق ئۇنىڭغا مەجبورى ھالدا يېڭى ئىسىم<< قامىل>>نى كەيدۈرۈپ قويۇلغان. ئۇنداق بولسا، ياچىبەگ قايسى دەۋىردە ياشىغان؟ بۇ سوئالىمىزغا تۆۋەندىكى داستاندىن ئىككى كۇپلىت جاۋاب بەرسۇن!
قۇنتەيجىنىڭ لەشكىرى،
سالدى خەققە سورۇقلۇق.
سار سېلىشىتى خالايىق،
ئۆي، ماكانى تۇرۇقلۇق.
يېمەك-ئىچمەك نەدىدۇر،
قاپلاپ كەتتى قۇرۇقلۇق.
كېسەل بولدى خالايىق،
تېپىلماستىن ئوزۇقلۇق.
بىراق، <<قومۇل ئەدەبىياتى>>دا بۇ قۇنتەيجى تىلغا ئېلىنمىغان. ياچىبەگ قانداق بولۇپ ئۆمەر باتۇر بىلەن دەۋىرداش ھەم دوست بولۇپ قالدى؟ ئەل ئارسىدا تارقىلىپ كەلگەن ياچىبەگ داستانىدا ئۆمەر باتۇر تىلغا ئېلىنغانمۇ؟ھەممىمىزگە ئاڭلىغان، يالغۇز تۇيۇن مۇقامىدىكى بايانلاردىن 66 گۆدەكنى غالدان خاننىڭ كۆنچەك ئاتىلىق سەركەردىسى ئورما ئورىۋاتقان چېغىدا ئۆلتۈرۈۋەتكەن. بۇ ھېكايەت ھېلىھەم ئەل ئارىسىدا شۇنداق تەسۋىرلەنمەكتە. ئۆمەر باتۇر مۇھەممەت شاھ غازىبەگنىڭ يارلىقى بىلەن ئوردا ئاجىراتقان 350 نەپەر سەرخىل يىگىتنى باشلاپ چىقىپ چىرىكلەرنى پۈتۈنلەي تارمار قىلىپ، كۆنچەكنى تىرىك تۇتۇپ، تال تېغىدىكى بىر تاش ئۈستىدە سويۇپ، ئىچ چېۋىلىرىنى تاشقا چاپلىۋەتكەن. ئۇ تاش ھەم رىۋايەت ھېلىھەم ئەل ئارىسىدا بار. ئەدەبىي ئەسەر دىگەن ھەرقانچە ئىجادچانلىقنى تەلەپ قىلىسمۇ ، تارىخى شەخىسلەر تەسۋىرلەنگەندە تارىخى چىنلىقنى بۇنداق ئاستىن -ئۈستۈن قىلىۋەتسە قانداق بولغىنى؟!
ياچىبەگىنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى نىمە؟ ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسىمى قامىلمۇ؟! ئەمىسە بۇ سوئالىمىزغىمۇ ياچىبەگ داستانىدىكى مۇنۇ ئىككى كۇپلىت جاۋاپ بەرسۇن!
ياچىبەگنىڭ ئاتىسى،
خۇش ئەر ئىدى سۇلايمان.
يىگىت بولساڭ مەيدانغا،
چۈش دەر ئىدى سۇلايمان.
مەن مەن دېگەن ئەرلەرنى،
يەرگە ئۇرغان سۇلايمان.
چېلىشلاردا زور چىقىپ،
ئاتلار ئالغان سۇلايمان.
ئەگەر، بۇ داستاندا ياچىبەگنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى ئاتالمىغان بولسا ئىدى، خەلق ئارىسىدا بۇ ھەقتە قىلچە ئۇچۇر تېپىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا، تارىخى ياكى،ئويدۇرما شەخىسلەرگە ئۆزىمىز ئات قويۇۋالساق بولاتتى. لېكىن ياچىبەگنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى بار تۇرۇقلۇق<<قومۇل ئەدەبىياتى>>دىكى ئەسەردە، تارىخى چىنلىققا ھۆرمەتسىزلىك قىلىنىپ، سۇلايمان باتۇرغا ئاتالمىش<< قامىل>>دېگەن قالپاق كىيگۈزۈلگەن.
يەنە كېلىپ تارىخى داستانىمىز ياچىبەگ دە، ياچىبەگ قانداقتۇر، قېچىپ قۇتۇلغان ئەمەس، داستاندا سالما بوينىغا چۈشۈپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەنلىكى تەسۋىرلەنمەيدۇ. ئۇنىڭ قېيىن ئىنىسى سامانچى تەرپىدىن ئالدىلىنىپ قالماقلارغا تۇتۇلغاندىن كېيىن، چەمبەرچەس باغلىنىپ يالاپ ئېلىپ مېڭىلغانلىقى، ئامالسىز قالغان ئاتىسى، ئوغلى، سىڭلىسى ۋە يۇرت خەلقىنىڭ زار-زار يىغلىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. قالماقلار ياچىبەگنى 60 يەردىن چاپتۇرغان.
ياچىبەگنى قالماقخان،
ئاتمىش يەردىن چاپتۇردى.
چىرىك قويۇپ تاغلارغا،
يوقۇر-تۆۋەن چاپتۇردى.
ياچىبەگ ئۆلگەندە ئۇنىڭ ئاتىسى سۇلايمان باتۇر، 82 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ياشانغان بوۋاي باسمىچى قالماقلار يۈرەك پارىسى ياچىنى يالاپ ماڭغاندا كۆز ياشلىرىنى يامغۇردەك تۆكۈپ مۇنداق قوشاقنى ئوقۇغانكەن.
جېنىم بالام دەردىڭدە،
قايغۇ ئاقار ياشىمدا.
يۈرەك، باغرىم ئۆرتەندى،
سەن بالام يوق قاشىمدا.
چوڭ قىلغانغۇ مەن سېنى،
كۆتۈرۈپ بۇ باشىمدا.
تۇرالمىدىم ھەسرەتتىن،
سەكسەن ئىككى ياشىمدا.
يەنە ياچىنىڭ سىڭلىسى يۇلتۇز، سامانچىنى پۇتىدىن تۇتۇپ قونچاقنى تاشلىغاندەك تامدىن ئارتىلدۇرۇپ تاشلىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. ئەسلى داستاندا، ياچىنىڭ دوستى يۈرچىبەگ، دوستىنىڭ ۋاپاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق تەسۋىرلەنگەن.
تاغدىن چۈشتى يۈرچىبەگ،
ئۆپكىلىدى، يىغلىدى.
ئۇلۇغ، ئۇششاق يىغىلىپ،
راست،يالغاننى ئىلغىدى.
خائىن چوشقا سامانچى بىلەن ئوسمانبەگنىمۇ يۈرچىبەگ قاتارلىقلار ئۆلتۈرگەن، بىراق، <<قومۇل ئەدەبىياتى>>دىكى ئەسەردە بۇ ھەقتە ئۇچۇر يوق. ئۇچۇر بار دېيىلگەندىمۇ ئوسمانبەگىنى يۈرىكى يېرىلىپ ئۆلدى، دەپ تەسۋىرلىگەن...
بەلكىم،ئاپتور ياچىبەگ ھەققىدىكى تارىخى ئۇچۇرلارنى ئوخشىمان كىشى ۋە ئوخشىمىغان دەۋىرلەردە توپلاش جەريانىدا ئۆزى ئەسەردە يازغان ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن بولىشى مۇمكىن. بىراق، ئەل ئارىسىدا ئومۇملىشىپ كەتكەن بىر تارىخى تېمىنى مۇنداق يەڭگىلتەكلىك بىلەن قەلەمگە ئېلىش سەل ئالدىراڭغۇلۇقنىڭ ئىپادىسىدىندۇر. مېنىڭچە، يازغۇچىمىز چوقۇم نەچچە ئەسىرلىك قان-ياشلىرىمىز بىلەن يۇغۇرۇلغان ياچىبەگ داستانىنى ئاڭلاپ باققان. بىز تارىخنىڭ قارغىشىغا قالماسلىقىمىز كېرەك.ئاخىرىدا، ئايشەم ئەخمەت ھاجى قامىل خانىمنىڭ مەندەك بىر كىچىككىنە ئوقۇرمەننىڭ بىلجىرلاشلىرىغا رەنجىمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن...
2012-يىلى3-ئاينىڭ27-كۈنى قومۇل
مەنبە: چوغلان