ۋاڭ مېڭ نېمە ئۈچۈن ئالىجانابلىقتىن
ھەزەر ئەيلەيدۇ ؟
" ئەسەر ۋە بەس مۇنازىرە" ( 1995 - يىللىق 8 -سان) ژۇرنىلىدىن ۋاڭ مېڭنىڭ " ئالىجانابلىقتىن ھەزەر ئەيلە " دېگەن ماقالىسى بىلەن يۈ كەيۋېينىڭ " ۋاڭ مېڭ نىشاننى بۇراۋاتامدۇ ، نېمە ؟ " دېگەن ماقالىسىنى كۆرۈپ ، بىردىنلا جىددىلىشىپ قالدىم . بۇ ماڭا ئۆتكەندىكى " چوڭ تەنقىد " نى ئەسلىتىپ ، گويا ۋاڭ مېڭ يەنە تەنقىد قىلىندىغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى .
زامانىمىزدىكى داڭلىق يازغۇچى ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان ئادەمنىڭ ئالىجانابلىقتىنمۇ ھەزەر ئەيلىشى راستىنلا تولىمۇ غەلىتە بىلىنىدۇ .
مېنىڭچە ، ئالىجانابلىق دېگەن سۆز قوش تېرناقنىڭ ئىچىگە ئېلىنغان بولسا ، يۈ كەيۋېيدا پىكىر بولماس ئىدى . لېكىن ۋاڭ مېڭ ئۇنداق قىلمىغان . ئۇ راستىنلا ئالىجانابلىقتىن ھەزەر ئەيلىگەن .
يېڭى جۇڭگونىڭ تارىخىنى بىلمەيدىغان ، ۋاڭ مېڭنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ۋە ئادەمگەرچىلىكىنى بىلمەيدىغان ، رېئاللىققا توغرا قارىيالمايدىغان ئادەم ئالىجانابلىقتىن ھەزەر ئەيلەشنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلمىسە كېرەك .
مەن بىر مىسال كەلتۈرەي .
بىزنىڭ جۇڭگودا نۇرغۇن تىپلار ، ئۈلگىلەر تىكلەندى . جاۋ يۈلۇ شۇلارنىڭ بېرى . ئۇ ناھىيىلىك پارتىكوم شۇجىلىرىنىڭ ئۈلگىسى ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كادىرلارنىڭ ئۈلگىسى ، ئۇنىڭ ئىش - ئىزلىرىدىن ۋە ئالىجاناب ئوبرازىدىن ھېچكىم گۇمانلانغان ئەمەس . ھېچبولمىغاندا ھۆكۆمەت تەرەپتىن شۇنداق تەشۋىق قىلىنغان . لېكىن ئۆز -ئارا بولغان پاراڭلاردا بىر مۇنچە كىشىلەرنىڭ مۇنداق گەپ - سۆزلىرىنى ئاڭلىدۇق : جاۋ يۈلۇنىڭ شۇنچىۋالا جان تىكىپ ئىشلەپ . قىران چاغلىرىدىلا بالدۇر ۋاپات بولۇپ كېتىشىدە ، ئۇنىڭ خىزمەت ئىقتىدار مەسىلىسى بارمۇ ، قانداق ؟ بىر ناھىيىدە دەرۋەقە تۈرلۈك - تۈمەن خىزمەتلەر بولوىدۇ ، لېكىن شۇجى بولغان ئادەم ئاساسلىقى كۆپچىلىكنى ئۇيۇشتۇرۇپ ، ئىش تەخسىم قىلىۋېلىپ مەسئۇل بولۇپ ئىشلىشى كېرەك . ھەممە ئىشقا ئۆزى قاتىراش ، كۈنىگە ئون نەچچە سائەتلەپ ئىشلەش ، ھەتتا كىسىلىنىمۇ داۋالاتماي يۈرۈش شەرت ئەمەس . ناۋادا خىزمەتتە جاپا چىكىپ ئىشلەيدىغان ، ئەمما خىزمەت ئىقتىدارى ناچار ئادەم رەھبىرى كادىرلىققا ، ھەتتا يوقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلىققا ئۆستۈرۈلسە ، بۇ كادىر ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن ، يوقىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆستۈرگەنلىكىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن جان تىكىپ ئىشلىسە ، ھەتتا ھاياتى بىلەنمۇ ھېسابلاشمىسا ، لېكىن ئەمەلىيەتتە نېتىجىسى ناھايىتى ئاز بولسا ، قىلغان ئىشىنىڭ تايىنى بولمىسا ، بۇنداق ئالىجاناب ئوبراز تولىمۇ گۇمانلىنىشقا ئەرزىمەمدۇ ؟ ھاھالەنكى بىزنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا ، بۇنداق ئۆستۈرۈلگەن كادىرلار ، بۇنداق ياسالما ئالىجاناب ئوبرازلار ھەممىلا جايدا كۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتمامدۇ ؟
ئاۋۇ بىر يىلى جاۋ يۈلۇ توغرىسىدىكى بىر ئاخبارات خەۋىرى مېنىڭچە جاۋ يۈلۇنىڭ ئالىجاناب ئوبرازىغا قارىتا تېخىمۇ گۇمان پەيدا قىلىپ قويدى . بۇ خەۋەردە ئېيتىلىشىچە ، جاۋ يۈلۇنىڭ ئالتە بالىسى بار ئىكەن ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا ياراملىق كىشىلەردىن بوپتۇ . بۇ ئاتىسى قەھرىمان بولسا ، بالىسى قەيسەر بولىدۇ ، دېگەن سۆز . بۇنىڭدا مۇبالىغىچىلىكنىڭ بارلىقىدا شەك يوق . بۇ ھال ماڭا مۇنداق بىر ئىشنى ئەسلەتتى : 1963 - يىلى يازدا ، گۇاڭدۇڭدىكى كەيپىڭدا ئىشلەۋاتقان ۋاقتىمدا ، بىزنىڭ ياچىكىنىڭ شۇجىسى يىغىندا يوقىرىنىڭ بىر ھۆججىتىنى ئوقۇپ بېرىشنى ماڭا تاپشۇردى ، مەن دەسلەپ ، ئۇنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن بولغاچقا ( جەنۇبقا بارغان كادىر ئىدى ) ، ئوقالماي قالماي دېگەن ئوخشايدۇ ، دەپ ئويلاپ قاپتىمەن . ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن بىردىنلا چۈشەندىم ، بۇ پىلانلىق تۇغۇت توغرىسىدىكى ھۆججەت ئىكەن ، بىزنىڭ ياچىكا شۇجىسىنىڭ تۆت ئوغلى بار ئىدى ، ئۇ يەنە بەر قىز پەرزەنت كۆرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى ، " پىلان " بىلەن كارى يوق ئىدى . شۇڭا ئۇ بۇ ھۆججەتنى ئوقۇشنى بىئەپ كۆرگەنىكەن . كېيىن بەشىنچىسى راستتىنلا قىز تۇغۇلدى ، ئۇ خوشاللىقىدا قىن - قىنىغا پاتماي قالدى ، بەشىنچىسىدىن كېيىن ئاران بوغدۇردى .
جاۋ يۈلۇنىڭ ئەھۋالىمۇ شۇنداق ئەمەسمۇ ؟ بىزنىڭ كادىرلىرىمىز يوقىرىنىڭ ھۆججەتلىرىگە نىسبەتەن كۆرۈنۈشتە بىر خىل ، ئاستىرىتتىن يەنە بىر خىل ، ئاممىغا بىر خىل ، ئۆزىگە يەنە بىر خىل مۇئامىلە قىلىدۇ ، بۇ ئۇمۇمىيۈزلۈك ئەھۋال . ھازىر بىز نوپۇس ئۈستىدە گەپ بولسىلا ، شەھەر _ يېزا ئاھالىسىنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق بولۇپ كەتكەنلىكىگە قارىساقلا ، سىياسىتىمىزنىڭ ئاجىزلىقىنى ، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىنى ئەسكە ئالماي تۇرالمايمىز ، جاۋ يۈلۇلار پەيدا قىلغان سەۋەنلىك ۋە زىياننى ھېس قىلماي تۇرالمايمىز . سەۋەنلىك بىلەن زىيان ئۇلارنىڭ تۆھپىسى بىلەن چەككەن جاپاسىنى يوق قىلىۋەتتى . شۇڭا ، بىزنىڭ ئاخبارات خەۋەرلىرىمىزدە ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىزدە ھەدەپ ئۇچۇرغانسىرى ، بۇنداق ئالىجانابلىق كىشىلەرنىڭ ئوغىسىنىلا قاينىتىدىغان بولدى .
رېئال تۇرمۇشتا ، كىشىلەر بۇنداق ئالىجانابلىقنى قوش تېرناققا ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ ، ۋاڭ مېڭ ناھايىتى زېرەك ، دەرۋەقە ئۇمۇ جۈرئەت قىلالمىغان . لېكىن چېقىلالمىغاندىكىن ، ھەزەر ئەيلىگەن تۈزۈك .
ۋاڭ مېڭ توغرا قىلغان ، چۈنكى ئۇ گەپنىڭ راستىنى دېگەن . لېكىن ، جۇڭگودا ، مەدەنىيەت ساھەسىدە ئەھۋال ئالاھىدە . راست گەپ قىلغان ئادەمنىڭ ياخشى ئاقىۋەت كۆرۈشى ناتايىن . قولىغا قامچا ۋە قالپاق ئېلىپ ، راست گەپ قىلغانلار ئۈستىدە ۋارقىراپ - جارقىرايدىغانلار بولسا ھەمىشە نەپ ئالىدۇ . ئۇلار جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى چۈشىنىدۇ ، ئاغزىدا ھەدەپ ماركىسىزىم _ لېنىنىزىمنى سۆزلىسىلا ، ئۇمۇمىيىلىق توغىنى ئېگىز كۆتەرسىلا ، سولراق ، يەنىمۇ سولراق بولسىلا ، بىخەتەر ، مۇتلەق بىخەتەر بولىدۇ ، ئېپى كىلىپ بىرەر باشلىققا يولۇقۇپ قالسا ، مىنىستىر ، مەھكىمە باشلىقى بولۇپ قالامدۇ ، تېخى . ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدە ئىلگىرى ئەھۋال شۇنداق ئىدى ، ھازىر سەل ياخشىلىنىپ قالغاندەك قىلىدۇ ، كەلگۈسىدىچۇ ؟ كىشىلەر بۇنىڭغا توت كۆزى بىلەن قاراپ تۇرىۋاتىدۇ .
" ئەدەبىي تەرجىمىلەر " دىن ئېلىندى .
" باغداش تورى'' غا خاس .