saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 1950 قېتىم كۆرۈلدى
tansak
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6512
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 40 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 40 سوم
تۆھپە: 20 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 20 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئاياللار نازاكەتلىك بولۇش ئۈچۈن...

ئاياللار نازاكەتلىك بولۇش ئۈچۈن...





      نازاكەتلىك بولۇش ھەقىقىقەتەن تەسمۇ؟ نازاكەتلىك ئايال بولۇش ئۇنداق تەسمۇ ئەمەس، ئۇنىڭدا يۇقىرى تەلەپمۇ يوق، ئىشنى يېنىڭىزدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاڭ.
يېمەك-ئىچمەكتە ئۆزىنى چەكلەش:
چەكلەش دېگەنلىك، بەزى كىشىلەر ئېيتقاندەك بۇنى يېسىمۇ بولمايدۇ، ئۇنى يېسىمۇ بولمايدۇ، ھەتتا بىر تال شاكىلات كەمپۈتنىمۇ ئېھتىيات بىلەن يېيىش دېگەنلىك ئەمەس. سىز پەقەت كۈندە ئۈچ ۋاخ تاماق يېيىش ئادىتىڭىز بويىچىلا چەكلەش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ. سىز ئاچلىقتىن قورساق غولدۇرلاپ كەتكۈدەك دەرىجىدە چەكلەش ئېلىپ بارمىسىڭىزمۇ، ھەر ۋاق تاماقنى پەقەت بوش تۇيغۇدەك يەپ، پارچە-پۇرات يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر يېمىسىڭىزلا بولىدۇ. ئۈچ ۋاخ تاماقتا كۆپرەك كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەر يەپ بەرگەندە ھەم تويۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرغىلى ھەم كۆپ مىقداردىكى ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئىككى ۋاخ تاماق ئارىلىقىدا قورسىقىڭىز بەك ئېچىپ كەتسە، نېمە يېيىش كېرەك؟ ئەڭ ياخشىسى بىر ئىستاكان سۈت ياكى چاي ئىچىۋېلىڭ.
پىيادە ماڭغاندا زىلۋا بولغىلى بولىدۇ :
ناۋادا سىزدە قىزقىش ياكى ۋاقىت بولمىسا، قارا تەرگە چۆمۈلگۈدەك گىمناستىكا ئويناپ ئۆزىڭىزنى مەجبۇرلىمايمۇ زىلۋا بولالايسىز، پەقەت يول يۈرۈش نى ئۆگىنىۋالسىڭىزلا بولىدۇ، پىيادە مېڭىشنىڭ ئەڭ ياخشى گۈزەللىك گىمناستىكىسى ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىڭ. مەسىلەن ، پەلەمپەيدىن چىققان-چۈشكەن ۋاقتىڭىزدا، پۇتنىڭ ئۇچىدا ماڭسىڭىز، پاچاق ۋە بەل قىسىملاردىكى مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكەت مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ خورىشى كۆپىيىپ، ئورۇقلاشقا پايدىسى بولىدۇ. ئەلۋەتتە گۈزەل بولۇشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل گۈزەللىك گىمناستىكىسى ئويناشنى داۋاملاشتۇرۇشتۇر.
ياخشى ئۇخلاش ھۆسن تۈزەش ئۈچۈندۇر:
داڭلىق ئادەتتىن تاشقىرى مودېل كرودىيە شېفنىڭ بەدەن گۈزەللەشتۈرۈشتىكى مەخپىيىتى ھەر كۈنى كەچ سائەت سەككىزدە ئۇخلاش، ئەتىگەنلىكى ۋاقتىدا تۇرۇش، كۈندۈزى بىر دەم ئۇخلاش ئىكەن. ئۇ قانۇنىيەت - ئەڭ ياخشى ھۆسن تۈزەش سەنئىتى دەيدۇ. بۇ مەملىكىتىمىزدىكى قەدىمكىلەر ئېيتقان ھەممە دەردكە داۋا تىلىمەي، ئۇخلاشنى تىلە دېگەن بىلەن ئوخشاش.
ھۆسن تۈزەشتە ئىخلاسمەن بولۇش كېرەك :
چاچ ياسىتىش ئۆز ۋاقتىدا بولۇش، چاچنىڭ پارقىراق، پاكىز بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك. كىچىك ئىشلاردا ئىنچىكە بولۇش كېرەك. مەسىلەن ، ھەددىدىن زىيادە قويۇق بولغان چاچ يۇيۇش سويۇقلۇقىنىڭ چېچىڭىزغا زىيان يەتكۈزۈپ قويماسلىقى ئۈچۈن، ئىشلىتىشتىن ئاۋۋال سۇ بىلەن سويۇقلاشتۇرۇپ ئىشلىتىڭ. ھەر كۈنى كەچتە مەخسۇس گىرىم تازىلاش بۇيۇملىرى بىلەن گىرىملىرىڭىزنى يۇيۇپ، ئاندىن ئوزۇقلۇق مەلھەملىرىدىن ئازراق سۈركۈۋالسىڭىز تېرىڭىزنىڭ كېچىچە ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. شۇنى ئېسىڭىزدە ساقلاڭ: ئەگەر تېرىڭىز بۇ خىل تېرە ئاسراش بۇيۇمىغا ناھايىتى تېزلا ماسلىشىپ كەتسە، تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ، شۇڭا دەرھال ئالماشتۇرۇڭ ياكى باشقا تۈردىكىلەر بىلەن قوشۇپ ئىشلىتىپ، تېرىڭىزنىڭ دائىم ساغلام بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ. تېرىنىڭ ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشىمۇ خىلمۇ-خىل بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، باشتىن-ئاخىر ئوخشاش بولۇش تەك بىر خىلىنىلا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
مودا قوغلاشماي ئۆزىگە خاس كىيىنش:
ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزنىڭ كىيىملىرىگە تەنقىدىي، قوسۇر ئىزدەش نەزىرىڭىز بويىچە قارىماي، ئۆزىڭىزنىڭ كونا ۋە يېڭى كىيىملىرىڭىزنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىڭ. ئاپىڭىز ۋە ئاچا-سىڭىللىرىڭىزنىڭ كىيىملىرىنى ۋاقىتلىق ئارىيەت ئېلىپ كىيىڭ. ئېھتىمال سىزدە ئۆزگىچە يېڭىلىق ياراتقاندەك گۈزەللىك تۇيغۇسى پەيدا بولۇشى مۇمكىن. ھەر قانداق مودىنىڭ باشلىنىشىنىڭ مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلىڭ، ھەر قانداق بىر كىيىمگە مەسىلەن ، ناھايىتى كونا بولغان كوپتا-يوپكىغا بىر تال يېڭى، ئۆزگىچە بەلۋاغدىن ياكى ھەرىكەتچان ياقىدىن بىرنى بېكىتىۋالسىڭىز، باشقىچە تۇيغۇ پەيدا بولۇپ، ئادەمنى مەپتۇن قىلىدۇ.
كىچىك ئىشلارغا دىققەت قىلىش:
ئەمەلىيەتتە، نازاكەتلىك بولۇش پۈتكۈل ئوبرازنىڭ زىننەتلىنىشىدۇر. قارىغاندا كىچىككىنە ئىشلارنى دەل جايىدا زىننەتلىيەلىسە، كىشىگە بىر خىل ئالاھىدە گۈزەللىك تۇيغۇسى بىرىدۇ.
ئايىغىڭىزنى كۈندە بىر قېتىم مايلاپ پارقىرىتىپ يۈرۈڭ، ئايال كىشى كونا كىيىم-كېچەكلىرىنى پاكىز كېيىش بىلەن بىللە ، پۇتىغا چوقۇم پاكىز پارقىراق ئاياغ كىيىشى كېرەك. يەنە ئاز دېگەندە ئېسىل ئەتىردىن بىرسى بولۇش كېرەك. ئۇنى چاچقاندا خوش پۇراق تاراپ، سىزنى تېخىمۇ نازاكەتلىك ۋە ئېسىل كۆرسىتىدۇ. پۇرىقى كۈچلۈك ئەتىر چېچىشتىن ساقلىنىڭ، بولمىسا كىشىنى سەسكەندۈرۈپ قويىسىز. مەردانە، يېقىملىق چىراي، ئايال كىشىگە نازاكەت ۋە گۈزەللىك قوشىدۇ.

مەنبە:ساغلاملىق لېنىيىسى تورى   ئادىرىس:www.Tansak.cn
تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-03-29, 23:55
ساغلاملىقىڭىزغا كۆڭۈل بۆلەمسىز؟ ئەمسە بۇياققا www.Tansak.cn
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-03-29 23:51 |
abit
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6368
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 117
شۆھرەت: 610 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 625 سوم
تۆھپە: 361 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 361 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 57(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ تىمىنىڭ قىممىتى خېلى يۇقۇرىكەن،تىمى ئىگىسىگە تەشەككۈر،بۇنداق ئەمەلىي قىممىتى بار تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي!
lutun
ھەممە ئىشتا ئوتتۇرھال بولغان ئەڭ ياخشىدۇر.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-29 23:58 |
ayding
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3368
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 23
شۆھرەت: 172 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 202 سوم
تۆھپە: 94 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 97 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 77(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاۋۋال قەلبنى پاكىز، گۈزەل تۇتسا بولىدۇ، ئىچىدىن بىر ئىخلاسنىڭ ئۇرغۇپ چىقىشى مۇھىم.
ئۆز كېلەچىكىڭىزنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇڭ!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-30 07:43 |
iparhan

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 383
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 673
شۆھرەت: 3415 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3445 سوم
تۆھپە: 2045 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2045 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 726(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

چىن نازاكەتلىك --- ئادەمنىڭ قەلبىدە ، ۋۇجۇدىدا ، ئېتىقادىدا !

نازاكەتلىك --- بىزنىڭ كۆز ئەينىكىمىزدىن ، سۆز - ھەركەتلىرىمىزدىن ،  تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيەيىمىزدىن تۆكۇلۇپ تۇرسۇن !!
saltanat
پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-30 10:36 |
arzuyum
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 111
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 335
شۆھرەت: 1900 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1900 سوم
تۆھپە: 1105 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1105 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 387(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىپارخاننىڭ پىكرىنى قوللايمەن،  ئىچكى گۈزەللىك ھەممىدىن مۇھىم.
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-30 11:53 |
ak~parixta
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6442
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
شۆھرەت: 55 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 55 سوم
تۆھپە: 33 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 33 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

     ئىچكى گۇزەللىكنى سۆيگەن ئادەمدە تاشقى گۇزەللىكمۇ كەم بولمايدۇ ئەلۋەتتە .
ياخشى  تېمىڭىز ئۈزۈلمىسۇن !!!
lutun
etikat dunyaning tuwriki,tapakkur insanning zinniti.
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-30 13:09 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » خانىم -قىزلار سەمىگە