جيەن بوزەن
مېنىڭ فامىلەم ۋە يۇرتۇم
جەمەتىمنىڭ فامىلىسى جۇڭگو تارىخى كىتابلىرىدا ئۇچىرىمايدۇ ، ھەتتا ھەر قايسى تارىخى دەۋرلەردە تۈزۈلگەن جەمەتلەر شەجەرىلىرىدىمۇ ئۇچىرىمايدۇ ، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە ؟ بۇنى كۆرگۈچىلەر ، ئاڭلىغۇچىلار بۇنىڭغا تولىمۇ ھەيران بولىدۇ .
ئەگەر مەن تارىخنامىلارنى ئاساس قىلىپ ئۆزۈمنى خۇاشيا مىللىتىنىڭ ئەۋلادى دەپ چالۋاقىسام ، جەمەتىم فامىلىسى " جۇ يوسۇنلىرى . ئەدلىيە ۋەزىرلىكىدە ئىشلىگەن جيەن فامىلىلىك ئەمەلدارلار " _ دىن كېلىپ چىققان دېيىشكە ھەقلىقمەن . ئەگەر شۇنداق بولسا جەمەتىم فامىلىسىنىڭ تارىخى مەنبەيىنى زورلاپ تېپىۋېلىپلا قالماي ، يەنە تولىمۇ ئىپتىخارلىق ھېس قىلغان بولاتتىم .
لېكىن مەن جەمەتىمنىڭ شەجەرىسىنى ئاختۇرۇپ كۆرسەم ، ئۇرۇق _ جەمەتىمنىڭ " جۇ يوسۇنلىرى . جيەن فامىلىلىك ئەمەلدارلار " بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق ، ئەكسىچە بۇ فامىلە مىڭ سۇلالىسى پادىشاھى تەغدىم قىلغان فامىلە ئىكەن . مېنىڭ ئەجدادىم ئاتالمىش خۇاڭدىنىڭ ئەۋلادى ئەمەس ھەمدە خەنزۇلارنىڭمۇ بىر تارمىقى ئەمەسكەن ، بەلكى شىنجاڭدىن كەلگەن غەربىي دىيارلىقلار ئىكەن . شۇڭا مەن تارىخى كىتابلارغا ئېسىلىۋېلىپ چالۋاقاشتىن ، يەنى ئۆزۈمن خۇاڭدىنىڭ ئەۋلادىمەن دەپ ئەتىۋارلىنىشتىن ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى خەنزۇلارنىڭ بىر تارمىقى دەپ نىقابلاپ ، ليۇ جىژجىنىڭ " كىشىنىڭ جۇۋىسىدا تەرلىمەك " دېگىنىدەك مازىقىغا قېلىشتىن ئۆزۈمنى تارتتىم . شۇڭا مەن جەمەتىم فامىلىسىنىڭ " جۇ يوسۇنلىرى . جيەن فامىلىلىك ئەمەلدارلار " بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى، بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزنىڭ غەربىي دىياردىن كەلگەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىشنى خالىدىم .
جەمەتىمىز شەجەرىسىنىڭ بىرىنچى بابى " ئۇيغۇرلار شەجەرىسىنىڭ مەنبەيى " _ دىن باشلىنىدۇ . بۇ بابتا ئەجدادلىرىمىزنىڭ كىلىپ چىقىشى ، مۇشۇ فامىلىگە ئېرىشىش جەريانى ۋە جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ خۇنەنگە كەلگەن ۋاقتى توغرىسىدا خاتىرىلەر بار . ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن : " جيەن فامىلىلىكلەرنىڭ ئەسلى فامىلىسى جيەن ئەمەس . بەلكى < قا > دۇر .ئۇلارنىڭ ئەجدادى غەربىي دىياردىكى ئۇيغۇرلار . سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي دىياردىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە داڭلىق ئۇرۇقلاردىن ئىدى . يۇەنتەيزۇ ( چىڭگىزخان ) غەربكە يۈرۈش قىلغاندا غەربىي دىياردىكى ئۇيغۇرلار ئۇلارغا بېقىنغان . كۆپ قېتىملىق جەڭلەردە ئۇيغۇرلار يۇەنتەيزۇ ( چىڭگىزخان ) بىلەن بىرگە جەڭ قىلغان . قالى ئىسىملىك كىشى تەيزۇ بىلەن بىرگە تاڭغۇت قەبىلىسىنى ئېلىشتا ھەر قېتىملىق جەڭدە غەلبە قىلغان . ئۇنىڭ ئۇرۇشتىكى تۆھپىسى زور بولغاچقا ، ئۇنىڭغا " ھۇجۇمچى سانغۇن " دېگەن نام بېرىلگەن . شۇنىڭدىن كېيىن ئەجدادلىرىمىز شەرققە يۈرۈش قىلغان . ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد يۇەن سۇلالىسىدا ئەمەل تۇتقان . مانا بۇ جيەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ شەرققە كۆچۈشىنىڭ باشلىنىشىدۇر .
مىڭ سۇلالىسى باش كۆتەرگەندە قالىنىڭ ئەۋلادى بارس ( 八十 ) مىڭتەيزۇ ( جۇيۇەنجاڭ ) نىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرىگە ياردەملەشكەن . بارس باتۇر ھەم تەدبىرلىك بولغاچقا كۆپ قېتىملىق جەڭلەردە خىزمەت كۆرسەتكەن . ئۇنىڭ كۆپ قېتىملىق توپىلاڭلارنى باستۇرۇشتىكى ئالاھىدە تۆھپىسىنى تارتۇقلاپ ، مىڭتەيزۇ ( جۇيۇەنجاڭ ) "جيەن" ( يوقىتىش ) فامىلىسىنى تەغدىم قىلغان . ئۇنىڭ ئىسمى( 八十 ) دىن ( 八士 ) غا ئۆزگەرتىلگەن مانا بۇ جيەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلىسىگە ئىگە بولۇشىنىڭ باشلىنىشىدۇر .
( داۋامى بار )
[ بۇ يازمىنىhawarدە2012-04-07 11:29قايتا تەھرىرلىدى ]