خۇنەندىكى قېرىنداشلارنىڭ ئەھۋالىنى تۆۋەندىكى فىلىمدىن كۆرۈپ بېقىڭ، شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىسىزكى ئەگەر بىر مىللەتتە ئېتىقاددا تەۋرىنىش بولمايدىكەن تىل ۋە شەكىلدە ئۆزگىرىش بولسىمۇ دىلدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ!!!! ئانا يۇرتتىن شۇنچە يىراققا ئايرىلىپ بېرىپمۇ 600 يىلدىن كىيىنمۇ يەنىلا ئۇلار <ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم> نى ئۇنۇتماپتۇ، ئېتىقادلىق بىر مىللەتنى ئاسىلماتسىيە قىلىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس، گەرچە كۆزىڭىز كۆرۈۋاتقىنىدىن تەئەججۈپلىنىۋاتقان بولىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن ئۇ سىزنىڭ قېرىنداشلىرىىڭىز،ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەجداتلىرىنى تۇرپاندىن ياكى قومۇلدىن بارغان دەپ قارايدۇ،ئۇلارغا قارىسىڭىز ئۇلار ئاسىلماتسىيە بولمىغان، روھىي يەنىلا ئۇيغۇرنىڭ روھىي!!!
بۇنىڭدىن سىز ئېتىقادنىڭ مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولىشى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئكەنلىكىنى ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ شۇڭا ئېتىقادىڭىزدىن تەۋرەنمەڭ، كىملىكىڭىزنى ئۇنۇتماڭ، پەرزەنتىڭىزنى ئېتىقادلىق قىلىپ تەربىيلىسىڭىز ئەۋلادىڭىزنىڭ كەلگۈسىدىن غەم قىلمايسىز، ھەممىمىز شۇنداق قىلساق مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىن غەم قىلمايمىز!!!
http://www.tudou.com/programs/view/qx-oFIeWIKM/