يەنە بىر ساختا مۆجىزە: «مۇئەللەق تاش»
(ئىنگىلىزچىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلىنغانلىقتىن باغلاشمىغان جايلىرى بولسا تۈزۈتۈپ ئوقۇرسىزلەر)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!!
بىز بۈگۈن سىلەر بىلەن ئاتالمىش"ئاللانىڭ مۆجىزىلىرى"نىڭ نامايەن بولىشى توغرىلىق مۇلاھىزە ئېلىپ بارىمىز.
ئىرۇسالىمدىكى لەيلەپ تۇرىدىغان مۆجىزىۋى مۇئەللەق تاش راستىنلا مەۋجۇتمۇ؟
بۇ توغرىلىق توردا ئېقىپ يۈرگەن ئېلخەت ۋە ئىسلام مۇنبەرلەردىكى تېمىلاردا لەيلەپ تۇرغان تاش توغرىلىق سۈرەتلەرنى كۆرگەندە مەنمۇ دەسلەپتە راستىنلا تەسىرلىنىپ "ئاللاھ!!! كارامەت!!! راستىنلا ئاللانىڭ مۆجىسى..." دىگەن ئىدىم،بىراق كىيىن گۇمانلىنىپ قالدىم، بۇنىڭغا بەلكىم بۇ تاش توغرىلىق بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ھېكايىلەرنىڭ كۆپلىكى ئىسلامى مۇنبەرلەردىكى ھەر خىل ھەر ياڭزا رىۋايەتلەر سەۋەپ بولغان بولىشى مۈمكىن.
گەرچە بۇ رەسىملەرنى ئېلخەت ئارقىلىق تاپشۇرىۋالغانلار ياكى فېيىسبۇك ياكى ئىسلام تور بەتلىرى ياكى ئىسلام مۇنبەرلىرىدىن كۆرگەنلەر تەبىئى ھالدا بۇنى ئاللانىڭ مۆجىزىسى دەپ چۈشۈنۈپ ئىستىقبار ئۇقۇشقان بولسىمۇ لېكىن بۇ رەسىملەر زادى راستمۇ يالغانمۇ ؟ مۇشۇنداق ھادىسلەر ئارقىلىق ئىسلام دىنىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولامدۇ؟... دىگەن سوئاللارنى سورىغانلار قانچىلىك؟
بۇ توردا تارقالغان ئاتالمىش "مۆجىزە تاش"
يۇقارقى ئەرەپچە خەتتە بۇ رەسۇلىللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھۇ ۋەسسەللە مۇشۇ تاشتىن مىراجغا چىققان دىيىلگەن.
بۇ تاشنىڭ ئۈستىدىكى توك سىمىغا دىققەت قىلىڭ !!!
بۇ رەسىم بەلكىم سىزنىڭ ئېلخەت ئادرىسىڭىزغا ياكى فېيىسبۇكتىكى نومۇرىڭىزغا كەلگەن بولىشىمۇ مۇمكىن.چۈنكى بۇ رەسىم مۇسۇلمان ئەللىرىدە ۋە مۇسۇلمانلار بار جايلاردا تور ئارقىلىق ناھايىتى كەڭ تارقىلىپ ئاللانىڭ مۆجىزىسى،پەيغەمبەرنىڭ مىراجغا چىققانلىقىنىڭ دەلىلى دەپ تۇنۇشتۇرۇلغان.
بۇ تاش توغرىلىق ھېكايە كۆپلىگەن ئوخشىمىغان ۋارىيانىتلارغا ئىگە بولۇپ، تۆۋەندىكىلەر بۇ تاش توغرىلىق ئوخشىمىغان ھېكايىلەر:
بىرىنچى ھىكايە:
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدىن بىر كىچىدە بۇراق دەيدىغان قاناتلىق تۇلپارغا مىنىپ ئىرۇسالىمغا كىلىپ ئەقسا مەسچىدىدىن ئەرىشكە چىقماقچى بولغاندا بۇ تاش مەككە مۇكەرەمدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن، كېيىن ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۆز جايىدا تۇرۇپ قالغان.
ئىككىنچى ھىكايە:
ھېكايىنىڭ ئىككىنچى ۋارىيانتىنىڭ باش قىسمى يۇقارقى بىلەن ئوخشاش،بىراق بۇنىڭغا يەنە بۇ تاش پەلەستىندە ئىكەنلىكى ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربى،ساقچىلارنى ئىشقا سېلىپ ئاللانىڭ بۇ مۆجىسىنى مۇسۇلمانلاردىن يۇشۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق قوغداۋاتقانلىقى توغرىلىق ساددىلارچە بايانلار قۇشۇلۇپ تارقالغان.
ئۈچۈنچى ھىكايە:
سۈرەتكە كىرىشتۇرىلىپ تارقالغان بۇ ئۈچۈنچى ھېكايە تېخىمۇ قىزىقارلىق بولۇپ، بۇ تاشنىڭ سەئۇدىنىڭ ھاسسا كەنتىدە ئىكەنلىكى ھەر يىلى بەلگىلىك ۋاقتتا(قاچانلىقى ئېنىق ئەسكەرتىلمىگەن) يەردىن 10سانتا كۆتىرىلىدىغانلىقى ئاندىن يەنە ئولتۇرۇشۇپ كېتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
تۆتىنچى ھېكايە:
بۇ ھېكايىنىڭ مەزمونىدا بۇ تاشنىڭ قىزىل رەڭگىنى چۈشەندۈرگەن يەنە بىر خىلىدا بۇ تاشنىڭ دىنى ئۇرۇش سەۋەبىدىن قان رەڭگىگە ئۆزگەرگەنلىكى بايان قىلىنغان.
بۇ رەسىم مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تارقالغاندىن كېيىن نۇرغۇن مۇسۇلمانلار ئاللا ھۇ ئەكبەر! دىيىشىپ بۇنىڭ مۆجىزە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكەن، بىراق ئەمەلىيەت زادى قانداق؟ بۇ تاش راست مەۋجۇتمۇ؟ مەۋجۇت بولسا ئۇ نىمىنى ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ؟
ئەمەلىيەتتە ئەھۋال تۆۋەندىكىچە:
يەنى بۇ بىر سېپى ئۆزىدىن ئالدامچىلىق بولۇپ، بۇنداق دىيشىنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكىلەردىن بىلەلەيسىز.
1- بۇ تاشنىڭ ئەسلى ئورنىدىكى رەسىم مەندە بار
2-ئىسلام دىنىنىڭ نوپۇزلۇق كىتاپلىرىنىڭ ھىچبىرىدە بۇ تاش تىلغا ئېلىنىپ باقمىغان. تىلغا ئېلىنغان بولسا بىلىدىغانلار ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.
3-رەسىمنىڭ تىخنىكا ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغان رەسىم ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. بۇنى فوتوشۇپ بىلەن بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ.
4-رەسىمدىكى ئۇچۇقچىلىقتا تۇرغان بۇ تاشنىڭ كەينىدە ئائىلىكلەر بىناسى، ئۈستىدە توك سىملىرى،يېنىدا ماشىنا تۇرغىنىغا قارىغاندا بۇ ھەرقانداق دۇنياۋى ئاخپارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققەت ئوبىكتىغا ئايلىنىدۇ دىگەن گەپ، ئۇنداقتا نوپۇزلۇق ئاخپارات ۋاستىلىرىدا ھەتتا ئەرەپ ئەللىرىنىڭ ئاخپارات ۋاستىلىرىدا مەسىلەن، ئەلجەزىرە تىلىكانالىدا نىمىشقا ئېلان قىلىنمايدۇ؟
5-يالغان دىيىشىمىزنىڭ ئاخىرقى سەۋەبى بۇ تاشنىڭ ئەسلى رەسىمىدىن ئىبارەت، بۇ تاش ئەمەلىيەتتە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شەرقى قىسمىدىكى Quba al Shahra دىكى بىر تاغدىكى تاش بولۇپ،يەرگە تېگىپ تۇرىدۇ.
This stone is a part of a mountine in Al-Ahsa (East of Saudi Arabia)..
THE SAME STONE PICTURE WITH DIFFERENT ANGLE…
(taken by the person who live just behind this rock)
The Original picture of the rock is under the golden Dome of the Rock (Quba al Shahra)