saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 4851 قېتىم كۆرۈلدى
adillop
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6549
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 35 سوم
تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 15 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 تېنەپ قالغان مائارىپ روھى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما duttarqi تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-04-01)
تېنەپ قالغان مائارىپ روھى


ئادىل ھاشىم
(لوپ ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئېلېكتىرلەشكەن ئۇقۇتۇش ئىشخانىسىدىن)


      جاھان ئەھلى ئۇقۇتقۇچىنى «ئۇقۇتقۇچى ئىنسان روھىنىڭ ئېنژىنىرلىرى»، «ئۇقۇتقۇچى قاراڭغۇ دىللارنى يۇرۇتقۇچى نۇرلۇق مەشئەل»، «ئۇقۇتقۇچى يۇپۇرماق يەپ يىپەك چىقىرىدىغان پىلە قۇرتىغا ئوخشايدۇ»، «ئۇقۇتقۇچى ئۈزى كۈيۈش بەدىلىگە يۇرۇقلۇق ئاتا قىلغۇچى نۇرلۇق شام» قاتارلىق ناملار بىلەن تەرىپلىشىدۇ. يەنە ئۇلار «ئۇقۇتقۇچى ئۈزىنىڭ بارلىغىنى ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلىشى كېرەك!»، «بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىش ياكى خاراپ بولۇشى مائارىپقا، ئۇقۇتقۇچىلارغا باغلىق.»، «پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ قۇلىدا»، «مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمىدى ئۇقۇتقۇچىلاردا» دەپ مۇئەللىمدىن چوڭ ئۆمىتلەرنى كۆتىشىدۇ. بەرھەق، مائارىپ گۈللەنسە مىللەت روناق تاپىدۇ، مىللەت رۇناق تاپسا دۆلەتمۇ رۇناق تاپىدۇ. مائارىپنىڭ گۈللىنىشى ئوقۇتقۇچىلارغا باغلىق. ئوقۇتقۇچى بولسا مىللەتنىڭ روھى دۇنياسىنى ئىلىم بىلەن يۇرۇتۇپ، نادانلىقتىن قۇتۇلۇشقا شىرنە بەرسە، ئەدەپ ئەخلاق مىزانى بىلەن ئادىمىيلىك دۇنياسىنى زىننەتلەپ، ئىنسان روھىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان مەنىۋى راكلارنى كىسىپ تاشلاپ، ئەقىل چىرىغىنى يۇرۇتۇش يولىدا توختاۋسىز ئىزدىنىۋاتقان تۆھپىكار كىشىلەردۇر.
دۇرۇس، ئۇقۇتقۇچىلىق ئەنە شۇنداق ئۆزگىچە بىلىم ۋە ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان، قىلچە ساختىلىقنى خالىمايدىغان ئۇلۇغۋار بۈيۈك كەسىپ.
مەن كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن شۇنداق ماختاشلار ۋە ئۇلۇغۋار ناملارنى ئاڭلىغىنىمدا مۇشۇ كەسىپنىڭ ئىگىسى بولغىنىمىدىن كۆڭلۈم سۈيۈنۈدۇ. شۇنداق، بىلسەم مەن ھەممىنىڭ قەلبىدىكى مەبۇدە ئىكەنمەن. ئەمما ماختاشلارغا مۇناسىپ ئىش قىلالمىغانلىقىمدىن يۈزۈم كۆيىشىدۇ. نىمىشقا دىسىڭىز ئارزۇلىرىم بەك كۆپ، قىلاي دەپمۇ قىلالمايۋاتقانلىرىم ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ، چۈنكى مەن «ناھايىتىمۇ بىر ئاددى مۇئەللىم».
راستىنى ئېيتسام، مېنىڭمۇ ئىسمى، جىسمىغا لايىق مائارىپچى، ئىنسان روھىنىڭ ئىنجىرى، باشقىلارغا يۇرۇغلۇق بىرىدىغان شام، ۋەتەن مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇدىغان ئۇلۇغ ئادەم بولغۇم بار. ئىنسان بولغانلىقىم ئۈچۈن يەنە ئۆز ئالدىمغا تۇرمۇش يولۇم، ئائىلەم، بالا-ۋاقىلىرىم بار، ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشىراق خەۋەر ئېلىشنى ئويلايمەن، قانغۇدەك ئارام ئېلىشنى، قانۇنلۇق دەم ئېلىش ۋاقتىمنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلىمەن. ئەمما بۇ ئارزۇلىرىم نۆۋىتى كەلگەندە پاسا چۇغىدەك بىردەمدىلا كۈلگە ئايلىنىپ كىتىدۇ. ئامال قانچە؟ چۈنكى مەن پەقەت ئاددىي بىر مۇئەللىم!
مەن ئەۋلىيا ئەمەس ياكى سىھرى كارامەت بىلەن باشقىلارنىڭ تەقدىرىگە تەسىر كۆرسەتكۈچىمۇ ئەمەس. مەنمۇ بىر ئىنسان، ئىنسان بولغانلىقىم ئۈچۈن مىنىڭمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئۆز ئالدىمغا ئارتۇقچىلىقىم ۋە ئاجىزلىقىم بار. ئىنسان بولغانلىقىم ئۈچۈن چەكلىك ئىقتىدارىم، چەكلىك كۈچۈم بار.
مەن مۇئەللىم بولغىنىم ئۈچۈن ھەق سۆزلىشىم كېرەك. ئۇقۇغۇچىلار قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىنى تۆھپەم دەۋالغۇم يوق. ئۇلار مېنىڭ خاسىيتىم بىلەن ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ "تۇغۇلما ئەقلى" ۋە "تەبىئى يىتىلگەن تېرىشچانلىقى" غا تاينىپ ئۈزىنىڭ بۈگۈنىنى ياراتتى. مەن ئۇلارغا نىمە بېرەلىدىم؟ مەن ئۇلارغا پەقەت ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ كېلەچىگى يولىدا ياراملىق ئىز باسارلاردىن بولۇپ چىقىش ئۆمىدىنى بىرەلىدىم. مەندە ئارمانغا چۈشلۇق دەرمان يوق. مەندەك بىر ئاددى ئۇقۇتقۇچىنىڭ يالغۇز تېرىشچانلىغى نىمىنى ئۆزگەرتەلەيتتى؟
مېنىڭ يۈرۇگۇم سىقىلىش، كاللام بېسىم، كۈنلىرىم جىددىچىلىك ئىچىدىلا ئۈتىدۇ. نىمىشقا دېسىڭىز مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىدىن مەكتەپ خىزمەتلىرى، ئۇقۇتۇشنىڭ دائىمى ھالقىلىرىدىكى خىزمەتلەر، ئۇقۇتۇش سۈپىتى قاتارلىق تەكشۈرۈشلەرگە كەلسە شۇنداق خوش بۇلاتتىم. سەۋەبى ئۇلار ئۇقۇتۇش ۋە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ھەقىقى يىتەكچىلىرى. بىزلەرگە ھەق يولنى كۆرسىتىپ، ئەمىلى ئىشلەشنى، ساختىپەزلىكتىن ساقلىنىپ، سەمىمى ئۇقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ، كىيىنكى ئەۋلادلارغا مەسئۇل بۇلۇشنى ئۈگىتىدىغان ئۇستازلار، يىتەكچى رەھبەرلەر؛ قىسمەن بىۋۇگىرات مەكتەپ مۇدىرلىرىدەك چەللىدە ئات چاپتۇرۇپ، مۇز تۈپىسىدىن بۇخۇناق ئۆلىتىپ، ئۆز كۈمىچىگە چوغ تارتمايدۇ دەپ بىلەتتىم. ئەمما بۇ چۈشەنچەمدىنمۇ ئاستا-ئاستا يالتىيىپ، تەكشۈرۈپ يىتەكچىلىك قىلىشقا كەلمىسىكەن دىگەن قاراشقا كىلشكە مەجبۇر بولدۇم. ھازىر ئۇقۇتۇشقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كۈيۈدۇغان مەكتەپ مۇدېرلىرى يوق دىيەرلىك. مانا قاراڭ، ئەۋلادلارنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە تۇمىقىنى ئالدىغا ئېلىپ قۇيۇپ چوڭقۇر ئويلىنىدىغان رەھبەر بارمۇ؟ قايسى بىر رەھبەر ئىسلاھاتتا ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بۇلىۋاتقان مائارىپىمىزنىڭ سىناق بازىسى بۇلۇشتىن، يول ئېچىپ يىڭىلق يارىتىپ، مائارىپىمىزنى ئۆز لىنىيەسىدە ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا سۆز ئاچالايدۇ؟. ئۇلار بۇلارنى ئويلاش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەمەتنىڭ بوكىنى سەمەتكە كەيدۈرۈپ، خارەتنى مۇزدۇز، تۈمۈرچىنى قاسساپ قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان يەردە، باشقا تەرەپلەردىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟ بەزى مەكتەپ مۇدېرلىرى مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىدىن تەكشۈرۈپ يىتەكچىلىك قىلىشقا كەلگەنلەرگىمۇ ئات تۈپىسىدە گۈل كۆرسىتىپ، كۆز بۇيامچىلىق قىلىپ تەكشۈرۈشتە ياخشى بۇلۇشقا ئۇرۇنۇپ قوللانمىغان ۋاستىلىرى قالمايدۇ. چۈنكى ئوغرىنىڭ يۈرىگى پوك-پوك دىگەندەك، مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى ئاجىزلىغىنى ئۈزى بىلىدۇ. بۇنىڭغا بىر ئەمىلى مىسال كەلتۈرەي. يېقىندا ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى ئۇقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى كۈچ تەشكىللەپ ۋىلايەت بۇيىچە ئۇقۇتۇشنى تەكشۈرۈپ يىتەكچىلىك قىلدى، بۇ ناھايىتى ياخشى تەشكىللەنگەن بىر قېتىملىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، يىتەكلەپ ئۆلگە كۆرسىتىش پائالىيىتى بۇلۇپ، مەخسەت مەكتەپ رەھبەرلىرى ئۆزى بايقىيالمىغان مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ تۈزىتىشكە يىتەكلەش ئىدى. تەكشۈرۈشتە مەلۇم بىر نوقتىلىق مەكتەپنىڭ خىزمەتلىرىدىكى ئاجىزلىقلارنى مىسال بىلەن كۆرسىتىپ «مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ يىتەكچىلىگى ياخشى بولمىغان، مەكتەپ ئىلمى بۆلىمى ئۆز رۇلىنى ياخشى جارى قىلدۇرمىغان، ئۇقۇتۇش پىلانلىرى مۇكەممەل ئەمەس، ئۇقۇتۇشنى باشقۇرۇش ياخشى بولمىغان، ئۇقۇتۇشنىڭ ئىچكى قاتلىمىغا چوڭقۇر چۆكمىگەن، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمىتىگە باھا بىرىش رىسالىسى ئۆلچەمسىز، ئىشنى ئاز قىلغانلار ياخشى باھالىنىپ، ئىشنى كۆپ قىلغانلار نۇرغۇن يەردىن بۇغۇزلىنىدىغان تۈزۈلگەن» دىگەندەك بىر تالاي مەسىلەرنى ئوتۇرغا قۇيۇپ تۈزىتىشكە بۇيرۇپ قايىتقان ئىدى. يۇقاردا كۆرسىتىلگەن مەسىلىلەرنىڭ كىم ئۈستىدە بۇلىۋاتقانلىغىنى ئەقلى بار ئادەمنىڭ ھەممىسى چۈشىنەلەيدۇ. ئەمما مەكتەپ رەھبەرلىرى ئۆزلىرىدىن تېپىلغان مەسىلەرنى ئۆزىدىن ئىزدەپ كۆرۈش، تۈزىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، تىغ ئۇچچىنى يەنىلا ئۇقۇتقۇچىلارغا قارىتىپ ئۇلارنى خاتىرە بۇياتقۇزۇپ، دەم ئېلىش كۈنىدىمۇ ئىشقا سالغان. ئۇقۇتقۇچىلار پىكىر قىلسا ئەمەل تاجىنى خاتا كىيىۋالغان بەگزادە، خانىشلارنىڭ ئۆچ ئېلىشىغا، تىل ھاقارىتىگە ئۇچرىغان. مەكتەپ رەھبەرلىرى مۇشۇنداق پۇزىتسىيەدە بۇلىۋاتقان يەردە، مەندەك بىر ئاددى مۇئەللىمنىڭ قۇلىدىن نىمە كېلەتتى؟ جاۋابىم شۇكى: «مەن ئاددى مۇئەللىم».
مائارىپقا ھەقىقى ئەھمىيەت بېرىلگەن زامانلاردا ئەڭ ياخشى ئۇقۇغانلار بىرىنچى تۈركۈمدە پىداگوگىكا مەكتەپلىرىگە قۇبۇل قىلىناتتى، ھەر چوڭ ئەمەلدارلارمۇ پەرزەنىتلىرىنى پىداگوگىكا مەكتەپلىرىگە قۇبۇل قىلدۇرالماي ئاۋارە ئىدى. تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر سىنىپتا ئۇقۇغان بىر ساۋاقدىشىم بۇلىدىغان، دەرىستە شۇنداق ياخشى، دادىسىمۇ خېلى چوڭ ئەمەلدار ئىدى، ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا نەتىجىسى ئەڭ يۇقۇرى بۇلۇپ، ھەممىمىزنى ھەيران قالدۇرغان، ئەپسۇس دوختۇرلۇق تەكشۈرگەندە تىلى راۋان ئەمەس دەپ يېزىپ قۇيۇلغانلىق سەۋەبىدىن پىداگوگىكا مەكتىپىدىن ئەمەس دوختۇرلۇق كەسپىدىن چاقىرىق كەلگەندە، ئۇ ساۋاقدىشىم ھۆڭرەپ يىغلاپ چاقىرىقنى يېرتىۋەركىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە. ھازىر كىتاپ ئۇقۇيالايدىغان، بور تۇتالايدىغان، گەپ قىلالايدىغانلىكى ئادەم بولسا قۇچىغى كەڭ مائارىپ ئۇلارنىڭ بۈشىگىگە ئايلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار سىنىپتىكى ئۇقۇغۇچىلارنى قاچۇرىۋەتمىسىلا مۇئەللىم شەرىپىگە مۇيەسسەر بۇلۇپ ئۈتىۋاتىدۇ. مەكتەپلەرگە رەھبەر تەيىنلەشكە توغرا كەلسە ئەڭ ياخشى ئۇقۇتقۇچىلار ئىچىدىن پىشىپ يىتىلگەنلەر تاللاپ يىتەكلەشتىن كىيىن، مەكتەپ ئىلمى مۇدېرلىقىغا تەيىنلىنەتتى، ئىلمى مۇدېرلاردىن پىشىپ يىتىلگەنلىرى مەكتەپ مۇدېرلىقىغا تەيىنلىنەتتى، ئۇلار ھەقىقى پىشقان پىداگوكلار ۋە مائارىپچىلاردىن ئىدى. ئۇقۇش تارىخى بىلەن سەۋىيىسى، باشقۇرۇش سەۋىيىسى بىلەن ئىش ئۈنۈمى ئوڭ تاناسىپ كېلەتتى. ھازىرچۇ؟ بەزى گەپلەرنى دىيىشكە تىلى بارمايدۇ، ئادەمنىڭ. نىمىشقا دىسىڭىز مائارىپ ئېغىزدا ھەممىدىن ئۇلۇغ، ھەممىدىن مۇھىم كەسىپ دەپ تەرىپلىنىدۇ يۇ، ئەمما بەزى جايلاردا پىداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئالدىدىنمۇ ئۈتۈپ باقمىغان، ئۇقۇغان كەسپى ۋە ئۇقۇش تارىخنىڭ تايىنى بولمىغان، سەۋىيىسى ۋە كەسپى ئالاھىدىلىگى مائارىپقا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلار، ھەتتا بەزى جايلاردا يېزا ئىگىلىگى، زاۋۇت، كان-كارخانىلاردىن كەلگەنلەر مائارىپ باشقۇرۇشقا قۇيۇلىۋاتسا؛ كەسىپ ئەھلى بولمىغانلار كەسىپ ئەھلىلىرىگە يىتەكچىلىك قىلىۋاتسا؛ سەۋىيەسىز، ئۇقۇش تارىخى تۈۋەنلەر سەۋىيەلىك، ئۇقۇش تارىخى يۇقۇرى بولغانلارغا باش بۇلۇۋاتسا؛ مائارىپنى ئۆز قانۇنىيىتى بۇيىچە باشقۇرماي، يۇقۇرى ئالدىدا ئۈزىنى كۆرسىتىشكە، يۇقۇرىغا يامىشىشقا ئالدىراپ ئوبراز قۇرلۇشى ئېلىپ بېرىۋاتسا، مائارىپنىڭ ئادەم ئىشلىتىش رېتىمىمۇ بۇزۇلۇپ، رېلىستىن چىقىپ كېتىۋاتسا رەھبەرلىك سەنئىتى، مائارىپ باشقۇرۇش تەجرىبىسى ۋە سۈپەتتىن، ياراملىق ئىز باسارلارنى تەربىيەلەشتن سۆز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟ جاۋابىم شۇكى: « مەن ئاددى مۇئەللىم».
مىنىڭ يۈرۇگۇم سىقىلىش، كاللام بېسىم، كۈنلىرىم جىددىچىلىك ئىچىدىلا ئۈتىدۇ. نىمىشقا دېسىڭىز مەن بەزىدە ئۈزەمنى مۇئەللىم ئەمەس بەلكى بالا باققۇچىدەك ھېس قىلىپ قالىمەن. تاڭ يۇرىشىغا مەكتەپكە يۈگۈرۈرىمەن، ھېلى ئۇ باشلىق، ھېلى بۇ باشلىق تەكشۈرۈشكە كىلىدۇ دەپ يىڭىدىن دەرىس، ئۇيۇن لاھىيەلەش بىلەن ئالدىراش يۈرگەننى ئاز دەپ، تازىلىق قىلمىساق تېخى، ھەر بىر ئۇقۇغۇچىنىڭ كىيىنىشىدىن تارتىپ، كۈزىنىڭ چاپىغىغىچە تۈزەشتۈرمىسەك تېخى، مۇشۇنداق ئالدىراشلىق ئىچىدە كۈننىڭ كەچ بولغىنىنى بىلەلمەي ئۇقۇغۇچىلارنى خاتىرجەم يولغا سېلىۋېتىپ، يەنە تېخى مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ تىل ھاقارەتلىرى بولسا ئاڭلاپ بۇلۇپ قايتىدىغان گەپ. ھارغىنلىقتا ئۆيگە كىلىپ ئەمدى ئارام ئالايمىكىن دەپ تۇرۇشۇمغا بىرەر ئۇقۇغۇچى يولدا ئويناپ ئۆيىگە بارمىغان بولسا، ئاتا-ئانىسىنىڭ تەددە بىلەن ئۇرغان تېلىفۇنىنىڭ جىددىلەشتۈرىشى بىلەن يەنە ئۇقۇغۇچى ئىزدەپ پاتپاراق بۇلۇپ يۇگۈرىدىغان گەپ، مۇشۇنداق تۇرسا ئارام ئېلىش مۇمكىنمۇ؟ جاۋابىم شۇكى: « مەن ئاددى مۇئەللىم».
مېنىڭ يۈرۇگۇم سىقىلىش، كاللام بېسىم، كۈنلىرىم جىددىچىلىك ئىچىدىلا ئۈتىدۇ. نىمىشقا دىسىڭىز مەن بەزىدە ئۈزەمنى مۇئەللىم ئەمەس بەلكى ساقچى قاراۋۇللاردەك ھېس قىلىپ قالىمەن. ئۇقۇغۇچىلىرىمنى، مەكتىۋىمدىكى ئەسلىھەلەرنى ئاسراشنى نورمالنى ئىش، ئۆز بۇرچۇم دەپ بىلەتتىم. ئەمما يېقىندا مائارىپچىلار مەسچىتلەرگە قاراۋۇللۇق قىلغاننى ئاز دەپ ئائىلىلەرگىچە ھۆددىگە ئېلىپ قاراۋۇللۇق قىلىدىغان بۇلۇپ كەتتۇق، ھەر بىرىمىز ئوننەچچىدىن ئائىلىنى ھۆددىگە ئېلىپ، بۇ ئائىلىلەردىن ھەر قانداق چاتاق چىقسا مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئالىدىغان بۇلۇشتۇق. تېخى ئۇزاق يوللارنى بېسىپ ئۇلارنى دائىم يوقلاپ، ئەھۋال ئىگەللەپ تۇرۇش كېرەك. ئارقىمىزدىن بىزنىڭ بارغان- بارمىغانلىقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈشكە ئادەم تەييار. بارمىساق جازامۇ تەييار. قولىمىزدا قېلىن دەپتەر، ئائىلە ئەزالىرىنى بىرمۇ-بىر تىزىملاش كېرەك. ئەڭ ئاددىسى ئەرلىرىنىڭ ساقىلى بارمۇ-يوق؟ ئاياللىرى ياغلىق ئارتامدۇ؟ نەچچە چىشى بار؟ ئۆيىدە بارمۇ-يوق، بولمىسا نەگە، نىمىشكە كەتتى؟ دېگەنلەردىن تارتىپ نۇرغۇن مەزمۇنلارنى يازىمىز. بۇندىن باشقا ئۈزىمىزنىڭ ئالاقىلىشىش كارتىسىنى ئىشلەپ ئىشىكلەرگىچە چاپلايمىز. ئۇقۇپ كۆرسىڭىز ھەقىقەتەن بەكمۇ تەسىرلىك: «قانداق قىيىچىلىققا يۇلۇقسىڭىز مىنى ئىزدەڭ!...»دەپ باشلانغان بۇ ئالاقىلىشىش كارتىسىغا ئىسم فامىلە، خىزمەت ئورنى، تېلىفۇن قاتارلق ئۇچۇرلىرىمىز تەپسىلى قالدۇرۇلغان. ئادەمدە ھاجەت دېگەن ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى ئەدەمسىمان نادانلار ئىشىكىگە چاپلانغان بۇ ئالاقىلىشىش كارتىسىنىڭ رۇلىدىن ئەكسىچە پايدىلىنىپ، ئادەمنى ئاۋارە قىلىدىغان ئىشلارمۇ كۆرۈلۈپ تۇردى. مېسال قىلسام، مەلۇم يېزا مەلۇم كەنتىدىن بىر ئازغۇن بەدبەخ ئالاقىلىشىش كارتىسىغا يېزىلغىنى بۇيىچە ئايال ئۇقۇتقۇچىغا كىچىدە تېلفۇن قىلىپ: «مەن قىيىنچىلىققا يۇلۇقتۇم.» دەپتۇ. ئۇقۇتقۇچى: «سىز كىم؟» دەپ سورىغاندا، قارشى تەرەپ: «مەن سىزنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇبۇكتىڭىز، ئالاقىلىشىش كارتىسىدا قانداق قىيىنچىلىق بولسا مىنى ئىزدەڭ دەپ يېزىلغان بولغاچقا، قىيىنچىلىققا يۇلۇقۇپ سىزگە تېلفۇن قىلدىم.» دەپتۇ. بۇ ئۇقۇتقۇچى يەنە سەمىمىلىك بىلەن: «نىمە قىيىنچىلققا يۇلۇقتىڭىز؟» دەپ سورغاندا، قارشى تەرەپ: «ماڭا ھەمرا بۇلىدىغان ئايال يوق، يالغۇزلۇق قىيىنچىلىقىغا يۇلۇقتۇم، كېلىپ مىنىڭ قىيىنچىلىغىمنى ھەل قىلىپ قۇيۇڭ.» دىگەندەك بىمەنە، تېتىقسىز گەپلەرنى قىلغان. مۇشۇ سەۋەپلىك بەزى ئايال ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدە جىدەل قۇرۇمىغان. بۇنىڭغا ئوخشاش ياندالما خىزمەتلەر ئۈزىمىزنىڭ نورمالنى خىزمەتلىرىمىزدىنمۇ چىڭ، بەزىدە دەرىسنىمۇ تاشلاپ قۇيۇپ ماڭماي ئامال يوق، يەنە بەزىدە دەم ئېلىش ۋاقتى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئىشلەيدىغان گەپ. مائارىپ خىزمىتىنى باشقا خىزمەتلەرگە سېلىشتۇرۇش قەتئى مۇمكىن ئەمەس. مائارىپنىڭ ئۆز ئالدىغا قانۇنىيىتى بار، قانۇنىمۇ ھەم بار، ئۇقۇتقۇچىلىق خىزمىتىمۇ ھەم شۇنداق. بۇرۇن بىر سائەت ئەمەس، بىر مىنۇتمۇ دەرىس قالدۇرۇشقا بولمايتتى. بىر سائەت دەرىس قالدۇرۇش چوڭ جىنايەت ھىساپلىنىپ، شۇ ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئۈنۋان باھالاش، ئىش ھەققىنى تەڭشەش قاتارلىق ئىشلارغىچە تەسىر قىلدۇرۇلاتتى. قىسقىسى مائارىپ قانۇنى ۋە ئۇقۇتقۇچىلار قانۇنى ئېلان قىلىنىش ئالدىدا مائارىپ ۋە ئۇقۇتقۇچىلار بەكمۇ قەدىرلىك ئىدى، ئۇقۇتقۇچىلارمۇ بەكمۇ مەسئۇلىيەتچان بۇلۇپ ئۆز كەسپىنى قەدىرلەيىتتى. ئەمما قانۇنىمىز ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن بىزنىڭ ئورنىمىز بارغانچە تۈۋەنلەپ، باشقا ساھەدىكىلەرنىڭ قول چۇماقچىلىرىدەك كۈنگە قېلىۋاتساق، مەن يەنە نىمە دىيەلەيىتتىم؟ جاۋابىم شۇكى: « مەن ئاددى مۇئەللىم».
مىنىڭ يۈرۇگۇم سىقىلىش، كاللام بېسىم، كۈنلىرىم جىددىچىلىك ئىچىدىلا ئۈتىدۇ. مەن بەزىدە ئۈزەمنى مۇئەللىم ئەمەس بەلكى سېستىرادەك ھېس قىلىپ قالىمەن. نىمىشقا دىسىڭىز يۇقۇملۇق كىسەل تارقالغان مەزگىللەردە كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرى بىزگە ئېرىنمەي نۇرغۇن ساۋادلارنى ئۆگىتىدۇ. سىنىپ ئىشخانىلىرىمىزنى كۈندە دىگۈدەك دېزىنپىكسىيە قىلىمىز. ئۇقۇغۇچىلارنى دەرۋازىدىن كىرگۈزۈشتىن بۇرۇن تىمپىراتۇرىسىنى ئۆلچەيمىز، چىراي ئىپادىسىغا قارايمىز. ئۇقۇغۇچىلاردا ئۆگەنگەن سەھىيە بىلىمىمىزدىن ھالقىغان بىرەر غەيرى ئەھۋال بايقالسا دەرھال دوختۇرخانىغا يۈگىرەيمىز. ئۇندىن باشقا ئۇقۇغۇچىلارغا ساغلاملىق بىلىملىرى توغرىسىدا تەربىيە ئېلىپ بارىمىز، ئۇزۇقلۇققا دىققەت قىلىش، پاكىزىلىققا ئەھمىيەت بىرىش، تازىلىقنى سۈيۈش، مەدەنى بۇلۇش قاتارلىق ئەھمىيەتلىك تەربىيەلەر كۈندىلىك ئادەتكە سىڭىپ كەتكەن. شۇنداق ئۇششاق چۈشەك ئىشلار دۆۋىسىدە ئۇقۇتۇشقا يەنە قانچىلىك كۈڭۈل بۈلەلەيىتتىم؟ ئۇقۇتۇش بىر لوق گۆش، ئۇنى شىلىپ دەرىس ئۈتۈش ۋاقتىنى تۈرلۈك مەمۇرى سېلىقلارغا بېرىۋاتقان تۇرسا، ئۇقۇتۇش ۋەزىپىسىنى تۇلۇق ئادا قىلالايىتتىممۇ؟ جاۋابىم شۇكى: «مەن ئاددى مۇئەللىم».
مىنىڭ يۈرۇگۇم سىقىلىش، كاللام بېسىم، كۈنلىرىم جىددىچىلىك ئىچىدىلا ئۈتىدۇ. مەن بەزىدە ئۈزەمنى مۇئەللىم ئەمەس بەلكى سەنئەتچىلەردەك ھېس قىلىپ قالىمەن. نىمىشقا دېسىڭىز يىڭى يىل بايرىمى، ئاياللار بايرىمى، ياشلار بايرىمى، بالىلار بايرىمى، پارتىيە بايرىمى، ئارمىيە بايرىمى، دۆلەت بايرىمى دېگەندەك بايراملار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى قاتارلىشىپ كېلىدۇ. بۇنداق بايراملاردا ئۇقۇتقۇچىلار ناخشا-ئۇسۇلچىغا ئايلىنىپ، ھەپتە ئايلاپ، سەنئەت نومۇرلىرى تەييارلاش كېرەك، يەنە تېخى يۈز كۈنلۈك مەيدان مەدەنىيىتى پائالىيىتىدىمۇ ئارتىست بولىدىغان گەپ. بىزنىڭ ئۇقۇتقۇچىلار بايرىمىنى كىم تەبېرىكلەپتۇ؟ تىللاردا ئۇلۇق تەرىپلىنىدىغان بايرىمىمىزنى خۇددى ئۆزى ياققان ناننى ئۆزى ماختاپ يىگەن ناۋايدەك، ئۈزىمىزگە ئۈزىمىز ئۇسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ ئۆتكۈزۈمىز. ئۇنىڭدىن سىرت تۈرلۈك نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى بىزنى كۆتۈپ تۇرۇدۇ. نۇرغۇن ئۇقۇغۇچىلار ئايلاپ دەرىس تاشلاپ مەشىق قىلىش بەدىلىگە، نەتىجە ئالماي مەكتەپكە كىرىش مۇمكىنمۇ؟ بۇنداق ئەھۋالدا يەنە سۈپەتتىن، ئۇقۇتقۇچىلارنى ئىززەتلەشتىن سۆز ئاچالامدىم؟ مەن يەنە نىمە دىيەلەيىتتىم؟ جاۋابىم شۇكى: «مەن ئاددى مۇئەللىم».
مىنىڭ يۈرۇگۇم سىقىلىش، كاللام بېسىم، كۈنلىرىم جىددىچىلىك ئىچىدىلا ئۈتىدۇ. مەن بەزىدە ئۈزەمنى مۇئەللىم ئەمەس بەلكى يازغۇچى، كاتىپلاردەك ھېس قىلىپ قالىمەن. نىمىشقا دىسىڭىز تۈرلۈك دەرىس تەييارلىقلىرى، كالىندار پىلانلىرى، يىتەكلەش پىلانلىرى، كۈرژۇك پائالىيەت خاتىرىلىرى، تەجرىبىلىك ئۇقۇتۇش پىلانى، ئىشلىتىش خاتىرىلىرى، تاپشۇرۇق پىلانى، سۈپەت تەھلىل خاتىرىسى، ئىككى ئاساسەن ئارخىپلىرى، ئەخلاق تەربىيەدە ئۆلچەمگە يىتىش ئارخىپلىرى، قوش تىل ئۇقۇتۇش پىلانى قاتارلىق بىر تالاي دەستۇرلارنى تولدۇرۇشۇم كېرەك. بۇنىغۇ ئۆزىمىزنىڭ ۋەزىيپىسى دەيلى، ئۆ ئىشىمىزنى قىلىپ بۇلالماي بېشىمىز ئوت بۇلۇپ تۇرسا، يەنە تۈرلۈك ئۈگۈنۈشلەردىن مانچە بەت، مانچە مىڭ خەت دىگەن ئۆلچەمدە خاتىرە، تەسىرات، سۆز قىلىش تىزىسى، ئانالىز ماتىرىيالى، تۈزۈتۈش تەدبىرى يېزىش قاتارلىق ئىشلارنى يىللارنى يىللارغا ئۇلاپ يېزىش كېرەك. مەن مۇنداق چاغلاردا ئۈزۈمنى يازغۇچى، كاتىپلاردەك پەخىرلىنەرلىك ھىس قىلساممۇ، ئەمما ئاللىقاچان مېنى ھارغىنلىق ئۆز قاينىمىغا ئالغان، نۇرغۇن كەسپىي ئىشلىرىم كەينىمگە تاشلىنىپ، «ئەمدى مېنى قانداق قىلىسەن؟» دەپ ماڭا سوراق نەزىرىدە قاراۋاتقان. ھالىمدىن كېتىپ يېقىلاي دەپ قالغاندا دۇختۇرخانىلارغا يۈگۈرسەم، دۇختۇرلارنىڭ: «ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە سۆڭەك ئۆسمىسى، يۇشۇرۇن كاناي ياللۇغى بار» دىيىشىلىرى؛ ئانامنىڭ بولسا: «ئاياللارغا ئۇقۇتقۇچىلىق بەك ئېغىر كىلىدىكەن» دىيىشى، ئەرلەرنىڭ: «خانىم ئالغانغا توي، خانىم دىگەن باشقىلارنىڭ بالىلىرىنى باققۇچىلاركەن.» دىيىشلىرى، جەمىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ: «سىز مۇئەللىممۇ؟ مۇئەللىم دىگەن بەك نامرات، شۇڭا بىر نەرسە سېتىۋالسا باھا تالىشىپ ئادەمنى بەك ئاۋارە قىلىدۇ، زىغىرغا رەندە سېلىپ، ساماننى يېرىپ قالايدۇ. بىر تۇخۇمنىڭ ئېقىدا بىرقېتىم، سېرىغىدا بىر قېتىم تاماق ئىتىپ يەيدۇ» دىگەندەك سېسىق گەپلەر مىنىڭ ئىلھام نەپەسلىرىمنى بۇغۇپ، تەپەككۇرىمنى قاراڭغۇلاشتۇرۇپ قۇيىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا مەن يەنە نىمە دىيەلەيىتتىم؟ جاۋابىم شۇكى: «مەن ئاددى مۇئەللىم».
مىنىڭ يۈرۇگۇم سىقىلىش، كاللام بېسىم، كۈنلىرىم جىددىچىلىك ئىچىدىلا ئۈتىدۇ. مەن جىسمانى جەھەتتىنمۇ، روھى جەھەتتىنمۇ ھارغىن مۇئەللىم، نىمشقا دىسىڭىز، بىر ماۋسۇملۇق ئالدىراش خىزمەتلەرنى تۈگۈتۈپ ھالىمىزدىن كىتەي دەپ تۇرغاندا، تەتىلىگە ئولىشىمەن، تەتىلىدە ئارام ئالىدىغان بولدۇم دەپ ئۈزۈمچە خۇشاللىنىپ تۇرسام يەنە تالاي ئىشلار گەدىنىمگە يۈكلىنىدۇ. ھەر بىر ئۇقۇغۇچىنىڭ ئۈيىگە بىر بىرلەپ قاترىشىم، ئۇنىڭ تەتىلىدە نىمىش قىلىۋاتقانلىغىنى ئىگەللەپ، مەكتەپكە دوكلاد قىلىپ تۇرىشىم كىرەك. بىرەر ئۇقۇغۇچى سۇ، ئوت ياكى قاتناش ھادىسىسى تۈپەيلى قازايى- قەدەرگە ئۇچۇرسۇنچۇ؟ جازاغا خام كىكىرىپ كەتمىگىنىمنى كۈرۈڭ. جەمىيەتتە بىرەر بۇزۇق ئۇنسۇرلار چاتاق چىقارسا، تەتىلەمنى ئۈگۈنۈش قىلىشقا دوغا تىكىمەن. يەنە كىچە كۈندۈزلەپ يىگىرمە تۆت سائەت نۆۋەت بىلەن گۈزەتتە تۇرۇشىم كىرەك. بىرەر تەكشۈرگۈچىلەر تەكشۈرگەندە مىنىڭ تاماق يىگىلى كىتىشىم، تەرەتخانىغا بېرىشىم ھېچنىمىگە ھىساپ ئەمەس، ئىش ئورنىدا تۇرمىغان بۇلىمەن دە، يەنە مۇئاشىمنى ھەسسىلەپ جېرىمانە تۈلىمەكتىن باشقا ئامال بارمۇ؟ جاۋابىم شۇكى: «مەن ئاددى مۇئەللىم».
مىنىڭ يۈرۇگۇم سىقىلىش، كاللام بېسىم، كۈنلىرىم جىددىچىلىك ئىچىدىلا ئۈتىدۇ. مەن كىسەل بۇلۇپ قالسام، داۋالانسام بولمايدىغان تۈمۈر ئادەم. نىمىشقا دىسىڭىز، مەيلى رۇخسەت ئالاي، كىسەل بۇلاي ماۋسۇم بېشىدا يۈكلەنگەن ۋەزىپىلەر گەدىنىمدىن ساقىت بولمايدۇ. ئېغىر كىسەل بۇلۇپ دوختۇرخانىلاردا يېتىشقا توغرا كەلسە ئاۋۋال بىر تالاي رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ، نۇرغۇن ئۆتكەللەردىن ئۈتۈپ ئۈزۈمنىڭ ھەقىقەتەن كىسەللىگىمنى ئىسپاتلىشىم، ئاندىن بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىدا يېتىپ، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ساقىيىشىم كېرەك. كىسىلىم ساقايماي ئۇزىراپ كەتسە، نىمە بۇلشىمدىن قەتئى نەزەر خىزمەتكە قايتىشىم كېرەك. ئۇنداق بولمىسا مۇئاشىمنى يەنە دوغا تىكىشكە توغرا كىلىدۇ. بۇنىڭغا نىمە ئامال؟ جاۋابىم شۇكى: «مەن ئاددى مۇئەللىم».
مىنىڭ يۈرۇگۇم سىقىلىش، كاللام بېسىم، كۈنلىرىم جىددىچىلىك ئىچىدىلا ئۈتىدۇ. نىمىشقا دىسىڭىز، ئۆز ئارزۇيۇم بۇيىچە ئىش قىلالمايمەن. ئاددىسى مەن چۇقۇم يۇقۇرىدىن بەلگىلەپ بەرگەن نەچچە يۈز يۈئەنلىك گېزىت ژورناللارغا مەجبۇرى مۇشتېرى بۇلىشىم كېرەككى، بۇ پۇلنىڭ يېرىمىغا بولسىمۇ ئۈزەم ياخشى كۈرىدىغان، كەسپىمگە پايدىلىق بولغان ماتىرىياللارغا مۇشتىرى بۇلۇشقا ئالمىشىشقا يول يوق. ئۈزەم ياخشى كۈرىدىغان، كەسپىمگە پايدىلىق بولغان ماتىرىياللارغا مەجبۇرى مۇشتىرى پۇل سوممىسىنىڭ نەچچە ھەسسىگە تەڭ كىلىدىغان قىممەتتە مۇشېرى بولساممۇ بىكار، ئاخىرى ئىقتىسادى سەۋەپتىن ئارزۇيۇمنى كۈپۈككە ئايلاندۇرۇشقا مەجبۇر بۇلىمەن. مەجبۇرىلاپ نەچچە يۈز سوملۇق ماتىرىياللارغا مۇشتىرى بۇلىمەنۇ، بۇ ماتىرىياللارنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى بولمىغاچقا ئەخلەت دۆۋىسىدىن ئۇرۇن بېرىشتىن باشقا نىمە ئامال؟ جاۋابىم شۇكى: «مەن ئاددى مۇئەللىم».
مىنىڭ يۈرۇگۇم سىقىلىش، كاللام بېسىم، كۈنلىرىم جىددىچىلىك ئىچىدىلا ئۈتىدۇ. مەن باي باياشاتلىققا تولغان جەمىئيەتتە قەرىزگە بۇغۇلغان بىر ئاددى مۇئەللىممەن. مەن بىر سىۋەت مىۋە ساتمايمەن، بىر تىلىم قوغۇن ساتمايمەن، كىيم-كېچەك، يىمەك ئىچمەك تاللا دۇكىنىممۇ يوق. مىنىڭ بازىرىم مەكتەپ، مىنىڭ خېرىدارىم ئۇقۇغۇچى، مىنىڭ ساتىدىغىنىم كىتاۋى گەپ، كىتاۋى بىلىم. خېرىدار چىقسا مەكتەپتە تۇرۇپ ساتىمەن، خېرىدارى چىقمىسا يىغىپ ئەكىلىپ مەجبۇرى ساتىمەن. شۇڭا بازىرىم سودا بازىرىدەك مول ئەمەس، ئەمما مۇئەللىمگە مۇناسىپ ئىش قىلاي دەپ، ئۆزگىلەرنىڭ پەرزەنىتلىرىنى ئۈزۈمنىڭ بالىسىدەك سۆيۈپ، ئۇلارغا ۋاقتىم، زېھنىم، ئەقىدەم، ئۈمۈدۈم ۋە بارلىغىمنى تەقدىم ئەتتىم، خالىسا ئانچە مۇنچە رەخمەت، خالىمىسا ھېچنىمە؟ ئالغىنىم ئازغىنە ئىش ھەققى. يەنە ئۆز پەرزەنتىمنى ئالى مەكتەپكە يولغا سالدىم، ئەمما ماڭا ئېتىۋار بارمۇ؟ مىنىڭ ياردەم پۇلىغا شەرتىم توشامتى؟ ھەممىدە ئۆز كۈچۈمگە تايىنىشىم كىرەك، شۇڭا مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇرى سوممىلىق ئۇقۇش راسخۇدىنى تۈلەيمەن دەپ، بانكىغا قەرىزگە بۇغۇلغىنىم راست. ئولتۇراق ئۆي ئۈچۈن قەرىز ئېلىپ قەرىزدار بولغىنىم راست، خىزمەتكە كىچىكمەي ۋاقتىدا باراي دەپ موتسىكىلىت، ماشىننىغا قەرىز ئالغىنىم راست. مەن ئۇلۇغ مۇئەللىم، ئەمما ئىقتىسادتا گاداي، بانكىدا پۇلى يوق سۈپىرىسى قۇرۇق مۇئەللىممەن. شۇنداق تۇرسام كىشىلەر مىنى ھېلىقىدەك سېسىق گەپلەر بىلەن مەسخىرە قىلماي نىمە قىلسۇن؟ جاۋابىم شۇكى: «مەن ئاددى مۇئەللىم».
مىنىڭ يۈرۇگۇم سىقىلىش، كاللام بېسىم، كۈنلىرىم جىددىچىلىك ئىچىدىلا ئۈتىدۇ. نېمىشقا دېسىڭىز، مەن ئۇقۇغۇچىلارغا ئادەم بۇلۇشنى، توغرا يولدا مېڭىشنى، ھالال ياشاشنى ئۈگىتىمەن. ھازىرغىچە بىرەر بالىنى يامان يولغا باشلىغىنىمنى بىلمەيمەن. ئەمما ئادەم جانلىق نەرسە. جەمىئيەتتە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيسىنى غىدىقلايدىغان تورخانا، ئۇيۇنچۇق زاللىرى، قىمارخانىلار ھەدەپ قۇرۇلۇۋاتسا، تۈرلۈك ئالدامچىلىق ۋاستىلىرى بىلەن بالىلارنى جەلىپ قىلىۋاتسا، ھەممىسىنىڭ ئىگىسى، باشقۇرۇدىغان تارمىقى تۇرسا، باشقىلار ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ياخشى ئادا قىلماي بەزى ئۇقۇغۇچىلار مەكتەپتىن چىقىپلا تورخانىغا، ئۇيۇنچۇق زاللىرىغا قاتراۋاتسا، قىسمەن ئۇقۇغۇچىلار كۇچىغا چىقىپ قالغان ئەسكى-تۈسكى ئادەملەر بىلەن ئارلىشىپ يۈرسە، ھەرخىل يامان ئىللەتلەرنى يۇقتۇرۇپ، ئۇقۇغۇچىغا ماس كەلمەيدىغان يۇسۇندا غەلىتە كىيىنىپ، لۈكچەكلەردەك يۈرسە، ھەرخىل لۈكچەكلىك قۇراللىرىنى كۈتۈرۈپ يۈرۈپ توپلىشىپ جىدەل ماجرا چىقىرىۋاتسا، ئائىلىدە ئاتا-ئانلار، جەمىيەتتە قانۇن تارماقلىرى ئوبدان باشقۇرالمايۋاتسا، بىزنى تەربىيە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلمىغان، تەربىيە خاتىرىسى مۇكەممەل يېزىلمىغان دەپ جاۋاپكارلىققا تارتىۋاتسا،... بولدى بەس. مەن ئەنە شۇنداق جاپاغا يېقىن، ھالاۋەتتىن يىراق؛ جازاغا يېقىن، مۇكاتتىن يىراق؛ ھاقارەتكە يېقىن، تاپاۋەتتىن يىراق «ئاددى مۇئەللىم».
مىنىڭ يۈرۇگۇم سىقىلىش، كاللام بېسىم، كۈنلىرىم جىددىچىلىك ئىچىدىلا ئۈتىدۇ. نىمىشقا؟ زادى نىمىشقا؟ مائارىپىنىڭ قانۇنىيەت چاقى كالاڭشىپ قامىغىدى دەپ ئەنسىرەپلا يۈرىمەن. ئەمما ھەق گەپ ئاقمىسا، شەكلىۋاز ئىشلار كۆپەيسە ئەنسىرىشىمنىڭ نىمە ھاجىتى؟ مەندە يەنە نىمە ئامال؟ خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، مەكتەپ رەھبەرلىرىنى ۋاقتى قەرەلىدە يوقلاپ تۇرمايدىغان سەمىمى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت يۈكى ئېغىر تۇرسا، خىزمەت خۇلاسىسى، ئۈنۋان باھالاش، ئۈنۈم ئىش ھەققى قارتارلىقلاردا زىيان تارتىۋاتسا؛ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسىمۇ، مەكتەپ رەھبەرلىرىنى ئۇيۇن تاماششا، كۆڭۈل ئېچىش ئارقىلىق خوش قىلىپ تۇرىدىغانلار نەپ ئېلىۋاتسا، ئەنە شۇنداق سەۋىيەسىز ئالا قاناتلارنىڭ بازىرى چىقىپ خىزمەت خۇلاسىسى، ئۈنۋان باھالاش، ئۈنۈم ئىش ھەققى قارتارلىقلاردا ئاۋۋال مەنپەئەتلىنىۋاتسا؛ دەرىسىنىڭ ھۆدىدىسىدىن چىقالماي، بىر سىنىپنى ئوڭلاپ باشقۇرالمايۋاتقانلار بىر ئاخشاملىق ھاراق زىياپىتى بىلەن ئوتتۇرا قاتلامغا ئۆستۈرۈلۈپ كېرىلىپ، تەجرىبىلىك، پىشقەدەم ئۇستازلىرىغا ئەمەل ھەيۋىسى بىلەن يىتەكچىلىك قىلىۋاتسا؛ ئاتا ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ئۇقىتىمەن دەپ يالۋۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇقۇتقۇچىلار ئۇلارغا ئۇقۇتۇپ بېرەيلى دەپ يېلىنىۋاتسا مەندە يەنە نىمە ئامال؟ جاۋابىم شۇكى: «مەن ئاددى مۇئەللىم».
مىنىڭ يۈرۇگۇم سىقىلىش، كاللام بېسىم، كۈنلىرىم جىددىچىلىك ئىچىدىلا ئۈتىدۇ. مەن كىم؟ نىمش قىلىدىغان ئادەم؟ بۇلارنى ئويلىغىنىمدا كاللام تۇرۇپلا قوپ قۇرۇق بۇلۇپ قالىدۇ. مەن زادى كىم؟ نىمىش قىلىمەن؟ مەن كەچۈرمىشلىرىمنى ئويلىسام ئۆزەمنى يەتمىش ئىككى خىل ئۆزگىرەلەيدىغان ماھارەتكە ئىگە سۇن ۋۇكوڭ غا ئايلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن. ئەمما مەن يەنىلا بىر ئاددى مۇئەللىم، شۇڭىلاشقا مەن باشقىلارنىڭ قۇلىدا نەچچە خىل ئۆزگەرمەي، باشقىلارنىڭ ئارزۇسى بۇيىچە ئۆزەمنى خامىلىيوندەك تۈرلۈك رەڭ سىياقلاردا ئۆزگەرتمەي. مەن يەنىلا ئاددى بىر مۇئەللىم، مەن مۇئەللىملىق مۇنبىرىمدىن، مۇئەللىملىق نامىمدىن ۋاز كىچەلمەيمەن. ماڭا ئۇلۇغ ماختاشلار، دەپ دۈگۈلۈك ئىبارىلەر، ئالقاننى ئېچىشتۇرىدىغان چاۋاكلار، ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كېرەك ئەمەس؛ مىنىڭ ئارزۇ قىلىدىغىنىم خەلقنىڭ پەرزەنتلىرىنى خارتىرجەم ئۇقۇتقۇدەك ۋاقىت، ئۈزەمنىڭ ئەقلىنى سەرىپ قىلغۇدەك سورۇن!. مەن مايمۇن ئەمەس، مەن ئادەم، ئاددى بىر ئۇقۇتقۇچى، ماڭا ئۈزەمگە چۈشلۇق پەزىلەت، غۇرۇر، قەدىر قىممەت كېرەك. چۈنكى مەن ئاددى مۇئەللىم.
مىنىڭ يۈرۇگۇم سىقىلىش، كاللام بېسىم، كۈنلىرىم جىددىچىلىك ئىچىدىلا ئۈتىدۇ. نىمىشقا دېسىڭىز قوش تىل مائارىپى كۈچەپ يولغا قۇيۇلىۋاتقان بۇگۈنكىدەك ياخشى ۋەزىيەتتە، پەرزەنتلىرىمىزنى تىل شارائىتى ياخشى مەكتەپلەرگە تىزىملىتىشقا ئۇچىرەتتە تۇردۇق، پەرزەنىتلىرىمىز ناۋادا بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھان ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمىسە مەكتەپ مۇدېرلىرى، ھەتتا رەھبەرلەرنى ئىزدەپ، مۇناسىۋەتكە تايىنىپ سۇلاپ بېرىۋاتىمىزۇ، دەرىسلىرىگە ئائىلىدە يىتەكچىلىك قىلىشقا تىل سەۋىيىمىز يىتىشمىگىنىنى نەزەرگە ئالماي، ئىمتىھان نەتىجسىدىن ئاغرىنىمىز. بۇنداق ئەھۋالدا پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئېلىپبەدىن ساۋاتسىز قېلىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەسقۇ!؟ قوش تىل ئۇقۇتقۇچىلىرىنىڭ يىتىشمەسلىگى، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ، ئاتا-ئانىلارنىڭ تاللىشىنىڭ ئوخشاشماسلىقى قاتارلىق ئىجتىمائى ئامىللار تۈپەيلىدىن، دورىلارنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى تىل قىسىنچىلىغىدا قالغان ئاتا-ئانىسىغا ئىسمىنى قويغاندا لازىم ئەتكەن تىلىدا چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيۋاتقان؛ مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىق ئۆلمەس ئالىملىرىمىزنى بىلەلمەي «لاۋمەيمىكىن»، «يۈسەينىمۇ يا؟»، دەپ جۆيلۈپ؛ ئۆلمەس تارىخى ئەسەر "تۈركى تىللار دىۋانى" نى ۋۇ چېڭئېن نىڭ ئەسىرىمىكىن، چۈنكى ئۇنىڭ يەنە"غەرىپكە ساياھەت" ناملىق بۈيۈك كىلاسسىك ئەسىرى بارغۇ دەپ ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈيدىغان زامانىۋى "پەيلاسوپ" ئۇقۇغۇچىلىرىمىز يىتىشىۋاتقان بۇ دەۋرىمىزدە مەندەك بىر ئاددى مۇئەللىمنىڭ قۇلىدىن نىمە كېلەتتى؟
يەنە بەزىلەر مەندىن: «ئۈگىتەلمەيدىغان ئۇقۇتقۇچى باركى، ئۈگىنەلمەيدىغان ئۇقۇغۇچى يوق، دەيدىغان گەپ بار. بۇنى بىلىدىغانسىز؟» دەپ سۇرىدى. مەن: «مەن بىر ئاددى مۇئەللىم، مەن بىر ئادەتتىكى ئادەم» دەپ جاۋاپ بەردىم. مەكتەپتىن ئىبارەت بۇ بۇيۈك ماكاندا بۇلىۋاتقان ئىشلارنىڭ كۆپلىگىدىن ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئوۋىسى بۇزۇلغان چۆمىلىلەردەك پىتراپ يۈرىدىغىنىنىلا بىلىمەن. مەكتەپ ئىچىدىكى خىزمەتلەر يەتمىگەندەك يەنە يۇقۇرىدىن كەلگەن پىلانلىق تۇغۇت، ئۇمۇملاشتۇرۇپ تۈزەش، پاك ئىنتىزامچان بۇلۇپ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، مەنىۋى مەدىنىيەت، ئاياللار خىزمىتى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، قانۇنچىلىق، يىمەك-ئىچمەك، مۇھىت، كۆكەرتىش، جىبەرلىك تەكشۈرۈش دىگەندەك نامىنىمۇ ئاتاپ بولغىلى بولمايدىغان تالاي تالاي تەكشۈرۈشلەرنىمۇ ئۇدۇللا مەكتەپلەرگە باشلاپ كىلىپ، نورمالنى ئۇقۇتۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلمايۋاتقان يەردە، مەندەك بىر ئاددى مۇئەللىمنىڭ قۇلىدىن نىمە ئىش كىلەتتى؟ مەلۇم مەكتەپتىكى بىر ئۇقۇغۇچى «پەرۋاز» ژورنىلىدىن بىرنى كۈتۈرۈپ كىلىپ سىنىپتا ئۇقۇغان، بۇ ژورنالنىڭ ياخشىلىغىنى بىلىگەن سىنىپتىكى ئونبىر نەپەر ئۇقۇغۇچى ئۆزلىرى پۇل يېغىشىپ سىنىپ باشلىغىغا تىزىملىتىپ، سىنىپ مۇدىرى ئارقىلىق بۇ ژورنالغا موشتېرى بولغان، ئاقىۋەتتە يىللىق مۇشتىرى پۇلىسى يىگىرمە تۆت يۈەنلىك بۇ زورنالغا مۇشتىرى بولغان ئۇقۇغۇچىلار ۋە سىنىپ مۇدېرى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇتقۇچىلار ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرىنىڭ سۇئال سۇرىغىغا چۈشۈپ، مۇشتىرى بۇلۇش بىكار قىلىنغان، مۇشتىرى بۇلۇش تالۇنىمۇ ئتىراپ قىلىنماي، بەلكى سىنىپ مۇدىرى ئۇقۇغۇچىلاردىن قانۇنسىز پۇل يېققان دەپ ئەيىپلىنىپ، 254 يۈەنگە توۋەنامە يازدۇرۇلۇپ تەنقىد قىلىنىپ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ پۇللىرىنى قايىتتۇرغۇزغان. چوڭ-چوڭ "شىرىنكانە" لەرنى پۈتۈن پېتى يۇتۇۋاتقانلارنى تۇسۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇسىنى رېئاللىقا چىقىرىشقا تىرىشقان ئۇقۇتقۇچىلار مانا مۇشۇنداق ئاددى ئىشلار تۈپەيلى قامچىلىنىۋاتسا، يەنە نىمە دىگىلى بۇلاتتى؟ دەرۋەقە نۇرغۇن ئىشلارنى دەپ بولغىلى بولمايدۇ، پەقەت بور تۇزاندىلىرى بىلەن قۇشۇپ ئىچىمىزدىلا سېسىتىۋېتىدىغان گەپ. ئاددىسى خاتالىق سادىر قىلغان ئۇقۇغۇچىلارغا ئەخلاق نوقتىسىدىن ياكى ئادىمىيلىك نوقتىسىدىن چىقىپ تەربىيە قىلىپ ئۇلارنىڭ خاتالىغىنى كۆرسىتىپ بەردۇقمۇ، بولدى نۇرغۇنلىغان ئەيىپنامىلەرنى يۈدۈۋالغاننى ئاز دەپ ئاچچچىق يۇتۇۋالىمىز. ئاتا- ئانىلار بالامنى تەنقىدلەپسەن دىسە، بەش بالىنىمۇ باشقۇرۇپ تازىلىققا سالالمايدىغان بەزىبىر «دانىشمەن» لەر قۇپۇپ تەربىيەنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇلى، نۇرغۇن يۇلى بۇلىدۇ، ئىلمى تەربىيە قىلىشىمىز لازىم. دىسە، ئۇقۇغۇچى قۇپۇپ سەن نىمىشقا ھەدىسىلا مىنى تەنقىدلەيسەن؟ نىمىشقا ھەمىشە مەن بىلەنلا قالىسەن؟ مەندىنلا تاپشۇرۇق سۈرۈشتۈرىسەن؟ ساڭا بەكمۇ ئۆچ بولدۇم دەۋاتقان. بۇنداق ئەھۋاللاردا مەن يەنە نىمىمۇ دىيەلەيىتتىم؟ جاۋابىم شۇكى: «مەن بىر ئاددى مۇئەللىم».
مىنىڭ يۈرۇگۇم سىقىلىش، كاللام بېسىم، كۈنلىرىم جىددىچىلىك ئىچىدىلا ئۈتىدۇ. نىمىشقا دېسىڭىز گاھىدا روھلىرىم چۈشكەن چاغلاردا ئۇقۇتقۇچىلىق نامىمنى ئۈزەمچە چۆرۇپ تاشلاپ، ئادەتتىكى بىر ئادەم بۇلۇپ باقىمەنۇ يۇ يەنە قىيالمايمەن. مەن مۇئەللىم، مۇشۇ ئاددى ئورنۇمدا قۇلۇمدىن كەلگەنچە تۆھپە يارىتىشىم كىرەك، مانا بۇ ئوي مىنى بۇ خيالىمدىن ۋاز كىچىشكە مەجبۇر قىلىدۇ. گاھىدا ئەمەلدار بۇلۇپ، مەنسەپ ئورنۇمدىن پەخىرلىنىپ، قول ئاستىمدىكىلەرنى ئەمەل كىبىرىم بىلەن باشقۇرۇپ، تۇرمۇشۇمنى ياخشى ئۆتكۈزۈشنى ئويلايمەنۇ يۇ، يەنە قىيالمايمەن. مەن مۇئەللىم، مۇشۇ ئاددى ئورنۇمدا قۇلۇمدىن كەلگەنچە تۆھپە يارىتىشىم، مۇشۇ ئاددى ئورنۇمدا ۋەتىنىم، مىللىتىم ئۈچۈن ياراملىق ئىزباسارلارنى تەربىيەلەپ چىقىشىمنىڭ ئۈزى ماڭا بىرىلگەن مۇكاپات، ماڭا بىرىلگەن ئەمەل، ماڭا بىرىلگەن بەخت سائادەت، ماڭا بىرىلگەن شان شەرەپ. مەن ئەقىدەمدىن يانالمايمەن، كەسپىمگە قىيالمايمەن. نىمىشقا دىسىڭىز جاۋابىم شۇكى: «مەن ئاددى مۇئەللىم».
شۇنداق دىگۈم كىلىدۇكى، ئۇقۇتقۇچىلار ئىقتىدارسىز ئەمەس، نۇرغۇن ئالىم مۇتىپەككۇرلار ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ قۇلىدىن يىتىشىپ چىققان. شۇنداقلا يەنە ئۇلار ھەممىگە ماھىرمۇ ئەمەس. ئۇلار باشقىلارنىڭ بالىلىرىغا دادا ۋە ياكى ئانا بۇلۇپ بېرەلمەيدۇ. يەر شارىنى، كائىناتنى تەتۇر چۆرۈپ بېرەلمەيدۇ. مەكتەپ ئۇقۇغۇچىنى ئەتىراپلىق تەربىيەلەيدىغان بىلىم ماكانىكى، ھەرگىزمۇ ئۇقۇغۇچىنىڭ ھەممە مەسىلىسى ۋە مۈشكىلاتلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىدىغان «ئەرىش ئوردىسى» ئەمەس. مائارىپ بولسا بارلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالسا بۇلىدىغان ماشىنىلاشقان زاۋۇت ئەمەس، بۇ كەسىپنىڭمۇ ئۆز رېتىمى ۋە قانۇنىيىتى بار. مائارىپقا، مەكتەپكە، ئۇقۇتقۇچىلارغا بالىلىرىڭلارنى ئەتىراپلىق يىتىلگەن بىلىم ئىگىسى قىلىپ تەربىيەلەپ بېرىشتىن باشقا، بۇ ساھەگە مۇناسىۋەتسىز بولغان ئېغىر يۈكلەرنى ئارتىپ قويماسلىغىڭلارنى، ئۇقۇتقۇچى بولغانلارنى بۇنداق زار قاقشاتماسلىغىڭلارنى ئۈتىنىمەن. بىزنىڭ ئىنسان قەلبىنى ئىلىم مەرىپەت نۇرلىرى بىلەن زىننەتلەيدىغان ئۇستازلارنى ئاتا – ئانىمىز قاتارىدا ئىززىتىنى قىلىدىغان، ھەتتا ئاتا-ئانىمىزدىنمۇ ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ ھۆرمەتلەيدىغان ئىسىل ئەنئەنىمىز بار. كونىلاردا ئۇستاز يىغلىسا جاھان يىغلايدۇ، دەيدىغان گەپ بار ئىدى. مەن بۇ گەپكە ئەمدى ئىشىنىپمۇ قېلىۋاتىمەن، نادان ، ھاماقەت ، ئىجتىھاتسىز كىشىلەرنىڭ دەستىدىن زار قاقشىغان ئۇستازنىڭ ئاھى سىلەرنىڭ پەرزەنتىڭلارنىڭ كەلگۈسى بەختىنى قاغىشكار قىلىپ قويمىسۇن. چۈنكى مەن ئاددى مۇئەللىم!.
تېما تەستىقلىغۇچى : sebir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-01, 16:46
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+10(sebir) ئەجرىڭىزگە ر ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-04-01 16:32 |
    naparman
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3652
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 40
    شۆھرەت: 240 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 240 سوم
    تۆھپە: 138 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 138 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 51(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-09
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    رۇھى تىينىگەن ئۇيغۇر مائارىپى  ئادەمنى تولۇمۇ ئۇمۇتسىزلەندۇرىدۇ ، يا ھېچكىمنىڭ كارى بولمىغان ، باغۋېنى يوق باغ ، سۇيى يوق ئۆستەڭ ،
    lutun
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-01 19:01 |
    abit
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6368
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 117
    شۆھرەت: 610 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 625 سوم
    تۆھپە: 361 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 361 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 57(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-23
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مىللى مائارىپىمىزدىكى  يىتىشسىزلىكلەر شۇنداقلا بۇ قوشۇننىڭ سەركەردىلىرى بولغان بىر قىسىم ئەبگا مۇدىرلىرىمىزنىڭ سەھۋەنلىكى  مىللى مەدەنىيىتىمىزدە تولدۇرۇپ بولغۇسىز بوشلۇقنى ھاسىل قىلىپ قويدى،بۇ بوشلۇقىنى قاچان تولدۇرامىز؟قاچانغىچە ئۇنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ دەردىنى تارتىپ يۈرەمىز؟
    ھەممە ئىشتا ئوتتۇرھال بولغان ئەڭ ياخشىدۇر.
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-01 21:05 |
    marmartax
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6476
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 18
    شۆھرەت: 90 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 90 سوم
    تۆھپە: 54 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 54 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    رھمەت سىزگە ! يوللىغان بۇ تىمىڭىز مىنىڭ يارامغا دورا سۈركىگەندەك بولدى.مەنمۇ مۇشۇ خاپىلىقلار دەردىدە خىزمەتتىن ۋازكىچەي دەپ قالغان بىر <<ئاددى مۇئەللىم>>  . سىز توللىغان بۇمەزمۇنلارنى ئاڭلىغاندىن كىيىن بۇئىشلارنىڭ مىنىڭلا بېشىمغا كەلمىگەنلىكىنى  چۈشىنىپ يەتتىم. ھەر نىمە دىگەن بىلەن ئامال يوقكەن بۇ ئىشلارغا ! ئۇيغۇر مائارىپىمىز مۇشۇنداق قاقشاش بىلەن ئۆتۈپ كىتەرمۇ؟ بو ئىشلارنى ئوڭشايدىغان ئادەم ياكى ئورۇن چىقماسمۇ؟بولارنى ئويلاپ كۆڭلۈم يېرىم ، كاللامدا بېسىم.....
    saltanat
    يوقاتمىغۇچە ،ئىرىشكىنڭنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن....
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-01 21:31 |
    kumaltag
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6482
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 114
    شۆھرەت: 575 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 575 سوم
    تۆھپە: 344 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 344 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 99(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-11
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مىنىڭ قەلبىمدىمۇ داۋاملىق مۇشۇنداق بىر ئاڭ ماۋجۇت ئىدى ،سىز مىنىڭ كۆڭلىمدىكىنى دەپسىز . مەنمۇ بىر ئاددى مۇئەللىم . 
    simfoniya
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-01 22:25 |
    kalipdax
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1528
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 5
    شۆھرەت: 25 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 25 سوم
    تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 15 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئالدى بىلەن سىزگە سالامەتلىك،خۇشاللىق تىلەيمەن.مائارىپىمىزدىكى ئوزىنى قالتىس چاغلايدىغان ئاز ساندىكى بىر قىسىم مۇدىرلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا مەسئولىيەتچانلىقنى ئۆگەتكەن بىلەن ئىشەنچ ئاتا قىلالمايدىغان،خۇشال كەيپىياتتا دەرس ئۆتۈش شارائىتى بېرەلمەيدىغان،كىچىككىنە سەۋەنلىكى بىلەنلا يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىدىغان،زىدىيەتلەرنى ئادىل بىر تەرەپ قىلماسلىق،پىنسىيە ۋاقتى يېققىنلىشىپ قېلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى قانداق ئشلىتىشنى بىلەلمەي چەتكە قېقىپ ئۇلارغا كۆپ ئازار بېرىدىغان،...قاتارلىق ئەھۋاللىرى تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلار داۋاملىق زارلىنىدىغان ئەھۋاللار كۆپەيمەكتە،بۇنداق ئەھۋاللارغا يوقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ  كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ،بۇ خىلدىكى مۇدىرلارنى تېزراق تازىلاپ، ئوقۇتقۇچىلارنى بۇنداق روھى بېسىمدىن ئازات قىلىشىغا تەشنامىز.
    lutun
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-01 22:30 |
    iparhan

    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 383
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 636
    شۆھرەت: 3230 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 3260 سوم
    تۆھپە: 1934 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1934 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 694(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ ماقالىنى ئوقۇپ دەردتلىرىم  خېلى يېنىكلەپ قالغاندەك  بولدى ! ئاپتورنىڭ قەلىمىگە بەرىكەت ، تېنىگە  سالامەتلىك تىلەيمەن !

    بۇ ئېسىل تېمىنى يوللىغان دوستىمىزنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت !
    پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-01 23:06 |
    karwan@
    ئادەم ئادەمدەك ياشىشى كېرەك!!!

    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2277
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 411
    شۆھرەت: 2197 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2211 سوم
    تۆھپە: 1309 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1313 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 769(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تېمىدىكى تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەر ئوقۇتقۇچىلار يۈرىكىدىكى دەرتلەرنىڭ دېڭىزدىن تامچىسى دىيىشكە بولىدۇ،جەمئىيەتتىكى «ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەم ھەممىنى قىلالايدىغان بولىدۇ» دېگەن مۇشۇ جۈملە بەزى ئازراقمۇ تەپەككۇرى يوق پوق قوساقلارنىڭ توغرا ئىستىمال قىلماسلىقىدىنمىكى دەيمەن،ئوقۇتقۇچى بىچارە باجگىر،جەرىمانىچى قاتارلىق پۇل بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشقا بۇيرۇلمايدۇ،باشقا «ئەمگەك» ئىسمى بارنىڭ ھەممىنى قىلىدۇ،بىردە ساقچى،بىردە نوپۇس تەكشۈرگۈچى،بىردە سوتچى،بىردە كاتىپ،بىردە جاۋاپكار،بىردە مەدىكار،بىردە دوختۇر،بىردە ناخشىچى-ئۇسۇلچى،ئالاھەزەل ھەممىسى بولىدۇ،جەمئىيەتت تېخى«ئوقۇتقۇچىنىڭ مائاشى يۇقۇرى،ھە؟» دىيىشلىرىچۇ تېخى.ھەي....................جۇڭگۇ مائارىپى،ھەي بىچارە ئوقۇتقۇچى،قاچانمۇ ئۆز قىمىتتىڭنى تاپارسەن؟بۇ يىل زامان ئاخىر بوپ كەتسە مۇشۇ پېتى ئۇ دۇنياغا كېتەرسەنمۇ؟
    saltanat
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-01 23:12 |
    nuxirwan
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6452
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 35
    شۆھرەت: 175 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 175 سوم
    تۆھپە: 105 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 105 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 34(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-21
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەممىسى مائارىپ ئىدارىسىدىكى پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ ئىشى ،قورسىقىدا ئومىچى يوق ،يىرىم چىلەك سۇدەك شالاقلاپ قالغان بىر نەچچەيلەن ،5-6 توقماق پۇلنى كۆتۇرۇپ مائارىپ ئىدارىسى رەھبەرلىرىنىڭ قىشىغا بارىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مائارىپقا ھەقېقى كۆيۇنۇپ ئىشلەۋاتقان پاك-دىيانەتلىك ،مۇدىردىن بىر نەچچىنى ھەرخىل بانا -سەۋەپ بىلەن قالدۇرىۋىتىپ ئورنىغا مۇشۇنداق بىر نىمىلەرنى تەيىنلەيدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ مەقسىدى مائارىپىمىزنى گۇللەندۇرۇش بولماستىن سۇڭلاپ بەرگەن پۇلنىڭ ئورنىنى نەچچە ھەسسىلەپ تولدۇرۇش بولىدۇ.ئۇلار مائارىپنى چۇشەنمىگەننىڭ ئۈستىگە ئوقۇتقۇچىلاردىن ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن پۇل ئۇندۇرىۋالىدۇ.ئەسلىدە مۇدىر دىگەننى دىموكراتىك سايلام ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرى بىلەت تاشلاپ ئاۋاز بىرىپ سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلتۇرسە مائارىپىمىزدا ھەقىقى ياخشىلىنىش بولغان بولاتتى ،ئەسۇس !!!مىڭ ئەپسۇس!!!!خەيرىيەت ،پارتىيمىز ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ دانا پارتىيەغۇ ،بۇ ئىشلارمۇ ئاستا-ئاستا ئوڭشىلىپ كىتەر.......
    ozgul munbar
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-01 23:52 |
    atilla
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 205
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 53
    شۆھرەت: 276 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 278 سوم
    تۆھپە: 164 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 166 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 13(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

                
    بەكمۇ رىئال مەسىللەرنى يېزىپسىز.
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-02 01:13 |
    duttarqi
    چ چ: 654354470
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 252
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 326
    شۆھرەت: 2147 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2156 سوم
    تۆھپە: 1194 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1253 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 1360(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-14
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    شۇنداق ياخشى ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز.مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلىرىڭىز مۇنبىرىمىزدە ئۈزۈلۈپ قالماسلىغىنى، تېنىڭىزنىڭ سالامەت بولىشىنى، قەلىمىڭىزنىڭ مول ھوسۇللۇق ۋە بەرىكەتلىك بولىشىنى تىلەيمەن.
    چ چ: 654354470
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-02 21:26 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    «12»Pages: 1/2     Go
    Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە