ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 12قەۋەتتىكى bayakamدە2012-04-03 15:44يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
غۇسلى تاھارەتتىن ئاۋال مەينەت جايلارنى(ئالدى تەرەت يولىنى)پاكىز يۇيۇۋەتكەندىن كىيىن خۇددى نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالىمىز(پۇتنى يۇيۇمايمىز) ئېغىزىمىزنى يەنە ئۈچ قېتىم، بۇرنىمىزنى يەنە ئۈچ قېتىم چايقاپ، ئاندىن ئوڭ مۈرىنى، كىيىن سول مۈرىنى يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن بېشىمىزنى يۇيۇشتىن باشلاپ ئاۋال ئوڭدىن باشلاپ پۈتۈن بەدەننى يۇيۇيمىز. سۇ تەگمىگەن بىر تال چاچنىڭ ئورنىچىلىكمۇ يەر قالماسلىقى كېرەكقۇ دەيمەن.ئاخرىدا ئوڭ پۇت ئاندىن سول پۇتنى يۇيۇپ ئاخىرلاشتۇرۇمىز.
.......
مەن ئازراق تولۇقلاپ قوياي: غۇسلى قىلغاندا يۇقىردا دېيىلگەندەك تەرىزدە يۇيۇنغاچ مۇنداق دەيمىز:< نىيەت قىلدىم غۇسلى قىلارمەن دەپ،جىنايەتتىن پاك بولارمەن دەپ ،تېشىمنى سۇ ئېرىتقاي ،ئىچىمنى نۇر ئىمان ئېرىتقاي،ئىچ تېشىمدا قالمىغاي زەررىچە گۇمان،ئوڭ دۇلۇمدا ئوڭ پەرىشتە گۇۋاھ بولغاي ،سول دۇلۇمدا سول پەرىشتە گۇۋاھ بولغاي>،خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا تۈزىتىپ قويارسىلەر،ئاللا گۇناھىمنى كەچۈرگەي.
توي قىلغاندا قىز تەرەپنىڭ يەڭگىسى قىزغا قانداق غۇسلىي قىلىشنى ،غۇسلى قىلىپ بولغاندىن كېيىن سۇ ھەققى نامىزىنى ئوقۇشنى ۋە پەرھىز نامازلارنى ئوقۇشنى ئۆگىتىشى كېرەك، (بەزى قىزلار ناماز ئوقۇشنى بىلسىمۇ سۇ ھەققى نامىزىنى ئوقۇشنى بىلمەيدۇ)،شۇڭا يەڭگە تاللىغاندا ئىمانى كامىل ،بەش ۋاق نامازنى تولۇق ئادا قىلىدىغان ئايللاردىن تاللاش كېرەك.
مۇشۇنداق ناپاك يۈرىدىغان (دېمەكچى بولغىنىم بەزىلەر كېچىسى ئەر ئايال بىرگە بولۇپ ،غۇسلى قىلماي تالا تۈزگە چىقىدىغانلار) غا قارىسىمۇ ئادەمنى نەس باسىدۇ دەيدۇ ،شۇڭا ئامال بار تاھارەت بىلەن يۈرگەن ياخشى.