" ق " ھەرىپىدىن باشلانغان سۆز ئويۇنى
قىمارۋاز قاسىم قوشۇق قىماردا قاقشاللاشتى ، قەرىز قىستاشلاردىن قاتتىق قىينالدى ، قەرز قايتۇرغىدەك قۇۋۋىتى قالمىغان قاسىم قوشۇق قاتتىق قىسىلدى ، قەرز قايتۇرۇشقا قۇربى قالماي قايمۇقۇپ قاراقچىلىق قلغىلىمۇ قىل قالدى .......
قۇم قىساردىكى قەييۇم قارى قاسىمغا قاراپ قاسىم قوشۇققا قايتا قەرز قېتىشنى قارار قىلدى ، قومۇل قوغۇنىنىڭ قەنتى ، قوۋۋىتىنىڭ قايىل قىلارلىقىدىن قەدىمدىمۇ قاغان ، قازىلارنىڭ قەسىرلىرىدە قەدىرلەنگەنلىگىنى ،قومۇل قوغۇنى قىلسىلا قەرزلەردىن قۇتۇلالايدىغانلىغىنى قەيت قلىپ ، قەييۇم قارى قاسىم قوشۇقنى قايىل قىلدى ، قاسم قوشۇق قومۇلدا قوغۇنچىلىق قلىشقا قوشۇلدى ، قاسىمچىمۇ قوغۇنچىلىقلا قاسىمنى قەرزلەردىن قۇتۇلدۇرالايتتى .
قومۇلدا قوغۇن قىلىشقا قەدەم قويغاندا ، قاسىم قوشۇقنىڭ قەدىم قورداشلىرىدىن قويلۇقتىكى قاۋۇل قاسساپ، قورايلىق قاھار قارى، قارا قاپچىنلىق قادىر قومەشلەر قوي قىغى ... قاتارلىقلارنى قوشۇپ قاسىمنى قوللىدى . قومۇلدىكى قەيسەرجان قاسىمنى قوروسىدا قوندۇردى ، قاسىمدا قالدى قىيىنچىلىقمۇ قالمىدى، قالغىنى – قاسىمنىڭ قوغۇنلۇققا قاتتىقراق قۇۋۋەت قوشۇشىلا قالدى ، قاسىممۇ قوغۇنلۇققا قاتتىق قىزىقىپ قالدى، قوغۇنلۇقتا قونۇپ قوغۇنلۇقتا قوپتى ، قوللىرى قاپاردى ، قوشۇمىلىرىغا قورۇقلار قوشۇلدى، قارايدى ..... قاسىم قاخشىمىدى ، قوغۇنلارمۇ قاسىمنىڭ قىلغانلىرىغا قايىللىقتا قول قويغاندەك ، قەۋەتلا قەنتلىك ، قۇۋۋەتلىك قېتىلدى، قاسىمغا قايىل بولغان قاۋۇل قاسساپ ، قاھار قارى ، قادىر قومەشلەر قاسىمنىڭ قوغۇنلىرىنى قازاقىستان ، قاتارلارغا قاڭقىتتى .....
قاسىم قەرزلەرنى قايتۇردى ،قۇۋەتلەندى، قوشۇمىسىدىكى قورۇقلارمۇ ، قارىلىقلارمۇ قالمىدى ، قەييۇم قارىنىڭ قەرزىنمۇ قايتۇردى ،،،،، قاسىمننىڭ قەدىناسى قەمبەرخانمۇ قاسىمىنىڭ قېىشغا قايتتى ، قاسىممۇ قەتئى قىمارغا قاتناشماسىققا قەسەم قىلدى .