saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 5610 قېتىم كۆرۈلدى
tograk

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 61
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 393
شۆھرەت: 3601 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3581 سوم
تۆھپە: 1901 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1922 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3158(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئۆلۈمىدىن پۇشايمان يېمىگەن جيەن بوزەن

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما hawar تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-04-06)
      ئۆلۈمىدىن پۇشايمان يېمىگەن جيەن بوزەن



 شىمال بورىنى قۇملارنى ھەدەپ ئۇچۇرۇپ يەر _ جاھاننى چاڭ - توزان ۋە پاسكىنچىلىققا تولدۇرىۋەتكەنىدى . 
چۈشتىن كېيىن سائەت سەككىز ئەتىراپىدا جيەن بوزەن * مەخسۇس دېلۇ گۇرۇپپىسىدىكى كالتە بۇرۇت يەر ئاستىدىكى 7 - نومۇرلۇق ئۆيگە ئالدىراپ كىرگىنىچە ئېلېكتىر چىراقنى ياندۇرۇپ ، سۇراق خاتىرىسىنى ئاچتى ، قەلەم قەغەز ئۈستىدە شىرتىلداشقا باشلىدى :  گېزەندە __ بېيجىڭ داشۆ تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى جيەن بوزەن ؛ ۋاقتى :  1966 - يىلى 27 - ئۆكتەبر چۈشتىن بۇرۇن ؛ سۇراقنىڭ مۇھىم مەزمۇنى :  ۋيېتنام ئەمگەكچىلەر پارتىيىسىنىڭ رەئىسى خۇزىمىڭغا ساتقىنلىق قىلىش مەسىلىسى .  .  . 
       بىر پەستىن كېيىن پاقا چاناق لەقەملىك بىرى جيەن بوزەننى بوينىغا قارا تاختا ئاسقان ، قۇلىغا كويزا سالغان ھالدا يالاپ ئەكىردى .
       پاقا چاناق سول قولىدا بېلىنى تېرەجىگەن ، ئوڭ قولىدا مىس كالتەك تۇتقان ھالدا :
       __  جيەن بوزەن ، خۇزىمىڭنىڭ 1942 - يىلى جۇڭگودا قانداق قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلەمسەن ؟  _- دەپ سۇرىدى .
       جيەن بوزەن پاقا چاناقنىڭ سۇرىغان سۇئالىنىڭ تاپقا چۈشمەيدىغانلىقىدىن نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلمەي ھەيران قالغان بولسىمۇ ، بىراق يەنىلا :
        __  خائىننىڭ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقى تۈپەيلىدىن قولغا ئېلىنغان ، __ دەپ جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولدى .
        __  خائىن كىم ؟
        __  ئاڭلىشىمچە رەئىس خۇزىمىڭنىڭ مۇھاپىزەتچىلەر ئەتىرىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۇنداق قىلغانمىش .
        __  گۇاڭشى قىزىل كېخمىر ئىسيانچىلار تۇەنىدىن كەلگەن تېلېگراممىدا پاش قىلىنشىچە ، __  پاقا چاناق كۆرەڭلىگەن ھالدا قولىغا تېلېگراممىنى ئېلىپ پۇلاڭلىتىپ تۇرۇپ ، __  خۇزىمىڭغا ساتقىنلىق قىلغان ئادەم سەن جيەن بوزەن !  __  دېدى .
        __  سىلەر قاراپ تۇرۇپلا ئادەمگە تۆھمەت قىلىۋاتىسىلەر ! _- جيەن بوزەننىڭ جاۋغايلىرى قاتتىق جىددىلەشكەنلىكتىن لىپىلداپ كەتتى ، __ سىلەر دەلىل ئىسپاتقا ئەھمىيەت بېرەمسىلەر ، يوق ؟ !
        دەرياغا بىر تاش چۈشۈپ كەتسە قاتمۇ - قات دولقۇن ھاسىل بولغاندەك ، بۇ ئىش تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ كاللىسىغا ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار بىر - بىرلەپ كېلىپ ، قەلبىدە چەكسىز دولقۇن پەيدا قىلدى .
        1942 _ يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىقى ئونىنچى كۈنلىرىدىكى بىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى ۋاقىت ئىدى . جۇئېنلەي ئۇنى جۇ قەسىرىگە چاقىرىپ كېلىپ ئۇنىڭغا :  ۋيېتنام ئەمگەكچىلەر پارتىيىسىنىڭ رەئىسى خۇزىمىڭنىڭ جۇڭگودا قولغا ئېلىنغانلىقىنى ، ھازىر ئۇنىڭ گۈيلىندىكى جاڭ فاكۇينىڭ 4 _ جەڭ رايۇنىدا قاماقلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ . جۇئېنلەي ئىنتايىن تىت _ تىت بولغان ھالدا :
        __  مەركەز چۇڭچىڭدىكى يولداشلار __ بىزنىڭ ئامال قىلىپ قۇتقۇزىشىمىزنى قارار قىلدى ، _ دەيدۇ .
        جيەن بوزەن بىر پەس تۇرىۋالغاندىن كېيىن :
        __  مۇئاۋىن رەئىس جۇئېنلەي ۋەزىپىنى ماڭا تاپشۇرۇڭ ، __ دەيدۇ .
        __  ئىش ئەسلىدە مۇنداق ئىكەن ، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى خەلقارا جەمئىيەتنىڭ ۋيېتنام شۆبىسى چۇڭچىڭ قانۇن تۈزەش پالاتاسىدىكى سۇن كېغا جىددى تېلېگرامما ئەۋەتىپتۇ ، __ دەيدۇ جۇئېنلەي بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ ، __ سۇن كې توخۇ يۈرەك ، قورقۇنچاق ئادەم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىشقا تازا پېيى يوق ، خۇددى گېنرال فېڭيۇڭشياڭ سۈرەتلىگەندەك لايدىن ياسالغان دىۋان بېگىگە ئوخشاش كارغا كەلمەيدىغان ئادەم . ھازىر ئاۋال ھېلىقى تېلېگراممىنى قولغا چۈشۈرىشىمىز كېرەك ، ئاندىن كېيىن مۇۋاپىق ئادەم تېپىپ ، ، تېلېگراممىنى شۇ ئادەم ئارقىلىق جياڭ جيېشىگە يۈز تۇرانە تاپشۇرىشىمىز لازىم ، __ دەيدۇ .
       جيەن بوزەن :
       __ قانۇن تۈزۈش پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تەن جېن بىلەن مەن يۇرتداش __ تاۋيۇەنلىكمىز ، ئۇنىڭغا كاتىپلىقمۇ قىلغانمەن ، ئارىمىزدا يۇرتداشلىق مېھرىمۇ ، شۇنداقلا شەخسي دوستلۇقمۇ بار ، مېنىڭچە ئۇ بۇ ئىشقا ياردەم قولىنى سۇنىدۇ ، __  دەيدۇ .
       __  توغرا ، مەنمۇ مۇشۇنداق مۇناسىۋەتتىن پايدىلانماقچىمەن .
       جيەن بوزەن شۇئانلا مۇئاۋىن باشلىق تەن جېن بىلەن كۆرۈشۈپ ، ئۆتكەن _ كەچكەن ئىشلار ئۈستىدە بىر مەھەل پاراڭلاشقاندىن كېيىن ، كېلىشتىكى مەقسىتىنى دەيدۇ . تەن جېن گومىنداڭنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن بولۇپ ، ھەققانىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغاچقا ، ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي ماقۇل بولىدۇ .
       ئىش ئەسلى مۇنداق بولغان :  ۋيېتنام ئەمگەكچىلەر پارتىيىسىنىڭ رەئىسى خۇزىمىڭ ۋيېتنامنىڭ گاۋپىڭ ئۆلكىىسى بېيپو شەھىرى يەنى ھېندىچىنى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى تۇرۇشلۇق جايدىن يولغا چىقىپ گۇاڭشى ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ جىڭشى دېگەن يېرى ئارقىلىق جۇڭگو تەۋەسىگە ئۆتۈپ ، چۇڭچىڭغا بېرىپ جۇئېنلەي بىلەن كۆرۈشۈپ ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش ئەھۋالىنى ئۇقماقچى بولىدۇ . ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭغان مۇھاپىزەت ئەتىرىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى رۇەن ۋېنفانىڭ ساقچى ئىدارىسىگە مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇشى ئارقىسىدا خۇزىمىڭ ھەمرالىرى بىلەن بەخىتكە قارشى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا قولغا ئېلىنىدۇ .
       جيەن بوزەن تەن جېن ئارقىق تېلېگراممىنى سۇن كېدىن ئەكىلىدۇ . دەسلەپكى جەڭدە غەلبە قىلغاچقا جۇئېنلەي ناھايىتى خۇرسەن بولىدۇ _ دە ، شۇئاننىڭ ئۆزىدىلا قۇتقۇزۇش لاھىيىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ .
        تېلېگراممىنى قايسى ئابرويلۇق كىشى جياڭ جيېشىگە يۈزتۇرانە تاپشۇرۇپ بەرسە بولار ؟
        جيەن بوزەن ئاۋۋال فېڭ يۇڭشياڭنى خىيالىغا كەلتۈرۈدۇ ، ئەمما شۇ ھامان يەنە ئۇنى مۇۋاپىق كۆرمەيدۇ . فېڭ يۇڭشياڭ بۇرۇندىن تارتىپلا ماتا كۆڭلەك كېيىپ گومىنداڭنىڭ يوقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ھەر خىل سورۇنلىرىغا كىرىپ _چىقىپ يۈرەتتى ، ئۇنىڭ گەپ _ سۆزى قوپالراق ئىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كومپارتىيىگە مايىل ئىدى . خې يىڭچىن ، گۇ جېڭگاڭ ئېقىمىدىكىلەر ئۇنىڭغا " قىزىللىشىپ كەتتى " دەپ ھۇجۇم قىلاتتى ، جياڭ جيېشىمۇ بۇ " ھۈرمەتلىك ئاكىسى" نى " يېرىم كوممۇنىست " دەپ قارايتتى . ئەگەر تېلېگراممىنى ئۇنىڭ يۈز تۇرانە تاپشۇرۇپ بېرىشىنى ئۆتۈنسەك جياڭ جيېشى خۇزىمىڭنى " ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئادىمى" مۇ ئەمەسمۇ  دەپ گۇمانلىنارمۇ ، قانداق ؟  بۇ قېرىنداش پارتىيىنىڭ داھىيىسىنىڭ ئامانلىقى ، خېيىم - خەتىرىگە ئالاقىدار ئىش بولغاچقا ئېھتىياتچان بولماي بولمايتتى . ئۇنىڭ كاللىسىغا شۇ زاماتلا :  گۇاڭشىدا ئەمەل كۈچى بار لى زۇڭرېن چۇڭچىڭغا كەلگەن ئەمەسمىدى ؟ دېگەن ئوي كېلىدۇ .
        جيەن بوزەن جىگەرلىك ئادەم ئىدى ، ئەزەلدىن ئوڭايلىقچە باشقىلارغا يېلىنمايتتى . بىراق ، ھازىر خۇزىمىڭنى قۇتۇلدۇرۇش __ پارتىيىنىڭ ئىشى ئىدى ، شۇڭا شەخسى مېجەز بويىچە ئىش قىلىشقا بولمايتتى . ئۇ مۇشۇ بىر قانچە كۈندىن بېرى گومىنداڭنىڭ كاتتىباشلىرى ئارىسىدا ئۇياقتىن بۇياققا موكىدەك چېپىپ يۈردى . ئەسلىدە ئۇلارنى تىللىغۇسى بولسىمۇ ، بىراق يەنىلا كىشىلەرنى كولدۇرلىتىدىغان بەزى سۆزلەرنى تېپىپ ، چىرايلىق سۆزلەرنى قىلىپ يېلىنىپ ، يالۋۇردى ؛ ئەسلىدە يىغلىغۇسى كەلسىمۇ زۇرىغا كۈلۈمسىرىدى ، مانا ئاشۇنداق " ئۇياق _ بۇياققا قاتىراپ يېلىنىش" تىن ئىبارەت بۇرۇقتۇملۇققا چىداش ئەزەلدىن باشقىلارغا باش ئەگمەي كەلگەن جيەن بوزەنگە بەك تەس كەلدى ، تولىمۇ قېيىنغا توختىدى .
      
 ( داۋامى بار )  
[ بۇ يازمىنىeverollدە2012-04-03 00:55قايتا تەھرىرلى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-02, 21:20
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-04-02 16:04 |
muqam
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1060
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 120
شۆھرەت: 645 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 645 سوم
تۆھپە: 380 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 380 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 264(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاخىرىغا تەشنامەن، مەرھۇم ناھايىتى ياخشى كىشى ئىكەن ...
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-03 10:44 |
بەگزات
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 766
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 116
شۆھرەت: 608 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 609 سوم
تۆھپە: 361 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 362 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 79(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

      جيەن بوزەن جىگەرلىك ئادەم ئىدى ، ئەزەلدىن ئوڭايلىقچە باشقىلارغا يېلىنمايتتى . بىراق ،    ھازىر خۇزىمىڭنى قۇتۇلدۇرۇش __ پارتىيىنىڭ ئىشى ئىدى ، شۇڭا شەخسى مېجەز بويىچە ئىش قىلىشقا بولمايتتى . ئۇ مۇشۇ بىر قانچە كۈندىن بېرى گومىنداڭنىڭ كاتتىباشلىرى ئارىسىدا ئۇياقتىن بۇياققا موكىدەك چېپىپ يۈردى . ئەسلىدە ئۇلارنى تىللىغۇسى بولسىمۇ ، بىراق يەنىلا كىشىلەرنى كولدۇرلىتىدىغان بەزى سۆزلەرنى تېپىپ ، چىرايلىق سۆزلەرنى قىلىپ يېلىنىپ ، يالۋۇردى ؛ ئەسلىدە يىغلىغۇسى كەلسىمۇ زۇرىغا كۈلۈمسىرىدى ، مانا ئاشۇنداق " ئۇياق _ بۇياققا قاتىراپ يېلىنىش" تىن ئىبارەت بۇرۇقتۇملۇققا چىداش ئەزەلدىن باشقىلارغا باش ئەگمەي كەلگەن جيەن بوزەنگە بەك تەس كەلدى ، تولىمۇ قېيىنغا توختىدى .
      مۇشۇنداق  ياشاش  دىمىسىمۇ  بەك  تەس ...
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-03 11:02 |
tograk

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 61
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 393
شۆھرەت: 3601 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3581 سوم
تۆھپە: 1901 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1922 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3158(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

       ئاشۇ كۈنى جيەن بوزەن لى قەسىرىگە بېرىپ لى زۇڭرېن بىلەن كۆرۈشتى .
       سالام _ سائەت قىلىشقاندىن كېيىن جيەن بوزەن كۈلۈپ تۇرۇپ :
       __ گېبرال لى زۇڭرېن ، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى خەلقارا جەمئىيەت ۋيېتنام شۆبىسىنىڭ باشلىقى خۇزىمىڭ ھازىر جاڭ فاكۇينىڭ 4 - جەڭ قىلىش رايۇنىدا قاماقلىق تۇرىۋاتىدۇ . سىلىنىڭ ئارىغا كېرىپ قۇتقۇزۇپ چىقىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز . تاجاۋۇزچىلىققا قارشى خەلقارا جەمئىيەت ۋيېتنام شۆبىسىنىڭ قۇتقۇزۇشنى ئىلتىماس قىلىپ يوللىغان تېلېگراممىسى . . . دەيدۇ ۋە گېپىنى قىلىپ بولۇپلا تېلېگراممىنى ئېھتىرام بىلەن ئۇنىڭغا سۇنىدۇ .
       لى زۇڭرېن تېلېگراممىنى ئېچىپ ئەستايدىللىق بىلەن كۆرۈپ چىقىدۇ .
       لى زۇڭرېن تېلېگراممىنى كۆرگەندىن كېيىن بىر نەرسىنى سەزگەندەك قىلىپ، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ :
       __ جيەن ئەپەندى خۇزىمىڭ ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ باشلىقى ئەمەستۇ ؟ __ دەپ سۇرايدۇ .
       __ ئۇ كىشى ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئادىمى بولغان تەغدىردىمۇ سىزگە پايدىسى باركى ، ھەرگىز زىيىنى يوق .
       __ گەرچە جياڭ ئەپەندى بىلەن مېنىڭ ئارامدا بەزى زىددىيەتلەر بار بولسىمۇ ، بىراق مەن كومپارتىيىنىڭ بەزى تەشەببۇسلىرىنى ياقلىمايمەن .
       جياڭ جيېشى يەرلىك كۈچلەرنى چەكلىگەچكە ۋە يوقاتقاچقا لى _ جياڭلار ئارىسىدىكى ئارازلىق ، ئاداۋەت بارغانسىرى چوڭايماقتا ئىدى . ھەر ئىككىسى ئۆز رەقىبىنى يوقىتىش كويىدا يۈرەتتى . يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە ، لى _ جياڭدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ ئاشكارا سوقۇشۇپ ، يوشۇرۇن پۇت تېپىشكەندە لى زۇڭرېن تۆۋەن ئەھۋالدا تۇراتتى . شۇڭا ئۇ كۈچىنى توپلاپ جياڭ جيېشىگە تاقابىل تۇرۇش مەقسىدىدە بەزىدە كوممۇنىستىك پارتىيىگە دوستلۇقىنى بىلدۈرۈپمۇ قوياتتى . شۇڭلاشقا جيەن بوزەن ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ : 
       __ ئەگەر خۇزىمىڭنى ۋيېتنام كومپارتىيىسىنىڭ داھىيىسى دەيدىغان بولساق ، سىز گۇاڭشىدىكى ئەمەلىي كۈچ ئىگىسى ، مۇبادا سىز بۇنىڭدىن كېيىن سىز گۇاڭشىدا ياپۇنىيە ئارمىيىسىگە قارشى جەڭ قىلماقچى بولسىڭىز ، ۋيېتنامنى چېكىنىدىغان ئارقا سەپ قىلسىڭىز ، شۇنداقلا ھۇجۇمغا ئۆتۈشتىكى ئۆتكەل قىلسىڭىز بولىدۇ .  . . ، دەيدۇ .
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-03 14:34 |
tograk

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 61
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 393
شۆھرەت: 3601 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3581 سوم
تۆھپە: 1901 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1922 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3158(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

         __ جيەن ئەپەندى ئېيتقانلىرى قائىدىلىك ، __ دەيدۇ لى زۇڭرېن ئوچۇق - يورۇقلۇق بىلەن ، __ ئەتە ، مەن خۇەنجاڭ ( فېڭ يۇڭشياڭنىڭ يەنە بىر ئىسمى) بىلەن بىللە ۋېييۇەنجاڭ بىلەن كۆرۈشكىلى باراي .
        __ ئۇنداقتا ئىككىلىرىنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇق !
        دەسلىپىدە جيەن بوزەن فېڭ يۇڭشياڭنى زىيادە « قىزىل » ، كۆزگە يېقىن ئادەم دەپ قارىغانىدى . ئەمدىلىكتە بولسا لى زۇڭرېن ئۇنى بىرگە ئېلىپ بارىمەن دەپ تۇرىۋالغاچقا ، ئارتۇقچە گەپ قىلمىدى .
       ئاشۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ، لى زۇڭرېن ، فېڭ يۇڭشياڭلار ماشىنىغا ئولتۇرۇپ جياڭ جيېشى بىلەن كۆرۈشكىلى جەنۇبىي قىرغاقتىكى داچىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ . سالام - سائەت قىلىشقاندىن كېيىن فېڭ يۇڭشياڭ گەپنىڭ پوسكاللىسىنى قىلىپ :
       __  ۋېييۇەنجاڭ ، ۋيېتنام تەرەپتىن تېلېگرامما ئەۋەتىپ ، جاڭ گۈيفانىڭ خۇزىمىڭنى تۇتۇۋالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ ، __  دەيدۇ .
       __ جياڭ جيېشى دەرگۇمان بولۇپ فېڭ يۇڭشياڭنىڭ چىرايىغا قاراپ __  بۇ . . . خۇزىمىڭ دېگەن ۋيېتنام كومپارتىيىسىنىڭ ئادىمىمۇ قانداق ؟ __ دەيدۇ .
       فېڭ يۇڭشياڭ ئۇنىڭغا رەددىيە قايتۇرۇپ :
       بورودىن * دىنمۇ سوۋېت كومپارتىيىسىنىڭ ئادىمىغۇ . سىز نېمىشقا ئۇنى تۇتمايسىز ؟ ! __ دەيدۇ .
        __ بۇ . . .  ھەي . . .
       ۋېييۇەنجاڭ ، خۇزىمىڭنى نېمىشقا گۇاڭشىدا تۇتىدۇ ؟ __  لى زۇڭرېن ئاچچىق كۈلۈپ تۇرۇپ ، __  ھازىر ۋيېتناملىقلار بىزنىڭ گۇاڭشىدىن ئادىمىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ . مانا بۇ بالانى ماڭا ئىتتىرىپ قويغانلىق بولماي نېمە ! __  ئۇ گېپىنى قىلىپ بولۇپلا ۋيېتنامدىن كەلگەن تېلېگراممىنى ئۇنىڭغا سۇنىدۇ
       __ خۇزىمىڭنى تۇتقانلىق پىرقى دۇلەتنىڭ سەۋەنلىكى . بۇنداق قىلغاندا ، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى خەلقارا جەمئىيەتنىڭ ھېسداشلىقى ۋە قوللىشىدىن مەھرۇم قالىمىز .
       _- خۇەنجاڭ ، دېلىڭ ( لى زۇڭرېن ) دىن ئىبارەت ئىككى گېنېرال خۇزىمىڭغا شۇ قەدەر كۆڭۈل بۆلگەن ئىكەنسىلەر ، ئۇنداقتا . . . مېنىڭ سىلەرنىڭ يۈزۈڭلەرنى قىلىشتىن باشقا ئامالىم يوق _ تە .
       لى زۇڭرېن ، فېڭ يۇڭشياڭلار كەتكەندىن كېيىن جياڭ جيېشى سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ كۆرۈپ خۇزىمىڭنى تۇتۇش ، قويۇپ بېرىشنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ھېچنىمىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن مۇھاپىزەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لىن ۋېيگە جاڭ فاكۈيغا خۇزىمىڭنى قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇق قىلىدۇ .
       ئەمما جيەن بوزەن بۇ ئىشتا ئۆزىنىڭ بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى بىلمەيتتى .
       1967 - يىلى 17 - ماي ، ۋيېتنامنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى راسا كەسكىن بولىۋاتقان چاغدا ، خۇزىمىڭ ئايروپلان بىلەن نەننىڭگە مەخپىي كېلىپ ، ئۇرۇش ئوتلىرى ئىچىدىن « تۇيدۇرماي يېنىپ چىقىپ » تۇغۇلغان كۈنىنى ئارامخۇدا ئۆتكۈزىدۇ .
       خۇزىمىڭنىڭ قەدىناس دوستى __ گۇاڭشى ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ رەئىسى ۋېي گوچىڭ ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ كاتتا ئائىلە زىياپىتى راسلايدۇ .
       19 ماي _  خۇزىمىڭنىڭ 77 ياشقا تولغان خاتىرە كۈنى ئىدى .ئاشۇ كۈنى كەچ كىرىشى بىلەنلا ۋېي گوچىڭنىڭ ئۆيىدىكى چىراقلار ھەممىدىن بۇرۇن يورۇتۇلىدۇ ، شىرەگە خاسىيەتلىك شاپتۇل ، خاسىيەتلىك ئاش شۇنداقلا داڭلىق ماۋتەي ھارىقى تىزىلغانىدى .
       __  خۇزىمىڭنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى ئۈچۈن كۆتىرەيلى ! __  كۆپچىلىك رومكىلىرىدىكى شاراپنى بىراقلا ئىچىۋېتىدۇ .
       زىياپەتتە ئۇلارنىڭ قىلىشمىغان گەپلىرى قالمايدۇ ؛ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى ،  جۇڭگونىڭ « مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » . . .  ئۈستىدە پاراڭ قىلىشىدۇ . ئويلىمىغان يەردىن ، ۋېي گوچىڭ 40 - يىللارنىڭ دەسلىپىدە خۇزىمىڭنىڭ جۇڭگودا قولغا ئېلىنغانلىق ئىشىنى تېلغا ئالغاندا ، خۇزىمىڭ قاتتىق ھاياجان ئىلكىدە :
       كېيىن ئۇقتۇمكى ، چۇڭچىڭدىكى جيەن بوزەن ئىسىملىك بىر تارىخشوناس مېنىڭ ھاياتىمنى قۇتقۇزغان ئىكەن . ئۇنىڭغا يۈز تۇرانە تەشەككۈر ئېيتقۇم بار ئىدى ، ئەمما دىدار كۆرۈشۈشكە پۇرسەت بولماي قالدى ، _  دەيدۇ . خۇزىمىڭ گويا روھىي جەھەتتىن قەرزدار بولۇپ قالغاندەك ، بەك ئەپسۇسلىنىپ كېتىدۇ .
       __  ھوي ؟ __ ۋېي گوچىڭنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلىدۇ . يېقىندا ئۇ بىر قىسقا خەۋەردىن : « جيەن بوزەن مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقتىن خۇزىمىڭ قولغا ئېلىنغان » دېگەن بىر ماقالىنى كۆرگەنىدى . پارتىيىمىزنىڭ بىر نامسىز قەھرىمانى قاراپ تۇرۇپلا خائىن قىلىپ قويۇلغان . جاھاندا بۇنىڭدىنمۇ كۈلكىلىك ئىش بولامدۇ !
       ئەسەبىيلەشكەن ئاشۇ يىللاردا ، « خائىن » دېگەن بۇ سۆز نېمىلەردىن دېرەك بېرەتتى ؟ ! بۇ گەپنىڭ ۋەزنى ۋېي گوچىڭغا چۈشىنىشلىك ئىدى . شۇڭا ئۇ خۇزىمىڭنىڭ ھېلىقى گېپىنى جۇزۇڭلىغا دوكلاد قىلىدۇ . جۇزۇڭلى ۋېي گوچىڭنىڭ دوكلادىغا : « ئىنكاس قىلىنغان ئەھۋال ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن » دەپ ئىمزاسىنى قويۇپ ، ئۇنى بېيجىڭ ئونۋېرسىتېتى ھەربىي ئىدا قىلىش كومىتېتىغا چۈشۈرۈپ بېرىدۇ ھەمدە جيەن بوزەننىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئەھۋالىنى ئۆزىگە مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ .
      « جيەن بوزەن دىلوسى » نىڭ كاتتىبىشى چوڭ يەردىن كەلگەن بۇ دوكلادنى كۆرۈپ مۇزدەك تەرگە چۆمىدۇ _  دە ، « سۇراق خاتىرىسى » نى ھاپلا - شاپلا كۆيدۈرىۋېتىدۇ .
       خۇزىمىڭنىڭ ئىشى ئىككىنچىلەپ تېلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ ، ئەمما ، جيەن بوزەننىڭ ھال - ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولمايدۇ . شۇڭلاشقا ۋېي گوچىڭ قەدىناس دوستىغا ئۆز ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا :
      __ رەئىس خۇزىمىڭ ، جيەن بوزەن ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغاچقا دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى . ھەرىكەت قىلىشى ئەپسىز ، _ دېيىشكە مەجبۇر بولىدۇ . خۇزىمىڭ ھەسىرەتلىك بىر تىنىدۇ _ دە ، كۆڭلىگە بىر نەرسە ئايان بولغاندەك تۇيۇلىدۇ . نەننىڭدە يەتتە كۈن تۇرۇپ ، ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ۋيېتنامغا قايتىدۇ . شۇ كەمدە ۋيېتنامدا قاتتىق جەڭ بولىۋاتاتتى . ئاشۇ يەتتە كۈن ئالتۇندىنمۇ قەدىرلىك ئىدى .
        ( داۋامى بار )  
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-03 15:58 |
tograk

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 61
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 393
شۆھرەت: 3601 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3581 سوم
تۆھپە: 1901 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1922 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3158(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

                                        ( 2 )

        1968 _ يىلى كۈزدە ، چى چۇن توساتتىن بېيجىڭ ئونۋېرسىتېتىغا كېلىپ ماۋجۇشىنىڭ بورژۇئازىيە ئىلىم نوپۇزلىقلىرىغىمۇ « چىقىش يولى بېرش كېرەك » « ئەڭ ئالىي يوليۇرۇقىنى يەتكۈزىدۇ . « بېيجىڭ ئونۋېرسىتېتىدىكى جيەن بوزەن ، فېڭ يۈلەنگە چىقىش يولى بېرىش كېرەك » لىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ . جيەن بوزەن بىر مەزگىل ئىچىدە « چىقىش يولى بېرش » نىڭ تىپىغا ئايلىنىدۇ . ئەسلىدىكى يەننەن باغچىسىغا كۆچۈرۈلۇپ ، نازارەت ئاستىدا تۇرىدۇ . ئەمما ، ياجشى كۈن ئۇزۇن داۋام قىلمايدۇ . باش قىشتا « قىزىل بايراق » ماركىلىق پىكاپ جۇڭنەنخەيدىن چىققىنىچە بېيجىڭ ئونۋېرسىتېتى قۇرۇسىغا ئاستىلا كېرىپ كېتىدۇ . پىكاپتىن 40 ياشلار چامىسىدىكى ئىلمەك بۇرۇن ، دىقماق ، تېمەن ، پەيلى يامان بىرەيلەن چۈشىدۇ .
       ئۇنىڭ ئىسمى ۋۇجۇڭ ئىدى . ئۇ ئەلۋەتتە ئىش بېجىرگىلى كەلگەنلەردەك ، ئاۋال پەلەسەپە فاكولىتىتى بىناسىدىكى « تەشۋىقات ئەتىرىتى » قۇماندانلىق شتابىنى ئىزدىمەي ئۇدۇللا تارىخ فاكولتىتىغا كېلىپ ، « جيەن بوزەن مەخسۇس دىلۇ گۇرۇپپىسى » دىكى ھېلىقى كالتە بۇرۇت بىلەن كۆرۈشۈپ ، ئۆزىنىڭ سالاھىيەت كىنىشكىسىنى چىقىرىپ :
      __  مەن ليۇ شاۋچى دىلۇ گۇرۇپپىسىدىن . جيەن بوزەندىن تەكشۈرىدىغان جىددى ئىش بار . بۇ ماۋجۇشى سىلىڭبۇسىنىڭ سېتراتىگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى  ، _  دېدى . ئۇ يەنە :
      __  بۇ ھەقتە سرىتقا قىلچىلىكمۇ شەپە چىقىرىشقا رۇخسەت يوق ، دەپ جىكىلىدى . شۇڭا جيەن بوزەن تاكى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانغا قەدەر بېيجىڭ ئونۋېرسىتېتى ھەربىي ئىدارە قىلىش كومىتېتى ھېچقانداق ئىشتىن خەۋەر تاپالمىدى .
       ئارىدىن ھېچقانچە ۋاقىت ئۆتمەيلا كالتە بۇرۇتنىڭ يېتەكلىشى ئارقىسىدا ۋۇجۇڭ جيەن بوزەننىڭ ئۆيىگە كەلدى . بۇ يەرگە يۆتكىلىپ كەلگەندىن بۇيانقى ئىككى ئايدىن بۇيانقى دەم ئېلىش ، كۈتۈلۈش ئارقىلىق ياشانغان جيەن بوزەننىڭ سالامەتلىكى بىر ئاز ئوڭشىلىپ قالغانىدى .
       __ ۋۇجۇڭ جيەن بوزەننى كۆرۈپلا تەلەتىنى بۇزۇپ :
       __  جيەن بوزەن ئاڭلاپ تۇر : ليۇ شاۋچىنىڭ جىنايىتى ئېنىقلاندى ، مەركەز يەكۈن چىقاردى ، _ دېدى .
      جيەن بوزەن بىزار بولغان ھالدا :
      __  يەكۈن چىقارغان بولساڭلار ، مېنى ئىزدەپ نېمە قىلىسىلەر ؟ ! _ دېدى .
      ۋۇجۇڭ كۆزىنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ :
      __  ئۇ خائىن ، ساتقىن ، ئىشچىلار ئاسىيسى ، بۇ ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان « 9 - قۇرۇلتاي » دا ئېلان قىلىنىدۇ . سەن ماۋجۇشى ئىنقىلابى لۇشيەنى تەرەپتە تۇرامسەن ياكى ليۇشاۋچى تەرەپتە تۇرامسەن ، ئەمدىكى گەپ سىنىڭ ئۈزەڭدە قالدى ! _ دېدى .
       جيەن بوزەن ئۇلارغا ئارقىسىنى قىلىپ ، ئۆزىنى چوڭمۇ تۇتماي ، پەسمۇ چۈشۈرمەي :
       مەن ماركىسىزىمدا چىڭ تۇرغان توغرا رەھبەرلىك تەرەپتە تۇرىمەن ! _ دېدى .
       __ ھىم ؟ ! _- . . . ھۇھ  ئاناڭنى . . . گرانت كاللىسى بىلەن ئەۋرەت ئازگىلىغا كېرىدىغان جاھىل ئىپلاس ! _ كالتە بۇرۇت كۆرەڭلىگەن ھالدا ھەيۋە بىلەن مىس كالتەكنى كۆتۈردى . ۋۇجۇڭ كالتە بۇرۇتنى تۇتۇۋېلىپ ، جيەن بوزەنگە چۈشەندۈرۈپ : ھازىر ليۇ شاۋچىنىڭ 1935 _ ، 1936 _ يىلىدىكى گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيىنىڭ نەنجىڭدە ئۆتكۈزگەن بىر نەچچە قېتىملىق سۆھبىتىدە گومىنداڭنىڭ CC ئېقىمىدىكى ئىشپىيۈنلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ، ئازات رايۇنلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ، قىزىل ئارمىيىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغان « سۈيقەست » ىنى ئېنىقلىماقچىمىز ، _ دېدى . ئەمەلىيەتتە بولسا ، بۇ بىر نەچچە قېتىملىق سۆھبەتكە ماۋجۇشى ئۆزى رەھبەرلىك قىغانىدى . دەسلەپتە سۆھبەتكە قاتناشقان ۋەكىل جۇشياۋجۇ بولۇپ ، جيەن بوزەن ئالاقىچى بولغانىدى . ليۇ شاۋچى بۇ سۆھبەتلەرگە ئەسلا قاتناشمىغانىدى . ۋۇجۇڭ داۋاملىق تۈردە « ئەقىل كۆرسىتىپ » : مۇشۇنداق بىر ئىش بار دەپ ئىسپات بېرىپ ، ئۇنىڭغا قول قويۇپ بەرسەڭلا ئىشىڭ تۈگەيدۇ ، _ دېدى .
       جيەن بوزەننىڭ تېنى غۇژژىدە بولۇپ كەتتى .
      _-  شۇنداق بولسۇن ! ئويلىنىپ كۆرگىن ، _ دېدى ۋۇجۇڭ ، _ ساڭا خىزمەت كۆرسىتىپ گۇناھىڭنى يۇيۇش پۇرسىتى بەردىم . سېنىڭ جاۋابىڭنى كۈتىمەن ! _ گېپىنى دەپ بولۇپ ، تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇپ جيەن بوزەننىڭ ئالدىدا ئۇياقتىن بۇياققا ماڭدى . خۇرۇم ئاياق پولغا قاتتىق تېگىپ رېتىملىق ئاۋاز چىقىراتتى .
      20 مىنۇتچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن جيەن بوزەن :
      _- ۋاقىت ئۇزۇراپ كەتكەچكە بۇنداق ئىشنىڭ بولغانلىقىنى ئېسىمگە ئالالمايۋاتىمەن ! _ دېدى .
      ۋۇجۇڭ تاماكىسىنىڭ قالدۇقىنى تاشلىۋېتىپ :
      __  ئېسىمگە ئالالمايۋاتىمەن ؟ ئالالمىساڭ بولمايدۇ ! ئېسىڭگە ئېلىشىڭ شەرت ، بۇ پارتىيىنىڭ ئېھتىياجى ! _ دېدى .
      ئۆيدە جىمجىتلىق ، يەنىلا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرەتتى . ئاتمۇسفېرا ھەرىكەتتىن توختاپ قېتىپ قالغاندەكلا كۆرىنەتتى .
      ۋۇجۇڭ :
      __ بوپتۇ ، ساڭا ئۈچ كۈن مۆھلەت بېرەي ، ئەمدىغۇ يېتەر ؟ ! _ دېگىنىچە قارا خۇرۇم سومكىسىنى قولتۇغىغا قىستۇرۇپ چىقىپ كەتتى .
      ئۈچ كۈن ئىچىدە جيەن بوزەن ئۆتكەن ئىشلارنى بىر _ بىرلەپ ئەسلىدى . 1936 _ يىلى ئۇ ليۇ شاۋچى بىلەن كۆرۈشمىگەنىدى . ئۆزىنىڭ مەركەزنىڭ تېلېگرامما ئارقىلىق بەرگەن چاقىرىقىغا بىنائەن گومورو ، ماشۈلۇن ، خۇشېڭ قاتارلىقلار بىلەن بىللە 1949 _ يىلى 4 _يانۋار شياڭگاڭدىن ئەينى چاغدا مەركەز تۇرۇشلۇق جايغا كەلگەنلىكى ، ئەتىسى ليۇشاۋچىنىڭ ئۆزىنى تۇنجى قېتىم قوبۇل قىلغانلىقى ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ تارىخ تەتقىقاتى جەھەتتىكى مۇۋەپپىقىيەتلىرىگە ناھايىتى يوقىرى باھا بەرگەنلىكى ، شۇنداقلا ئۆزىگە ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان « جۇڭگو ئۇمۇمىي تارىخى » نى يېزىپ بېقىشنى جېكىلىگەنلىكى ئېسىدە ئېنىق ساقلانغانىدى . ئۇ بۇ ۋەزىنلىك ئۈمىدنى ئىزچىل تۈردە كۆڭلىدە ساقلاپ كەلگەنىدى . « مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » باشلانغان دەسلەپكى ۋاقىتقىچە بۇنى ھەرگىز ئېسىدىن چىقارمىغانىدى . . .  ئەجەبا ئۆزىنىڭ ھايات قېلىشىنى كۆزلەپ ئىنقىلاب داھىيىسىغا تۆھمەت قىلىش كېرەكمۇ ؟ ! ياق ، ئۇلارنىڭ ئاغزىمدىن قىلچىلىك نەپكە ئېرىشىمەن دەپ خام خىيال قىلمىسۇن . . .
       ئۈچىنچى كۈنى بولغاندا ۋۇجۇڭ راست دېگەندەك كېرىپ كەلدى - دە ، جيەن بوزەننىڭ  « ئېسىمگە ئالالمايۋاتىمەن  » دېگەبن گېپىنى ئاڭلاش بىلەنلا پۇتى كۆيگەن توخۇدەك سەكرەپ كەتتى . ئۇ جيەن بوزەننىڭ بۇرنىغا قولىنى تەڭلاپ تۇرۇپ :
      _-  ئېنىق تاپشۇرمايدىكەنسەن ، ئالدىڭدا ئۈلۈمدىن باشقا يول يوق ! _ دەپ ھۆكىرىگەندىن كېيىن :
      __  يەنە كېلىمەن ،! سەن ئېنىق تاپشۇرمىغىچە سىنى ھەرگىز قويۇۋەتمەيمەن ! _ دەپ چىقىپ كەتتى .  
      __  شۇنىڭدىن ئېتىبارەن راست دېگەندەك ئۇ ئىككى _ ئۈچ كۈندە بىر نۆۋەت كەلدى . ئۇنىڭ پەيلى بارغانسىرى يامانلاشتى . ھەر قېتىم كەلگەندە ئۈچ _ تۆت سائەت سۇراق قىلىپ ، بارغانسىرى قاتتىق قىستىدى . سۇراقتا ھەمرا بولغۇچى كالتە بۇرۇت زەھەرخەندە بىر نېمە بولغاچقا ، جيەن ئاقساقالنى دائىم قاتتىق كالتەكلىدى . بۇ رېزىنكا يۆگەلگەن ، باشمالتاقتەك توملۇقتىكى ، يېرىم مېتىردىن ئۇزۇنراق مىس كالتەك بولۇپ ، بەدەنگە ئۇرسا جاندىن ئۆتكىدەك تەگسىمۇ تېرىنى زەخىملەندۈرمەيتتى . بۇ _ كالتە بۇرۇتنىڭ ئىجادىيىتى ئىدى .
      ئەنە شۇنداق قىيناپ ئازابلاش نەتىجىسىدە ، ياشانغان ، ئاجىز جيەن بوزەننىڭ جېنى ئارانلا قالغان بولسىمۇ ،ئەمما ۋۇجۇڭنىڭ ھەر قانچە قىستىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ بىرەر ئېغىزمۇ يالغان گەپ قىلمىدى .
       2 _ دىكابر چۈشتە ۋۇجۇڭ يەنە كەلدى .
        جيەن بوزەننىڭ  يەنىلا « ئېسىمگە ئالالمايۋاتىمەن  » دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ بىردىنلا يېنىدىن تاپانچىنى چىقىرىپ ، شىرە ئۈستىگە « ۋاققىدە » قويدى :
        __ بۈگۈن تاپشۇرمايدىكەنسەن ، ئاكاڭ قارىغاي مېڭەڭدىن تۈتۈن چىقىرىۋېتىدۇ !
       جيەن بوزەننىڭ چىرايى تامدەك ئاقىرىپ كەتتى .
       ۋۇجۇڭ ئالدىغا بىر قەدەم دېۋەيلەپ كېلىپ  تاپانچىنى جيەن بوزەننىڭ پىشانىسىگە چەنلەپ تۇرۇپ :
       __  ئېيتە ! تېز ئېيت ! ئېيتمىساڭ ئاكاڭ قارىغاي ھازىرلا سىنى ئېتىپ تاشلايمەن ! دەپ سۈرەن سالدى .
        توساتتىن يۈز بەرگەن بۇ ئىشتىن جيەن بوزەن ھاڭ - تاڭ قېتىپ قالدى . پۈتۈن ۋۇجۇدىغا تىتىرەك ئولاشتى ، بىراق ، ئۇ پاك ۋىژدانىنى ساقلاپ ئۈلۈشكە رازىمەنكى ، ئار - نومۇسنى سېتىش بەدىلىگە جاننى ساقلايدىغانلاردىن ھەرگىز بولمايمەن ، دەپ ئويلاپ ، باشقىلارغا تۆھمەت قىلىدىغان گەپنى باشتىن - ئاخىر ئاغزىدىن چىقارمىدى .
        ۋۇجۇڭ بىر ھازا ئەسەبىيلەشكەندىن كېيىن ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەي كېتىپ قالدى .
        ئاشۇ كۈنى بىر كېچىنى ئەر _  خوتۇن ئىككىيلەن بىر _ بىرىگە قارىشىپ ، گەپ _ سۆز قىلىشماي تۈنەپ ئۆتكۈزدى .
       ئەتىسى جيەن بوزەن باشقۇرۇش خادىمى لاۋۋۇدىن ئۇيقۇم ياخشى ئەمەس دەپ ئۇيقۇ دورىسى سۇرىدى . باشقۇرۇش خادىمى ئۇنىڭغا بىر كۈنلۈك دورا بەردى . ئەمما جيەن بوزەننىڭ ئاش - تامىقى ۋە يېتىپ - قوپۇشىغا نازارەت قىلىدىغان ھېلىقى ئىشچى ئۇنىڭ دورىسىنى ۋاقتىدا ئىچىشىنى كۆزەتمىدى . شۇنىڭدىن كېيىنكى يېرىم ئايدا جيەن بوزەن ھەر كۈنى ئۇيقۇ دورىسى ئالدى . . . 
    ( داۋامى بار ) 
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-04 01:16 |
tograk

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 61
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 393
شۆھرەت: 3601 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3581 سوم
تۆھپە: 1901 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1922 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3158(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

      17 _  دىكابر قاتتىق قار يېغىۋاتاتتى . جيەن بوزەن ئەسكى جۇۋىسىنى كىيىپ ، قەلىمىنى تارمىدىن ئېلىپ بىر نېمە يازماقچى بولۇپ قەغەزگە بىر نەچچە قۇر جىجىلىدى . بىراق ، خەت چىقمىدى . رېزىنكىسىنى چىقىرىپ قارىسا ، قەلەمنىڭ سىياھى تۈگىگەنكەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەسىرەت چىكىپ :
        _-  قەلەم بىلەن خەت يازسام خەت چىقمايۋاتىدۇ ، مەنمۇ تۈگىشىدىغان ئوخشىمامدىمەن ! _ دەپ تاشلىدى .
        __  سېنىڭ ئىدىيالىزىمىڭنى ھەر كۈنى تەنقىت قىلىۋاتساقمۇ ، __  دېدى ئۇنىڭغا نازارەت قىلىدىغان لاۋۋۇ ئۇنىڭ ھېلىقى گېپىنى ئاڭلاپ قېلىپ ، _  ئۆزگەرمەيدىكەنسەن ، يەنىلا ئىدىيالىزىمنى تەرغىپ قىلىۋاتىسەن !
       جيەن بوزەن ئۈندىمەي جىم تۇرىۋالدى .
       لاۋۋۇ يەنە :
       __ خوراپاتلىققا ئىشەنمەيمەن دەۋاتاتتىڭ ، قانداق بولۇپ يەنە ئۇنىڭغا ئىشىنىپ قالدىڭ ؟ _ دېدى .
       مۇشۇ كۈنگە كەلگەندە ، ھەي . . . ئىشىنىپمۇ قالدىمغۇ !
       18 _ دىكابر ئاخشام .  تالادا غازاڭلىرى قالماي تۆكۈلۈپ كەتكەن دەرەخ شاخلىرى شامالدا ئېچىنىشلىق ئاۋاز چىقىرىپ لىڭشىماقتا ئىدى . ئۆي ئىچىدە بولسا ، جيەن بوزەن قوللىرى تىتىرەپ تۇرغان ھالدا كىچىك بىر شېشىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ ئۇنىڭدىكى بىر قانچە ئون تال ئاپپاق تابلىت دورىنى توكتى . ئاشۇ مىنۇتتا ، ئايالى دەي شۇۋەنمۇ ئۆكسۈپ يىغلاپ تۇرۇپ تىتىرەپ تۇرغان قولىنى سۇندى . . .
       ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا ، نازارەتچى لاۋۋۇ ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتتىكى يايمىچىلار دۇكىنىدىن جيەن بوزەن ۋە ئۇنىڭ ئايالىغا بىر تەخسە پىلتە قۇيماق سېتىۋېلىپ ئەكىردى . سائەتكە قارىغانىدى ، ۋاقىت سەككىز بولاي دەپ قالغانىكەن ، شۇنىڭ بىلەن لاۋۋۇ جيەن بوزەنلەرنىڭ ئۆيىگە قاراپ بىر قانچە قېتىم توۋلىدى . ئۆيدىن سادا چىقمىدى . لاۋۋۇنىڭ يۈرىكى قاتتىق قىلدىدە _ دە ، ئىشىكنى كۈچەپ چەكتى ، ئۆيدىن يەنىلا سادا چىقمىدى . لاۋۋۇ ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى ھېس قىلىپ ، مۈرىسى بىلەن ئىشىكنى تۈرتتى .  
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-04 11:06 |
tograk

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 61
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 393
شۆھرەت: 3601 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3581 سوم
تۆھپە: 1901 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1922 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3158(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

        بىر نەچچە قېتىم قاتتىق ئىتتەرگەندىن كېيىن ئىشىك ئېچىلدى . لاۋۋۇ ئېتىلىپ بېرىپ يوتقاننى ئېچىپ قارىسا ، ئەر _ خوتۇن ئىككىلەن خۇددى سىرتقا تۇققان يوقلىغىلى چىقىدىغاندەك يېپيېڭى كېيىم ۋە ئاياغلىرىنى كىيىپ ئوڭدىسىغا ياتاتتى  .
       جيەن بوزەن ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئۇيقۇ دورىسى ئىچىپ ئۆلۈۋاپتۇ ! دېگەن قايغۇلۇق خەۋەر بېيجىڭ ئونۋېرستېتىنى لەرزىگە سالدى .
        يېنىنى ئاختۇرغاندا ، جيەن بوزەننىڭ چاپىنىنىڭ يانچۇقىدىن ئىككى پارچە باغاقچە چىقتى . باغاقچە ئىككىلىك كەڭلىكتە بولۇپ . ئۇنىڭ بىرىگە : « مەندە ھەقىقەتەن تاپشۇرغىدەك ھېچقانداق مەسىلە بولمىغاچقا ، مۇشۇنداق ھالاكەت يولىغا ماڭدىم ، مېنىڭ ئۈلۈمۈم ماڭا قارايدىغان يولداش بىلەن مۇناسىۋەتسىز ، ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ھەرگىز سۈرۈشتۈرمەڭلار . . . » دەپ يېزىلغانىدى .
       جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردە نامى چىققان بۇ ئالىم ئۆزىنىڭ ئاخىرقى تاللىشىدىن پۇشايمان يېمەي ، ئۈلۈۋېلىش ئارقىلىق ئاشۇ زامانغا بولغان ئاخىرقى قارشىلىقىنى بىلدۈرگەن ، ئۈلۈۋېلىش ئارقىلىق ئۆز ۋىژدانىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى ئىسپاتلىغان .
         تۈگىدى .
        
          « ئەدەبىي تەرجىمىلەر » دىن ئېلىندى .
           « باغداش تورى » غا مەنسۇب .
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-04 19:07 |
afrasiyap
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6456
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 40
شۆھرەت: 200 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 200 سوم
تۆھپە: 120 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 120 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 59(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاشۇ  قاباھەتلىك  يىللار  قانچىلىغان  ئسىل ئادەملەرنىڭ  بېشىغا  چىقمىدى،.
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-06 10:43 |
qarqani
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5745
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 89 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 89 سوم
تۆھپە: 50 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 56 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كاپىر كىتىپتۇ دە،.   ئەسلىمىغۇ كاپىر بولغىيتى،.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-24 18:24 |
revique
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7546
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 5 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5 سوم
تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى qarqaniدە2012-04-24 18:24يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
كاپىر كىتىپتۇ دە،.   ئەسلىمىغۇ كاپىر بولغىيتى،.   

چاقچاق بولىسمۇ جايىدا قىلساڭ بولمامدۇ .كاپىر بولسا نېمە بوپتۇ ،بىر يېرىڭىگە كىرىپ كەتمىگەندۇ ؟مەنمۇ ئۇيغۇر بولساممۇ ،لېكىن مەن كاپىر !لېكىن مەن ئۆزۈمگە ۋە ئۇيغۇرلارغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلىپ باقمىدىم .
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-11 21:57 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » ئەدەبىي ئەسەرلەر