مەرھۇم ئالىم، تىلشۇنىسىمىز ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ<< دېڭىزدىن
سادا>> ناملىق نەسىرى
قاپقاراڭغۇ بىر كېچە... چەكسىز كەتكەن كۆپكۆك بىر دېڭىز... ئۇ، قاراڭغۇ كېچىنىڭ سۈرى بىلەن گويا قارا بولۇپ كۆرۈنەر ، دەھشەت بىلەن دولقۇنلىنار ، قويۇق كۆپۈكلەر چاچرىتار.
ئەنە ئۇنىڭ تېشىپ چىققان جۇشقۇن سادالىرى...
ئەنە ئۇ دېڭىز بويىدا ئاسمان بىلەن قۇچاقلاشقان تىك تاغ. ئۇنىڭ قىلىچ كەبى ئۆتكۈر تاشلىرى دولقۇنلۇق دېڭىزغا غەلىتە بىر تۈستە باقار، ئۇنىڭدىن بىر نەپەس كۆزىنى ئالماس، ھامان قاراپ تۇرار، ھامان ئىنتىلۇر. ئەنە شۇ تاغنىڭ يان باغرىدا ئاللىقانداق خىيالغا چۆمگەن بىر شائىر. ئۇ سۆز باشلاپ ، گويا دېڭىزغا ئەرز ئېيتار ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاپئاق كۆپۈكلەر قاينار ...
-ئەي دېڭىز ، نېچۈن مۇنچە دولقۇنلىنارسەن؟ توختا بىردەم ، مېنىڭ سوئاللىرىمغا جاۋاب بەر :
نېچۈن ئۇزاق چاغلاردىن بېرى بىزگە كۈن نۇرى تەگمەس؟ نېچۈن ئاسمىنىمىز ھامان تۇمانلىق ، ھامان بۇلۇتلۇق ، ھامان تۇتۇق؟ بىر كۈنمۇ ئوچۇق بولغىنى يوق، بىر كۈنمۇ ! ھامان بىزگە تۈن ! ئۆمۈر لاي سۇ كەبى ئېقىپ كەتمەكتە. ھەر چاغ، ھەر زامان كۆڭلىمىز سۇنۇق...
يىللار ، ئەسىرلەر شۇنداق ئۆتتى. ھەر يىل ، ھەر ئەسىر بىزنى قاقشىتىپ ، بەك كۆپ غەنىيمەتلەرنى ئېلىپ كەتتى ، ئۆمۈرنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئوغىرىلاپ قاچتى، لېكىن بىزگە ھېچنىېمە بېرىپ كەتمىدى، پەقەت مۇڭ بىلەن ھەسرەت ، قايغۇ بىلەن ئەلەم ، كۆزلىرىمىزدە قۇرىماس نەم قالدۇرۇپ كەتتى، بىزگە بەرگەن سوۋغىتى شۇ بولدى...
بىز ھەمىشە نۇرغا تەشنامىز ! بىراق، ئۇ بىزدىن جامالىنى يۇشۇردى، بىر قارا پەردە ئۇنىڭ يۈزىنى توستى، ياق، بەلكى بىزنىڭ كۆزىمىزنى توستى. شۇنداق قىلىپ ، بىز ئۇنىڭدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالدۇق، پۈتۈنلەي... شۇنىڭ ئۈچۈن ، چىرايىمىز سارغايدى، يۈرەكتىكى قان - زەرداب سۇغا ئايلاندى.
ئاھ، قېنى ئۇ بەخىت قۇياشى ، قېنى ئۇ نۇر ؟ قېنى ئۇ گۈزەل باھار ؟
يوق ، بىرىمۇ يوق ، بىز ھەممىمىز مەھرۇم!
ئەنە تەڭرىتاغ ، ئالتاي، كوئېنلۇن، پامىر تاغلىرىنىڭ ئۈستىدە ھامان شۇ قارا بۇلۇتلار ، ھامان بىر قارا پەردە ... ئىلى، تارىم، ئېرتىش ۋە باغراش سۇلىرى ئۈستىدە ھامان بىر قارا تۇمان ! قاچانغىچە شۇنداق؟ قاچان بىزگە تاڭ ئاتار ؟
يادىڭدىدۇر بەلكىم، بىزدە بىر ئەمەس، قانچە- قانچە قېتىملاپ قاتتىق بورانلار سوقۇپ ئۆتتى، بۇ بورانلار بىلەن گويا پۈتۈن جاھان تىترەپ كەتكەنىدىغۇ! بوران سوققان بىپايان دەشىت-جاڭگاللاردا قىپقىزىل قانلار دەريا بولۇپ ئاقمىغانمىدى؟ ئىگىسىز قالغان جەڭ تۇلپارلىرى تىزگىنلىرىنى سۆرەپ، كۆككە قاراپ ھەسرەت بىلەن كىشنەشمىگەنمىدى؟ گىياھلارغا ئىلىنىپ قالغان ئادەم ئۈچەيلىرى سىم تانابنىڭ سىملىرىدەك ۋىڭىلداپ ، ئەتراپقا دەھشەت سالمىغانمىدى؟ بۇ بورانلار سوقماقتا تېخى، بەلكى يەنىمۇ سوقار...
ئەجەبا! شۇنچە بورانلار بۇ قارا بۇلۇتلارنى نېمىشقا سۈپۈرۈپ تاشلىيالماس، نېمىشقا بۇ قارا تۈن پەردىسىنى يىرتىۋېتەلمەس،نېمىشقا؟
قاچان بىزگە تاڭ ئاتار ؟ ئېيتقىنا ، قاچان ؟
بىلىمەن ، بوران سوقماقتا ، بوران.
بىراق، قورقىمەنكى، بۇ بوران توختاپ قالمىغاي دەپ، يەنە بىزگە تاڭ ئاتماي قالمىغاي دەپ.
ئېيىتقىنا، بىزگە تاڭ ئاتامدۇ- يوق؟ ئۇ تاڭ قاچان ئاتىدۇ؟ قاچان؟ ئۇ تاڭ قايسى تەرەپتىن يورۇپ، قايسى تەرەپتىن بەخىت تۇغار؟
دولقۇنلۇق دېڭىزدىن جۇشقۇن بىر سادا كەلدى:
- توختا، ئەنە، تاڭ ئاتماققا ئاز قالدى. تاڭ كۈنچىقىشتىن ئاتىدۇ، ئەمما يەنە كۆپ چېلىش بورانلىرى سوقسۇن!
1945-يىل دېكابىر ، لەنجۇ