ئۈچ ئالىمنىڭ سۆھبىتى :
3. باراۋەرلىك ئەڭ ياخشى مىللەتلەر سىياسىتى بولۇشى مۇمكىن
فەن جىپىڭ (شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى”تەڭرىتاغ ئالىمى “ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمان بولىۋاتقان پروفېسسور ): بىزنىڭ سېياسەتلىرىمىز گىراژدانلار بېلەن ئۇلارنىڭ مىللەت تەركىبىنى قەدەممۇ-قەدەم ئايرىۋېتىشنى نىشان قىلغان.ئېتىبار بېرىش ھامان مۇئەييەن ۋاقىت ۋە باسقۇچ خاراكتىرىگە ئىگىكى ئۇ ھەرگىزمۇ مەڭگۈلۈك ئەمەس. مۇنداقچە ئېيىتقاندا ، مۇئەييەن مەزگىلدىكى ئالاھىدە سېياسەتلەر ئارقىلىق نىسبەتەن ئارقىدا قالغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى يۆلەپ ھەر قايسى مىللەت ، ھەر قايسى رايونلاردىكى خەلق بېلەن ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئېتىبار بېرىش سالمىقىنى تارايتىشقا بولىدۇكى ئۇنى كېڭەيتىۋېتىشكە بولمايدۇ.مەسىلەن ئالىي مەكتەپ ئىمتاھان نومۇر سىزىقىنى ئېلىپ ئېيىتساق 100نومۇر ئېتىبار قىلىنغان بولسا ئۇنى 70-80گە ، 50-60 قا چۈشۈرۈپ ، بارا-بارا ئازلىتىپ مىللەتنى ئېتىبارغا تايىنىپ ئەمەس ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تاپقۇزۇشنى مەقسەت قىلماقچى. مانا بۇنى ھەقىقى مۇۋەپپەقىيەت دېسە بولىدۇ.چەتئەللەردىمۇ ئارقىدا قالغانلارغا ئېتىبار بېرىش مەۋجۇت.ئامېرىكا 1961-يىلى يولغا قويغان «يۆلەش ھەركىتى» ئارقىلىق مۇشۇنداق تۈزۈمنى يولغا قويغان .بۇ ئاسىيا-ئافرېقىلىقلار پۇشتى، لاتىن ئامېرىكىلىقلار پۇشتى قاتارلىق ئاجىزلار توپىغا قارىتىلغان.ئەمما بىز بېلەن ئوخشىمايدىغىنى ئۇلاردا تەركىبنى تىزىملىتىش بىزدىكىدەكك ئىختىيارى قىلىنمىغان بەلكى چوقۇم ئۆزى ئىلتىماس سۇنۇش، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ «ئاجىز» ھالەتتە تۇرىۋاتقانلىقى ئېتىراپ قىلىنىشى شەرىت قىلىنغان. مانا بۇ ئامېرىكا سېياسىيونلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدۇر. ئامېرىكىدەك رىقابەتلىك جەمئىيەتتە ئىقتىدارى بارلىكى ئادەم باشقىلارنىڭ كەمسىتىشىدىن قورقۇپمۇ بولسا ھەرگىز «ئاجىز»لار توپىغا قوشۇلۇپ قېلىشنى خالىمايدۇ.
ما روڭ (بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق-ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ پروفېسسورى ) : 2009 -يىلى ئامېرىكا نوپۇسى ئىچىدە نېگىرلارنىڭ نوپۇسى %12نى ئىگىلىگەن. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىتىدا نېگىر ئوقۇغۇچىلار %10.8 نى ئىگىلىگەن. ئەلنىڭ سەرخىللىرى ۋە داھىيىلىرىنى يېتىشتۈرىدىغان مانا شۇنداق ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتىتلاردا تەربىيەلەنگەن نېگىر سەرخىللار دۆلەتنىڭ سەرخىللار سېپى ئىجتىمائىي تورىغا كىرىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدە ئىقتىدارىنى نامايان قىلغاندىن كېيىن، نېگىرلارنىڭ دۆلەتكە بولغان ئورتاق تونۇشى كۈچەيگەن. ئامېرىكىدا ئىرقىغا قاراپ ئايرىلغان مەكتەپلەر يوق دېيەرلىك، ئېلىمىزدە بولسا مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى-ئىنىستىتوتىدىن 14 ئى بار. مەسىلەن: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئىنىستىتوت-فاكۇلتىتلار ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلى ۋە خەنزۇ تىلى بويىچە ئايرىلىدۇ، ئازسانلىق مىللەت ۋە خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم دەرس ئۆتۈلىدۇ. بۇنداق بولغاندا، مەلۇم جەھەتتىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللەت ئېڭى كۈچىيىپ، ئارىدا توساق پەيدا بولىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى تىل ۋە كەسپىي سەۋىيە جەھەتتىكى چەكلىمە تۈپەيلىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىدىكى كەسكىن رىقابەتتە پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالسا، ئوڭايلا بۇنى مىللىي مەسىلىگە تاقىۋالىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئاساسلىقى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتىتى قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مەكتەپلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەپ، شۇ مەكتەپلەردە دۆلەتنىڭ سەرخىللار تورىغا كىرگۈزۈپ، جوڭخۇا مىللەتلىرىگە بولغان ئورتاق تونۇشىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئەگەر كەلگۈسىدە جۇڭگۇدا موڭغۇل، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەردىن دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى چىقسا، شۈبھىسىزكى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جوڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىگە بولغان ئورتاق تونۇشى كۈچىيىدۇ.
ۋۇ چۇكې (مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ) : ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئەندىزىسى بويىچە بولغاندا ئامېرىكىدىكى بارلىق ئۇنۋېرسىتېتلارنىڭ ھەممىسىنى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتى دېسىمۇ بولىدىكەن. ئېلىمىزنىڭ دېڭىز بويى ۋە شەرقىي قىسىم رايونلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئۇنۋېرسال تەرەققىياتى تېز بولىۋاتىدۇ.شۇڭا غەربىي شىمال، غەربىي جەنۇبتىكى مىللەتلەر قالاق رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەكلىشى كېرەك.چېگرا رايونغا تەۋە بولغان ئەشۇ رايونلاردىكى مىللەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى دۇنيا ھالقىغان مىللەتلەر بولۇپ، چېگرا رايوندىكى دۇنيا ھالقىغان مىللەتلەر بېلەن قوشنا ھالەتتە ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەر بۈگۈنكى دۇنيادىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ كەلمەكتە. شۇڭا بىزنىڭ مىللەتلەر سېياسىتىمىزنىڭ نىشانى غەربىي شىمال، غەربىي جەنۇب بېلەن دېڭىز بويى ۋە شەرقىي قىسىم رايونلىرىغا ئوخشاش كۆز بېلەن قاراشتا ئىپادىلىنىشى كېرەك.پەقەت ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ماھىيىتىنى توغرا تونۇغاندىلا ئاندىن جۇڭگونىڭ مىللەتلەر سېياسىتى ۋە نەزەرىيىلىرى ھەققىدە قايتا ئويلىنىش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.
http://opinion.huanqiu.com/roll/2011-09/2021367_3.htmlئەسكەرتىش : بۇ ئىنكاسنىڭ 2-بۆلىكى تارىمنىڭ 23-قەۋەتتىكى تەرجىمە ئىنكاسىدىن ئېلىندى.