ئائىلە باشلىقى ئەمەلدار بۇلۇپ
ھېساپلانمامدۇ؟
بىر يىگىت بۇلۇپ ،بىر قىزنى ياخشى كۈرۈپ قاپتۇ، ئۇنى ئاران ئىندەككە كەلتۈرۈپ،ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىپتۇ.قىز سۇراپتۇ؛
-دادىڭىز نىمە ئىش قىلىدۇ؟. يىگىت قىزنىڭ تۇنجى پاراڭدا بۇنى سورىغىنىدىن بىئارام ھېس قىلىپ،نىمە دىيىشنى بىلەلمەي قاپتۇ،چۈنكى بۇيىگىتنىڭ دادىسى ئۇششاق تىجارەتچى بۇلۇپ ،دىگۈدەك باي ئەمەسكەن. يىگىت قىزنى ئۈمۈتسىزلەندۈرۈشتىن ئەنسىرەپ،چاقچاق ھىسابىدا؛
-دادام باشلىق - دەپ قۇيۇپتۇ.
-قەيەردە .
-ھازىر دىسەم بولمايدۇ.
-نىمىشقا؟
-بولمايدۇ دىگەندىكىن بولمايدۇ،ۋاقتى كەلگەندە ئۈزۈڭىز بىلگىنىڭىز ياخشى ،شۇنداق ئەمەسمۇ؟
-ھىم.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار توي قىلماقچى بۇلۇپ پۈتۈشۈپتۇ.ئەمما قۇدىلاريۈز كۈرۈشكەن ۋاقىتتا قىز بارابارا ئۈمۈتسىزلىنىشكە باشلاپتۇ.چۈنكى يىگىتنىڭ دادىسىنىڭ ھېچبىر باشلىق چىرايى يوق ئىكەن.
بىر نەچچە كۈندىن كىيىن قىز -يىگىت توي خېتى ئېلىشقا چىقىپتۇ.شۇۋاقىتتا قىز سوراپتۇ؛
-دادام باشلىق داۋاتاتتىڭىز، قەيەردە ئىشلەيدۇ؟
-دادامما! دادام ئۆيدە ئىشلەيدۇ.
-دادىڭىز باشلىق ئەمەسما؟
-باشلىق .
-نىمە باشلىقى؟
-ئائىلە باشلىقى -دە. يىگىت مىيىقىدا كۈلۈپ قۇيۇپتۇ. قىز شۇچاغدا ھەممىنى تۇلۇق چۈشۈنۈپتۇ-دە،غەزەپتىن ۋاقىراشقا باشلاپتۇ؛
-ئادەمنى مۇشۇنداقمۇ ئەخمەق قىلامسىز.
-قانداق ئەخمەق قىلدىم ؟
-ئائىلە باشلىقىنىمۇ باشلىق دىگىلى بۇلاتتىمۇ؟
-ئەمىسە ئائىلە باشلىقى باشلىق ئەمەسمىكەن؟
-ئەمىسەباشلىقمىتتى! باشلىق دىگەن..... -قىز ئاخىرقى گېپىنى دىيەلمەي يىغلىغىنىچە كېتىپ قاپتۇ. يىگىت كەينىدىن ۋاقىراپ؛
-ئائىلە باشلىقى ئەمەلدار ھىساپلانمامدىكەن؟-دەپتۇيۇ،ئەمما قىز كەينىگە قاراپمۇقويماپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ نىكاھ ئاخىرلىشىپتۇ.يىگىت «ئائىلە باشلىقى» دىگەن بۇ «مەنسەپ»نىڭ قانداق كۈچى بارلىقى ھەققىدە خىيالغا پېتىپتۇ.