ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەڭ ساقلىق سۆيەر تورداشلار،
ئەلداۋا ساغلاملىق تورى قۇرۇلغاندىن بېرى ئىزچىل ھالدا «سۈپەت بىرىنچى سان ئىككىنچى» دېگەن پرىنسىپ بويىچە تىرىشىپ، توختىماستىن يېڭىلىق يارىتىپ كېلىۋاتىدۇ.
ھەممىمىزگە مەلۇم بولسا كېرەك، ئەلداۋا ساغلاملىق تور ژۇرنىلىنىڭ
تۇنجى سانى نورۇزدا تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن بېرى ھەر قايسى ساقلىق سۆيەر قېرىنداشلارنىڭ كۈچلۈك ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلدى ھەمدە بۇ جەرياندا بىر قىسىم قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنىمۇ تاپشۇرۇپ ئالدۇق.
بىز تور ژۇرنىلىمىزنىڭ تۇنجى سانىدا كىچىك ئەسكەرتىش بېرىپ، ئەلداۋا ساغلاملىق تور ژۇرنىلىنى تورداشلار بىلەن بىرلىكتە باشقۇرۇپ، تېخىمۇ مۇكەممەل، تېخىمۇ قىممىتى بار تور ژۇرنىلى قىلىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمىزدىن تورداشلارنى خەۋەرلەندۈرگەن ئىدۇق. بىز داۋاملىق تورداشلارنىڭ تور ژۇرنىلىمىزغا قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپ بېرىپ، ژۇرنىلىمىزنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشى ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ بېرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
بۇ قېتىم مەزكۇر يازمىنى تەييارلاشتىكى تۈپ مەقسەت، تورداشلارنى يەنە بىر يېڭىلىقتىن خەۋەردار قىلماقچىمىز.
ئەلداۋا ساغلاملىق تور ژۇرنىلى 2-ساندىن باشلاپ كەڭ تورداشلاردىن ھەقلىق ماقالە قۇبۇل قىلىدۇ.
ماقالە قۇبۇل قىلىش شەرتىلىرى ۋە تەلەپلەر تۆۋەندىكىچە: 1. ئەلداۋا ساغلاملىق تور ژۇرنىلىمىز تېببىي كەسىپنى ئاساس قىلغان كەسپىي تور ژۇرنىلى بولۇپ، ژۇرنىلىمىزغا ماقالە بېرىش دائىرىسى تېببىي كەسىپ بىلەنلا چەكلىنىدۇ. 2. ماقالە ئاپتۇرىنىڭ كەسپىي، جىنسىي، يېشى قاتارلىقلار چەكلەنمەيدۇ. پەقەت نادىر بولغان تېببىي ساھەدىكى ماقالىلەر بولسا ھەممىسى قۇبۇل قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزىلىدۇ. 3. ماقالە تەمىنلەشتە، ئىجادىي (كەسپىي خادىملارغا ماس كېلىدۇ) ۋە قىممىتى يۇقىرى بولغان تەرجىمە ماقالىلەر بولسا بولىدۇ. «چوقۇم ئىجادىي ياكى چوقۇم تەرجىمە بولۇشى كېرەك.» دەپ شەرت قويۇلمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى ماقالىنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى! 4. ئەلداۋا ساغلاملىق تور ژۇرنىلىغا بېرىلىدىغان ماقالىلەر چوقۇم ئەلداۋا ساغلاملىق مۇنبىرىگە يوللىنىشى كېرەك. ژۇرنالغا كىرگۈزۈلىدىغان ماقالىلەر مۇنبەردىن تاللىنىدۇ. 5. ئەلداۋا ساغلاملىق تور ژۇرنىلىنىڭ 2-سانىغا ماقالە قۇبۇل قىلىش ۋاقتى 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە بولىدۇ. 6. 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە ئەلداۋا ساغلاملىق مۇنبىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئەلداۋا ساغلاملىق مۇنبىرىگە يوللانغان ماقالىلەردىن 2-سان ژۇرنالغا كىرگۈزۈلىدىغان ماقالىلەرنى تاللاپ بېكىتىپ چىقىدۇ. 7. ھەر قانداق ماقالە ئەسلى ئاپتۇرنىڭ نام-شەرىپى بىلەن ئېلان قىلىنىدۇ. (كونكىرت ئەھۋالنى تۇنجى سان ژۇرنالنى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.) 8. ئەلداۋا ساغلاملىق تور ژۇرنىلى ھەر تاق ئاينىڭ 20-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ. قەلەم ھەققى ھېسابلاش ئۆلچىمى: 1. ئەلداۋا ساغلاملىق تور ژۇرنىلىغا بېسىلغان ماقالىلەر مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈپ تاللاپ بېكىتىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ماقالىنىڭ ھەر بىر بېتى ئۈچۈن 30 يۈەن (ئوتتۇز يۈەن) بويىچە قەلەم ھەققى ھېسابلىنىدۇ. 2. ئەلداۋا ساغلاملىق تور ژۇرنىلىنىڭ ماقالە بەت ئۆلچىمى ئۆلچەملىك A4 قەغىزى ئۆلچىمىدە بولۇپ، كونكىرت بەت تىزىلىشى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ: كەڭ ساقلىق سۆيەر تورداشلارنىڭ ۋاقىپ بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ھۆرمەت بىلەن:
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى