ئاشخانىدا قانداق پۇل تۆلەش كېرەك؟؟؟
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!!!
تۆۋەندە سىلەردىن بىر مەسلەت سورىماقچىمەن. كۆپۈنچە چاغلاردا ئىككى ئادەم ئاشخانىدا تاماق يىگەندە پۇلنى ئىككى تەرەپ تەڭ تۆلەش كېرەكمۇ ياكى بىر-بىرسىنى ئىتىرىشىپ تۆلىگەش كېرەكمۇ؟
مەن كۆپ ئادەملەرنىڭ پۇل تۆلەيدىغان چاغدا چىرايى تاتىرىپ، تەشۋىشتە قالىدىغانلىقىنى سەزدىم . پۇلى بارلار ئۆزىنى مەرت كۆرسۈتۈپ ئاۋۋال يۈگۈرەيدۇ. باشقىلارغا پىخسىك كۆرۈنۈپ قېلىشتىن ساقلىنىدۇ . مەن كۆپۈنچە دوستلۇرۇمنىڭ تاماقنى خاتىرجەم يەپ بولالمايلا ھېساۋاتچى يۈگۈرۈپ بېرىپ پۇل تۆلەشلىرىدىن بىزار بولدۇم. بۇنداق بولغاندا بىر-بىرىنى قەرىز قىلىپ قويدۇ. قەرىز بولغان ئادەم" بۇدا مەن تۆلەيمەن" دەپ خاتىرجەمسىز ياشايدۇ. بەزىدە دوستلار ئارا يوشۇرۇن غەيۋەت، پىتنە بولۇپ قالىدىكەن. مۇشۇ ھەقتە ئىسلام ئۆلىمالىرىدىن مەسلىھەت سورايمەن.