قومۇل شەھىرى تۇنجى نۆۋەتلىك يىلتىز پۇتبول
بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلمەكچى
قومۇل ۋىلايىتىدىكى كەڭ پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ زور كۈچ چىقىرىپ، تىرىشىشى نەتىجىسىدە قومۇل شەھىرى تۇنجى نۆۋەتلىك يىلتىز پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلمەكچى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى باشلامچىلىقىدا ، شىنجاڭ روھى ۋە تەنتەربىيە روھىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش،ھەرمىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيەت-تەنتەربىيە تۇرمۇشىنى سەرخىللاشتۇرۇش،قومۇلنىڭ ئامما ئارىسىدىكى پۇتبول ھەركىتىنى راۋاجلاندۇرۇش،پۇتبول مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىش،قومۇل ۋىلايىتىنىڭ پۇتبولچىلڭقىنى ئۆزلەشتۇرۇش ۋە تېخىمۇ يوقۇرى پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن،شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەتقىق قىلىش ئارقىسىدا؛
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۇنىدىن 6-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە 9-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە 10-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۈتكۈزۈلمەكچى،مۇسابىقە ھەرھەپتىنىڭ شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئېچىلىش مۇراسىمى4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەتىگەن سائەت 7:30دە(ئۈرۈمچى ۋاقتى) پىداگوگىكا مەكتەپتە (سىفەندە)ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بۇقېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىگە ئۈرۈمچى ھۇررا كوماندىسى تەكلىپ قىلىندى.
4-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن كېيىن 15:00دە (ئۈرۈمچى ۋاقتى) قومۇل بىرلەشمە(b)كوماندىسى ئۈرۈمچى ھۇررا كوماندىسى بىلەن دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ .
4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەتىگەن سائەت 7:30دە قومۇل بىرلەشمە(a)كوماندىسى ئۈرۈمچى ھۇررا كوماندىسى بىلەن دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ؛
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىلىشىدىغان كوماندىلار: ئىۋىرغول كوماندىسى، نېفىتلىك كوماندىسى، تۆمۈريول پويىز ئىستانسىسى كوماندىسى،ئايشەمخان تورتخانىسى كوماندىسى،راكىتا كوماندىسى،چىلانلىق باغ(قارادۆۋە) كوماندىسى، ساقا ئۈمىد كوماندىسى، كۇنمو كوماندىسى، تۆمۈريول ياشلار كوماندىسى،كامىل سۈتچىلىكى (تېخنىك مەكتەپ) كوماندىسى،پالۋان (پالۋانتۇر) كوماندىسى؛
بارلىق پۇتبول سۆيەر قېرىنداشلارنىڭ يېقىندىن قوللاپ بېرىشىنى،نەق مەيدانغا بېرىپ ، مۇسابىقىلىرىمىزنى كۆرۈپ مەدەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى 14-ئاپرېل14:00دە(ئۈرۈمچى ۋاقتى) 9-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
[ بۇ يازمىنىeverollدە2012-04-06 21:48قايتا تەھرىرلى ]