9-ئوتتۇرا تىئەنما سىچاڭنىڭ ئارقا ئىشكىدىكى باۋفېڭ سىچاڭنىڭ تۆۋەينىدىلا .
مەن تۆنۆگۆنكى ، بۈگۈنكى مۇسابىقىلەرنى تولۇق كۆردۈم ، ئالدىنقى كۈنى قومۇل كوماندىسى باشتا خېلى تىركەشكەن ئىدى ، كېيىن بىر توپ يەپلا كەينى-كەينىدىن يەپ كەتتى ، نەتىجە 5:1 ، بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى بولغاندىكىن بەك پارلاپ چۈشەرمىدى ، بۈگۈن بىزنىڭ باللانىڭ ئىپادىسى خېلى ياخشى بولدى ، باشلىنىپلا 1 مىنۇتنىڭ ئىچىدىلا بىر توپ ئېلىۋالدۇق ، كېيىن ئۇلار 2 توپ ئۇرۇۋالدى ، ئاندىن بىزنىڭ 1 توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2-2 قىلغانىدۇق ، كېيىنىكى يېرىم مەيدان ئاخىرلىشىدىغانغا ئاز قالغاندا 2 توپ يەۋېلىپ2-4 بولۇپ يېڭىلىپ قالدۇق ، لېكىن ھۇررا كۇلۇبى تارىخىدا ئۇنداق تېز توپ يەپ باقمىغاندۇ
ھۇررانىڭ مۇداپىيەسى خېلى كۈچلۈككەن ، ھۇجۇمدىمۇ بىر 7- نومۇرلۇق سېرىق چاچ بىرسى باركەن ، بەك ئوينىتىدىكەن ، خېلى يامان گۇيكەن ، مەن قاراپاقسام بۇلار ئوفسائىت ( يۆۋېي ) ياساشقا بەك ئۇستىكەن ،بىزنىڭ ئەمدىلا يۈگەرسە بايراقنى كۆتۈرۈپ ،پۈشتەك چېلىپ ، بىر يۇرتلۇق بولغاندىكىن كۆزنى يۇمەلىۋەتسىمۇ بولاتتى
ئوفسائىت ياسىماقمۇ ئاسان ئىش ئەمەس ، خەتەرلىك ، گەپ قاملاشتۇرالاشتا ، ئاندىن بۇلار بەك يىقىلىشقا ، موللاق ئېتىشقا ئۇستىكەن ، بولۇپمۇ 7- نومۇرلۇقى ، مۇنداقلا ئىشلا بولسىلا يىقىلىپ يېتىۋېلىپ، ھەي
ئىشقىلىپ ئەمىلىي كۈچىمۇ يامانكەن ، مەن ئويلاپ كەتتىم ، ئاران بىر كەلگەندىكىن ، چۈشتىكى بىزنىڭ جەسۇر بىلەن ئويناپ باققان بولسا قايناق بولار دەپ ، ئاڭلىشىمچە ھۇررا تارىخىدا يېڭىلىپ باقماپتۇمىش ، جەسۇرنىڭ بىر يېڭىپ قويغان بولسا
ئەمدى قاندقلا بولمىسۇن ئاپتۇنۇم رايوندىن كەلگەندىكىن كىچىككىنا قومۇلغا يېڭىلىپ قالسىمۇ بولمايدۇ-دە ، ئۇلارغىمۇ سەت ئەمەسمۇ
ياڭغىنىما بولدى ، خۇدايىم بۇيرىسا جەسۇر بىلەن بىر رەسمىي تۇتۇشتۇرپاقساق بولغىدەك