1985- يىلى گورباچيوف « تەخت » كە چىققاندىن كېيىن ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىقتسادىي تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن تۇرغۇنلۇق ۋەزىيتىنى نەزەردە تۇتۇپ ، ئالدى بىلەن ئىقتسادى ئىسلاھاتنى مۇھىم نۇقتا قىلدى ، بىراق مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرشەلمىدى . 80- يىللارنىڭ ئاخرىدا ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىقتسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيسى يەنىمۇ تۆۋەنلەپ كەتتى. گورباچيوف يەنە ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى سىياسى ساھەگە يۆتكىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىياسى تۈزۈلمىسىدە جىددى ئۆزگىرىش يۈز بەردى . بۇ ئۆزگىرىش ئاساسلىقى بىر پارتىيلىك تۈزۈمدىن كۆپ پارتىيلىك تۈزۈمگە ئۆتۈش، دۆلەت ھوقۇقىنى تارقاقلاشتۇرۇشتا ئىپادىلەندى . ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ كېتىش يۈزلىنىشىمۇ ئۇنىڭغا ئەگشىپ كۈچەيدى.
1990- يىل 3- ئايدا ، بالتىق دېڭىزى بويىدىكى لىتۋا ئالدى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىدى . ئۇزاق ئۆتمەي باشقا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرمۇ ئارقا - ئارقىدىن ئىگىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ئېلان قىلىپ ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قانۇن ، پەرمانلىرىنى ئىجىرا قىلمايدىغان بولدى . 1991- يىلى 3- ئايدا، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئومۇمى خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلگەندە ، ئاۋاز بېرشىكە قاتناشقان كۆپ سانلىق كىشلەر جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنى ساقلاپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلدى . 4- ئايدا، گورباچيوف توققۇز ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتنىڭ رەھبىرى بىلەن بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ ، جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، مەركەزنىڭ فۇنكىسيسى ۋە ھوقۇقنى ئاجىزلاشتۇردىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە يېڭى جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى شەرتنامىسىنى تېزدىن ئىمزالاشنى قارار قىلدى . 8- ئايدا ، گورباچيوف يېڭى جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى شەرتنامىسى لايھىسىنى ئېلان قىلدى، بۇ لايھىدە دۆلەت نامىنى « سوۋېت ئىگىلىك ھوقۇقلۇق جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى » دەپ ئۆزگەرتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى .
1991- يىلى 8- ئاينىڭ 19- كۈنى ، يېڭى جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى شەرتنامىسى ئىمزالىنىش ئالدىدا تۇرغان پەيىتتە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سەككىز ئەمەلداردىن تەشكىللەنگەن « دۆلەت جىددى ھالەت كومتېتى » سىياسى ئۆزگىرىش قوزغاپ ، « دۆلەت ۋە جەمئىيەتنى كىرىزسىتىن تېزدىن قۇتۇلدۇرۇش » قا ئۇرۇندى. ئەمما ئۇلار ئۈچ كۈنگە بارمايلا مەغلۇپ بولدى . بۇ ۋەقەدىن كېيىن ، گورباچيوف دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىش نوپۇزى ۋە ئىقتدارىدىن ھەقىقى مەھرۇم قالدى ، ئومۇمى ۋەزىيەتنى روسىيە رەھبىرى يىلتسىن تىزگىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى تېخىمۇ تېزلەشتى . 1991- يىلىنىڭ ئاخرىدا ، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلاندى.
12- ئاينىڭ 8- كۈنى ، روسىيە فېدېراتسىيسى ، بىلوروسىيە ۋە ئۇكرائىنا رەھبىرى گورباچيوفنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ « مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى (م د ب ) » قۇرۇلغانلىقىنى ئالدى بىلەن جاكارلىدى . 12- ئاينىڭ 21- كۈنى ، 11 ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ( بۇ چاغدا گىروزىيە ، لىتۋا ، ئېستونىيە ۋە لاتۋىيدىن ئىبارەت تۆت ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت « مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى » گە قاتناشمىدى ) نىڭ رەھبىرى يىغىن ئېچىپ ، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى قۇرۇش توغرىسىدىكى ھۆججەتكە ئورتاق ئىمزا قويدى. يىغىن گورباچيوفقا ئالاقە ئەۋەتىپ ، ئۇنىڭغا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەۋجۇتلۇقتىن قالغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئامالسىز قالغان گورباچيوف بۇ پاكىتنى قۇبۇل قىلىپ ، 12- ئاينىڭ 25- كۈنى كەچتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالىي رەھبرىلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ھەم يادرو قورالىنى تىزگىنلەش ھوقۇقىنى يېلتسىنغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى .