ئۆچمەس يۇلتۇز- سوپاخۇن سوۋۇرۇۋ
مەن ھەرمەتلىك گېنىرال، ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۆچمەس يۇلتۇز سۇپاخۇن سۈۋۈروۋنىڭ «مەن كەچكەن كېچىكلەر» نامىلىق كىتاۋىنى ئۇقۇپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، مۇشۇنداق ئىسىل كىتاپنى بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ مۇبارەك زاتقا بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى. بۇكىتاپ مېنى ھەقىقى ھاياجانغا سالغان، رازى قىلغان ۋە ئەڭ قىممەتلىك ماتىريال سۈپۈتىدە ئەبەدكە ساقلايمەن دەپ چىرايلىق مۇقاۋىلاپ شىكاپقا تىزغان كىتاپلىرىمنىڭ بىرى. سۇپاخۇن ھەقىقى ئۇيغۇر، ھەقىقى قەھرىمان. ھەربىر ۋىجدان ئىگىسى سۇپاخۇنغا چىن ھۆرمەت بىلدۈرمەي تۇرالمايمىز، سۇپاخۇن مىڭلىغان مىللى قەھرىمانلار بىلەن بىرگە ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا يادلىنىدۇ. ئۇ ئۇيغۇر تارىخىدىكى ھەقىقى ئۆچمەس يۇلتۇز. مەن «مەن كەچكەن كېچىكلەر» نامىلىق كىتاپنى ئۇقۇپ بۇلۇپ، ھەربىر ئۇيغۇردىن مۇشۇ كىتاپنى بىرقېتىم ئۇقۇشىنى سەمىمى تەۋسىيە قىلىش بىلەن، يەنە تورداشلارغا ئازدۇر-كۆپتۇر بىرنەرسە سۇنۇشنى ئويلاپ يۈرگەن چاغلاردا، «سىرلىق مۇنبىرى» دە سۇپاخۇن توغرىسىدىكى « ئۇيغۇر گېنىرالىنىڭ ھۇزۇرىسىدا » دېگەن تېمىنى كۈرۈپ قالدىم، بۇگۈن مەن بۇتېمىغا ئاساسەن، يەنە «مەن كەچكەن كېچىكلەر» نامىلىق كىتاپتىكى بەزى مەزمۇنلارنى قۇشۇپ دوستلارغا سۇندۇم، سۇپاخۇنغا بولغان يۈكسەك ھۆرمىتىمنى شۇئارقىلىق بىلدۈرمەكچى بولدۇم.
سوپاخۇن سۇۋۇرۇپ 1915- يىلى قۇمۇل شەھىرىنىڭ ئاستانە يېزىسىدا كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇ ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدا دەسلەپتە ئۆز يېزىسىدىكى دىنىي مەكتەپتە ، كېيىن قۇمۇل شەھىرىدىكى تۇنجى پەننىي مەكتەپتە ئوقۇغان . 1936- يىلىدىن 1939- يىلىغىچە خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنىڭ ئۈرۈمچى شۆبىسىدە ئوقۇغان ، 1939- يىلى بۇ مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ قەشقەردىكى ( كېيىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىنگەن ) ئاتلىق 31- پولكتا پەيجاڭ ، شتاب ئوفېتسىرى ، ليەنجاڭ قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن . 1944- يىلى ئوسمان باشچىلىقىدىكى بۇلاڭچىلار مورى ، گۇچۇڭ ئەتراپىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ مال - مۈلكىنى بۇلاپ پاراكەندىچىلىك سالغاندا ، سوپاخۇن باشچىلىقىدىكى 9- ليەن ئوسمانغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىپ قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن ۋە خەلقنىڭ مال - مۈلكىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ بەرگەن . بۇ جەرياندا سوپاخۇن خەلق ئاممىسى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەچكە ، گومىنداڭ سۇپاخۇننىڭ يۇقىرى ئىناۋىتىدىن قورقۇپ ; ئەسكەر ۋە خەلقنى ھۆكۈمەتكە قارشى قۇتراتتى ; دېگەن باھەنە بىلەن گۇچۇڭدىكى 46- دىۋىزىيىسىنىڭ تۈرمىسىگە قاماپ قۇيۇلىدۇ ۋە قاتتىق ئۇرۇپ كىسەلچان قىلىپ قۇيىدۇ، كېيىن خەلق ئاممىسى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ تەلەپ ۋە بېسىمى ئاستىدا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن . گومىنداڭ قىسىمىدا ھەربى بولغان بۇ جەرياندا سۇپاخۇن ۋە باشقا مىللى جەڭچىلەر گومىنداڭ قىسىمىدىكى شاتىڭفاڭ قاتارلىقلارنىڭ چىدىغۇسىز كەمسىتىش ۋە ئىزىشىگە ئۇچىرىغان، كورلا-چاقىلىق تاش يۇلىنى ياساش جەريانىدا قارائشىچىگە ئوخشاش ئېغىر ئىشقا سېلىنغان ۋە يۈزلىگەن ئۇيغۇر باللىرى جاڭگاللاردا قەبرىسىز قالغان. جەڭچىلەر گومىنداڭ قۇشۇنىدا تاماقتىن خورلىنىدۇ، ناھەق تۈرمىلەرگە تاشلىنىدۇ ھەتتا تىرىك كۈمۈلىدۇ، مىللى ئەسكەرلەرگە ئىشەنمەسلىك ۋە چەتكە قېقىش تۈپەيلى، مىللى جەڭچىلەرنىڭ غەزىپى ئاخىرى ئۇلارنى گومىنداڭغا قارشى ئىسيان كۈتۈرۈشكە مەجبۇرقىلىدۇ.
سۇپاخۇن شۇچاغدىكى خەلقنىڭ ئېچىنىشلىق كۈنلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق قۇشاق تۇقىغان:
گۇچۇڭدىكى دۆڭلەرگە، پوتەيلەرنى كۆپ سالغان،
يوقسۇل-ئاجىز خەلققە ئالۋان-ياساقنى كۆپ سالغان.
گۇچۇڭدىكى چىرىكلەر، خەلىقنى بۇلاپ تالاپ،
بۇزۇپ ئۆي-ئىمارەتنى، ياغاچلىرىنى قالىغان.
ياغاچ ساندۇق ئىچىدە، قانچىلىك دۇنياسى بار؟
ئەمگەك بىلەن ياشىغان، قازاقنىڭ نېمە گۈناھى بار؟
ئادەم ئەمەسمۇ ئەسكەر، ئانىسى يوقمۇ ئۇلارنىڭ،
ئانا-بالىلارنى ئۆلتۈرسە،ۋىجدانى بارمۇ ئۇلارنىڭ.
گۇمىنداڭنىڭ ئەسكىرى، قان ئىچەر جاللاپ بولدى،
نەئىلاج سۇپاخۇنغا، باغرى ئۆرتەپ قان بولدى.
گۇمىنداڭغا ئەسكەر بوپ، ئىت ئورنىدا خارلاندۇق،
ياخشى خىزمەت قىلساقمۇ، تۈرمىلەرگە سۇلاندۇق.
1945- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلىغاندا ،گومىنداڭ 31- ليەننىڭ 8- ، 9- ليەنلىرى ( بۇ جەرياندا بۇ ئىككى ليەن مايتاغدا ئىدى )دىكى 120گە يېقىن ئەسكەر سوپاخۇننىڭ قوزغىتىشى بىلەن 4- ئاينىڭ 27- كۈنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ، شىخو ، مايتاغ ، جىڭ ئەتراپىدىكى گومىنداڭنىڭ 20مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى بار قوشۇنىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ، قوغلاپ كەلگەن گومىنداڭ قىسىملىرى بىلەن كۈرەش قىلىپ ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى سېپىگە قۇشۇلغان. يول بۇيى ئۇلار خەلقنىڭ ياردىمىگەكۆپ ئىرىشكەن. يولدا قازاق قېرىنداش نۇرپاينىڭ ئۈيىدە يارلانغان جەڭچى ئەخەت ئېلىنى قالدۇرغاندا، دۈشمەنلەر نۇرپاي ئائىلىسىدىكى13 ئادەمنىڭ ھەممىنى ۋەھشى ئۆلتۈرۈپ، ئەخەت ئېلىنى ئىككى قۇلىدىن تۈرۈككە مىخلاپ، بۇرنى ۋە قۇلىقىنى كىسىپ يىپقا ئۆتكۈزۈپ خاماندىكى دېھقانلارغا كۆرسىتىپ ھەيۋە قىلغان، ئەخەت ئېلى بىرسوتكىغىچە ئىڭراپ بەك تەستە جېنى چىققان . نۇرپاينىڭ كىچىك قىزى خەدىچەنى جاسۇس كەمپىر بۇلاپ ئەكەتكەن.(1983-يىلى 8-ئايدا سۇپاخۇن ئايالى تۇخان بىلەن نۇرپاينىڭ كىچىك قىزى خەدىچەنى ساۋەنگە يوقلاپ بارغان، خەدىچە تۇل قالغان بۇلۇپ، باللىرىنىڭ ياردىمىدە ياشاپ كەلگەن). 45-يىلى 5-ئاينىڭ بۇغدايلار باشاق تارتقان كۈنلىرىدە ، سۇپاخۇن باشچىلىقىدىكى بۇۋىجدانلىق يىگىتلەر غۇلجا شەھرىنىڭ بايانداي يېزىسىغا يىتىپ كەلگەندە، مىللى ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن قۇماندانى زۇنۇن تىيىپوف ئۇلارنىڭ ئالدىغا مىللى ئارمىيە قۇماندانلىق شىتابى نامىدىن قارشى ئالغىلى چىقىدۇ، ئۇلار غۇلجىغا كىرگەن كۈنى خەلق بۇ قەھرىمان يىگىتلەرنى كارامەت تەنتەنە بىلەن كۈتىۋالىدۇ، ھەتتا بۇ جەڭچىلەر بازاردا بىرنەرسە ئالسا ياكى موزدوزئۇستىلارغا ئاياقلىرىنى ئوڭشاتسا ھەرگىز پۇل ئالغىلى ئۇنىمايدۇ، خەلق بۇلاردىن شۇدەرىجىدە رازى بولغان. بۇ ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئىنقىلابىدىكى ئالاھىدە ئىش بۇلۇپ، تارىخقا يېزىلدى.45-يىلى7-ئايدائۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، قوزغىلاڭ كۈتۈرۈپ مىللى ئارمىيىگە قۇشۇلغان 120 نەپەر جەڭچىنى ئاساس قىلغان ھالدا پارتىزان ئەتىرىتى تەشكىللەپ، سوپاخۇننى ئەترەت باشلىقى، قاسىمجان قەمبىرىنى ھۈكۈمەت ۋەكىلى، ئابدىكىرىم ئاباسوفنى سىياسى كومۇسسار قىلغان قۇشۇن 45-يىل 7-ئاينىڭ23-كۈنى تىكەستىن ئاقسۇ فىرۇنتىغا ئاتلىنىدۇ.ۋاقىتلىق ھۈكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە تىكەس خەلىقى ئۇلارنى داغ-دۇغا بىلەن ئۇزۇتىدۇ. ئۇلار ئېغىر تەبىئى شارائىت قىيىنچىلىقىنى يېڭىپ، مۇز داۋانلاردىن ئېشپ ئاقسۇ تەرەپكە ئۈتىدۇ، بۇ قوشۇن باي ، كونىشەھەر ناھىيىلىرىنى ئازاد قىلىپ ، گومىنداڭ قۇلىدىن ئولجا ئېلىنغان ئاشلىقلارنى تەقىپ ئاستىدا ئارانلار جېنى قالغان خەلىققا تەقسىم قىلىپ بىرىدۇ، خەلق ئۇلارنى بېشىدا كۈتۈرىدۇ ۋە توپ-توپ يىگىتلەر ئۇلارغا قۇشۇلىدۇ، كىشىلەر ئۆز ئۇغۇللىرىنى سۇپاخۇنغا پىدائىلىككە بىرىشىدۇ. يول بۇيى خەلىق ئۇلارنىڭ كىلىدىغىنىنى ئاڭلاپ كېچىلەپ يول بويلىرىدا ئۇلارنىڭ يۇلىغا تەلمۈرۈپ تىزىلىپ كىتىدۇ، ئۇلارنى يىغا-زارە بىلەن قارشى ئالىدۇ، ئۆز قۇشۇنىنى كۆرگەن خەلىق جەڭچىلەرنىڭ پەشلىرىنى يۈزلىرىگە سۈرتىدۇ، ئاتلارغا ئېسىلىپ يىغلايدۇ، بۇۋاي- مۇمايلار « ئۆز قۇشۇنىمىزنى كۆردۇق، ئۈلۈپ كەتسەك ئارمانىمىز يوق» دەپ دۇئاقىلىدۇ.نەچچە يۈزخەلق ئارا-توقماقلار بىلەن قۇراللىنىپ ئۇلارغامەدەت بىرىدۇ. سۇپاخۇن موزات قورغىنىدىكى گومىنداڭ قىسىملىرىنى يوقىتىپ ، دۈشمەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسىي كۈچىنى تۇتۇپ تۇرۇش ئارقىلىق ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسىنىڭ شىخوغا يۈرۈش قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندايدۇ . ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى سوپاخۇنغا موزات قورغىنىدىكى باتۇرلۇقى ئۈچۈن 1- دەرىجىلىك ئالتۇن مېدال ، ئاقسۇ فىرونتىدا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئالتۇن مېدال ۋە پولكوۋنىك ئۇنۋانى بەرگەن . سۇپاخۇن كېيىن تىكەس ئاتلىق 1- پولكىغا پولك كوماندىرى ، مىللىي ئارمىيە تەلىم - تەربىيە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، 1950- يىلى 2- ئايدىن 1951- يىلى 6- ئايغىچە 5- كورپۇس ھەربىي تەلىم - تەربىيە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان . 51- يىلى ئوفىتسىرلار سىياسى ئۈگۈنۈش كۇرسىسىدا زىيانكەشلىككە ئۇچىراپ، پولكوۋنىك دەرىجىسىدىن رۇتادەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قۇيۇلغان ھەم ھەربى سەپتىن چىكىندۈرۋىتىلگەن، 1951- يىلىدىن 1953- يىلىغىچە يەر ئىسلاھاتى خىزمىتىگە قاتناشقان ، 1953- يىلىدىن 1955- يىلىغىچە دېھقانچىلىق 4- دىۋىزىيە تىرانسىپورت 4- ئەترىتىدە چوڭ ئەترەت باشلىقى ، بۆلۈم باشلىقى بولغان . 1955- يىلىدىن 1984- يىلىغىچە ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول ئىدارىسىدە باشقۇرۇش - نازارەت قىلىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، مېخانىزم ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ، تاشيول ئىدارىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن . ئاتالمىش << مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى >>دا يەنە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان . پارتىيە 11- نۆۋەتلىك 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن ئاقلىنىپ ، خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن . 1984- يىلى دەم ئېلىشقا چىققان . ئۇ دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ، زېھنىي كۈچىنى يىغىپ ، كىيىنكى ئەۋلاتلارغا، ئاشۇ يىللاردىكى ئاجايىپ تارىخنى ئەينەن يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ھاياتى ۋە سەرگۈزەشتىلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا تارىخىي ئەسلىمە يېزىپ چىققان . مىللەتلەر نەشرىياتى نەشىرقىلغان «مەن كەچكەن كېچىكلەر» بۇ پەخىرلىك قەھرىماننىڭ ئاشۇئەسەرلىرىدىن بىرى بۇلۇپ، ھەربىر ئۇيغۇر ئۇقۇپ چىقىشقا ئەرزىيدىغان، ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۆچمەس نامايەندىلەرنىڭ بىرى، كىشىنى سۈيۈندۈرىدىغان ئىسىل ئەسەر.( بۇكىتاپنىڭ بىرىنجى نەشىرى 2010-يىل8-ئايدا نەشىرى قىلىنغان بۇلۇپ، قىسقىغىنە يېرىم يىلدىلا سېتىلىپ بولغاچقا، ئۇقۇرمەنلەرنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن ئىككىنجى نەشىرى نەشىردىن چىقىش ئالدىدا ئىكەن).
سوپاخۇن سۇۋۇرۇۋ 2001- يىلى 12- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 7دە ئۈرۈمچىدە بەختكە قارشى ۋاپات بولدى . بۇ ئۇيغۇر ئۈچۈن غايەت زور يۇقۇتۇش.
سۇپاخۇن ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا فېئودال ھۆكۈمران سىنىپلارغا ، گومىنداڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۆچمەنلىك بىلەن قولىغا قورال ئېلىپ ، خەلقنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاپ ، خەلق دۈشمەنلىرىگە قارشى باتۇرلۇق ۋە پەم - پاراسەت بىلەن جەڭ قىلىپ ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان . ئۇ پارتىيەگە سادىق ئىدى ، سوتسىيالىزمنى قىزغىن سۆيەتتى ، خەلق مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلەتتى ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداملىق ، پاك - دىيانەتلىك ، ئاددىي - ساددا ، كەمتەر ، ئەخلاق - پەزىلەتلىك ، ئوچۇق - يورۇق ، چىقىشقاق ، ئۈمىدۋار ئىدى ، كەسىپنى قەدىرلەش ، ئالغا ئىنتىلىش روھى كۈچلۈك ئىدى . بولۇپمۇ ئۇنىڭ مەرىپەتپەرۋەرلىك ، ئەۋلادلارنىڭ تەربىيىلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈش روھى ئالاھىدە قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ . ئۇ 20 يىلدىن بېرى قۇمۇل ، تۇرپان ، پىچان قاتارلىق جايلاردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ۋە نامرات ئوقۇغۇچىلارغا 32 مىڭ يۈەندىن ئوشۇق پۇل ۋە نۇرغۇن كىتاب - ژۇرناللارنى ئىئانە قىلغان .2001-يىل 12-ئاينىڭ11- كۈنى ئېغىر كېسەل بىلەن ياتقاندىمۇ( ۋاپات بۇلۇشتىن ئالتەكۈن ئىلگىرى) يېنىدا ساقلاپ كەلگەن ئەلتە مىڭ يۈەن پۇلنى قۇمۇل شەھرىدىكى «ئۈمۈد» باشلانغۇچ مەكتىۋىگە ئىئانە قىلغان.(تۈۋەندىكىسى «سىرلىق مۇنبىرى» دىكى مەزمۇن)
※ ※ ※
2000-يىلى “ئانا يۇرت” نىڭ داغدۇغسىدىن تەسىرلەنگەن دوستلارنىڭ تەۋسىيسى بىلەن ئەتىياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئۇيغۇر گېنىرال سوپاخۇن سوۋۇرۇۋ بىلەن دىدارى مۇلاقەتتە بولۇش پۇرسىتى كېلىپ قالدى. خىيالىمداسوپاخۇنىكامنىڭ مەزكۇر روماننىڭ ئىككىنچى تومىنىڭ مۇقاۋىسىدىكى ئاي يۇلتۇزلۇق پاگۇن تاقىغان جەسۇر تۇرقى گەۋدىلىنىپ يول بويى ماڭا ھەمراھ بولدى. ئاخىرى ئۇ تەۋەرۈك غازىمىزنىمۇ كۆردۈم. كۆز ئالدىمدا مۇقاۋىدىكى كەسكىن قۇماندان ئەمەس، كۆزلىرى ياشاڭغىراپ بەللىرى مۈكچەيگەن بىر بوۋاي تۇراتتى. سوپاخۇنىكام بىزنى كۆرۈپ بەكمۇ ھاياجانلاندى بولغاي، ھەرىكىتىنىڭ قولايسىز بولۇشىغا قارىماي ھەممەيلەن بىلەن تەپسىلى كۆرۈشۈپ ئوقۇشىمىزنى سۇراشتۇرۇپ چىقتى. بىز “ئانايۇرت”تا تەسۋىرلەنگىنى بويىچە ئاغزى-ئاغزىمىزغا تەگمەي سوئال سورۇشۇپ بوۋاينىڭ ئەتراپىغا ئولاشتۇق.
ئەسكەرلىرىمنىڭ كوماندىلىرى ئۇيغۇرچە ئىدى
سوپاخۇنىكامدىن خوجانىياز ھاجى قوزغىلىڭى ۋە مىللي ئازاتلىق ئىنقىلابىغا قاتنىشىش جەريانى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا ئۇنىڭ مۇڭلىنىپتۇرغان كۆزلىرى بىراقلا نۇرلانغانىدى. شۇ چاغدا بۇ مۇبارەك زاتنىڭ ئاۋازىنى ساقلىۋالمىغىنىمغا كۆپ پۇشمان قىلىمەن. ئۇ كىشىنىڭ دېگەنلىرى ئىچىدە ” قوزغىلاڭ مەخپىيەتلىكى ئاشكارلىنىپ قېلىپ مۇددەتتىن بۇرۇن قوزغىلىشقا توغرا كەلدى. دۇشمەن نەچچە مىڭ ئەسكەر بىلەن يول بويى قوغلاپ توسۇپ زەربە بېرىپ كۆپ ھالسىراتتى. غۇلجىغايېتىپ بارغىنىمدا 200دىن ئارتۇق ئەسكىرىمدىن ئاران 90 نەچچىسى ھايات قالغانىدى. غۇلجىغا بېرىشىمىزغا بىزنى روس ئوفىتسىرلار قورالسىزلاندۇرۇشتى. كېيىن ئېلىخان تۆرەم ئارىلىشىپ قوراللىرىمىزنى قايتۇرۇپ بەردى. بىز بارغاندا چوڭ كوماندىرلارنىڭ كۆپىنچىسى رۇس بولۇپ ئەسكەرلەرنىڭ بۇيرۇقلىرى پۈتۈنلەي روسچە ئىكەندۇق. چوڭراق ھەربى يىغىنلاردا پىلان روسلاردىن بولۇپ ئۇيغۇرلاردىن مەخسۇس ھەربى تەلىم كۆرگەنلەرنىڭ كەملىكى بەكمۇ بىلىنگەنىكەن. بىز كەلگەندىن كېيىن بۇ ئىشلار بىر ئازئۆزگەردى. دەسلەپتە بىزنىڭ قىسىملا ئۇيغۇرچە كوماندا بويىچە مەشغۇلات قىلاتتى. كېيىن بارا-بارا ئۇيغۇرچە كۇماندا ئومۇملاشتى…”
“بىزنىڭ بالىلار قىزىقمايدۇ”
پاراڭ ئارىلىقىدا سوپاخۇنىكامنىڭ ئايالى “ۋاي بالىلىرىم، سىلەر باشقا باشقا مەكتەپتىن تۇرۇپ، ئۇقۇشۇپ ئاتايىن ئىزدەپ كەپسىلەر، ئاڭلاپ تۇرسام شۇنچە جىق تارىخلارنى سوراپ كەتتىڭلار. بىزنىڭ بالىلار دادىسىدىن بۇلارنى سوراپمۇ قويمايدۇ، دادىسى توغرا كېلىپ سۆزلەپ سالسىمۇ قىزىقمايدۇ. ئورنىدىن دەس تۇرالمايدىغان مۇشۇ ئادەم جېنىدا توختىماي كىتاب ئوقۇيدۇ. بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنى بۇرۇنلا كىتاب قىلىپ يېزىپ بولغان ئەمما مۇھەرىرلەر جىق ئۆزگەرتىۋەتكەچكە نەشىر قىلىشقا ئۇنىمىدى. چىقمىسا چىقمىسۇن، لېكىن يالغاننى قاتقۇزمايمەن دەيدۇ. بۇ ئادەمدىكى قانداق جانكى، سوغۇقتا دۈگدەيمەيدۇ، ئىسسىقتىن سالپىيىپ كەتمەيدۇ. مىدىرلىيالىسىلا چېنىقىدۇ. “ئانا يۇرت” نىمۇ كىتاب چىقىپ بولغىچە تاقەتسىزلىنىپ چىقىشىغىلا ئېلىپ ئوقۇپ بولدى. بىزنىڭ بالىلار كىمنى دورىدىكى، دادىسى شۇنچە يىل ئەتىۋارلاپ ساقلىغان ئوردىنلىرىنىمۇ يوقۇتۇپ بولدى” دېدى ھەسرەتلىنىپ.
“ئانا يۇرت”نى ئەسلى يەتتە قىسىم دېگەنتى
گەپ ئارىلىقىدا سوپاخۇنىكام مەرھۇم زوردۇن سابىرنىڭ ئۆزى بىلەن بىر قانچە قېتىم كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتتى. “مەرھۇم ماڭا 1944 يىللىرىدىكى مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلاپ ھەققىدە يەتتە قىسىملىق بىر تارىخىي رومان يازماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىدى. بەلكىم مەرھۇمنىڭ سالامەتلىكى يار بەرمىگەن بولۇشىمۇمكىن، ياكى باشقا سەۋەبلەر بولۇشىمۇ مۇمكىن، كىتاب ئۈچ قىسىم چىقتى. زوردۇن سابىر مەن بىلەن ئۇزاق مۇڭداشقان ۋە بەزى يازمىلارنى ئېلىپ كەتكەنىدى. روماننى نەشىرقىلىنىشى بىلەنلا ئوقۇپ چىقتىم، ئويلىغانلىرىدەك يېزىشقا تىرىشپتۇ، لېكىن كۆپ قىسقارتىپتۇ”. بىز سوپاخۇنىكامنىڭ ئۆيىدە بىر سىزما رەسىمنى كۆردۇق. رەسىمدە ئاتقامىنىپ تۇرغان ئىككى ئەر ۋە بىر ئايالنىڭ ئوبرازى توپنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ تۇراتتى. سوپاخۇنىكامنىڭ ئېيتىشىچە ئىككى ئەرنىڭ بىرى سوپاخۇنىكام، يەنە بىرى ئابدۇكېرىم ئابباسۇپ بولۇپ رەسىمدىكى ئايال سوپاخۇنىكامنىڭ تۇنجى ئايالى مەرھۇم تۇخان ئانا ئىكەن. زوردۇن سابىر مەزكۇر رەسىمنى كىتابىغا مۇقاۋا قىلىش ئۈچۈن سوراپ كېتىپ رەسىمگە تارتىۋالغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ بەرگەنىكەن. بۇ رەسىمنى شىخودىن بىرئوقۇتقۇچى رەسسام سىزىپ سوپاخۇنىكامغا سوۋغا قىلغانىكەن.
“قورال تاشلىساڭ ئاتمايمىز” مۇ ياكى “قۇرال تاشلايمىز ئاتما” مۇ؟
ئاقسۇ سېپىلىنى قۇرشاپ تۇرغان مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى زەمبىرەك بولمىغانلىقى (سوۋېت ھۆكۈمىتى كاتيۇشا سېتىپ بېرىشنى رەت قىلغانىكەن) سەۋەبلىك سېپىلنى پارتىلىتىشقا قادىر بولالماي قورشاۋ ئۇزۇراپ كەتكەن. باش شىتابتىن چېكىنىش بۇيرۇقى تاپشۇرىۋالغان سوپاخۇنى ۋە جەڭچىلەر قايتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان دەملەردە، 9-ئاينىڭ2-كۈنى گومىنداڭ قىسىملىرى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ ھۇجۇمغا ئۆتكەن. جەڭچىلىرىمىز پىداكارلىق بىلەن ئېلىشىپ دۇشمەننى چېكىندۈرگەن. دۈشمەن بىر ئاز ئېتىشىپ ئوق توختاتقان ۋە قوراللىرىنىڭ ئۇچىنى يەرگە قارىتىپ” جىياۋ چىياڭ بۇ شا(قۇرال تاپشۇرساڭ ئاتمايمىز)دەپ ئالغا يۈرگەچ ۋارقىراشقان. بۇ چاغدا سوپاخۇنىكام ; ئۇلار قورال تاپشۇرۇڭلار ئاتمايمىز دەۋاتىدۇ، قىرىپ تاشلايلى; دېسە، ئابدۇكېرىم ئابباسۇۋ “قورال تاپشۇرىمىز ئاتماڭلا دەۋاتىدۇ” دەپ ئىككەيلەن تالىشىپ قالغان. سوپاخۇنىكام “ئابدۇكېرىم، تەسلىم بولىدىغان دۈشمەن قوراللىرىنى تاشلاپ بىر يەرگە توپلايدۇ، ئاندىن قۇرۇق قول بولۇپ ۋەكىل ئەۋەتىدۇ” دېسىمۇ ئابدۇكېرىم ئابباسۇپ قايىل بولماي ئەسكەرلەرگەتەييارلىق بۇيرۇقى بەرگۈزمىگەن. دۈشمەن ئەسكەرلىرى يېقىن كىلىۋالغاندىن كىيىن، بىراقلا غالجىرلارچە ھۇجۇمغا ئۆتكەن، نەتىجىدە نۇرغۇن جەڭچى شېھىت بولغان ۋە قىسىم مەغلۇپ بۇلۇپ چىكىنگەن، جەڭچىلەر ۋە خەلىق ئىچىدىكى تەسرى ئىنتايىن يامان بولغان.
ئاقسۇ ئازات بۇلۇشقا ئازلا قالغاندا مىللى ئارمىيە بىلەن گومىنداڭ تەرەپ سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ ۋە سۇپاخۇنلارنى چىكىنشكە بۇيرۇق كېلىدۇ، چىكىنىش ۋاقتى 10-ئايلاردا بولغاچقا، دېڭىزيۈزىدىن 5مىڭ مىتىرئىگىزلىكتىكى مۇزداۋاندىكى شىۋىرغان كۈچلۈك بۇلۇپ، تۈتەك ئىچىدە ئالدىدىكى ئادەمنىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ، ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك تۈپەيلى جەڭچىلەر ھۇشسىزلىنىپ يىقىلىپ چۈشىدۇ، جەڭچىلار ئاتنىڭ قۇيرۇقىغا ئېسىلىپ ماڭىدۇ، نەچچىلىگەن جەڭچىلەر قارئاستىدا قالىدۇ، بەزى جەڭچىلەر ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى بىلىنى ئۇرىۋالغاچقا ئات تېيلىپكەتسىلا ئۇلارمۇ ئات بىلەن ھاڭغا چۈشۈپ كىتىدۇ، بۇجەريانىدا سۇپاخۇنلار ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ، ئاقسۇخەلىقى گومىنداڭنىڭ ئۆچ ئېلىشدىن قورقۇپ پاراكەندە بۇلۇپ، ۋەيرانچلىقىققا قالىدۇ ۋە تەرەپ-تەرەپكە مۇساپىربۇلۇپ چىقىپ كىتىشكە مەجبۇربۇلدۇ. قاچالمىغان خەلىقنى دۈشمەن ئۆچ ئېلىپ ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۋىتىدۇ. شۇڭا سۇپاخۇن بۇقېتىملىق چىكىنشىنى «قۇربان بىرىپ ئىجراقىلغان بۇيرۇق» دەپ ئاتايدۇ ئۆز ئەسلىمىسىدە.
خاتىمە، گېنىرالنىڭ ۋەسىيىتى
سوپاخۇنىكام مۇنداق ئىككى ئىشنى ئۆمۈرلۈك ھەمراھ قىلىشىمىزنى تەكىتىلگەن ئېدى. مەنچە ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا مۇشۇ ئىككى ۋەسىيەتنى قالدۇرۇپ كەتتى. بىرى مىللەتنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىش يەنە بىرى كەسپ ئىگىلەش. ” بالىلىرىم، مەن ئەسكەر باشلاپ قورال كۆتۈرۈپ سوقۇش قىلدىم، تۇرمىگەچۈشۈپ مەھبۇسلار قاتارىدا ئېغىر ئەمگەكمۇ قىلدىم، زەي زىندانلاردا، قورقۇنچلۇق قىيناشلاردا خورلاندىم، ئەمما باش ئەگمىدىم، تىزلانمىدىم. مېنى ئىككى نەرسە يىقىلغان يېرىمدىن تۇرغۇزدى، بىرى مەن ئۆگەنگەن تارىخ يەنە بىرى مەن ئىگىلگەن ھۈنەر. مەن بىلگەن تارىخ ماڭا قەۋمى ئۈچۈن ھەق ئىزدىگەن، ھۆرلۈك تەلەپ قىلغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۈرەش ئىرادىلىرى ئارقىلىق مەنىۋىي يۆلەك بولدى. بوۋىلىرىمىزنىڭ ھايات، دۇنيا، ئۆلۈم ۋە ھۆرلۈك ھەققىدىكى ھىكايەت، ئۆگۈتلىرى ماڭا زەي زىندانلاردىمۇ باش پاناھ، روھىي ئوزۇق بولدى. دۈشمەن ئاچ قويدى ئەمما ئۈمىدسىزلەندۈرەلمىدى، تېنىمنى قىينىدى، ئەمما روھىمنى باش ئەگدۈرەلمىدى. چۈنكى مېنىڭ روھى دۇنيايىمدا ئەجدادلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن توم توم كىتابلاردىكى ھىكمەتلەردىن ئاللىقاچان يېقىلماس ئىرادە مۇنارى تىكلەنگەن ئېدى. بۇ خاسىيەتلىك مۇنارنى ھىچكىم قىيناپ يىقىتالمايتتى، ئازاپلاپ يوقۇتالمايتتى. مەن بوۋىلىرىمىزنىڭ”ئىنسانغا يەتمىش ئىككى خىل ھۈنەرمۇ ئاز” دېگەن تەۋسىيىسى بويىچە پۇرسەتلا بولسا ھۈنەر ئۆگەندىم. تۇرمىگە تاشلانغان چېغىمدا قولۇمدىن ناۋايلىق، شوپۇرلۇق،رېمۇنىتچىلىق، كۆۋرۈك ياساش، تامچىلىق قاتارلىق ھۈنەرلەر كەلگەنلىكى ئۈچۈن ماڭائىھتىياج چۈشۈپلا تۇردى. بەلكىم مۇشۇ ھۈنىرىم خاسىيىتىدىن بولسا كېرەك، شۇنچەقىينىدىيۇ ئۆلتۈرۈشمىدى. ھۈنەرنىڭ خاسىيىتى سەۋەبلىك ھايات قالغان مەنلا ئەمەس، مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىم خىزمەتتىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن ياغاچچىلىق بىلەن جان ساقلىغان، ئۈرۈمچىدە كونىلار ھېلىمۇ ئۆتكۈر ئەپەندىمنى “دارازا ياغاچچى” دەپ ئاتىشىدۇ. بالىلىرىم، ئىشخانىدا گېزىت ئوقۇپ ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىۋاتىمەن دېمەڭلار،قىزىل ۋاراقلارنى يىغىۋېلىپ بايلىقمىكىن دېمەڭلار. بوۋىلىرىمىز، “كىمدىن قالمىغان بۇ جاھان” دەپ توغرا ئېيتقان. بىز جىق جاھان كۆردۇق، باغلام باغلام پۇللار بىركېچىدىلا قۇرۇق قەغەزگە ئايلاندى، ھەيۋەتلىك قەسىرلەردە غادايغانلار بىر كۈندىلائاچ-زارلارغا ئايلاندى.روھىمىز سۇلمىسۇن دېسەڭلار تارىخ ئۆگىنىڭلار، قەددىمىزسۇنمىسۇن دېسەڭلار ھۈنەر ئۆگىنىڭلار”.
كەمىنە ئۆمۈرلۈك جەڭچى، يىقىلماس ئەزىمەت سوپاخۇن سوۋۇرۇۋ بىلەن كۆرۈشكەن مىنۇتلارنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن. بۇ ئەرزىمەس يازمام ئارقىلىق مەرھۇمنىڭ روھىغا ئەمىنلىك تىلەيمەن. ئۇلۇق ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلغاي، مەرھۇمنىڭ غايە مەشئىلىنى ئەۋلادلار قەلبىدە مەڭگۈلۈك قىلغاي.
مەنبە: سۇپاخۇن سۈۋۈروۋنىڭ «مەن كەچكەن كېچىكلەر» نامىلىق كىتاۋىدىن ئېلىندى. بىرقىسىم سۈرەتلەر توردىن يىغىلدى.