saltanat lutun elan berig
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 2763 قېتىم كۆرۈلدى
polat315
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 4793
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 416
شۆھرەت: 2254 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2282 سوم
تۆھپە: 1329 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1351 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 292(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئۇيغۇردىكى مەشھۇر شەخىسلەر


ئۇيغۇردىكى مەشھۇر شەخىسلەر


1.مەھمۇت قەشقەرى ( 1008- 1105 )بۈيۈك ئالىم ، تىلشۇناس . شاھانە ئەسەر « تۈركىي تىللار دىۋانى » نىڭ مۇئەللىپى . ئۇ خان جەمەتى ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىپ ، بىر ئۆمۈر ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن سىرت ، قەشقەردە مەدرىسە ئېچىپ مۇدەررىسلىك قىلغان . ئۇنىڭ يەنە باشقا ئەسەرلىرى بارلىقى مەلۇم بولسىمۇ ، زامانىمىزغىچە يېتىپ كېلەلمىگەن . ئالىمنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق . ئەمما 97 يىل ئۆمۈر كۆرۈپ ئوپالغا دەپنە قىلىنغانلىقى مەلۇم .

2. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ( 1018-1085 ) قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە ( 880-1212 ) مەيدانغا چىقىپ ئۆزىنىڭ « قۇتادغۇبىلىك » ( « بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرگۈچى بىلىم ) ناملىق زور ھەجىملىك داستانى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بۈيۈك بىر ئابىدە تىكلىگەن شائىر . ئۇنىڭ بۇ دېداكتىك داستانى ئۆز ئىچىگە ئالغان غايەت زور بىلىم مەنبەسى ئارقىلىق كۆپلىگەن خەلقلەرنىڭ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ ، دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىن تېگىشلىك ئورۇن ئالغان .

3.فارابى
« شەرق ئارستوتېلى » نامى بىلەن تونۇلغان ئۇيغۇر قارلۇق ئالىمى ئەبۇ نەسىر فارابى پۈتكۈل ھاياتىنى ، بارلىق زېھىن - قۇۋۋىتىنى ئىلىم - پەن ئىشلىرىغا بېغىشلىغان . ئۇ ئۆزىنىڭ نادىر ، مول ۋە ئېچىش خاراكتېرلىك تۆھپىلىرى بىلەن ئوتتورا ئەسىر جاھان ئىلىم - پەن مەدەنىيەت تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ كەتكەن . ئۇنىڭ تەلىماتلىرى ئوتتورا ئەسىردە شەرق دۇنياسىنىڭ ئىلىم - پەن تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئويناپلا قالماي ، بەلكى غەرب دۇنياسىنىڭ ئىلىم - پەن تەرەققىياتىغىمۇ سالماق تەسىر كۆرسەتكەن .

4. ئەلىشىر نەۋائى ( 1441-1510)
شەرق شېئىرىيىتىنىڭ ئاجايىپ جىلۋىدار گۈلتاجى بولغان ، ئىجادى بىلەن جاھانغا تونۇلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىنىڭ شانلىق ئىپتىخارى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر ئەلىشىر نەۋائى ھىراتتا تۈغۇلغان ۋەيەتتە يېشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن . ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، بۇلارنىڭ ئىچىدە « خەزائىنۇل مەئانى » ناملىق دىۋانى بىلەن « خەمىسە » ناملىق داستانلار توپلىمى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ .

5. سۇلتان سەئىدخان ( 1490 - 1533 )
يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ، شائىر سۇلتان سەئىدخان ئىستېداتلىق ، مەرىپەتپەرۋەر كىشى بولغانلىقتىن ، يەكەن خانلىقىدا ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ زور نەتىجىلەر قولغا كەلگەن . سۇلتان سەئىدخانمۇ ئۇيغۇر ۋە پارس تىللىرىدا نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان . ئەمما دەۋرىمىزگە كۆپ يېتىپ كېلەلمىگەن .سۇلتان سەئىدخان تىبەتكە قىلىنغان بىر قېتىملىق ھەربىي يۈرۈشتە 43 يېشىدا ۋاپات بولغان .

6.ئۆمەر ھەييام( 1040- 1123)
نىشاپۇردا تۇغۇلۇپ ، خۇراسان ۋە ماۋەرائۇننەھردە پائالىيەت ئېلىپ بارغان مۇتەپەككۇر ، شائىر ۋە ئاسترونوم ئىدى . ئۇ سالجۇق تۈرك شاھلىرىدىن مالىك شاھ ھۇزۇرىدا ، ۋەزىر نىزامىمۇلىك ھامىيلىقىدا « مالىك شاھ ئاسترونومىيىلىك جەدۋىلى » نى ئىشلەپ ، سالجۇقىيلار كالېندارىنى تۈزگەن . ئۇ «ھېساب مەسىلىلىرىنىڭ يېشىلىشى ۋە ئىسپاتى » « ئارفىمېتىكىدىكى قىيىن مەسىلىلەر » قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ۋە كۆپلىگەن ئۆتكۈر پىكىرلىك رۇبائىيلارنى يېزىپ ، خەلق قەلبىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالغان .

7.سەئىدى ( 1203 ~ 1292 )
ئوتتۇرا ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر پارس شائىرى . ئۇ « بوستان » ۋە « گۈلىستان » ناملىق ئۆلمەس ئەسەرلىرى بىلەن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونوشلۇق . سەئىدى ئۈچ ياشلارغا كىرگەندە ئاتىسىدىن يېتىم قېلىپ نامراتلىق ئىچىدە چوڭ بولغان ۋە دەرۋىش بولۇپ ، يىگىرمە يىللىق سەرگەندانلىق ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن . سەئىدى ئاخىرقى ئۆمرىدە شىراز شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ئاددىي بىر كەپىدە تۇرمۇش كەچۈرگەن ھەم ۋاپات بولغاندىن كېيىن شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان .

8. برۇنى ( 973 ~ 1044)
ئەبۇ رەيھان ئەل برۇنى خارازەمدە تۇغۇلغان ، كېيىن غەزىنىگە كۆچۈپ بارغان ھەمدە كۆپ يىل ھىندىستاندا مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان . « ھىندىستان تەزكىرىسى » « قەدىمىكى يادىكارلىقلار » « مەسئۇدى ئاسترونومىيىسى ۋە مۇنەججىمىشۇناسلىقى قائىدىلىرى » ... قاتارلىقق ئەسەرلەرنى يازغان . ئۇ ئوتتورا ئەسىردە يەر شارىنىڭ مېرىدىئان ۋە پاراللېل گرادۇسلىرىنى ھەممىدىن ئاۋۋال توغرا ئۆلچەپ چىققان ئالىم بولۇپ قالغان .

9. زەلىلى ( 1672~ 1745 )
تىلىنىڭ گۈزەللىكى ، پىكىرلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ، ئوخشىتىشلىرىنىڭ چىرايلىقلىقى بىلەن ئۆزىگە خاس ئالاھىدە ئۇسلۇپ ياراتقان شائىر مۇھەممەد سىدىق زەلىلى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تونۇلغان نامايەندىلىرىدىن بىرى . شائىرنىڭ بەزى مىسرالىرىدىن ئۇنى تەخمىنەن 17 ئەسىرنىڭ 70- يىللىرى يەكەندە تۇغۇلغان دەپ ئېيتىشىقا بولىدۇ ، ئەمما شائىرنىڭ قانچىلىك ئۆمۈر كۆرۈپ ، قاچان ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق « سەپەرنامە » داستانى شائىرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسىرىدۇر .

10 . خاراباتى ( 1638~1730)
شائىر مۇھەممەت بىننى ئابدۇللا خاراباتى ئاجسۇدا ياشىغان ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا بارلىق مال - مۇلكىنى كەمبەغەللەرگە بۆلۈپ بېرىپ ، ئاشىق سۈپەت كۈن ئۆتكۈزگەن ھەمدە ئۆزىنىڭ جاھالەتلىك دەۋرانغا قارشى شىكايەتنامىسى بولغان « كوللىيات مەسنەۋىخاراباتى » ناملىق توپلىمىنى ئىشلەپ چىققان . شائىر ۋاپات بولغاندىن كېيىن خەلق ئۇنى ھۆرمەتلەپ ھەيۋەتلىك « ھاجى خاراباتى خانىقاسى » نى بىنا قىلىپ ، ئۇنى داۋاملىق ئەسلەپ كەلگەن .

11.نىزامى ( 1141~ 1209 )
كېيىنكى دەۋرلەردىكى ئوتتورا ئاسىيا ئېپىك داستانلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن شائىر نىزامى گەنجىۋى ئوتتورا ئاسىيانىڭ گەنچ شەھىرىدە تۇغۇلغان . ئۇ ئىسلام مەدرىسسىدە بىر نەچچە يىل مۇدەررىسلىك قىلغاندىن سىرت ، كۆپ ۋاقتىنى ئىجادىيەتكە سەرپ قىلغان . ئۇ يېزىپ چىققان « خەمسە » شەرقنىڭ ئەڭ قىممەتلىك داستانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، شائىر ئەلىشىر نەۋائىمۇ ئۇنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان .

12.فىردەۋسى ( 934~ 1020)
« شاھنامە » ناملىق شاھەنە ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى ، مەشۇھر ئىران شائىرى ، تولۇق ئىسمى ئوبۇلقاسىم فىردۋسى . ئۇ بۈگۈنكى ئىران چېگرىسى ئىچىدىكى خۇراسان ئوبلاستىدا دۇنياغا كەلگەن . فىردەۋسىنى ھۆكۈمرانلار سىنىپى ئۆز يېرىدە پاتقۇزمىغان بولسىمۇ ، ئۇ خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان . خەلقنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەن . « شەھنامە » نى ھەرخىل نۇسخىلىرى ۋە پارچىلىرى ھەر قايسى مۇسۇلمان مەملىكەتلىرى ۋە مىللەتلىرىنىڭ تىلىرىغا تەرجىمە قىلىنغان .

13.تەجەللى (1850 ~ 1930)
ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى ئىككى دەۋرنى ، يەنى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى بىر - بىرىگە باغلاپ تۇرغۇچى مەرىپەتپەرۋەر شائىر ھۈسەيىنخان تەجەللى ھەززەت قاغىلىق ناھىيىسىدە تۇغۇلغان ۋە شۇ يەردە 80 يېشىدا ۋاپات بولغان . تەجەللى يېتىلگەن شائىر ۋە تېۋىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە ئىناۋەتكە ئىگە بولغان . ئۇ كۆپ تىللىق شائىر بولۇپ ، ئۇيغۇر تىلىدىلا ئەمەس ، پارس ، ئەرەب ھىندى تىللىرىدىمۇ شېئىر يېزىپ پۈتكۈل ئوتتورا ئاسىياغا تونۇلغان .

14.ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ( 1923~ 1995 )
« ئىز» ، « ئويغانغان زېمىن » قاتارلىق ئۆلمەس ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى ياراتقان مەشھۇر ئالىم ، يازغۇچى ، تارىخچى ۋە تىلشۇناس ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى خەلق ئەدىبلەرنىڭ بىرىدۇر .
ئۇ ھاياتىدا ناھايىتى كۆپ دىشۋارچىلىقلارغا دۇچار بولغان بولسىمۇ ، ئېگىلمەس - سۇنماس روھى بىلەن ئوڭۈشسىزلىقلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ ، ناھايىتى ئېسىل مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتتى.

15. ئابدۇقادداموللام 
مەرىپەتپەرۋەر ئالىم ، تەرەققىيپەرۋەر زات ، تونۇلغان ئىجتىمائىي پائالىيەتچى ،شائىر ئابدۇقادىر بىننى ئابدۇۋارىس قەشىقىرى ( تەخەللۇسى غازى ) ئاتۇشنىڭ مەشھەد يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن . ئۇ يېڭى ئىلىم - پەن ئارقىلىق خەلقنى نادانلىق ، جاھالەتتىن قۇتقۇزۇش يولىدا ئۆمۈر بويى كۈرەش قىلغان . شۇ دەۋرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ناھايىتى كۆپ دەرسلىكلەرنى تۈزگەن . نەتىجىدە مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ دۈشمەنلىكى ، ساتقىنلارنىڭ ققول سېلىشى بىلەن ئۆز كۈتۈپخانىسىدا ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن .

16.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ( 1933~1995)
« غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى » ،« قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا » قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئاتۇشنىڭ مەشھەد يېزىسىدا تۇغۇلغان . ئۇ ئۆز ئۆمرىدە ناھايىتى كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ ، ھېلىھەم ئېلىن قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان ئەسەرلىرى ئاز ئەمەس . ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن خەلقئاراغا تونۇشلۇق ئالىم بولۇپ ، بىلىمخۇمار ئەۋلادلىرى قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ .

17.مەمتىلى ئەپەندى ( 1901~1937 )
ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بايراقدارى ، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تونۇلغان ۋەكىلى ، ئوت يۈرەك شائىر مەمتىلى توختاجى ( تەخەللۇسى تەۋپىق ) ئاتۇشنىڭ بويامەت يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن . ئۇ قىسقىغىنا 36 يىللىقى ھاياتىدا ئۆز خەلقىنىڭ مائارىپى ئۈچۈن ، ئەدەبىياتى ئۈۈن ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان . ناھايىتى كۆپ بىلىملىك زىيالىيلارنىڭ بېشىغا چىققان قانخور جاللات شېڭ شىسەي مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىلغار ئىدىيىسىدىن ئەنسىرەپ ،ئۇنى كۆپدۈرۈپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن .

18.لۇتبۇللا مۇتەللىپ ( 1922~ 1945)
ئوت يۈرەك شائىر ، ئىنقىلابىي جەڭچى ، « يىللارغا جاۋاپ » ، « خىيالچان تىلەك » قاتارلىق ئۆلمەس شېئىرلارنىڭ مۇئەللىپى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان ئوغلانى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ( تەخەللۇسى قاينام ئۆركىشى ) ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا 23 يىللىق ھاياتىدا پەقەت توققۇز يىل ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ ، ئاز بولمىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ ، ۋەتىنى ، خەلقىگە قالدۇرپ كەتتى . ئۇ ئاشۇ مىراسلىرى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ .

19. موللا زەيدىن ( 1815~ 1881)
مەشھۇر خەلق قىزىقچىسى موللا زەيدىن لۇكچۈندە تۇغۇلغان . ئۇنىڭ چاقچاقلىرىنىڭ تىغ ئۇچى ۋاڭ ، غوجىلارغا قارىتىلغان بولغاچقا ، ئوردىن سەككىز قېتىم قوغلانغان . ئەپسۇسكى ، ئۇ ھەجۋىي قوشاق ، چاقچاقلىرى ئارقىلىق قازىكالانلاردىن ۋاڭ - غوجىلارغىچە ، ئالدامچى سوپىلاردىن چالا موللىلارغىچە پاش قىلىپ ئەمگەكچى خەلقنىڭ چوڭقۇر ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن . موللازەيدىن چاقچاقلىرى ھېلىھەم خەلقىمىز ئارىسىدا چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە .

20. زوردۇن سابىر ( 1937~ 1998 )
« ئانا يۈرت » . « ئىزدىنىش » ، « ئۇنتالمايمەن گۈلسارە » « ئاۋرال شاماللىرى » « ئاتا » « خىرە دېرىزە » « دولان ياشلىرى » قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ، زوردۇن سابىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي پىسخىكىسىنى قېزىشقا ، قويۇق مىللىي تۇرمۇش پۇرىقىنى چىقىرىشقا ماھىر بولۇش سۈپىتى بىلەن بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ .

21. ئابلىز نازىرى ( 1925~ 1994)
تۇرپان شەھىرىدە تۇغۇلغان . 1945 - يىلى « شىنجاڭ گېزىتى » دە ئېلان قىلىنغان « سىڭلمغا » ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەتكە كىرىشكەن . شۇنىڭدىن كېيىن « كۆڭلۈم سەندىدۇر » « ئالتاي پارتىزانلىرى خاتىرىسى » « مۇجۇلغان يۈرەكلەر » « مۇڭلۇق ئالچۇق » ، « چېچەك پەسلى » قاتارلىق كۆپىلىگەن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان ئۇ ئەدەبىيات - سەنئەت قۇشۇلنىنى تەشكىللەش ، تەربىيىلەش ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇنتۇلماس خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن .

22. ئابلىز ھاجى ( 1911~ 1987 )
يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ئۆمرىنى سەنئەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغان پېشقەدەم ئارتىس ۋە رېژىسسور ئابلىز ھاجى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ ، 1942- يىلى « سامساق ئاكاڭ قاينايدۇ » ، « قانلىق داغ » « غېرىپ -سەنەم » قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرىگە رېژىسسورلۇق قىلىپ ۋە ئۆزى رول ئېلىپ زور شۆھرت قازانغان .
ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر سەنئەت ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ۋە قازانغان نەتىجىلىرى سەنئەتخۇمارلار قەلبىدە مەڭگۈ ئەسلىنىدۇ .

23. رائىلە خانىم ( 1860~ 1917)
ئۇيغۇر يېڭىچە مائرىپ تارىخىدىكى تۇنجى مۇئەللىمە - ئاتۇش « ھۈسەينىيە » مەكتىپىنىڭ مەئەللىمەسى رائىلە خانىم - موللا ئاچا « ھۈسەينىيە مەكتىپى » دە 2 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ ئىزچىل تۈردە قىزلارنى تەربىيلەش بىلەن يېڭى مەكتەپ مائارىپىدا بىردىنبىر تۇنجى ئايال مائارىپىنى ھاياتىنىڭ مەزمۇنى قىلغان . مائارىپنى كەڭ ئاياللارغا يۈزلەندۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئالىي غايىسى قىلىپ ، بىر ئۆمۈر ئەجىر سىڭدۈرگەن .

24.ئەبراباي ( 1860~ 1938)
1930- يىللارنىڭ بېشىدا قەشقەر شەھىرىدە 12 سىنىپلىق دارىلئېتام مەكتىپى سېلىپ ، سەككىز سىنىپقا يېتىم قىزلارنى قوبۇل قىلىپ ، بالىلارنىڭ بارلىق چىقىمىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان يېتىملارنىڭ غەمگۈزارى ، پۈتۈن شىنجاڭغا نامى تارالغان مەرىپەتپەرۋەر زات ئەبراباي « يوقسۇلارنى يىغىپ قوزغىلاڭ قىلماقچى » دېگەن بەتنام بىلەن قولغا ئېلىنىپ ، شېڭ شىسەي تەرىپىدىن مەخپىي ئۆلتۈرۈۋېتىلدى .

25.ئەخمەتجان قاسىمى ( 1914~ 1949)
«ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابى » نىڭ ئاتاقلىق رەھبىرى . زۇلۇمغا ، ئېزىلىشكە قارشى كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىققان ئەزىمەت ئوغلان ئەخماتجان قاسىمى شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن قورقماس جەڭچىلەرنىڭ سەركىسىدۇر . ئۇ پۈتۈن ھاياتىنى خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى ، مائارىپى ئۈچۈن ئاتىۋەتكەن بولۇپ ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ .

26.ئەلقەم ئەختەم (1922~ 1995)
شائىر ئەلقەم ئەختەم ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى . ئۇنىڭ « ئۈمىد دولقۇنلىرى » « كۈرەش دولقۇنلىرى » قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى ئېلان قىلىنغان بولۇپ ، تىلىنىڭ يېنىكلىكى ، رىتىمىنىڭ جۇشقۇنلۇقى بىلەن قەلبلەرەە ئىشەنچ بېغىشلاپ بىزنى يۈرەكلىك ئلاغا بېسىشقا ئۈندەيدۇ .

27.ئەلائىددىن خوتەنى ( 1150~ 1222 )
قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىكى بۈيۈك تېببىي ئالىملار قاتارىدا بارلىقىنى ئۇيغۇر تېبابىتىگە ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا بېغىشلىغان تەېببىي ئۇستاز ئەللامە ئەلائىددىن مۇھەممەت خوتەنى ئۆز دەۋرىدە نامى تارىم ۋادىسىدىن ھالقىپ چەت ئەللەرگە قەدەر تارقالغان شەخس بولۇپ ، ناھايىتى كۆپ تېببىي ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان . ئۇ موڭغۇل خانى كۈچلۈك تەرىپىدىن قەتل قىلىنغان بولۇپ ، ھازىرغىچە ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن چوڭقۇر ياد ئېتىلمەكتە .

28.ئەمەت ئۆمەر ( 1916~ 1987 )
ئۇيغۇر تىياتىر سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ ، كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە ياراتقان ئاتاقلىق خەلق سەنئەتكارى ئەمەت ئۆمەر ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا ھاياتىدا ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىدىكى نادىر تىياتىرلارغا رېژىسسورلۇق قىلىپ ۋە ئۆزى رول ئېلىپ ، خەلق ئاممىسىنىڭ بۇجەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ ، بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىدا مۇستەھكەم ئاساس سېلىپ بەرگەن .

29.ئەمەت ھاجى ( 1882~ 1944)
كېسەللەرنى تونۇش ۋە داۋالاش جەھەتتىكى مول بىلىمى ، شىپالىق رېتسىپلىرى بىلەن خەلقنىڭ چوڭقۇر ھۆرمەتىگە ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن ئەمەت ھاجى كېرىيە ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ ، ئۆز زامانىسىدىكى يۇقىرى ماھارەتلىك تېۋىپ بولغان . « ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى » نىڭ 1 - تومىنى تۈزۈشكە قاتناشقان . ئۇنىڭ خەلقپەرۋەر روھى ، بىلىمخۇمارلىقى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئەسلىنىدۇ .

30. ئەمەتجان ئەھمىدى ( 1931~ 1997 )
« باھارغا مەدىيە » (6-1) ، « ئۇيغۇر مۇقاملىرى توغرىسىدا » قاتارلىق كىتابلارنىڭ مۇئەللىپى تونۇلغان مۇقام تەتقىقاتچىسى ئەمەتجان ئەھمىدى 1978 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر مۇقام تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ تېگىشلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ،ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام ساھەسىدە تۆھپىسى مەڭگۈ يادلىنىدىغان شەخسىكە ئايلاندى .

31.ئارسىلان ( 1950~ 1996)
«ئاھ ، مېنىڭ خەلقىم » ، « يۇلتۇزلار يۇرتى » ، « كىندىك قېنىم تامغان ماكان » ... قاتارلىق داستان ، شېئىرلىرى بىلەن ئەدەبىياتىمىزنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان ئىقتىدارلىق شائىر ئارسىلان ئۆز ئەسەرلىرىدە باشتىن - ئاخىر ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىنى مۇھىم ئورۇندا قويغان بولوپ ، ئەدەبىياتىمىزدىكى بۇ ئەنئەنىۋى تېمىنى تېخىمۇ بەدىئىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ ئەۋلادلىرى قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان .

32.ئايشەم كېرەم ( 1931~ 1998)
تالانلىق كىنو - تىياتىر ، مۇقام چولپىنى ، ئۇ كورلا شەھىرىدە تۇغۇلغان . ئۆزىنىڭ ئالاھىدە سەنئەت تالانتى بىلەن « قادىر مەۋلان » « گۈل قىسقان مېنىڭ يارىم » قاتارلىق ناخشىلارنى ئورۇنداپ تالانتىنى نامايان قىلغان . « غۇنچەم » ، « غېرىپ - سەنەم » « ئارشىن مال ئالان » ئوپىرالىرى ، « رەنانىڭ تويى » « تاش ئۈستىدە ئېچىلغان گۈل » « نەسىردىن ئەپەندى » قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئېلىپ خەلقىمىز قەلبىدە ئۇنتۇلماس تەسىراتلارنى قالدۇرغان .

33.ئېلىخان ھەززىتىم ( 1887~ 1989 )
« ئۇيغۇر تېبابەت ئاناتومىيىسى » ، « ئالدىمىزدىن ئۆتكەن تەكرار كېسەللىك دورىسى » ، « تېبابەتچىلىكنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى » قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ، يېتىلگەن ئۇستاز تېۋىپ ئېلىخان ھەززىتىم ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى خەلقنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن بېغىشلىغان بولۇپ ، ئوردو ، پارس ، ئەرەب ، تۈرك تىللىرى ۋە يېزىقلىرىنى پۇختا ئىگىلەپ ، يۈكسەك بىلىم ئىگىسىگە ئايلانغان . 102 يىل ئۆمۈر كۆرگەن بۇ پېشۋانى كېيىنكى ئەۋلادلار ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيدۇ .

34. ئەزىروف قاسىم ( 1924~ 1994)
«ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابى » نىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى ، ناھايىتى كۆپ جەڭلەرنىڭ شاھىدى گېنېرال ئەزىزوف قاسىم قورال ئېلىپ جەڭ قىلىدىغان جەڭچى بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى ھەربىي ئىلىم تەتقىقاتچىسى بولۇپ ، ئۇ يازغان « مارشالنىڭ نەسىھىتى :» « ئۇرۇش ۋە قوماندان » « جەڭ شەمشىرى » « قىساس خەنجىرى » قاتارلىق ئەسەرلەر كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا قالدۇرۇلغان ئېسىل مىراستۇر . گېنىرال ئەزىزوف قاسىم خەلق قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ .

35.مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف ( 1915 ~ 1970)
گېنىرال مايور مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا مۇھىم رول ئوينىغان مەشھۇر شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇ يىگىرمە يېشىدىلا كۈرەش جەڭچىسى قابىل تەشكىلاتچى سۈپىتىدە تونۇلغان ، ئۇنىڭ گومىنداڭنى شىخودىن قوغلاش جېڭىدىكىى باتۇرلۇقىنى ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى ئۈچۈن شىددەتلىك ئوقلارغا پەرۋا قىلماسلىقتەك قەيسىرانە روسىنى ئەۋلادلىرى مەڭگۈ ئەستىن چىقارمايدۇ .

36.غوجا باۋۇدۇن جامالىدىن ھاجى ( 1916 - 1994)
پۈتۈن ئۆمرىدە ئەللىك يىلدىن ئاتۇق ۋاقىتنى تېبابەتچىلىك ئىشلىرىغا سەرپ قىلىپ ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان غوجا باۋۇدۇن جامالىدىن ھاجى راك قاتارلىق قىيىن كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا كۆپ ئىزدىنىپ ، يۇقىرى ئۈنۈم ھاسىل قىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭ تىرشىچانلىقى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۇدۇم بولۇپ قالغۇسى .

37. ئابدۇلھىمىت يۈسۈف ( 1924~ 1944 )
مول بىلىملىك ، چوڭقۇر پىكىرلىك ئالىم ، يۈكسەك دەرىجىدىكى ئەخلاق - پەزىلەت ئىگىسى ، نۇرغۇن تارىخىي ، تېببىي ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ئابدۇلھىمىت يۈسۈف ھاجى ئۆزىنىڭ كۆپ قىرلىق بىلىمى بىلەن يۇقىرى شۆھرەت ۋە ئىناۋەتكە ئېرىشكەن . بولۇپمۇ ئۇ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىشىلىرىنى گۈللەردۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشقا ئۆزىنى بېغىشىلاپ بۇ ساھەگە بىر ئۆمۈر يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى . 2

38. ھەمدەم بەگ ھاجى ( 1980 ~ 1938 )
1933- يىلى قوزغالغان جەنۇبىي شىنجاڭ دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ، ھەربىي ئىلىمدە يېتىلگەن ئىستېداتلىق ئەرباب ، پۈتۈن ئۆمرى جەڭ ئىچىدە ئۆتكەن ئەل ئوغلى ھەمدەم بەگ ھاجى ھەر قانداق جەڭدە مەغلۇپ بولماسلىقى بىلەن خەلق ئىچىدە چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە ئىناۋەتكە نائىل بولغانىدى . ئەپسۇسكى جاللات شېڭ شىسەي ھەمدەم بەگ ھاجىنى خوجىنىياز ھاجىنىڭ قوماندانلىرى قاتارىدا قولغا ئېلىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن . ئۇنىڭ قەبرىسى ھازىرغىچە نامەلۇم .

39.غازىباي( مىلادىدىن ئىلگىركى 3- 4 ئەسىرلەر )
ئەپلاتۇن بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ ئۆتكەن دەپ قارىلىۋاتقان قەدىمكى داڭلىق ئۇيغۇر تېۋىپى غازىباي خوتەندە ئۆتكەن بولۇپ ، ئۇنىڭ « غازىباينىڭ ئوت- چۆپ دورىلار قامۇسى » ناملىق مەشھۇر كىتابنى يازغانلىقى مەلۇمدۇر . ئەينى ۋاقىتتا ئەپلاتۇن ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى غازىباينىڭ بۇ دورىلار قامۇسىدىن ناھايىتى زور مەنپەئەتلەر ئالغان . بۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىلادىيىدىن 3- 4 ئەسىر ئىلەىرىلا ئىنسانىيەتنىڭ تېبابەت ئىلمىگە غايەت زور تۆھپە قوشقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ .

40.خېۋىر تۆمۈر ( 1922~ 1992 )
« موللا زەيدىن ھەققىدە قىسە » «ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە قىسسە » « بالدۇر ئويغانغان ئادەم » «تاڭ ئالدىدا » ... قاتارلىق ئۆلمەس ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى پەزىلەتلىك كەمتەر ، تىرىشچان ، يازغۇچى خېرىر تۆمۈر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ۋەكىللىك ئەدىبلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرغان ئېسىل مىراسلىرى ئۇيغۇر ئەدەنىياتى غەزىنىسىدە مەڭگۈلۈك پارلاق چاچىدۇ .

41. غېنى باتۇر
ئۆزىنىڭ چەكسىز كۈچتۈڭگۈرلۈكى ھەققانىيەتپەرۋەرلىكى ، ئۇرۇشتىكى باتۇرلۇقى ، قەھرىمانلىقى بىلەن خەلق ئارىسىدا ھەر خىل ئەپسانىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا بولغان غېنى باتۇر 40- يىللارنىڭ ئالدى - كەينىدە ناھايىتى مەشھۇر شەخسكە ئايلانغان . ئۇ 1953 - يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭەش ئەزاسى بولغان .
1956- يىلىنىڭ ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەن ۋە 90- يىللاردا ئالمۇتادا ۋاپات بولغان .

42.خوجىنىياز ھاجى ( 1889 ~ 1938 )
شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى قوزغىلاڭنىڭ رەھبىرى خوجىنىياز ھاجى ئۇنتۇلغۇسىز چوڭ ئىشلارنى قىلغان . ئۇ قوزغىغان قوزغىلاڭنى دەۋرىمىز قەدىرلەيدۇ ھەمدە تارىخ ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بىباھا ئالتۇن بەتلىرىدىن ئورۇن بېرىدۇ . خەلقىمىز خوجىنىياز ھاجىدىن ئىبارەت ئازاتلىق ، ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ، ۋەتەن بىرلىكىنى قوغدىغۇچى مىللىي قەھرىماندىن مەڭگۈ پەخىرلىنىدۇ .

43. نىيازى ( 1780 ~ 1865)
موللا مۇھەممەت نىياز بىننى ئابدۇلغەفۇر خوتەننىڭ چىرىيە ناھىيىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ ، كىچىكىدىن تارتىپ تىرىشچانلىق بىلەن بىلىم ئىگىلەپ ، كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىدارنى ھازىرلاپ ، ھاياتلىقىدا نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان ، « قىسسەسۇل غەرايىب » « دىۋانى نىيازى » ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرىدۇر . ئۇ يەنە تەرجىمە ساھەسىدىمۇ خېلى نەتىجىلەرنى ھاسىل قىلغان بولۇپ ، « تارىخى رەشىدىي » نىڭ تەرجىمىسى بۇنىڭ تىپلىك مىسالى .

44.بايا رەھىم مەشرەپ
ئىنسان ۋە ئۇنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە بىر ئۆمۈر ئازابلىق ئىزدىنىپ ئۆتكەن ئەلەملىك شائىر ، ئىسيانكار مۇتەپەككۇر ، ئۆزبېك ، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا بارلىققا كەلگەن بۈيۈك نامايەندە بايا رەھىم مەشرەپ 20 يىلغىچە داۋاملاشقان سەرگەردانلىق ھاياتىنى باشلاپ ئاجايىپ ئېسىل شېئىرلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن . ئۇ ئۆزىنىڭ ئەقىدە ، ئېيتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ ، جاھالەت ۋە ئادالەتسىزلىكنى شەپقەتسىز پاش قىلغىنى ئۈچۈن بەلخ ھاكىمى مەھمۇدخان تەرىپىدىن دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن .

45. ناقىس ( 1843 ~ 1922)
يېقىنقى زامان ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى بىر قاتار بەدىئىي ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرىدىن تاشقىرى بەكمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان قىزقارلىق ھەم كۈلكىلىك ھەزىللىرى بىلەنمۇ يۈكسەك ھۆرمەت ۋە شەرپكە ئېرىشكەن تالانتلىق ئەدىب ، « دىۋانى ناقىس » نىڭ مۇئەللىپى ، « گۈلزار بىنىش » ناملىق شېئىرىي روماننىڭ ئىجادىي ئۆزلەشتۈرگۈچىسى ناقىسنىڭ نام - شەرىپى تىلدىن - تىلغا كۆچۈپ ئەدەبىي يادلانغان ھالدا ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى مۆتىۋەر ئەدىبلەر قاتارىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالىدۇ .

46.نەزەر خوجا ( 1887~ 1951)
ئىلىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مەرىپەتپەرۋەر زات ، تارىخچى ، يازغۇچى ، شائىر ۋە قەدىمكى زامان ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى نەزەر خوجا ( تەخەللۇسى ئۇيغۇر بالىسى ) پۈتۈن ئۆمرىنى ئىلىم - مەرىپەتكە ، مائارىپقا ئاتىغان ، ھۆرمەتكە سازاۋەر زاتلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر . ئۇنىڭ يازغان ماقالە ، ئەدەبىي ئەسەرلىرى ۋە شېئىرلىرى « يورۇق ساھىللار » دېگەن نامدا توپلام قىلىپ نەشىر قىلىنغان بولۇپ ، قىممەتلىك مىراسقا ئايلىنىپ قالدى .

47.تۆمۈر سىجاڭ ( 1886~ 1933)
قۇمۇل قوزغىلىڭىنىڭ ئىلھامى بىلەن بۇ ئىنقىلابقا ماسلىشىپ كۇچاردا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن تۆمۈر ئېلى خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ ، « سىجاڭ » لىق مەنسىپىگە تەيىنلەنگەن .
تۆمۈر سىجاڭ گەرچە قورقماس بولسىمۇ ، ئەمما قارا كۈچىگە تايىنىپلا ئىش كۆرمەكچى بولغاچقا ، ناھايىتى كۆپ ئىشلاردا كەتكۈزۈپ قويىدۇ . شۇنداقتىمۇ تۆمۈر سىجاڭنىڭ خەلق ئىنقىلابىدا ئوينىغان رولى ناھايىتى چوڭ بولغان .


48.ئوسمان قاسىم ( 1920~ 1944)
قەشقەر بەشكېرەمدە تۇغۇلغان . ناھايىتى كۆپ ئەپسانە - رىۋايەتلەرنى يادقا ئېلىپ ، ئافراسىياپ ، قاراخان ، سۇتۇق بۇغراخان ، ئافاق خوجا ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن . ئۇنىڭ سۆزلەپ بېرىشى بىلەن مەتبەئەگە ئېلىنغان « ئافرات خاقان ۋە توققۇز قىز » ناملىق رىۋايەت چوڭ تەسىر قوزغىغان . ھەر خىل رىۋايەت توپلاملىرىغا ئۇ سۆزلەپ بەرگەن رىۋايەتلەر كىرگۈزۈلگەن . ئۇ يەنە خېلى كۆپ ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلغان .

49.ناسىر بەگ ( 1891~ 1979 )
يىگىرمىچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تەرجىمانلىق بىلەن تونۇلۇپ ، خەلقنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرىگە مۇناسىپ تۆھپە قوشقان ناسىر بەگ شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ياشىغان قابىلىيەتلىك كىشىلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر . گەرچە ئۇ ياڭ ، جىن ، شېڭ ، ۋە گومىنداڭدىن ئىبارەت تۆت خىل ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا ئىشلىگەن بولسىمۇ ، ئەمما خەلق ۋە ئادالەت تەرەپتە تۇرۇشنى مەڭگۈ ئۆزىنىڭ بۇرچى قىلغان .

50.ئابدۇللا داموللا ( 1898 ~ 1940)
توقسۇندا تۇغۇلغان . 1933- يىلى تۆمۈر سىلىڭ قەشقەرنى ئىشغال قىلغاندا ، ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن . كېيىن خوجىنىياز ھاجى بىلەن بىللە بولۇپ ، قوشۇننىڭ ھەربىي تەمىنات مەسئۇلى بولغان ۋە شېڭ شىسەينىڭ چاقىرتىشى بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۆلكىلىك مائارىپ نازىرى ، ئۆلكىلىك مەركىزىي ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ، ئۆلكىلىك تەمىنات نازارىتىنىڭ نازىرى بولۇپ ئىشلەپ ، خوجىنىياز ھاجىلار بىلەن بىللە شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلگەن .

51. تىيىپجان ھادى ( 1922~ 1989)
يازغۇچى ۋە تارىخچى ، « پالۋان كەلدى » ، « چورۇق ھېكىم » ،« ئۆچكەدۆڭدە لاۋۇلدايدىغان مەشئەللەر » نالىق ھېكايىلەرنىڭ ، « ئىلى گۇڭ بەگلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى » ناملىق تارىخى ماقالىلەرنىڭ مۇئەللىپى تىيىپجان ھادى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن . ئۇ يېزىقچىلىق قىلىشتىن ئىنقىلابى ئۈچۈنمۇ مۇناسىپ تۆھپە قوشقان ، ئەپسۇسكى ، « ئىلى تارىخىدىن ئىزلار » ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەسىرىنى تاماملىيالماي دۇنيادىن ئۆتكەن .

52. مۇھەممەت ئىمىن قۇربانى ( 1914~ 1990 )
مول تارىخىي بىلىمگە ئىگە تاىخشۇناس ۋە تەزكىرىشۇناس ، « قەشقەردىكى يادىكارلىقلار » « تارىخ بېتىنى ۋاراقلىغاندا » « ئابدۇقادىر داموللا ئۆلتۈرۈلگەن پاجىئەلىك كېچە » قاتارلىق بىر يۈرۈش تەتقىقات ۋە ئەسلىەم خاراكتېرىگە ئىگە ئېسىل ماقالىلىرى بىلەن ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان مۇھەممەت ئىمىن قۇربانى ( ئىشقى ) بىلىمخۇمار ئەۋلادلار قەلبىدىن مەڭگۈ يادلىنىدۇ .

53. روزى ھاجىم ( 1860 ~ 1962)
ۋەتەنپەرۋە ، مىللەتپەرۋە ، مەرىپەتپەرۋەر زات روزى ھاجىم ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ ، ئۇ ھەرخىل خەلق قوزغىلاڭلىرىغا قاتناشقاندىن سىرت ، ئۈرۈمچىدە « ئەختەرىيە ، ( دەسلەپتە » تۇرانى » ئىدى ) مەكتىپىنى ئېچىپ ئەۋلاد تەربىيلەشكە كۈچ چىقارغان . ئۇ يەنە شىنجاڭنىڭ ھەر ساھە خىزمەتلىرى جەھەتتە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان بولۇپ ، تارىخ سەھىپىسىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالغان .

54. شاتگۈل ئۇيغۇر ( 1960~ 1987)
« رەنانىڭ تويى » فىلىمىدە ياسانچۇق قىز سوفىيەنىڭ ، « ئارتىس بولالمىغان قىز » فىلىمىدە چاقچاقچى شوپۇر قىز ھۆرىيەتنىڭ « سىرلىق كارۋان » فىلىمىدە بېشىغا كەلگەن تەقدىر تۈپەيلىدىن ئوخشاشمىغان ئىككى خىل شارائىتتا چوڭ بولغان ، ئىككى خىل خاراكتېردىكى قوشكېزەك ئاچا - سىڭىللار - ئاينۇر بىلەن ماھىنۇرنىڭ ئوبرازىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يارىتىپ تاماشىبىنلار قەلبىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان ئارتىس شاتگۈل بەختسىزلىككە ئۇچراپ قازا قىلغان .

55. تۇرسۇن ئايۇپ ( 1947~ 2003)
جۇڭگودىكى تۈركولۇگىيە ساھەسىنىڭ مەشھۇر ئەربابى ، تۇركولوگىيىنىڭ دۇنياغا تونۇلغان ئالىمى ، پروفېسسور ، « ئوغۇزنامە »، « قەدىمكى ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما » قاتارلىق بىر تالاي مۇھىم ئەسەرلەرنى نەشىرگە تەييارلىغۇچىلارنىڭ بىرى . تارىخشۇناس زات تۇرسۇن ئايۇپ ئۇيغۇر تارىخ مەدەنىيىتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان . خەلقىمىز بۇ سۆيۈملۈك پەرزەنتىنى چىن قەلبىدىن ئەيسلەيدۇ .

56.موللا بىلال ( 1823~ 1900)
ⅩⅨ ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تەنقىدىي رېئالىزىم ئاساسچىلىرىدىن بىرى ، « غەزەليات » ناملىق دىۋاننىڭ ، « غازات دەرمۈلكى چىن » ، « چاڭموزا يۈسۈپجان » ، « نۇزۇگۈم » قاتارلىق داستان - قىسسەلەرنىڭ مۇئەللىپى موللا بىلال بىننى موللا يۈسۈپ نازىمى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان . شائىرنىڭ پۈتۈن ھاياتى نامراتچىلىق ئىچىدە ئۆتكەن ھەمدە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئەما بولۇپ قېلىپ ، ياركەنت شەھىرىدە دۇنيادىن ئۆتكەن . موللا بىلال خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ مۆتىۋەر ئورۇندا ياشايدۇ .


57.بىلال ئەزىزى ( 1921__ 1945)
ئۆزىنىڭ جەڭگىۋارلىققا ۋە مۇئەييەن بەدىئىي قىممەتكە ئىگە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى سەھنىسىگە ئۆز نامىنى قالدۇرۇپ كەتكەن . ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابىي شائىر بىلال ئەزىزى خوتەندە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان . ئۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپ ، مۇنىرىدىن خوجا قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ، « ياش ئۈچقۇنلار ئىتتىپاقى » نى قۇرغان ۋە ئالدىنقى مەسئۇللىرىدىن بولغان . ئەپسۇسكى ، دوستلىرى لۇتبۇللا مۇتەللىپ قاتارلىقلار بىلەن بىللە 1945 _ يىلى 18- سېنتەبىردە ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن . بۇ چاغدا ئۇ ئاران 24 ياشتا ئىدى .

58.مۆجىزى ( ⅩⅧ ئەسىر)
« تەۋارىخى مۇسىقىيۇن » ( مۇزىكىچىلار تارىخى ) ناملىق رىسالىسى بىلەن تونۇلغان موللا نېمەتۇللا ئوغلى موللا ئىسمەتۈللا ( مۆجىزە ) خوتەندە ئۆتكەن بولۇپ ، ھاياتى ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇمات يوق . ئەمما « تارىخىي مۇسقىيۇن » ناملىق قېدىرخان يەركەندى ، ناملىق قېدىرخان يەركەندى ، ئاماننىساخان توغرىسىدىكى مۇھىم مەلۇماتلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بۇ ئەسەر مۆجىزىنىڭ نامىنى كەڭرى تارقىتىپ شۆھرىتى كۆتۈرۈپ كەلمەكتە .

59.جامالىدىن ئاقسارايى ( ⅩⅨ ئەسىردە ئۆتكەن )
ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك تەجرىبىلىرىنى توپلاش ، تەتقىق قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە داۋالاش ئەمەلىيىتىدىن ھاسىل قىلغان بىلىملىرى ئاساسىدا « كىتابى تىپ ئاقسارايى » ناملىق ئەسىرى بىلەن تونۇلۇپ تېبابەتچىلىك ئىلمى ساھەسىدە خەلقئاراغا يۈزلەنگەن مۆتىۋەر ئالىم جامالىدىن ئاقسارايى قاراقاش ناھىيىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن . مەدەنىيەت تارىخىمىزدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان بۇ ئالىمنىڭ ئەسىرى ھىندىستاندا 30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلگەن .

60.قەمبەرخانىم ( 1922~ 1994)
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر ئۇسسۇلچىسى قەمبەرخانىم قەشقەر كونىشەھەرنىڭ ئاۋات يېزىسىدا تۇغۇلغان . ئۆزبېكىستان ، موسكۋا قاتارلىق جايلاردا بىلىم ئالغان . موسكۋادا ئۇيغۇر كلاسسىك ئۇسۇلى « نىم پەدە » نى ئورۇنداپ ، تاماشىبىنلارنى تاڭ قالدۇرغان . 1947- يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان قاسى تەرىپىدىن ئالتۇن مېدال بىلەن مۇكاپاتلانغان . ھازىر ئۇنىڭ ئۇسسۇل ئۇسلۇبى تەتقىق قىلىنماقتا .
بىر ئۆمۈر ئۇسسۇل بىلەن ياشىغان قەمبەرخانىم خەلقىمىز قەلبىدە يادلىنىدۇ .

61. موللا شاكىر ( 1805~ 1870)
ئۇيغۇر شائىرى ۋە تارىخچىسى ، موللا شاكىر « زەفەرنامە » ناملىق داستانى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى سەھنىسىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان . ئۇنىڭ ھاياتى ئاقسۇ ۋە ئۇچتۇرپاندا ئۆتكەن بولۇپ ، ھاياتى ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇمات يوق . ئەمما ، « زەفەرنا » داستانى ئۆزىنىڭ بەدىئىي ۋە تارىخىي قىممىتى بىلەن ئەۋلادىلىرى قەلبىدە ئۇ مەڭگۈ ھايات .

62. موللا ئىسلام ( شاڭزۇڭ ) ( 1890~ 1960) )
1943- يىلى دەسلەپتە 17 نەپەر ئۇيغۇر ياشتىن تۈزۈلگەن پارتىزان ئەترىتى تەشكىل قىلىپ ، گومىنداڭغا قارشى كۈرەشكە ئاتلانغان موللا ئىسلام ئالتاي ، تارباغاتاينى ئازاد قىلىشتا ، ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسىگە يېقىندىن ماسلىشىپ جەڭ قىلىپ ، پارلاق نەتىجە ياراتقان ھەم ئەخمەتجان قاسىمى ئۇنىڭغا ئۆز قولى بىلەن بىر ھەربىي خەنجەر ، بىر ئالتۇن ئۇچلۇق قەلەم تەقدىم قىلغان . موللا ئىسلامنىڭ خەلق ئازادلىق ھەرىكىتىدە كۆرسەتكەن ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى خەلق مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ .

63.ھاشىم ھاجى ( 1869~ 1952)
شىنجاڭ ، ئوتتورا ئاسىيا ھەتتا ئەرەب يېرىم ئارىلى قاتارلىق رايون ۋە دۆلەتلەردە دارۋازلىق سەنئىتى بىلەن نام قازانغان . ئايىمخان ھاجى ، سىدىق ئاخۇن ... قاتارلىق پەرزەنتلىرىنى مۇقامچىلىق ۋە دارۋازلىقتا ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەربىيلىگەن مەشھۇر سەنئەتكار . ئۇ خوتەن قاراقاشتا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ ، كىچىكىدىن دارۋازلىق سەنئىتىگە ئىشتىياق باغلاپ ، ئۇنى بىر ئۆمۈرلۈك كەسىپ قىلغان . نەتىجىسىدە ئۇيغۇر دارۋازلىقىنىڭ بۈگۈنگە يېتىپ كېلىشىدە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان .

64.لۇتفى ( 1366~ 1465)
ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ⅩⅤ ئەسىردىكى يېتەكچى نامايەندىسى مەۋلانا لۇتفى ھىراتتا دۇنيغا كەلگەن بولۇپ ، بىر يىل كەم بىر ئەسىرلىك ھاياتىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئىجادىيەتكە بېغىشلىغان . ئۇنىڭ « گۈل ۋە نەۋرۇز » ناملىق داستانى ئالاھىدە خاراكتېرلىكتۇر . لۇتفىغا نەۋائى « ئۆز دەۋرىنىڭ مەلىكۇل كەلامى » ( سۆز پادىشاھى ) دپە نام بەرگەن . لۇتفى ئۇنىڭ تەخەللۇسى بولۇپ ، ئەسلى ئىسمى نامەلۇم .

65.ئابلىمىت ھاجىيوف ( 1917~ 1933 )
ئاتۇش ناھىيىسىدە تۇغۇلغان . 1944- يىلى 9- ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ ، تارباغاتاي ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باش كاتىپى ، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئىنقىلابىي ياشلار تەشكىلاتىنىڭ شۇجسىى ، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ، بولۇپ ، جۇڭگونىڭ يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان . ئۇ كېيىنمۇ ھەرخىل مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلەپ 76 يېشىدا ۋاپات بولغان .

66.ئەسئەت ئىسھاقوۋ ( 1912~ 1976)
پېشقەدەم زىيالىي ، رەھبەر ئەسئەت ئىسھافوۋ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە « شىنجاڭدا تىنچلىق ، دېموكراتىيىنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى » نىڭ تەشكىلىي ھەيئەت ئەزاسى » نىڭ تەشكىلىي ھەيئەت ئەزاسى ، ۋاقىتلىق مەسئۇلى قاتارلىق مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن . كېيىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولۇپ ، كىرىپ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇ پ، مەدەنىيەت - مائارىپ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولدى . ئەپسۇسكى ، ئۇ « تۆت كىشىلىك گۇرۇھ » تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ۋاپات بولدى .

67.غېنى كېرىموف ( 1922~ 1949)
غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان . 1944 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ ، 1944 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ ، 1949 - يىلى 8 - ئايدا ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ مۇھاپىزەتچىسى بولۇپ ، ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭغا كېتىۋېتىپ ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچراپ ۋاپات بولغان . ئۇ دەسلەپتە ئۈمىد مەكتىپىدە ئوقۇپ ، يەنە شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغانىدى .

68.ھۈسەيىنبەگ ( 1899~ 1934)
ئىقتىدارلىق جامائەت ئەربابى ۋە سىياسىيون ھۈسەيىنبەگ ئۆز مەتبەئەسى بىلەن 1919- يىلى كۈزدە « ھۆر سۆز » گېزىتىنى چىقارغان . « ئىلى سەنىمى » نى رەتلەپ ھازىرقى ھالغا كەلتۈرگەن .
1927- يىلى ئۆز خىراجىتى بىلەن « ھۈسەينىيە مەكتىپى ( ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 2- ئوتتورا مەكتەپ ) نى سالدۇرغان ... بۇ مەرىپەتۋر زات ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يۈكسىلىشىدە ئوينىغان غايەت زور رولى بىلەن ئەۋلادلىرى قەلبىدە چوڭقۇر يادلانماقتا .

69.ئەنۋەر ناسىرى ( 1914~ 1946)
شائىر ئەنۋر ناسىرى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىدا ئوينىغان رولى بىلەن ئەدەبىياتىمىز تارىخىدا بەلگىلىك ئورۇن تۇتىدۇ .
شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى گەرچە سان جەھەتتىن كۆپ بولمىسىمۇ ، ئەمما ناھايىتى قىممەتلىكتۇر . ئۇ ئىلغار ئىدىيىلىك شائىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ل . مۇتەللىپنىڭ « مېنىڭ دەسلەپكى ئۇستازىم ئەنۋەر ناسىرى ئىدى » دەپ تەرىپلىشىگە ئېرىشكەنىدى .

70.ئولبۇلخەيرى ( 1934~ 1944 )
« ئاماننىساخان » ، « نەسىردىن ئەپەندى » ، « بەخت ناخشىسى » ، « مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان » ، « يول باشلىغۇچى » ، « غېرىپ - سەنەم » ، « رەنانىڭ تويى » .... قاتارلىق كىنولاردا رول ئېلىپ خەلقنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن . كىنو ، تىياتىر ئارتىسى ئوبۇلخەيرى ئۆمۈر بويى تىياتىر ۋە كىنو سەنئىتى ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ ، تاماشىبىنلار قەلبىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان . ئۇ ئەۋلادلىرىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئەسلىنىدۇ .

71.ئابدۇراخمان ھاۋاز ( 1935~ 1993)
« ئانارخان » ، « يايلاقتىكى بۈركۈت » ، « قۇملۇقتىكى يېشىل دولقۇن » ، « يول باشلىغۇچى » ، « غېرىپ - سەنەم » قاتارلىق كىنو فىلىملىرىدە ۋە بىر مۇنچە تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدە باش رول ، ئاساسلىق روللارنى ئويناپ ، خەلق قەلبىدە چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان ئابدۇراخمان ھاۋاز 1980 - يىلى نەشىر قىلىنغان « جۇڭگو كىنوچىلىرى » ناملىق چوڭ تىپلىق كىنو لۇغىتىدە بىردىنبىر ئۇيغۇر كىنو ئارتىسى سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلغان .

72.نېمشېھىت ( 1906 ~ 1972)
ئۇيغۇر ھازىرقى زمان ئاساسچىلىرىدىن بىرى ، داڭلىق شائىر ۋە جامائەت ئەربابى ، « ۋەتەن مۇھەببىتى » « شېئىرلار » ، « يۈرەك سۆزى » ، « مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد - شېرىن » قاتارلىق داستان ۋە شېئىرلار توپلاملىرىنىڭ مۇئەللىپى ئەرمىيا ئېلى سايرامى ھەققىقىي ۋەتەنپەرۋەر ، خەلقپەرۋەر ، يېڭى دەۋرنىڭ كۈيچىسى بولۇپ ، ئۆز ۋاقتىدا بىر قولىغا قەلەم ، بىر قولىغا ئەلەم ئېلىپ خەلقىمىزنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن جاپالىق ئەمگىكى قەلب تۆرىمىزدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ .

73.ئەھمەت زىيائى ( 1913~ 1989 )
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئالدىنقى ۋەكىللىرىدىن بىرى ، پېشقەدەم شائىر ، تالانتلىق درامماتورگ ۋە ئەدەبىياتشۇناس ئەھمەد زىيائى 1947 - يىلىلا « توزىماس چېچەكلەر » « لاداخ يولىدا كارۋان » « ۋىجدان ۋە مۇھاكىمە » قاتارلىق كىتابلارنى نەشىر قىلدۇرۇپ زور شۆھرەت قازانغان . ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىدا ناھايىتى شانلىق ئىز قالدۇرۇپ كەتتى . ئۇنىڭ ئەسەرلىرى جۇشقۇن ھېسسىيات ، باي تەسەۋۋۇر ۋە چوڭقۇر مۇھاكىمە كەيپىياتى بىلەن تولغان بولۇپ ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى خەزىنىسىدە پارلاق نۇرچاچىدۇ .

74.سەيپىدىن ئەزىزى ( 1915~ 2003)
« سۇتۇق بۇغراخان » ، « ئۆمەر داستانى » قاتارلىق رومان ، ئەسلىمىلەرنىڭ مۇئەللىپى كۆزگە كۆرۈنگەن جامائەت ئەربابى سەيپىدىن ئەزىزى قەلەم بىلەن ئەلەمنى تەڭ ئېلىپ ماڭالىغان بىردىنبىر مەسئۇلىيەتچان رەھبەر ، تېرىشچان يازغۇچى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مەزمۇن جەھەتتىن روشەنلىككە ، بەدىئىيلىك جەھەتتە مۇكەممەللىككە ئىگە . ئۇنىڭ رەھبەرنىڭ خىزمىتىدە تۇرۇپمۇ قەلەمنى تاشلىمىغان ئېسىل خىسلىتى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆرنەك بولۇپ قالغۇسى .

75.زۇنۇن قادىرى ( 1912~ 1989 )
« غۇنچەم » ، « گۇلنىسا » « ماغدۇر كەتكەندە » « شەپقەت ھەمشىرى » قاتارلىق ئوپېرا ئەسەرلەرنىڭ ئىجادچىسى ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ داڭلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى ، تالانتلىق يازغۇچى ۋە دارامماتورگ زۇنۇن قادىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئىدىيە ھەم بەدىئىيلىك جەھەتتە يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئەدەبىياتىمىز تارىخىدا ئىنقىلابىي رېئالىزمنىڭ باشلامچىسى سۈپىتىدە ئەڭ ھۆرمەتلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ ، خەلقمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان .

76. قۇربان ئىمىن ( 1914~ 1992)
« تارىم غەزەللىرى » ، « قەشقەر ئاۋازى » ، « مېنىڭ ناخشام » قاتارلىق شېئىر توپلاملىرىنىڭ مۇئەللىپى قۇربان ئىمىن ئۇزۇن يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىدا ھارماي - تالماي ئىزدىنىپ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ ياراتقان شائىرلارنىڭ بىرىدۇر . ئۇ ئارزۇ ۋەزىنىنىڭ ھەرخىل شەكىللىرىدە شېئىر ، داستانلارنى يېزىپ ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ شەكىل جەھەتتە كۆپ خىللىقىغا قاراپ راۋاجلىنىشىغا ھەسسە قوشقان . ئۇنىڭ شېئىرلىرى چۈشىنىشلىك ، ئاممىباب ، مىللىي پۇرىقى قويۇق بولغاچقا ، خەلق ئىچىگە تېزلا ئۆزلىشىپ كەتكەن .

77. تۇردى سامساق ( 1923~ 1992)
« ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر » ، « بەش تال ئوق » « ئۆچمەس يۇلتۇزلار » قاتارلىق ئېسل ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ، ئەدەبىياتىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدىبلەرنىڭ بىرى تۇردى سامساق خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان يازغۇچىدۇر . ئۇ ئىجادىيەتنى كۇرەش دەپ تونۇغان بولۇپ ، ھەر بىر جۈملە يازمىسىغا ناھايىتى مەسئۇلىيەتچىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان . شۇڭا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى خەلق ئىچىگە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ ، ئۆزىگە خاس ئورۇنغا ئىگە بولغان .

78. ئابدۇكېرىم خوجا ( 1928~ 1988 )
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى ، ئاتاقلىق شائىر ۋە پىشقان ژۇرنالىست ، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان تەرجىمە ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىسى ، « باھار ناخشىسى » « تۇپراق ، باھار ۋە مەن » ن قاتارلىق شېئىر توپلاملىرىنىڭ مۇئەللىپى ئابدۇكېرىم خوجا لىرىك ھېسسىيات بىلەن مول پەلسەپىۋى پىكىرلەرنى يۈغۇرۇپ ، كىشى قەلبىنى تىترىتىدىغان ئىدىيىۋى كۈچ ھاسىل قىلىدىغان شائىرلارنىڭ بىرىدۇر . خەلقىمىزنىڭ ئۇنىڭ مول ، جاپالىق مىنىۋى ئەمگەكلىرىنى مەڭگۈ ئېسىدىن چىقارمايدۇ .

79. جاپپار ئەمەت ( 1929~ 1999 )
ئىزدىنىش روھىغا باي ، سەمىمىي ، پەزىلەتلىك شائىر ، ژۇرنالىست جاپپار ئەمەت 40 نەچچە يىللىق ئەدەبىي ھاياتىدا ئەدەبىياتنىڭ ھەممە تۈرى بىلەن دېگۈدەك شۇغۇللىنىپ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان .
ئۇنىڭ ئەسەرلىرى گەرچە ھەر خىل تېما ۋە ئۇسلۇپ بىلەن . ئوخشاشمىغان ئىدىيىۋى مەزمۇنلارنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە « قامچىلاش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش » ئىبارەت جەڭگىۋار روھ سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ ، كىشىلەرنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ ھەم ئىلھاملاندۇرىدۇ .

80. پەتتارجان مۇھەممىدى ( 1930~ 1984 )
خېلىلا جاپالىق ئەجىر قىلىپ بىر قەدەر قەلىمى پىشقان ئىجادىيەتچىلەر قوشۇنىنى تەشكىللەش ، ئۈمىدلىك ھەۋەسكارلارنى بايقاش ، قوللاش ۋە ئۆستۈرۈش جەھەتتە مەلۇم خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن . سىياسىي لېرىكىلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان « ئۆمۈر چېچەكلىرى» نالىق توپلامنىڭ مۇئەللىپى پەتتارجان مۇھەممىدى گەرچە بەك كۆپ ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرالمىغان بولسىمۇ ، ئەمما بىر قىسىم ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، يەنىلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى سەھىپىسىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئېلىشقا تېگىشلىك .
81. قەييۇم تۇردى ( 19336~ 1999)
« كۇرەشچان يىللار » « جىمجىت جۇڭغارىيە » قاتالرىق رومانلارنىڭ مۇئەللىپى ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر پروزىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى ، ئىقتىدارلىق ۋە مول ھوسۇللۇق يازغۇچى قەييۇم تۇردى ئۆزىنىڭ كۆپلىگەن ئەدەبىي ئەمگەكلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى سەھنىسىدىن مۇناسىپ ئورون ئالغان .
ئۇ ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ يول باشلىغۇچىسى بولۇش سۇپىتى بىلەن ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن چوڭقۇر ياد ئېتىلىدۇ .

82. ئاماننىساخان ( 1533~ 1567)
مەشھۇر مۇقامشۇناس ، شائىرە ، خانىش ئاماننىساخان سەئىدىيە خانلىقى ئوردىسىدا پادىشاھ ئابدۇرىشتخاننىڭ شارائىت يارىتىپ بېرىشى ، قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ مۇقاملارنى قېلىپلاشتۇرش ئۈچۈن قىسقا ئۆمۈر كۆگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ، مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن قىغان ئۆچمەس ئىش - ئىزلىرى ئۇيغۇر خەلقى ئېغىزىدا ۋە تارىخلاردا داستان بولۇپ داۋاملىق يادلانغۇسى .

83. مەھمۇت مۇھىتى ( 1887 ~ 1944)
قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ تەسىرى بىلەن قوزغالغان تۇرپان قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى ، مەخسۇت مۇھىتىنىڭ ئىنىسى مەھمۇت مۇھىتى شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى شۆھرەتلىك شەخسىلەرنىڭ بىرىدۇر . ئۇ ئاكىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىدىيسىىگە ۋارىسلىق قىلىپ ، 6- شىنىڭ شىجاڭى بولۇپ قەشقەردە تۇرغان ۋاقتىدا ، قەشقەر يېڭى زامان مائارىپى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ، دىنىي مەدرىسلەرنى ئسىلاھ قىلغان ، خەلقىمىز بۇ ئوغلاننى مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ .

84. مەخسۇت مۇھىتى ( 1885 ~ 1931)
« مەخسۇتىيە مەكتىپى ) ناملىق زامانىۋى مەكتەپ سېلىپ ، بارلىق چىقىمنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەرىپەتپەرۋەر مەخسۇت مۇھىتى خەلقىمىز ئەڭ پەخىرلىنىدىغنا ئوغلانلىرىنىڭ بىرىدۇر . ئۇ 1931 - يىلى قۇلۇمدا قوزغالغان دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ جەڭ قىلغان . ئەپسۇس شېڭ شىسەي ۋە ئاق ئورۇس ئەسكەلىرى بىلەن بولغان جەڭدە ئوق تېگىپ قۇربان بولغان . مەرھۇمنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇنىڭ تېنىنى لۇكچۈن شەھىرىنىڭ سىرتىدىن ، بېشىنى تۇرپان شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىدىن تېپىپ كېلىپ ئاستانىگە دەپنە قىلغان . بۇ چاغدا ئۇ ئاران 46 ياش ئىدى .

85. سادىر پالۋان ( 1798~ 1871)
ئىلى ۋىلايىتىدە پارتلىغان مانجۇ ئىستىبداتىغا قارشى قوزغىلاڭنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىسى ، جىگەرلىك ، قورقماس ئەزىمەت سادىر پالۋان ئۆزىنىڭ ئاقىل - پارسىتىگە تاينىپ ئاجايىپ ئۈنۈملۈك جەڭلەرنى قىلغان . ھەتتاكى ئۇ كېچىسى بىر توپ ئۆچكىنىڭ مۈڭگۈزىگە شام يېقىپ ، قۇيرۇقىغا پوجاڭزا چېگىپ ھەيدەپ بېرىپ چىلپەڭزى ئامبىلىنى تەسلىم قىلغان . خەلقىمىز ئۇنى داۋاملىق ئەسلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ قوشاقلىرىنى ئاھاڭغا سېلىپ بۈگۈنگە قەدەر سۆيۈپ ئوقۇپ يادلاپ كەلمەكتە .

86. تۆمۈر خەلىپە ( 1891~ 1913)
20 ئەسىرنىڭ باشلىرىدا زالىملارغا ، مۇستەبىتلىككە ئېزىلىشكە قارشى كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىققان جەسۇر بوران قۇشى تۆمۈر خەلىپە ئۆزىنىڭ باتۇرلۇقى ، قىلغان شىددەتلىك جەڭلىرى بىلەن تارىختا ئۆچمەس سەھىپە قالدۇرغان . ئۇ قۇمۇلدا دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ پىلتىسىگە ئوق يېقىپ بەرگەن بولۇپ بۇ قوزغىلاڭ پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىغان قوزغىلاڭغا ئاساس سېلىپ بەرگەن . ئۆتكۈز ئەپەندى يازغان « ئىز » رومانىدا تۆمۈر خەلىپىنىڭ يۈكسەك ئوبرازى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەسۋىرلەنگەن .

87.قاھار جېلىل ( 1943~ 1994 )
« قىساس » ، « ۋاقىت ئۇنتۇلدۇرالامدۇ » ، « مېھرىبان » ، « تەقدىرنى كىشىلەر يارىتىدۇ » قاتالرىق ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر كىتابخانلىرى ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان قاھار جېلىل ئۆز ئەسەرلىرىدە پاكلىق ، سەمىمىيلىك ، گۈزەللىك ، ئىناقلىق ، مېھرىبانلىق قاتارلىقلارنى ئاجايىپ قىزغىنلىق بىلەن تەسۋىرلىگەن . ئۇ ئەسەرنى ۋەقە دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشتىن ئىبارەت قېلىپقا چۈشۈپ قالماي ، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ياراتقان ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مەڭگۈ قىمممىتىنى يوقاتماي ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى خەزىنىسىدە پارلاق نۇر چاچىدۇ .

88. روزى سايىت ( 1944~ 2001 )
« جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس » ، « ئاھ ، مېنىڭ مىللىتىم » « دېھقاننى ئالدىغا سېلىۋالدى ئىش » ... قاتارلىق ئۆلمەس شېئىرلارنىڭ ئىجادچىسى ، خەلقنىڭ يىغىىسغا يىغلاپ ھال - مۇڭ بولغان شۆھراتلىك خەلق شائىرى روزى سايىت ئۇيغۇر خەلقىگە ھەقىقىي شائىر سۈپىتىدە تونۇلغان ئەدىبتۇر . خەلقىمىز ئۇنى چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيدۇ ، ئۇنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئەسەرلىرىنى كۆز قارىچۇغىدەك ئاسراپ سۆيۈپ ئوقيدۇ ھەمدە مۇشۇنداق شائىرى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ .

89. مۇساباي ( 1809~ 1895)
ⅩⅪ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدە زور شۆھرەت قازانغان كاتتا - باي __ مۇسۇباي ، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخستۇر .
ئۇ ئىلىدا كۆن خۇرۇن زاۋۇتى قۇرۇپ 200 ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ۋە قەشقەر خانلىق مەدرىسىسىنى چوڭ كۆلەمدە رېمونت قىلغان . ئۇ بالىلىرىنىڭ پەننىي مەكتەپ ئېچىشىغا ئىلھام بەرگەن . ھەم « پۇلنىڭ خوجايىنى بولماي ، بىلىمنىڭ خوجايىنى بولۇڭلار » دېگەن ۋەسىيەتنى قالدۇرۇپ ، دۇنيادىن كەتكەن .

90. ھاجى نۇرھاجى ( 1929~ 2001 )
تونۇلغان تارىخ تەتقىقاتچىسى ، قاراخنىيلار تارىخي ھەققىدە سىستېمىلىق تەتىقات ئېلىپ بېرىپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كلەتۈگەن تارىخشۇناس ، « قاراخانىيلارنىڭ قىسقىچە تارىخى » « يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى » « قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار » قاتارلىق يىرىك ئەسەرلەنرىڭ مۇئەللىپى ھاجى نۇرھاجى ئۈستۈنئاتۇش يېزىسىدا تۇغۇلغان . ئۇ بىر ئۆمۈر ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ ، ئەۋلادلىرىنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئوبرازىنى قالدۇرۇپ ئالەمدىن ئۆتكەن . ئۇنىڭ تارىخ تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى مەڭگۈ قەدىرلىنىدۇ .

91. قۇتلۇق شەۋقى ( 1876 ~ 1938)
ۋەتەنپەرۋەر ئالىم ، داڭلىق تارىخشۇناس ، ئىلىم - مەرىپەتنى خەلقنى ئويغىتىش ۋە قوزغىتىشنىڭ ياخشى قورالى دەپ ھېسابلىغان دېموكراتىك زات قۇتلۇق ھاجى شەۋقى ئۆز دەۋرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى مۆتىۋەرلىرىدىن بىرى ئىدى . ئۇ ئۆز ھاياتىدا خەلقنى ئويغىتىش يولىدا پۈتۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ « ئەركىن ھايات » ناملىق گېزىتنى نەرشىر قىلىپ جەڭگىۋار شېئىرلارنى ، « قەشقەر تارىخى » ناملىق يېرىك ئەسىرىنى يېزىپ قالدۇرغان . ئالىمننىڭ ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرىدىن ساراسىمىگە چۈشكەن شېڭ شىسەي ئۇنى پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈۋەتكەن .

92. تۇردى ئاخۇن( 1881~ 1956)
« باھارىم چىمەنزارىم » قاتارلىق 30 نەچچە ناخشىنىڭ ۋە بىر نەچچە نەغمىنىڭ ئىجادچىسى ، « 12» مۇقام نى چوڭ نەغمە ، داستان ۋە مەشرەپلىرى بويىچە ئەڭ تولۇق ۋە ئەڭ ساپ ساقلىغان مەشھۇر مۇقامشۇناس تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ مۇقامچىلىقىمىزغا قوشقان زور تۆھپىسى بىلەن خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ .
تۇردۇ ئاخۇن ئاكا بولمىغان بولسا 12 مۇقام بۈگۈنكىدەك دۇنياۋى شۆھرەتكە ئېرىشەلمىگەن ، يەنى سىستېمىلاشتۇرۇپ رەتكە سېلىنمىغان بولاتتى .

93. ئىپارخان ( 1733~ 1788)
ئۆز ۋاقتىدىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ گۈلى بولغان ئىپارخان چىڭ سۇلالىسى خانى چيەنلۇڭ خان تەرىپىدىن ئوردىغا ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ ، چيەنلۇڭ خان ئۇنىڭغا ئاتاپ مەخسۇس ئۇيغۇرچە باغ ، قەسىر ، مەھەللە بىنا قىلىپ بەرگەن بولىسىمۇ ، ئەمما ئىپارخان بۇنداق ئالىي ھىممەتلەرنى ئانا يۇرتىغا بولغان مۇھەببەت ئالدىدا بىر تىينگە تەڭ قىلمىغان . ئۇ چيەنلۇڭ خاننىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىشىنى قەتئىي رەت قىلىپ ئۆز يۇرىغا قايتىپ كېلىپ ئالەمدىن ئۆتكەن .

94. تېيىپجان ئېلىيوف ( 1930~ 1989)
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور ئابرۇي قازانغان ئاتاقلىق شائىر ، ئەدەبىياتشۇناس تىيىپجان ئېلىيوف « شەرق ناخشىسى » « تۈگىمەس ناخشا » « تۆھمەت قۇربانى» قاتارلىق توپلاملارنىڭ مۇئەللىپىدۇر . ئۇ يېڭى ھايات ۋە پارلاق كېلىچەكنىڭ يالقۇنلۇق كۈيچىسى بولۇپ ، يۈكسەك ھۆرمەتكە ئېرىشكەن كۆپ مەھسۇلاتلىك شائىر .ئۇنىڭ شېئىرلىرى ناھايىتى كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان ھەمدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا سالماق ئورۇن تۇتىدىغان ئەدەبىي مىراسقا ئايلانغان .

95. رىزىۋانگۇل (1925~ 1945)
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزى ، شەپقەت ھەمشىرىسى رىزىۋانگۇل قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا ئوبلاستى چېلەك رايونىدا تۇغۇلغان . 1932 - يىلى غۇلجىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن ، ئىلغار ئىدىيىدىكىلەرنىڭ تەسىرىدە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ ، ، كۆپلىگەن كوماندىر - جەڭچىلەرنى قۇتقۇزغان . 1945- يىلى 1- ئاينىڭ 13- كۈنى بولغان ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا يامغۇردەك چۈشۈۋاتكان ئوقلار ئارىسىدا يارىدار جەڭچىلەنرىڭ قۇتقۇزۇۋاتقاندا بېشىغا ئوق تېگىپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان .

96. موللا مۇسا سايرامى ( 1826 ~ 1917)
يۇرتىمىزنىڭⅩⅨ ئەسىردىكى تارىخنى يورۇتۇپ بېرىشتە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان مەشھۇر ئەسەر « تارىخي ھەمىدىي » ... نىڭ مۇئەللىپى مۇللا مۇسا سايرامى ئۆز دەۋرىنىڭ تونۇلغان تارىخچىسى بولۇپ يېتىشكەن .ئۇنىڭ يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە « تەزكىرە تۇل ئەۋلىيا » ، « دەربايان ئەسھابۇل كەھف » « دىۋان مەسنەۋى » « سالامانمە » قاتارلىق ئەسەرلىرى بار .

97. ياسىن ھاجى خۇدابەردى ( 1917~ 1990 )
« بىز باسقان يوللار » « ھايات ساداسى » قاتارلىق كىتابلىرى بىلەن ئەدەبىيات سېپىمىزدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالغان ياسىن ھاجى خۇدا بەردى ئاتۇشتا تۇغۇلغان بولۇپ ، 1939- ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن . 1980- يىللىرى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسىلىك خىزمىتىنى ئىشلەپ رايونىمىز ئەدەبىي مۇھىتىنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشىگە تېگىشىك تۆھپىلەرنى قوشقان .

98. سەلەي سۇناي ( 1906~ 1992)
پەيزاۋات ناھىيىسە تۇغۇلغان مەشھۇر سۇنايچى سەلەي سۇناي داڭلىق خەلق سەنئەتكارى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئەنئەنىۋى چالغۇ - سۇناي چېلىشتىكى داڭقى يىراق - يېقىنلارغا تارالغان . ئۇ كېيىنچە يالغۇز سۇنايچىلا ئەمەس ، بەلكى قولىغا چىققانلا چالغۇنى سايرىۋېتىدىغان « بىرگە ماھىر ، كۆپ قادىر » سەنئەتكار بولۇپ تونۇلغان . تۆھپە ئۇنتۇلمايدۇ ، ئەجىر يەردە قالمايدۇ . مەشھۇر خەلق سەنئەتكارى سەلەي سۇنيانىڭ نامى خەلق ئېغىزىدا داۋاملىق ھۆرمەتلەنمەكتە .

99.سەيدۇللام توختى ( 1941 ~ 2000)
ئاتاقلىق ئىسكىرپكا ماھىرى ، داڭلىق دراما ئارتىسى ، خەلق سۆيىدىغان مەشھۇر ناخشىچى سەيدۇللام توختى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان . ئۇ 50 - يىللاردىلا « قارا دەيدۇ » « ئامان بولسۇن » « قاپقارا قوي كۆزلۈكۈم » قاتالىق خەلق ناخشىلىرىنى ئوقۇش بىلەن داڭق قازانغان . سەيدۇللام توختىنىڭ بىر پۈتۈن ھاياتى سەنئەت بىلەن ئۆتكەن بولۇپ ، ئۇنىڭ سەنئىتىمىزگە قوشقان ئۇلۇغ توھپىلىرى خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ساقلانغۇسى .

100. قۇددۇس غوجامياروف ( 1918~ ؟ )
« نۇزۇگۈم » « سادىر پالۋان » ناملىق ئوپېرالارنىڭ ، « چىن تۆمۈر باتۇر » « ئازادلىق ناخشىسى » قاتارلىق سىمفونىيىلەرنىڭ ئىجادچىسى ، سوۋېت ئۇيغۇر كەسپىي مۇزىكا ئاساسىنى سالغۇچى ، س س س ر دۆلەت مۇكاپاتىنىڭ لائورىئاتنى قۇددۇس غوجامياروف مىللىي تىياتىرنىڭ بەرپا بولۇشىغا غايەت زور ھەسسە قوشقانلىقى ۋە بۇ يولدا نۇرغۇن جىسمانىي ۋە زېھنىي كۈچىنى سەرپ قىلغانلىقى بىلەن ئاجايىپ يۈكسەك ھۆرمەتكە ئېرىشكەن .

101 .غېنى ھارۋىكەش (1885__1964)
غېنى ھارۋىكەش يار كەنىتتە تۇغۇلغان . ئۇ دادىسىدىن كىچىكلا يېتىم قىلىپ ، پۇل تېپىپ بېيىغاندىن كېيىن قازاقىستاندا بىر ئۇيغۇر مەكتىپى ئاچقان . ئۇزۇن ئوتمەي غۇلجىغا كېلىپ 1919-يىلى 15 مۇ يەر سېتىۋىلىپ <<روشەن >> نامىدىكى پەننى مەكتەپنى سالغان . 1976- يىلى بۇ مەكتەپ غۇلجا شەھەرلىك 5- باشلانغۇچ <<روشەن>> مەكتەپ ۋە 16- ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ تەسىس قىلىندى . مەرىپەت مەشئېلىنى ئېگىز كۆتۇرگەن خەلقنىڭ ئەلسۈيەر ئوغلانى غېنى ھارۋىكەش خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ .

102.ئابدۇراخمان مۇھىتى (1910-1957)
1932- يىلى قوزغالغان مەخسۇت موھىتى ، مەھمۇت مۇھىتى باشچىلىقىدىكى تۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ۋە ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابىنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىسى ئابدۇراخمان مۇھىتى تۇرپاندا تۇغۇلغان . ئۇ ھاياتىدا <<ئاستانە ئۇيغۇر ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى >>، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ خەلقچىل ياشلار تەشكىلاتى قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلاردا ئىشلەپ ، شۇ چاغلاردىكى ۋەزىيەت ئۇچۇن تۈرتكىلىك روللارنى ئوينىغان . خەلقىمىز بۇ ئوغلاننى مەڭگۇ ئەسلەيدۇ .

103.ئىسمايىل ھاجى (1867-1950)خوتەن ۋىلايىتىدە ئۆتكەن تونۇلغان شائىر ۋە ماھىر خەتتات ئىسمايىل ھاجى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنى ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى بىلەن باغلاپ تۇرغۇچى ئەدىبتۇر . گەرچە ئۆز ئەسەرلىرىنى تۈپلەپ توپلام قىلىپ قالدۇرغان بولسىمۇ ، لېكىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا <<يېغىۋىلىش>>قا ئۇچراپ خېلى كۆپ قىسمى نابۇت بولغان ۋە يوقالغان . شۇنداقتىمۇ شائىرنىڭ ھازىرغىچە ساقلانغان شېئرلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئېسىل مېراسلىرى قاتارىدا سانىلىدۇ .

مەرھۇملىرىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي. (مەرھۇملىرىمىزنىڭ تىزىلىشىدا ھېچقانداق تەرتىپ يوق)
مەنبە:بەشكېرەم مائارىپ تورىدىن ئېلىندى.
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-08, 11:06
بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىغائىشىنىمەن.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-04-08 10:12 |
yaxna
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6538
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 50
شۆھرەت: 303 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 313 سوم
تۆھپە: 174 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 175 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 112(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەھمەت سىزگە ،كۆپ بىلىملەردىن خەۋەردار قىلدىڭىز،قولىڭىزغا دەرت تەگمىسۇن
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-08 12:15 |
polat315
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 4793
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 416
شۆھرەت: 2254 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2282 سوم
تۆھپە: 1329 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1351 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 292(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى yaxnaدە2012-04-08 12:15يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
رەھمەت سىزگە ،كۆپ بىلىملەردىن خەۋەردار قىلدىڭىز،قولىڭىزغا دەرت تەگمىسۇن

مەر ھۇم ئالىملىرىمىزنى،ھەربىي -ئىنقىلاپچىلارنى ،مائارىپچىلارنى،ئۇستازلىرىمىزنى ھەر ۋاقىت ياد ئېتىپ تۇرۇشىمىز كېرەك.
بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىغائىشىنىمەن.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-08 13:12 |
abit
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6368
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 117
شۆھرەت: 610 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 625 سوم
تۆھپە: 361 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 361 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 57(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

پولات315 سىزگە كۆپ رەھمەت.بۇ ئەجرىڭىزنى مۇنبەردىكىلەر ئۇنتۇپ قالمايمىز،مۇشۇنداق ئېسىل تىمىلارنى يەنە يوللاپ تۇرارسىز!
saltanat
ھەممە ئىشتا ئوتتۇرھال بولغان ئەڭ ياخشىدۇر.
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-08 17:31 |
isimsiz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6187
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
شۆھرەت: 55 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 55 سوم
تۆھپە: 33 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 33 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 57(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تۆمۈر خەلىپە(1891-1913) ئاران 22 ياش خاتا بۇلۇپ قاپتۇ.

شاتگۈلنىڭ ئۈلۈمى توغرىسىدا بىلىدىغانلار بارمۇ؟
بىز كىچىكىمىزدە ئاڭلىغان خەۋەرلەردە دادىسى ئۇيغۇرنى قەستلىمەكچى بۇلۇپ ماشىنىسىغا بومبا قويغان،دادىسىدىن بۇرۇن شاتگۈل ماشىنىغا چىقىۋېلىپ پارتلاپ كەتكەن.
خەۋەر راستمۇ؟ راست بولسا كىم نىمە مەقسەتتە قەست قىلماقچى بولغان؟ جىنايەتچى تۇتۇلغانمۇ؟
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-08 19:17 |
polat315
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 4793
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 416
شۆھرەت: 2254 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2282 سوم
تۆھپە: 1329 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1351 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 292(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى isimsizدە2012-04-08 19:17يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
تۆمۈر خەلىپە(1891-1913) ئاران 22 ياش خاتا بۇلۇپ قاپتۇ.

شاتگۈلنىڭ ئۈلۈمى توغرىسىدا بىلىدىغانلار بارمۇ؟
بىز كىچىكىمىزدە ئاڭلىغان خەۋەرلەردە دادىسى ئۇيغۇرنى قەستلىمەكچى بۇلۇپ ماشىنىسىغا بومبا قويغان،دادىسىدىن بۇرۇن شاتگۈل ماشىنىغا چىقىۋېلىپ پارتلاپ كەتكەن.
خەۋەر راستمۇ؟ راست بولسا كىم نىمە مەقسەتتە قەست قىلماقچى بولغان؟ جىنايەتچى تۇتۇلغانمۇ؟

تۆمۈر خەلىپە ۋە ئۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
تۆمۈر خەلپە 1891-يىلى تۇرپاندا ئىشلەمچى (كارىز چاپقۇچى) ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . ئۇنىڭ دادىسى ھەددىدىن ئاشقان ئالۋاڭ-ياساق دەستىدىن ئائىلىسىدىكى تۆت جاننى باقالماي ، 1893-يىلى ياز پەسلىدە قۇمۇلنىڭ قوراي يىزىسىغا كۆچۈپ بىرىپ يەرلىشىدۇ . بىراق قوراي يىزىسى قۇمۇل ۋاڭىغا قاراشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ، بۇ يەردىكى ئالۋاڭ-ياساق تېخىمۇ ئېغىر ئىدى .شۇڭا ، بۇ يەردىمۇ كۈن ئۆتكۈزۈش تەس بولۇپ ، 1905-يىلى ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن تۆمۈرنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كىلىدۇ-دە ، ياز كۈنلىرى نەنمىن سىرتىدا كىسەك قۇيىدۇ ، قىش كۈنلىرى باداۋاندىكى كانلاردا ياللنىنىپ كۆمۈر قازىدۇ . لېكىن ئۈرۈمچىدىمۇ جان بىقىش قىيىن بولۇپ ، ئاخىرى قۇمۇلغا قايتىپ بىرىپ ، قۇمۇل بازىرىغا ئورۇنلىشىدۇ ۋە تۆمۈرنى ياغاچچىلىققا شاگىرتلىققا بىرىدۇ . زىرەك ۋە ئەقىللىق تۆمۈر ئۇزاق ئۆتمەي ياغاچچىلىقنى ئوبدان ئۈگىنىۋالىدۇ . ئۇنىڭ دۇكىنى بازاردا بولغانلىقى ئۈچۈن ، ھۆكۈمەت ۋاڭ ئۈستىدىكى شىكايەتلەرنى كۆپ ئاڭلاپ ،ئىزىلگۈچىخەلقلەر بىلەن ئەزگۈچى سىنىپ ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسى زىدىيەتنى چۈشىنىۋلىدۇ .

1907-يىلى قۇمۇل دىھقانلىرى رەجەپ ئاكا باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن بولسىمۇ ، بىراق قۇمۇل ۋاڭتەرىپىدىن پاجىئەلىك باستۇرىلىدۇ .بۇ ئىش تۆمۈرنى سەگەكلەشتۈرىدۇ .شۇڭا ،ئۇ ھەرقىتىم ۋاڭ ئوردىسىدىكىلەرنىڭ ئادەم ئۇرغان ۋە ئادەم ئۆلتۈرگەن زوراۋانلىقلىرىنى ئاڭلىغاندا قاتتىق غەزەپلىنىپ : “رەجەپ ئاكا ھايات بولغان بولسا ، دىھقانلار ئۈچۈن چوقۇم ئىنتىقام ئالغان بولاتتى “دەيدۇ .
بىر كۈنى ، تۆمۈر خەلپە ۋاڭ ئوردىسىدىكىلەر تەرىپىدىن چوڭ دەرەخكە باغلاپ ئۇرۇپ ، چالا ئۆلۈك قىلىپ قويۇلغان بىر دېھقاننى ئۇستىسىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بىرىپ داۋالاپ ساقايتىدۇ ، ئۇنىڭ بۇ ياخشى خىسلىتى پۈتۈن قۇمۇل يېزىلىرىغا تارقىلىدۇ . دېھقانلار “ بۇ قالتىس باتۇر بالىكەن-ھە ،بۇ ۋاقىتقىچىمۇ ۋاڭ جازالىغان كىشىنى قۇمۇلدا ھېچ كىشى قۇتۇلدۇرالىغان ئەمەس……… “ دېيىشىپ ، تۆمۈر ھەققىدە تەرىپلەر قىلىشىدۇ
دېھقاننىڭ يارىلىرى ساقىيىپ ئائىلىسىگە قايتىش ۋاختىدا ئۇنى ئۇزىتىپ ماڭغان تۆمۈر : “ سىز ئوبدان ساقىيىڭ ، بىزمۇ رەجەپ ئاكىدەك ۋاڭ ئوردىسىنى تاقىۋىتىمىز ، خۇدا نۇسرەت ئاتا قىلسا ، ۋاڭنى قۇمۇلدىن قوغلىۋىتىمىز …… “ دەيدۇ . تۆمۈرنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن دېھقانلار ۋە ئۇنىڭ ئۇستىسى ناھايىتى رازى بولىدۇ .تۆمۈرنىڭ قولىدىن ئىش كىلىدىغانلىقى (ۋەقە تىرىيدىغانلىقى) نى ئويلاپ ،شۇ كۈنىدىن باشلاپ ئۇنى ئاسرايدۇ . شۇنداقتىمۇ تۆمۈرنىڭ ھېلىقى دېھقاننى قۇتۇلدۇرغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئوردىغا ئاڭلىنىدۇ ، ۋاڭ تۆمۈر خەلپىنى تۇتۇشقا بۇيرۇيدۇ . 1910-يىلى ، تۆمۈر خەلپە ئىككىنجى قىتىم ئۆزى يالغۇز ئۈرۈمچىگە كىلىدۇ ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەنىدى . مۇشۇ مەزگىللەردە شىنجاڭنىڭ سەييارە سىلاۋچىسى ليەنكۈي ئورنىنى يۇەن داخۇاغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنىدى . يۇەن داخۇا شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئوت يالقۇنىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭغا تۇتىشىپ كىتىشنى توسۇش ئۈچۈن ، ئىچكىرىسىدىن ياڭزېنشىننى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا خۇيزۇلاردىن چىرىك تۇتۇپ بەش باتالىيون تەشكىللەشكە بۇيرۇيدۇ .
بۇ كۈنلەردە تۆمۈر خەلپە ۋەزىيەتكە ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ ،ئىچكىرىدىكى ئىنقىلاۋى پارتىيە ئەھۋالىنى ، جۇمھۇرىيەت ئورنىتىلىدىغانلىقىنى ئاڭلايدۇ . ئۇ ئىپى كەلسە ھەركەت قىلىش ئۈچۈن قۇمۇلغا قايتىدۇ .تۆمۈر خەلپە ئۈرۈمچىدە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى ئۇستىسىغا بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بىرىدۇ ۋە ئاخىرقى ھىسابتا ئۆلۈپ كەتسىمۇ رەجەپ ئاكىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالماي قويمايدىغانلىقىى توغرىسىدا قەسەم ئىچىدۇ . ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ئىنقىلاپ يولىدا ئىزدىنىدۇ .
تۆمۈر خەلپە ئىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ غەلبە قىلىپ ئۈرۈمچىگە قاراپ يۈرۈش قىلغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق خەۋەر ئاڭلىغاندىن كىيىن ، قۇمۇل دېھقانلىرىغا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئىلى ئىنقىلاۋىنى تەشۋىق قىلىدۇ ۋە ئاشكارا ھالدا “ قۇمۇل ۋاڭنىڭ كۈنى ئاز قالدى “ دەيدۇ . تۆمۈر خەلپە قۇتقۇزۇپ قالغان ھىلىقى دىھقان ھەممىلا يەردا تۆمۈر خەلپىنى تەرىپلەپ تەشۋىقات ئىلىپ بارىدۇ ، جۈملىدىن ئۇنىڭ خەلق ئىچىدىكى ئابرويى ئۆسىدۇ قۇمۇل دېھقانلىرى زور ئۈمۈت غىلەن ۋاڭنىڭ ئاغدۇرىلىشىنى كۈتمەكتە ئىدى .      1912 -يىلى 1-ئايدا ، يۇەن داخۇا ئۆلكە مەركىزىگە قاراپ كېتىۋاتقان ئىلى خەلق قوشۇنىنى توسۇش مەخسىتىدە ، قۇمۇل ۋاڭىغا 500 ئەسكەر ئەۋەتىش مەخسىتىدە بۇيرۇق بىرىدۇ . قۇمۇل ۋاڭى خەلققە ئۆزىنى كۆرسىتىش مەخسىتىدە : “ يۇەن داخۇا ماڭا ئىشىنىدۇ ، مىنىڭ ۋاڭلىقىم مەڭگۈ ساقلىنىدۇ ، كىمكى ۋاڭ ئاغدۇرىلىدۇ دەيدىكەن ، كاللىسى ئىلىنىدۇ ! “ دەپ خەلققە تەھدىت سالىدۇ ھەمدە ئۆزى ئۈچۈن تەھدىت دەپ ھېساپلىغان ئادەملەرنى ئەسكەرلىككە ئالىدۇ ، تۆمۈر خەلپە ئۆزلىكىدىن ئەسكەر بولىدۇ . يىڭىدىن ئەسكەرلىككە ئىلىنغان 500 كىشى قۇمۇلدىن يولغا چىقىدۇ . تۆمۈر خەلپە يول بويى قوزغىلاڭ قىلىش توغرىسىدا تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئۆزلىرىنى ئىلىپ ماڭغان خەنزۇ باشلىقنى پالتا بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرىدۇ . 500 ئەسكەر تۆمۈر خەلپىنى قولدىن قولغا ئىلىپ كۆتۈرىدۇ ۋە ئۇنى سەردار قىلىپ بەلگىلەيدۇ . بۇ قوشۇن كەينىگە قايتىپ ، چاقماق تىزلىكىدە قۇمۇلغا باستۇرۇپ كىرىدۇ ، دېھقانلار ئۇلارغا كىلىپ قوشۇلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ، ئىنقىلاپ باشلىنىدۇ . شەھەرگە قامالغان شاھ مەھسۇت بىلەن شەھەر ئامبىلى بەي ۋېنچاۋ يۇەن داخۇادىن ياردەم سورايدۇ ……
1912-يىلى 3-ئاينىڭ 11- كۈنى ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى خانى شۇەنتۇڭ ئۆزىنىڭ تەخىتتىن چۈشكەنلىكى توغرىسىدا پۈتۈن مەملىكەتكە جاكارلايدۇ . 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ، يۇەن داخۇامۇ شىنجاڭنىڭ سەييارە سىلاۋچىسىلىقىدىن ئىستېپا بىرىدۇ . ئۇچاغدا ھۆكۈمەت ياڭ زېنشىننى شىنجاڭغا تۇتۇق قىلىپ تەيىنلەيدۇ . تۆمۈر خەلپە باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار بۇ خەۋەردىن ھەقىقەتەن خۇشاللىنىدۇ ، جۈملىدىن “ شاھ مەھسۇت ئوردىدىن چىقىپ كەتسۇن ! دېھقانلار ئۈستىدىكى ئالۋاڭ-ياساقلار بىكار قىلىنسۇن ! “ دىگەن خىتابلار بىلەن شاھ مەھسۇتنى قىستايدۇ . ’1
ياڭ زېنشىنن بار كۆلدە تۇرۇشلۇق ھەربى قوشۇن باشلىقى يې شىڭفۇغا قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرىنى باستۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىدۇ .      تۆمۈر خەلپە بار كۆلدىكى ھەربى قوشۇننىڭ قۇمۇلغا يۈرۈش قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ، دۈشمەنگە تاقابىل تۇرىدۇ . يې شىڭفۇ قوشۇننى باشلاپ نەنسەن ئېغىزىغا كەلگەندە ئوق تېگپ ئۆلىدۇ ، قىسىملىرى تەسلىم بولىدۇ ، نۇرغۇن قۇرال غەنېمەت ئېلىنىدۇ ۋە قوزغىلاڭچىلار سانى 2000 دىن ئاشىدۇ . 1912-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ، يۇەن داخۇا ئىچكىرىگە قايتماقچى بولغىنىدا ، ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭغا چيەن گۇاڭخۇەي بىرلىشىپ قوزغىلاڭنى باستۇرۇش بۇيرۇقى بېرىدۇ .        يۇەن داخۇا بىلەن چيەن گۇاڭخەي بىرلىشىپ قوزغىلاڭچىلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ . تۆمۈر خەلىپە بۇ ئۇرۇشتىمۇ كۆپلىگەن قورال غەنىمەت ئالىدۇ (يۇەن داخۇا ، چيەن گۇاڭخەيلەر 6-ئاينىڭ 15-كۈنى يىڭىلىپ ،ئىچكىرىگە كىتىدۇ ).
جىددى ئۇرۇش ھازىرلىقىدا تۇرغان ياڭ زىڭشىن بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن ، پىلانىنى ئۆزگەرتىپ ھىيلە-مىكىر پىلانلايدۇ . ئۇ ئوردىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغان ھاكىمدىن تۆۋەنرەك ئەمەلدار جاڭ سەيتىڭنى تۆمۈر خەلپە بىلەن سۆھبەت قىلىشقا ئەۋەتىدۇ . ئون كۈن ئېلىپ بىرىلغان سۆھبەت نەتىجىسىز بولۇپ، جاڭ سەيتىڭ قايتىدۇ .
ياڭ زېڭشىن كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق ، تۆمۈر خەلپىنىڭ ئەڭ يىقىنلىرىدىن بولغان مۇھەممەتجان ھاپىز دىگەن كىشىدىن تۆمۈر خەلپىگە خەت ئەۋەتىدۇ . بۇ خەتتە مۇنداق دىيىلگەنىدى : “ مەن سىزنىڭ ئىسيان كۆتۈرىشىڭىزنىڭ قۇمۇل ۋاڭىغا قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلاشماقچى ئەمەسلىكىڭىزنى ئوبدان چۈشىنىمەن ، سىلەرنىڭ ھەركىتىڭلارغا نىسپەتەن مىنىڭ باشتىن-ئاخىر زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىم يوق …. “ دىيىلگەن .
دەل شۇ كۈنى ياڭزېڭشىن قۇمۇل ئامبىلى بەي ۋىنچاۋغا يازغان بىر پارچە مەخپى خىتىدە : “ تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، تۆمۈر قارا نىيەت ئادەم ئىكەن ، ئاسىيلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز شۇغۇللىنىۋاتىدۇ … پىقىر تۇتۇق كەلگۈسىدىكى بالايى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئۇنى قەتئى باستۇرۇش نىيىتىگە كەلدىم ….“ (ياڭ زېڭشىن : “ ئىستىغبار ھوجرىسىدا يىزىلغان خاتىرىلەر “ 2-توپلام)
تۆمۈر خەلپە مۇھەممەتجان ھاپىزدىن : “سىز ياڭ تۇتۇققا (قوماندان ياڭغا) ئىشىنەمسىز ؟ ياڭ تۇتۇقنىڭ ماڭا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتى بولمىسا ، نىمە ئۈچۈن كۆپ قىتىم ئەسكەر ئەۋەتىپ بىزنى يوقىتىشقا ئۇرۇنىدۇ ؟ ياڭ تۇتۇق مىنگونىڭ تۇتۇقى تۇرۇپ ، نىمە ئۈچۈن چىڭ سۇلالىسى خانلىقى قۇمۇل ۋاڭىغا بەلگىلەپ بەرگەن ھاشار تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرمايدۇ ؟…“ قاتارلىق 10 نەچچە سۇئال قويىدۇ . مۇھەممەتجان ھاپىز جاۋاپ بىرەلمەي قايتىدۇ . بۇ ھىيلىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ياڭزېڭشىن خۇيزۇ باتالىيونىنىڭ كوماندىرى لى شۇفۇ ، ئىچكى ئىشلار كابېنتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جايى گەنسۇ -شىنجاڭ تەپتىش خادىمى يۇەن ساڭ قاتارلىقلارنى 1913-يىلى 3-ئايدا سۆھبەتكە ئەۋەتىدۇ .
لى شۇفۇ پۇخراچە ياسانغان بولۇپ ، دىنى بىلىمنى ئىشقا سېلىپ ، ئىسلام مۆتىۋەرلىرى قىياپىتىگە كىرىۋىلىپ ، تۆمۈر خەلپە تۇرغان ئۆيگە كىرىش بىلەن تەكبىر ئىيتىپ ، قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ مەنىسىنى يىشىپ ، نەقىل كەلتۈرۈپ سۆز باشلايدۇ ۋە ياڭزېڭشىن ئەۋەتكەن ئالاقىنى ئوقۇيدۇ . ياڭزېڭشىننىڭ خېتىدە مۇنداق دىيىلگەنىدى ؛ “ بىرىنجى ، قۇمۇل ۋاڭنىڭ دىھقانلارنىڭ ئۈستىگە قويغان ھەرئايدىكى يەتتە كۈنلۈك ھاشار تۈزۈمى .ئككى كۈنگە قىسقارتىلىدۇ . ئىككىنجى ،قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ھۆكۈمەتنىڭ ئاتلىق باتالىيونىغا ئۆزگەرتىلىپ ، تۆمۈر باتالىيون كوماندىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ ۋە ئۆلكە مەركىزىگە بىرىپ ئورۇنلىشىدۇ . ئۈچىنجى ، قوشۇندىن قايتىپ دېھقانچىلىق قىلىشنى خالايدىغان قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھەممىسى ئەسلى يۇرتىغا بىرىپ ،دېھقانچىلىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ ….“ لى شۇفۇ بۇ خەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ، بىر ئايەت ئوقۇپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ يەنە تەكبىر باشلايدۇ . ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە تۆمۈر خەلپە تەكبىرگە قوشۇلۇش ۋە دۇئاغا قول كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ .
بۇنىڭ بىلەن تۆمۈر خەلپە ياڭزېڭشىن قويغان يۇقىرىقى ئۈچ شەرتنى شەرتسىز قوبۇل قىلغان بولۇپ قالىدۇ .
بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان ياڭ زېڭشىن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن قۇۋلۇق-شۇملۇق ئىشلىتىپ ، قۇمۇلدىكى ھەرقايسى تەبىقىدىكى زاتلار ۋە خەلقلەرنى ئارقا-ئارقىدىن تاغقا چىقىرىپ تۆمۈر خەلپىنى تەبرىكلەيدۇ ۋە قائىدە بويىچە “خەلىپە“ دەپ ئاتايدۇ .
تۆمۈر خەلىپە قىسىمنى باشلاپ ئۈرۈمچىگە كىلىدۇ بۇ پاجىئەنىڭ باشلىنىشى ئىدى . ئۇ چاغدا ئۈرۈمچىنىڭ شەرقى كىچىك دەرۋازىسى سىرتىدا بىر-بىرىگە تۇتىشىپ تۇرىدىغان ئىگىز گازارما بار ئىدى . بىرى ، شەرقى گازارما بولۇپ ، شور بۇلاققا ،يەنە بىرى غەربە گازارما بولۇپ ، دۇڭمىنغا يىقىن ئىدى .
تۆمۈر خەلپە قىسىمىنى شەرقى گازارمىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ . غەربى گازارمىغا ياڭ زېڭشىن ئۆزىنىڭ سادىق ئادىمى بولغان ما فۇشىڭ (ماتىتەي) باتالىيونىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ .       تۆمۈر خەلپە ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كىيىن ياڭ زېڭشىن ئەندىشە قىلىپ بىئارام بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن  ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۇنى ئۇجۇقتۇرۇش غەرىزىدە تۆمۈر خەلىپىنىڭ تۇڭچىسىنى سىتىۋىلىپ ، تۆمۈر خەلىپىنى نازارەت قىلسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ، مافۇشىڭغا ھۇشيار تۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق بىرىدۇ . مافۇشىڭ 1913-يىلى 9-ئاينىڭ6-كۈنى روزى ھېيتنى تەبرىكلەشكە تەييارلىق كۆرۈش باھانىسى بىلەن تۆمۈر خەلىپىنى غەربى گازارمىغا ئالداپ ئېلىپ كىلىدۇ ۋە قولغا ئالىدۇ . تۆمۈر خەلىپىنىڭ قوشۇنىنى ئۆز گازارمىسىدا قورالسىزلاندۇرىدۇ .، ئۇنى تۈرمىدە قىيىن-قىستاققا ئالىدۇ . خائىن ئىلگىرىكى سۆھبەتلىرىنى پاش قىلىدۇ ياڭ زېڭشىن قاقاقلاپ كۈلگىنىچە تۆمۈر خەلىپىگە : “ گۇناھ مەندە ئەمەس ، مانا بۇ ئۆز ئادىمىڭىز ، مەن سىزنىڭ باتۇرلۇقىڭىز ۋە ئەقىل-پاراسىتىڭىزگە ئىشىنىمەن . سىزگە كەلگەن ئۆلۈمنى تەڭرى ئالدىدىمۇ مەندىن كۆرمىگەيسىز ئۆلۈم ئالدىدا مەن سىزنىڭ قاتىلىڭىزنى ئۆلتۈرۈپ ، سىز ئۈچۈن ئىنتىقام ئىلىپ بىرىمەن “ دەيدۇ-دە خائىن تۇڭچىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ .
خائىن نالە-پەريات قىلغاندا ، “ ئۆز مىللىتىگە ۋاپا كەلمىگەن سەن ئىتتىن ماڭا ۋاپا كىلەتتىمۇ ؟…“دەيدۇ ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭغا .
مافۇشىڭ تۆمۈر خەلىپىنى ئىتىپ ئۆلتۈرىدۇ . ئەتىسى ئوردىغا تەكلىپ قىلىنغان ئوردا ئەمەلدارلىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى تۆمۈر خەلىپىگە ھەربى تۈزۈم بويىچە ئۆلۈم جازاسى بىرىلگەنلىكىنى ئىلان قىلىدۇ . پىشقەدەم يىڭجاڭ روزى ھاجى ياڭ زېڭشىنغا قاتتىق نارازىىلىق بىلدۈرىدۇ . ياڭ زېڭشىن بۇ ئىشنى مافۇشىڭغا دۆڭگەپ قويىدۇ .خەلق ئاممىسى داغدۇغىلىق ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ ،تۆمۈر خەلىپىنىڭ جەسىتىنى خاڭچىڭدىكى قەبرىستانلىقنىڭ ھازىرقى خاڭچىڭ مەسچىتىدىن 50 قەدەملەر ئىچكىرىدىكى بىر جايغا دەپنە قىلىدۇ . تۆمۈر خەلىپە ۋاپاتىدىن كىيىن ، ئۇنىڭ قولىدىكى 300 نەپەر جەڭچىنى قورالسىزلاندۇرۇپ قۇمۇلغا ئاپىرىپ قويىمىز ، دىگەن باھانە بىلەن ئېلىپ مىڭىپ گۇچۇڭدىكى چۋەنزىگەي دىگەن يەردىن ئۆتكەندە ، ئالدىن تەييارلاپ قويغان قىسىملىرى ئارقىلىق قىرغىن قىلىپ تۈگىتىدۇ . تۆمۈر خەلىپە ئۆلتۈرۈلۈپ 18 يىل ئۆتكەندىن كىيىن ،خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دىھقانلار قوزغىلىڭى پارتلايدۇ ، قوزغىلاڭ يالقۇنى تېزلا پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلايدۇ.
تۆمۈر خەلىپە(1891-1913) ئاران 22 ياش ئىدى.
lutun
بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىغائىشىنىمەن.
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-08 19:29 |
polat315
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 4793
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 416
شۆھرەت: 2254 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2282 سوم
تۆھپە: 1329 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1351 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 292(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تارىخنىڭ موھىم بىر ئالاھىدىلىگى تەكرارلىنىشتۇر. بۇ خىل تەكرارلىق ئۇيغۇر زىمىنىدا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كەينى-كەينىدىن روياپقا چىقتى. بۇ زاماندا ئۆتكەن، بىر-بىرىنىڭ تىراگىيىلىرىنى تەكرارلىغان تارىخىي شەخسلەردىن سىيىت نوچى، تۆمۈر خەلپە ۋە خوجىنىياز ھاجىملارنى تىلغا ئىلىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ، دەپ قارايمەن. لىكىن مەن بۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرى توغرۇلۇق تەپسىلىي توختالمايمەن، پەقەت ئۇلار توغرىسىدا ئۆزۈم چىقارغان بەزى خۇلاسىلارنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ خەلق قەلبىدىكى ئوبرازى ۋە تۆھپىلىرى ئاز-تولا پەرقلىنىدۇ. مىنىڭ ئوتتۇرىغا قويىدىغىنىم ئۇلارنىڭ خاراكتىر جەھەتتىن ئوخشىشىپ كىتىدىغان ئالاھىدىلىكىرىدىن ئىبارەت. بۇلار بەلكىم 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى چارىكىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى بولۇشى مومكىن.  ئۇلار ياشىغان دەۋر ئوخشاشلىقىغا ئىگە بولغاندىن تاشقىرى يەنە مۇنداق ئورتاقلىقلارغا ئىگە ئىدى.

بىرىنجى. ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى: 1. ئۇلارنىڭ ئۈچىلىسى خەلقپەرۋەر، ئەلسۆيەر، خەلقنىڭ ئاھۇ-زارىغا چىدىمايدىغان، مەرتلىكنى جاندىن ئېزىز كۆرىدىغان زاتلار ئىدى. 2. ئۇلارنىڭ ئۈچىلىسى ئۆز زامانىسىدا خەلقنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن  ئەكسىيەتچى، زالىم كۈچلەرگە قارشى مەلۇم ئەمەلىي نوچىلىقلارنى قىلغان، مەلۇم رىئالنى يىغىلىقلارنى، قوزغىلاڭلارنى ئىلىپ بارغانلار ئىدى. 3. ئۇلارنىڭ ئۈچىلىسى ئەلەمدە كامالەتكە يەتكەن،  خەلق تەرىپىدىن بىردەك نوچى، پالۋان، داھى دەپ ئاتىلىپ، خەلق  ئۈمۈت باغلىغان كىشىلەر ئىدى. 4. ئۇلارنىڭ ئۈچىلىسى بىلىكى چوڭ بىلىمى يوق، ئۇرۇش قىلىشنى بىلىدىغان، ئەمما تاكتىكا، نەيرەڭ بىلمەيدىغان نادان نوچى، پالۋان، داھىلار ئىدى. 5. ئۇلارنىڭ ئۈچىلىسى ئەمەل قۇربانلىرى ئىدى. 6.ئۇلارنىڭ ئۈچىلىسى كىچە-كۈندۈز ئۇخلىماي ئۆزلىرىنى كۆزدىن يوقۇتۇش پىلانىنى تۈزۈۋاتقان  ماتىتەي، ياڭ زىڭشىڭ ۋە شېڭشىسەيدەك جاللاتلارنىڭ ئالدىغا ئۆز ئايىغى بىلەن بىرىپ ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەنلەر ئىدى. 7. ئۇلارنىڭ ئۈچىلىسى ئۆلۈم ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىغا قاتتىق ئۆكۈنگەن، ئۆزىنىڭ نادانلىقىغا قاتتىق ئېچىنغان زاتلار ئىدى. 8. ئۇلارنىڭ ئۈچىلىسى ئۆلۈم ئالدىدا تىك تۇرۇپ، ئۆز دۈشمىنىنى قەھىرى بىلەن تىللىغان، ئۆز خەلقىگە ئۆزىدىن ساۋاق ئىلىشنى تاپىلىغان زاتلار ئىدى.

ئىككىنجى. ئۇلارنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا ئىيتقان سۆزلىرى 1. سىيىت نوچىنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا ئىيىتقان سۆزلىرى:
خوش ، ئامان بول قەشقەرلىك ،
جانجىگەرلەر __ تۇققانلار .
بۈگۈن جۈمە قۇلاق سال ،
سۆز قەدرىنى ئۇققانلار .
جامائەت جەم بولۇپسىز ،
مېنىڭدىن بولۇڭ رازى .
مەھشەردە كۆرۈشكەيمىز ،
بولغىنىدا خۇدا قازى .
گۇناھسىز ئۆلەر بولدۇم ،
نادانلىق بالاسىدىن .
كىملەر قۇتۇلۇپ قالغان ،
زالىمنىڭ جازاسىدىن
  ئەي قەشقەرلىك ، قەشقەرلىك ،
مېنى ئۇنتۇپ قالماڭلار .
مەندەك بولماي دىسەڭلار ،
ھەرگىز نادان بولماڭلار .
نادانلىق ئېلىپ كەتتى ،
يىگىتلىكتە باشىمنى .
مېنىڭدەك ئېلىپ كەتكەن ،
ھاشىمدەك ئاداشىمنى .
خەتنى بىلمىگەن ئادەم ،
بېشىدا كېزەر ماتەم .
خەت بىلمەس نادانلارغا ،
قاراڭغۇ ئىكەن ئالەم .
ئوقۇڭلار ئۆزۈڭلارمۇ ،
تەلىم ئالسۇن ياش باللا .
قەلبىڭلاردا قېپ قالسۇن
قىساسىڭلار __ ئەنتىڭلار  

2. تۆمۈر خەلىپىنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا ئىيتقانلىرى:
مەن پەقەت شا مەخسۇت بىلەن ساڭا ئوخشاش (ياڭ زىڭشىڭنى دىمەكچى) بۆرە-تۇلكىلەرنى ئەزىز يۇرتىمىزدىن تازلاپ ، پۇقرالارغا تەڭلىك ، ئەركىنلىك ئىلىشقا ئاتلانغان ئوۋچىمەن . بۆرە-تۈلكىلەرنى ئېتىپ يوقتىش ئوۋچىغا گۇناھ ئەمەس ، ساۋاپ   ئەمدى قانداق قىلساڭ شۇنداق قىل   .. .. .... سىلەرگە قارشى قانلىق جەڭگە ئاتلانغان خەلىقنىڭ بىشى بولۇپ تۇرۇقلۇق ، قۇرۇق ۋەدە - قەسىمىڭلارغا ئىشىنىپ ، قورالنى سىلەرگە ياندۇرۇپ بەرگەن، ئا لدىڭلارغا ئۆز ئايىغىم بىلەن كەلگەن مەندەك ھاماقەتكە بىر ئەمەس ، مىڭ ئۆلۇممۇ ئازلىق قىلىدۇ . قىنى جا للاتنى چاپسانرا ق قىچقار ، مىنىڭ ئسسىق قىېنىم ھىچ بولمىسا ، كىيىنكىلەرگە ئاچچىق ساۋاق بولۇپ قالار . ئەمما ، بىر تال تاشنى قۇمۇرۋىتىش بىلەن بۇغدا تىغىنى غۇلىتىۋەتكىلى بولمىغانغا ئوخشاش ، مېنى ئۆلتۇرۋىتىش بىلەن ئىش تۈگىمەيدۇ . پۈتۈن بىر خەلىقنى قىرىپ تاشلاش قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ . ...                

  3.  خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا ئىيتقانلىرى: كاتتىۋاش ھۆكۈمەتنامىنى ئوقۇپ بولۇپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى ، دېگەندە ، قاقاقلاپ كۈلگەن خوجىنىياز ھاجىم : ‹‹ ماڭا كەلگەن بۇ ئۆلۈم مەن ئۈچۈن يېڭىلىق ئەمەس . مەن ئالدىنىپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن كۈنىلا ئۆلۈپ بولغان . ئېيتىپ قوي   شىڭ دوبەن دېگەن خۇمپەر لومودىغا   مەن ئۆلگەن بىلەن خەلقىم ئۆلمەيدۇ   ئىنقىلاب تۈگىمەيدۇ   ....›› بۇ خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى سۆزى ئىدى. پايدىلانمىلار: 1.  دىيارىم تورىدا ئايچىچەك يوللىغان «  سېيىت نوچى» داستانى. 2. « ئىز »  رۇمانى. (395-بەت) 3. ئورخۇن تارىخ مۇنبىرى. «خوجىنىياز ھاجىىمنىڭ ئىش- پائالىيەتلىرى»         مەنبە: سۈبھى
simfoniya
بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىغائىشىنىمەن.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-08 19:37 |
palgan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 176
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 144
شۆھرەت: 1001 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1013 سوم
تۆھپە: 565 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 567 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 852(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تۆمۈر خەلپە 1971 -يىلى تۇغۇلغان ، بوغازدا تۇغۇلغانكەنغۇ ! < ئىز >رومانىدا شۇنداق يېزىلىپتۇ ، 42 يېشىدا قەتلى قىلىنغان ، تۆمۈر خەلپە قوزغىلاڭ قىلىۋاتقان چاغلىرىدا غوجىنىياز ھاجىلار 20 نەچچە ياشلىق بالا ئىدى ، تۆمۈر خەلپىنىڭمۇ 3 بالىسى بار ئىدى ، كىچىك ئوغلى باسىت 5 ياش ، چوڭ قىزى 12 ياشلاردا بار تۇرسا ، تۆمۈر خەلپە 10 ياشتىلا بالىلىق بوكەتمىگەندۇ ھەرقانچە بولسىما  
saltanat
لا اله الا الله محمد رسول   ال
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-08 19:47 |
polat315
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 4793
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 416
شۆھرەت: 2254 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2282 سوم
تۆھپە: 1329 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1351 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 292(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى palganدە2012-04-08 19:47يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
تۆمۈر خەلپە 1971 -يىلى تۇغۇلغان ، بوغازدا تۇغۇلغانكەنغۇ ! < ئىز >رومانىدا شۇنداق يېزىلىپتۇ ، 42 يېشىدا قەتلى قىلىنغان ، تۆمۈر خەلپە قوزغىلاڭ قىلىۋاتقان چاغلىرىدا غوجىنىياز ھاجىلار 20 نەچچە ياشلىق بالا ئىدى ، تۆمۈر خەلپىنىڭمۇ 3 بالىسى بار ئىدى ، كىچىك ئوغلى باسىت 5 ياش ، چوڭ قىزى 12 ياشلاردا بار تۇرسا ، تۆمۈر خەلپە 10 ياشتىلا بالىلىق بوكەتمىگەندۇ ھەرقانچە بولسىما  

مەن يەنە ئىزدىنىپ باقاي،خاتا بولۇپ قالغان بولمىسۇن يەنە،كۆرسەتمە بەرگەنلىرىگە رەخمەت. پالگان ئەپەندىم ،تۆمۈر خەلىپىنىڭ ھاياتى ۋە باللىرىنىڭ تەپسىلاتى توغرىلىق توردىن ئىزدىسەم ھەممىسىدە يۇقارقىدەك ئېلىنىپتۇ،يەنە تەلىم بەرسىلە...
[ بۇ يازمىنىpolat315دە2012-04-08 20:37قايتا تەھرىرل ]
ozgul munbar
بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىغائىشىنىمەن.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-08 20:23 |
polat315
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 4793
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 416
شۆھرەت: 2254 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2282 سوم
تۆھپە: 1329 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1351 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 292(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

铁木尔·尼牙孜(1870~1913),又称铁木尔·海力派、铁正元,男,维吾尔族,哈密天山二道沟人,20世纪初哈密农民暴动的领袖。他天性纯厚,对长者尊敬,对幼者慈爱;为人忠诚,有能有谋,......。
خەنزۇچە ماتىرياللاردا ئېلىنىشىچە ،تۆمۈر خەلىپە 1870-يىللاردا تۇغۇلغان دەپ ئېلىنىپتۇ،لېكىن ئۇيغۇرچە تورلاردىكى ماتىرياللاردىن ئىزدەنسەم 1891-يىلى تۇغۇلغان دەپ ئېلىنىپتۇ،پالگان ئەپەندىم1971يىلى تۇغۇلغان دەپتۇ ،تورداشلارنىڭ تەلىم بېرىشىنى سورايمەن...
بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىغائىشىنىمەن.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-08 20:58 |
iwrhul
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6516
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 60 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 60 سوم
تۆھپە: 32 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 32 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەھمەت سىزگە ،كۆپ بىلىملەردىن خەۋەردار قىلدىڭىز،قولىڭىزغا دەرت تەگمىسۇن
ئويلاش-ئويلىنىش بىلەن ئۆتكەن ھايات ھەققى ھاياتتۇر.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-08 21:01 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » مەشھۇر شەخسلەر