murad lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
بۇ تېما 1290 قېتىم كۆرۈلدى
tograk

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 61
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 435
شۆھرەت: 3506 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3486 سوم
تۆھپە: 1850 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1871 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3051(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئامېرىكا FBIنىڭ شىزاڭدىكى ھەركەتلىرى

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ
شىزاڭدىكى ھەركەتلىرى

يۈي لىرېن
زۇلپىيە ئابلىز تەرجىمىسى



ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىلا ، ئەنگىلىيەنىڭ ھەركەتلىرى شىزاڭ يەرلىك ھۆكۈمىتىدە مەركەزدىن ئايرىلىش خاھىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا ،چۇڭچىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شىزاڭغا ئەسكەر كىرگۈزۈشنى پىلانلىغان ،لېكىن بۇ ئامىرىكا ،ئەنگىلىيە دۆلەتلىرىنىڭ قاتتىق قارشلىقىغا ئۇچرىغانلىقتىن ئامالسىز ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ، بىراقمئامىرىكىنىڭ شىزاڭغا كۈچلۈك قىزىقىشى قوزغالغان ،1942-يىلى قىشتا ئامىرىكا ئىستىراگىيلىك ئاخبارات ئىدارىسى جۇڭگو ھۆكۈمىتىدىن يوشۇرۇنچە ئەنگىلىيەنىڭ ھىندىستاندىكى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ياردىمىدە كاپىتان ئېليا تولستوي (روسىيەنىڭ مەشھۇر ئەدىبى تولىستوينىڭ نەۋرىسى ،ئامىرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان )ۋە <يىراق شەرق ئېكىسپېدىتسىيىچى>ستارشى لېيتىنانت بلوك دولېننى لاساغا بېرىپ دالاي ۋە شىزاڭنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن مۇناسىۋەت باشلاشقا ئەۋەتىدۇ .
      ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا ، ئەنگىلىيە ،ئامىرىكىنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن شىزاڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى بىر سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى شىزاڭ يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرلىرى تارقىتىپ بەرگەن <پاسپورت> بىلەن چەت ئەلگە زىيارەتكە ئەۋەتىپ ،مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مۇستەقىللىقنى تەرغىپ قىلماقچى بولىدۇ .بۇ ۋەكىللەر ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ ھۆججىتىدىن پديدىلىنىپ 1946-يىلى 1-ئايدا نەنجىڭغا يېتىپ بارىدۇ .نەنجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك سۈيقەستىنى سەزگەندىن كېيىن ئۇلارنى نەسىھەت قىلىپ توسۇيدۇ .ئامىرىكىنىڭ ئۇلارغا ۋىزا بەرمەسلىكىنى تەلەپ قىلىدۇ ، لېكىن ئامىرىكا ،ئەنگىلىيە ئۇلارغا قايتا -قايتا قۇتراتقۇلۇق قىلىدۇ ، ئامىرىكىنىڭ شىياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق كونسولخانىسى تەپتارتماي ئۇلارغا ۋىزا بېرىپ ،بۇ ئۆمەكنىڭ 7-ئاينىڭ باشلىرى ئامىرىكىغا بېرىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ . نەنجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ ئىش سەۋەبى بىلەن ئامىرىكا ھۆكۈمىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ ،شۇ چاغلاردا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئىچكى ئۇرۇشتا ئامىرىكنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجلىق بولغاچقا بۇ ئىش بىر ياققا تاشلىنىپ قالىدۇ .
     1948-يىلى 2-ئايدا ئېليا تولستوينىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن شىزاڭدىكى بۆلگۈنچى ئۇنسۇر شاكابازى ۋە بىر نەپەر شىزاڭ ئوفىستىرى ئامىرىكىغا بېرىپ گېنىرال ئېزىنخفئوئېر قاتارلىق ئارمىيە ، ھۆكۈمەتتىكى مۇھىم ئەربابلار بىلەن كۆرىشىدۇ ،شاكابازى شىزاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن 1949-يىلى 7-ئايدا ،لاسا ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىنى رەسمىي ئۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ جىياڭ جيېشىنىڭ شىزاڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرىنى قوغلاپ چىقىرىدۇ ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ،شىزاڭ يەرلى كھۆكۈمىتى ئامىرىكىلىقلار تەمىنلىگەن سىمسىز تېلگىراف سايمانلىرىدىن پايدىلىنىپ چىڭخەي -شىزاڭ كىنىيىسىنى بويلاپ ئالاقىلىشىش تورلىرىنى قۇرۇپ چىقىدۇ .
        1949-ۇق؛ق 8-ئايدا ،ئامىرىكا رادىئو ئوبزورچىسى لوۋېل توماس ۋە ئۇنىڭ ئوغلى كىچىك لوۋېل ئامىرىكىنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھاندېسوننىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن لاساغا كېلىپ شىزاڭ ئارمىسيسىنىڭ قوماندانى سارۇڭ گالۇن بىلەن كۆرۈشكەن ،ساراۇڭ شەرب دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتىك جەھەتتە ،شىزاڭنى ئېتىراپ قىلىپ ،شىزاڭنىڭ <قۇدىرەتلىك قوشۇن قۇرۇپ ،چېگرا مۇسابىئەسىنى قوغدىشى >غا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان ، شىزاڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى يەنە ئاتا-بالا لوۋېللاردىن ترومىن زۇڭتۇڭغا خەت ئەۋەتىپ ،ئامىرىكىنىڭ قورال ياراق بىلەن تەمىنلىپ پارتىزانلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ..

 ئەدەبىي تەرجىمىلەردىن ئېلىندى ، باغداش تورىغا خاس ، رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ .

داۋامى بار ..................
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-08, 13:26
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-04-08 13:25 |
sardar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 530
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 160
شۆھرەت: 825 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 825 سوم
تۆھپە: 492 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 492 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 326(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تېزراق داۋامىنى ئەۋەتىڭ ۋاقىپ بولغايمىز
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-08 15:23 |
obul21c
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6345
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 12 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 12 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تولۇق تەرجىمە قىلىپ  بىراقلا يوللىسىڭىز،چاي دەملەپ قويۇپ ئوقويلى.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-08 21:55 |
babak
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6282
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 85 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 85 سوم
تۆھپە: 51 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 51 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 20(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

داۋامىنى قاچان يوللايسىز....؟
hawar
گاس دەپ غەيۋەت قىلما،
قارىغۇ دەپ خىيانە قىلما.
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-08 23:24 |
halpa
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6005
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 165
شۆھرەت: 843 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 845 سوم
تۆھپە: 504 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 509 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 217(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھارمىغايسىز توغراق ئەپەندىم، داۋامىنى كۇتىمىز.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-09 11:49 |
anka
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6068
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 184
شۆھرەت: 929 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 932 سوم
تۆھپە: 558 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 561 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 182(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شىزاڭ ھازىرمۇ تېچ ئەمەسمىكىن..........
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-09 12:20 |
nida
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6236
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 76
شۆھرەت: 385 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 385 سوم
تۆھپە: 230 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 230 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 26(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇشۇنداق ئىشلار مۇ بار مىكەن تېخى  
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-09 18:30 |
amanxa
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1430
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 13
شۆھرەت: 65 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 65 سوم
تۆھپە: 39 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 39 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 35(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەلۋەتتە...نىمىشقا ئۇنداق بولمىغۇدەك
hawar
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-09 19:30 |
tograk

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 61
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 435
شۆھرەت: 3506 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3486 سوم
تۆھپە: 1850 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1871 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3051(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

    گومىنداڭ تەيۋەنگە قېچىپ بارغاندىن كېيىن ، ئامېرىكا ئەنگلىيە ۋە ھىندىستانلىقلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ،شىزاڭغا قۇرال - ياراق يەتكۈزۈپ بېرىش سۈيقەستىدە بولغان . 1950 - يىلى 3 - ئايدا ، ئامېرىكىنىڭ ھىندىستاننىڭ كالكوتتادا تۇرۇشلۇق كونسۇلى شىزاڭدىكى يوقىرى قاتلام ئەرباب شاكابا بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىپ ، ئامېرىكىنىڭ قۇرال - ياراق بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرى توغرىسىدا مەخپىي مەسلىھەتلەشكەن ۋە شىزاڭ تەرەپنىڭ خالىغان چاغدا ئېلىپ ئىشلىتىشى ئۈچۈن قۇرال - ياراقلارنى سىككىم ، بېپار ، بوتابن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ شىزاڭغا يېقىن جايلىرىدا ساقلاشنى پىلانلىغان . ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا ھەرىكەتنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىپ « كوممۇنىستلارغا دەستەك بولۇپ قېلىش »ىدىن ئەنسىرەپ ، بۇ ئىشنى ھىندىستان ھۆكۆمىتى ئارقىلىق قىلىشنى پىلانلايدۇ . ھىندىستان ھۆكۆمىتىمۇ ئامېرىكا ئۈچۈن كەتمەن چېپىشقا رازى بولىدۇ . كېيىن قاتناش جەھەتتىكى قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن بۇ ئىش ۋاقتىنچە تاشلىنىپ قالىدۇ .
       1951 - يىلى 5 - ئايدا ، جۇڭگو ھۆكۆمىتى شىزاڭ دالاي يەرلىك ھۆكۆمىتى بىلەن « شىزاڭنى تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىش چارىسى توغرىسىدىكى كېلىشىم » نى ئىمزالىغاندىن كېيىن ، ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى دەرھال دالاينىڭ ئاكىسى جالېدۇنجۇ ۋە تۇدېڭلوبۇلار بىلەن ئامېرىكىدا كۆپ قېتىم مەخپىي مەسلىھەتلىشىپ ، دالاينىڭ ھىندىستانغا بېرىپ بۇ كېلىشىمنى بىكار قىلىشىنى جاكارلاشنى پىلانلايدۇ .
        1951 - يىلى 6 - ئايدا ، چاۋشيەن ئۇرۇشى پارتىلىغاندىن كېيىن ، ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ۋە ئامېرىكا گوۋۇيۇەنى داۋاملىق تۈردە شىزاڭدىكى يوقىرى قاتلام ئەربابلار بىلەن تىل بىرىكتۈرىدۇ .
       1951 - -يىلى 9 - ئايدا ، ئەنگلىيە ئىشپىيۈنى پاتسىن شىزاڭدىن ئەمدىلا قېچىپ كەلگەن دالاينىڭ چوڭ ئاكىسى تۇدېڭلوبۇنى كۈتىۋالىدۇ . ئۇنىڭ ۋەزىپىسى دالاي بىلەن ھىندىستان ھەم غەرب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا « پەۋقۇلئاددە ئەلچى » بولۇشتىن ئىبارەت ئىدى . تۇدېڭلوبۇ ھىندىستاننىڭ كالكوتتا شەھرىدە ئامېرىكا ئەمەلدارى بىلەن : ئامېرىكا دالاينىڭ سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كېتىشى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا مۇراجىئەت قىلىشىنى قوللاش ، دالاي جۇڭگو كومپارتىيىسى ھۆكۆمىتىنىڭ 17 ماددىلىق كېلىشىمىنى رەت قىلىپ ، شىزاڭدىن قېچىپ چىقىش توغرىسىدا چۈشىنىش ھاسىل قىلىدۇ .
       ئۇزاق ئۆتمەي مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى تۇدېڭلوبۇنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىدۇ . ئۇ پاتسېن ۋە ئامېرىكىنىڭ كالكوتتادىكى كونسۇلخانىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئارقىلىق دالاي بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرىدۇ .
       1953 - يىلدىن كېيىن ،  چاۋشيەن ئۇرۇشى ئاخىرلىشىشى بىلەن ئامېرىكا ئاخبارات ئىدارىسى ۋەزىيەتكە ھۆكۈم قىلىپ ، قانداق تەدبىرلەرنى قوللانغاندا كوممۇنىستلارنىڭ شىزاڭنى ئۆتكۈزىېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن شىزاڭغا ئىشپىيۇنلارنى ئەۋەتىشكە باشلايدۇ .
       1954 - يىلى ، مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ھىندىستاننىڭ شىزاڭغا چېگىرداش بولغان ئارمولا ئەتىراپلىرىدا جاسۇسلۇق تورى تەھسىس قىلىپ ، ئۈچ تەلىم _ تەربىيە ئسىتانسىيىسى ، ئىككى « دوختۇرخانا » ۋە بىر « ئۆپكە كېسەللەر ساناتورىيىسى» قۇرىدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ ئورگانلار  مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مەخپىي ھەرىكەت بازىلىرى ئىدى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى دالاي لامانىڭ ئىككىنچى ئاكىسى جالېدۇنجۇدىن پايدىلىنىپ شىزاڭدا ئىشپىيۇنلۇق تورىنى كېڭەيتىدۇ .
        مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى قوللىغان « ئاسىيلىق ھەرىكىتى ئىلگىرى شىزاڭنىڭ شەرقىي قىسمى بىلەنلا چەكلىنەتتى » . كېيىن ، شىزاڭنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا كېڭىيىپ ، توپىلاڭنى « بىر مەيدان تاشيول ئۇرۇشى» غا ئايلاندۇردى . ئۇلار ئاتالمىش « دىننى قوغداش ئارمىيىى» ، «مىللى قوغدىنىش ئارمىيىسى » قۇرىدۇ . يەنە بىر قىسىم رەھىمسىز كاڭبالىقلار ۋە باندىتلارنى توپلاپ « جۇڭگوغا قارشى تۇرغۇچىلار سېپى» غا قاتناشتۇرىدۇ .
       ئىسيانچىلار ( گالونباۋدىن كەلگەن) تاغ يولىغا تايىنىپ كېرەكلىك ئوق _ دورىلارغا ئېرىشكەن .
       1856 - يىلى 2 - ئايدا ، شىزاڭدىكى ئاز سانلىق بۆلگۈنچى كۈچلەر كاڭبالىقلارغا قۇماندانلىق قىلىپ ، ئازادلىق ئارمىيىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ باردى . مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى پارتىزانلىق ئۇرۇش مۇتەخەسسىسى ئانتونى پوئىنى بۇ قېتىملىق توپىلاڭنى تەشكىللەشكە ئەۋەتكەن . « شىزاڭنىڭ شەرقىي قىسمىدىمۇ ، كۆپ يەردە تۇيۇقسىز ھۈجۇم باشلاندى ، بۇ جايلارنىڭ ئارىلىقى يېقىن بولغاچقا روشەنكى ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشقا توغرا كېلەتتى . بۇ ھەقتە مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى تەمىنلىگەن خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنلىرى مۇھىم رول ئوينىدى » . توپىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ، ئانتونى بىر قىسىم قالدۇق باندىتلارنى ئامېرىكىنىڭ كولورادو تاغلىق رايۇنىدىكى ئىل لاگىرىغا ئېلىپ بېرىپ تەربىيلەيدۇ . بۇ قىتىملىق توپىلاڭدىن كېيىن ، « ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى ، مەدەنىي تۇرمۇشنىڭ ئۆزگىرىشى توغرىسىدىكى ئۇچۇردۇر : 1956 - يىلى شىزاڭدا پاراشوت رەختتىن تىكىلگەن كىيىم _ كېچەكلەر پەيدا بولدى . بۇ ئارقىلىق پاختا بۇيۇملارنىڭ كەملىكى تولدۇرۇلدى . ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، بىرىنچى قېتىملىق ھاۋادىن تاشلاش 1956 - يىلى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ، بېرمىدىن شىزاڭغا قاراپ ئۇچقان بىر ئايروپىلان  بۇ بۇيۇملارنى باتاڭنىڭ جەنۇبىدىكى يورۇتقۇچى بومبا كۆرسىتىپ بەرگەن تاشلاش ئورنىغا تاشلىدى . ئۇندىن باشقا ئامېرىكا ئەركىن ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتى سابىڭ چوڭ لاما ، دالاينىڭ چوڭ ئاكىسى يۇدېڭلوبۇنىڭ ئامېرىكىدىكى ساياھەت قىلىپ نۇتۇق سۆزلىگەن پائالىيىتىگە ياردەم بەردى . بۇ ئىلمىي جەمئىيەت كۆرىنىشتە شەخسلەر تەشكىللىگەن پالامنت ئەزالىرى ۋەز ئېيتىش تەشكىلاتى يەنى ياروپادىكى تەشكىلاتلارغا ئوخشاش بولسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا قۇرۇلغانىدى . لوبۇ نۇتقىدا ئىسياننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . كېيىنكى بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئۇ كۆپ قېتىم مۇشۇنداق زىيارەت ئېلىپ باردى » .
       ھاادىن تاشلاش ياردىمىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ، مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى شىزاڭغا باتۇر ، ئۇرۇشقاق كاڭبالىقلاردىن پەقۇلئاددە خادىملارنى تەربىيلەپ بەردى .
      1958 - يىلنىڭ باشلىرى ، لاسانىڭ ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىپ كېتىدۇ . مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى « شىزاڭ ھۆكۆمىتى» گە ياردەم بېرىش تەلىپىنى تەيۋەندىن ھالقىپ ئۆتۈپ بىۋاستە ئامېرىكىغا ئوتتۇرىغا قويۇشقا دەەت قىلىدۇ . 1958 - يىلنىڭ ئاخىرى ، مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى تۈنجى قېتىم ھاۋادىن تاشلاش يولى بىلەن شىزاڭغا قۇرال يۆتكەيدۇ . ئۇلار ئىچىدە ئەنگلىيىدە ئىشلەنگەن 100 مىلتىق ، 20 پىلىموت ، 50 مىللىمېتىرلىق ئىككى مىناميوت ، 60 تال بومبا بولۇپ ، بارلىق مىلتىق مىناميوتلارغا 300 تالدىن ئوق سەپلەنگەنىدى .
      مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى يۆتكىگەن قۇرال _ ياراقلار ھىندۇنېزىيىدىن كەلتۈرۈلگەنىدى . 1958 - يىلىنى ئالدىنقى يېرىمىدا سوكارنو ھۆكۆمىتى مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى قوللاپ كېلىۋاتقان ھىندۇنېزىيە توپىلاڭچى قوشۇنلىرىنى تىنجىتقاندىن كېيىن « مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ھىندۇنېزىيىگە يۆتكىگەن قۇراڭ _ ياراقلار بىردىنلا ئارتۇقچە نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى ، ھېچبولمىغاندا ھىندۇنېزىيە ئۈچۈن ئارتۇقچە نەرسە بولۇپ قالدى . شۇڭا ساقلىنىۋاتقان بۇ قۇراللار شىزاڭ قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرى قۇرال _ يارىقىنىڭ مۇھىم تۇلۇقلىمىسى بولۇپ قالدى » .
      1959 - يىلى 3 - ئاينىڭ باشلىرىدا ، دالاي ئاسىيلىق قىلىپ قېچىپ كېتىشتىن بۇرۇنلا ، مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى دالاينى لاسادىن قېچىپ كېتىشكە قىزىقتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويغانىدى . ئەنگلىيە ئىشپىيونى پاتسىن ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ : « مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى تەمىنلىگەن فۇتۇ سۈرەتچى ۋە سىمسىز تېلېگراف رادىستى ئاللىبۇرۇنلا دالاينىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ، تەييارلىق قىلىپ قويۇلغانىدى » .
       1959 يىلى شىزاڭدا توپىلاڭ يۈز بەردى . دۆلىتىمىز ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ، قەتئىي تەدبىر قوللىنىپ ، توپىلاڭنى تىنجىتتى . دالاي گورۇھى توپىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ، 1959 - يىلى 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى كېچىدە ، لوبۇلىنكادىن چىقىپ لاسا دەرياسىدىن ئۆتۈپ جەنۇبقا قاچتى . ئامېرىكا گوۋۇيۇەنى دەل شۇ چاغدا : ئامېرىكا « ئەزەلدىن شىزاڭنى مۇستەقىل دۆلەت دەپ قارىمىغان » دەپ بايانات ئېلان قىلدى . ئەمەلىيەتتە ، بۇ قېتىمقى توپىلاڭنى مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ئۆزى پىلانلاپ پەيدا قىلغانىدى . ئامېرىكا ئايروپلانلىرى شىزاڭ چېگرىسىغا نەچچە يۈز كېلومېتىر ئىشكىرىلەپ كىرىپ ، دالاينى ھاۋا بوشلىقىدا تۇرۇپ قوغدىدى ، ھاۋادىن يېمەكلىك تاشلاپ بەردى ھەمدە ئازادلىق ئارمىيىنىڭ قوغلاپ زەربە بېرىش قىسىملىرى ۋە ئىستىھكاملىرىنى ئوققا تۇتتى . دالاي قاتارلىقلار ئالتۇن _ كۆمۈش ۋە بوددا سارىيىدىكى ئۈنچە _ مەرايىت ، ياقۇتلارنى ئۇلاغلارغا ئارتىپ ماڭغان ، كاڭبالىقلار ئۇلارنى قوغداپ ماڭغان ، ئۇلار مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى تەربىيىلىگەن شىزاڭ پەقۇلئاددە خىزمەت دۈيى خادىملىرىنىڭ ياردىمىدە ، دۆلەت چېگرىسىدىكى تاغ ئېغزىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ، ئىككى ھەپتە يول يۈرۈپ ، ئاخىرى ھىندىستانغا قېچىپ بارغان . « مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى تەربىيىلىگەن رادىست يول بويى ئۇلار بىلەن تەڭ مېڭىپ ، دالاينىڭ بالايى ئاپەتلىك سەپىرىنى ۋاشىنگتونغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ تۇردى » . مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ داككادىكى بازىسى سەپەر ئۈستىدىكى دالاي بىلەن زىچ ئالاقىلىشىپ تۇردى ھەمدە ھەر ۋاقىت ھاۋادىن ئۇلارغا ئېھتىياجلىق ئەشيالارنى تاشلاپ بېرىش ئۈچۈن شىزاڭنىڭ شالاڭ ھاۋا بوشلىقىدا ئۇچۇشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان لۇكھىد شىركىتى ياسىغان  130_ c تىپلىق ترانسپورت ئايروپلانىنى تەييارلاپ قويدى . مۇشۇ قېتىملىق ھەرىكەتكە قاتناشقان مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ خادىمىنىڭ دېيىشىچە < ئەگەر مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ پىلانلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ھەمرالىقى بولمىغان بولسا دالايلار مۇشۇنداق ئوڭۇشلۇق قېچىپ كېتەلمەيتتى . دالاي توپىلاڭ قوزغاش ھارپىسىدا « مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى مەشىق لاگىرىنى تەيۋەندىن سايبان ئارىلىغا يۆتكىدى ، كېيىن يەنە ئامېرىكىنىڭ كولورادو شتاتىدىكى ھىل لاگىرىغا يۆتكىدى . چۈنكى بۇ يەرنىڭ يەر شەكلى ئېگىز بولۇپ ،  چىڭخەي _ شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ھاۋاسىغا ئوخشايدىغان بولغاچقا ، شىزاڭلىقلارنىڭ مەشىق قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلەتتى . پىلان بويىچە 5 گۇرۇپپا ، جەمئىي 500 ئادەم بۇ يەردە مەشىق قىلدى » .
      1959 - يىلنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلى ، مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ھىل لاگىرىدا تەربىيلەنگەن بىر تۈركۈم كاڭبالىقلارنى شىزاڭنىڭ شىمالىدىكى لاڭسوكا ۋە نېپالنىڭ غەربىدىكى موستان جىلغىسىدىكى شىزاڭ توپىلاڭچىلار بازىسىغا ھاۋادىن تاشلىدى . كېيىن شىزاڭنىڭ چاڭدۇ رايۇنىغا يەنە 170 ئىشپىيون تاشلىدى . ئۇلارنىڭ ھەر بىر تۈركۈمى 6 ئادەمدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ ، ئون ئادەمدىن 8 - 9 ىنىڭ ئىز _ دېرىكى بولمىغان .
      1959 - يىلىنىڭ ئاخىرى ئېزىنخائوئېر زۇڭتۇڭ ھىندىستاننى زىيارەت قىلدى . ئۇ خۇدۈكسىرىگەنلىكى ھەم « سىياسىي جەھەتتىكى تەسىر » ىنى ئويلىغانلىقى سەۋەبىدىن ھىندىستاندا تۇرىۋاتقان دالاي بىلەن كۆرۈشمىدى . ( ئىككىنچى يىلى ئاق ساراي دالاينىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسىنى رەت قىلدى ) . ئەمما ، يېڭى دىھلىدا ، ئېزىنخائوئېر « مىللى قوغدىنىش ئەتىرىتى » نىڭ كاتتىبېشى گېڭبوزاشىنىڭ مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ئارقىلىق ئەۋەتكەن سوۋغىسىنى قوبۇل قىلدى . سوۋغات ئىچىدە بىر دانە زاڭزۇ پىچىغى ، بىر تۇمار قېپى ھەم زاڭزۇچە كىيىم - كېچەكلەر يەنە زاشىنىڭ بىر پارچە خېتىمۇ بار ئىدى . خەتنىڭ ئاخىرىدا : « ھازىر ۋەزىيەت خۇددى ئۈلۈش ئالدىدا تۇرۇاتقان كېسەل ئادەمنىڭ ئەھۋالىدەك جىددى ، ئېغىر روھىي كەيپىيات ئىچىدە ئالىيلىرىدىن بىز ئەمەل قىلىشقا تىگىشلىك بولغان ، ئەڭ ياخشى يول ئارقىلىق كۆرسەتمە بېرىشلىرىنى سۇرايمىز » دېيىلگەنىدى .

   ( داۋامى بار )  
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-09 20:48 |
tograk

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 61
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 435
شۆھرەت: 3506 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3486 سوم
تۆھپە: 1850 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1871 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3051(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

       « گەرچە شىزاڭ بىلەن بولغان ئالاقە ئاشكارە رەت قىلىنغان بولسىمۇ ، لېكىن مەخپىي پىلان يەنىلا داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ . 1960 - يىلى 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ، مەملىكەتلىك بىخەتەرلىك كومىتېتى يىغىنى ئېچىلىشتىن ئىلگىرى ، زۇڭتۇڭ مەملىكەتلىك بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى گېرىي ، دۆلەت كاتىپى ھېرتىر ، مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئېلېن داللىس ، مۇئاۋىن باشلىقى كابىل ۋە  مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ يوقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى فىتىز گرالد قاتارلىق بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن ئۇچىرىشىپ شىزاڭ مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى .» ئېزىنخائوئېر تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن ، « زۇڭتۇڭ كېنىندى شىزاڭدىكى مەخپىي ئۇرۇش ئىشلىرىنى تاپشۇرىۋالدى» .
       ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى يوھان پراتىس « زۇڭتۇڭنىڭ مەخپىي ئۇرۇشى » دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ : « بىشارەتلەر شۇنى كۆرسىتىدىكى ، شىزاڭنىڭ ئىشى چوڭ سايلامدىن كېيىنكى 1960 - يىلى 11 - ئاينىڭ ئاخىرىلا كېنىندى ھۆكۆمىتىنىڭ ئۆتكۈنچى خىزمەت گۇرۇپپىسىغا مەخسۇس ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن . . . ئېلېن داللىس كۆپ قېتىم جون كېنىندىغا دوكلات قىلغان . . . » .
       شىزاڭ پارتىزانلىرى ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى دېگەن سالاھىيەتكە ئېرىشتى . شۇڭا ئامېرىكا چوقۇم قوللىشى كېرەك . مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ھىندىستاندىكى ( شىزاڭغا قارىتىلغان ) ئالاقىلىشىش تورىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ، پەقەت ھەرىكەت پىلانىنى ئۆزگەرتىپلا ھەرىكەتكە نېپالدا قۇماندانلىق قىلدى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھىندىستان ئاخبارات ئىدارىسى شىزاڭ قالدۇق كۈچلىرىنى توپلاپ ، ئۇلارنى 1962 - -يىلىدىكى جۇڭگو _ ھىندىستان ئۇرۇشىدىن كېيىن ، چېگرا رايۇنلاردا مەخسۇس ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا تەشكىللىدى .
       1960 - يىلنىڭ ئاخىرى ، 2000 مىڭدىن ئارتۇق شىزاڭلىق توپىلاڭچىلار نېپالدىكى مۇستان بازىسىغا كەلدى . 1961 - يىلى مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى تۈنجى قېتىم ھاۋا ئارقىلىق 1252 ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى روپىيە ( ھىندىستان پۇلى ) ، 475 كىشىلىك قۇرال - ياراق ، دورا ، ئاشلىق ۋە يەنە ئامېرىكىدا تەربىيلەنگەن 4 نەپەر شىزاڭلىقنى بۇ يەرگە تاشلىدى . يەنە 12 ئادەم ھىندىستان ئارقىلىق بۇ يەرگە يېتىپ بارغانىدى . مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ئىشپيون خۇۋارد سىتوننى كاتماندۇدىكى ئاخبارات پونكىتىنىڭ قىلىپ تەيىنلەپ ، بۇ يەرگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتكەن . شۇنىڭ بىلەن بىللە ، شىزاڭلىق توپىلاڭچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ، مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى كەسپىي ئاۋىئاتسىيە شىركىتى __ نېپال ئاۋىئاتسىيە شىركىتى قۇردى . ئۇزۇن ئۆتمەي ، توپىلاڭچىلار شىنجاڭ _ لاسا تاشيولىدىكى ئازادلىق ئارمىيە ماشىنا ئەتىرىتىگە ھۇجۇم قىلىپ ، بىر تۈركۈم جۇڭگو ھۆججەتلىرىنى قولغا چۈشۈرىۋالدى . ئۇنىڭ ئىچىدە 1959 - يىلدىكى لاسا قوزغۇلىڭى ھەققىدىكى دوكلات ، جۇڭگو _ سوۋېت ئوتتۇرىسدا تۇنجى قېتىم ئارازلىق يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى ماتېرىياللار ، يەنى ئارخىپ « خىزمەت ئۇچۇرلىرى » بار ئىدى . بۇ 1961 - يىلى 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە بولغان ئازادلىق ئارمىيە سىياسىي رەھبەرلىرىنىڭ خىزمەت فاڭجىنى توغرىسىدىكى مەخپىي ھۆججەت ئىدى . بۇ ھۆججەتلەر 1963 - يىلى 8 - ئايدا ئامېرىكا گوۋۇيۇەنى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ ،، ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەتقىق قىلىشىغا تارقىتىپ بېرىلدى . ل . كلەيىن بۇ قېتىمقى كۈتۈلمىگەن ئولجىنىڭ ئۈنۈمىنى « بىر زور مول ھوسۇل ، ئۇ بىزنى قىممەتكە ئىگە زور ئاخبارات بىلەن تەمىنلىدى » ، غەرب ئاخبارات ئورۇنلىرىنى چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەشنىڭ مەغلۇبىيتىگە دائىر ئىشەنچلىك دەلىل _ ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىدى ، دېدى . شۇندىن باشلاپ مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ئېيىغا ئۇلارغا 5000 روپىيە بەردى . 1964 - يىلى 11250 روپىيەگە ئۆستۈرۈپ بەردى .1965 - 1966 يىللىرى ،  مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى يەنە ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ، موستان بازىسىغا ھاۋا ئارقىلىق ئىككى تۈركۈم قۇرال - ياراق تاشلاپ بەردى . شۇنىڭ بىلەن بۇ بىر تۈركۈم توپىلاڭچى باندىتلار ئارقا - ئارقىدىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم ۋە قۇتىراتقۇلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ باردى . ئەڭ ئاخىرقى قېتىمى 1966 - يىلى ئېلىپ بېرىلدى . 1971 - يىلى ، ئىچكى نىزاھ سەۋەبىدىن ( ئاساسلىقى ئامېرىكىلىقلار بەرگەن پۇلنى تالىشىپ ) بىر تۈركۈم كىشىلەر نېپال ھۆكۆمىتىگە تەسلىم بولدى .
      پراتىسنىڭ ئاشكارلىشىچە :
      . . . شىزاڭلىقلار مۇستاندا 70 - يىللارغىچە تۇردى ۋە پات - پات ھۇجۇم قىلىپ ، دائىم غەلبە قازاندى . « مىللى قوغدىنىش ئەتىرىتى » نىڭ سابىق كاتتىبېشى بابايېشى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن ، ئەكسىچە مىللى قوغدىنىش ئەتىرىتىگە قارشى تۇردى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىۋاتقاچقا ، ئۇلاردىن ۋاز كەچتى . 1973 - يىلى 11 - ئايدا ، نېپال پادىشاھى بېيجىڭدا ماۋزېدۇڭنى زىيارەت قىلغاندا ، ماۋزېدۇڭ كۆپچىلىككە ئاشكارە بولغان بۇ « گاچا تېپىشماق ئويۇنى » نى توختۇتۇشنى تەلەپ قىلدى . ئىككىنچى يىلى ، نېپاللىقلار بابايېشىدىن ئاخباراتقا ئېرىشىپ ، ئىشتىن ئاۋال ئازادلىق ئارمىيە بىلەن بىرلىشىپ ،نېپال چېگىرىسى ئىچىدە چارلاشنى ئورۇنلاشتۇردى . ئۇلار 10 مىڭ كىشىلىك خانلىق قوشۇنىنى تەشكىللەپ ، مۇستانغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ باردى .  « مىللى قوغدىنىش ئەتىرىتى » نىڭ  كاتتىبېشى ۋاڭدۇ ئارخىپلارنى ۋە ئاز بىر قىسىم مۇھاپىزەتچىلەرنى ئېلىپ قاچتى . نەتىجىدە شۇندىن كېيىنكى بىر قېتىملىق يوشۇرۇن زەربىدە ئۆلتۈرۈلدى . قالغان 7 نەپەر شىزاڭ رەھبىرى مۇستاندا تەسلىم بولدى . . . شۇنداق قىلىپ كاڭبالىقلارنىڭ بۇ ئىسيانى ئاخىرلاشتى . ( ئەمما مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى تاكى مۇشۇ يىلغىچە ھىندىستاندا شىزاڭ باندىتلىرىنى تەربىيلەش ئىشلىرىغا قاتناشقان ) .
       70 - يىللارنىڭ باشلىرى ، نېكسون ھۆكۆمىتى جۇڭگو بىلەن بىرلىشىپ سوۋېتكە قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيىسى ئېھتىياجىدىن ، جۇڭگو  ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا كىرىشتى ھەم ئامېرىكىنىڭ شىزاڭغا بولغان سىياسىتىنى تەڭشىدى .
       نېكسون « شىزاڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى » دەپ تەكىتلىدى ۋە دالايغا بولغان ئىقتىسادىي ياردەمنى تەدرىجىي ئازايتتى .  مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىمۇ شىزاڭ ئىسيانچىلىرىنى قۇرال بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىپ ، نېپال چېگرىسى ئىچىدىكى مەشىق بازىسىنى تاقىدى . ئامېرىكا ھۆكۆمىتى شىزاڭلىقلارنىڭ ئامېرىكىغا چىقىش پاسپورتىدىكى دۆلەت تەۋەلىكى دېگەن كاتەكچىگە « شىزاڭ » ئەمەس « جۇڭگو » دەپ تولدۇرۇش كېرەكلىكىنى بەلگىلىدى . دالاينىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشىنى چەكلىدى ۋە رەت قىلدى .
       دالاي ھىندىستانغا قېچىپ بارغاندىن كېيىن ، باشتىن - ئاخىر « شىزاڭنىڭ مۇستەقىللىقى » نى تەرغىپ قىلىشتا چىڭ تۇردى . ئىسلاھات ئېچىۋېتىش تولغا قويۇلغاندىن بۇيان ، دالاي گورۇھىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بارغانسېرى ئەۋىج ئالدى ھەمدە ھەر خىل يول ۋە ۋاستىلار ئارقىلىق شىزاڭدا مالىمانچىلىق پەيدا قىلدى . بۇنى يەنىلا  ئامېرىكا ئاخبارات ئىدارىسى پەردە ئارقىسىدا قوللاپ كەلدى .
       تۈگىدى .  
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-10 22:17 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تەرمىلەر