murad lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
بۇ تېما 649 قېتىم كۆرۈلدى
ahgul914
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 75
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 122
شۆھرەت: 805 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 805 سوم
تۆھپە: 444 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 444 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 83(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 <<ئۆتنە ئالەم>>

<<ئۆتنە ئالەم>>
بىر ئائىلىدە تۆت جان-موماي(ئەرنىڭ ئانىسى)،ئەر - خوتۇن ۋە ئۇلارنىڭ قىزى ياشايدىكەن.
ئاي يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن،موماينىڭ قەددى تېخىمۇ مۈكچىيىپ،يۈرۈش - تۇرۇشى قىيىنلىشىپ،قول - پۇتلىرى تىترەيدىغان،

تاماقنى ئوڭلاپ يېيەلمەيدىغان،تولا يۆتىلىپ،تولا تۈكۈرىدىغان بولۇپ قاپتۇ.
كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ئوغۇل،كېلىننىڭ بۇنىڭغا ئىچى پۇشقىلى تۇرۇپتۇ.
بىر كۈنى ناشتىدا موماي ئالدىدىكى ئىستىكاننى تۇتۇشىقا قولى تىترەپ،ئىستىكان ئۆرۈلۈپ كېتىپ،ئۇنىڭدىكى سۈت داستىخانغا تۆكۈلۈپ كېتىپتۇ.
ئوغۇل ۋە كېلىن بۇنىڭدىن بەكمۇ خاپا بولۇپ،<<مەسىلە>>نى قانداق ھەل قىلىش ھەققىدە مەسلىھەتلىشىپ،موماينىڭ غىزالانغاندا تۆكۈپ - چاچقىنىنى تازلاشقا ئاسان،
تۆكۈرۈش،ھاجىتىگە قۇلاي بولۇشى ئۈچۈن ئۆينىڭ تازىلىق بۆلۈمچىسىنىڭ يېنىغا كىچىك شىرە، ئورۇندۇق قويۇپ، موماينى شۇ يەردە غىزالىنىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ،
ئۆزلىرى باشقا ھۆجرىدا غىزالىنىدىغان بولۇپتۇ.
ئۇلارنىڭ ئەمدىلا مەكتەپكە كىرگەن قىزى بىر كۈنى مەكتەپتىن كېلىپ دەپتىرىگە ھەرخىل رەڭدە رەسىم سىزىشقا تۇتۇنۇپتۇ.
ئىشتىن يانغان ئەر قىزىنىڭ ئىشىغا قىزىقىپ سوراپتۇ:
- قىزىم، نېمە سىزىۋاتىسەن؟
- ئورۇندۇق،شىرەنىڭ رەسىمىنى سىزىۋاتىمەن،دادا،چوڭ بولغاندا يېڭى ئۆي سېتىۋېلىپ،تازىلىق ئۆينىڭ يېنىغا مۇشۇ شىرە،ئورۇندۇقنى قويۇپ،
سەن بىلەن ئاپامنى شۇ يەردە ئولتۇرغۇزۇپ ئاش - تاماق بېرىمەن، - دەپتۇ قىز تەبىئىيلا ئەركىلەپ تۇرۇپ.
قىزنىڭ گېپى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلىپتۇ.
ئۇ بىردە قىزىغا، بىردە رەسىمگە قارىغىنىچە بىرھازا ھاڭۋېقىپ تۇرغاندىن كېيىن ئېسىنى يىغىپ، خوتۇنىنى <<كۆردۈڭمۇ؟>>دېگىنىچە يىغلاۋېتىپتۇ.
قىزىنىڭ سەبى <<تەنبىھى>>دىن ئېسىنى تاپقان ئەر - خوتۇن شۇ كۈنىلا موماينىڭ تۇرمۇشىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇپ،
ھەرقانداق ئىشىنى ئېغىر ئالماي، ئەزىزلەپ كۈتىدىغان بولۇپتۇ....
چوڭلار، ئاتا - ئانىلارنىڭ ئائىلىدىكى ھەربىر سۆز - ھەرىكىتى پەرزەنتلەر ئۈچۈن مۇقەددەس ئۆرنەك.
بۇ<<ئۆتنە ئالەم>>دىيدۇ كونىلار. شۇڭا، ياش ئاتا - ئانىلار ياشانغان ئاتا - ئانىلىرىنى قەدىرلەش، ئەزىزلەش،ئۇلارنىڭ تەلەپ،ئارزولىرىنى ۋاقتىدا، بەجانىدىل قاندۇرۇش،
ھەردەم،ۋايسىماي ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇش؛ ئۆزئارا كۆيۈنۈشتىن تارتىپ يۈرۈش - تۇرۇشقىچە پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولالىسا،
پەرزەنتلىرىنى مىللەتنىڭ ئېسىل ئەخلاقىغا تويۇندۇرۇپ تەربىيىلىيەلىشى ۋە ئەجرىنىڭ مېۋىسىنى پەرزەنتلىرىدىن كۆرەلىشىدە گەپ يوق.

ئاپتورى:مۇھەممەد تۇداجى
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى

تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-08, 16:34
- ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-04-08 16:27 |
budunya
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5764
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 116
شۆھرەت: 593 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 594 سوم
تۆھپە: 355 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 355 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 215(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن كۆيەرمەن بالامغا،بالام كۆيەر بالىسىغا
دۇنيادائاتا-ئانادېنمۇ ئۇلۇغ ئىنسان يوق ،ئۇلارنى ھۆرمەتلەيلى!!ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋېلىش بىزنىڭ بەختىمىز !!!!!
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-09 03:28 |
halpa
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6005
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 165
شۆھرەت: 843 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 845 سوم
تۆھپە: 504 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 509 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 217(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئانا رازى، خۇدا رازى.
بالاڭدىن رازى بولاي دىسەڭ، ئاتا-ئاناڭنى رازى قىل.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-09 11:17 |
پەرۋاز
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6529
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 70 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 80 سوم
تۆھپە: 42 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 42 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

دۇنيادا ئۈچ نەرسە بار تېرىسام ئۈنمەس. _  بىرى ئاتا ، بىرى ئانا ، بىرى قېرىنداش !
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-09 15:02 |
shukret
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6462
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 70 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 70 سوم
تۆھپە: 42 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 42 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 38(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىقى ئاستىدا!!!!!!!
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-10 12:40 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ئەدەبىي ئەسەرلەر