2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيە نېمە ئۈچۈن ئاۋمىننى بېسىۋالمىغان؟
1941-يىل 12-ئاينىڭ 8-كۈنى ياپونىيە پئارېل خاربور پورتىنى بېسىۋېلىپ ،شۇئان نۇرغۇن ئەسكەر بىلەن شىياڭگاڭ ۋە سىنگاپورغا ھۇجۇم قىلدى،لېكىن ،ئۇ يەرلەرگە يېقىن جايلاشقان ئاۋمىننىڭ بىرەر تال مويىغىمۇ تەگمىدى.بۇ زادى نىمە ئۈچۈن ؟
ئەينەك ساقىچىلىكلا كېلىدىغان ئاۋمىندا بىرەر ياخشى پورت ياكى بىرەر ئايرودوروم بولمىسا ،قىلچىمۇ ئستىراگىيلىك ئەھمىيتى بولمىسا ، ياپونلار ئۇ يەرنى ئېلىۋېلىپ نىمىمۇ قىلسۇن ! قىلچىمۇ پايدىسى يوق بىر يەرنى دەپ پورتۇگالىيلىكلەر بىلەن سەتلەشكەننىڭ نىمە پايدىسى .
شىياڭگاڭ ئەسلىدە شەرقتىكى ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق ئاخبارات بازىرى ئىدى ،ياپونىيلىكلەر شىياڭگاڭ ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن ،نۇرغۇن ئاخبارات جاسوسلىرى ئاۋمىن يېرىم ئارىلىغا توپلىنىپ ،ييڭى ئاخبارات مەركىزىنى شەكىللەندۈردى .دەپ پەرەز قىلدى.مانا بۇ ياپونىينىڭ ئاۋمىننى بېسىۋالمىغانلىقىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ، لېكىن كېيىنچە ئاۋمىننىڭ دېڭىز ،قۇرۇقلۇق قاتنىشى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقتىن جاسوسلار پائالىيەت قىلالماي ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئارزۇسى ئاخىرى ئەمەلگە ئاشمىدى.
ياۋروپادا پورتۇگالىيىنىڭ پايتەختتى لسبون ئىسمى -جىسمىغا لايىق خەلقئارالىق ئاخبارات مەركىزى ئىدى .ئۇ يەردە ياپونىيەنىڭ جاسوسلىرىمۇ بەك پائالىيەتچان بولۇپ،سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگىلىيە ،ئامىرىكىلارغا ئالاقىدار كۆپلىگەن ئاخبارات ماتىرىياللىرىنى قولغا كىرگۈزگەنىدى .ئەگەر شەرقتىكى بىر كىچىك ھەم ئەرزىمەس جاي ئاېمىننى بېسىۋالغان بولسا ،ياپونىيەنىڭ ئاخبارات خادىملىىر لسبوندىن قوغلاپ چىقىرىلاتتى.بۇنداق زىيان تارتىدىغان خشنى ياپونىيلىكلەر ھەرگىز قىلمايتتى .
يەنە بىر مۇھىم سەۋەپ شۇكى ،15-ئەسىردىن باشلاپ ،پورتوگالىيە ئافرىقاۋە جەنۇبىي ئامېرىكىدا نۇرغۇن مۇستەملىكىلەرنى ئىگىلىۋالغانىدى،بىرازىلىيە شۇلارنىڭ بىرسى ئىدى .برازىلىيىنىڭ يېرى كەڭ ،ئادىمى شالاڭ بولغاچقا ،پورتۇگالىيە چىڭ سۇلالىسىدىن كۆچمەنلەرنى ئاپىرىپ بوز يەر ئاچقۇزۇشقا رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلغانىدى،ئەمما رەت قىلىندى.كېيىن بۇ تەلەپنى ياپونىيەگە قويدى،ياپونىيە بىلەن پورتۇگالىيە كېلىشىم ھاسىل قىلىپ ،نۇرغۇن ياپونىيلىكنى برازىلىيىگە كۆچۈرۈپ ماكانلاشتۇردى.1945-يىلىغا كەلگەندە برازىلىيىدىكى ياپونىيە مۇھاجىرلىرى بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتتى.كۆچمەن ئاھالىنىڭ ئارىسىغا ئۇزاق مۇددەت يوشۇرۇنىدىغان جاسوسلار ئورۇنلاشتۇرتۇلۇپ ، ئاتىسى ئۆلسە بالىسى ۋارىسلىق قىلىپ ،ئەۋلادتىن -ئەۋلادقا ئاخبارات توپلاپ ،ساماۋى پادىشاھقا ساداقەتمەنلىك قىلدى.مەرۋايىت پورتى ۋەقەسىدە ھاۋايدىكى ياپونىيە مۇھاجىرلىرى مانا مۇشۇنداق رول ئوينىغانىدى،تېنچ ئوكيان ئۇرۇشى پارتىلغاندىن كېيىن ،پورتۇگالىيە ھۆكۈمىتى ياپونىيەگە ئەگەر ياپونىيە ئارمىيسى ئاۋمىننى بېسىۋالىدىغان بولسا ، برازىلىيىدىكى ياپونىيە مۇھاجىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى جازا لاگىرىغا سولاپ قويىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.مۇنداق بولىدىغان بولسا ياپونىيە ئامىرىكا ۋە جەنۇبىي ئامىرىكا قىتئەسى توغرىسىدىكى ئىنتايىن چوڭ ئاخبارات مەنبەسىدىن ئايرىلىپ قالاتتى،ياپونىيلىكلەر دۆت ئەمەس،ئۇلارنىڭ ئاۋمىننى بېسىۋالمايدىغانلىقى تەبىئىي.
يوقىرىقىدەك سەۋەبلەر بىلەن 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيە ئاۋمىننى بېسىۋالمىدى ،ئەينى يىللاردىكى ئاۋمىن پورت ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى A.SiLYa يازغان <ئۇرۇش مەزگىلى ئاۋمىندا تۇرغان كۈنلىرىمدە > دىگەن كىتاپتا ياپونىيەنىڭ ئاۋمىننى قامال قىلىپ ،ئاۋمىنلىقلارنى قاتاپ تۇرۇپ ئاچلىقتىن ئۆلتۈرگەنلىكىنى ،ئەينى چاغدا ئەنگىلىيە بىلەن ئامىرىكا ئاۋمىندا ئادەم -ئادەمنى يەۋاتىدۇ،دەپ تەشۋىق قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى.ياپونىيە ئاۋمىننى ئاشكارا بېسىۋالمىغان بولسىمۇ لېكىن ئاۋمىننىڭ ھەممە نېمىسىنى ئىگىلىۋالغانىدى .
ئەدەبىي تەرجىمىلەردىن ئېلىندى ، باغداش تورىغا خاس ، رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ ![ بۇ يازمىنىeverollدە2012-04-08 22:46قايتا تەھرىرلى ]