murad lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 1135 قېتىم كۆرۈلدى
polat315
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4793
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 277
شۆھرەت: 1621 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1648 سوم
تۆھپە: 951 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 972 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 235(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئامېرىكا ئۆسمۈرلىرى نەزىرىدىكى ئەپەندىم

ئامېرىكا ئۆسمۈرلىرى نەزىرىدىكى ئەپەندىم



         بىز كىچىك چېغىمىزدا ئەدەبىيات دەرسىدە نەسردىن ئەپەندىم ھەققىدىكى لەتىپىلەرنى ئوقۇيتتۇق. ئۇ لەتىپىلەردە ئەپەندىمنىڭ ئەقىل – پاراسىتى، ئاجىزلارغا يۆلەك بولۇپ ، كۈچلۈكلەرگە دادىل قارشى تۇرۇشتەك قەيسەرانە روھى سۆزلىنەتتى. ئەپەندىم ئىجابىي ئوبراز ، باي بولسا ئۇچىغا چىققان ئاچكۆز، بېخىل سۈپىتىدىكى سەلبىي ئوبراز ئىدى.
ئامېرىكىدىكى بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە   ‹‹ ئەپەندىمنىڭ قازان ئۆتنە ئېلىشى ›› دېگەن دەرس ئۆتۈلۈش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرىسىدا تۆۋەندىكىدەك دىئالوگ بولۇپ ئۆتكەن.
مەزكۇر ئوقۇشلۇقتا ئەپەندىم ھەققىدە مۇنداق ھېكايە بايان قىلىنغان:

       ئەپەندىم بىر كۈنى بىر بايدىن قازان ئۆتنە ئالغان ، بىرقانچە كۈندىن كېيىن ئۇ قازاننىڭ ئىچىگە يەنە بىر كىچىك قازاننى سېلىپ بايغا قايتۇرۇپ بەرگەن، باي بۇ ئىشقا ھەيران بولۇپ كىچىك قازاننىڭ قانداق قوشۇلۇپ قالغانلىقىنى سورىغان :
-سىز پەقەت بىر قازان ئۆتنە ئالغان ئىدىڭىز، ئەمدى قازان ئىككى بولۇپ قاپتىغۇ ؟
ئەپەندىم باينىڭ سوئالىغا ،- ‹‹ سىلى بەرگەن قازان بىزنىڭ ئۆيدە تۇرغان مەزگىلىدە ماۋۇ كىچىك قازاننى تۇغقان ئىدى. شۇڭا، ئىككىسىنى قوشۇپلا قايتۇرۇپ بېرەي دېدىم ››، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان باي ناھايىتى خۇشال بولۇپ، بۇ ئىككى قازاننى ئېلىپ قاپتۇ. بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئەپەندىم بايدىن يەنە چوڭراق قازان بېرىپ تۇرۇشنى سوراپتۇ. بايمۇ ئىككىلەنمەي ئۆيىدىكى ئەڭ چوڭ قازاننى ئاچىقىپ بېرىپتۇ. ئەمما، بۇ قېتىم ئەپەندىم خېلى ئۇزۇنغىچە قازاننى قايتۇرۇپ بەرمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن باي تۇرالماي، ئەپەندىمدىن سوراپتۇ :
- قازاننى ئېلىپ چىقىپ كەتكىلى خېلى بولدى، ھېلىغىچە قايتۇرۇپ بەرمىدىڭىز ؟
- سىلىنىڭ قازانلىرى بۇرناكۈن ئۆلۈپ قالدى.
- نېمە ؟! قازانمۇ ئۆلۈپ قالامدۇ ؟
- قازان تۇغسا بولىدىكەنۇ ، ئۆلۈپ قالسا بولمامدۇ ؟!
بۇ گەپنى ئاڭلىغان باينىڭ ئاغزى تۇۋاقلىنىپ، جىلە بولغانچە كېتىپ قاپتۇ.
ئوقۇغۇچىلار مەزكۇر تېكىستنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن بۇ ھېكايە ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېقىشقا دەۋەت قىلىپتۇ.
ئوقۇغۇچى : قازان دېگەن نېمە؟
ئوقۇتقۇچى: قازان ئاش – تائام ئېتىدىغان قورال.
ئوقۇغۇچى : ئاش – تائام ئېتىدىغان قورال دېگەن ئائىلىلەرگە خاس بولغان بۇيۇم ، بۇنى خالىغانچە باشقىلار ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. شۇنداقكەن ئەپەندىم نېمە ئۈچۈن باشقىلاردىن يەنە قازان ئۆتنە ئالىدۇ؟
ئوقۇتقۇچى: چۈنكى ئۇ نامرات بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئۆيىدە مېھمانلارغا يەتكۈدەك ئاش – تاماق تەييار قىلغۇدەك قازىنى يوق. شۇڭا، باشقىلاردىن ئۆتنە ئېلىشقا مەجبۇر بولغان.
ئوقۇغۇچى: ئۇنداقتا باي دېگەن نېمە؟
ئوقۇتقۇچى: باي دېگىنىمىز يېزىلاردىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى ، يېرى كۆپ ئادەم بولۇپ، كۆپىنچە باشقىلارنى ياللاپ يېرىگە ئىشلەتكۈزىدۇ.
ئوقۇغۇچى: بىز بۇ ھېكايىنى ياقتۇرمىدۇق ۋە بۇ ھېكايىدىكى بۇ ئىككى ئادەمنىمۇ ياقتۇرمىدۇق.ھەر ئىككىلىسى ئالدامچى، ئاچكۆز ئادەملەركەن. بۇنداق تېكىستلەر ئوقۇتۇش دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلمەسلىكى كېرەك. بولمىسا بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام تەربىيىلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئوقۇغۇچى: مېنىڭچە بۇ ئەپەندىم دېگىنى قارىماققا ئەقىللىقتەك قىلغىنى بىلەن ، ئەمەلىيەتتە بىر ئەخمەق ئىكەن. شۇنىچە ئويلاپ قۇرغان قىلتىقى شۇ بىر كىچىك قازان بەدىلىگە بىر چوڭ قازانغا ئېرىشىش ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كونا قازان دەڭلار …
ئوقۇغۇچى: ئۇنىڭ باشقىلاردىن قازان ئۆتنە ئېلىپ ئىشلەتكۈدەك نامرات ئەھۋالغا قېلىشى بەرھەق ئىكەن. چۈنكى ئۇ ئەجىر قىلماي ئېرىشىشنى خىيال قىلىدىغان، باشقىلارنى ئالداپ كۈن ئېلىشنى بىلىدىغان يارىماس ئىكەن…
ئوقۇغۇچى: ئەگەر ئۇ ئۆزىدىكى كىچىك قازاننى ئىشلىتىپ تۇرۇپ، يەنە ئازراق ئەمگەك قىلىپ پۇل تاپقان بولسا، ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ قازاننى ئالالايتتى. باشقىلارنى ئالداشنىڭ نېمە ھاجىتى ؟ …
ئوقۇتقۇچى : ئېيتقانلىرىڭىلار توغرا، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاش ، ئەمگەكنى سۆيۈش ئىنساننىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك يولى.
ئوقۇغۇچى: يەنە بار، ئۇ ئەمدى باشقىلاردىن بىرنەرسە سورىسا، چوقۇم ھېچكىم ئۇنىڭغا بەرمەيدۇ.
ئوقۇغۇچى: شۇنداق، ئۇ باشقىلاردىن ئالغاننى قايتۇرماي، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىدىن مەھرۇم قالدى.
ئوقۇتقۇچى: ئۇنداقتا سىلەر بۇ ھېكايىدىكى بايغا قانداق قارايسىلەر ؟
ئوقۇغۇچى: بۇ باي بەك ئاچكۆز ئىكەن. ئەپەندىم بىرىنچى قېتىم قازان قايتۇرغاندا ھېلىقى كىچىك قازاننىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەسلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنى قوبۇل قىلماسلىقى، ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك ئىدى.
ئوقۇغۇچى: ئۇنىڭدا ئادىمىيلىك خىسلەتتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدىكەن.
ئوقۇغۇچى: شۇ ئەمەسمۇ، ئۇ پۇلى كۆپ باي بولغاندىن كېيىن نامراتلارنىڭ مۈلۈكىنى ئىگىلىۋالماي ، كۆپرەك خەيرى – ساخاۋەت قىلىشى، فوند تەسىس قىلىپ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قوللىشى كېرەك ئىدى.

تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-08, 21:08
بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىغائىشىنىمەن.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-04-08 19:23 |
anibaniturkunsa
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3581
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 123
شۆھرەت: 621 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 623 سوم
تۆھپە: 373 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 375 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 444(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئوخشىمىغان زامان ئوخشىمىغان ماكاندا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ تەپەككۈرى ئوخشاش بولمايدىكەن . ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز .  
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-08 21:45 |
kapitan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 259
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 58
شۆھرەت: 303 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 304 سوم
تۆھپە: 180 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 181 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 171(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

راستلا بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىغا قايىل بولدۇم.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-08 21:57 |
سەرۋەڭ
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6473
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 35 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 35 سوم
تۆھپە: 21 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 21 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئوخشىمىغان شارائىت،ئوخشىمىغان مائارىپ تۈزۈلمىسىدە تەربىيلەنگەن بالىلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىمۇ ئوخشىمايدۇ دە !!!
ئەگەر بىزنىڭ بالىلىرىمىز شۇنداق تەپەككۇر قىلسا ، ساراڭ ،دۆت دەپ تىللىنىشىمۇ مۇمكىن !!!
hawar
ئادەم ئەتكەنگە،تازىم ئەت!!!!
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-08 22:46 |
anibaniturkunsa
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3581
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 123
شۆھرەت: 621 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 623 سوم
تۆھپە: 373 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 375 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 444(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەپەندىم ئەقىللىق بولغاچقا باي غوجاملارنى ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن باپلىغان  دىگەن  بىر تەرەپلىمە قاراش كىچىكىگىمىزدىن ئىدىيىمىزگە سىڭدۈرۈلگەن ئىدى . ھازىر دەۋر ئالماشتى.    ئامېرىكا ئۆسمۈرلىرىدەك تەتۈر تەپەككۈر ئۇسۇلىدا بالىلارغا تەربىيە ئېلىپ بېرىش زۆرۈركەن دەپ قالدىم  . بولمىسا ھەرخىل ئاماللار بىلەن بىر- بىرىنى باپلاشقا ئۈندىگەندەك ئىش بولامدۇ قانداق؟  
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-08 23:35 |
altunhoraz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6643
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
شۆھرەت: 55 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 55 سوم
تۆھپە: 33 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 33 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تەپەككۈردىكى پەرىق نىمە دىگەن زور ھە،بىزنىڭ بالىلىمىز قانداق تەپەككۈر قىلاتتى بۇ ھېكايىگە ،بۇنىسى بىزگە بەش قولدەك ئايان.
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-09 00:03 |
anibaniturkunsa
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3581
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 123
شۆھرەت: 621 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 623 سوم
تۆھپە: 373 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 375 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 444(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مېنىڭچە بۇنداق تەپەككۈر ئۇسۇلىنى ئالدى بىلەن مەكتەپ مۇدىرلىرىدىن باشلاش كېرەككەن .
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-09 00:10 |
tohotur

دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1395
شۆھرەت: 7475 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 7532 سوم
تۆھپە: 4410 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 4414 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2306(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەپەندىم بىزنىڭ نەزىرىمىزدە سۆيۇملۇك ،باي بولسا نەپرەتلىك شەخىس ، ئەلۋەتتە ھېلكى ئۇچى تۇۋى يوق مەدىنيەت ئىنقىلابى  يەر ئىنقلابى دىگەنلەر بىزدىكى ئىتقاتلىق ، ئىنساپلىق بايلىرىمىزنى  دۇنيادىكى ئەڭ ناچار سىنپى دۇشمەن قلىپ كۆرسۇتۇلۇپ  ،كاللىمىزغا قۇيۇلۇپ كەتتى ،
باي قانچە نەپرەتلىك كۆرۇنگەنسىېىرى ئەپەندىم شۇنچىلىك سۆيۇملۇك كۆرۇندى ، ئەمىليەتتە باينىڭمۇ ئەپەندىمنىڭمۇ ئۇيغۇر جەمىيتىدە ئۆزىگە چۇشلۇق ئورنى بار ئىدى ،
ئەڭ ئېچىنىشلىقى بىز مەدىنيەت ئىنقىلابى دىگەن مەرەزدە  بىر مەھەلىدە ياشاپ كىلىۋاتقان ئەدەملەر  ئۆز مەھەلىسىدىكى بايلارغا ، توردىن چۇشۇپ قالغان پومشىك ئەلەي بەلەي دەپ قالپاق كەيگۇزۇپ ھايۋاندىنمۇ بەتەر خارلاپ  ئىنسانچىلىقتىن بەكلا چىقىپ كەتتۇق ،  ئىنسان تەبىتى  كۆتەرمەيدىغان ئىشلارنى  ياتلارنىڭ ئالا كۇش كۇش قىلىشى بىلەن ئالامەت قاملاشتۇرۇپ قىلۋەتتۇق دىسە ،  تېىخى قۇرئان كۆيدۇرۇشمۇ بار ،

ۋىن زۇڭلى بۇ قېتىم مۇخبۇرلارنى كۇتۇۋېلىش يىغىنىدا  بىز ھازىرمۇ مەدىنيەت ئىنقلابىنىڭ ناچار تەسىرىگە ئۇچراۋاتىمىز دىگەن سۆزى  ھەرگىىزمۇ بىكاردىنلا چىقىپ قالغان سۆز ئەمەس .
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-09 00:18 |
arsilan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 201
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 183
شۆھرەت: 946 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 961 سوم
تۆھپە: 563 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 565 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 218(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھوي خەلىق بىر ئويلاپ بېقىڭلار ،بىزدىكى ئەپەندىم لەتىپىلىرىدە شۇنداق سۆزلىنەمدۇ .
بىز ئوقۇغان ئەپەندىم ھەققىدە دىگەنلەردە ،باشتا باي ياكى ئەمەلدارلار ،ئەپەندىمگە ياكى ئاۋامغا زۇلۇم ،تەڭسىزلىك قىلغاندىن كىيىنلا ئەپەندىم ئۇلارنى ھەرخىل ئاماللار بىلەن باپلاپ چىقىدۇ .ھەرگىزمۇ يوقىرىدىكىدەك قىلمايدۇ .
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-09 00:28 |
www.kuznak.com
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5696
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 99
شۆھرەت: 516 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 523 سوم
تۆھپە: 308 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 310 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شۇ ئوخشىمىغان زامان ئوخشىمىغان ماكاندا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ تەپەككۈرى ئوخشاش بولمايدىكەن .

http://www.kuznak.com/?p=763
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-09 01:15 |
budunya
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5764
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 116
شۆھرەت: 593 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 594 سوم
تۆھپە: 355 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 355 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 215(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇبىرئىدىيەمەسىلىسى .مەنچەبىزبۇنى يۇمۇرياكى لەتىپە،تارىخى قىزىقارلىق ئىشدەپ تونىمىز لېكىن بۇلار ئەپەندىمنىڭ ياشاپ ئۆتكەن دەۋرىنى ئاشۇچاغدىكى پىخسىق بايلارنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىنى ئاڭلىسائاندىن ئۇلارمۇ قايىل بولغان بولاتتى.....
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-09 03:20 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » تەرمىلەر