murad lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
بۇ تېما 376 قېتىم كۆرۈلدى
polat315
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4793
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 277
شۆھرەت: 1621 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1648 سوم
تۆھپە: 951 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 972 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 235(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 بېھىش يېزام — بەشكېرەم

بېھىش يېزام — بەشكېرەم

(مۇۋەششەھ)
ئاپتورى: چۈشتاق 
باياۋان ئىزىمنى ئوقۇيدۇ تىمتاس،
پەللىگە يەتكۈزگەي سەن بەرگەن چىدام.
ئەبەدلىك مەيلىمسەن بەندىگە تىنماس،
بېھىشنىڭ ئەندازى بەشكېرەم يېزام.
 
ئەسەبلەر تىترىگەي ئەسلەرگە ئاقساڭ،
قىيامدۇر ھەرپلەر سۆيگۈڭ دەستىدە.
ياپراقنىڭ دەردىگە قۇلاقنى ياقساڭ،
شىۋىرلار ئانا يەر قوينۇڭ قەستىدە.
 
شىپالىق تاپمىغان يىرىڭلىق يارام
ساقىيار، داۋادۇر جەننەت باغلىرىڭ.
ئاققاندا بىخۇدلۇق ياشلىرىم تارام،
مەڭزىمنى سىلىغاي مېھىر تاغلىرىڭ.
 
كەزسەممۇ ئالەمنى ئېشىپ مىڭ داۋان،
قاراقتا قاتمىغاي ئەللەر سىياقى.
سەرسانلىق كۈنلەرنىڭ چىرايى سامان،
جېنىمنى تىغلىغاي ئىشقىڭ پىراقى.
   
ئېيتىلماس ناخشا بار باغرىڭنى سۆكسەم،
بوۋامنىڭ كۆزىدىن تامغان يادىكار.
ئەسلىمگە ئىنتىلىپ خىيالغا چۆكسەم،
ئاۋازسىز  بىر ئاھاڭ جانغا تاقىشار.
 
رىۋايەت كۆكلىگەن قەدىم بىشارەت
تەئەججۈپ چۆلىگە كۆڭلۈم تاشلىغاي.
قىسمىتىڭ ئەقلىمگە يانداپ ئىشارەت،
ھېكمەتنىڭ بابىدىن ساۋاق باشلىغاي.
 
ئەيىبتە قارايغان چىرايدا مەن يوق،
قەددىمگە راۋادۇر سەن بەرگەن غۇرۇر.
تۇزكورغا سۆز قاتسام ئاغزىمدۇر پۇچۇق،
ئەلەسكە ئوخشايمەن ئىزدىسەم قۇسۇر.
 
مۇھەببەت-نەپرىتىم سەن بەرگەن ئۇدۇم،
مەككارغا ئىشتىياق بەرمەس دەقىقەم.
مۇقەددەس مۈلكىمدۇر ساڭا خاس خۇيۇم،
ھەققىڭگە تالىقتۇر ئالماس ئەقىدەم.
تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-08, 21:12
بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىغائىشىنىمەن.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-04-08 19:41 |
abit
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6368
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 115
شۆھرەت: 605 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 620 سوم
تۆھپە: 358 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 358 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 56(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى چىقىپتۇ ،ئېسىل يازىمىلىرىڭىز ۋە يېقىشلىق ئىنكاسلىرىڭىزنى ئايمىغايسىز؟
ھەممە ئىشتا ئوتتۇرھال بولغان ئەڭ ياخشىدۇر.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-08 23:28 |
polat315
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4793
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 277
شۆھرەت: 1621 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1648 سوم
تۆھپە: 951 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 972 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 235(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يۇرت سۆيگۈسى،سۆيگۈلەرنىڭ سۆيگۈسى...ئۇستازلارغا تەشەككۈر.
بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىغائىشىنىمەن.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-09 17:15 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » شېئىر - نەسىرلەر