ئاشىق يۈرەك
يازغۇچى:ئېلىجان قېيىم(چىلان)
سايرىدى سەن ئۈچۈن ئاشىق بىر بۇلبۇل،
يىتىشكە ئالدىراپ گۈلۈڭ ۋەسلىىگە.
يەتكۈزمەي ۋە لېكىن خۇشپۇراق گۈلۈم،
قايتۇرۇپ قويمۇدۇڭ ئۇنى ئەسلىگە.
كۆڭۈلگە پۈكۈلگەن شېرىن تىلەكلەر،
ئايلىنىپ قالدىمۇ ياكى كۆپۈككە.
سېنى دەپ ئۇرۇلغان ئاھۇ ھەم زارلار،
قاچانمۇ ئايلىنار خوشال كۈلكىگە.
پۇرەكلەپ ئېچىلغان خۇشپۇراى گۈلگە،
ئوخشاتتىم مەن سېنى گۈزەل دىلدارىم.
پۇراتماي قىينىدىڭ لېكىن سەن مېنى.
قانداق ئالاي قەدەمنى زادى بىلمىدىم.
داۋامى چىقىۋاتىدۇ.....