murad lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
«123»Pages: 1/3     Go
بۇ تېما 2285 قېتىم كۆرۈلدى
qeqak
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5682
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 13
شۆھرەت: 134 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 144 سوم
تۆھپە: 66 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 72 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 شىنجاڭنى ئىدارە قىلغان ئالتە چىلبۆرىنى بىلەمسىز؟

شىنجاڭنى ئىدارە قىلغان ئالتە
چىلبۆرىنى بىلەمسىز؟





1.زو زوڭتاڭ(1812—1885) خۇنەن قوشۇنلىرىنىڭ سەردارى، ئۇلۇغ تەيپىڭ تىيەنگو ئىنقىلابىنى، شەندوڭ، خېنەن، خېبېيدىكى نىيەنداڭ تەشكىلاتىنىڭ قوزغىلىڭىنى، غەربىي شىمالدىكى خۇيزۇ خەلقىنىڭ قوزغىلىڭىنى قانلىق باستۇرغان مىللىتارىست، ئەجنەبى پەرەستلەرنىڭ كاتتىباشلىرىدىن بىرى. ئۇ 1875-يىلى شىنجاڭغا 70 مىڭ كىشىلىك قوشۇن چىقىرىپ ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىگە زەربە بەرگەن ۋە 1878-يىلى چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭنى مەمۇرى ئۆلكە قىلىپ قۇرۇشىغا ئاساس سالغان.
2. ليۇ جىڭتاڭ
ليۇ جڭتاڭ (1812—1894) زو زوڭتاڭنىڭ گېنېراللىرىدىن بىرى.
" يەتتە شەھەر خانلىقى " نىڭ   ئەمىرى ياقۇپبەگ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى بەگقۇلى بەگ قاتارلىقلارنىڭ قالدۇق قىسىملىرىنى يوقاتقان. داۋانچىڭ، توقسۇن، كۇچا، باي، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى جەڭلەرگە قوماندانلىق قىلغۇچى. ئۇ 1884-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭدا ئۆلكە تەسىس قىلىنغاندا ، تۇنجى قېتىم شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ سەييارە سىلاۋچىسى بولغان.1889-يىلى رۇخسەت سوراپ ئىچكىرىگە قايتقان. 
 3.شىنجاڭنىڭ ئاخىرقى سەييارە سىلاۋچىسى___  يۈەن داخۇا
يۈەن داخۇانىڭ تەخەللۇسى شىڭتەن، ئەنخۇينىڭ ھازىرقى مىڭچىڭ دېگەن يېرىدىن . 1911-يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى يۈەن داخۇانىشىنجاڭنىڭ سەييەرە سىلاۋچىلىقىغا تەيىنلىدى، شۇ يىلى 6-ئايدا يۈەن داخۇا ئۈرۈمچىگە كېلىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى. 1911-يىلى 10-ئايدا ، ئىنقىلابى پارتىيەئەزالىرى ۋۇچاڭدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، جوڭگو ۋە چەتئەللەرنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن شىنخەي ئىنقىلابىنى قوزغىدى. پۈتۈن مەملىكەت بۇ ئىنقىلاپقا ئاۋاز قوشتى. شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردە مۇۋەپپەققىيەت قازانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر شىنجاڭغا تارالغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى ئىنقىلابى پارتىيە ئەزالىرىدىن ليۇ شىيەنجۈن قاتارلىقلار 12-ئاينىڭ 28-كۈنى قوزغىلاڭ كۆتۈردى، يۈەن داخۇا بۇ قوزغىلاڭنى باستۇردى. 1912-يىلى 1-ئايدا ئىلىدا ياڭ زەيشۈي، فىڭ تېمىن قاتارلىقلار يەرلىكلەرنىڭ ماسلىشىشى بىلەن قوزغىلاڭ كۆتۈردى. يۈەن داخۇا قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئۆلكە مەركىزىگە ئەسكەر يۆتكىگەنلىكىنى ئاڭلاپ، جىڭ ئەتراپىدا قوزغىلاڭچى قوشۇننى توسۇپ جەڭ قىلدى. ئاخىرقى جەڭ شىخو ئەتراپىدا بولدى. بۇ چاغدا چىڭ سۇلالىسى پادىشاھى تەختتىن چۈشۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتە جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى يولغا قويۇلغانلىقى جاكارلانغانلىقتىن ، ئىككى تەرەپ قوراللىق ھەرىكەتنى توختاتتى.
دەل شۇ چاغدا ، قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرىدىن تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قوشۇن ئۆلكىدىن كەلگەن يۈەن داخۇا قوشۇنىغا قارشى توسۇپ زەربە بەردى. شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلغان يۈەن داخۇا جوڭخۇا مىنگو  ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن مەنسەپكە ئولتۇرماي ئۆلكە قوشۇنىنىڭ ھىمايىسىدە قۇمۇلدىن ئۆتۈپ ئىچكىرىسىگە قېچىپ بېرىۋالدى. 1912-يىلى 3-ئايدا خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەن نام بىلەن ئىچكىرىگە قايتتى. 1917-يىلى جاڭشۈن پادىشاھلىق تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندە يۈەن داخۇا ئىچكى كابېنت ۋەزىرى بولدى، پادىشاھلىق تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ، ئۇ بېيجىڭغا قېچىپ بېرىۋالدى، كېيىن تىيەنجىندە كېسەل بىلەن ئۆلدى.
4- ياڭ زېڭشىن
ياڭ زېڭشىن (1863—1928)، تەخەللۇسى دىڭ چىڭ، ئەسلى يۇرتى جياڭسۇ شاڭيۈەن، ئاتا-بوۋىسى مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى يۈننەنگە كۆچۈپ بارغان. ياڭ زېڭشىن 1863-يىلى يۈننەن مىڭزى ناھىيە مۇبىيە كەنتىدە پومىشچىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى يەرلىك ئەمەلدار ۋە چوڭ يەر ئىگىسى ئىدى. ياڭ زېڭشىن كىچىكىدىن زېرەك، بىلىمگە قىزىقىدىغان بولۇپ، بالا ۋاقتىدا " تۆت كىتاب"، " بەش نامە" لەرنى ئوقۇغان. چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈي دەۋرىدە(1888-يىلى) ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ تەشرىپدار بولغان. كېيىن ئۇ ئوردا ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، فىئودال خانلارنى مەدھىلەيدىغان " باگۇ " ماقالىسىنى يېزىپ، 1889-يىلى ئوردا ئەمەلدارى (كىچىك ئەمەلدار) بولغان. كېيىنكى ۋاقىتتا ئۇ بۇيرۇق بىلەن گەنسۇغا بېرىپ، تىيەنشۈي ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى بولغان. كېيىن نىڭشىيادا ئەمەلدار بولغان. ئۇ يەردە يەتتە يىل خىزمەت ئۆتىگەندىن كېيىن، گۇاڭشۈينىڭ ئاخىرقى يىللىرى گەنسۇدىكى مەكتەپلەرنىڭ باش مۇپەتتىشى بولغان، كېيىن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نازارەتچىلىكىگە ئۆسكەن. 1908-يىلى (گۇاڭشۈينىڭ 34-يىلى) خان ئوردىسىغا بېرىپ سىشى تەيخۇ بىلەن كۆرۈشكەن، ئۇ خان ئالدىدا چېگرا رايوننى قوغداشقا قەسەم بەرگەندىن كېيىن ، چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنى شىنجاڭ ئاقسۇنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلىگەن. ئۇ 1911-يىلى (شۈەنتوڭ 3-يىلى) سىبىرىيە ئارقىلىق شىنجاڭغا كەلگەن، بۇ دەل ۋۇچاڭ قوزغىلىڭى بولۇۋاتقان ۋاقىت ئىدى.
ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى يۈەن داخۇا شىنخەي ئىنقىلابى ۋە شىنجاڭدىكى ئىنقىلابى كۈچلەرنىڭ بېسىمى، سىياسى-ئىقتىسادى جەھەتتىكى قىيىن ئۆتكەللەر تۈپەيلىدىن ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالغانىدى. يۈەن داخۇا قول چوماق قىلىش مەقسىدىدە ياڭ زېڭشىننى ئۈرۈمچىگە چاقىرتىپ كېلىپ، ئۆلكىلىك قانۇن باشقۇرۇش ئەمەلدارى ۋە بارىكۆل باسقاقبېگىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىللىكىگە ئۆستۈردى. ئۇزۇن ئۆتمەي شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ بوران-چاپقۇنلىرى شىنجاڭنى قاپلىغاندا ، يۈەن داخۇا ئىنقىلابقا تاقابىل تۇردى، يۈەن داخۇا فىئودال خانلىق تۈزۈمىنى  ساقلاپ قېلىش مەقسىدىدە ياڭ زېڭشىنغا ئۆلكە مەركىزىدىن بەش قوش تۇڭگان ئەسكىرى ئېلىشنى تاپشۇرىدۇ. ياڭ زېڭشىن دەرھال ئىشقا كىرىشىپ، ما فۇشىڭ ( ما تىتەي)، ما فۇمىڭ، ما جىخى، لى فۇشۇ، لى خۇشىڭ قاتارلىق بەش كىشىنى قۇربېشى قىلىپ ئەسكەر ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 1911-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى يۈەن داخۇانىڭ ئىنقىلابنى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۈرۈمچىدە كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭنى باستۇردى.1912-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىلىدا ئىنقىلاب پارتلاپ، ئىنقىلاپچىلار 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىلى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى رەسمىي قۇردى.
ئۆلكە باشلىقى يۈەن داخۇا ئىلى قوزغىلىڭىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، 1912-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياڭ زېڭشىن شىنجاڭنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا چىقتى ھەم تەختكە چىقىشى بىلەنلا  جايلارغا تېلىگىرامما يوللاپ، ئۆزىنىڭ " مىنگونىڭ ھەربىي باشلىقلىق " ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە بىر تەرەپتىن ئۆزىنى قوغداش، يەنە  بىر تەرەپتىن خەلقنى كونتىرول قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. قارشى چىققانلارنى ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن تازىلىدى، مەسىلەن: غۇلجىدا قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرىدىن فىڭ تېمىننى ئۆلتۈردى، جۇمھۇرىيەت قوزغىلىڭىغا قاتناشقان " جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى" نىڭ 200 دىن ئارتۇق ئادىمىنى ئۆلتۈردى. 1913-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى ما فۇشىڭ( ما تىتەي) ئارقىلىق قۇمۇل دېھقانلىرىنىڭ قۇمۇل ۋاڭنىڭ زۇلۇمىغا قارشى كۈرىشىنىڭ رەھبىرى تۆمۈر خەلىپە ۋە تۆمۈر خەلىپىنىڭ قوللىغۇچىسى ، تۇرپان ئاستانە خەلقىنىڭ قوراللىق كۈرىشىنىڭ رەھبىرى مۆيدۈن ئاخۇنۇمنى ئۆلتۈردى.
1915-يىلى يۈەن شىكەي بېيجىڭدا پادىشاھلىق تۈزۈمنى تىرىلدۈرگەندە، ياڭ زېڭشىن ئۆزىنىڭ پادىشاھقا سادىقلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن يۈەن شىكەيگە 15 بولاق ئالتۇن تەقدىم قىلدى. شۇنىڭ بەدىلىگە يۈەن شىكەيدىن " خوڭشەن پادىشاھلىقى " نىڭ " كېنەز" لىك مەرتىۋىسىگە ئىگە بولدى.
يۈننەندە سەيئۇ  يۈەن شىكەيگە قارشى قوزغىلاڭ قىلغاندا، پۈتۈن مەملىكەت ئۇنىڭغا ئاۋاز قوشقان ئىدى. ياڭ زېڭشىن ئۆزىنى جىنايەتتىن قاچۇرۇش ئۈچۈن پېچكىنى قۇربان بېرىپ، شاھنى قۇتۇلدۇرۇشتەك زەھەرلىك ئۇسۇلنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ ساقچى ئەترەت باشلىقى شادىڭ، ئالاھىدە ۋەزىپە ئۆتەش باتالىيونىنىڭ باشلىقى لى يەنلەرنى ئۆلتۈرۈپ، دەرھال بەش رەڭلىك دۆلەت بايرىقىنى ئاستى. بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى ئاقلاپ، باشقىلارنى قارىلىدى. ئۆزىنىڭ مۇستەقىل پادىشاھ بولۇش قارا نىيىتى تېخىمۇ زورىيىپ، 1919-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى مەركىزىي ھۆكۈمەتكە بىۋاستە قاراشلىق ئالتاي پەۋقۇلئاددە رايونىنى ئەسكىرىي كۈچ ئارقىلىق چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالدى.
فەن ياۋنەن شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا ئاۋاز قوشۇپ، ياڭ زېڭشىننى ئاغدۇرۇش غەرىزىدە بولغاندا ياڭ زېڭشىن 1928-يىلى 7-ئايبىڭ 1-كۈنى بەش رەڭلىك دۆلەت بايرىقىنى  دەرھال ئۈچ رەڭلىك دۆلەت بايرىقىغا ئالماشتۇردى ھەم ئۆزىنىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە مايىل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ھەيئىتى قۇرۇشقا ھازىرلىق قىلدى، شۇنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ سولچىلارنى باستۇردى.
ياڭ زېڭشىن 1928-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۆلكىلىك رۇسچە قانۇن مەكتىپىنىڭ بىرىنچى قارار مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا فەن ياۋنەن ئەۋەتكەن سولچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. 
 5- جىن شۇرېن
جىن شۇرېىن(1879—1941) ، تەخەللۇسى دى ئەن ، گەنسۇ يۈنجېڭلىق. جىن شۇرېن بىلەن ياڭ زېڭشىن كونا تونۇش. ياڭ زېڭشىن نىڭشادا ئەمەلدار بولۇپ مەكتەپ باشقۇرغان مەزگىلدىن باشلاپ بۇلار ئوتتۇرىسىدا ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان، جۈملىدىن ياڭ زېڭشىن خىزمەت كۆرسىتىپ يۇقۇرى مەكتەپنىڭ باش مۇپەتتىشلىكىگە ئۆسكەندە، جىن شۇرېننى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا ئۆستۈرگەن. جىن شۇرېن 1909-يىلى يەرلىك ئىمتىھانغا قاتنىشىپ ئەلا نەتىجىگە ئېرىشكەن. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن (1913-يىلى) داۋخى ناھىيىسىدىكى يۇقۇرى باشلانغۇچ مەكتەپكە مۇدىر ۋە پىداگوگىكا مەكتىپىگە مۇدىر بولغان. 1914-يىلى ياڭ زېڭشىننىڭ تەكلىپى بىلەن شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭ ھەربىي ئىشلار نازارىتىنىڭ كاتىپى ھەم بىرىنچى دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى بولۇپ، ياڭ زېڭشىن ئۈچۈن مەخسۇس ھەربىي ئاخبارات توپلىغۇچى بولغان. 1915-يىلى شىنجاڭدىكى ھاكىملار ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، ياڭ زېڭشىننىڭ ئېتىبار بېرىشى نەتىجىسدە ئىمتىھاندىن بىرىنچى بولۇپ ئۆتۈپ ئاقسۇنىڭ ھاكىمى بولغان. 1921-يىلى ئۆلكە مەركىزى (دىخۇا)غا يۆتكىلىپ كېلىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان. 1928-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا ، ھۆكۈمەت ئىشلار نازارىتى خەلق ئىشلار نازارىتىگە ئۆزگەرتىلگەندە، جىن شۇرېن خەلق ئىشلار نازارىتىگە نازىر بولغان.
1928-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى سىياسى ئۆزگىرىش بولۇپ، ياڭ زېڭشىن فەن ياۋنەن تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندە، جىن شۇرېن ئەسكىرى كۈچلەرنى ئىشقا سېلىپ فەن ياۋنەننى ئۆلتۈرۈپ، قارشى تەرەپنى باستۇردى. ئەتىسى جىن شۇرېن ھەربىي ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى يىغىنىنى چاقىرىپ كېيىنكى ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلغاندا، دىخۇا ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى ، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى چىڭ جېشەننىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن ئۆلكە باشلىقى بولدى. 7-ئاينىڭ 9-كۈنى جىن شۇرېن ئۆلكىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە مەلۇم قىلدى.
      1928-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۆلكىدىكى ھەرقايسى ئەمەلدارلار ۋە ئۆلكىلىك پارلامېنت باشلىقى روزى ھاجىم بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى ھەر مىللەت ، ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ پىكرى قىلىپ، جىن شۇرېننى ئۆلكە رەئىسى قىلىپ تەستىقلاپ بېرىش ئۈچۈن نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە تەلەپ قويدى. لېكىن نەنجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ تەلەپكە جاۋاپ بەرمىدى.
  1930-يىلى يەن شىسەن ، فېڭ يۈيشاڭلار جياڭ جيېشىغا قارشى تۇرغاندا ، نەنجىڭ ھۆكۈمىتى جىن شۇرېننى 13-يۆنۈلۈش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى قىلىپ بەلگىلىدى. شۇ يىلى ئۇ ئەنگىلىيىدىن 2000 دانە مىلتىق، 4 مىليون تال ئوق ( پۇلىنى مىنگونىڭ 31-يىلىغىچە بولغان غەللە-پاراقتىن بېرىش شەرتى بىلەن ) سېتىۋېلىپ، ئۇنى ھىندىستاندىن قەشقەر ئارقىلىق ئېلىپ كەلدى. 1931-يىلى ئۆكتەبىردە شىنجاڭ-سوۋېت ۋاقىتلىق سودا كېلىشىمى ئىمزالاندى. شۇ يىلى ئۇچقۇچىلار يېتىشتۈرۈش كۇرسى ئېچىپ، ئوغلى جىن زۇدوڭ، ئاكىسىنىڭ ئوغلى جىن زۇجىڭ قاتارلىق بىر قانچە كىشىنى گېرمانىيەگە ئوقۇشقا چىقاردى.
  1932-يىلى كۈزدە نەنجىڭ ھۆكۈمىتى جىن شۇرېننى شىنجاڭ ئۆلكە رەئىسى ۋە قوشۇمچە چېگرا مۇداپىئە دۇبەنى قىلىپ بۇيرۇق چۈشۈردى.
ئۇ 1933-يىلى 3-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن 100 دانە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئۈچۈن سوۋېت ھۆكۈمىتىگە 1274 سەر ئالتە يېرىم مىسقال ئالتۇن تاپشۇردى. 1933-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى يۈز بەرگەن " 12-ئاپرىل سىياسى ئۆزگىرىشى" دە جىن شۇرېن سىياسى سەھنىدىن قوغلاندى. 14-ئاپرىل كۈنى جىن شۇرېن دىخۇادىن سانجى، تارباغاتاي قاتارلىق جايلاردىكى بانكىنىڭ زاپاس ئالتۇنلىرىنى ئېلىپ چېگرىدىن ئۆتۈپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ، ماشىنا سېتىۋېلىش ئۈچۈن تاپشۇرغان 1274 سەر ئالتە يېرىم مىسقال ئالتۇننى قايتۇرىۋېلىپ، سىبىرىيە ئارقىلىق تىيەنجىنگە بېرىۋالدى ۋە شۇ يىلى 10-ئايدا جياڭ جيېشىنىڭ يېنىغا باردى.
ئۇ چاغدا ئۇزۇندىن بۇيان نەنجىڭدە تۇرۇۋاتقان ئەيسا ئالىپتېكىن قاتارلىقلار جىن شۇرېننىڭ شىنجاڭدا قىلغان قانلىق قىرغىن، بۇلاڭ-تالاڭ ۋە باشقا جىنايەتلىرى ئۈستىدىن نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە ئەرز قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە 1933-يىلى 12-ئايدا شېڭ شىسەيمۇ جىن شۇرېننىڭ شىنجاڭ خەلقىگە قىلغان ئېغىر زۇلۇمى، ئۇنىڭ ياڭ زېڭشىنغا ۋارىسلىق قىلىپ يۈرگۈزگەن مۇستەبىت سىياسىتى ۋە خىزمەت ئۇسۇلى ئۈستىدە ماتىرىيال يېزىپ تاپشۇردى. 1935-يىلى 5-ئايدا جىياڭنىڭ يەرلىك مەھكىمىسى جىن شۇرېننى سوتلاپ، ئۇنىڭغا جىنايى قىلمىشى ئۈچۈن ئۈچ يېرىم يىللىق قاماق جازاسى ۋە بەش يىللىق سىياسى ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بەردى. لېكىن ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي غەربىي شىمالدىكى ھەربىي مەمۇرىي ئەمەلدارلاردىن ، بولۇپمۇ دىڭ باۋشەن، لو داچاڭ، ما گوفاڭ، ما خۇينىڭ قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن تېلىگىرامما يوللاپ جىن شۇرېننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. نەتىجىدە ئۇ 1935-يىلى 10-ئۆتەبىر بايرىمىدا جىنايىتى كەچۈرۈم قىلىندى دېگەن نام بىلەن قويۇپ بېرىلدى. ئاندىن جىن شۇرېن لەنجۇغا قايتىپ كېلىپ 1941-يىلى 8-ئايدا كېسەل بىلەن 62 يېشىدا ئۆلدى.
6.شېڭ شىسەي

شېڭ شىسەي (1896—1961)، تەخەللۇسى جىڭ يۇڭ. لىياۋنىڭ ئۆلكىسى كەييۈەن ناھىيىسىنىڭ شىنجىيا كەنتىدىكى چوڭ پومېشچىك شېڭ جىڭجىيا ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. شېڭ جىڭجىيانىڭ يەتتە بالىسى بولۇپ، بەشى ئوغۇل، ئىككىسى قىز          ئىدى. شېڭ شىسەي ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى ئىدى.
  شېڭ شىسەي 7 يېشىدىن باشلاپ" تۆت كىتاب" نى ئۆگەنگەن، 12 يېشىدا " ئۈچ سۆزلۈك دەستۇر" نى ئوقۇپ بولغان، ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ ئۇرۇش ھېكايىلىرىنى ئاڭلاشنى، سۇنزىنىڭ ئەسكەر ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى ھەققىدىكى كىتابىنى ئوقۇشنى  ياخشى كۆرەتتى. شېڭ شىسەي ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن شاڭخەيگە بېرىپ بىلىم ئاشۇرغان. 1915-يىلى ۋۇشىڭ جوڭگو سىياسى-ئىقتىسات كۇرسىنى پۈتتۈرگەن ھەم يۈننەندىكى جىڭ ۋۇتاڭ، شاۋجۇ شۆبىسىنىڭ ئىككىنچى قارار پىيادە ئەسكەرلەر كۇرسىدا ئوقۇغان. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن دوڭبى جياۋتاڭ قارمىقىدىكى تەلىم-تەربىيە ئەترىتىنىڭ ئوفېتسېرلار سىنىپى بىرىنچى كۇرسىدا بىلىم ئاشۇرغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن 8-بىرلەشمە بىرىگادىنىڭ بىرىگادىرى گوسۇڭلىڭنىڭ قارمىقىدا جوڭۋېي مۇئاۋىن لىيەنجاڭ بولغان. كېيىن شەرقى شىمال ئۈچ ئۆلكىنىڭ  "ئامانلىق ساقلاش" قىسىملىرى ساقچى تۇەنىنىڭ شاڭۋېي لىيەنجاڭى بولغان. كېيىن جىشىياۋ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ سەنمولىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي " شەرقى شىمال يەرلىك ھۆكۈمىتى" تەرىپىدىن ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنۋېرسىتېتىدىكى جوڭگو ئوقۇغۇچىلىرى ئەترىتىنىڭ تۆتىنچى قارارلىق كۇرسىدا داۋاملىق  بىلىم  ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن.
  1925-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى گوسۇڭلىڭ ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ شېڭ شىسەينى ياپونىيىدىن قايتۇرۇپ كېلىپ جاڭ زولىنغا قارشى ھەرىكەتكە قاتناشتۇرغان. ئۇرۇش ئاياقلاشقاندىن كېيىن شېڭ شىسەي يەنە بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياپونىيىگە بارغان، كېيىنكى ۋاقىتتا ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇش توختىتىلغاندا، شېڭ شىسەي سۇن چۈەنفاڭ، فېڭ يۈيشاڭلارنىڭ ئىقتىسادى ياردىمى بىلەن ئوقۇشنى تاماملىغان.
شېڭ شىسەينىڭ ياپونىيىدە ئوقۇشنى تاماملىغان ۋاقتى شىمالغا يۈرۈش ئۇرۇشىغا توغرا كەلگەن، ئەينى ۋاقىتتىكى مىللى ئىنقىلابى ئارمىيە باش سىلىڭبۇسى ئۇنى شاڭشاۋ مەسلىھەتچى قىلىپ تەيىنلىگەن. كېيىن باش سىلىڭبۇنىڭ مەسلىھەتچىلەر باشقارمىسىنىڭ شاڭشاۋ بۆلۈم باشلىقى ۋەزىپىسىگە كۆتۈرۈلگەن. شىمالغا يۈرۈش ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندىن كېيىن شېڭ شىسەي مەسلىھەتچىلەر پىرقىسىنىڭ بىرىنچى ئىشخانا ئۈچىنچى بۆلۈم باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن، خىزمەت جەريانىدا باش مەسلىھەتچى جۇپىيلى ئۇنى شياۋجاڭلىققا ئۆستۈرۈشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، لېكىن شېڭ شىسەينىڭ قارانىيىتى پاش بولۇپ قالغانلىقتىن ئۆستۈرۈلمىگەن، شېڭ شىسەي بۇنىڭغا ئىچىدە ئاداۋەت ساقلاپ، ھەربىيلىكتىن ۋاز كېچىپ يۇرتىغا قايتىپ كەتمەكچى بولغان.
قۇمۇل دېھقانلىرى جىن شۇرېننىڭ مۇستەبىت سىياسىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە، ما جوڭيىڭ ئەسكەرلىرىنى باشلاپ گەنسۇدىن شىنجاڭغا يۈرۈش قىلدى. جىن شۇرېن لىڭشىپ قالغان چىرىك ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىش، قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرىغا تاقابىل تۇرۇش غەرىزىدە شىنجاڭنىڭ نەنجىڭدا تۇرۇشلۇق باشقارمىسىنىڭ ۋەكىلى لۇ شىياۋزۇغا ئۆزىنىڭ شىنجاڭدا ئەسكەر تەربىيىلىشىگە ياردەملىشەلەيدىغان بىرەر تالانتلىق ھەربىي خادىم تېپىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، لۇ شياۋزۇ، پەن جاۋشەنلەر نەنجىڭدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن شېڭ شىسەينى جىن شۇرېنغا تونۇشتۇرىدۇ.
1930-يىلى 10-ئايدا شېڭ شىسەي ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ، جىن شۇرېن ئۇنى شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئە دۇبەن مەھكىمىسىنىڭ شاڭشياۋ مەسلىھەتچى مۇدىرلىقىغا بەلگىلەيدۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي شاۋجاڭ مەسلىھەتچىلىككە ئۆستۈرىدۇ. جىن شۇرېن بىلەن قۇمۇل دېھقانلىرى ۋە ما جوڭيىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش كەسكىنلىشىپ كەتكەنلىكتىن ، 1933-يىلى شېڭ شىسەي قۇمۇل قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىگە يۆتكىلىدۇ. شېڭ شىسەي لىياۋدۇندا بولغان بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ما جوڭيىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن جىن شۇرېن شېڭ شىسەينى " دۇبەن مەھكىمىسىنىڭ جوڭجىياڭ مەسلىھەتچىسى" ، قوشۇمچە قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش باش قوماندانلىقىغا ئۆستۈرىدۇ. شېڭ شىسەينىڭ قوشۇنى قۇمۇل ۋە تۇرپان قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش جەريانىدا كۆپلىگەن بىگۇناھ خەلق ۋە قوزغىلاڭچى قوشۇننى قىرىپ تاشلايدۇ.
1933-يىلى يۈز بەرگەن " 12-ئاپرىل سىياسى ئۆزگىرىشى" دە جىن شۇرېن تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. سىياسى ئۆزگىرىش قىلغۇچىلار قىسىملىرى ئۇلانبايدا تۇرغان شېڭ شىسەيگە سىياسى ئۆزگىرىشكە قوشۇلۇش توغرىسىدا كىشى ئەۋەتىدۇ، شېڭ شىسەي پوزىتسىيە بىلدۈرمەيدۇ. بەلكى قىسىملىرىنى ليۇداۋاندىن"توپ ئاتار غوجام "ئەتراپىغا يۆتكەپ ۋەزىيەتنى كۈزىتىدۇ .ئۇ چاغدا جىن شۇرېن شەھەردىن قېچىپ چىقىپ ، خوڭسەندىكى يۆخۇاڭمىياۋ بۇتخانىسىغا كىرىۋالغان ئىدى. جىن شۇرېن شىڭ شىسەيگە ئارقا-ئارقىدىن سىياسىي ئۆزگىرىش تەرىپدارلىرىنى باستۇرۇش  ئۈچۈن بۇيرۇق قىلغان بولسىمۇ ، شېڭ شىسەي ئىجرا قىلمايدۇ .......سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ئېچىلغان يىغىنىدا چىگرا قوغداش دوبەن مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ  ھەربىي ئىشلار كومتېتى قۇرۇلدى. ھەربىي ئىشلار كومتېتى مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى ليو ۋىنلوڭنى ئۆلكىنىڭ ۋاقىتلىق رەئىسلىكىگە، شەرقىي شىمال ئارمىيىسىنىڭ بىر كادىرى چىڭ يۈەنجىڭنى ۋاقىتلىق ھەربىي ئىشلار كومتېتىنىڭ ۋېييۈەنجاڭلىقىغا كۆرسىتىدۇ .
شېڭ شىسەي ھەربىي ئۈستۈنلىكىدىن پايدىلىنىپ چىڭ يۈەنجىڭنى ئىستىپا بېرىشكە زورلاپ ،شىنجاڭنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزىۋالىدۇ. قارشى كۈچلەرنى بېسىقتۇرىدۇ.
شېڭ شىسەي تەخىتكە چىققاندىن كېيىن ئالتە بۆيۈك سىياسەت يۈرگۈزۈپ ، بىر مەزگىل ماركسىزم  بايرىقىنى كۆتۈرىۋالغان بولسىمۇ، ئاخىر ياۋۇز ئەپتى-بەشىرسىنى ئاشكارلاپ كوممۇنىزىمغا  ئاسىيلىق قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستلار پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە ھەر مىللەت كوممۇنىزىمچى ئىلغار كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلدى . ھەر مىللەت خەلقىدىن 100مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ياۋۇزلارچە ئۆلتۈردى.
1940-يىلى شېڭ شىسەي ئۆلكە رەئىسلىكىنى قوشۇمچە ئۆتىگەندىن باشلاپ ، ھوقۇق ئۇنىڭ قولىغا مەركەزلەشتى.1942-يىلىدىن باشلاپ ئۇ ئوچۇق-ئاشكارە ھالدا گېزىت-مەتبۇئاتلاردا كوممۇنىزىمدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى جاكارلىدى ھەم گومىنداڭنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى.
گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۇنى ئىلگىرى- ئاخىر بولۇپ مەركىزى يېتىشتۈرۈش تۇەنى شىنجاڭ شۆبە تۇەنى تۇەنجاڭلىقىغا ، قوشۇمچە سەككىزىنچى ئۇرۇش رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانلىقىغا، مەركىزى ھەربىي مەكتەپ توققۇزىنچى شۆبە مەكتەپنىڭ مۇدىرلىقى، جوڭگو گومىنداڭ مەركىزى پىرقىسىنىڭ تەپتىش ھەيئەتلىكى، شىنجاڭ دۇبەن مەھكىمىسىنىڭ پارتىيە ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى ۋە شىنجاڭ ئامانلىق ساقلاش سىلىڭى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەيدۇ.
1944-يىلى كۈزدە گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇنى مەركىزى ھۆكۈمەت دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرلىقىغا بەلگىلەپ يۆتكەپ ئېلىپ كېتىدۇ.
شېڭ شىسەي كېتىش ۋاقتىدا شىنجاڭ خەلقىنىڭ قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن ئالتۇنلارنى بۇلاپ، 30 ئاپتوموبىلغا قاچىلاپ ئېلىپ ماڭدى. 100 مىڭ بىگۇنا خەلقنىڭ جېنىغا زامىن بولغان شېڭ شىسەي كېتىش ئالدىدا ئۈرۈمچى ئىككىنچى تۈرمىسىگە ئوت قويۇپ بارلىق مەھبۇسلارنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈشكە ۋە بارلىق ئارخىپلارنى يوقىتىشقا ئۇرۇندى. لېكىن شۇ ئوتتا ئۆزىنىڭ كۆيىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن قۇيرۇقىنى خادا قىلدى.
1949-يىلى ئۇ ئائىلىسى بىلەن تەيۋەنگە قېچىپ كەتتى، تەيۋەن ھۆكۈمىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىدە شياڭجياڭ مەسلىھەتچى، مەمۇرى مەھكىمە لايىھىلەش كومىتېتى ( چوڭ قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلىش تەشكىلاتى)نىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەندى. شېڭ شىسەي 1970-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى 75 يېشىدا مىڭىسىگە قان چۈشۈپ تەيبېيدا ئۆلدى.

مەنبە:تور دۇنياسى
تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-08, 21:50
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-04-08 21:37 |
obul21c
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6345
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 12 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 12 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىر بىر سىدىن رەزىللەر ئىكەنغۇ،ئادەمنىڭ ئىچى ئېچشىدۇ، بولۇپمۇ...
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-08 21:54 |
نەزەر
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6126
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 35 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 35 سوم
تۆھپە: 21 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 21 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىر - بىرىدىن رەسۋالارغۇ ؟ ئىسمىنى ئاڭلىسىمۇ ھۆ قىلغۇسى كېلىدۇ كىشىنىڭ . . .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-08 22:26 |
yaqi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6474
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 13
شۆھرەت: 90 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 95 سوم
تۆھپە: 51 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 51 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇشۇ ئىتلارنى تىللىمىغانلارنىڭ ئۆزى ئىت!!!!!!!!!!!
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-08 22:53 |
babak
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6282
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 85 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 85 سوم
تۆھپە: 51 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 51 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 20(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تارىخى بىلىملەردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا،  كۆپ رەخمەت...
[ بۇ يازمىنىbabakدە2012-04-08 23:19قايتا تەھرىرلىدى ]
گاس دەپ غەيۋەت قىلما،
قارىغۇ دەپ خىيانە قىلما.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-08 23:12 |
atilla
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 205
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 31
شۆھرەت: 163 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 164 سوم
تۆھپە: 97 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 98 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ رەسۋالارنىڭ تارىخىنى توپلاپ مۇنبەرگە يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.
بۇ تارىخنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك ، ئەلۋەتتە.
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-08 23:47 |
getlir
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 647
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 70
شۆھرەت: 360 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 360 سوم
تۆھپە: 216 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 216 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 107(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

      1875_ يىلى زو دىگەن ھەزلەك چىقىشتىن بۇرۇن شىنجىاڭنى كىم ئىدارە قىلغان بولغىيتتىكىن ؟
sarkar
مەن يۇرتۇمنى سۆيىمەن .
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-09 00:08 |
tohotur

دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1395
شۆھرەت: 7475 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 7532 سوم
تۆھپە: 4410 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 4414 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2306(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاتالىق غازى ياقۇببەگ قۇشبىگى
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-09 00:28 |
arsilan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 201
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 183
شۆھرەت: 946 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 961 سوم
تۆھپە: 563 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 565 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 218(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىرىنچىسىنى كۆرگەندىن كىيىن ،يېزىمىزنىڭ قانلىق تارىخى يادىمغا چۈشتى.....
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-09 00:33 |
wolqan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4909
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 53
شۆھرەت: 275 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 285 سوم
تۆھپە: 163 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 163 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى arsilanدە2012-04-09 00:33يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بىرىنچىسىنى كۆرگەندىن كىيىن ،يېزىمىزنىڭ قانلىق تارىخى يادىمغا چۈشتى.....

زوزۇڭتاڭ دىگەن مەلئون قارتۈگە كەلگەنما ، تەپسىلي ئەھۋالنى سۈزلەپ باقامسەن ، بىلىۋالايلى ، قومۇللۇق تۇرۇپ قارتۈ تارىىخىدن خەۋەرسىز يۈرسەك بولماس،
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-09 00:40 |
almas123
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6180
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 43
شۆھرەت: 215 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 215 سوم
تۆھپە: 129 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 129 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 13(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
بىر قىسىم رەسىملەر(ئايرىم كېسىپ چاپلىيالمىدىم)
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-09 00:45 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«123»Pages: 1/3     Go
Bagdax bbs » تارىخ بەتلىرى