saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 2278 قېتىم كۆرۈلدى
qeqak
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5682
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 179 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 189 سوم
تۆھپە: 91 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 97 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 قومۇل كۆك مەشرىپى


قومۇل كۆك مەشرىپى


 ئابدۇشۈكۈر كېرەم
ئەمەت جېلىل


         ئەجدادلىرىمىزنىڭ مەدىنىيەت-سەنئەت، تۇرمۇش، ئورۇپ-ئادەتلىرىنىڭ رەڭدار ھەم گۈزەللىكى ماڭا مۇنداق بىر ھەقىقەتنى ئۆگەتتى:
  ئەجدادلار قالدۇرغان ئۇدۇملارغا ۋارىسلىق قىلالماسلىق، ئۆز مىللىتىنىڭ شانلىق مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرىشنىڭ ئورنىغا ئۇنى ئۇنتۇپ قىلىش ۋە ياكى تارىخ بېتىدىڭ ئۆچۈرىۋېتىش—شۇ مىللەتنىڭ يوقالغانلىغى بىلەن باراۋەردۇر.
     قومۇل بوستانلىغى ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق گۈزەل ماكان. بۇ يەردە تارىم ئويمانلىقىغىغا دۈملەنگەن قەدىمقى بوستانلىق مەدىنىيىتىنىڭ داۋامىمۇ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالغۇچى يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ ئىزنالىرىمۇ بار. شەرق ۋە غەرب مەدەنىيىتى يىپەك يولىدىكى بۇ تۈگۈندە ئۆز ئارا ئۇچرىشىپ، ئاجايىپ رەڭدار مەدەنىي مۇھىتنى ھاسىل قىلغان. مانا مۇشۇنداق ئەۋزەل مەدىنىيەت شارائىتىدا بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئۆزگىچە پۇراققا، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ۋە مىسلىسىز سېھرىي كۈچكە ئىگە مەدىنىيەت-سەنئەت مىراسلىرىنى ياراتقان.
  بۇ يەردە ئاسمان-پەلەككە تاقاشقان قارلىق قارلىق تاغلار بار، يىراقتىن قارىسىڭىز ئۇلار چەكسىز تارىخقا گۇۋاھ بولغۇچى ئاق چاچلىق ئانىلارغا ئەسلىتىدۇ. تاغلارنىڭ ئارىسىدا كىمخاپتەك يەلپۈنۈپ تۇرغان بىپايان يايلاقلار بار، ئۇلار كىشىنى ئىختىيارسىز ھالدا تەبىئەت ئانىنىڭ قۇچىغىغا ئەسىر قىلىدۇ. تۈزلەڭلىكلەردە يېشىل مەرۋايىتتەك كۆرىنىدىغان بوستانلىقلار بار، ئۇلار بۇ يەردىكى ھاياتلىقنىڭ مەڭگۈلۈك ھالىتىدىن دالالەت بېرىدۇ. بوستانلىقلارنىڭ ئەتراپىدا تاكى ئۇپۇق سىزىغىچە سوزۇلغان چۆللۈكلەر ۋە قۇملۇقلار بار، ئۇلار تارىم ئورمانلىقىنىڭ چۆكمە مەدەنىيىتىدىن تويۇن`غان ئىچكى سۈكۈناتى ئايان قىلىپ تۇرىدۇ.
  بۇ يەردە يەنە بوستانلىق مەدەنىيىتىنىڭ يىراق ئۆتمۈشىدىن دالالەت بەرگۈچى ئاجايىپ تىلسىماتلار بار، ئۇلار ماكان ۋە زامان يونىلىشىدە ئەلمىساقتىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بولغان جەرياندىكى شانلىق مەدەنىيەتتىن بېشارەت بېرىپ تۇرىدۇ. قومۇل شەھرىدىن توت ئەتراپقا قاراپ تارالغان تۇرالار؛ بەش شەھەر، 12 تاغدا ئەسىرلەر بويى ياڭراپ كەلگەن يەرلىك كۈي-مۇقاملار؛ نوم، قارا دۆۋە، بوغاز، قىزىليار، لاپچۇق، ئارىتام، باغراش، تۆمۈرتى، تاشبالىق، ئاستانە، ئەلكە، قاراتال، تاشار قاتارلىق يۇرتلاردىكى قەدىمكى مەدىنىيەت ئىزلىرى، يېرىم گەۋدىسى قۇم ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتكەن قەدىمىي خارابىلىرى، بارىكۆل ئاراتۈرۈك ناھىيىلىرى، شۇنىڭدەك ھەرقايسى تاغلىق رايونلاردىكى قىيا تاش رەسىملىرى، ئالتۇنلۇق، يالغۇز تويۇن ۋە قەيس غوجام قاتارلىق داڭلىق مازار-قەبرىگاھلار، تاشلىنىپ قالغان قانچىلىغان كارىزلارنىڭ ئىزلىرى…مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى قومۇل بوستانلىقىنىڭ ئۆزىگە خاس مەدىنىيەت قاتلىمىنى نامايەن قىلىپ تۇرماقتا.
  بۇ يەردە يەنە تارىختىن بۇيان كۆپ خىل ئىنسانە تۈركۈملىرىنىڭ ئۇچرىشىشى، كۆپ خىل دىنلار تەسرلىرى، كۆپ خىل مەدىنىيەت ۋە كۆپ تىللارنىڭ قوشۇلۇشى يۈز بەرگەن. ئەمما، ئەمگەكجان قومۇل ئۇيغۇرلىرى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن سىرتقى مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرىنى ئورگانىچ بىرلەشتۇرۇپ، ئەنئەنە بىلەن قوبۇل قىلىشنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ھەم مىللىي يەرلىك تۇسكە، ھەم دۇنياۋى روھقا ئىگە ئۆزگىچە مەدەنىيەتنى بەرپا قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە بۈگۈنكى كۈنسايىن ئىجتىما`ئىلىشىۋاتقان دۇنيادا ھەممىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى ئۆزىگە تارتىدىغىنى، ئۆزگىچە تۇسكە ئىگە قومۇل <<كۆك مەشرىپى>>دۇر. قومۇل <<كۆك مەشرىپى>> <<باھار مەشرىپى>> بىلەن قوشۇلۇپ، نەۋرۇز بايرىمىنىڭ بۈگۈنگىچە ساقلانغان ئەڭ قەدىمى، ئەڭ مۇكەممەل ئۈلگىسىنى شەكىللەندۈرگەن.
  بۇ مەشرەپلەر شەكلىنىڭ خىلمۇ خىللىقى، مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە روشەن ئوبرازچانلىقى بىلەن باشقا مەشرەپ تۈرلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.
  نەۋرۇزنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى تۈركىي مىللەتلىرىدە ھەر خىل شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. قومۇل دىيارىدا بولسا بۇ پائالىيەت <<كۆك مەشرەپ>> نامى بىلەن شەھەرلەردىن يېزىلارغىچە، زاۋۇت-كانلاردىن مەكتەپلەرگىچە قىسقىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەشرەپتە ئارزۇ-ئۈمىد، ئىناقلىق ھۆرلۈك، گۈزەل ھاياتقا ئىنتىلىش قاتارلىق ساغلام ئەدەب-ئەخلاق ئىدىيىلىرى ئىنتايىن ئوبرازلىق بايان قىلىنىدۇ.
 
كۆك مەشرىپى
    ئۇيغۇر خەلقى <<كۆك مەشرىپى>>نىڭ نامىنى ئاجايىپ جايىدا قويغان بولۇپ، <<كۆك>>نى ھاياتلىقنىڭ بەلگىسى دەپ بىلگەن. بۇ <<كۆك>> ھاياتنىڭ كۆكلىشىگە پۈتۈن جانلىقلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە ۋە گۈللەپ-ياشنىشىغا سىمۋول قىلىنغان.
      <<كۆك مەشرىپى>> يەنە مول ھوسۇل شاتلىقنى ئىزھار قىلىش، قىشنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش، يېڭى يىلنى مەنىلىك كۈتۈۋېلىش، يېڭى يىلدا تېخىمۇ كوپ ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن، ئۆز ئارا تىلەك تىلەش مەنىسىدە ئۆتكىزىلىدۇ.
      قومۇل ئۇيغۇرلىرى مەشرەپنىڭ بەلگىسى، ھاياتلىقنىڭ دەلىلى بولغان <<كۆك>>نى تولىمۇ ئەتىۋارلايدۇ ھەم بۇ <<كۆك>>نى تەرپلەپ <<كۆك خېنىم>>، <<چېچەك>> دەپ، ئاتىشىدۇ. ئۇنى خۇددى بىر ساھىپجامال قىز ئورنىدا كۆرىدۇ.
     كۆك مەشىرىپى-كۈزلۈك يىغىمدىن كېيىن، تۇنجى قار چۈشكەندە، قارلىق تاشلاش ئويىنىدا بەلگىلىنىدۇ. بۇ ئويۇندا قارلىق تاشلىغۇچى قوبۇل قىلغۇچىدىن كۆك مەشرىپىنى باشلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، قوبۇل قىلغۇچى قارلىق تاشلىغۇچىنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىغىنى سورۇن ئەھلى ئالدىدا ئېلان قىلىدۇ. قولۇم-قوشنىلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغان ئائىلىگە يىغىلىشىپ مەشرەپنىڭ تەييارلىقىغا قارىشىدۇ. <<كۆك خېنىم>>نى بولۇق، تېمەن ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ياخشى تويۇنغان ئوزۇقلۇق بۇغدايلارنى تاللىشىدۇ. ئوخشىغان قاپاقتىن بىرىنىڭ تېگىنى خۇددى لېگەندەك كېسىپ چۈشۈرۈپ، ئىچىگە پاختا يېيىتىلىدۇ ۋە ئازراق سۇ قۇيۇپ ھۆلدەيدۇ. <<كۆك خېنىم>>نىڭ ياخشى ئۆسىشى ۋە كېلەر يىللىق كۆكلەمنىڭ <<كۆك خېنىم>>دەك ياخشى كۆكلىشىنى ئارزۇ قىلىشىپ، دۇ`ئا—تەگبىر ئوقۇپ، پاختىنىڭ ئۇستىگە ئوخشىغان بۇغداينى تېرىيدۇ. بۇغداي مايسىسى تەخمىنەن 20 سانتىمېتىر ئۆسكەندە، سىمۋول خارەكتېرىنى ئالغان نەرسىلەر بىلەن بېزىلىدۇ، يەنى قوناقنى قوقاستا ئېتىلدۇرۇپ، ئاق تىكەننىڭ تىكىنىگەسانجىپ، مايسىنىڭ ئاستىنقى قىسمىغا تىزىدۇ. بۇ تىزىلغان ئاقبالداق ئاپپاق قارغا سىۋول قىلىنغان بولۇپ، بۇ قىش پەسلىنى كۆرسىتىدۇ.
  بۇ ھەقتە مۇنداق قوشاق بار:

  مۇز ئۇستىدە ئۇندۇردۇق دانە بۇغداينى،
  سۇغارغىلى ئەر بارمىكىن ئۇشبۇ بۇغداينى.
  سۇغارغىلى ئەر بولسىكەن ئۇشبۇ بۇغداينى،
  كېچە-كۈندۈز ياد ئېتەرمىز ئۇستۇن خۇدانى.
  دەل زىمىستان چىللىدە ئۆسكەن سەۋزى باھارنىڭ ئەۋۋىلى،
  ياخشىلارنىڭ پەرۋىشىدە چىچەك ئۇندى قىشلىقى.
  قىشلىقى ئۈنگەن چېچەكنىڭ كۆڭۈللىرى نازۇك تۇرۇر،
  كۆتەرسىلە ئېسىللىقىدىن بويلىرى پۇراپ تۇرۇر،
  ئولتۇرسىلا سايىسىدا كۆڭۈللىرى ئاچىلۇر،
  بۇ چېچەكنى ئالغان كىشىنىڭ بېشىغا گۈللەر سانچىلۇر.

  چېچەكنىڭ بەل قىسمىنى گۈل غۇنچىلىرى بىلەن چەمبەر شەكلىدە ئوراپ چىقىدۇ. بۇ كېلەر يىلنىڭ مول ھوسۇللۇق يىل بولىشىغا بىلدۇرگەن تىلەكنى كۆرسىتىدۇ. <<كۆك خېنىم>>نىڭ ئۇستى تەرىپىگە بىر تال ياكى بىر نەچچە تالگۈل سانچىپ قويىلىدۇ. بۇ مول ھوسۇللۇق يىلنى قۇتلۇقلاش مەنىسىنى بىلدۇرىدۇ.
      يەنە <<كۆك خېنىم>>نىڭ ئەڭ ئۇستى تەرىپىگە بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرغان خوراز بىلەن مېكىياننىڭ سۈرىتى سانجىلىپ قويىلىدۇ. بۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا قەدىمى ئۇدۇم-ئېتىقادلاردىن دالالەت بېرىپ تۇرىدۇ.
  مايسا، ئاقبالداق، بېلىگە ئورالغان گۈل غۇنچىلىرى، ئۈستىگە سانچىلغان قىزىل گۈل، خوراز بىلەن مېكىياننىڭ سۈرىتى قوشۇلۇپ بىر پۈتۈن ھاياتنىڭ ئوبرازلىق تەسۋىرى نامايەن قىلىنىدۇ.
  كۆك مەشىرىپىنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىن بىرى كۈنچېچەك—كۈنچېچەك نۇر چېچىپ تۇرغان قۇياشنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئۇنىڭ تۇتقۇچى سەۋزىدىن، قۇياش شەكلى بولسا ياڭيودىن (ئاشلىققا سىموۋۇل بولالايدىغان نەرسىلەردىن) قۇياش نۇرى قۇياش نۇرى قۇرۇق ئۈزۈم ۋە تاۋۇز ئۇرۇقلىرىدىن ياسىلىدۇ. يەنە بىر جۈپ يەنە بىر جۈپ خوراز بىلەن مېكىياننىڭ رەسىمى كۆكنىڭ    ئۇستىگە سانچىپ قويىلىدۇ.
     كۈنچېچەك. كۆك مەشىرىپىدىكى كۈنچېچەكتىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە شەكىل ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمقى ئۇدۇم-ئېتىقادلىرىدىن بېشارەت بېرىدۇ ھەمدە قويۇق سىمۋوللۇق مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. كۈنچېچەكى ئۈچ تەگلىكنىڭ بىرى قۇياشقا، بىرى ئايغا، يەنە بىرى يەرگە ۋەكىللىك قىلغان بولۇپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمىي دەۋرىدىكى ئالەم ۋە تەبى`ئەت قارىشىنى ئىپادە قىلغان. يەنە بىر تەرەپتىن تەبى`ئەت ئىلاھىتچىلىكىگە خاس بولغان قۇياش تەڭرىسى، ئاي تەڭرىسى ۋە يەر تەڭرىسى شەرىپىگە ئېلىپ بارىدىغان تىۋىنىش پا`ئالىيەتلىرىدىن دالالەت بېرىدۇ.
     كۈنچېچەكنى تەشكىل قىلغان ھەر بىر نەرسە ئۆزىدە قويۇق سىمۋوللۇق مەنىنى ئىپادە قىلغان بولۇپ، تۇتقۇچ رولىنى ئوينىغان سەۋزە كۆكتاتچىلىق ۋە يېشىللىققا، ئۇنىڭغا سانچىلغان قۇياش شەكلىنىڭ ئوتتۇرىرىسىدىكى ياڭيۇ-ئاشلىققا، قۇياشنىڭ ئەتىراپىدىكى نۇر شەكىللىك ئۇششاق ياغاچلارغا بېكىتىلگەن ئۈزۈم ۋە تاۋۇز ئۇرۇقلىرى قوغۇن-تاۋۇز ۋە باغۋەنچىلىككە، خوراز بىلەن مېكىياننىڭ سۈرىتى كۆڭۈللۈك تۇرمۇشقا سىمۋول قىلىنغان. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، قويۇق سىمۋول مەزمۇنىغا ئىگە بۇ شەكىل قومۇل ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئۇدۇم ۋە مەنىۋى مىراس بولۇپ قالغان.
      كۆك مەشرىپىدە مەشرەپ ئەھلى كۈنچېچەكنى ئەتىۋارلاپ، مەشرەپ بېگى ھوقوقنىڭ سىمۋوللۇق ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ نەرسە ئارقىلىق يېڭى بىر يىلىدىكى مول ھوسۇل شادلىقىنى ۋە گۈزەل تېلەكلىرىنى ئىپادىلەيدۇ.
       مەشرەپ ئىگىسى ئۆز ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەشرەپنىڭ تەييارلىقىنى قىلىش بىلەن بىرگە يەنە كېلەر قېتىملىق مەشرەپ ئىگىسىگە ئاتاپ بىر يۈرۈش كىيىملىك رەخت، توققۇز غېرىچ ئەركەك(قوشقار)، چىلان، جىگدە، كىشمىش قاتارلىق توققۇز خىل مىۋە-چېۋىدىن توققۇز لىگەن تەييارلايدۇ. تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن ياش يىگىتلەر ئات بىلەن يۈرۈپ مەھەلە-جاما`ئەتنى ۋە يىراق-يېقىندىن ئۇرۇق-تۇققان، ئاغىنە-بۇرادەرلەرنى كۆك مەشىرىپىگە چىللايدۇ.
  قومۇل مەشرەپلىرىدە خاس مەشرەپ بېگى تۇرغۇزىلمايدۇ، كۈنچېچەكنىڭ قولدىن قولغا ئۆتۈشى بىلەن مەشرەپ بېگى ئالمىشىپ تۇرىدۇ. كۈنچېچەكنى ئالغان كىشى تۈرلۈك تەلەپ ۋە شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىمتىيازى بولىدۇ. مەسىلەن: كۈنچېچەكنى قولغا ئالغان كىشى، مەلۇم بىر كىشىنى مەيدانغا چۈشۈشكە تەكلىپ قىلسا، ئۇ كىشى چوقۇم مەيدانغا چۈشىشى، مەشرەپ بېگىگە تەزىم بىجا كەلتۈرىشى شەرت. مەشىرەپ بېگى ئۇسۇل ئويناپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، ئۇسۇل ئوينىشى، بېيىت ئېيتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلسا، بېيىت ئېيتىپ بېرىشى، قىزىقچىلىق قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلسا، قىزىقچىلىق قىلىپ بېرىشى كېرەك. ئەگەر قارشى تەرەپ بۇ تەلەپلەرنى ئورۇندىيالمىسا، مەشرەپ بېگى ئۇ كىشىنى خىجالەت قىلماي ئۈچ قېتىم ئالمىشىپ تەزىم قىلىشقاندىن كېيىن كۈنچېچەكنى شۇ كىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىشى لازىم. كۈنچېچەكنى قولىغا ئالغان كىشىنىڭ رۇخسىتىسىز ھەر قانداق كىشىنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشىۋېلىشىغا قويۇلمايدۇ.
      مەشرەپ تۈگىگەندە، مەشرەپ ئۆتكۈزگۈچى ئائىلە <<كۆك خېنىم>>نى يوقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان توققۇز تۈرلۈك سوۋغا-سالاملار بىلەن كېيىنكى نۆۋەتلىك مەشرەپ ئۆتكۈزگۈچىگە مەخسۇس <<كۆك خېنىم>> تەرىپلەنگەن بېيىت-قوشاقلارنى ئېيتىپ تۇرۇپ تۇتىدۇ.
      قومۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆز رايونىغا خاس، قويۇق يەرلىك پۇراققا ئىگە قومۇل 12 مۇقامى بار. قومۇل 12 مۇقامى ئاساس قىلىنغان مەشرەپ ئاھاڭلىرى ئاجايىپ يارقىن، ئۆزگىرىشچان بولۇپ، مەشرەپ قاتناشچىلىرىنى گۈزەل بىر غايىۋى مۇھىتقا ۋە ئۆزگىچە قىزغىن كەيپىيات ئىچىگە باشلاپ كىرىدۇ. مۇزىكا رېتىمىغا ئەگىشىپ ئوينىلىدىغان ئۇسۇللارمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. قومۇل مەشرەپ ئۇسۇلىدا قول-پۇت ھەركەتلىرىدىن باشقا بەدەن ھەرىكەتلىرى ئىنتايىن سىلىق، نەپىس بولۇپ كىشىنىڭ زوقىنى قوزغايدۇ.
  مەشرەپ ئادەتتە ئائىلىلەردە ئۆتكىزىلىدۇ. ئۆي كىچىك ئادەم كۆپ بولغىنى ئۈچۈن ئۇسۇل ئوينايدىغان جاي پەقەت ئىككى-ئۈچ كۋادرات مېتىرلا قالىدۇ. قائىدە بويىچە مەيدانغا ئىككىلا ئادەم چۈشۈشكە رۇخسەت قىلىنغانلىغى ئۈچۈن كۆپ كىشىلەرگە ئۇسۇل ئويناش نۆۋىتى تەگمەي قالىدۇ. (بەزى ئۇسۇل خۇمارلىرىغا نۆۋەت تەگمەي، يامانلاپ كېتىپمۇ قالىدۇ. سىرتتىن كەلگەن مېھمانلار مەشىرەپكە قاتنىشىپ قالسا، بەزىدە ئىختىيارسىزلا ئۇسۇلغا چۈشۈپ كېتىدۇ).
  مەشرەپ ئارىلىقىدا قىقاسچىلارمۇ ئۆز ماھارەتلىرىنى كۆسىتىدۇ. قىقاسچى مەشىرەپنى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتىرىش ئۈچۈن پەتنۇسقا بىر كىيىملىك رەختنى سېلىپ مەيداندىكى ئۇسۇلچى ۋە ئەلنەغمىچىلەرگە مەدھىيە قىقاسلىرىنى توۋلاپ، مەشرەپ مەيدانىنى تېخىمۇ قىزىتىشىدۇ ۋە ئۇلارغا مەدەت بېرىپ، پۈتكۈل سورۇننىڭ كەيپىياتىنى يوقىرى كۆتىرىدۇ. قىقاسچىلار ھەجۋىلەشتۇرۇش ۋە ئوخشىتىش كۈچى كۈچلۈك بولغان قوشاقلار بىلەن قىقاس توۋلايدۇ. مەسىلەن:

  قەغەز بىلەن قازان ئەتتىم، ئۇي بېشى پاتتى،
  سۇ قۇيماي ئوت قالىدىم، قاينىدى، تاشتى.
  كەسلەنچۈككە سالما سالسام، سۆرىدى قاچتى،
  ئارقىسىدىن قوغلىسام، بەش تاپان ئاشتى.
  قاقشالمۇ قاقشال، قاقشالنى كۆتۈرگەن باقشال،
  ئىككى چوكان ئۇسۇل ئويناپتۇ، قىزىل گۈلگە ئوخشار.

  ھە بارىكاللا قىقاس......
 
باغدا بۇلبۇل سايرايدۇ،
  مىجىگەن قوغۇن پۇرايدۇ.
  غېرىپلىقتا سۆيگەن يار،
  ئىپار، زەپەر پۇرايدۇ.
  ھە، بارىكاللا قىقاس!
 
بۇ چاغدا پۈتكۈل مەشرەپ ئەھلى قىقاسچىغا ئەگىشىپ تەڭ توۋلاپ مەشرەپ مەيدانىنى قاينام تاشقىنلىققا چۆمدۈرىدۇ. قىقاسچى پەتنۇستىكى بىر كىيىملىك رەختنى ئەلنەغمىچىلەرنىڭ بىرىنىڭ بوينىغا ئارتىپ قويىدۇ.
  مەشرەپ ئارىلىقىدا قىزىقچىلىق ئويۇنلىرى ئوينىلىدۇ، بېيىتلەر ئېيتىلىدۇ. مەشرەپتە ئاساسەن نازىركوم، توخو ئۇسولى، شەيتان ئۇسولى، قارا چىراق ئۇسولى قاتارلىق قەدىمىي ئۇسوللار ئوينىلىدۇ.
  بۇنىڭ ئىچىدە نازىركوم ئۇسسولى بىر خىل قىزىقچىلىق ئۇسولى بولۇپ، بۇ ھەر خىل جانو جانىۋارلارنىڭ قىياپەتلىرىنى دوراپ قىزىقچىلىق قىلىش بىلەن مەشىرەپ سورىنىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
  توخو ئۇسولىدا، خوراز بىلەن مىكىياننىڭ ئىناق ئائىلە ۋە ئەل يۇرتنىڭ سىمۋوللى بولۇپ، بىردەك ئىتپاقلىشىپ دۈشمەن ئۇستىدىن غەلبە قىلىپ، گۈزەل، تىنچ ئائىلە قۇرۇشتەك مەزمۇنلار خىلمۇ خىل ئوبرازلىق ئۇسسۇل ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.
  تۈنجى كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن كۆك مەشىرەپتە، مەشرەپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە مەشرەپ ئىگىسى <<كۆك خېنىم>>نى مەلۇم بىر ئائىلىگە تۇتقانلىقىنى جاكارلايدۇ ھەمدە <<كۆك خېنىم>>نى تۇتماقچى بولغان ئائىلىگە تەييارلانغان توققۇز غېرىچ ئەركەك (قوشقار) بىلەن توققۇز لىگەندىكى توققۇز خىل مېۋە-چېۋىنى مەشرەپ مەيدانىغا ئېلىپ كىرىدۇ.

  ئالدى بىلەن <<كۆك خېنىم>>نىڭ يۈزى ئېچىلىدۇ ۋە كۆك بېيىتى ئېيتىلىدۇ:
 
ئۇل خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن بىرلا ئۇندى بۇ كۆكۈم،
  شايى رەڭلىك، غۇنچە مەڭلىك دەرمەھەل كۈلدى كۆكۈم.
  بويلىرى ئالتۇن كۆكۈمنىڭ سۆلىتى سۇلتانچە بار،
  ئاي يۈزىگە نۇر ياراشقان، يېڭى ئۈزگەن گۈلچە بار.
  قىشلىقى ئۈڭەن چېچەكنىڭ تەرىپى نازۇك تۇرۇر،
  سۇغۇرۇپ گۈل ساچقىلى، ئالغان كىشى ئاشىق تۇرۇر.
  <<كۆك>>نى تۇتتۇم ئۆزلىرىگە، چاققان كېلىپ ھۇش ئالسىلا،
  بۇ كۆكۈمنى ئېلىپ قويۇپ، ئۇيدەككىنە ياتمىسىلا.
  ئۆيلىرىنىڭ ئىچى-تېشىنى پىشقىن بىلەن ئاقلىسىلا،
  دۇنيا جاھاننىڭ كارىنى يىراققىنە تاشلىسىلا.
  شەنبىدە جابدۇق قىلىپ، يەكشەنبىدە ئويۇن باشلىسىلا،
  <<كۆك>>نى ئېلىپ بارغانكىشىنى خۇش قىلىپ ياندۇرسىلا.
  مېھمانغا قوزا سۆيۈپ، ئادەمېتىپ ياندۇرسىلا،
  كۆكنى ئېلىپ بارغان كىشى، ئېلىپ يانسۇن خۇش خەۋەر،
  كۆكنى ئەپ قالغان كىشى، ياتمىغاي بىخوت-بىخەۋەر.

  <<كۆك خېنىم>>نى تاپشۇرۇپ ئالماقچى بولغان تەرەپمۇ بېيىتكە بېيىت بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ:

  دەل زىمىستان چىللىدە شۇ مايسىنى ئۈندۈردىلە،
  مايسىنى بىزگە تۇتۇپ، دىللارنى زەپ كۈلدۈردىلە.
  قىشلىقى ئۈڭەن چېچەكنىڭ تەرىپى نازۇك تۇرۇر،
  سۇغۇرۇپ گۈل چاچقىلى ئالغان كىشى ئاشىق تۇرۇر.
  دانە بۇغداي مايسا بولدى، شاخلىنىپ تەرەپ-تەرەپ،
  مايسىنى قىزغا توۋاپ قۇتلىدۇق ئىككى تەرەپ،

  ئاندىن ئىنتايىن رازىمەنلىك بىلەن <<كۆك خېنىم>>نى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ ۋە سورۇن ئەھلىنى <<كۆك خېنىم>>نى بىللە كۆچۈرۈپ بېرىشقا تەكلىپ قىلىدۇ.
  <<كۆك خېنىم>> ئالدىغا پايانداز سېلىپ، خۇددى قىز كۆچۈرگەندەك كۆچۈرۈلىدۇ. مەشرەپچىلەر يول بويى قىز بىلەن يىگىتنىڭ كۆڭۈل رىشتىسىنى باغلايدىغان <<يەللى>> ناخشىسىنى ئېيتىپ، ئۇسۇل ئوينايدۇ. ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە ئەتىۋارلىق <<كۆك خېنىم>> ئۈچۈن ئىشىك توسىلىدۇ، ئىككى تەرەپ <<كۆك خېنىم>> توغرىسىدا سوئال-جاۋاپلىق بېيىت ئېيتىشىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپ ئېيتىلغان بېيتىلاردىن قانا`ئەت ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ئىشىك ئېچىلىدۇ. ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن ئۆي ئىگىسىنى مۇبارەكلەش مەنىسىدە يەنە بېيىت ئېيتىلىدۇ. بېيىت ئېيتىش ۋە قىزىقچىلىقلار ئاخىرلاشقاندا دۇ`ئا-تەگبىر ئوقۇلۇپ، <<كۆك خېنىم>> تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. ئۆي ئىگىسى مېھمانلار ئۈچۈن چاي تارتىدۇ. مۇشۇ چايدا كۆك مەشرەپنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن چايغا قاتناشقان مېھمانلار ئۆز ئىختىيارى بىلەن <<ئوق ئېتىپ>> كۈن بەلگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن يېنىۋېلىشقا بولمايدۇ. بۇنىڭدا ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئاتقان ئوققا ئوخشىتىلىدۇ. شۇڭا ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ كۈن بەلگىلەشنى <<ئوق ئېتىش>> دەپ ئاتايدۇ.
       كۈن بەلگىلىنىپ بولغاندىن كېيىن كىشىلەر ئۆز نۆۋىتىدە بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى كۆك مەشىرەپنى داۋاملاشتۇرىدۇ. كۆك مەشىرىپى تاكى نەۋرۇز كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. نەۋرۇز كۈنى كۆك مەشرىپىدىن خۇلاسە چىقىرىلىپ، <<نەۋرۇز>>نى قۇتلۇقلاش ئۈچۈن باھار مەشرىپى ئۆتكۈزىلىدۇ.

باھار مەشرىپى
 
 قىش كېتىپ باھار كەلدى،
  تۈن كېتىپ ناھار كەلدى.
  ئەل-خالايىق بەختىگە،
نەۋرۇز مۇبارەك شاد كەلدى.

      بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان باھار مەشرىپى—ھەر يىلى مىلادىيە 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان كونا يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى، يەنە نەۋرۇزنى قۇتلۇقلاش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان مەشىرەپ.
     بۇ كۈن تەبىئەت بايرىمى، ئۇلۇغ <<نەۋرۇز>> كۈنى بولغاچقا، ئەل شادلىققا چۆمىدۇ، كىشىلەر يىراق يېقىن، يېزا-قىشلاقلاردىن تۆگە، ئات، ئېشەك ھارۋىلىرى بىلەن كېلىدۇ، پۈتكۈل ئەل-يۇرت بىر يەرگە جەم بولۇپ كوللېكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىدۇ.
نەۋرۇز كۈنى <<باھار مەشرىپى>>دىن باشقا ئات بەيگىسى، تۆگە بەيگىسى، قوشقار سوقۇشتۇرۇش، چېلىشىش قاتارلىق نۇرغۇن پائالىيەتلەر، يەنە بالىلارنىڭ لەگلەگ ئۇچۇرۇش، ھەجەڭ`گە ئۇچۇش، چوكانتالدىن ئاتلىغۇچ ياساپ ئويناش، قوشلىغۇچ ياساپ ئويناش، ئوردام كۆچ، تۆگە-تۆگىلەڭ، ھاي-ھاي ئۆلەن، چامغۇر يۇلۇش ئويۇنلىرى ئوينىلىدۇ. ئوغۇللار تال چىۋىقتىن پۈرگۈچ، سۇناي چىقىرىپ ئوينىسا، قىزلار تال چىۋىقتىن جالا چىقىرىپ چاچلىرىغا ئېسىپ باھار قىز بولۇپ ياسىنىپ ئوينايدۇ. قىسقىسى، كىشىلەر باھار بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ئويۇنلارنى ئويناش ئارقىلىق باھارغا بولغان سېغىنىشىنى ئىپادىلەيدۇ.
      نەۋرۇز كۈنى نەۋرۇز ئېشى ئېتىلىدۇ. نەۋرۇز ئېشىنىڭ ئۈندۈرمىسى پەقەت بۇغدايدىنلا تەييارلىنىدۇ. بۇغداينى ئۈگۈت قىلىپ بولغاندىن كېيىن تەڭ`نىگە سېلىپ سۇدا بىر قانچە قېتىم پاكىز يۇيۇپ، سۈيىنى ساقىتىپ ئۆينىڭ ئىسسىقراق جايىغا قويۇپ بىخلاندۇرىدۇ. ئۈندۈرمە تەييار بولغۇچە پۇراپ قالماسلىقى ئۈچۈن بىر نەچچە قېتىم سوغۇق سۇدا چايقىلىدۇ. ئۈندۈرمە بىر يېرىم سانتىمېتىر ئۆسكەندە بىخلاندۇرۇشتىن توختىتىلىدۇ. بۇ چاغدا ئۈندۈرمىدە شېكەر ماددىسى كۈچىيىپ، ئاجايىپ تاتلىق بولۇپ كېتىدۇ. ئۈندۈرمە تەييارلانغاندا بىخى يېشىلداپ قېلىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. ئەگەر بىخ يېشىلداپ قالسا، ئەسلىدىكى تاتلىق تەمى ئاچچىققا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئۈندۈرمە تەييار بولغاندىن كېيىن ئۇنى قۇرۇتۇپ ئۇۋۇلاپ بىخ بىلەن دان ئاجرىتىلىدۇ ۋە ئاجرىتېۋىلىلنغان داندىن يارغۇنچاققا يارما تەييارلىنىدۇ. ئۈندۈرمىنىڭ تەييارلىقلىرى پۈتكەندىن كېيىن نەۋرۇز كۈنى، مەشرەپ ئۆتكۈزىلىدىغان جايغا قازان ئېسىلىپ نەۋرۇز ئېشى تەييارلىنىدۇ. مەشرەپكە كىرەلمىگەنلەر ئۆز ئۆيلىرىدە ئېتىپ يېيىشىدۇ. بۇغداي يارمىسى قايناپ، قويۇلاي دېگەندە ھېلىقى داندىن ئايرىۋېلىنغان بىخ قازانغا سېلىنىدۇ. قازاننى يەنە سۇس ئوتتا قاينىتىپ، چوكىغا ئىلىنغۇدەك بولغاندا نەۋرۇز ئېشى پىشقان بولىدۇ. مەشرەپ ئەھلى نەۋرۇز ئېشىنى قاچا ئىشلەتمەي، چوۋات ناننىڭ ئۈستىگە ئۇسۇپ چوۋات بىلەن قوشۇپ يەيدۇ.
بۇ تاماق يېڭى يىل كىرگەن كۈنى يېڭى يىلنىڭ <<تۇنجى>> بىخىدىن تەييارلانغان <<تۇنجى>> تاماق بولغىنى ئۈچۈن كىشىلەر بۇ ئاشنى <<نەۋرۇز ئېشى>> دەپ ئاتىشىدۇ.
      باھار مەشرىپىدە مېھمانلار يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن، مەشرەپ مەيدانىغا قىشىچە ئەتىۋارلاپ، ئۆيمۇ ئۆي كۆچۈرۈپ يۈرۈپ چوڭ قىلغان <<كۆك>> ئېلىپ كىرىلىدۇ. سورۇن ئاقساقىلى جامائەت ئالدىدا كۆكنى قىرقىپ، قىرقىغان كۆك بىلەن كۆك ئۆستۈرگەن قاپاقنى سۇغا ئېقىۋېتىدۇ. بۇ، <<كۆكنى كۆكلەمدىن كۆرۈڭ>> دېگەن مەنىنى بىلدۇرۇپ، باھارنىڭ ۋە كۆكنىڭ كۆكلەم بىلەن ئۇلاشقانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ. مەشرەپ بېگى كۆك مەشرەپنىڭ ئاياغلاشقانلىقى، باھار مەشرىپىنىڭ باشلانغانلىغىنى جاكارلايدۇ، <<ھاي-ھاي ئۆلەڭ>> مۇزىكا ساداسى ئىچىدە چېچىغا تال چىۋىقتىن جالا چىقىرىپ ئېسىۋالغان، بېشىدىكى تال چىۋىقتىن ياسالغنا چەمبەرنىڭ ئەتراپىغا باھار چىچەكلىرىنى قىستۇرىۋالغان، تال چىۋىقتىن ياسالغان سېۋىتىگە باھار چېچەكلىرىنى سېلىۋالغان، پەرىزاتتەك گۈزەل، ئوماق بىر قىزنى باھارنىڭ سىمۋولى قىلىپ مەيدانغ ئېلىپ كىرىدۇ ۋە پۈتكۈل جامائەت باھارنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكى ئالقىشلايدۇ.
بۇنىڭ كەينىدىن چاق ئۇسولى ئوينىلىدۇ.
       چاق ئۇسولىنى ئورۇنداشتا، يارىيار ھارۋىنىڭ ئىككى چاقى ئوقى بىلەن قوشۇپ چىقىرىۋېلىنىپ، بىر چاقنى مىدىرلىماس قىلىپ يەرگە كۆمىدۇ، يەنە بىر چاقىنى ئاسمانغا قارىتىدۇ. ئاسمانغا قارىتىلغان چاق ئۈستىگە چاچلىرىغا جالا ئېسىۋالغان، بېشىغا چوكان تالدىن باش چەمبەر كىيىۋالغان، باش چەمبەرگە باھار چېچەكلىرى قىسىۋالغان باھار قىزى چىقىپ مۇرەككەپ، لېكىن نەپىس ئۇسول ھەركەتلىرى ئارقىلىق تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان بەركىتىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى جاكارلايدۇ. ئۇسۇل ھەركىتىگە ئەگىشىپ، چاق ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇسۇلچىنىڭ چاقماقتەك تېز ۋە نەپىس ھەركىتىدىن پۈتكۈل سورۇن لەرزىگە كېلىدۇ.
        چاق ئۇسسۇلى ئورۇندىلىپ بولغاندىن كېيىن مەشرەپ باشلىنىپ، ئاتاقلىق خەلق ئۇسۇلچىلىرىدىن بىرى مەيدانغا چۈشۈپ خۇشخۇي تەبەسسۇمى ۋە لەرزان، يېقىملىق ئۇسۇلى بىلەن كۆپچىلىكنى ئۇسۇلغا تارتىدۇ. مەشرەپ ئەھلى بەس-بەس بىلەن مەيدانغا چۈشۈپ، ئۆز ماھارەتلىنى كۆرسىتىدۇ، قىقاسچىلار ئۇسۇلچىلارغا بارىكاللا ئېيتىشىپ، بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى قىقاس توۋلىشىدۇ، بۇ چاغدا پۈتكۈل مەيدان يېقىملىق مۇزىكا، لەرزان ئۇسۇل، جاراڭلىق قىقاس قوشۇلۇپ قاينام تاشقىنلىققا تولىدۇ. مەشرەپ شۇ تەرىقىدە بىر دەم داۋاملاشقاندىن كېيىن ئۇسۇل ئويناش توختىتىلىپ، خەلق سەن`ئەتچىلىرىنىڭ ئورۇندىشىدا شىرە ئۇسۇلى باشلىنىدۇ.
شىرە ئۇسۇلى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي ئەنئەنىۋى ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، <<شىرە>>دە ئۇسۇل ئويناۋاتقان بىر جۈپ قىز يىگىتنىڭ ئۇسۇل ئوينىغاندا بىر-بىرىگە تېگىشىپ كەتمەسلىك شەرتى ئاستىدا، ئەدەپ-ئەخلاق بىلەن بىر-بىرىگە مۇھاببەت ئىزھار قىلىشى مەزمۇن قىلىنغان ئۇسۇلىدۇر.
بۇ مەشىرەپتە چاق ئۇسۇلى، شىرە ئۇسۇلى ئات ئۇسۇلىدىن باشقا يەنە قارا چىراق ئۇسۇلى، تۆگە ئۇسۇلى، توخو ئۇسۇلى، غاز ئۇسۇلى، شەيتان ئۇسۇلى قاتارلىق ئۇسۇللارمۇ ئورۇندىلىدۇ. بۇ ئۇسۇللار شەكلى ھەر خىل سيۇزىتلىق بولۇپ، كىشىلەرگە ئېستېتىك زوق بېغىشلايدۇ.
     يوقۇرقى نومۇرلار كۆرسىتىلىپ بولغنادىن كېيىن يەرلىك سازلار بىلەن مەشىرەپ داۋاملىشىدۇ. سازەندىلەر قىزغىن، يۇقىرى كەيپىياتتا نۆۋەت ئالمىشىپ ساز چېلىپ، مەشرەپنى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتىرىدۇ.
       بۇ چاغدا <<نەۋرۇز ئېشى >>مۇ پىشىدۇ. مەشرەپ بېگى جامائەتنى <<نەۋرۇز ئېشى>>غا تەكلىپ قىلىدۇ. مەشرەپ مەيدانىغا داستىخان سېلىنىدۇ، مەشىرەپكە كەلگەن ئاياللار ئۆزلىرى ئېلىپ كەلگەن چوۋاتنى داستىخانغا قويىدۇ. <<نەۋرۇز ئېشى>>نى چوۋاتلار ئۇستىگە ئۇسۇپ، جاما`ئەتنىڭ ئېغىز تېگىشىگە سۇنىدۇ. داستىخاندىن ئورۇن تەگمىگەنلەر ئۆز ئورۇنلىرىدا تۇرۇپ يېيىشىدۇ. مەشرەپكە كەلگەن پۈتكۈل مېھمان يېڭى يىلنىڭ تۈنجى تامىقى <<نەۋرۇز ئېشى>>غا ئېغىز تېگىدۇ. ئاش يىيىلىپ بولغۇچە كۈنمۇ پاتىدۇ، مەشرەپ بېگى گۈلخانغا ئوت يېقىش بۇيرىقى بېرىدۇ.
گۈلخان غەلبە ۋە يورۇقلۇققا سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، يورۇقلىقنى سېغىنىش، يېڭى يىلغا ئامان-ئېسەن ئۆتۈش، يېڭى يىلنىڭ مول ھوسۇللۇق يىل بولىشىنى ئۈمىد قىلىش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. مەشرەپ بېگى ئوت يېقىش بۇيرىقى بەرگەندىن كېيىن، يۇرت چوڭلىرىدىن ئىككىسى گۈلخانغا ئوت ياقىدۇ. ئوت يېقىش بىلەن تەڭ ناغرا-سۇناي ياڭرايدۇ، پۈتكۈل مەشرەپ ئەھلى گۈلخان ئەتىراپىغا ئولىشىپ گۈلخاننى ئايلىنىپ ئۇسۇلغا چۈشىدۇ، كونا يىلدىن ئامان ئېسەن ئۆتۈپ، يېڭى يىلغا قەدەم باسقانلىقىنى تەبرىكلىشىدۇ، يېڭى يىلدا گۈلخاندەك يېنىپ، غەيرەت-شىجائەت بىلەن ئىشلەپ، تېخىمۇ كوپ ھوسۇل ئېلىشنى ئۈمۈد قىلىشىدۇ. مەشرەپ ياڭراق ناخشا-ئۇسۇل ساداسى ئىچىدە ئاخىرلىشىدۇ.
 

 
مەنبە:مىراس ژورنىلى 2002.02 ساندىن ئېلىندى

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+10(sebir) ئەجرىڭىزگە ر ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-04-08 22:50 |
    budunya
    ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 5764
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 619
    شۆھرەت: 3141 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 3143 سوم
    تۆھپە: 1879 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1880 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 582(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    قومۇلنىڭ ھەرقانداق مەشرىپىنى ماختاشقائەرزىيدۇ،
    ياخشى تېما ئېۋەتىپسىز، رەخمەت!
    lutun
    ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-09 03:04 |
    پەرۋاز
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6529
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 32
    شۆھرەت: 160 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 170 سوم
    تۆھپە: 96 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 96 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 34(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-16
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

         ناھايىتىمۇ ئەتىراپلىق ، تولۇق ۋە ئەھمىيەتلىك يېزىلغان تېما ئىكەن ! تولىمۇ ئەپسۇس ،  مۇشۇنداق تولۇق ، مۇكەممەل ئوينىلىدىغان مەشرەپلەر ، ئىچى كۈچلۈك قەلەم ئىگىلىرىمىزنىڭ يازمىلىرىدىلا ساقلىنىپ قېلىپ ، رېئال تۇرمۇشىمىزدىن يوقۇلۇپ بارماقتا ...
        تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت !!!          
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-09 14:54 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    Bagdax bbs » ئادەت قېرىماس