ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى a.kaxkiriyدە2012-04-09 23:21يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئۇيغۇر تورلىرىدا كاللىسى جايىدا ئادەملەرمۇ بار ئىكەن
بۇ ماختىغىنىڭىزمۇ ؟ رەھمەت سىزگە ...
بىر قىسىم دوستلىرىمىز بۇ سەنئەتكارىمىزنىڭ ناخشىلىرىنى تولۇق ئاڭلىمايلا پىكىر قىلغاندەك قىلىدۇ . ئالدى بىلەن ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن ھەممىنى تولۇق ئاڭلاپ ، بۇ سەنئەتكارنىڭ قايسى تەرىپىدىن زوقلىنىمىز ، قايسى تەرەپلەردىن ئىلھام ئالىمىز ... ئويلىنىپ باقايلى .
ئەگەر بىز داۋاملىق بىخوت ، ھورۇن ، كۆرەلمەس ... بولساق ، ئۇلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ ، ئۆزىمىزنى ۋە ئەۋلاتلىرىمىزنى ئەتراپلىق يېتىلدۇرمىسەك ، تولۇقلىمىساق ئۆزىمىزنىڭ مۇقامىمىزغىلا ئەمەس بارلىقىمىزغا ئىگە بولالماي قالىمىز ! بۇ تېمىنى يوللىغان دوستىمىزدىن بەك خۇش بولدۇم . رەھمەت سىزگە !
بۇ تېمىدىكى باشقا مىللەت تۇرۇپ مانا موشۇنداق ھەممە مىللەتنىڭ مەدەنىيەت - سەنئىتىنى ۋايىغا يەتكۇزۇشكە تىرىشقانلىق روھى بىزنى چوقۇم قايىل قىلىشى ، ئويلاندۇرىشى كېرەك!! ھەممە ئىشتا ئەجىر قىلماي ۋايساش ، ئەيىبنى ئۆزىمىزگە قويماي، باشقىلارغا ئارتىپ قويۇش بىزگە ئادەت بولۇپ قالمىسۇن !
ئاخىرىدا ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان كۆپ خىل ماھارەت ئىگىلىرىگە ، بىلىم پېشىۋالىرىغا ھۆرمەت بىلدۇرىمەن !