murad lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
بۇ تېما 496 قېتىم كۆرۈلدى
بۇلاق
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5169
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 82
شۆھرەت: 616 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 626 سوم
تۆھپە: 326 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 335 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 225(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئىمپىراتورنىڭ سىرى...

ئىمپىراتورنىڭ سىرى...





         رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئىمپىراتور ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ ئىككى مۈڭگۈزى بار ئىمىش...شۇڭا ئۇ ھەر قېتىم چېچىنى ئالدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۆز سىرىنىڭ پاش بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ساتىراشلارنى ئۆلتۈرەر ئىكەن...كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ يەنە چېچىنى ئالدۇرۇپتۇ. بۇ ساتىراش ناھايىتى ئۇستا بولۇپ،ئۇنىڭ چېچىنى چىرايلىق ئېلىپ قويۇپتۇ. پادىشامۇ خۇش بولۇپتۇ ۋە شۇنداق دەپتۇ:
-ئەي، ساتىراش، ھۇنىرىڭ خېلى بولىدىكەن،ئەمما سەن سىرىمنى بىلىپ قالدىڭ، ئەگەر مېنىڭ سىرىمنى ساقلىيالىساڭ، چېچىمنى داۋاملىق سەن
ئالىسەن، ئەگەر باشقىلاررغا تىنىپ قويساڭ، كاللاڭنى قولتۇقىڭغا قىستۇرۇپ قويىمەن!...
  -ئەي، ئۇلۇغ شاھىم -دەپتۇ ساتىراش غال-غال تىترەپ تۇرۇپ،- بىر قوشۇق قېنىمدىن كەچكەيلا ، سىرلىرىنى چوقۇم ساقلايمەن.
شۇنداق قىلىپ بۇ ساتىراش پادىشانىڭ چېچىنى داۋاملىق چۇشۇرىدىغان بولۇپتۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئاغزى قىچىشىپ، ئۇنى ھېچ ئارامىدا قويماپتۇ...
بۇ سىرنى باشقىلارغا دەي دىسە، كاللىسىنىڭ كېتىشىدىن قورقۇپتۇ...كۇنلەر ئۆتۇپتۇ، بىر كۇنى ئۇ جاڭگالغا چىقىپتۇ، قارىغۇدەك بولسا بىر يەردە بىر قۇدۇق تۇرغۇدەك، ئۇ قۇدۇقتىكى ئۆز سايىسىگە قاراپ:
   -ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى باركەن! ئىسكەندەرنىڭ مۇڭگۈزى باركەن!...-دەپ قاتتىق ۋاقىراپتۇ.ھەمدە كۆڭلى ئارام تاپقاندەك بولۇپ قايتىپتۇ.
كۇنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ يەنە جاڭگالغا چىقىپ قارىغۇدەك بولسا، قۇدۇق ئىچىدىن قۇمۇش ئۈنۈپ چىقىپتۇ. ئۇ قۇمۇشنى كېسىۋېلىپ، شەھەرگە كىرگىچە، بىر دانە نەي ياساپتۇ ۋە قىن-قىنىغا پاتماي نەينى پۇرۇپتۇ . نەيدىن شۇنداق سادا چىقىپتۇ:
  -ئىسكەندەرنىڭ قوش مۈڭگۈزى باركەن!... شۇنداق قىلىپ بۇ خەۋەر بىر دەمدىلا شەھەرگە پۇر كېتىپتۇ...
دەرغەزەپكە كەلگەن پادىشا ئۇنىڭ كاللىسىنى ئالغۇزۇپتۇ...
  بۇ رىۋايەتكە باغلاپ تۆۋەندىكىلەرنى دىگۇم كەلدى:

    1.سىر ساقلاشنى بىلىڭ.بىزدە كاللاڭ نەدىن كېتىدۇ؟ ئاغزىڭدىن دىگەن ھىكمەت بار.
   
   2.ھە دىسىلا باشقىلارغا سىر بەرمەڭ. كېيىن پۇشايمان يىمەيسىز.

   3.سىياسونلارنىڭ سىرىنى بىلىشكە ئالدىرىماڭ. ھەسرەتتە قالمايسىز.

   4.دوست سىرىنى ساقلاڭ. دوستلىقىڭىز كۇچۇيىدۇ.

   5.دۈشمەن بولسىمۇ سىر ساقلاڭ. ئۇمۇ دوستقا ئايلىنىشى مۈمكىن.

   6. تاملاردىمۇ قۇلاق بار...



 
مەنبە: ئەل. 


     
تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-09, 19:16
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-04-09 17:50 |
mahtumsula
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6649
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 12 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 12 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىزدە<<سىرنىڭ ساندۇقى كۆڭۈل،ئاچقۇچى تىلدۇر>> دىگەن سۆز بار ،سىرلىرىمىزنى باشقىلارغا بىلدۈرۈپ قويۇش،ياكى باشقىلارنىڭ سىرىنى ئېچىش ياخشى ئىش ئەمەس..مانداقچە ئېيتقاندا باشقىلارنىڭ سىرىنى ئېچىش غەيۋەت جۈملىسىگە  ياتىدۇ....ئەھمىيەتلىك تېمىڭىزغا تەشەككۈر....
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-09 19:48 |
yalghuz2
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6560
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
شۆھرەت: 62 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 62 سوم
تۆھپە: 35 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 38 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەھمىيەتلىك ياخشى تېما ئىكەن، رەخمەت.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-10 04:42 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » دۇنياغا نەزەر