يۇرتۇم سەن قومۇل
قەلبىمدىن ئورۇن ئالدىڭ يۇرتۇم سەن قومۇل،
يۈرەككە ھوزۇر بەردىڭ يۇرتۇم سەن قومۇل.
ئون ئىككى تاغمۇ سەندە ئىدى بىھىش سانالغان،
پالۋانلار يىغىلغان جاي يۇرتۇم سەن قومۇل.
باغداش ھەم سەرۋەڭ دەپ كۈيلەپ ناخشامدا،
ياد ئەتتىم ئانا دىيارىم يۇرتۇم سەن قومۇل.
ئەۋلاتلار كەلگۈسى بىلەن بەرگۈسى جاۋاپ،
سىڭدۈرگەن ئەجرىڭگە يۇرتۇم سەن قومۇل.
داڭقى بىلەن تارالدى شەھەر-شەھەرگە،
سەن بەرگەن بايلىقلار يۇرتۇم سەن قومۇل.
ئىسمىدۇر ئۇنىڭكى چىلان ھەم قوغۇن،
رەھمەت بىلەن جانلانغىن يۇرتۇم سەن قومۇل.
ھېيىت-ئايەم كەلگەن ئاشۇ كۈنلەردە،
جەم قىلىسەن بىزلەرنى يۇرتۇم سەن قومۇل.
ئۇرۇق-تۇققان،ياربۇرادەر،ئۈلپەتلەر،
نەزمە قاتتى كۈيلەپ سېنى يۇرتۇم سەن قومۇل.