ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 37قەۋەتتىكى bahdax@ohliدە2012-04-16 16:04يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھەي ناھايتى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بوپتۇ، مەنمۇ كۆرگەنتىم شۇ گۇمانلىنىپ قالغان، قومۇل خەلقى شۇنچە سەنئەت خۇمار خەلق ئىدى، قارىسام سەنئەتكە قاتناشقان ئادەم ئىنتايىن ئاز، كۆزگە كۆرۈنگەن خەلق ياقتۇرغان مەخمۇت ئابلىز، سۇدىيە ئاي، توختى بەكرى قاتارلىق سەنئەتچىلەر قاتناشقان بولسا،خەلق رازى بولغان ئىدى.
توغرا دەيسىز !
مەخموت ئابلېز پىشقەدەم مۇقام سەنئەتكارى ، بۇ كىشىنى تەكلىپ قىلمىغان ، سودىيە مەخموت ھازىر ئاپتونوم رايون سەھنىلىرىدە قومۇل خەلق مۇقاملىرىنى ئۆزگىچە ئاۋازى بىلەن ئورۇنلاپ ھەممە كىشىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن تونۇلغان ، يېتىلىۋاتقان ئىستىقباللىق ناخشىچى ، مانا مۇشۇنداق كەلگۈسى پارلاق ، قومۇل مۇقاملىرى ئىجراچىسىنىڭ تەكلىپ قىلىنمىغانلىقى ئەپسوسلىنارلىق ئىش بولدى ،
سودىيە ھازىر ئاپتونوم رايوندىكى خېلى چوڭ كېچىلىكلەرگە ئالاھىدە تەكلىپلەر بىلەن قاتنىشىدىغان سەنئەتكار تۇرۇپ ئۆز يۇرتىنىڭ مەشرىپىگە تەكلىپ قىلىنمىغانلىقى كىشىنى ئەپسوسلاندۇرىدۇ .
يوقىرىقى توردىشىمىز ئېيتىپ ئۆتكەن توختى بەكرى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپىرا تىيارىنىڭ غوللۇق ئارتىسى ، ئۇسۇل ئەتىرتىنىڭ باشلىقى ، ياش يېتىلۋاتقان ئارتىس ، توختى بەكرى روزى ھېيتلىق ، قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكلىرىدىكى ئەڭ يارقىن ئۇسۇللۇق نومۇرلاردا نومۇر كۆرسىتىپ كەلگەن ،
شۇنداقلا لوپنور مەشرىپىنى كۆرگەنلەر بىلىشىڭلەر مۇمكىن :لوپنور مەشرىپىدە تەييارلىق خىزمىتى ۋاقتىدا لوپنور سەنئەت ئىدارىسى توختى بەكرىنى بۇ قېتىمقى مەشرەپكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان ، نەتىجىدە لوپنور مەشرىپىدىكى باشتىن -ئاخىر مەشرەپتىكى باش رولنى ئېلىپ چىققان .
مانا مۇشۇنداق بىر ئارتىسمىزنىڭ بۇ قومۇلدا نورۇز مەشرىپىگە تەكلىپ قىلىنمىغانلىقى يەنە بىر ئەپسوسلىنارلىق ئىش !
ئىشقىلىپ ، قومۇل دىيارىدە تۇغۇلۇپ ئاپتونوم رايون سەھنىلىرىدە چاقناۋاتقان سەنئەتچىىلىرىمىزنى تەكلىپ قىلمىغانلىق رەھبەرلەرنىڭ ، مەسئول گۇرۇپپىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقى !