ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئاساسى ماھارەت
كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
4- ئاينىڭ 5 كۈنى غۇلجا شەھەرلىك 5- باشلانغۇچ مەكتەپ بايرام تۈسىنى ئالدى .
بۇ كۇنى غۇلجا شەھەرلىك 5- باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئەدەبىيات گۇرۇپپىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئارا ئانا تىل ئوقۇتۇشىدىن ئاساسى ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى. مۇسابىقىغە تىل ئەدەبىيات گۇرۇپپىسىدىن 18 ماھىر قاتناشتى. 6 يىللىق تۈرى بويىچە 6 گۇرۇپپىغا بۆلۇندى. مۇسابىقە ئاساسى ماھارەت كۆرسىتىش ۋە سەنئەت قابىلىيتىنى نامايەت قىلىشتىن ئىباررەت 2 چوڭ تۈر بويىچە ئېلىپ بېرىلىدى. مۇسابىقىنى ھەر قايسى مەكتەپلەردىن كەلگەن 100 گە يېقىن ئوقۇتقۇچى كېلىپ كۆردى.
مۇسابىقىدە ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىلىرىنىڭ كەسپى قابىلەت بىلىملىرىنى نامەيەت قىلىپ ئۆز -ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرسا يەنە ئوقۇغۇچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ نادىر سەنئەت نومۇرلىرى تەييارلاپ ، كۆرسىتىپ ئۆز قابىلىيىتىنى نامەيەن قىلىش بىلەن بىرلىكتە ئانا تىلغا مەدھىيە ئوقۇدى. ئانا تىلنىڭ جەزبىدارلىقى ۋە ھاياتىمىزنىڭ يادرۇسى ئىكەنلىگىنى كەڭ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇلارغا يەنە بىر قېتىم نامەيەن قىلدى .
تۆۋەندىكىسى پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر .
رىياسەتچى پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلماقتا
ماھىرلار سالام بېرىپ مۇسابىقە كىرمەكتە
ماھىرلار سورالغان سوئاللارغا جاۋاپ بەرمەكتە
غۇلجا شەھەرلىك ئوقۇتۇش تەقتىقان ئىشخانىسى تىل - ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئۇمىد يۈسۈپ باھا سۆزى قىلماقتا
ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىپ ئانا تىلنى مەدھىيىلىمەكتە
يىغىن ئىشتىراكچىلىرى مۇسابىقە كۆرمەكتە
ماھىرلارنى مۇكاپاتلاش ئېلىپ بارماقتا
مەكتەپ مۇدىرى ئىليار ئەپەندىن خۇلاس سۆزى قىلماقتا
مۇسابىقىغە چۈشكەن ماھىرلار خاتىرە رەسىمى