ئاتا-ئانا
ئاپتورى: ئېلىجان قېيىم(چىلان)
تۇغۇلغاندا بۇ دۇنياغا كۆزيېشىم بىلەن،
ئىللىق چىراي قارشى ئالدىڭ پاسىبان ئاتا.
قۇچىقىڭغا ئېلىپ مېنى ئەللەيلەر ئېيتىپ.
سۆيگەن ئىدىڭ پىشانەمگە جانىجان ئانا.
تىلىم چىقىپ چاقىرغاندا ئاتا ئىسمىڭنى،
خوشال بولدۇڭ ئوغلانىڭدىن پەخىرلىنىپ سەن.
شۇڭا قىلدىڭ ھازىرغىچە بەختىمنى تىلەپ،
ھەر بىر ئاشۇ نامىزىڭدا دۇئايىڭنى سەن.
كېىچىلىرى يىغلاپ كەتسەم مېھرىبان ئانا،
ئاق سۈت بېرىپ بەزلەر ئىدىڭ ئۇخلا بالام دەپ.
ئۆزۈڭ يېمەي بەرگەن ئىدىڭ گۆشلەرنى چايناپ،
شۇڭا يۈردۈم ئەتراپىڭدا خوشال ئۆمىلەپ.
يىتىپ قالدىم بىر يىل ئۆتۈپ مېڭىش يېشىغا،
ئويناپ يۈردۈم ھويلىلاردا نەچچە يىقىلىپ.
ئانا كەلدىڭ ھەر بىر قېتىم يىقىلغىنىمدا،
يۈرۈگۈڭ ئاغرىپ يۈگۈرۈپ سەن دېمىڭ سىقىلىپ.
ئات قىلىپ مىنەر ئىدىم ئاتا مەن سېنى،
تاپالمىغاچ ئوينايدىغان باشقا بىر ئويۇن.
شۇنداقتىمۇ خوشال ئىدىڭ كەلگىن ئوغلۇم دەپ،
بىر تەرەپتىن ئۆگەتكەچ ئەدەپ ھەم يوسون.
مەنبە: ئۆزۈم