saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
بۇ تېما 1878 قېتىم كۆرۈلدى
tahdirdax
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6721
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 40 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 35 سوم
تۆھپە: 21 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 21 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئىۋىرغول چېچەكلىرى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما duttarqi تەرىپىدىن چوققىلاندى(2012-04-11)
ئىۋىرغول چېچەكلىرى
------------------------------------------------------------
سىنارىست—ئەمەت ئىمىن
1
كۈندۈز،قۇمۇل شەھىرى،ئاۋات كوچىلاردا كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللار،قەد كۆتەرگەن ئېگىز بىنالار،كېتىۋاتقان مەدەنىي ئادەملەر،قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسى،مۇقام سارىيى، قەدىمىي سېپىل،تۇرلار،قەيىس غوقام مازىرى،قارلىق تاغلار،ئاقتاش مەنزىرە رايونى،قوغۇنچى قىز ھەيكىلى،لىڭشەن توكلۇق تاتما،
مەكتەپ دەرۋازىسى،توكلۇق دەرۋازا كىچىك ماشىنلار كەلگەندە ئېچېلىپ يېپىلىدۇ،مەكتەپ قورۇسى،ۋەلىسپىت ۋە ماشىنا قويۇش ئورۇنلىرى،ئوقۇتۇش بىنالىرى(ۋاقتى ياز پەسلى،بۇ مەنزىرلەر كۆرسىتىلىش جەريانىدا كۇچلۇك يەرلىك پۇراققا ئىگە قۇمۇل مۇقاملىرىدىن مۇزىكا بىرلەشتۈرۈلىدۇ).


2
كارىدوردا سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلەرگە جاۋاپ بېرىش ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ ،ئارقىدىنلا دەرستىن چۈشۈش ، قوڭغۇرىقى چېلىندۇ.ئوقۇغۇچىلار،فورمىلىرىنى رەتلىك كەيگەن،كىتاب ۋە سومكىلىرىنى كۆتۈرۈپ،تارتما بىلەن ئاستىنقى پەلەمپەيگە چۈشۇپ كېتىدۇ.غۇنچەم، 18ياشلاردا،پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ كىتاب كۆرگەچ يالغۇز قالىدۇ.ئاسىيە ،18ياشلاردا سومكىسىنى ئىككى مۈرىسىگە ئاسقان ھالەتتە،ئىشىكنى قىيا ئېچىپ،بوينىنى سوزۇپ سىنىپ ئىچىگە كۈلۈپ قارايدۇ، بۇنى غۇنچەم سەزمەيدۇ.ئاسىيە، پۇتىنىڭ ئۇچى بىلەن يەڭگىل دەسسەپ كېلىپ،غۇنچەمنىڭ كۆزىنى كەينىدىن كېلىپ،ئاستا ئىككى قولى بىلەن ئېتىۋالىدۇ.غۇنچەم:كىمسەن؟مۇشۇنداق چاغدىمۇ ئادەمگە چاقچاق قىلىپ.ئاسىيە، تاپقىنە قېنى؟‹‹تارغاققمۇ-سۈزگۈچمۇ؟››غۇنچەم:تاپتىم،سەن ئاسىيە بولماي يەنە كىم بولاتتىڭ ؟ غۇنچەم ئىككى قولى بىلەن ئاسىيەنىڭ قولىنى يەڭگىل ئاجىرتىدۇ ،ئورنىدىن ئاستا تۇرىدۇ.ئاسىيە،غۇنچەمنىڭ بوينىغا قولى بىلەن گىرە سېلىپ ،دوستۇم غۇنچەم ساڭا سەككىز سائەت ئۆگىنىش ۋاقتى يەتمىدىمۇ؟ سەن ھەقىقەتەن‹‹كىتاب خالتىسى››-دە.غۇنچەم،ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن،ئۇنداق دېمە؟بىز بۇ شەھەردىن تولىمۇ يىراق يېزا-سەھرادىن،بۇ مەركىزى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كېلىپ،تىرىشىپ بىلىم ئىگەللەپ ئاتاقلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈپ ئۆزىمىزنىڭ،جاپاكەش ئاتا-ئانىمىزنىڭ،سۆيۈملۈك ئۇستازلىرىمىزنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش نى ئۆزىمىزگە،نىشان قىلغان ئەمەسمۇ؟غۇنچەم:كېلە ئاسىيە ماۋۇ ئۇرۇندا ئولتۇرە،ئككىمىز بىرگە تەكرار قىلايلى دەپ،ئاسىيەنى يېنىدىكى بوش ئورۇنغا تەكلىپ قىلىدۇ.ئاسىيە:بولدى ،ئاۋارە بولما،ئالىي مەكتەب ئىمتىھانىغا يەنە ئىككى ئاي ۋاقىت بارغۇ ؟مېنىڭ سىرتتا ئازاراق ئىشىم بارتتى،خوش- دەپ،قول ئىشارىتى قىلىپ،سومكىسىنى بىر قولى بىلەن ئوينىتىپ،چىقىپ كېتىدۇ.غۇنچەم بېششىنى يەڭگىل چايقاپ كىتاپ كۆرۈشكە كىرىشىپ كېتىدۇ.


3
كۈندۈز،يېزا يولى، ئۈچ چاقلىق موتوتسىكىلىت ۋە ھارۋىلاردا دېھقانلار پۇتىغان ئۈزۈم شاخلىرىنى توشىۋاتقان،كەڭرى ئۈزۇمزارلىق،غۇنچەمنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۈزۈم باراڭلىرىنى تەڭشەپ، ياۋا شۇڭلارنى چاتتىماقتا.غۇنچەمنىڭ دادىسى،50ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان،بۇرۇت- ساقاللىرى خېلىلا ئۆسۈپ قالغان،يۈز،پىشانىلىرىگە قورۇق چۈشكەن،بېشىگە قۇمۇل دوپپىسى كېيگەن،كۆڭلەكنىڭ يېڭىنى بىر قاتلىغان،پوتىنىڭ ئىچىگە تىقمىغان،پۇشقاقنى بىر قاتلىغان،بەللىرى سەل ئىگىلگەن   ھالەتتە.غۇنچەمنىڭ ئاپىسى،45ياشلاردا،بېششىغا گۈللۈك ياغلىق چەككەن،چېچىنى ئىككى تال قىلىپ ئۆرىگەن،ئۇزۇن كۆينەك كېيگەن ھالەتتە.دادىسى چاتىغان شۇڭلارنى قىر بېشىغا يىغىدۇ.غۇنچەمنىڭ ئانىسى قىر بېشىدا تۇرغان قاۋاقتىن بىر پىيالە ئۇسسۇزلۇقنى ئېلىپ،دادىسى ماۋۇ ئۇسسۇزلۇقنى ئىچىۋالسىلا بەكمۇ، چارچاپ  كەتتىلە -دەپ ئۇسسۇزلۇقنى ئىككى قوللاپ سۇنىدۇ.غۇنچەمنىڭ دادىسى قارچىنى قىر بېششىغا قويۇپ،پىشانىسىدىكى تەر تامچىلىرىنى يېڭى بىلەنلا سۇرتۇپ تاشلام،بىر قولى بىلەن ئۇسسۇزلۇقنى ئېلىپ،بىر قېتىمدىلا پىيالىنى قۇپ-قۇرۇق قىلىپ قويىدۇ.غۇنچەمنىڭ ئانىسى يەنە قۇيۇپ بېرەيمۇ دەپ قاۋاقنى پىيالىگە توغۇرلايدۇ.غۇنچەمنىڭ دادىسى،چوڭ-چوڭ نەپەس ئېلىپ،رەخمەت ئانىسى،بەرگەن ئۇسسۇزلۇقۇڭلار يۈرەككە بارغان بولسىمۇ،بىچەرە قىزىمنى تولىمۇ سېغىندىم،كۈنلىرىنى قانداقمۇ ئۆتكۈزۋاتقاندۇ -دەپ ئەنسىرەپلا تۇرىمەن.غۇنچەمنەڭ ئانىسى:ئارتۇقچە ئەنسىرەپ كەتمىسلە،سالامەتلىكلىرىمۇ دېگەندەك ياخشى ئەمەس،ئۆزلىرىنى ئايىسلا دادىسى،كونىلاردا‹‹ئوقۇغان ئوغۇل،ئاتىدىن ئۇلۇغ››دېگەن گەپ بار.بالىمىز گەرچە قىز بولسىمۇ،ئوغۇللارغا خاس جاسارەت بار.شۇنداق ئانىسى دەپ،يەنە ئۈزۈم تاللىرىنى تۈزەشتۈرۈپ، قايچىنى قولىغا ئېلىپ ئىشقا كىرىشىپ كېتىدۇ.


4
سىنىپ ئىچى،ئوقۇغۇچىلار  دىققەت بىلەن دەرس ئاڭلاۋاتقان،تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس ئۆتمەكتە.ئوقۇغۇچىلار بىر خىل فورما كىيگەن،رەتلىك كىيىنگەن 40ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان ئەر ئوقۇتقۇچى، مۇلايىم قىياپەتتە،ساۋاغداشلار،ئۈزۇى تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىقى نەچچە تۈرگە بۆلىنىدۇ؟ئوقۇغۇچىلار بىردەك ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ- دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.ئوقۇتقۇچى ئۇلار قايسىلار؟دەپ سورايدۇ.ئوقۇغۇچىلار جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىششى ۋە جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىششى -دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.ئوقۇتقۇچى جارڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلارنى بىلەمسىلەر؟ ئوقۇغۇچىلار بىلىمىز- دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.ئوقۇتقۇچى:ئۇنداق بولسا،قايسى قوشۇمچىلار ھەر ئىككى جەھەتتىن ماسلىشىپ كېلىدۇ؟سىنىپ ئىچى جىمجىتلىققا چۆكىدۇ.ئوقۇغۇچىلار،ئانچا- مۇنچە مۇنازىرە قىلىپ باقىدۇ.سىنىپتىن يەنىلا جاۋاپ چىقمايدۇ.ئاخىرىدا غۇنچەم،مۇئەللىم بۇ سۇئالغا مەن جاۋاپ بېرىپ باقاي دەپ قولىنى ئۈستەل ئۈستىگە قويىدۇ.ئوقۇتقۇچى  قېنى ئەمىسە ،بۇ سۇئالغا ساۋاغدىشىڭلار غۇنچەم جاۋاپ بېرىپ باقسۇن.غۇنچەم ،ئورنىدىن ئاستا تۇرۇپ ‹‹نىڭ،نى،لىق لىك،لۈك،لىك،لار،لەر،لا،لە،ما،مە،سا،سە››دەپ قول بارمىغى بىلەن ساناپ بېرىدۇ.ئوقۇتقۇچى ناھايتى ياخشى جاۋاپ بەردىڭىز دەيدۇ.ئوقۇغۇچىلار چاۋاك چالىدۇ.

                                                                                          5

كۈندۈز، مەكتەب مەيدانى،ئوقۇغۇچىلار ۋاسكىتبول،ۋالىبول ،پۇتبول،تىكتاك توپ،چويلا توپ ئوياناتقان،ئوقۇغۇچىلار ئۆز كەسپىگە لايىق فورما كىيگەن.پەقەت غۇنچەم يېشىل چىملىق ئىچىدىكى سۆگەت تۈۋىدە پۈتۈن دىقىتى بىلەن كىتاپ كۆرىۋاتقان. بىر ئازدىن كېيىن غۇنچەمنەڭ ساۋاغدىشى ئاسىيەبىرنەچچە ساۋاغداشلىرى بىلەن غۇنچەمنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈدۇ.ئاسىيە-قول ئىشارىتى بىلەن ھەي غۇنچەم ،بۇياققا كەل،تۆنۈگۈن مەن ماگىزىندىن بىر يۈرۈش كىيىم كۆرۈپ قويغانتىم ،شۇنى ئېلىپ كېلىمىز دىدى.غۇنچەم قول ئىشارىتى بىلەن ئاسىيەنى يېنىغا چاقىرتىۋالدى.ئاسىيە،خوش ياقمىغان قىياپەتتە،ئاستا قول بارماقكىرىنى ئوينۇتۇپ كېلىدۇ.غۇنچەم،قولىدىكى كىتاپنى چىملىق ئۈستىگە قويۇپ،ئاسىيەنىڭ قولىدىن تۇتىدۇ.غۇنچەم:دوستۇم ئاسىيە،بىز كىچىكىمىزدىن بىر مەھەلىدە تۇغۇلۇپ،تا بۈگۈنگە قەدەر بىر سىنىپتا ئوقۇپ كېلىۋاتىمىز.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىمىز يىراق سەھرادىن بۇ شەھەرگە ماگىزىن ئارىلاپ كىيىم ئالغىلى ئەمەس بەلكى،بىلىم ئالغىلى،ئاتاقلىق ئالىي مەكتەپ لەرنىڭ بوسۇغۇسىغا قەدەم ئالغىلى كەلدۇق.جاپاكەش ئاتا-ئاناڭنى،يۇرتۇڭنى ئۇنۇتقان ئوخشىمامسەن؟ئاسىيە:ياق،ياق ھەرگىز ئۇنتۇم قالمىدىم دەپ، غۇنچەمنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ كۆز –ياش قىلىدۇ،ئاسىيە قولى بىلەن كۆزىدىكى ياش تامچىلىرنى سۈرتكەچ خىيالغا چۆكىدۇ.


6
ئاسىيەنىڭ ئائىلىسى،تولىمۇ ئاددى،كۆرۇمسىز ئۆي.لەممىگە ئۈزۈم بارىڭى ئېسىلغان،ھويلا ئىچىدە توخولار،كەپتەرلەر كوكۇلداۋاتقان،بىر بۇلۇڭدا ئېشەك ھارۋىسى تىك ھالەتتە تۇرغان،ئېشىك ئالدىدا بىر تاكسى تۇراتتى.ئاسىيە ئەتلەس كۆينەك كېيگەن، بېشىغا گىلەم دۇپپا كېيگەن،چېچىنى ئىككى تال قىلىپ ئۆرىگەن،ئىككى مۈرىسىگە ئوقۇغۇچىلار سومكىسى ئېسىۋالغان.ئاسىيەنىڭ دادىسى 70ياشلاردا،چاچ –ساقاللىرى ئاقارغان،بېشىغا قۇمۇل دۇپپىسى كېيگەن،تىزىغا كەلگىدەك ئاق چاپان ،پۇتىغا كالاچ  كىيگەن ،ئاسىيەنىڭ يۇتقان –كۆرپىسى تېڭىلغان چوڭ بوپىنى كۆتۈرۇپ تۇراتتى.ئاسىيەنىڭ دادىسى،قولىدىكى بوپىنى يەرگە قويۇپ،ئاسىيەنىڭ بېششىنى سىلايدۇ،پىشانىسىگە سۆيۇپ تۇرۇپ،جېنىم قىزىم سەن،شەھەرگە بارغاندىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئوبدان ئوقۇغىن.ئۆزەڭ بىلىسەن قىزىم،مەن ۋە سېنىڭ بوۋاڭ بىر ئۆمۈر دىخانچىلىق قىلىپ،چاپىنىمىز تىزدىن ئاشماي كەپتۇ.يۇرتىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزەڭ كۆرۈپ تۇرىۋاتىسەن،ھەر 5يىلدا بىر بولىۋاتقان قاتتىت سوغوقنىڭ دەستىدىن ئەمدى مىيۋىگە كىرىپ ۋايىغا يەتكەن چىلان كۆچەتلىرى قىشتىن ئۆتەلمەي ئەتىيازدا تەڭدىن تولىسى كۆكلىمەيلا  تەكلىماكان توغراق لىرىدەك قۇرۇپ كېتىۋاتىدۇ.بۇيىل 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرى بىر نەچچە كۈن ياققان  يامغۇر ئائىلىمىزنىڭ تۈۋرىگى بولغان 5مو ئۈزۇملۇكتىن ھوسۇل ئالىمەن دېسەم  ئادەمنىڭ كۆزى تەككىدەك ئۈزۇملەرنى پۇتۇنلەي سېسىتىپ مېنى بىر ھەپتە دوختۇرخانىدا يېتىشقا مەجبۇر قىلىپ تاس قالدى جېنىمنى ئالغىلى دىدىدە كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار توكۈلدى.ئاسىيە سومكىسىدىن قول ياغلىقىنى ئېلىپ،ئاۋال دادىسىنىڭ،ئاندىن ئۆزىنىڭ كۆز –ياشلىرىنى سۈرتۇپ.ئاسىيە ،تەمكىن قىياپەتتە جېنىم دادا، قەلبىڭنى چۈشەندىم.مەن چوقۇم تىرىشىپ ئوقۇپ دىخان بولمايمەن.ئاسىيە دادىسىنى چىڭ قۇچاقلاپ پىشانىسىگە سۆيۈپ قويىدۇ.


 
 7
كېچە،قۇمۇل شەھىرىنىڭ كېچىلىك مەنزىرسى،قىزلار ياتاق بىناسى،بارلىق ياتاقلارنىڭ چىرىقى ئۆچۈرۈلگەن،بېيجىڭ ۋاقتى سائەت11:45مىنۇت،كارىدۇر جىمجىت.غۇنچەم بىلەن ئاسىيە كارىدوردا بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ پۈتۈن زېھنى بىلەن  تەكرار قىلىۋاتقان،ئۈستەل چىرىقى يېقىلغان.ياتاق باشقۇرغۇچى 45ياشلاردا ئايال،بېشىغا ياغلىق چەككەن،كۆينەك كېيگەن،پۇتىغا تەنتەربىيە ئايىغى كىيگەن ھالەتتە،قول چىراقنى كۆتۈرۈپ،ئاستا كېلىدۇ.ياتاق باشقۇرغۇچى:قىزلىرىم كەچ بولۇپ كەتتى،بالدۇراراق يېتىڭلار،بولمىسا ئەتىكى ئۈگىنشىڭلارغا تەسىر يىتىدۇ-دىدى.غۇنچەم-خاپا بولمىغان بولسىڭىز؟ئاچا ،يەنى ئۈچ كۈندىن كېيىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىمىز.ئازاراق ۋاقىت بەرگەن بولسىڭىز،يەنە ئازاراق ماتىريال كۆرۋالغان بولساق؟ ياتاق باشقۇرغۇچى-بولۇدۇ قىزلىرىم.غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشوڭلار،تىلەكلىرىڭلار ئىجاۋەت بولسۇن دەپ،غۇنچەم بىلەن ئاسىيەنىڭ بېششىنى يەڭگىل سىلاپ قويىدۇ.


8
6-ئاينىڭ 7-كۈنى ئوقۇغۇچىلار بىناغا ماڭىدۇ.رادىيودىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ رائىيە قىلىدىغان نۇختىلار ھەققىدە چۈشەنچە بېرىدۇ.غۇنچەم بىلەن رازىيە بىر مەيداندا پۈتۈن دىقىتى بىلەن ئىمتىھان بەرمەكتە.

                                                                                  9 

6-ئاينىڭ 9-كۈنى سىنىپ ئىچى، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10:00دا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئۆلچەملىك جاۋابلىرى ئوقوغۇچىلارغا تارقىتىلىپ بېرىلىدۇ.غۇنچەم مۆلچەر نومۇرىنى 480،ئاسىيە 420 قىلىپ بېكىتىپ چىقىدۇ.غۇنچەم بىلەن ئاسىيە توردا ئارزۇ تولدۇرىدۇ.ئوقۇتقۇچى، ياشلاردا،رەتلىك،پاكىزە كىيىنگەن.ئوقۇتقۇچى مەسلىھەت بېرىدۇ.غۇنچەم سىز «تۇڭجى ئۇنۋىرسىتىتى»نى 1-ئارزۇ قىلىپ تولدۇرۇڭ دەيدۇ.غۇنچەم،مائۇسنى ھەرىكەتلەندۈرگەچ بولمايدۇ،مۇئەللىم مېنىڭ ئارزۇيۇم «تىببىي ئۇنۋىرسىتىتى»دا ئوقۇش.مەن «شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋىرسىتىتى»نى 1-ئارزۇ قىلىپ يازىمەن دېدى.ئاسىيەمۇ «شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىتى»نى 1-ئارزۇ قىلىپ تولدۇردى.ئوقۇتقۇچى سىلەر نېمە ئۈچۈن بۇ جاپالىق كەسىپلەرنى تاللايسىلەر؟نومۇرۇڭلار يوقىرى مۆلچەرلەنگەن بولغاچقا،جاپاسى ئاز كەسىپلەرنى تاللىساڭلار بولمامدۇ؟مۇئەللىم- دېگىنىڭىز توغرا دېدى غۇنچەم تەمكىن قىياپەتتە.غۇنچەم – مۇئەللىم سىز بىلمەيسىز،ئاتا-ئانام دېھقان بولسىمۇ،دادام كۈپ كىتاب ئوقۇغان ئادەم،ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ ئاكام كىچىك ۋاقتىدا تۇغما يۈرەك كېسىلى بىلەن بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان ئىكەن،شۇڭا دادام مېنى تولۇقسقزغا چىققاندىن باشلاپ،دوختۇر بولۇشۇمنى ئارزۇلاپ كەلدى.ئاسىيەمۇ، غۇنچەم توغرا دەيدۇ مۇئەللىم،مېنىڭمۇ دادام،ئاپام دېھقان.ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ئالىي مەكتەپتە ئائىلە قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇيالماپتۇ.ئاتا-ئانام مېنى تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندىن باشلاپ،ئوقۇتقۇچى بولۇشىمنى ئارزۇلاپ كەلدى.شۇنىڭ ئۈچۈن مەنمۇ 1-ئارزۇيۇمغا«شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىتى»نى يېزىۋاتىمەن دېدى.


10

تامام
 


2011يىل5-ئاينىڭ25-كۈنى



   غۇنچەمنىڭ ئائىلىسى:8-ئاينىڭ 25-كۈنى غۇنچەمنىڭ دادىسى ئورغاق بۆلەۋاتقان. كىيىنىشى ئالدىنقى كۆرۈنۈشكە ئوخشاش.غۇنچەم،بېشىغا دوپپا كىيگەن،ئەتلەس كۆينەك كىيگەن.ئاسىيەمۇ ئوخشاش.غۇنچەم بىلەن ئاسىيە پىيالىنىڭ تەكتىگە ئوسمىنىڭ سۈيىنى ئالقىنى بىلەن سىقىپ چىقىرىپ،بىر-بىردىنىڭ قېشىگە ئوسما قويىۋاتقان،ئارىلاپ-ئارىلاپ ئەينەككە قاراۋاتقان ھالەتتە.ساۋاقدىشى رازىيە يۈگۈرگەن پېتى ھويلىغا يېتىپ كىرىپ،سىلەرگە خۇش خەۋەر ئالىي مەكتەپتىن سىلەرگە چاقىرىق كەلدى مانا. غۇنچەمگە «شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋىرسىتىتى»دىن،ئاسىيەگە«شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىتى»دىن- دەپ چاقىرىق قەغىزىنى ئاسىيە بىلەن غۇنچەمگە بەردى.غۇنچەم بىلەن ئاسىيە بىر-بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ مۇبارەكلەشتى.غۇنچەمنىڭ دادىسى ئورغاقنى قويۇپ قويۇپ،غۇنچەمنىڭ بېشىنى سىلاپ ،جېنىم قىزىم،ئاپاڭنىڭ بەرگەن ئاپئاق سۈتى،جاپاكەش ئۇستازلىرىڭنىڭ بەرگەن ئەجرى بېكارغا كەتمەپتۇ.خۇدايىم مېنىڭ تىلەكلىرىمنى ئىجاۋەت قىپتۇ.دەپ كۆز ياشلىرىنى يېڭى بىلەن سۈرتۈپ،غۇنچەم بىلەن ئاسىيەنىڭ پىشانىسىگە سۈيۈپ قويىدۇ.

                                                                                       11

غۇنچەمنىڭ ئائىلىسىدىكى بىرتوپ كەپتەر غۇڭۇلدىغان ئاۋاز چىقىرىپ ھاۋا بوشلىقىغا كۆتۈرلدۇ،ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى كەپتەر يىراق جايلارغا ئۇچۇپ كېتىدۇ.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-04-11 18:14 |
tewilgha
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2264
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 159
شۆھرەت: 903 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 914 سوم
تۆھپە: 529 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 530 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 385(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى چىقىپتۇ  ، لېكىن ئاسىيەنىڭ يېشى خاتا بولۇپ قالدىمۇ قانداق ؟!

ئوقۇغۇچىلار،فورمىلىرىنى رەتلىك كەيگەن،كىتاب ۋە سومكىلىرىنى كۆتۈرۈپ،تارتما بىلەن ئاستىنقى پەلەمپەيگە چۈشۇپ كېتىدۇ.غۇنچەم، 18ياشلاردا،پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ كىتاب كۆرگەچ يالغۇز قالىدۇ.ئاسىيە ،81ياشلاردا سومكىسىنى ئىككى مۈرىسىگە ئاسقان  ......  

بولۇپ قاپتۇ ،،،
lutun
ئوۋچىنىڭ ملتىقى بولسا كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن؟
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-12 09:39 |
tahdirdax
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6721
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 40 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 35 سوم
تۆھپە: 21 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 21 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ سىنارىيىدىن قۇمۇللۇقلارنىڭ مائارىپ سۅيەر روھىي ئۇرعۇپ تۇرىدىكەن.ئەجىرڭىزگە كوپ تەشەككۇر.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-12 11:00 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ئەدەبىي ئەسەرلەر