كامېرىنو ئۇنىۋېرسىتىتىدا ماگىستىر ئاسپىرانتتا
ئوقۇش پۇرسىتى
كامېرىنو ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ فېزىكا كەسپى ماگىستىرلىق پروگراممىسىغا تۆت نەپەر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ .
بۇ ئۇچۇرنى دوكتۇر مەمىتىمىن ئابباس جەك بلوگىغا تەمىنلىگەن ئىكەن. ۋاقىت مۆھلىتى يىقىنلاپ قالغاچقا مەن باغداش مۇنبىرىگە كۆچۈرۈپ قويدۇم. شەرتى توشىدىغانلار تىزدىن تەييارلىق قىلىڭلار!
بۇ يىل كامېرىنو ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ فېزىكا كەسپى ماگىستىرلىق پروگراممىسىغا تۆت نەپەر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ.
ئۇنىۋېرسىتىت بىلەن بولغان كىلىشىمگە ئاساسەن يۇرتىمىز ياشلىرىغا بولغان بۇ پروگراممىنىڭ يۈرگۈزىلىنىۋاتقىنىغا بەش يىل بولغان بولۇپ،بىرىنجى قارار ئىككى ئوقۇغۇچى،ئۇنىڭدىن كىيىنكى قارارغا ئۈچ ياكى تۆت ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ كېلىنىۋاتىدۇ.
ئۇنىۋېرسىتىت ئىتالىيەدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ئۇنىۋېرسىتىتلارنىڭ بىرى بۇلۇپ،فېزىكا بۆلۈمى گەرچە كۆلىمى چوڭ بولمىسىمۇ نۇقتىلىق ساھەلەردە،مەسىلەن:قاتتىق جىسىم نەزەرىيەسى X-نۇرى سپەكتراسى،قۇئانتۇم ئوپتىكىسى قاتارلىق گۇرۇپپىلار خەلقارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.ھازىرغىچە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئالتە نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە بەش نەپىرى ئىتالىيە،فرانسىيە،ئىرلاندىيە،شىۋىتسىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ.
ئوقۇش ئىككى يىللىق بولۇپ،ئەھۋالغا ئاساسەن بىر يىل ئۇزارتىشقا بولىدۇ.ئوقۇش مۇكاپاتى ئوقۇش پۇلى،ياتاق،تاماقنى كۆتۈرگەندىن باشقا يەنە مەلۇم مىقداردا ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.دەرسلەر ئىنگلىز تىلىدا ئۆتىلىدۇ.ئىتالىيە تىلىغا تىل تەلىپى قويۇلمايدۇ.
قوبۇل قىلىنىش شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە:
1-ئىلتىماس قىلغۇچى بۇيىل ئالى مەكتەپ تولۇق كۇرس فېزىكا كەسپىنى تاماملايدىغان،ياكى تاماملىغىلى ئەڭ كۆپ بولغاندا تۆت يىل بولغان بولىشى كېرەك.
2-تولۇق كۇرس كەسپى نەتىجىلىرى ياخشى بولىشى،بولۇپمۇ فېزىكا ۋە ماتېماتىكا كەسپى نەتىجىلىرى ئالاھىدە ياخشى بولىشى كېرەك.
3-ئىنگلىزچە ئاساسى ياخشى،ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئالى مەكتەپ 4-دەرىجە ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن بولىشى لازىم.(ياكى باشقا ئېنگلىزچە سەۋىيە ئىمتىھان نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىنگلىزچە دەرسلەرنى ئېلىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىشى كېرەك.)
بۇ شەرتلەرگە توشىدىغان ۋە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ 4-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن قىسقىچە تەرجىمھالى،تولۇق كۇرس نەتىجە جەدۋېلى ۋە بىر پروفېسسورنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتى(چوقۇم شەرت ئەمەس)نى تۆۋەندىكى ئېلخەت ئادرىسىغا يوللىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.