ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى edirhanدە2012-04-12 22:37يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مېنىڭ نەزىرىمدە قان سېتىش جان سېتىش دېمەكتۇر! ئىئانە قىلسىڭىز بۇ باشقا. قان سېتىشنى مۇۋاپىق كۆرمەيمەن. لېكىن قان بېرىش ھەقسىز تەغدىم قىلىش ئۆزىگىمۇ ئۆزگىگىمۇ پايدا يەتكۈزىدىغان ياخشى ئىش. كونىلاردا قان چىقىرىش ئارقىلىق كېسەل داۋالايدىغان ئۇسۇللار بولىدىغان. يىلدا بىر قېتىم ئاز مىقتاردىكى قېنىڭىزنى ئاققۇزىشىڭىز ، قان پىلازمىلىرىڭىزنىڭ يېڭىلىنىپ روھىڭىزنى كۆتۈرۈش، ئاشكارە يوشۇرۇن كېسەللىكلىرىڭىزگە شىپا تېپىش مەقسىدىگە يېتەلەيسىز... مەن بەزى ھەدىسلەردە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەللەيھۇ ۋەسسەلەمنىڭ ئاز مىقتاردا قان ئاققۇزۇش ئادىتى بارلىقىنى كۆرگەن ئىدىم. شۇنىڭدىن قارىغاندا قاننى تەقدىم قىلىش گۇناھ بولمىسا كېرەك. ئەلۋەتتە قېنىڭىز پاكىز بولسا...
مۇلاھىزىڭىز ئورۇنلۇق ئەمەس قېرىندىشىم .
گۇناھ بولۇش بولماسلىقنى بۇنداق مۇلاھىزىدە چىقارمايدۇ ؟ سىز دىگەن ئىللەتلەر بۇنىڭ گۇناھ ئەمەسلىكىگە سەۋەپ بولالمايدۇ . بۇنى ئىسلام شەرىئىتىمىزنىڭ ئۇسۇل فىقسى قائىدىسىگە سېلىپ چىقىرىدۇ . بۇنى ھەم سىز بىز چىقىرالمايمىز. بۇنى مۇجتەھىد ئۆلىمالار چىقىرىدۇ.
بۇنىڭ ھۆكمىنى ئەڭ توغىرىسى ئۆلىمالاردىن سوراش كىرەك.
مەنچە قان چىقىرىش بىلەن سېتىشنىڭ ئارىسىدا پەرق بار.