ھەممىمىزگە مەلۇم، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز جۇڭگۇنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىنى جۇڭگۇدىكى ھەرقايسى مىللەت قىرىنداشلىرىمىز بىرلىكتە ياراتقان.
شۇ قاتاردا جۇڭگۇنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا ئەڭ چوڭ تۆھپىلەرنى قوشقان سۇلالىلەر:
چىن سىۇلالىسى مىلادىدىن بۇرۇن 221-يىلىدىن 206-يىلىغىچە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن.
قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، تۇنجى قەدەمدە جۇڭگۇنى، يىزىق ۋە پۇلنى بىرلىككە كەلتۈرگەن، قۇرلۇش جەھەتتە سەددىچىن سىپىلى، چىن شې خۇاڭ قەۋرىستانلىقىدەك نۇرغۇن يادىكارلىقلارنى قالدۇرغان.
چىن سۇلالىسى مۇناپىق ۋەزىر جاۋ گاۋ، لى سى قاتارلىقالرنىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋىلىشى ۋە چىن شې خۇاڭ دەۋرىدىن تارتىپ سەدچىن سىپىلىنى ياستىش قەۋرە قاتۇرۇش قاتارلىقلاردا خەلققە كۆپلەپ زۇلۇم سىلىشى بىلەن زاۋاللىققا يۈزلەنگەندىن كىيىن لىيۇ باڭ، يۈ شىياڭ قاتارلىقلار تەرپىدىن ئاغدۇرلۇپ ليۇ باڭ ھاكىمىيىتىدىكى خەن سۇلالىسىنى قۇرغان ھەمدە خەنزۇ مىللىتى دىگەن مىللەت نامى شۇنىڭدىن ئىتىۋارەن بارىلىققا كەلگەن.
((ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە)) دە تەسۋىرلەنگەن تارىخ دەل خەن سۇلالىسىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلەنگەن چاغدىكى تارىخلاردۇر. خەن سۇلالىسىدىن كىيىن ((ۋىي، جىن، جەنۇبى، شىمالى سۇلالىلەر)) دەۋرىگە قەدەم قويغان. بۇ دەۋىرلەر جۇڭگۇ تارىخىدا ئۇرۇش جىدەل ئەڭ كۆپ يۈز بەرگەن ، خەلق خانىۋەيرانچىلىققا ئەڭ ئىغىر ئۇچىرىغان دەۋىر بولىشى بىلەن جۇڭگۇغا بۇددا ،داۋ جىياۋ دىنى تۇنجى تارقالغان دەۋىر ھەم كوڭزى دىنى كىڭەيگەن دەۋىر.
خەن سۇلالىسى مىلادىدىن بۇرۇن 202-يىلىدىن مىلادى 220-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن.
قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى. ئىقتىزات تىز سۈرئەتتە يۇقۇرى ئۆرلەپ شەرىقتىكى بىرىنچى چوڭ ئىمپىرىيە سانالغان، غەرىپتىكى روم بىلەن قوشۇلۇپ ئىككى چوڭ ئىمپىرىيە بولۇپ سانالغان.
((ۋىي، جىن، جەنۇبى، شىمالى سۇلالىلەر)) دەۋرىدە ئىلگىرى كىيىن بولۇپ 30دىن ئارتۇق سۇلالىلەر قۇرلغان ۋە ۋەيران بولغان.
قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى: ھىساپسىز ئۇرۇش-چىپىش، قىرىش، مالمانچىلىق، ئاچارچىلىق، دىمەك بۇ دۇنياغا تەۋە بىر دوزاخنى شەكىللەندۈرگەن. مۇشۇ خانىۋەيرانچىلىق جۇڭگۇدىكى تۇنجى خەلقنى ياخشىلىققا ئۈندەيدىغان ئىلمى ھىكىمەت دەستۇرلىرىنىڭ بارىلىققا كىلىشىگە ۋە ئەدىبى سەنئەتنىڭ گۈللىنىشىگە سەۋەپ بولغان(ئۇرۇش مالمانچىلىقىنى كۆپ تارتقان خەلق كۆڭلىدىكىنى ئەدىبى سەنئەت ئارقىلىق ئىپادىلىگەن).
بۇ دەۋىر تا مىلادى 386-يىلىدىن 581-يىلىغىچە داۋاملاشقان.
ئەمدى مەن ئۆزۈم سۆزلىمەكچى بولغان تاڭ دەۋرىگە قەدەم قويدۇق.
تاڭ سۇلالىسى ئىغىزغا ئىلىنسا كۆپ ساندىكى دوستلارنىڭ يادىغا ((غەرىپكە ساياھەت)) فىلىمى كىلىشى مۇمكىن. تاڭ سۇلالىسى دەۋرى جۇڭگۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرجىدە تەرەققى قىلغان دەۋىر بولۇپ ئىقتىسادى، ئەدىبى، ھەربى جەھەتلەردە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالغان. بۇ دەۋىر يەنى ئەجدادىمىز ئۇيغۇرلار مۇڭغۇل يايلاقلىرىدا تۇنجى قىتىم ئۆزىنىڭ پادىشاھلىقىنى قۇرغان دەۋىر ھىسابلىنىدۇ. بۇ چاغدىكى ئۇيغۇرلار خاندانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسى خاندانلىقى ئىنتايىن يىقىن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋەتنى ئورناتقان، ئۇيغۇرلار ئىككى قىتىم ئەسكەر چىقىرىپ تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىچكى مالمانچىلىقىنى بىسىقتۇرشىغا يارىدەم بەرگەن، ھازىرقى ئىچكىرىدىكى قوش فامىلىلىك سىرىق ئۇيغۇرلار دەل شۇ چاغدا تاڭ سۇلالىسىغا يارىدەمگە ئەۋەتىلگەن ئەسكەرلەرنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن ئىبارەت. ئەمدى ئەسلى تىمىغا قايتايلى.
تىمىنىڭ موھىم مەزمىنىنى يىزىشتىن بۇرۇن سىزدىن بىر سۇئالنى سوراپ كۆرەي.
تاڭ سۇلالىسىدىكى كىيىم كىچىەكلەر، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ كىيمى ھازىرقى قايسى مىللەت قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ كىيىم-كىچىكىگە بەكىرەك ئوخشايدۇ.
تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت كىنولاردىكى ئوردا ئىچى قىز ئاياللىرىنىڭ كىيمىگە قارايدىغان بولساق ئۇلارنىڭ مەيدىسىنىڭ خىلى دەرجىدە ئوچۇق تۇردىغانلىقىنى بايقايمىز، كۆڭلەكلىرىنىڭ بوغشى بىلىگە ئەمەس بەلكى كۆكسىنىڭ ئاستىغىلا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىمۇ دىققىتىمىزنى تارتىماي تۇرالمايدۇ، بۇنداق كىيىم ئەينى دەۋىردىكى خەنزۇ مىللىتىنىڭ كىيىنىش جەھەتتىكى ئەخلاق نوقتىسىغا خىلاپ بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. سىزچە قايسى مىللەنىڭ ئاياللار كىيمىدە بۇنداق ئالاھىيدىلىك ھازىرغىچە ساقلانغان.
تاڭ سۇلالىسى توغرىسىدىكى ماتىرىياللار، تىلىۋىزىيە فىلىملىرى،百度، قاتارلىقلاردىن توپلىغان ماتىرىياللارغا ئاساسەن، تاڭ سۇلالىسى قەدىمكى سىيانپىلار ياكى سىيانپى-خەنزۇلار قان سىستىمىسىغا تەۋە بولغانلار تەرپىدىن قۇرۇلغان دەپ قارايمەن ، سىيانپى خەنزۇچە 鲜卑دەپ ئاتىلىدۇ، سىيانپىلارنىڭ ئەجدادى بولسا تۈركلەر، تۈركلەر بولسا ھونلاردىن ئايرىلىپ چىققان بىر تارماقتىن ئىبارەت، ھازىرقى سىيانپىلارغا قانداشلىق جەھەتتىن ئەڭ يىقىن كىلىدىغان مىللەن چاۋ شىيەن ( 朝鲜)مىللىتىدىن ئىبارەت.
بۇ قارشىمنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغىنى يۇقارقى كىيىم كىچەك ئالاھىيدىلىكىدىن باشقا يەنە بىر پاكىت:
تاڭ سۇلالىسى پادىشاھلىرىنىڭ فامىلىسى ((لى))(李) بىلەن باشلانغان.
مەسىلەن لى شې مىن (李世民) (唐太宗) دىگەندەك.
لى فامىلىسى ھازىرقى كوريە ۋە چاۋشىيەندە ئادەم سانى جەھەتتىن ئالدىنقى قاتاردا تۇردىغان فامىلىدىن ئىبارەت، جۇڭگۇدىمۇ 4- ئورۇندا تۇرىدۇ.
لى فامىلىسى شەجەرىسىنى 百度 دىن ئىزدىتىپ كۆرسەم لى فامىلىلىكلەر سىيانپى ۋە خەنزۇلارنىڭ ئارلاشما قان تىپىغا تەۋە ئىكەن.
ئۇندىن باشقا تاڭ پادىشاھى لى شې مىننىڭ خانىشى ساپ سىيانپى مىللىتىگە تەۋە ئىكەن ھەمدە شۇ دەۋىردىكى پادىشاھتىن قالسىلا ئالدىنقى قاتاردا تۇردىغان ھەربى ئىشلار ۋەزىرى ۋە شۇ دەۋىردىكى ئالىم 长孙无忌 خانىشنىڭ ئىنىسى بولۇپ لى شې مىننىڭ پادىشاھلىقنى ئاكىسىدىن تارتىپ ئىلىۋىلىشىغا ئەڭ چوڭ تۆھپە قوشقان كىشى ئىكەن
مەن يۇقارقى ماتىرياللاردىكى كىيىم كىچىەك مەدىنىيىتى ۋە لى فامىلىسى شەجەرىسىدىكى مەزمۇنلارغا ئاساسەن تاڭ سۇلالىسىنى قۇرغۇچىلار سىيانپىلار ياكى سىيانپىلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ ئارلاشما تىپىغا تەۋە بولغانلار تەرپىدىن قۇرۇلغان دىگەن خۇلاسىگە كەلدىم.
مەن راستىمنى ئىيتسام تارىخقا ئىنتايىن قىزقىمەن. يۇقۇردا دەپ ئۆتكۈنۈمدەك جۇڭگۇنىڭ تارىخىنى جۇڭگۇدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر بىرلىكتە ياراتقان، شۇنداقلا يۇقارقى ئىسپاتلارنىڭ كۆپ قىسىمىنى 百度百科،百度知道،تاڭ سۇلالىسىغا ئائىت فىلىملەر ۋە قول يازمىلاردىن توپلىدىم، شۇڭا تورداشلارنىڭ بۇ خۇلاسىگە قارىتا قالايمىقان ئوي خىياللاردا بولماسلىقىنى ۋە قالايمىقان ئىنكاسلارنى يوللىماسلىقىنى ئۆمۈت قىلىمەن.
[ بۇ يازمىنىiradaدە2011-02-14 22:56قايتا تەھرىرلىدى ]