saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 861 قېتىم كۆرۈلدى
tohotur

دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1816
شۆھرەت: 9986 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10048 سوم
تۆھپە: 5876 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 5886 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2573(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 2011-يىلدىكى ساغلاملىق يېڭى تەتقىقاتلىرى

 
   2011-يىلى قايسى ساغلاملىق ساھەلىرىدىكى يېڭى تەتقىقاتلار ئىنسانلارغا نىسپەتەن رولى ئەڭ چوڭ بولدى،قايسىلىرى كىشلەرنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشتى؟ئامېرىكا<<ئالدىنى ئېلىش>>ژورنىلى 2011-يىللىق ئون چوڭ ساغلاملىق خەۋىرىنى ئىلان قىلدى:
   1.
 ‹‹ياغسىز يېمەك ئىچمەك تەلىماتى›› ئاياغلاشتى.ئامېرىكىدىكى بىر تېببىيتەتقىقات ئورنى يېمەك ئىچمەك تەركىبىدە ياغنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى %25 %20 بولۇشى كېرەك، دېگەن تەكلىپنى بەردى. ئورۇقلايمەن دەيدىكەنمىز يېمەك ئىچمەك تەركىبىدە ياغ بولمىسا بولمايدۇ، مەسىلە ياغ تۈرىنى تاللاشتا. ساغلاملىق ئۈچۈن، تاماقنى بەك تويۇپ ۋە بەك ياغلىق يېمەسلىكىمىز كېرەك. 
  2. سىتاتىن  يۈرەكنىڭ ‹‹سېھىرلىك دورا››سى ئەمەس.كۆپىنچە كىشى سىتاتىن  دورىسىنى يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يۈرەكنى قوغدايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمما جون خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ تەتقىقاتىدا، سىتاتىننىڭ پەقەت قان تومۇردىكى كالتسىي يىغىلىپ قېلىشقىلا مەنپەئەت قىلىدىغانلىقى بايقالغان. 
  3.دوستلىشىش ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق. ئامېرىكىدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، دوستى كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتى %50 يۇقىرى بولىدىكەن، دوستلىشىش يەنە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. دوستى يوق بولۇشنىڭ زىيىنى كۈندە 15 تال تاماكا چەككەنگە باراۋەر كېلىدىكەن.
   4.كۈچ سەرپ قىلىنىدىغان مەشىقنى كۆپ قىلغاندا تېخىمۇ ئورۇقلىغىلى بولىدۇ.تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ئۈچ يۈرۈشتىن ئالتە يۈرۈشكىچە ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مەشىقى قىلىش چېنىققۇچىلارنىڭ ئۇيقۇ مېتابولىزمىنى %8 ئەتراپىدا ئاشۇرىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر كۈچ سەرپ قىلىنىدىغان مەشىق قىلىشنى بەدەندىكى ئىسسىقلىق خورىتىش مەشىقى بىلەن بىرلەشتۈرگەندە،ئورۇقلاش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.  
 5.قاتناش بۇلغىمىسى تېرە قېرىشنى تېزلىتىدۇ.قاتناش بۇلغىمىسى ئېغىر مۇھىتتا مەشغۇلات قىلىدىغان ئاياللارنىڭ يۈز تېرىسىنىڭ قېرىش نىسبىتى %20تىن يۇقىرى بولىدىكەن. بۇ ئاپتوموبىل چىقارغان گاز بۇلغىغان ھاۋا دانچىلىرىنىڭ ئادەم تېرىسىدە قارا رەڭلىك چۆكمە ھاسىل بولۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.  
 6. پىيادە مېڭىش ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ چېكىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.ھەپتىدە ئۈچ كۈن، كۈندە 40 مىنۇت پىيادە مېڭىپ بېرىش ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ چېكىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. 
  7.سۈت بېزى راكى ۋاكسىنىسى پات ئارىدا مەيدانغا كېلىدۇ .ۋاشىنگتون ئۇنۋېرسىتېتى قاتارلىق تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ بىرلىكتە تەتقىق قىلىشىچە، سۈت بېزى راكى ۋاكسىنىسى دەسلەپكى سىناق باسقۇچىغا كىرىپتۇ. 
  8. ئىيۇلدا قىلىنغانئوپېراتسىيەنىڭ خەتىرى چوڭ ئىكەن.ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىيۇلدا قىلىنغان ئوپېراتسىيەدە قازا قىلىدىغانلارنىڭ سانى %10 يۇقىرى بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: ‹‹ئىيۇلدا ھاۋانىڭ ئىسسىشى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئوپېراتسىيەدە يۇقۇملىنىش نىسبىتى چوڭ؛ دورىلارنىڭ زىيانلىق نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ››. 
  9. خۇشاللىق ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ ئاچقۇچى.ئامېرىكىدىكى ‹‹پەن تېخنىكا ئىلمىي ژۇرنىلى››نىڭ 52 ياشتىن 79 ياشقىچە بولغان 3853 كىشى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىدا خۇشال يۈرۈيدىغانلارنىڭ بەش يىل ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى باشقا كىشىلەرنىڭكىدىن%35 تۆۋەن بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.  
 10.يېشىل چاي تېرە راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.دائىم يېشىل چاي ئىچكەندە ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭتېرىنى زەخىملەندۈرۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن، يېشىل چاي تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپ تېرە راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يېشىل چاي ئىچىش بىلەن بىللە كۆك ئەينۇلا  ئىستېمال قىلىپ بەرسە، تېرە زەخىملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.مەنبە: نۇر تورى
[ بۇ يازمىنىtohoturدە2012-04-13 10:07قايتا تەھرىرلى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-13, 08:18
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-04-13 00:35 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تەن ساقلىق -زور بايلىق