saltanat lutun elan berig
«123»Pages: 1/3     Go
بۇ تېما 6401 قېتىم كۆرۈلدى
anwar1980
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6777
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 125 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 115 سوم
تۆھپە: 68 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 68 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 23(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 مۇدىرىغا يېزىلغان خەت

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما sebir تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-04-13)
 
 مۇدىرىغا يېزىلغان خەت
 
 
ھۆرمەتلىك مەكتەپ مۇدىرىغا:
مەن بۇ ئىشىكىڭىزنىڭ ئالدىدا كۆپ ساقلىدىم، تالاي قېتىم كىرىشكە ئۇرۇندىم-يۇ، يەنە جۈرئەت قىلالمىدىم، گاھىدا جىلە بۇلۇپ، قاياقتېندۇر جۈرئەت تىلەۋاتقاندەك ئۇياق-بۇياققا قاراپمۇ كەتتىم، قولۇمدىكى قەغەز پۇرلىشىپ شەكلىنىمۇ يۇقاتتى، ئېھتىمال ئىشىك ئالدىدىكى سىمۇنت كارىدورغېىمۇ ئىزىم قېلىشقا باشلىغاندۇ. بىراق مەن 40 يىلىدىن بېرى كۆنگەن بولسام كېرەك، ئۈمىد، ئىشەنچ بىلەن زىرىكمەسىتىن ساقلىدىم. بۇگۇن بىر پۇرسەت كېلىپ، مېڭ بىر تەستە بۇ ئىشىكتىن قەدەم ئېلىشىمغا، «ئىشتىن چۈشەيلى، ئىشڭىز بولسا ئەتە كىلىڭ، مۇھىم ئىشىم بار ئىدى» دىگەن تۇنۇش، قورقۇنۇشلۇق سۆزىڭىز بىلەن ئاخرىقى ئۈمىدىممۇ يۇققا چىقتى. ئامالسىزلىقتىن يېنىپ چىقتىم، بىراق مۇشۇنداقلا كەتكۈم كەلمەي، ئاخىردا قولۇپلانغان ئىشىكىڭزىنىڭ ئاستىدىن قولۇمدىكى پۇرلىشىپ كەتكەن قەغەزنى سېلىۋەتتىم. پەقەت سېلىۋەتسەملا، خاتىرجەم بۇلۇپ قالاتتىم، خۇشال بۇلاتتىم...

بۇ- مەن نەچچە كۈن بۇرۇن تۇلۇق بىر ئاخشام ئۇخلىماي يازغان بىر پارچە «ۋەسىيەتنامە». گەرچە ئۆز قولىڭىزغا بىرەلمىگەن بولساممۇ، ئۆز قولىڭىزغا تەگمىسمۇ، ئىشقىلىپ ئىشخانىڭىزغا يتىپ باردى. بۇنىڭغىمۇ كۆنگەن بولسام كېرەك، مەن تولىمۇ خۇشال ھالدا قايتىپ كەتتىم. «ۋەسىيەتنامە» دىسەم قورقۇپ كەتمەڭ، مەن ئۆلمەيمەن. بۇ 40 يىللىق مائارىپ ھاياتىمنىڭ ئاخىرلىشىش ئالدىدىكى «ۋەسىيەتنامە». مىنىڭ پۈتۈن ھاياتىمدا ئىرىشكىنىممۇ شۇ مائارىپ، مەندىن قالغىنىمۇ شۇ مائارىپ، مىھرىم بارىمۇ مائارىپ، خەلققە بىرەلىگىنىممۇ شۇ مائارىپ. ئەپسۇس، ۋاقىت بەكلا تىز ئۆتىدىكەن، 40 يىل بەكلا قىسقا ۋاقىت ئىكەن، نەئامال. مۇشۇ بىر پارچە خېتىم بىلەن سىزگە ئەڭ قىممەتلىك نەرسەمنى تاپشۇردۇم.

  ھۆرمەتلىك مۇدىر، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم سىزنىڭ ئۈگەتكەنلىرىڭىز بۇيىچە « ھۆرمەتلىك» دەپ ئاتاي. بىراق مىنىڭ مىھربانىلىق بىلەن ئوغلۇمنى چاقىرغاندەك ئىسمىڭىزىنى چاقىرغۇم بار ئىدى، قېرىندىشىمىنى چاقىرغاندەك ئىسمىڭىزنىڭ ئاخىرىغا «ئۇكام» دىگەننى ياكى  ھۆرمەت بىلەن ئىسمىڭىزغا «جان» دىگەننى قېتىپ چاقۇرغۇم بار ئىدى. ئەمما جۈرئەت قىلالمىدىم، قورقۇدىم،  قېرىغان چېغىمدا خاتا چاقىرىپ قېلىپ،  يەنە سىزدىن ئازار يەپ قېلىشتىن ئىھتىيات قىلىدىم. ئىھتىمال  بۇ خەتنىمۇ ئادىتىڭىز بويىچە ھەيۋىڭىز بىلەن ئوقۇمايلا يىرتىۋىتىشڭىز مۇمكىن. بىراق بىلەمسىز مۇدىر، 40 يىل بۇرۇنقى مەكتەپ مۇدىرىمىز تۇنجى قېتىملىق خېتىمنى يىرتىۋەتكەندە، مەن خىجىل بولغان، كۆڭلۈم يېرىم بولغان، بىر كىچە يىغلاپمۇ چىققان.  40 يىلدىن كىينكى بۈگۈنكى كۈندە، سىز كونىلارنىڭ قىلغىنى بۇيىچە يەنە يىرتىۋەتسىڭىز كارايتى چاغلىق، چۈنكى مەن بۇنىڭغا كۆنگەن.

 شۇ چاغلاردا ئۆزىمىنى ئۇلۇغ بىر خىزمەت قىلىۋاتقاندەك ھىس قىلاتتىم. مەكتەپتىكى ھەممە خىزمەتلەر شۇنداق راۋان تەرەققىي قىلاتتى. مۇدىر مەن بىلەن، مەن مۇدىر بىلەن مەكتەپ ئىچى- سىرتىدىكى ھەممە ئىشلارنىڭ ھەممەسلىھەتتە قىلاتتۇق، ئەلۋەتتە، بۇ مەسلھەتلەرگە كەسىپداشلەرنىڭ ھەممىسى قاتنىشاتتى ۋە مەسلىھەتلىشەتتى.  نىمشقىدىندۇر بۇگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بالامدەك بىر مۇدىرنىڭ تاماكا كۈلدېىننى تازلايدىغان، ئىشخانىسىنى تازلاپ، ئورۇندۇقىنى سۈرتۈپ قويىدىغان، ھەممە ئىشلارنى قىلالىساممۇ- قىلالمىساممۇ، خالىساممۇ- خالىمساممۇ ماقۇل دىيىشكە كۆنۈپ قالدىم.  يەنى تېخى ئۇرۇق- تۇغقانلىرىڭىز ئاغرىپ قالسا، ئائىلە تاۋاباتىم بىلەن يوقلاشقا، شۇنچە ئەستايدىل خىزمەت قىلىپ، ئاخىرىدا يەنە سىزدىن ھاقارەتلىنىشكە، مەسئۇلىيتىڭىزدىن چاتاق چىقسا، زىممەمگە ئېلىشقا، ئاتچوت ھۆججىتىمنى تاپشۇرۇپ بىرىپ، پۇلىدىن ۋاز كىچىشكە، سىز كۈلسىڭىز كۈلۈشكە، كۈلمىسڭىز سۈكۈتتە تۇرۇشقا، سىز نىمە قىل دىسڭىز، شۇنى شەرتسىز تەماملاشقا، ھەتتا سىنىپتا ئوقۇغۇچىلارنى ئالداشقا، بىر سائەتلىك دەرسىنى ئۇقۇتۇش بىلەن ئەمەس، سەۋەبلەر بىلەن ئۆتكۈزۈشكە كۆنۈپ قالدىم. كۆڭلۈم يېرىم بولىدىغىنى بۇ خىل خىزمەت پۇزۇتىسىيسىنى مەنلا ئەمەس، باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك يىتىلدۇرۋالدى، ئۇلارمۇ ماڭا ئوخشاشلا كۆنۈپ قالدى. بىراق، كۆزۈم، كۆڭلۈم، ئۇمۇدىم شۇ بىچارە ئوقۇغۇچىلىرىمىدا، غېرىپ كەسىپداشلىرىمىدا قالدى. ئۇلاردىكى رۇھلار، غايىلەر قاچانغىچە تۇنجىقىپ ئۆتەر-ھە!!؟

بىلەمسىز مۇدىر؟ بۇرۇن مۇدىر ئىش ئۇرۇنلاشتۇرسا، ئاكىتىپلىق بىلەن تالىشىپ قىلاتتۇق، ئورتاق پىكىر قاتناشتۇرۇپ، مەسىللەرنى بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلاتتۇق، ھېچكىم يۇقلىما قىلمايتى، بىزمۇ داۋامسىزلىق قىلمايتۇق، مۇدىرىمىز بىزنىڭ نۇرغۇن تەكىلىپ پىكىرىمىزنى كۈچىنىڭ يىتشىچە ھەل قىلىپ بىرەتتى، ئوقۇتۇش قۇراللىرى كەمچىل بولغان شۇ ۋاقىتلاردا، مۇدىر قانچىلىك ئىقتىسادى چىقىم كىتىشىدىن قەتئىينەزەر، چۇقۇم تەييار قىلىپ بىرەتتى، گاھىدا ئۆزىمۇ بىر قىسىم كۆرسەتمىلىك قۇراللارنى ئۆز قولى بىلەن ياساپ،بىزنىڭ پايدىلنىشىمىزغا بىرەتتى، ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوچۇق دەرس، كۆرەك دەرس ئۆتۈپ، بىزلەرگە ئۈلگە بۇلاتتى، دەرس لاھىيىمىزنى تەپسىلى كۆرۈپ كىچككىنە ئىملا خاتالىقىنىمۇ تۈزۈتۈپ قۇياتتى، تۇيۇقسىز دەرس ئاڭلىغىلى كىرىپ، بىز بىلەن بەس- مۇنازىرە قىلاتتى. يۇقىردىن باھالاش ئۆمىكى كەلسە، بىزنىڭ قانچىلىك خاتالىقىمىز بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر، رەھبەرلەرنىڭ ئالىدىدا بىزنىڭ ياخشى گېپىمىزنى قىلاتتى، ئۇ قانچىلىك تەنقىدلىنىشىدىن قەتئىنەزەر، بىزگە سىلىق مۇئامىلە قىلىپ، بىزنىڭ ئۆزگەرتىۋېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلاتتى.

 بىراق ھازىرچو؟

 نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كەتكەن، مەكتەپنىڭ مەدىنيەت، ئىلىم پۇرقى شۇ مەكتەپنىڭ ھۆسنىدە، ئازادە مۇھىتىدا نامايەن بولغان، مەكتەپ كۈچلۈك ھاياتى كۈچكە ئىگە بولغان بۈگۈنكى كۈندىچو؟

 ھەممىز مەكتەپتىن زىرىكىپ كەتتۇق. بىر كۈن بولسىمۇ مەكتەپتىن يىراق تورۇشنى ئارزۇ قىلىمىز، ئەملىيەتتە ماھىيتىدىن ئېيتساق سىزدىن زىرىكىپ كەتتۇق. سىزنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشلىرىڭىزدىن، مەندەك بىر قېرىلا ئەمەس، ھەممە ئوقۇتقۇچىنىڭ بېشى ئاغرىيدىغان بۇلۇپ قالدى، ھېچكىم قايىل بولمايدۇ، ھېچكىم مەن قىلاي دەپ مەيدىمۇ قاقمايدۇ،بىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئىش قىلىش ئۇسۇللىرىغا پىكىر بىرىش ھۇقۇقىمىزمۇ يۇقاپ كەتتى، سىز بىلەن قەستەن زىددىيەتلىشىدىغان، سىزنى كۆرسەك قاچىدىغان، خىزمەتلەرگە قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بۇلۇپ قالدۇق. چۈنكى سىزدە ماڭا ۋە باشقا ئوقۇتقۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىدىغان ياخشى ئادەت ۋە ئىسىل ئەخلاق يوق. ھازىر ئوقۇتۇش قۇراللىرى تۇلۇق، لىكىن بىزنىڭ قۇرال ئىشلىتىش ئىلتىماسىمىز ئالدىڭىزدا دۆۋۇلەگلىك، ئوقۇتۇش قۇراللىرى ئىشخانىدا سۇلاقلىق، ئۇلارنى جېنىڭىزدىنمۇ بەك ئەرتىۋارلايسىز، ھىلىمۇ ئىسىمدە، سىز مۇدىر بولغىلى 4 يىل بۇلدىيۇ، ئۆز قۇلىڭىز بىلەن تېخى بىر ئوقۇتۇش قۇراللرىنى تۇتۇپ سىلاپ باقمىدىڭىز، دەرسىنى ياخشى ئۆتىڭلار دەپ ۋارقىراپ باشقىلارغا بىھۇدە ئازار بىرىسىز- يۇ، لىكىن ھازىرغىچە سىز بىر سائەت دەرس ئەمەس، ئوقۇغۇچىلارغا نەچچە ئون مىنۇتلىق تەربىيەمۇ بىرىپ باقىمىدىڭىز، دەرس لاھىيە توغرىلىق كۆپ سۆزلەيسىز، لىكىن سىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس لاھىيسىنىڭ بىر قورىنىمۇ ئوقۇپ باقمايسىز، دەرسخانىگە كىرىپ دەرسمۇ ئاڭلاپ باقمايسىز، يۇقىردىن كەلگەن رەھبەرلەرگە تېخى بىزلەرنى چېقىپ، ئۆز مەسئۇلىيتىڭىزنى يۇشۇرۇشقا ئۇرۇنىسىز، سىز تەنقىدلەنگەن شۇ كۈن بىز ئوقۇتقۇچىلارنى نەس باسقان  كۈن بۇلۇپ قالدى.

ئۈكام مۇدىر ئەپەندى، مىنىڭ خىزمەت ھاياتىم سىزنىڭ پۈتۈن ئۆمىرىڭىزگە تەڭ. مەن قۇبۇل قىلغان مۇدىرلارنىڭ سانى سىزنىڭ خىزمەت تارىخىڭىزدىن ئارتۇق، ھازىر يېڭى دەۋىر، سىزنىڭ بىلىدىغىنىڭىز مىنىڭكىدىن كۆپ، لىكىن سىز بۇ خىزمىتىڭىزنى قانداق قىلىشنى بىلمەيۋاتىسىز. قايسى جەھەتلەردە بولسۇن، سىز 40 يىل بۇرۇنقى  مۇدىرىمغا يەتمەيسىز، ھەممە ساھە، ھەممە ئىقلىمىغا يېڭىچە ئۆزگۈرۈش ئېلىپ كەلگەن دەۋىر سىزدە پەقەت ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلالماپتۇ. كاللىڭىزنى ئىلغار دىسەك، ئويلىغانلىرىڭىز مەندەك بىر قېرىنىمۇ قايىل قىلالمايدۇ، تىلىڭىزنى گۈزەل دىسەك، سىزنىڭ سۆزىڭىزدىن ھېچكىم رازى ئەمەس، قىلقىڭىز ئۆزگىچە دىسەك، مەكتىپىمىز ئۆتمۈشنىڭ ئاسارىتىدىن تېخىچە قۇتۇلالمايۋاتىدۇ! مۇھىمى بۇرۇنقى مۇدىردا شەخسىيەسىز تۆھپە دەيدىغان روھ بار ئىدى، لىكىن سىزدە ئۇنداق روھ يىتەرلىك ئەمەس، سىز بۇ خىزمەتنى كۆرەلمەيۋاتىسىز. مەغرۇرلىق، كىبىرلىك سىزنىڭ كۆز نۇرىڭىزنى تۇسۇۋالماقتا. ھازىر قانداق دەۋىر، سىزدە نىمىشقا بۇرۇنقىلاردەك كەسىپىنى سۆيىدىغان روھ يوق، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن باراۋەر ئۆتىدىغان خاراكتىر يوق، ئوقۇغۇچىلارغا كۆيىنىدىغان يۈرەك يوق، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار ئۇرۇنلاشتۇرغان خىزمەتنى قىلىغۇدەك جاسارەت يوق؟

ئۈكام مۇدىر ئەپەندى، جەمئىيەتكە ياخشى مەرىپەت ئوبرازى، ئوقۇتقۇچىلارغا ھەمدوست كەسىپداش، ئوقۇغۇچىلارغا پاسىبان مەكتەپ مۇدىرى بۇلاي دىسىڭىز مۇنۇلارنى ئىسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ:

1.  سىز باھالاش گۇرۇپپىسدىكلەرگە مالاي ئەمەس، بىز ئوقۇتقۇچىلارغا  باشلىق.

بەلكىم باھالاش ئۆمىكىدىكىلەرمۇ سىزنىڭ مالايچە قىلىقىرىڭىزنى ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن، ئۇلار سىزدىن ياخشى بىر خىزمەت نەتىجىسىنى تەلەپ قىلىدۇ. سىزگە ياخشى بولغان خىزمەت ئۇسۇلىنى، پىكىر يولىنى سىزگە تۇنۇشتۇرىدۇ، سىزنى يىتەكلەيدۇ. خىزمىتىڭىزدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى كۆرسۈتۈپ بىرىدۇ. ئۇلار سىزگە سوت ئاچقىلى، سىزگە جازا يۈرۈش قىلغىلى كەلمەيدۇ. بىلىڭىكى رەھبەرلەر ۋە  ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىكى ئىززەت- ھۆرمىتىڭىزنى ئۆزىڭىز تىكلەيسىز، باھالاش ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ ئالىدىدا تەمكىن بۇلۇشىڭىزنى، بارىنى بار، يوقىنى يوق دەپ سەمىمىي بۇلۇشڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز. ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي ئادىمىيلىكىڭىز ، سەمىمىيلىكىڭىز ، ئالىيجاناپلىقىڭىز بىلەن ئوبرازىڭىزغا ھۆسۈن قۇشۇڭ. سىزنىڭ ئۇلارغا بولغان پۇزۇتسىيڭىز، ئۇلار بىلەن بولغان مۇئامىلىڭىز سىزنىڭ قەدىر قىمىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. خۇشامەتلەرچە مۇئامىلىڭىز بىلەن خىزمەتلەردىكى يۇچۇقلارنى ياپالمايسىز.سىز بەرىبىر بىزنىڭ باشلىقىمىز، سىزنىڭ باشلىقلىق ئوبرازىڭىزنى ساقلاپ، سالماق بۇلۇشىڭىزنى ئۇمۇد قىلىمىز. ئىسىڭىزدە بولسۇنكى سىز باھالاش گۇرۇپپىسدىكلەرگە مالاي ئەمەس، بىز ئوقۇتقۇچىلارغا  باشلىق.

2. مۇدىر بىز سىزنى ھۆرمەتلىگۈچى، لىكىن خۇشامەتچى ئەمەس.

بىز سىزگە دوستلارچە مۇئامىلە قىلساق دەيمىز، قېرىندىشىمىزنى ھۆرمەتلىگەندەك ئىھتىرام بىلدۈرسەك دەيمىز. سىزنىڭ قانداق قىيىنچىلىقىڭىز بولسا، ئىمكانقەدەر ياردەم قىلىپ ھۆرمىتىمىزنى، سىزگە بولغان مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلىسەك دەپ ئىنتىلىمىز. شۇڭلاشقا ھەممىمىز ئۆز ئۇسۇلىمىز بۇيىچە سىزگە يېقىنچىلىق قىلىمىز.

 قاراڭ ،مۇدىر تاماكىڭىزنى تۇتاشتۇرۇپ، رۇمكىڭىزنى تولدۇردىغانلار سىزنىڭ ئەڭ يېقىنىڭىز بۇلۇپ قالغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىپ كەتتۇق، لىكىن بىرىنجى سەپتە جاپالىق خىزمەت قىلغانلارمۇ بىزگە تېخىمۇ ئېنىق. ئۇلار سىزنى تۇلىمۇ ھۆرمەتلىگەنلىكتىن سىزدىن تەپ تارتىدۇ، خىجىل بۇلىدۇ، سىزگە تىكىلپ قاراشتىن ئەيمىنىدۇ، سورۇنلاردا سىز ئۇلار بىلەن بىر رۇمكا سۇقۇشتۇرۇپ قويسىڭىز، ئۇلارنىڭ بىر تال تامىكىسىنى چىكىپ قويسڭىز ئۇلار ئالەمچە خۇشاللىققا چۈمۈپ، بارلىق غەملىرىدىن ئازاد بۇلىدۇ.  ئەمما ئۇلار باشقا ئادەملىرىڭىزدەك كۈندە سىز بىلەن بىللە بولالمايدۇ، چاقىرغان يىرىڭىزگە بارالمايدۇ، سايىڭىزدەك سىزگە ئەگىشەلمەيدۇ. بۇرنىڭىزىنى ئىسقا، ئېغىزىڭىزنى ئىسپىرتقا، ھەميېنىڭىزنى ئاغچىغا تولدۇرالمايدۇ. ئۈمىدىمىز شۇكى قىلغانلىرىمىزنى ھۆرمەت دەپ بىلىڭ، ئانا قۇشتەك مۇئەللىمىدىن خۇشامەت كۈتمەڭ. ۋۇجۇدىمىز پاك بولسۇن. ھەممىمىزگە ئوخشاش باراۋەر مۇئامىلە قىلىشىڭىزنى، ئالدىڭىزدا خىرقىراپ، ئارقىڭىزدىن شايلىسىنى چاچىدىغانلارغا قۇيرۇقىڭىزنى تۇتقۇزۇپ قويماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز.

3. مەكتەپ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرمىسى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئائىلىسى.

بىز ئوقۇتقۇچلارنىڭ ئىككىدىن بىر قىسىم ھاياتى شۇ مەكتەپتە ئۆتىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەبىھى، گۈدەك ھاياتى مەكتەپتىن باشلىنىدۇ. شۇڭا مەكتەپ چۇڭقۇر مىھىر- مۇھەببەتكە تۇلۇشى كېرەك. بىزدە ۋە ئوقۇغۇچىلاردا مەكتەپكە بولغان سۆيگۈ، مۇھەببەت، ئىنتىلىش شەكىللىنىشى كېرەك. بىز سىزنىڭ ھەدىسىلا ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار پائالىيتىنى چەكلىشىڭىزنى، ھەممە ئىشلارنى پىرىنسىپقا سېلىپ بىر تەرەپ قىلىشڭىزنى خالىمايمىز. بىزدە ئوقۇغۇچىلارنى سۆيىدىغان يۈرەك، ئوقۇغۇچىلاردىمۇ مەكتەپكە بولغان ئىنتىلىش بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ. سەمىڭىزدە بولسۇنكى، پىرىنسىپ بىلەن مۇھەببەت يىتىلدۈرگىلى بولمايدۇ. قائىدە تۈزۈم- ھىسياتقا ئازار يەتكۈزىدۇ. پىرىنسىپ، قائىدە- تۈزۈملەرنىڭ ھەممىسى ئۆلۈك، لىكىن بىز جانلىق. نۇرغۇن قېتىم ئۆز خائىشڭىز بۇيىچە بىر قانچە ئوقۇتقۇچىنىڭ پائالىيتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئىززەت- ھۆرمىتىنى يەر بىلەن يەكسان قىلدىڭىز. كۆپ قېتىم ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئالدىغا ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتنى توختىتۋەتتىڭىز، ئوقۇتقۇچىلار ئۆز- ئارا كىلىشكەن ئولتۇرۇشقىمۇ رۇخسەت قىلىماي چەكلىدىڭىز. دىمەك مەكتەپتىكى ھەممە پائالىيەتلەر سىز بىر ئادەمنىڭ ھۆكىمى بويىچە بولۇشقا يۈزلىنىپ كەتتى، مەكتەپ گۇيا تۈرمىدەك بىز ئوقۇتقۇچىلارنى ۋە سەبھى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالدۇرىۋاتىدۇ. ھەممىمىزنىڭ دىلى ئاغرىنىشقا ، گۈزەل تۇيغۇ- خىياللىرى ئۆكۈنىشكە تۇلۇپ كەتتى . ئۇنۇتماڭكى- مۇھەببەت بولمىسا، ئەخلاق بىلەن مەكتەپ ئىدارە قىلىش، ئىناق مەكتەپ مۇھىتى يارىتىش، ئەلا نەتىجە قازىنىش قۇرۇق سەپسەتىلا بۇلۇپ قالىدۇ.

   4. مۇدىر، بىز مائارىپنىڭ چاكىرى، سىزنىڭ چاكىرىڭىز ئەمەس.

    سىز مۇدىر ئىشخانسىگە چىققاندىن بۇيان سىزنىڭ بۇرۇنقى ئاكىتىپ، خۇشپىئىل، كەمتەر خاراكتىرىڭىز ۋە ئالىجاناپ سالاپىتىڭىز ئۆزگۈرۈپ كەتتى. مەكتەپمۇ ئاستا- ئاستا سىزنىڭ قورۇقىڭىزغا ئايلىنىپ قالدى. ھېچكىم سىزسىز ھەرقانداق پائالىيەت ۋە سۆزلەرنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان، ھەتتا باشقىچە خىيال سۈرۈشكىمۇ پېتىنالمايدىغان بۇلۇپ قالدى،  سىزگە پىكىر بىرەلمەيدۇ ھەم سىز بىلەن سۆھبەتلىشەلمەيدۇ. سىزنىڭ خىيالىڭزىدا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار، ئىشچىلار ھاتتا گۈل- گىياھمۇ سىزگە ئىتائەت قىلسا، سىز ئۈچۈنلا خىزمەت قىلسا، باشقا ھېچقانداق تاشقى ئامىل سىزگە دەخلى قىلمىسا بولاتتى. سىزنڭىچە بىز سىزنىڭ دىگىنىڭىزنى، ھەتتا ئويلىغانلىرىڭىزنىمۇ شەرتسىز سىزگە بەجا كەلتۈرىشىمىز، ئائىلە ئىشلىرىڭىزدىن تارتىپ بۇيرۇلغان ۋەزىپىلەرگىچە «خوپ» دىىيشىمىز كېرەك ئىدى. ئەمما، بىز ئوقۇتقۇچىلاردا خەلىقنىڭ مائارىپىنى گۈللەندۈرۈش، ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن كۆرەش قىلىش، گۈل- گىياھتا ئىنسانلارغا گۈزەللىك ئاتا قىلىش ئارزۇسى بار. ئىسڭىزدا بولسۇنكى مۇدىر، «خەلق ئۈچۈن قىلىنغان خىزمەت » ئەڭ شەرەپلىك خىزمەت.  بىز سىزگە ئىتائەت قىلالمايمىز، بىز مائارىپ ئۈچۈن چاكار، سىز ئۈچۈن ئەمەس. تەشەببۇس قىلىمەنكى سىزگە نىسبەتەن پەقەت ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلسىڭىزلا ئاندىن خاتىرىڭىزدىكى «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش » دىگەن خەتكە جان بىرەلەيسىز. ئوقۇتقۇچىلاردا سىزگە بولغان ئاڭسىز ئىتائەت ئەمەس، ئاڭلىق ھۆرمەت شەكىللەنسۇن.

5. مۇدىر، ئىنساننىڭ ئىنساندا ھەققىي بار، لىكىن سىزنىڭ بىزدىكى ھەققىڭىز تۈگەپ بولغان.

مۇدىر ئىنساننىڭ ئىنساندا ھەققىي بار. بۇ تۇلىمۇ ئىنسانپەرۋەلىك بىلەن ئېيتىلىغان سۆز. شۇ سەۋەپتىن بىز سىزگە تۇلىمۇ ئىنسانپەرلەرچە مۇئامىلە قىلىپ كەلدۇق. جاپادا قالسىڭىز رەت- رەت تۇرۇپ ياردەم قىلىپ تەسەللىي بەردۇق، ئاچچىقىڭىز كىلىپ بىزنى ھاقارەتلسىڭىز، «كەيپىياتى ناچاركەن» دەپ چۈشەندۇق، سىزدىن خاتالىق كۆرۈلسە،«مۇدىر بولمىسا مەكتەپ چۈۋۈلۇپ كىتىدۇ» دەپ قوربانلىق بۇلۇشقا رازى بولدۇق. مەيلى قانداق سورۇن بولسۇن، قانداق ۋەزىپە ياكى ئىش بولسۇن، نۇرغۇن قېتىم ئۈنتۈنسىز، شەرتسىز تاماملاپ كەلدۇق. شەخسى ئىش، شەخسى مۇئامىلىڭىزنىمۇ بىزگە خاتىرجەم ئۇرۇنلاشتۈرۈپ، تېخى بىزدىن ھىساب ئېلىپ كەتكىنىڭىزدە «مۇدىر ماڭا يېقىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ» دەپ ئازاپلىق خۇشال بولدۇق. بىزنىڭ ئەركىن بوشلىقىمىزنى ئۆزىڭىزنىڭ شەخسى تۇرمۇشىڭىز بىلەن چەمبەرچاس باغلىۋالسىڭىز، «ئۇ مۇدىر، ھېچى ۋەقەسى يوق، كىيىنچە مۇنداق بولمايدۇ» دەپ ئۆزىمىزگە تەسەللى بەردۇق، سىزنىڭ سەۋەبىڭىزدىن تۇرمۇشىمىز ۋايران بولسا، ھاياتىمىز خەۋىپكە ئۈچرىسا، «ئازمايدىغان ئىنسان يوق» دەپ ئۆزىمىزگە شۈكىرى قانائەت ئىزلىدۇق. ئاخىردا يەنە شۇ تەڭسىز مۇئامىلە، باراۋەر بولمىغان ئۇرۇنلاشتۈرۇش، ئادالەتسىز ئىرىشىش- يۇقۇتىشلار بىزلەردە ھارغىن تىنىقلارنى قالدۇردى. شۈ سەۋەبتىن مەكتىپىمىزدىكى شەخسىيەتىسىز تۆھپە قۇشۇش رۇھى بار بۇلغان ئۇقۇتقۇچىلار پەقەت سىزگە ئىنسانپەرۋەرلىك قىلىش، سىز ئۈچۈن شەخسىيەتىسىز تۆھپە قۇشۇشتا ئاكىتىپ، ئۆز كەسپى ئۈچۈن تۆھپە يارتىش، ئۆز كەسپىنى سۆيۈشتە پاسسىپ ھالەت شەكىللنىپ قالدى. ئىسىڭىزدە بولسۇن سىزنىڭ بىزدىكى ھەققىڭىز ئاللىبۇرۇن تۈگەپ بولغان.

6. مۇدىر، توغرا ئىش قىلىش ئىشنى توغرا قىلىشتىن مۇھىم. قارىغۇلارچە ئىش قىلىش ئەمەس.

تۇغرا ئىش قىلىش- مەكتەپ شارائىتىغا، ئەمەلىي مۇھىتقا، مەكتەپ بايلىقىغا ئاساسەن، مەكتەپتىكى ھەممە ئوبىكىتلار رازى بولغۇدەك، ئورتاق قوبۇل قىلالىغىدەك ئىشلارنى قىلىش بۇلىدۇ. ئىشنى توغرا قىلىش- يۇقىرىنىڭ ئۇرۇنلاشتۈرۈشىنى قارۇغىلارچە ئەمىلىيلەشتۈرۈپ، ۋاقىتىدا تاماملاشنى كۆرسىتىدۇ. سىز يۇقىردىن بەكلا قورقامىسىزكىن ياكى ئۆز ئالدىڭىزغا مۇستەقىل ئىش قىلىشنى بىلمەمسىزكىن، يۇقىردىن كەلگەن ھەممە ئىشلارنى ھۆججەت رۇھى بويىچە قارۇغۇلارچە تاماملاشقا ئۇرۇنىسىز. بۇ جەرياندىكى  قول ئاستىڭىزدىكىلەرنىڭ مەنپىئەتىگە، تۇرمۇشىغا، خىزمىتىگە قانداق قۇلايسىزلىق، ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كىلىشى بىلەن ھېچقانداق كارىڭىز بولماي قالىدۇ. ئىسىڭىزدە بولسۇن مۇدىر، سىز نۇرغۇن جانلىق ئوبىكىتلارغا خىزمەت، ۋەزىپە ئۇرۇنلاشتۇرىسىز، ئۇلارغا ۋەكىللىك قىلىسىز، ئۇلارنىڭ مائامىلىسنى تەڭشەيسىز. شۇڭا ھەممە زىددىيەت سىزدىنلا جاۋابقا ئىرىشەلەيدۇ، ھەم سىز بىلەنلا ھەل بۇلۇپ راۋاجلىندۇ. سىزنىڭ يۇقۇرىنىڭ ھەيۋىسىدىن ئالاقىزادە بۇلۇپ، ھەممىمىزگە ئازار بىرىدىغان، ھېچكىم رازى بولمايدىغان يوللار بىلەن خىزمەتلەرنى تاماملىشىڭىزنى خالىمايمىز، ياخشى ئويلانسىڭىز تېخىمۇ ياخشى ئۇسۇللارنى بىلەن يۇقۇرى- تۆۋەننى ماسلاشتۈرالايسىز. توغرا ئىش قىلىش ئىشنى توغرا قىلىشتىن مۇھىم.

  7. مەكتەپ ئىقتىساد يارتىش ئورنى ئەمەس، ئىختساسلىقلارنى يارتىش ئورنىدۇر.

   ھەممىز ئوخشاش خىزمەت قىلىمىز، كىرىم مەنبىئىمىزمۇ تۇلۇق ئوخشاش. بىراق نىمە ئۈچۈن سىز بىر نەچچە يىل مۇدىر بۇلۇپلا ماشنىغا، ئۆيگە يەتكۈدەك ئىقتىساد توپلىۋالغانلىقىڭىزغا تۇلىمۇ ھەيرانمەن. بىر چاغلاردا بىزمۇ سىز بىلەن بىللە خىزمەت قىلاتتۇق، سىزنىڭ تاپاۋەت قىلالىغۇدەك پىكىر- خىيالڭىزمۇ يوق تۇرۇپ يەنلا قەرىزسىز نۇرغۇن مۇلۇككە ئىگە بۇلۇپ قالغانلىڭىزدىن بىز ھەممىمىز ھەيران. سىز ئۈچ ۋاخ تاماقىڭىزنى تىجەپ، بىر ماشىنا كەلگۈدەك پۈل توپلىدىڭىزمۇ ياكى سىز بىز بىلمەيدىغان مەخپى بىر تىجارەت قىلىۋاتامسىز ۋەياكى بالا تەربىيلەشتە جاپا تارتقانلىقىڭىز ئۈچۈن ئۇلۇغ ئاللا غايىپتىن سىزگە ماشىنا، ئۆي ئەسلىھەلىرى تاشلاپ بەردىمۇ؟ بۇ مۇنازىرىگە يەكۈن ئىزلىمىدۇق، مەكتەپنىڭ بايراق مۇنارىغا پاكلىق تىلىدۇق. شۇنى بىلىڭكى، نىمىلا بولمىسۇن، مەكتەپ ئىختساسلىقلارنى يارتىش ئورنى ، بىراق يىللاردىن بىرى مەكتىپىمىزدىكى كۆزگە كۆرۇنەرلىك ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئازلاپ، مۇدىرنىڭ كىرىمى كۆپىيىپ كىتىۋاتىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ گۈل چىھرى مىسكىنلىشىپ، مۇدىرنىڭ گۈلقەقەلىرى شوخلىشىپ كىتىۋاتىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئاكىتىپچانلىقى سۇسلىشىپ، مۇدىرنىڭ سىرتقى مۇئامىلىسى رۇشەنلىشىپ كىتىۋاتىدۇ. بىلمىدۇق، جاھاننىڭ تارازىسى سىزگە بىرخىل، بىزگە بىرخىلمۇ؟ بىزنىڭ مۇرىمىزغو ئايرىم- ئايرىم، لىكىن سىزنىڭ مۇرىڭىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتۇنلىرىدا ئىسلانمىسا بولاتتىغو!!!   ئىسڭىزدە بولسۇن- باللىرىمىز شەخسى غەرەزنىڭ قوربانى بۇلۇپ قالمىسۇن.

8. باشقۇرۇش-ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىش مۇناسىۋىتىدۇر، بۇي سۇنۇش- سۇندۇرۇش ئەمەس.

خىزمەتتىكى ھەربىر كىچىك ھالقىلاردا، يۈز بەرگەن ھەرقانداق مەسىللەردە ھەممىزنىڭ ئوخشاشلا مەسئۇلىيتىمىز بار. سىز مۇدىر بولغانلىقىڭىز ئۈچۈنلا ھەممە مەسئۇلىيەتنى بىز ئوقۇتقۇچىلار ئۈستمىزگە ئېلىشىمىز كىرەكمۇ؟ ھاقارەتلىرىڭىزنى، بۇيرۇقلىرىڭىزنى شەرتسىز قۇبۇل قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟ ئۈمىدىمىز سىز يەنىمۇ تىرىشىپ ئۈگىنىڭ، رەھبەرلىك قىلىش، باشقۇرۇش سىز ئويلىغاندەك ئاسان ئەمەس. ھاۋا رايى، تىمپۇراتۇرا، مۇھىت، كىشىلىك كەيپىياتنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلدىن ھەر- بىر كۈندىكى باشقۇرۇش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ھەر بىر ئادەمنىڭ شۇ كۈنلىك ئىپادىسنىڭ ئۇخشىمالىقى تۈپەيلىدىنمۇ ھەر بىر ئادەمنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزمۇ سىز بىلەن ھەمكارلىشىپ مەكتەپنىڭ چىڭ- كىچىك ئىشلىرىغا ئۇخشاش كۈچ چىقىرىشنى خالايمىز. بىراق، مۇدىر بولدۇم، ھۇقۇق مەندە، ماڭا چۇقۇم  ئىتائەت قىلسىكەن، ھەممە ئۇرۇنلاشتۈرىشلىرىڭىزغا بوي سۈنسىكەن دىگەن خىيالدا تۇرۇپ قالماڭ. بىزنىڭ ھەممىزنىڭ ئۆز ئالدىمىزىغا مەيدانىمىز، كۆز قاراشلىرىىمىز بار. ئۆز كەسپىمىز ۋە خىزمەت ئىھتىياجىمىزغا ئاساسەن بىز سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى ھۆرمەت قىلساق، ئۇرۇنلاشتۈرۈشلىرىڭىزنى تاماملىساق بۇلىدۇ. ئەمما مۇتلەق بۇي سۇندىرىمەن دەپ خىزمەتكە بىيۇكىراتلىق ئىددىيسىنى ئارلاشتۈرۈپ قويماڭ.

9. بىز تەكشۈرۈشكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ياخشى خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىمىز.

بىز ئوقۇتقۇچى. ئىدديىمىزدە مەكتەپكە كىلىپ دەرس ئۆتۈشتىن باشقا ھېچقانداق مۇھىم ئىشىمىز يوق. ھەمدە ئەڭ ياخشى رۇھى ھالەتتە، ئەڭ چوڭ غەيرەت بىلەن ھەربىر كۈندىكى ئوقۇتۇش ۋەزىپىمىزنى غەلبىلىك تاماملاشنى تۇلىمۇ ئارزۇ قىلىمىز. بىراق تۈگىمەس تەكشۈرۈشلەر، ئۈزۈلمەس مىھمانلار تەقىۋەتىدىن، بىرەر كۈنمۇ ئۇڭۇشلۇق ئاخىرلاشقان كۈنىمىز يوقاپ كەتتى. بىراق سىز قەيەردىن، كىم، نىمە ئۈچۈن مەكتەپكە كىلىپ  سۆھبەت ياكى تەكشۈرۈشتە بۇلىغانلىقىنى ئايرىيالمايسىز، ئايرىغان ھالەتتىمۇ سىزنىڭ ئالاقىزادىچلىكىڭىز سەۋەبىدىن مەكتەپتىكى ئوقۇتۇش خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ كىتىدۇ. سىز قايسىمىزنىڭ دەرسى بار، كىم نىمىنى قىلماقچى، قانداق قىلىشى كېرەك دىگەن مەسللارنى ئويلاشمايلا تەكشۈرۈشكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كەسكىن تەييارلىققا ئۇرۇنلاشتۈرىسىز. شۇنىڭ بىلەن تەكشۈرۈشكە ئالاقىسىز نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار شۇ بىر كۈننى نىشانسىز، جىددى كەچ قىلىدۇ. سىزگە ۋە شۇ تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەرگە شۇنى دىگۈم كىلىدۇكى، مەكتەپ مىھمان قۇبۇل قىلىدىغان، باشقىلارغا كۆز- كۆز قىلىدىغان، نەخ مەيدان قىلىدىغان، يىغىن ئاچىدىغان، سىياسى ۋەزىپە ئىجىرا قىلىدىغان سورۈن ئەمەس. ئوقۇغۇچىلارنى بىخەتەر، ساغلام تەربىيلەشتىن باشقا ھەرقانداق خىزمەت مەكتەپتە قانات يايدۇرۇلماسلىقى كېرەك.

10. بىز قابىليەتىسىز ئەمەس، لىكىن بىز داۋاملىق تېخىمۇ قابىليەتلىك بۇلۇش ئۈچۈن تىرشىمىز.

يۇقىردىن كەلگەنلەرمۇ، مەكتەپىتىكى رەھبىرى كادىرلارمۇ بىزنى قابىليەتىسىز دەپ تەنقىتلەيدۇ. لىكىن قۇشۇننىڭ قابىليەتىسزلىكى ئۇنىڭ ئەسكىرىدە ئەمەس، قۇماندانىغا باغلىق. يىتەكلەش، رەھبەرلىك قىلىش توغرا بولمىسا، قابىليەتلىك ئوقۇتقۇچىلارمۇ غەلبىلەك نەتىجىلەرگە يېقىنلىشالمايدۇ. ئەمەليەتتە بىز قابىليەتىسىز ئەمەس. لىكىن مۇدىر سىز مۇۋۋەپپىقيەت يولىمىزنىڭ توغرا نىشانىنى تاپالمايۋاتىسىز، بىز غەلبە قىرغاقلىرىدىن يىراقلىشىۋاتىمىز. شۇڭا مەكتەپىمىزمۇ بىرەر قېتىم مۇكاپاتلانغىنى يوق. ئەمما بىز يەنىلا تىرشىۋاتىمىز. شۇ مەكتەپ، شۇ ئۇقۇغۇچىلار ئۈچۈن كۆيىۋاتىمىز. بىز چاچقان نۇرلار ھامان بىر كۈنى سىزنىڭ قاراڭغۇ پىكىرلىرىڭىزگە نىشان ۋە غەيرەت ئېلىپ كەلگۈسى.

مەن پىنىسيگە چىقتىم، سىز بىر كۈنلۈك رۇخسەت ئۈچۈن تالاي قېتىم يېلىندۇرغان ئوقۇتقۇچىڭىز ئۆمۈرلۈك پىنسىيگە چىقتى، بىر ئۆمۈر رۇخسەت سورىمايدىغان، خاتىرجەم سۆزلىشەلەيدىغان، كۆڭلۈم ئازادە بولىدىغان، تولىمۇ خۇشال بولدىغان جايغا كەتتى. بىلەمسىزكىن، ياش ۋاقتىلىرىمدا مەكتەپنى ئائىلەمدەك كۆرەتتىم، مەكتەپ ئۈچۈن بىرەر ياخشى ئىش قىلسام خۇشال بولاتتىم، مەكتەپ ئىناۋىتىنى جېنىمدىن ئەزىز بىلەتتىم، بىراق ھازىر مەكتەپكە قەدەم باسمىسامكەن دەيمەن، مەكتەپنى نەس باسسا، خۇشال بولىمەن، مەكتەپتە جىدەل چىقسە خۇرسىنىمەن. نىمە ئۈچۈنلىكىنى بىلەمسىز؟ سىزگە ئېيتىپ بىرەي. تالاي يىللاپ مۇنبەردىن، ئىشخانامدىن، مەكتەپتىكى ھەربىر گىياھدىن سۆيۈنۈپ ياشىرىپ كەلگەن يۈرىكىم شۇ بىر سىزدىن خاتىرجەمسىزلىنىدۇ، تەشۋىشلىنىدۇ، ئەندىكىدۇ. بۇ ھەسەت ئەمەس، بۇ بىر خىل قورقۇش، بىر خىل نەپرەت، بىر خىل ئۆچمەنلىك، ئۆكۈنىش. ھازىر كەسىپداشلىرىمىغا ئىچىم ئاغرىيدۇ، ئۇلارمۇ مەندەك نادامەتتە قېلىۋاتىدۇ، بىراق نىمە ئامال، ئۇلارمۇ قورقىيدىغان تۇرسا.... ئۇقۇغۇچىلرىمىغا تېخىمۇ ئىچىم ئاغرىيدۇ، ئۇلار ھېچنىمىنى بىلمەيلا «بىلمەي» قېلىۋاتىدۇ. مەن مۇدىر بۇلۇپ باقمىغان، سىزنىڭ نىمىلەرنى ئۈگۈنىشىڭىز كېرەكلىكىنى سىزگە يۇرۇتۇپ بىرەلمەيمەن، ئەمما سىز ئۈگىنىڭ ياكى ئۈگەنمەڭ، بىز ئوقۇتقۇچىلارنى رازى قىلغۇدەك، قايىل قىلدۇرغۇدەك، سىزدىن سۆيۈنگۈدەك خىزمەت ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىشىڭىزنى، خەلقىنى، بالىلارنى رازى قىلدۇرغۇدەك مەكتەپ ئىسىتىلى يارىتىش ئۈستىدە تىرشىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ھۆرمەتلىك مۇدىر! سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئوقۇتقۇچىلار شۇ باللىرىڭىزغا ئوخشايدۇ، گاھىدا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ سىزگە باش ئاغرىقى تېپىپ بەرسە، گاھىدا سىزنى ھاقارەتكە قويىدۇ. گاھىدا سىز يەنە ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن بېشىڭىزنىمۇ كۆتۈرەلمەي قالىسىز. بىراق نىملا بولمىسۇن، ئۇلار يەنىلا سىزنىڭ يىتەكلىشڭىزگە، غەمخورلىقىڭىزغا، ھىمايە قىلىشڭىزغا مۇھتاج.

سىز، بىزنىڭ بارلىقىمىز- ئۆزىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، ئۆزىمىزنىڭ باللىرى ئۈچۈن ئەمەسمۇ!!!

  



تېما تەستىقلىغۇچى : sebir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-13, 11:28
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-04-13 11:22 |
tohotur

دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1779
شۆھرەت: 9781 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 9843 سوم
تۆھپە: 5756 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 5766 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2542(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يەنە شۇ لەنىتى مۇدىرنىڭ گىپى ، ئىشەككە كۇچۇڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمنى دىگەندەك ھازىرقى تۇزۇلمىنىڭ مەسھولى بۇ مۇدىر غوجاملار ، ئۇيغۇر مائارىپى ھەقىدە ئويلىساملا ئىچىم ئاچچىق بولۇدۇ ،
ئۇيغۇر مائارىپى ھېچكىم كۆڭۇل بولمەيدىغان ئۆگەي مائارىپقا ئايلىنىپ قالدى ،
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-13 12:09 |
anwar1980
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6777
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 125 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 115 سوم
تۆھپە: 68 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 68 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 23(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ ماقالىگە قانداق تىما يويسام بولار؟  باشقىلار  تىمىنى ئۆزگەرتىڭ دەيدۇ؟
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-13 12:25 |
tohotur

دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1779
شۆھرەت: 9781 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 9843 سوم
تۆھپە: 5756 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 5766 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2542(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تۇرۇۋەرسۇن ،ھەممە مۇدىرلار ئىبرەت ئالسۇن ،ئۇيغۇر مائارىپىمىز بۇ  گىنى ئۆزگەرگەن مۇدىرلارنىڭ قولىدا ھالەك بولمىسۇن ،
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-13 12:30 |
anka
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6068
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 270
شۆھرەت: 1336 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1343 سوم
تۆھپە: 803 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 810 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 288(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى anwar1980دە2012-04-13 12:25يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇ ماقالىگە قانداق تىما يويسام بولار؟  باشقىلار  تىمىنى ئۆزگەرتىڭ دەيدۇ؟

كىم دەيدۇ ئۆزگەرتىڭ دەپ؟  نېمىشقا؟ سەۋەبىنى دېدىمۇ؟
 ئەگەر ئورۇنلۇق سەۋەب بىلەن دېگەن بولسا <ۋەسىيەتنامە> دەپ ئۆزگەرتىپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن، يا بولمىسا <ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت> دېسىڭىزمۇ بولغۇدەك.
<ئوقۇتقۇچى ،ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت ،بولدۇممۇ تارتىمەن جاپا مۇشەققەت............> مۇشۇ شېئىر ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ.
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-13 12:36 |
بۇلاق
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5169
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 94
شۆھرەت: 791 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 801 سوم
تۆھپە: 428 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 437 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 399(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مائارىپ بىلەن مىللەت گۈللىنىدۇ. ئەكسىچە بولسا، مىللەت خاراپ بولىدۇ.
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-13 13:09 |
kvzatkvqi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6364
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 69
شۆھرەت: 361 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 363 سوم
تۆھپە: 215 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 217 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 103(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

«مۇدىرىمغا خەت' '  دىسىڭىز  ئەسەر مەزمۇنى بىلەن بىرلىشىدىكەن ھەم باشقىلارنىڭ رەددىيە بىرىشكە ئاساسى قالمايدۇ. چۈنكى مۇدىرغا خەت دىسىڭىز ،بۇھەممە مۇدىرنىۆزئىچىگە ئالىدۇ-دە،ئەسكى  مۇدىرلار ياخشى مۇدىرلارنى قالقان قىلىپ تۇرۇپ  سىزگە  رەددىيە  بىرىشى  مۇمكىن
simfoniya
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-13 14:54 |
kvzatkvqi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6364
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 69
شۆھرەت: 361 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 363 سوم
تۆھپە: 215 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 217 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 103(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مىنىڭچە باش  سۈرىتىڭىزنى  ئالماشتۇرۋەتسىڭىز  بۇلارمىكىن. تېخىمۇ ئەركىن مۇنازىرە ئۈچۈن....
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-13 15:01 |
anur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6786
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 25 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 25 سوم
تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 15 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 20(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مائارىپ ھەققىدىكى ئۇشبۇ قاراشلىرىڭدىن ھەقىقەتەنمۇ سۆيۈندۈم،مېنىڭ نەزىرىمدىكى مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىكى ئەزالار مانا موشۇنداق تېرەن پىكىرلىك،مائارىپىمىز ھەققىدە ئويلىنالايدىغان بولىشى كېرەك،بۇندىن ئىلگىركى بىر قانچە قېتىملىق سۆھبەت ۋە تەكشۈرۈش جەريانىدىكى مۇھاكىمىلەردىن،«شىنجاڭ مائارىپ ژۇرنىلى»دىكى ماقالىلىرىڭدىن شۇنداق مەنىۋى زوق،ئويلىنىشلارنى قىلغان ئىدىم.بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىش ۋە قەلەملىرىڭ توختاپ قالمىغاي!
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-13 18:04 |
uyghurizlari
دىنىم ئىسلام ،مىللىتىم ئۇيغۇر.
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3877
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 324
شۆھرەت: 1728 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1745 سوم
تۆھپە: 1021 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1026 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 247(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەك ياخشى يېزىپسىز.قايىل بۇلماي تۇرالمىدىم...مۇشۇنداق لاتا مۇدىرلارنى  يۇيۇپ تازلايدىغان سوپۇنلارنى ھۆكۆمىتىمىز نىمىشقا ئىشلەپ چىقارمايدۇ؟كارى بۇلمايدۇ؟
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-13 19:05 |
toram
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 257
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 106
شۆھرەت: 570 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 572 سوم
تۆھپە: 336 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 336 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ماقالەڭ تولىمۇ ياخشى چىقىپتۇ،تىمىسىنى ئۆزگەرتمىسەڭمۇ بولىدۇ. مۇنبىرىمىزنى مۇشۇنداق ئېسىل يازمىلىرىڭ بىلەن بىزەپ تۇرارسەن.سەندەك بىر ئوقۇغۇچۇم بولغانلىقىدىن مەن پەخىرلىنىمەن جۇمۇ؟
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-13 20:40 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«123»Pages: 1/3     Go
Bagdax bbs » ئەدەبىي ئەسەرلەر