saltanat lutun elan berig
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 2461 قېتىم كۆرۈلدى
qeqak
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5682
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 179 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 189 سوم
تۆھپە: 91 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 97 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئەمۋاي  بىزگە خىرىس ئەپكىلەمدۇ ياكى پۇرسەتمۇ؟

ئەمۋاي  بىزگە خىرىس ئەپكىلەمدۇ ياكى پۇرسەتمۇ؟
                                  

      سۆيۈملۈك تورداشلىرىم، مەن بىر ئەمۋايچى  (يېڭدىن كىرگەن)، مەن بۇ مۇھىتتىىن ئالغان تەسىراتىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. بۇ شىركەت ھازىر 90 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا كېڭىيىپ، ئۆزىنىڭ سودا ئىمپېرىيەسىنى قۇرۇپ بولدى ۋە داۋاملىق كېڭەيمەكتە. بۇ شىركەت ھازىرغا كەلگىچە دۇنيادىكى كېلىپ چىقىشى ئوخشاش بولمىغان، ئوخشىمىغان مىللەت كىشىلىرىدىن  3مىليون 900 مىڭ ئادەمنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بىرىپ، ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى. بۇ ئەمۋاينىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن پۇرسىتى. ئەمدى بۇ يەردە بىر مەسلە بار. بۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرى پۈتۈنلەي ئادەم بەدىنگە زىيانسىز بولغاچقا دۇنيا خەلقىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە. بۇ مەھسۇلاتلارنى خەلقىمىزگە تۇنۇشتۇرۇپ سېتىشىمىز بىزنىڭ مىللىي كارخانىلىرىمىزغا خىرىس ئېلىپ كېلەمدۇ - قانداق ياكى مەن ئارتۇقچە غەم قىلىۋاتامدىمەن؟ مېنىڭچە ۋىجدانلىق ئادەم بولسىلا مىللىي كارخانىلىرىمىزنىڭ تاقىلىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. سۆيۈملۈك تورداشلىرىم، مۇشۇ توغرىسىدا ئويلىغىنىڭلارنى دەپ باقساڭلار. رەھمەت!
ئەمۋاي ۋە نيۇسكىنغا ئوخشاش شىركەتلەر
توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم




     « ئەمۋايغا ئوخشاش شىركەتلەر بىزگە بېسىم ئېلىپ كېلەمدۇ؟ » ناملىق ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن بۇ مەسىلىدە بىر قەدەر ئىنچىكە ئويلىنىپ باقتىم. ئويلاپ باقسام بۇ مەسىلە سەل قاراشقا ياكى ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن ئىچكىرلەپ كىرىشكە بولمايدىغان مەسىلە بولۇپ قاپتۇ. شۇڭلاشقا بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسام دوستلارمۇ پىكىر يۈرگۈزۈپ باقسا دېگەن ئۈمدتىمەن.
    1. ئەمۋايغا ئوخشاش شىركەتلەر ئۇيغۇرلاردىكى ئوخشاش مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىغان شىركەتلەرگە ئاز بولمىغان بېسىملارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ھازىر ئۇيغۇر تېبابەت رېتسىپلىرىغا ئاساسەن خەلقىمىزنىڭ تەن- ساغلاملىقىنى ياخشىلايدىغان، ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئاساس يارىتالايدىغان خېلى كۆپ مەھسۇلاتلىرى بازارغا سېلىندى. ئەمما ئۇ مەھسۇلاتلار پۈتۈن ئاپتونۇم رايونىمىز تەۋەسىدە ۋاكالىتەن سېتىش ئورۇنلىرى ئارقىلىق تارقىتىلىدۇ. ئەمۋاي، نىسيۇسكىن ۋە باشقا سودا ئىمپىريىلىرىنىڭ ئۇسۇللىرىغا ئوخشاش تاكتىلىك مەھسۇلات سېتىش ئۇسۇلىنى قوللانمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئىنىقلا ئۇيغۇر شىركەتلىرىگە زور دەرىجىدە بېسىم ئېلىپ كېلىپلا قالماي ۋەيران قىلىۋېتىدۇ.
     2. ئەمۋاي، نىيۇسكىن ۋە باشقا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ساتىدىغان سودا ئىمپىرىيەلىرىنىڭ سودا تاكتىكىسى ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىپ بىرىنىڭ ھەققىنى، يەنە بىرىگە يېگۈزىدىغان ياكى باشقا بىرىنىڭ ئەجرى بەدىلىگە باشقا بىرىگە ھەق بىرىدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق ئەزەلدىن ھالال بىلەن ھارامنىڭ چەك- چىگىرىنى ئېنىق ئايرىپ، يولدىن بىرەر نەرسە تېپىۋالسىمۇ ئىگىسىنى ئىزدەيدىغان ئىنساپلىق كېشىلەرنىڭ ئىنسابىنى يەپ كېتىدۇ.
     3. بۇ شىركەتلەرنىڭ سودا كۆز- قاراشلىرىدا ئاتا- ئاناسىغا، ئۇرۇق- تۇققانلارغا، دوست- بۇرادەرلەرگىمۇ مەھسۇلاتنى پۇلغا سېتىشنى، ئادىمىگەرچىلىكنى باشقا ئۇسۇلدا يەتكۈزۈشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇ مەسىلە ئاتا- ئانىمىزغا تولۇق ۋە ئاخىرىغىچە ياخشىلىق قىلىش توغرىسىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ روھىغا خىلاپ كېلىدىكەن.
    4. بۇ خىل سودىغا كىرىشكەنلەر باي، نامرات، دىندار، دىنسىز، خىزمەتچى، ئەر – ئايال، كىچە- كۈندۈز، دەم ئېلىش، خىزمەت ھېچقانداق ئۇقۇمنىڭ چەك- چىگىرىسىنى ئايرىمايدىكەن. بۇ ئەھۋال ئىنساننىڭ، دىننىڭ، مەدەنىيەتنىڭ، ئۆرپ- ئادەتنىڭ چەك، چىگىرىسىغا ئېغىر دەرىجىدە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدىكەن.
    5. بۇ سودىغا كىرىشكەن ئادەملەر ئىنساننىڭ يۈرۈش- تۇرۇشى، گەپ- سۆزى، ئىش – ھەرىكىتى، ئۆيىنىڭ، ئىشخانىسىنىڭ بېزىلىشىدىن باشلاپ ھەممە ئىشقا دىققەت قىلىدىكەن ۋە پۇرسەت ئىزدەيدىكەن. بۇنى سودا ياكى مەھسۇلات تۇنۇشتۇرۇش ئەمەس. شارائىت ۋە پۇرسەت ئىزدەپ پۇل تېپىش دېگەنلىك بولىدىكەن.
    يوقارقىدەك ئەھۋالدا بۇ ئىشقا كىرىشكەن دوستلار ياخشىراق ئويلاپ بۇ ئىشقا كىرىشمىسە بۇ كىشىلەر ئاقىۋەت مىللەت، جەمئىيەت ۋە ئائىلىسىگە نىسبەتەن ئاپەت بولۇپ قالغۇدەك. شۇڭلاشقا ئويلىشىپراق ئىش قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

مەنبە:تەڭرىتاغ
تېما تەستىقلىغۇچى : alqondi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-14, 00:33
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-04-13 22:04 |
13899196193
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6131
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 90 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 90 سوم
تۆھپە: 49 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 49 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

http://sajiye.org/viewsj.php?id=156
قىرىندىشىمىز ئابدۇلئەزىز رەھمۇتۇللاھنىڭ پەتىۋاسى

بۇ تورنى ئادىرىسىنى باشتا چەكسەڭلار ئىچىلمايدۇ.(ئىچىلمىغان تورنى)2-3مىنۇتتىن كىيىن تور يازىدىغان يەرنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئىستىرىلكىنى چەكسەڭلار ئىچىلىدۇ
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-14 00:54 |
budunya
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 5764
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 628
شۆھرەت: 3186 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3188 سوم
تۆھپە: 1906 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1907 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 588(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەمۋايچىلار ئەممىۋاينى شۇنداق ماقتايدۇكى ئەممىۋاي ھەممىگەقۇترەتلىكتەك مەنمۇئەمۋايغاقىزىقىمەن ئىشلەتمەيمەن سەۋەپ؛ئۇلاربەك ماختايدۇۋەبەك كۆپۈرۈپ سۆزلەيدۇ
خۇددى ئەممىۋاينى ئىشلەتكەن ئادەم ئۆلمەيدىغاندەك مەن شۇماختاشلاردىن بىزاربولۇپ يەنەبۇلارنىڭ توختىماي ئىشىك چىكىشلىرىدىن تىلەمچىلەركۆزئالدىمغاكىلىپ ......
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-14 02:04 |
naprat2009
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 79
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 203
شۆھرەت: 1191 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1189 سوم
تۆھپە: 691 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 693 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 519(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىنساپى يوق ئادەم مەيلى ئامۋاي قىلامدۇ قىلمامدۇ ئوخشاش، ئامۋاي بىلەن شوغۇللانسا ئىنسابى يوقاپ كېتىدۇ دەپ قاراشمۇ بەك بىر تەرەپلىمىلىك.
ئۇيغۇر شېركەتلىرى ئۇلاردىن ئۆگىنىشى كېرەك، مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۈنۈم بېرىشى يوق دېيەرلىك. ئارمان ۋە ئىخلاسنىڭ يېمەكلىكلىرى بوپ قالىدۇ، باشقىسى بىكارمىكىن دەيمەن.
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-14 11:01 |
abit
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6368
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 117
شۆھرەت: 610 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 625 سوم
تۆھپە: 361 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 361 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 57(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 Re:ئەمۋاي  بىزگە خىرىس ئەپكىلەمدۇ ياكى پۇرسەتمۇ؟

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى naprat2009دە2012-04-14 11:01يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئىنساپى يوق ئادەم مەيلى ئامۋاي قىلامدۇ قىلمامدۇ ئوخشاش، ئامۋاي بىلەن شوغۇللانسا ئىنسابى يوقاپ كېتىدۇ دەپ قاراشمۇ بەك بىر تەرەپلىمىلىك.
ئۇيغۇر شېركەتلىرى ئۇلاردىن ئۆگىنىشى كېرەك، مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۈنۈم بېرىشى يوق دېيەرلىك. ئارمان ۋە ئىخلاسنىڭ يېمەكلىكلىرى بوپ قالىدۇ، باشقىسى بىكارمىكىن دەيمەن.

مىللىي كارخانىچىلىرىمىزنىڭ ئىچىدىمۇ ئېسىل مەھسۇلاتلىرى بار بولغانلىرىمۇ بار،لېكىن بىزنىڭ مىللىي ھىسسىياتىمىزغا تاينىپ بىزلەرنى قاقتى-سوقتى قىلىشغا يۈز تۇتقانلىرى كۆپرەك. بىزنىڭ ھازىر بۇ شىركەتلىرىمىزگە باھا بىرىشكە ۋاقىت سەل بالدۇرلۇق قىلىدۇ.نەچچە ئون يىللىق بازار رىقابىتىدە پۇت تىرەپ تۇرۇش بىلەن بىرىگە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى خەلقىمىزنىڭ تۈرلۈك ئەھۋاللىرىغا ماس كىلەمدۇ يوق؟ ھازىرچە بىز ئارمان گورۇھنى بۇ سالاھىيەتلەرگە يېقىنلاشتى دېسەك بولىدۇ.قالغىنىنى ئەمەلىيەت بەلگىلىسۇن. 
simfoniya
ھەممە ئىشتا ئوتتۇرھال بولغان ئەڭ ياخشىدۇر.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-14 14:06 |
qinturk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2217
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 98
شۆھرەت: 505 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 505 سوم
تۆھپە: 303 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 303 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 26(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ مەسلىگە سۈكۈت ھەممىدىن ئەلا.چۈنكى:تىرىكىچىلىك يولى ئادەمنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويدى...
lutun
مەن دوستانە،سەمىمي كىشلەرگە ئامراق.
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-14 14:19 |
tewilgha
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2264
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 181
شۆھرەت: 1018 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1029 سوم
تۆھپە: 597 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 598 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 410(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 Re:Re:ئەمۋاي  بىزگە خىرىس ئەپكىلەمدۇ ياكى پۇرسەتمۇ؟

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى abitدە2012-04-14 14:06يوللىغان يازمىسىغا نەقىل Re:ئەمۋاي  بىزگە خىرىس ئەپكىلەمدۇ ياكى پۇرسەتمۇ؟ :

مىللىي كارخانىچىلىرىمىزنىڭ ئىچىدىمۇ ئېسىل مەھسۇلاتلىرى بار بولغانلىرىمۇ بار،لېكىن بىزنىڭ مىللىي ھىسسىياتىمىزغا تاينىپ بىزلەرنى قاقتى-سوقتى قىلىشغا يۈز تۇتقانلىرى كۆپرەك. بىزنىڭ ھازىر بۇ شىركەتلىرىمىزگە باھا بىرىشكە ۋاقىت سەل بالدۇرلۇق قىلىدۇ.نەچچە ئون يىللىق بازار رىقابىتىدە پۇت تىرەپ تۇرۇش بىلەن بىرىگە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى خەلقىمىزنىڭ تۈرلۈك ئەھۋاللىرىغا ماس كىلەمدۇ يوق؟ ھازىرچە بىز ئارمان گورۇھنى بۇ سالاھىيەتلەرگە يېقىنلاشتى دېسەك بولىدۇ.قالغىنىنى ئەمەلىيەت بەلگىلىسۇن. 

بۇ گەپ سەل ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق ؟ ئەگەر سىز ئىچكىرىدىكى بەزى شىركەتلەرنىڭ شىنجاڭدىكى ۋاكالەتچىلىكىنى ئېلىپ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇپ ، كورۇپكا ، ئورالمىلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ سېتىۋاتقان مىللى كارخانىلارنى كۆزدە تۇتقان بولسىڭىز  بەلكىم شۇنداقتۇ ،،، لېكىن ئۆزى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سېلىۋاتقان مىللى كارخانىلارنى بىزنىڭ مىللى ھېسىياتىمىزغا تايىنىپ بىزنى قاقتى - سوقتى قىلىۋاتىدۇ دەيدىغانغا قانداق ئاساسىڭىز بار  قېرىندىشىم ؟
مېنىڭچە ئەمۋاينىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ياكى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش قاتارلىقلار ئۆزى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىۋاتقان مىللى كارخانىلارغا خىرىس ئېلىپ كېلەلمەيدۇ ، چۈنكى ئەمۋاينىڭ مەھسۇلاتلىرى دورىمۇ ئەمەس ،ساغلاملىق مەھسۇلاتىمۇ ئەمەس  بەلكى ئۇ  ئوزۇقلۇق ؛ ئۇلار ئادەتتە مەھسۇلاتلىرىنى ئالقانغا قاراپ ، سوراپ ، ئۈسكۈنىلەردە تەكشۇرۇپ دىگەندەك ئۇسۇللار بىلەن سىزنىڭ كېسىلىڭىزگە بۇ دورا بولىدۇ دەپ بېىرىدۇ ، لېكىن سىز بىر مەزگىل ئىچكەندىن كېيىن  بۇ ماڭا پايدا قىلمىدى ، ئىچىمنى سۈرگۈزىۋەتتى دەپ بارسىڭىز ، بۇ كېسەل داۋالىمايدۇ ، بۇ دىگەن ئوزۇقلۇق ، كەم نەرسىلەرنىلا تولۇقلايدۇ دەپ تۇرىۋالىدۇ . دىمەكچى ، ئۇيغۇر كارخانىلىرى ئىشلەپچىقارغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئۇيغۇر تىبابىتى رىتسىپلىرى ئاساسىدا ئىشلەنگەن ، مۇئەييەن ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش رولىغا ئىگە، ھەرگىزمۇ ئەمۋاينىڭكىدەك نۇقۇل ئوزۇقلۇق ئەمەس . كارخانىچلارمۇ مەھسۇلاتنى بازارغا سېلىشتىن بۇرۇن بازار ئەھۋالى ، ئېھتىياج دىگەنلەرنى ئىگەللەپ ئاندىن بازارغا سالىدۇ ، شۇڭا ئەمۋايچىلارنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان بېسىمى چوڭ ئەمەس دىيىشكە بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سودا بىر بولسىمۇ رىزق ئايرىم بولىدۇ . ھەركىم قانچىلىكلا كۈچىگىنى بىلەن  ئاللا نىسىپ قىلغان رىزققىلا ئېرىشەلەيدۇ .

ئەمۋاينىڭ سودىسىنى قىلىش قىلماسلىق ، ھارام - ھالاللىقى دىگەندەك مەسىلىلەرگە دىننى پەتۋاچىلار جاۋاپ بەرسۇن .
ئوۋچىنىڭ ملتىقى بولسا كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن؟
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-14 17:00 |
akterak
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6813
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 15 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 15 سوم
تۆھپە: 9 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 9 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مىللى كارخانىچىلىرىمىزنى كەمسىتمەيلى .ئۇلارمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ .ياخشى مەھسۇلاتلارمۇ  بارلىققا كىلۋاتىدۇ .
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-14 18:56 |
nida
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6236
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 171
شۆھرەت: 868 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 869 سوم
تۆھپە: 519 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 520 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 66(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مىنىڭچە مىللى كارخنلارنىڭ كۆپ قىسىمى مىللەت سۇيەر خەلىقنىڭ مىللى ھىسياتىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ پۇلىنى تېپىش ،شۇلار ئارقلىق ئىقتىسادى ئۇنۇم يارىتىشنى ئويلايدىغانلار كۆپ ،لىكىن ھەممىسى شۇنداق دىگەن گەپ ئەمەس .
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-14 21:53 |
yaqibag
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1322
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 37
شۆھرەت: 231 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 233 سوم
تۆھپە: 132 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 134 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 42(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەمۋاينىڭ ئېلىپ كەلگەن پۇرسىتىدىن ئېلىپ كېلىدىغان خىرىس كۆپ ئىكەن .مەن ئەمۋاي بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللىنىدىغانلار ئىچىدىن تەقۋالىققا بەك ئىنتىلدىغان ئادەمنى ئانچە كۆپ ئۇچۇرتۇپ باقمىدىم .ئەمۋايدا دۇنيالىققا بەك بىرىلىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ .
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-16 13:02 |
udum
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5629
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 5 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5 سوم
تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 38(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەمۋاي پەقەتلا ئادەم ئالدايدىغا نەرسە خالاس
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-16 16:27 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » قوغۇنلۇقتىكى پاراڭلار