saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 2893 قېتىم كۆرۈلدى
maktapmudiri
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6816
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 70 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 60 سوم
تۆھپە: 35 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 35 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 كەمىنە مەكتەپ مۇدىرىدىن ئۇستازىمغا جاۋاپ سالام

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما hawar تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-04-15)
كەڭ ئوقۇتقۇچى دوستلار، كەمىنە مەكتەپ مۇدرىدىن سىلەرگە ئالى سالام! قىلىۋاتقان خاسىيەتلىك، جاپالىق، شەرەپلىك ئەمگىگىڭلارنىڭ ئەجرىدىن ئائىلەڭلار، سالامەتلىكىڭلار، ئۆمرۈڭلار بەرىكەتلىك بولغاي! ھەر بىر مىنۇت ۋاقتىڭلار مەيىلى مەكتەپتە بولسۇن، مەيلى جەمئىيەتتە بولسۇن، مەيلى ئائىلەڭلاردا بولسۇن بەختىيارلىققا تولغاي! كۆزۈڭلاردىن، چېھرىڭلاردىن سەبىلەر كۆزىنىڭ چاقناق نورى ئۆچمىگەي! مېھرىبان كۆزلىرىڭلار ئاخىرقى مىنۇتلارغىچە سەبىلەر چېھرىدە بولغاي!

كەمىنە، 40يىللىق خىزمەت سىتاژىغا ئىگە بىر پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىنىڭ يازغان خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. (گەرچە خەت قولۇمغا بىۋاستە تەگمىگەن بولسىمۇ ھازىرقى زامانىۋى ئۇچۇر ۋاستىسىنىڭ شاراپىتىدىن مەزمۇندىن تولۇق ۋاقىپ بولدۇم). سىز قىرىق يىل مىننەتسىز تەر تۆككەن شەرەپ ساھىبى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ماڭا ئۇستازسىز، شۇڭا سىزنى نۆۋەتتىكى قۇرلاردا «ئۇستازىم» دەپ ئاتاي.

ئۇستازىم، ئىشىك تۈۋىدە شۇنچە ساقلىغانلىقىڭىزنى مەن بىلمەي قاپتىمەن. بىلگەن بولسام ئىدىم، «ئۇستازىم مەرھابا» دەر ئىدىم. قىزغىن سۆھبەتلەر قۇرۇپ، ماڭا ھازىرغىچە ئىلىم سالغان مېھرىبان ئۇستازلىرىمنىڭ سىماسىنى مېھرىبان كۆزلىرىڭىزدىن، قەلبىڭىزدىن ئىزدەر ئىدىم. سىز نىمىشقا شۇنچە ئارسالدى بولۇپ ئىشخانامغا كىرەلمەي قالغانسىز. سىزدىكى قەتئىلىك، سىزدىكى ئىشەنچ نەگە كەتتى. ئەگەر سىز ئىشخانمغا كىرىپ، مەندىن سەۋەنلىك ئۆتكەن تەقدىردىمۇ سىز مېنى باشقۇرۇشقا، ماڭا تەنبىھ بېرىشكە تامامەن ھەقلىق ئىدىڭىزغۇ؟ ماڭا قاتتىق تەنبىھ بەرگەن تەقدىردىمۇ قىرىق يىللىق خىزمەت تارىخى بار بىر پىشقەدەم ئۇستازنى مەن نېمىمۇ قىلالايتتىم. دەردىممنى ئىچىمگە يۈتۈپ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا خىجىلچىلىقتا قالار ئىدىم. ھۇشۇمنى تاپار ئىدىم. مېھرىبان ئۇستازىم، ئىككىمىز بىر جايدا، بىر تىلدا، بىر دىلدا تۇرۇپ، سەمىمى پىكىرلىشەلمەي ئۆز-ئارا خەت يېزىشىش ھەر ئىككىمىزگە نىسبەتەن بىر پاجىئە. ئۇ كۈنى راستىنلا جىددى ئىشىم بار ئىدى. ئەگەر «مېنىڭ سىز بىلەن كۆرۈشىدىغان ئىشىممۇ جىددى ئىدى» دىگەن بولسىڭىز بولماسمىدى. ئىككىمىز ھىچ بولمىغاندا توسالغۇسىز پىكىرلىشەلەيتتۇققۇ. سىزدىكى رايىشلىق، ئۈمىدسىزلىك، ئىشەنچىسىزلىك مەندە كېبىر پەيدا قىلىپ قويغان ئوخشايدۇ. مېنى ئەپۇ قىلىڭ ھەم ئەۋلاتلىرىمىزغا ئىلگىرىكى قەتئى قورۇقۇمسىزلىقىڭىزنى، يۈكسەك جاسارىتىڭىزنى، ئىشەنچىگە تولغان ئوتلۇق قەلبىڭىزنى مىراس قالدۇرۇپ ئارام ئالسىڭىزمىكىن.

سۆيۈملۈك ئۇستازىم، مېنى ئىسىمىم بىلەن چاقىرىۋېرىڭ. سىزنى شۇنچە يۈرەك ئالدى قېلىۋەتكەن نېمىدۇ. بىلىڭكى مەندىكى «مەكتەپ مۇدىرى» دېگەن بۇ ئەمەل «ئەمەللەر بويسىرى تىزىلىڭلار» دىگەن كاماندىدا، ئەڭ كەينىگە، يەنى، مەھەللە باشلىقى دىگەن ئەمەلنىڭمۇ كەينىگە تىزىلىدۇ. گەرچە ئادەم ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ ئۇنىڭدىكى غۇرۇر ۋىجدان، ئۈمىد-ئىشەنچ، ئادىمىلىك تېخىمۇ تاكامۇل ھالەتتە ياپ-تاش تۇرۇشى كېرەك، بۇنى ئەينى ۋاقىتتا سىز بىزگە ئۈگەتكەن. سىز «قېرىغاندا ئازار يەپ قالماي» دەپ ئەنسىرەپسىزۇ، مەندەك بىر شاگىرتىڭىزنى نېمىشقا «ئۇستازلاردىن ئازار يەپ قالماي» دەپ ئەنسىرىتەلمىدىڭىز. سىز بۇنداق قىلىشقا تامامەن ھەقلىق ئىدىڭىزغۇ؟ سىز نىمىشقا مۇشۇنداق دەپسەندە قىلىنىشقا كۆنۈپ قالغانسىز؟ ھۆرمەتلىك ئۇستازىم، ئەدەپسىزلىكىمنى كەچۈرۈڭ، سىز تىزراق پىنسىيەگە چىقسىڭىز بولغىدەك، ئەۋلاتلىرىمىزمۇ سىزدەك ئىشەنچىسىز، چۈشكۈن، خورلىنىشقا چىداملىق تەربىيلىنىپ قالسا قانداق قىلغۇلۇق؟
ھۆرمەتلىك ئۇستازىم، مائارىپ خىزمىتى ھازىرمۇ ئىلگىرىكىدەكلا ئۇلۇغ خىزمەت. مەن تەكشۈرۈپ قارىسام ھازىرمۇ خىزمەتلەر راۋان يۈرۈشۈپ كېتىۋاتىدۇغۇ. ھەممەيلەن ئۆز خىزمەتلىرى بىلەن مەشغۇل. ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان يىرى ھازىر مائارىپىمىزغا «قوش تىل ئوقۇتۇشى» دېگەن يېڭى بىر ئۇقۇم قوشۇلدى. ھۆججەتلەر مەزمۇندىن قارىغاندا بۇ مائارىپ سۈپىتىنى يۇقرىى كۆتۈرۈشنىڭ ھەركەتلەندۇرگۈچ كۈچى ئىكەن. شۇڭا تەييارلىق ۋە دەرسخانىدىكى ئىشلار ئىلگىركىگە تازا ئوخشاپ كەتمەيدۇ. سىزنىڭ قوش تىل سەۋىيەرىڭىز تۆۋەنرەك بولغاچقا بىر قىسىملىرىنى چۈشىنەلمەي، سىزگە يۈرۈشمەيۋاتقاندەك، قاملاشمايۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىپ قويغان بولۇشى مۇمكىىن، بۇنى توغرا چۈشىنىمەن. كانسىپەكلەرگە قاراپ «ئوقۇتقۇچىلار قالايمىقان جىجاپ ئىشنى بۇزۇۋاتقان ئوخشايدۇ» دەپ قالماڭ. بايا دىگەن قوش تىل شۇ. بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ مىللى مائارىپ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى تەدبىرلىرى ئىچىدىكى ئاساسلىق يولغا قويغان تەدبىر، ھەرگىزمۇ بىر مەكتەپنىڭ ياكى كەمىنە مەكتە مۇدىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا قوللانغان تەدبىرى ئەمەس. سىز چۈشىنەلمىگەن ياكى ئىدىيىڭىزدىن ئۆتمىگەننىڭ ھەممىسىنى كەمىنە مەكتەپ مۇدىرىدىن كۆرسىڭىز بولمايدۇ-دە. ئۇستازىم مەن بۇگۈن يېرىم كۈن ئوقۇتۇش تەتقىقات خادىملىرى بىلەن دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ساقلىنىۋتقان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشتۇق. ئالدىنقى كۈنى ناھيىگە يوللىنىدىغان بىر نەپەر ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى نامزاتى كۆرسىتىش ئىشىدا بارلىق ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىپ، باھالاش ئېلىپ بارغان، ئوقۇتقۇچىلار كىچىك باغاقچىلار ئارقىلىق دېمگۇراتتىك ئاساستا ئاۋاز بەرگەن، كۆپىنچە ئوقۇتقۇچىلار سىزنى كۆرسىتىپتۇ، سىزنى يوللاپ بەردۇق. سىز بۇ كۈنى رۇخسەت سوراپتىكەنسىز. مۇنەۋۋەرلەرنى باھالاش، ئىنۋان باھالاش...قاتارلىق ئىشلاردا ھېلىمۇ بارلىق ئوقۇتقۇچىلار، ياكى ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى ياكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار مەن بىلەن سۆھبەدداش، پىكىرداش مەن. ھەرۋاقىت سىزنى يېنىمغا چاقىرىۋېلىشمنىڭ ئورنى يوق، ئەگەر مەن بىلەن سۆھبەتلەشكۈڭىز، مۇڭداشقۇڭىز بولسا سىز ئۈچۈن ئىشخانام ئوچۇق. ئىشىك ئالدىدا قورۇنۇپ، تەمتىرەپ تۇرۇشىڭىزنىڭ ئورنى يوق. ئۆزىڭىزدە ئىشخانامغا كىرگىدەك، كۆڭۈل ئىزھار قلغۇدەك جۈرئەت يوق، مەندىن ئاغرىنسىڭىز قانداق بولىدۇ.
خېتىڭىزدىكى تۆۋەندىكى قۇرلارنى كۆرۈپ سىزدىن نۇمۇس قىلىپ كەتتىم "نىمشقىدىندۇر بۇگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بالامدەك بىر مۇدىرنىڭ تاماكا كۈلدېىننى تازلايدىغان، ئىشخانىسىنى تازلاپ، ئورۇندۇقىنى سۈرتۈپ قويىدىغان، ھەممە ئىشلارنى قىلالىساممۇ- قىلالمىساممۇ، خالىساممۇ- خالىمساممۇ ماقۇل دىيىشكە كۆنۈپ قالدىم.  يەنى تېخى ئۇرۇق- تۇغقانلىرىڭىز ئاغرىپ قالسا، ئائىلە تاۋاباتىم بىلەن يوقلاشقا، شۇنچە ئەستايدىل خىزمەت قىلىپ، ئاخىرىدا يەنە سىزدىن ھاقارەتلىنىشكە، مەسئۇلىيتىڭىزدىن چاتاق چىقسا، زىممەمگە ئېلىشقا، ئاتچوت ھۆججىتىمنى تاپشۇرۇپ بىرىپ، پۇلىدىن ۋاز كىچىشكە، سىز كۈلسىڭىز كۈلۈشكە، كۈلمىسڭىز سۈكۈتتە تۇرۇشقا، سىز نىمە قىل دىسڭىز، شۇنى شەرتسىز تەماملاشقا، ھەتتا سىنىپتا ئوقۇغۇچىلارنى ئالداشقا، بىر سائەتلىك دەرسىنى ئۇقۇتۇش بىلەن ئەمەس، سەۋەبلەر بىلەن ئۆتكۈزۈشكە كۆنۈپ قالدىم. كۆڭلۈم يېرىم بولىدىغىنى بۇ خىل خىزمەت پۇزۇتىسىيسىنى مەنلا ئەمەس، باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك يىتىلدۇرۋالدى، ئۇلارمۇ ماڭا ئوخشاشلا كۆنۈپ قالدى. بىراق، كۆزۈم، كۆڭلۈم، ئۇمۇدىم شۇ بىچارە ئوقۇغۇچىلىرىمىدا، غېرىپ كەسىپداشلىرىمىدا قالدى. ئۇلاردىكى رۇھلار، غايىلەر قاچانغىچە تۇنجىقىپ ئۆتەر-ھە!!؟ "
سىزنى قانداقمۇ 40يىللىق خىزمەت ئىستاجىغا ئىگە بىر ئوقۇتقۇچى دىگىلى بولسۇن. سىزنىڭ ھالىڭىز مۇشۇ بولسا، سىز تەربىيلىگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ھالى قانداق بولار؟ مەن سىزدىن ئەنسىرەپ قالدىم، دەرىسخانىغا ھەر سائەتتە سىز بىلەن بىرگە كىرەلمەيمەن. ئوقۇغۇچىلارغا "يولۋاستەك بىر يىل ياشىغىچە، توشقاندەك يۈز يىل ياشا" دەۋاتمايدىغانسىز-ھە!سىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى"ئەخمەتجان قاسىمى"،"ئابدۇخالىق ئويغۇرى"،"قاينام ئۆركىشى"،"دانكو"،"ئاخىرقى دەرس"لەرنى ئۆتكەندىكى جەسۇر، جۇشقۇنلىقىڭىز نەگە كەتتى. ئۇستازم شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى مەن سىزنى پەقەت خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەنلا باشقۇرىمەن. سىزنىڭ غۇرۇرىڭىز، ۋىجدانىڭىز، ئادەمىلىكىڭىز يەنىلا ئۆزىڭىزدە. روھىڭىزدىكى چۈشكۈنلۈك، ۋىجدانسىزلىق، ئىشەنچىسىزلىكنى، يوقاتقان ئادىمىلىكىڭىزنىڭ سەۋەبلىرىنى مەندىن ئىزدىسىڭىز، بۇنىڭ ئۈچۈن مەندىن رەنجىپ، مەندىن ئاغرىنسىڭىز بولمايدۇ. شۇ  نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى خورلىنىشقا، ھاقارەتلىنىشكە، ئادالەتسىزلىككە قارشى تۇرۇش سىزنىڭ ھوقۇقىڭىز. ئۆزىنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى قوغدىيالماي، باشقىلاردىن ئاغرىنىش بۇ بىر بىمەنىلىك! مەن باشتا دەپ ئۆتكەندەك مەندىكى ئەمەل چوڭ ئەمەل ئەمەس، ئۆزىڭىز چوڭ كۆرىۋېلىپ، قالايمىقان سۆزلەپ يۈرسىڭىز بولماس.
ئۇستازىم ئۇنتۇپ قالماڭ، يوقلىما ئەزالدىن بار ئىدى، سىز بىزگە دەرسكە كىرگەن تۇنجى سائەتتىن باشلاپ ھەر سائەتلىك دەرستە ھەممە ئوقۇتقۇچىلار ئىسىمىمىزنى چاقىرىپ يوقلىما قىلاتتى. بىزمۇ ئەينى ۋقىتتا رەنجىيتتۇق، ھازىر ئويلاپ باقساق بۇ بىزگە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن قېچىپ، "داپ تاراڭلىغان، ئىشەك ھاڭرىغان" يەرلەردە يۈرپ، ئىستىقبالىنى نابۇت قىلمۇسۇن دەپ بىزگە كۆڭلۈ بۆلگىنى ئىكەن. بۇنى توغرا چۈشىنىڭ. بىزدە "جىننىڭمۇ تەشكىلى بار" دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ. ئوقۇتۇش ئەسلەھەسىنىڭ گىپىنى قىلىپسىز. مېنىڭ بۇ ھەقتە ئوقۇتقۇچىلار ئالدىدا ۋەدەم بار، سىز ئاڭلىماي قالغان ئوخشايسىز. يۈز يۈئەن ئىچىدىكى ئوقۇتۇش ئەسلىھەسى كېرەك بولسا شۇ كۈنى، 500يۈئەندىن تۆۋەن قىممەتتىكى ئوقۇتۇش ئەسلىھەسى كېرەك بولسا شۇ ھەپتە، 1000يۈئەن دىن تۆۋەن قىممەتتىكىنى شۇ ئايدا، ئۇنىڭدىن يۇقىرىسىنى ئىدارە رەھبەرلىرى رۇخسەت قىلغان دائىرە ۋە ۋاقىتتا ھەل قىلپ بېرىمەن. ھەم شۇنداق قىلىپ كەلدىم.  ئەمما ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش ئەسلەھەسى توغرىسىدا ناھايىتى ئاز تەلەپ قويىدۇ. ھەتتا مەكتەپتە بارلىرىنىمۇ ئەپچىقىپ ئىشلىتىشكە تازا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. مېنىڭ شۇئارىم؛ ئۈسكىنىلەرنى ئاسرايلى، ئەمما ئىشلتىش جەريانىدا بۇزۇلۇپ كەتسە كېرەك يوق.  بۇزۇلۇپ كېتەمدىكىن دەپ ئەنسىرەپ ئىشلەتمەي قالماڭلار. بىر قىسىم  ئوقۇتۇش قوراللارنى ياساپ بېرىش، دەرس ئاڭلاش...قاتارلىق تەلەپلىرىڭىزنى كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە قىلىۋاتىمەن، ئەمما سىز بىر سىنىپنىڭ، بىر تۈردىكى دەرسنىڭ ئىشىنى قىلسىڭىز، مەن بىر مەكتەپنىڭ ئىشىنى قىلىۋاتىمەن.  بۇنى توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. نۆۋەتتىكى خىزمەت تۈرىنىڭ كۆپلىكىنى، ئىشلىنىش تەلىپىنىڭ يۇقىرىلىقىنى، ھەر كۈنى نەچچىلىك ماتىرىيالنىڭ يۇقرىغا يوللىنىپ، نەچچىلىك ماتىرىيالنىڭ يۇقرىدىن چۈشىدىغانلىقىنى سىزگە دوكىلات قىلمىساممۇ بولار دەپ ئويلايمەن. بەزى كۈنلىرى ھەقىقەتەن ئاراممۇ ئېلىپ قالىمەن. بۇنى توغرا چۈشىنىڭ.
 شۇ نۇقتىدا خاتالىشىپسىزكى مەن ئوننەچچە يىللىق مەكتەپ مۇدىرلىق ھايىتىمدا ئوقۇتقۇچىلىرىمنى ئىزچىل قوغداپ كەلدىم. ھەرقانداق سەۋەپ بىلەن ھەرقانداق ئادەمگە چېقىشتۇرمۇدۇم. خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بەزىبىر سۈركىلىشلەردىن ساقلانغىلى بولمىدى. مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا كۆپ ئەپسۇسلىنىمەن. ئەمما ئاداۋەت ساقلايدىغان، ئۆچ ئالىدىغان ئەخلاقسىزلىقتىن مەن خالى. شۇ نەرسە ماڭا ئايدىڭكى، خىزمەت تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ، يۇقىرىدىكى رەھبەرلەرنىڭ تەنقىد، تاپا-تەنىلىرى مېنىڭ خىزمىتىمنىڭ تەركىۋى قىسىمى. مەن بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلارغا تاپا قىلىپ باققىنىم يوق، پەقەت كۆرسەتمە بەردىم. چۈنكى بۇ مېنىڭ مەجبۇرىيىتىم. قاراڭ ئۇستازىم، ھازىر مەكتىپىمىزدە ئەڭ كۆپ دەرس ئالغان ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەپتىسىگە10سائەت،  ئەڭ ئاز ئالغاننىڭ 2سائەت، نورماللىرىنىڭ ھەپتىسىگە5-7سائەت دەرسى بار. قارىسىڭىز دەرس تەييارلىقلىرى ئىلگىرىكى كونا كانسىپەكلەردىن كۆچۈرىلىۋاتقان.نۇرغۇن تاپشۇرۇقلار ۋەزىپە ئۈچۈن تەكشۈرۈلگەن، نۇرغۇن پىلانلار نەچچە ئون يىلنىڭ ئالدىدىكى پىلان، قارىسىڭىز 15-قۇرۇلتاي روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مەزمۇنلار يۈرگەن، ھەپتىسىگە ۋەزىپە قىلىنغان بىر سائەت دەرس ئاڭلاش ۋەزىپىسىمۇ يالغاندىن تولدۇرۇلغان، دەرس ئاڭلاش خاتىرسىنى تەكشۈرسىڭىز، ئوخشاش ئۇنۋىرسال مەزمۇن، دەرس تۈرى دىگەن يېرىنى كۆرسەتمىسە قايسى دەرس ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ، خېتىڭىزدە ئۆزىڭىزمۇ دەپسىز، بىر سائەت دەرسنىمۇ سەۋەپلەر بىلەن ئۆتۈشكە كۆنۈپ قالدىم دەپ،...بۇنداق تەرەپلەر دەي دىسەم يەنە كۆپ، ئەمما بۇلار ئاز ساندىكى ئوقۇتقۇچىلاردىكى مەسىلە، مەن بۇنى توغرا چۈشىنىمەن. بىر تۈپ ئالما دەرىخىدىكى ئالمىلارنىڭ ھەممىسىنڭ ئوخشاش ھەجىمدە رەڭدە بولۇشى ناتايىن، مەكتەپتىمۇ شۇنداق نەچچە ئون، نەچچە يۈز ئوقۇتقۇچى بار، بۇلارنىڭ ئوخشاش بولۇشى ناتايىن، ئەمما ھېچقانداق بىر مۇدىرنىڭ قايسى بىر ئوقۇتقۇچىسىدىن ۋايساپ بۇنداق خەت يازغانلىقىنى ئاڭلىمىدىم. ئەگەر سىز يازمىغان بولسىڭىز مەنمۇ يازماس ئىدىم. مەن مەكتىپىمدىكى ئوقۇتقۇچىلىرىم ئۈستىدىن ھىچ كىمگە بۇنداق ۋايساپ باقمىغان، ھازىر دىيىشكە توغرا كىلىپ قالدى. ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ مېنى كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  بۇنداق بۇلۇشلار تەبىئى ئەھۋال، ھەممە ئادەمگە  ئوخشاش بولۇش تەلىپىنى قويۇش تۈزۈمدە شۇنداق يېزىلغىنى بىلەن قانۇنىيەتكە ئويغۇن ئەمەس. ئەمما شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى تەكشۈرۈش كەتكەندىن كېيىن ئەستايىدىل خۇلاسسە چىقىرىش، ئوقۇتقۇچىلارنى شۇنداق قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇش،ئۆزىمىز ئىچكى جەھەتتە خىزمەت تەكشۈرۈش ۋە خۇلاسسە قىلىش، ئەلالىرى بىلەن ئارقىدا قالغانلىرىنى رىغبەتلەندۇرۇش ياكى تەنقىدلەش مېنىڭ خىزمىتىم. تەنقىتلەنگەنلەر مېنى ئۇنى-بۇنى دىسە مەيلى چۈنكى بۇمۇ مېنىڭ خىزمىتىمنىڭ تەركىۋى قىسمى، ئەمما سىزمۇ شۇلارغا قوشۇلۇپ مېنى ئەيىپلەپ، ماڭا سالام يوللاپ كېتىشىڭىز ھاجەت ئەمەس. ئۇستازىم ئېسىڭىزدە بولسۇن مېنىڭ مەقسىدىممۇ سىزنىڭكىگە ئوخشاش، ئەۋلاتلار ئۈچۈن.

ئۇستازىم، بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە يازاي، داۋامىنى يەنە يازىمەن.






[ بۇ يازمىنىhawarدە2012-04-14 22:58قايتا تەھرىرلىدى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-14, 22:34
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-04-14 21:56 |
toram
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 257
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 106
شۆھرەت: 570 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 572 سوم
تۆھپە: 336 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 336 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئوھ مانا ھە؟مۇنبىرىمىزگە كىرگەن تۇنجى يۈرەكلىك مۇدىرنىڭ قەدىمىگە مەرھابا!مۇبارەك بولغاي!
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-14 22:39 |
tohotur

دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1604
شۆھرەت: 8821 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 8883 سوم
تۆھپە: 5196 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 5206 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2461(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

گەپ دىگەننى مانداق قىلسىمۇ بولدىكەن جۇما

سىزنىڭ غۇرۇرىڭىز، ۋىجدانىڭىز، ئادەمىلىكىڭىز يەنىلا ئۆزىڭىزدە. روھىڭىزدىكى چۈشكۈنلۈك، ۋىجدانسىزلىق، ئىشەنچىسىزلىكنى، يوقاتقان ئادىمىلىكىڭىزنىڭ سەۋەبلىرىنى مەندىن ئىزدىسىڭىز، بۇنىڭ ئۈچۈن مەندىن رەنجىپ، مەندىن ئاغرىنسىڭىز بولمايدۇ. شۇ  نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى خورلىنىشقا، ھاقارەتلىنىشكە، ئادالەتسىزلىككە قارشى تۇرۇش سىزنىڭ ھوقۇقىڭىز. ئۆزىنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى قوغدىيالماي، باشقىلاردىن ئاغرىنىش بۇ بىر بىمەنىلىك! مەن باشتا دەپ ئۆتكەندەك مەندىكى ئەمەل چوڭ ئەمەل ئەمەس، ئۆزىڭىز چوڭ كۆرىۋېلىپ، قالايمىقان سۆزلەپ يۈرسىڭىز بولماس

ماۋۇ گەپلەرنىڭ  خېلى جېنى  باركەن ئەمما
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-14 23:10 |
kvzatkvqi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6364
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 46
شۆھرەت: 240 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 240 سوم
تۆھپە: 142 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 142 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 70(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھېچكىم  ئۆز  سەۋەنلىكىنى  ئىتراپ  قىلىشنى  خالىمايدۇ ،شۇنداقتىمۇ  سىز ئۈزىڭىزگە دىئاگىنۇز  قۇيۇشقا  ماھىر بۇلۇڭ.ئەلۋەتتە  ئۇستازىڭىزنىڭ  دىگىنىمۇ  ئۇرۇنسىز ئەمەس....
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-14 23:12 |
toram
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 257
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 106
شۆھرەت: 570 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 572 سوم
تۆھپە: 336 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 336 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۇستاز دېگەن بەرىبىر ئۇستاز-دە،بىز ئەرشىئالاغاچىقىپ كەتسەكمۇ ئۇ ھامان بىزنىڭ ئۇستازىمىز.چوڭنى ھورمەتلەش بۇ ئېسىل ئەخلاقى ئەنئەنە ئەمەسمۇ؟
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-14 23:52 |
tilla
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5671
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 23
شۆھرەت: 115 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 115 سوم
تۆھپە: 69 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 69 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 32(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-01-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەكتەپ مۇدىرى بولۇشمۇ ئاسان ئەمەس، شۇ تاپتا مۇدىرلارنىڭمۇ جاپاسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم، ئارىمىزدا شۇنداق ئېىسىل سۈپەت مۇدىرلىرىمىزمۇ بار، ھەممىسى ھارامتاماق ئەمەس.
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-15 00:52 |
kumaltag
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6482
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 113
شۆھرەت: 570 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 570 سوم
تۆھپە: 341 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 341 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 98(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  ھەممىز ئوخشاش خىزمەت قىلىمىز، كىرىم مەنبىئىمىزمۇ تۇلۇق ئوخشاش. بىراق نىمە ئۈچۈن سىز بىر نەچچە يىل مۇدىر بۇلۇپلا ماشنىغا، ئۆيگە يەتكۈدەك ئىقتىساد توپلىۋالغانلىقىڭىزغا تۇلىمۇ ھەيرانمەن. بىر چاغلاردا بىزمۇ سىز بىلەن بىللە خىزمەت قىلاتتۇق، سىزنىڭ تاپاۋەت قىلالىغۇدەك پىكىر- خىيالڭىزمۇ يوق تۇرۇپ يەنلا قەرىزسىز نۇرغۇن مۇلۇككە ئىگە بۇلۇپ قالغانلىڭىزدىن بىز ھەممىمىز ھەيران. سىز ئۈچ ۋاخ تاماقىڭىزنى تىجەپ، بىر ماشىنا كەلگۈدەك پۈل توپلىدىڭىزمۇ ياكى سىز بىز بىلمەيدىغان مەخپى بىر تىجارەت قىلىۋاتامسىز ۋەياكى بالا تەربىيلەشتە جاپا تارتقانلىقىڭىز ئۈچۈن ئۇلۇغ ئاللا غايىپتىن سىزگە ماشىنا، ئۆي ئەسلىھەلىرى تاشلاپ بەردىمۇ؟
بۇ سۇئاللار ھەجەپ جاۋاپسىز قاپتۇغۇ مۇدىر .
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-15 01:37 |
edirhan
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2666
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 308
شۆھرەت: 1672 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1694 سوم
تۆھپە: 984 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 987 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 276(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

    ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ھەقىقى ئۇلۇغ كەسىپلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىدە شەك يوق! ئۇزاق تارخقا قارايدىغان بولساق شۇ ئوقۇتقۇچى ، تەربىيەچى ، شۇ ھىدايەتكە باشلىغۇچىلار ئالدى بىلەن پەيغەمبەرلەردىن سىزلەرگە مىراس!!! بۈگۈنگە كەلگەندە قايمۇققان مائارىپنى قانداق قىلىپ زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا يېتەكلەش ئۈستىدە ئەمەس بەلكى ئەتىدىن كەچكىچە ئۆز-ئارا ئەرزىمەس مەنپەئەت مۇنازىرىسى ئۈستىدە زاكۇنلىشىپ، بىزدەك كونا يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا نىمە ئويۇن بۇ؟!!! خوپ، شۇ تاپتا مەن ئوقۇتقۇچىلار ئۈستىدە ئەمەس بەلكى مائارىپىمىزنىڭ مەغلۇبىيىتى ، كەلگۈسىدىكى پەرزەنتلىرىمىز تەقدىرى، مائارىپنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەرگە مۇھتاج ئىدىم... ئەپسۇس! كۆرىۋاتقىنىم ئەشۇ سۇغا تەشنا يېڭى تىكىلگەن تىكىلىۋاتقان كۆچەتلەرگە قانداق سۇ بېرىش مەسىلىسى ئەمەس بەلكى توغاننى مەن تۇتتۇم سەن ئاچتىڭ دېگەندەك تۆھپە تالىشىش جېڭى... ... بۇ كايىشلىرىم ئارقىلىق مۇدىرىمىزنىڭ خىزمىتىنى، ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ تۆھپىسىنى رەت قىلماقچى ئەمەسمەن. پەقەت قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلاردا توختىماي ئۆگىنىشتەك ئىجتىھات ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش مەسىلىسى ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىشسا، مۇنبەرلەردە بىزگە ئوخشاش ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلسا، مائارىپ تارماقلىرىمۇ بۇ تالاش-تارتىشلار ئىچىدىن چىققان ئىجابى خۇلاسىلەرنى مائارىپ ئەمەلىيىتىگە تەتبىقلاش تەدبىرلىرىنى تۈزىسە بولمامدۇ؟!! ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە قايسى بىر ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئەتىسىنى ئويلىمايدۇ دەيسىز؟! گەرچە ئۇستازلىرىمنى چىن دىلىمدىن ھۆرمەت قىلساممۇ، مەنمۇ ئەتىكى پەرزەنتىمنىڭ ئاتىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىلەرگە ئىككى ئېغىز پىكىرىمنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سۇنماقچىمەن.
     ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا بەلگىلەنگەن دەرسلىكلەرنى ئوقۇتۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئۇلار قوبۇل قىلالايدىغان رەۋىشتە ئىجتىھات ئېڭىنى يېتىلدۈرسە، ياخشى ئوقۇپ كەلگۈسىدە ياخشى خىزمەت قىلىش ئېڭىنى ئەمەس مۇنەۋۋەر خوجايىن بولۇش ئېڭىنى يېتىلدۈرسە، ئۇلاردا كەلگۈسى رىقابەت دۇنياسىدا بىلىمسىزگە ئورۇن يوقلىقىدەك پاكىت ئارقىلىق بىلىم كىرىزىسى  تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرسە، بىلگەنلىرىنىڭ بىلىم ئەمەس بىلمىگەنلىرىنىڭ بىلىم ئىكەنلىكىدەك پاكىتنى يورۇتۇپ بېرەلىسە... بىزلەرگە قىلىنغاندەك <<ياخشى ئوقۇڭلار، ئويۇن دېگەن داشۆدە>> تەربىيىسى بېرىلمىسە، خىزمەت ئارقىلىقلا ئىستىقبال بەلگۈلەندىغاندەك سەلبى تەربىيىنى قىلىنمىسا، كىشلىك قىممەت قارىشىنى بوغىدىغان قۇللۇق ئېڭى تەربىيىسى سىڭدۈرۈلمىسە، <<قوش تىل>> دېسە،  خوش-خوش ئېيتىپ ، ئېلىىپ كېلىدىغان زىيىنىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئاشۇ تۆمۈر تاۋاقتىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇپ، كەلگۈسىنى مەنپەئەتكە تىگىشمىسە... ... ... ئاتا-ئانىلارنىڭ تاللىغىنى شۇ دېگەننىڭ ئىزىغا، %90 تۆۋەن ساپالىق دېھقان ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتىگە ئىگە بولغان ئەقلى ئوچۇق ئوقۇتقۇچى، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن يۈرەكلىك ھالدا ئوتتۇرىغا چىقالىسا... بولمىغاننى بولمىدى دېيەلىسە...
    ئاقساقاللىقىمنى كەچۈرۈڭلار!!! http://www.uqur.net
    
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-15 02:15 |
almas123
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6180
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 76
شۆھرەت: 380 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 380 سوم
تۆھپە: 228 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 228 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 30(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ.
ھەممە كەسپنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق جاپاسى ۋە راھەتى بار.
ئادەتتىكى خىزمەتچىلەرگە باشلىقى خىزمەت قىلمىغاندەك كۆرۈنىدۇ، باشلىقلارمۇ كۆرۈنۈشتە راھەتتە ياشاۋاتقاندەك كۆرۈنگەن بىلەن ئۇلارمۇ باشلىقىدىن قورقىدۇ.
ئۆرە تۇرۇپ دەرس سۆزلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار، ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەرگە ھەۋەس قىلىمىز. لېكىن بىر تونۇشۇم بولىدىغان، ئايالى بانكىدا خىزمەت قىلاتتى. ئۇ ئېغىر ئاياغ ۋاقىتتا ئۇدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلغانلىقتىن ھامىلە بىجىرىم چوڭ بولالماي، ئارقا - ئارقىدىن بويىدىن ئاجراپ كەتتى.
ئۇ:«ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغان بولساممۇ، بۇجاغقىچە بالام خېلى چوڭ بولۇپ قالغان بولاتتى»، دەپ ئەپسۇسلىنىدۇ.
ھەممىمىز ئۆز كەسپىمىزنى قەدىرلەيلى!
مۇدىرلار ئوقۇتقۇچىلىردىن، ئوقۇتقۇچىلار مۇدىردىن ۋايساپ ئۆتسەك باشقىلار ياخشى مۇدىرلىرىنى، ياكى ياخشى ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئەكىلىپ بەرمەيدۇ.
كۆرىۋاتىمىزغۇ، مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش نامى بىلەن، يېڭى مۇدىرلارنىڭ قولىغا قالدۇققۇ.
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-17 11:50 |
sarsan88
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 456
شۆھرەت: 2325 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2345 سوم
تۆھپە: 1392 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1397 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 176(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يېزىش ئۇسلۇبىڭىز قالتىسكەن ،  بەك قايىل بوپ قالدىم ...
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-17 15:54 |
salih女王
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5805
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 32
شۆھرەت: 160 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 160 سوم
تۆھپە: 96 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 96 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 52(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ ماقالە [بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ  ئاھۇ زارى ]دىگەن ئەسەرگە قارتا يازغان ماقالە مۇ نىمە؟ مەن كۆپ ئويلاپ كەتتىممۇ؟
1477195539@qq.com
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-17 22:35 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » ئەدەبىي ئەسەرلەر