saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 10516 قېتىم كۆرۈلدى
tograk

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 61
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 420
شۆھرەت: 3858 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3833 سوم
تۆھپە: 2033 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2057 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3918(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى ئەڭ چوڭ دېلو

ليۇ چىڭشەن ، جاڭ زىشەنگە ئۆلۈم جازاسى
 ئىجرا قىلىشنىڭ ھارپا كېچىسى
لوشيەنمىڭ
ئابدۇغوپۇر سەئىدىن تەرجىمىسى

    ليۇ چىڭشەن،جاڭ زىشەنگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بويىچە 1-چوڭ دېلو ؛ بۇ دېلونىڭ باش-ئاخىرى نۇرغۇن ماقالە ۋە كىتابلاردا تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان،ۋەھالەنكى ،ليۇ چىڭشەن،جاڭ زىشەندىن ئىبارەت ئىككى جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچراش ئالدىدىكى قىلمىش - ئەتمىشلىرىنى كىشىلەر ئانچە بىلمەيدۇ.لوشيەنمىڭنىڭ <يەنخۇڭ پەرزەنتلىرى>ژۇرنىلىغا بېسىلغان <دۆلىتىمىز ئازاد بولغاندىن كېيىنكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بويىچە 1-دېلونىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى -ليۇ چىڭشەن،جاڭ زىشەنگە ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى يوقىرى قاتلامدا قارار قىلىش جەريانى > دېگەن ماقالىسىدە بۇلار تونۇشتۇرۇلغان،بۇنى تۆۋەندىكىچە ئۈزۈندە قىلىپ بەردۇق :
  ئەنە شۇ كۈننى تارىخ ئېسىدىن ھەرگىز چىقارمايدۇ ،1952-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ،ئورنى خېبىي ئۆلكىلىك ج خ نازارىتىنىڭ ۋاقىتلىق سولاقخانىسى ، ليۇ چىڭشەن،جاڭ زىشەن كىچىك ئىككى ئۆيگە ئايرىم سولاپ قويۇلغانىدى.
  يىل بېشىدا ھاۋا ھەمىشە مۇشۇنداق سوغاق بولىدۇ .مۇشۇنداق چاغدا ليۇچىڭشەن ،جاڭ زىشەنگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش ئېھتىمال رەھىمسىزلىك بولۇشى مۇمكىن ، چۈنكى باھارنىڭ ھاۋاسىدىن كۆپرەك نەپەس ئېلىشنى ئارزۇ قىلمايدىغان ھېچقانداق بولمايدۇ!لېكىن كىشىگە چوڭقۇر ئىبرەت بولىدىغىنى شۇكى ،ئۇلارنىڭ جىنايەتلىرى خۇددى قالدۇق قاردەك تەلتۆكۈس تازلىۋېتىلەتتى!
     ليۇچىڭشەن ،جاڭ زىشەنگە جازا بېرىلىش ئالدىدا ئادەت بويىچە بىر ۋاق مول كەچلىك غىزا تەييارلانغانىدى،ئەمما ليۇچىڭشەن ،جاڭ زىشەندىن ئىبارەت بۇرۇن كوممۇنىستىك پارتىينىڭ يوقىرى دەرىجىلىك ئەربابى بولغان بۇ ئىككى كىشى بۇنىڭغا قىزىقمايتتى.
  ئۇلار خېلى چوڭ سىياسىيونلار بولۇپ ،ئۇلارنىڭ ئەھمىيەت بىلەن قارايدىغىنى بۇ دۇنيادىن ئايرىلىش ئالدىدىكى ئالاقىدار سىياسى ھەرىكەت ئىدى .
     جاڭ زىشەن سولانغا ئۆيگە بىرەيلەن كىرىپ كېلىدۇ.
 - يولداش!-جاڭ زىشەن ئۆزىنى تۇتالماي بۇ گەپنى قىلىدۇ ،تېنى ئاجىز جاڭ زىشەن تۇغۇلىشىدىنلا ئاق پوسمىلاق ،تالىپچىراي ئىدى .مۇنداقلا قارىغاندا ،ئۇنىڭ يەر-جاھاننى لەرزىگە سالغان ئەزىمەت ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىش تەس ئىدى ، گەرچە تۈرمىگە سولانغان مەزگىلدىكى تۇرمۇشى ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەن ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن كۆپ ياخشى بولغان ،ئەينى چاغلاردىكى ئەتىۋارلىق نەرسىلەردىن بولغان تۇخۇم قاتارلىق قۇۋۋەت تولۇقلىغۇچى نەرسىلەر بېرىلگەن بولسىمۇ ،لېكىن بۇلار ئۇنىڭ روھى دۇنياسىنىڭ چوڭقۇر يېرىدىكى جاراھەتكە قانداقمۇ شىپا بولالىسۇن؟ شۇ ۋەجىدىن ئەسلىدىلا بىر ئاز تېنى ئاجىز كەلگەن ،كېلەچەكتىكى نامدار زات ئورۇقلاپ جۈدەپ كەتكەنىدى.
- ئولتۇرۇڭ ،ئولتۇرۇڭ،-كەلگەن ئادەم تەسىرلەنگەندەك بولدى بولغاي،دەرھال جاڭ زىشەننى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.
    بۇ كومىدىيە تۈسىنى ئالغان كۆرۈنۈش ئىدى . كەلگەن ئادەم ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مەلۇم بىر مەسئولى ئىدى،ئۇ خېبىي ئۆلكىلىك پارتكومغا،ۋاقىتلىق سوت كولېگىيسىگە ، ھەققانىيەت شەمشىرىگە، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە يۈز مىليون ئاممىغا ۋەكىللىك قىلاتتى. ھالبۇكى ،بىلىشىڭىز كېرەككى ،مۇندىن ئىككى ئاي ئىلگىرى ،جاڭ زىشەن ھازىر كەلگەن ئادەم بىلەن ھەقىقەتەن <يولداش> مۇناسىۋىتىدە ئىدى ،ئۇلار پارتىيىنىڭ يوقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرى ئىدى ،بىر شىرەنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ بەزى زور مەسىلىلەر ئۈستىدە قارار چىقارغانىدى ،
    ئەمدىلىكتە بولسا بۇ ئىككىيلەننىڭ ئورنى جەھەتتىكى پەرق بولسا شۇنچە چوڭىيىپ كەتكەنىدى.
    كىچىك ئۆي ئىسسىق بولۇپ ، مەشتە ئوت لاۋىلداپ كۆيۈۋاتاتتى،ئەمما ،جاڭ زىشەننىڭ تېنى ھىلىھەم تىترەيتتى،ھەرقانچە قېلىن كىيىنسىمۇ كار قىلمايتتى. ئۇ ئولتۇرا -ئولتۇرمايلا تۇرۇپ كەتتى،كۆكىرىپ كەتكەن ئىڭىكى بىلىنەر -بىلىنمەس تىترەيتتى،چىشلىرى كاسىلدايتتى،
   ئۇنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان پەيتلەرنىڭ تۇمشۇقىغا كېلىپ قالغانلىقىنى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇسرەت-ساخاۋەتتىن شۇم-قايغۇنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئاللىقاچان سەزگەنىدى.
    ئۇ تولىمۇ ياش ئىدى،37ياش ئىنسان ھاياتىدىكى نەۋقىران چاغ ئىدى ئەمەسمۇ !
    ئۇنىڭ ئەس -ھوشى جايىدا ئىدى ،كىچىك شىرە ئۈستىدە تېخى يېزىپ بولمىغان تولۇقلاپ تاپشۇرۇش ماتىرىيالىمۇ تۇراتتى.ئۇ سولانغان كۈندىن تارتىپ توختىماي يازدى ،كىشى ئىسىگە ئېلىشقا پېتىنالمايدىغان ئىشلىرىنى يېزىش ئارقىلىق روھىي تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىدى.جاڭ زىشەننى ئىلگىرىكى ئەھمىيەت بىلەن قاراشتەك جاسارەتكە ئىگە ئىدى دېيىشكە بولاتتى .
    باش سوتچىنىڭ زىممىسىدىكى يۈكى ئېغىر ئىدى،قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ،كۆز ئالدىدىكى بۇ ئادەم ئۆزىنىڭ ئەڭ كونا تونۇشى ئىدى .
  - ئۆلكىلىك پارتكوم ،ئۆلكىلىك پارتكوم .....،-باش سوتچى شىرەنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە ئولتۇرغان بولۇپ ،بىردىنلا دۇدۇقلاپ سۆزلەشكە باشلىدى.
    جاڭ زىشەننىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ ،ئىسسىق قېنى پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ئۆرتىمەكتە ئىدى ،شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۆزىنى بېسىۋېلىپ لېۋىنى مەھكەم چىشلەپ تۇرۇپ :
   -  دەۋېرىڭ ....قۇلىقىم سىزدە ،-دېدى.
   -ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ قارارى ،شىمالىي جۇڭگو بيۇروسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن سەن پارتىيدىن ھەيدەپ چىقىرىلدىڭ!
    جاڭ زىشەن چوڭ بىر نەپەس ئالدى ،ئۇ بۇنداق قارار چىقىرىلىشىنى بۇرۇنلا خىيالىغا كەلتۈرگەنىدى،ئەگەر ئۇنىڭغا ئوخشاش ئادەملەر يەنىلا پارتىيە ئىچىدە قالدۇرىلىدىغان بولسا ،ئۇنداقتا كوممۇنىستىك پارتىيىنى يەنە كوممۇنىستىك پارتىيە دېگىلى بولامدۇ؟
     ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قارار ئۆلكىلىك پارتكوم تەرىپىدىن چىقىرىلغاندىن كېيىن يەنە شىمايلىي جۇڭگو بيۇروسىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزۈلگەن تۇرسا،ئۇ بۇنىڭغا يەنە نېمە دېيەلىسۇن؟
   - پىكرىم يوق .-دەپ جاۋاپ بەردى جاڭ زىشەن دەرھاللا.
   -يەنە ،يەنە ..... ، - باش سوتچىنىڭ ئۈنى يەنە چىقماي قالدى .
   -يەنە نىمە دېيىلگەنىكەن؟-دەپ سورىدى جاڭ زىشەن شىرەنىڭ گىرۋىكىنى مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇپ.
   -ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ، دەرھال ئىجرا قىلىنىدۇ!-باش سوتچى پۈتۈن كۈچى بىلەن ۋارقىرىغاندەك جاكارلىدى
    -.....................-جاڭ زىشەن ئاغزىنى يوغان ئېچىپ چوڭ -چوڭ تىنغاندىن كېيىن لام-جىم دېيەلمەي قالدى.
      بۇ كىشىنى بۇرۇختۇرما قىلدىغان جىمجىتلىق بلۇپ ،ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان قورقۇنچلۇق ئويلار يوشۇرۇنغانىدى،ھازىر بۇ دېلودىكى ھەقدار جاڭ زىشەننىڭ شۇ چاغدىكى ھەققىي ئوي-پىكرىنى بىلىش مۇمكىن ئەمەس ، ئەمما ئىشەنچىلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا ،بۇ تارىخىي ئەرباب روھىي ھالىتى نورماللاشقاندىن كېيىن ،ئاخىرقى ۋەسىيىتىنى باش سوتچىغا ئۈزۈپ -ئۈزۈپ ئېيتقان :<ئۆلۈم جازاسى بېرىپ دەرھال ئىجرا قىلىشقا پىكرىم يوق ،بۇنداق قىلىش پارتىيىگە پايدىلىق ،مۇشۇنداق قىلغاندىلا ،پۈتۈن پارتىيدىكىلەرنى تەربىيلىگىلى بولىدۇ.چۈنكى مېنىڭ جىنايتىم بەك ئېغىر .>

ئەدەبىي تەرجىمىلەردىن ئېلىندى ،  باغداش تورىغا خاس ، رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ !

داۋامى بار :
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-15, 13:04
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-04-15 13:03 |
marjanyax
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4158
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 154
شۆھرەت: 850 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 847 سوم
تۆھپە: 502 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 510 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 66(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۇلارغا بەكلا  ئۇۋال بوپتۇ. بۈگۈنكى چېرىك ئەمەلدارلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى ئالدىدا ئۇلارنىڭ قىلمىشى قانچىلىك ئىدى!؟راستىنلا ئۇۋال بوپتۇ!
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-16 13:58 |
tograk

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 61
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 420
شۆھرەت: 3858 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3833 سوم
تۆھپە: 2033 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2057 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3918(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

 
     - تارتىشىدىغان ھېچقانداق نەرسەم يوق ، XX كەنتىدە ياچېيكا سېكرىتارى بولغان چېغىمدا رايونلۇق پارتكومنىڭ تەشۋىقات ھەيئىتى بىلەن مۇناسىۋىتىم ياخشى ئەمەس ئىدى ،پارتىيىنىڭ بۇنىڭغا دىققەت بىلەن قارىشىنى ئۆتۈنىمەن.
     مېنىڭ قىلچە پىكرىم يوق ،ئۆلكىلىك پارتكوم،شىمالىي جۇڭگو بيۇرۇسى ۋە مەركىزى كومىتىتېىغا يەتكۈزۈپ قويساڭلار،مۇشۇنداق بىر تەرەپ قىلىنىشتىن بەك مىننەتدرمەن . بىرىنچىدىن ،پارتىيىنى تىللىمايمەن.ئىككىنچىدىن ،ياشىسۇن كوممىنىستىك پارتىيە دەپ توۋلىمايمەن.
     ئۆلكىلىك پارتكومغا ئېيتىپ قويۇڭلار ، ماڭىلا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىپ ،ليۇ چىڭشەن ساقلاپ قېلىنسا.
    - باش سوتچى يەنىلا شۇ جىددىي تۈستە ھەمراھىغا ئۇنىڭ گېپىنى بىرمۇ -بىر خاتىرلىۋېلىشنى جېكىلىدى.بىر نەچچە كۈندىن بېرى بۇرۇت-ساقىلىنى ئالمىغان ئورۇق جاڭ زىشەننىڭ چىرايى تېخىمۇ قارىداپ كەتكەنىدى.جاڭ زىشەننىڭ چاناقلىرىدىن تامچىپ تۇرغان كۆز ياشلىرىغا قاراپ باش سوتچى بۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىغانلىقى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى .ئەسلىدە ئالاقىدار رەھبەرلەر جاڭ زىشەن ئۆزى ئۈستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈمنامىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يولسىزلىق بىلەن غەۋغا چىقىرىشى مۇمكىن ،دەپ پەرەز قىلىشقان ئىدى .
    جاڭ زىشەننىڭ جازا ئىجرا قىلىنىش ئالدىدىكى پۇشايمىىنى ئۇ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا بېرىلگەن بىر قاتار تەربىيىگە مۇناسىۋەتلىك ئىدى.1951-يىلى 11-ئاينىڭ29-كۈنى سەھەردە ،ج خ خادىملىرى ئۇنى قولغان ئالغاندا ،ئۇ مۇتىھەملىك بىلەن يىغلاپ غەۋغا كۆتۈرۈپ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ قارارىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغانىدى.ئۇ:
     -مېنى نىمە دەپ تۇتىسىلەر ؟ مەن نېمە جىنايەت ئۆتكۈزۈپتىمەن ؟-دېگەنىدى،كېيىن ئۇ پاش قىلىنغان خىلمۇ -خىل جىنايى پاكىتلار ئالدىدا ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تەربىيىسى ۋە ئۈمىدىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ .قاتتىق بوينىنى ئېگىپ ئۆتكۈزگەن جىنايىتىنىڭ ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلغۇسىز ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلدى .
      جاڭ زىشەننى قولغا ئېلىش جەريانى ناھايىتى قىزىق بولغان ،تۆۋەندە ج ك پ  مەركىزىي بيۇروسىنىڭ 1951-يىل 11-ئاينىڭ 30-كۈنى مەركىزىي
كومىتېتىغا يوللىغان دوكلاتىنىڭ ئەسلى تېكىستىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئۆتىمىز : 
 
 
داۋامى ئىنكاش شەكلىدە يېزىلىدۇ !
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-16 14:43 |
begir
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6865
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 322
شۆھرەت: 1651 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1663 سوم
تۆھپە: 993 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1005 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 260(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

داۋاملىق ئىنكاشىڭىزنى ساقلاۋاتىمىز . دەررۇ تۇتۇش قىلىڭ ھە ؟ مەسئۇلىيەتچانلىق دىگەن ئالتۇنغا تېگىشگۈسىز نەرسە .
istanbol
كىشى ئاخىر ئۆلۈپ كېتىدۇ....
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-16 16:35 |
gultajim
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6757
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 110 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 110 سوم
تۆھپە: 66 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 66 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاخىرىنى قاچان  يوللايسىز،ئوقۇشقا  ئالدىراپ كېتىۋاتىمەن
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-17 16:57 |
tograk

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 61
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 420
شۆھرەت: 3858 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3833 سوم
تۆھپە: 2033 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2057 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3918(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

جاڭ زىڭشەننى قولغا ئېلىش ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات
مەركىزى كومىتېتقا :
خېبىي ئولكىلىك پارتىكومنىڭ تيەنجىن ۋىلايەتلىك پارتىكومنىڭ سېكىرىتارى جاڭ زىڭشەننى قولغا ئېلىش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتنى تۆۋەندىكىدەك مەلۇم قىلىمىز :
يولداش شۆشۈن ( ئەينى چاغدىكى ج ك پ خېبىي ئولكىلىك پارتىكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سىكىرىتارى _ ئاپتۇردىن ) قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، ئولكىلىك پارتىكوم شۇ ئاخشىمى دائىمىي ھەيئەتلەر يىغىنى ئېچىپ ، شىمالىي جۇڭگو بيۇروسىنىڭ پىكرىنى مۇزاكىرە قىلدۇق . شۇ ئاينىڭ 29 - كۈنى سەھەر ۋاقىت يەتتە يېرىمدا ، ج خ نازارىتى جاڭ زىڭشەننى قولغا ئالدى . ئوسۇل مۇنداق بولدى : زۆرۈر تەييارلىق خىزمەتلەر ئىشلەنگەندىن كېيىن ، جاڭ زىڭشەننى ئۆلكىلىك پارتىكوم ئورگىنىغا چاقىرىپ كېلىپ دائىمىي ھەيئەتلەر ئولكىلىك پارتىكومنىڭ قارارىنى ئۇنىڭغا رەسمىي ئۇقتۇردۇق . جاڭ زىڭشەن دەسلىپىدە يىغلاپ غەۋغا قىلىپ ، قارارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ تۇرۇۋالدى ، قايتا - قايتا چۈشەندۈرگەن ، تەنقىد قىلغاندىن كېيىن پەسكويغا چۈشتى ، سائەت 10 ئەتىراپىدا لۇ XX بىلەن ج خ نازارىتىگە باردى ، چۈشتىن كېيىن ئەھۋالنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ئىنكاس قىلىندى . جاڭ زىڭشەن سۈكۈتتە تۇرىۋاتىدۇ ، لېكىن مەسىلىسىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى ، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھوشيار تۇرۇپ ، كۈتۈلمىگەن ئەھۋالنىڭ يۈز بىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ .
. . . . . .
شىمالىي جۇڭگو بيۇروسى
30 _ نۇيابر

ئوقۇغۇچىلىقتىن كېلىپ چىققان جاڭ زىڭشەننىڭ ئەكسىچە ، يىللىقچىلىقتىن كېلىپ چىققان ، مەدەنىيەت سەۋىيىسى يوقىرى بولمىغان ليۇ چىڭشەننىڭ ئەينى يىلدىكى جازانى قوبۇل قىلىش شەكلى باشقىچە بولغان . باش سوتچى ئۇنىڭغا پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغانلىقى ، ئۈلۈم جازاسى بېرىپ ، جازانى ئىجرا قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى قارارنى ئېلان قىلغاندا ، ئۇ جازانى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن باشقا مۇنداق بىرلا شەرتنى ئوتتۇرىغا قويغان :
_ يەنە بىر ئېغىز گىپىم بار ، ئۇ بولسىمۇ بالامنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش مەسىلىسىدىن ئىبارەت .
ئۇ قانداق جاۋابقا ئېرىشكەن ؟ دۈشمەن ئالدىدا قەھرىمان دېگەن نامغا مۇناسىپ بۇ چوڭ جىنايەتچى ئويلاپمۇ باقمىغان مۇنداق جاۋابقا ئېرىشكەن :
كارىڭ بولمىسۇن ، بالا دۆلەتنىڭ ، سېنىڭ ئويلىغانلىرىڭ تەشكىلنىكىدەك ئەتىراپلىق بولمايدۇ . خاتىرجەم بول ، سەن قانۇن ئالدىدا جىنايەت سادىر قىلغىنىڭ بىلەن ، بالاڭ قانۇن ئالدىدا جىنايەت سادىر قىلمىدى .
كۆز يېشى ، كۆز يېشى ، ليۇ چىڭشەننىڭ قادىر بولالايدىغىنى كۆز يېشى قىلىشلا ئىدى . ئاشۇ كۆز يېشىغا يوشۇرۇنغان مۇرەككەپ تەركىبلەرنى ئايرىپ چىقىش تولىمۇ تەس ئىدى . بىراق ، ئۇنىڭ ھېلىلا سوتچىنىڭ سۇراقلىرىغا بەرگەن تۆۋەندىكى جاۋابىدىن بەزى تەرەپلەرنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ :
. . . مەن ئۈزۈم خاتالاشتىم . پۇتۇن پارتىيىدىكىلەرنى تەربىيلەش ئۈچۈن ، ئۆلكىلىك پارتىكوم ماتېرىيالىمنى رەتلەپ چىقىپ ، خىيانەتچىلىككە ، ئىسراپخورلۇققا قارشى تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مېنى تىپ قىلىپ جازالىسۇن ، جەنۇبتىكى ۋە شىمالدىكى كادىرلاردىن مېنى تونۇيدىغانلار ئاز ئەمەس ، كادىرلارغا بىر قېتىملىق تەربىيە ئېلىپ بېرىش تارىخ جەھەتتىن ئېيىتقاندىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش .
ليۇ چىڭشەننىڭ بوي - بەستى جاڭ زىڭشەندىن بىر ئاز پەرىقلىنەتتى . ئۇ بويلۇق ، قارا توغرا بولۇپ ۋۇجۇدىدىن شۇ چاغلاردا ھەممەيلەن ئىشچى ، دېھقان ، كادىر دەپ ئاتايدىغان كادىرلارنىڭ پۇرىقى تېخىمۇ جىقراق چىقىپ تۇراتتى . بۇنداقلار 50 - يىللاردا تېخىمۇ ئەتىۋارلىناتتى ، ليۇ چىڭشەن ئۆزىنىڭ ئىنقىلابقا راستتىنلا تۆھپە قوشقانلىقىنى بىلگەچكە ، گەپ _ سۆز قىلغاندا ، ئىش بېجىرگەندە قۇرۇچ _ كەسكىن ئىدى . باشقىلارنى تىللاش ۋە ئۇلارغا تەنبىھ بېرىش دائىملىق ئىش ئىدى . لېكىن ، ئۇ ئوچۇق - يورۇق ، گەپنى ئۇدۇل قىلىدىغان ، بىرەر نەرسىنى ئالغۇسى كەلسە ئالىدىغان ، يېگۈسى كەلسە يەيدىغان ئادەم ئىدى . « ئاكاڭ ئەلنى دەپ جاننى تىكىپ جەڭ قىلدى ، ئازدۇر _ كۆپتۇر راھىتىنى كۆرسەم نېمە بوپتۇ » . مانا بۇ ئۇنىڭ ئەمەلىيىتىدىلا كۆرسىتىدىغان ئەمەس ، بەلكى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان گېپى ئىدى .ئاخىرى خاتا بولغانلىقىنى بىلگەندە ئۇنى بوينىغا ئېلىشتىمۇ مۇجىمەللىك قىلىپ ئولتۇرمىدى .
ئەمما ، ئۇنىڭ روھىي كەيپىياتىمۇ ئۆخشاشلا مۇرەككەپ ئىدى ، سۇراقچى ئۇنىڭ تيەنجىندە قولغا ئېلىنىش ئەھۋالىنى سۇرىغاندا ليۇ چىڭشەن توختىماي ھەسىرەت چېكىپ ، ئۆتكەنكى ئىشلارنى ئەسلەشكە ھەقىقەتەن جۈرئەت قىلالمىغان .
_ تيەنجىندە قولۇمغا كويزا سالدى ،ھەي ! ئىلگىرى دۈشمەنلەر تەرەپتىن قولغا ئېلىنغاندا قولۇمدا قىپ قالغان كويزا ئىزىنى ئەسكە ئالدىم ، قولۇمغا كويزا سالغاندا نۇرغۇن ئىشلار خىيالىمدىن كەچتى ! 20 يىلنى قانداق ئۆتكۈزدۈم ! شۇ چاغدا ، بوپتۇلا ، قانداق ئۆتكۈزسەم شۇنداق ئۆتكۈزگەندىمەن ! شۇنچە يىل ئىنقىلاب قىلىپ ئۆلمەپتىمەن ، قانداقسىغا بۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندىمەن ؟ بوپتۇلا ، . . . پارتىيە مېنى تەربىيىلىدى ماڭا كۆيۈندى ، ئىلگىرمۇ مەن پارتىيە ئالدىدا خاتا ئىش قىلمىغان ئىدىم ، ئەمدىلىكتە . . . بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ، بۇ ئىش بېشىمغا كەلدى ، دېگەنلەرنى ئويلىدىم . ھازىر ھېچنىمىنى ئويلىمايمەن ، پارتىيىنىڭ جازاسىنى قوبۇل قىلىمەن .
مەن ئۈچۈن يالۋۇرۇش - يېلىنىش بىھاجەت ! ئۈلۈمنىڭ مەن ئۈچۈن نېمە قىممىتى بار ئىدى ؟
ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەچكە ئۈلۈمگە مەھكۇم بولۇش ، ئۆلسە پۇشايمان قىلماسلىق ، مانا بۇلار ئىككى ئالاھىدە چوڭ خىيانەتچىنىڭ ئۈلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىش ئالدىدىكى روھىي ھالىتى . بىر مەھەل سولاپ قويۇش ۋە تەربىيە بېرىش ئارقىلىق ، ئۇلار ئۈلۈم جازاسىغا تەييارلىق قىلىۋالغانىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ « ليۇ چىڭشەن ، جاڭ زىشەن دېلۇسى » نى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى چىن دېلىدىن ھېمايە قىلىدىغانلىقىنى دېمەيلا تۇرايلى ، جىنايەتنىڭ ئۆزىدىن ئېيىتقاندىمۇ بۇ تەدبىرنىڭ قەتئىي زۆرۆرلىكىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى .
داۋامى بار .
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-22 20:22 |
tograk

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 61
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 420
شۆھرەت: 3858 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3833 سوم
تۆھپە: 2033 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2057 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3918(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

     شۇ ۋەجىدىن ، ليۇچىڭشەن ، جاڭ زىشەنگە ئۈلۈم جازاسى بېرىپ دەرھال ئىجرا قىلىش ھەققىدىكى قارار چىقىرىلغاندىن كېيىن ، يولداش ماۋزېدۇڭ ليۇ چىڭشەن ، جاڭ زىشەن ئۈچۈن ھال ئېيتىپ ، رەھىم قىلىشنى ئۆتۈنگەن مەلۇم بىر يوقىرى دەرىجلىك كادىرغا جاۋاپ بەرگەندە قىلغان مۇنۇ بىر جۈملە سۆزىنى ئېسىمىزگە ئالماي تۇرالمايمىز  : دەل ئۇ ئىككۆيلەننىڭ مەرتىۋىسى يوقىرى، تۆھپىسى زور بولغاچقىلا ، ئاندىن ئۇلارغا ئۈلۈم جازاسى بېرىشكە ئىرادە باغلىدۇق .  ئۇلارغا ئۈلۈم جازاسى ببرىلگەندىلا ، ئاندىن ئۆخشاشمىغان دەرىجدە تۈرلۈك خاتالىقلارنى سادىر قىلغان 20 ، 200 ، 2000 ، 20000 كادىرنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولىدۇ .
      « پۇشايمان قىلىمەن ! پۇشايمان قىلىمەن ! ئەندى باشقا گەپنى قىلىدىغان ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى ، بۇ قانلىق ساۋاقنى قوبۇل قىلىشتىن باشقا ئامال يوق » مانا بۇ جاڭ زىشەننىڭ ئەرش - زېمىنىنى لەرزىگە سالىدىغان مىلتىق ئوق ئاۋازى ياڭراش ئالدىدىكى ھەسىرەتلىك ساداسى ئىدى .
      _ ئۇكام X  X  X گە ئېيـتىپ قويساڭلار ،  جەسىتىمنى ئېلىپ كەتسۇن . شەھەرلىك ئىدارە ( ليۇچىڭشەننىڭ تيەنجىندىكى تۇرالغۇسى _ ئاپتۇردىن ) دە چوڭ _ كىچىك خۇرۇم سومكىلار بار ، ئۇلار پارتىيىنىڭ مولىكى ، ئۇلارنى پارتىيىگە تاپشۇرۇپ بەرسۇن ، __ مانا بۇ ليۇچىڭشەننىڭ ئۈلۈم جازاسى ھۆكۈمنامىسىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ، ئۈن سېلىپ قاتتىق يىغلاپ تۇرۇپ قالدۇرغان ۋەسىيەتتۇر .
      قەغەزگە ئۆچۇق يېزىلغان ئاشۇ ۋەسىيەتنى كۆرۈپ يۈرۈگۈم گويا توك سوقىۋەتكەندەك خېلى بىر ۋاقىتقىچە جىغىلداپ ئارامىغا چۈشمىدى . ليۇچىڭشەن ،  جاڭ زىشەن سىلەرنىڭ ئۇيغۇنۇپ ھوشۇڭلارنى تېپىشىڭلار ناھايىتى كېچىككەنىدى .
      1952 - يىلى 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بىر ئەتىراپىدا ، خېبىي ئۆلكىسى باۋدىڭ شەھرىنىڭ شەرقى قوۋۇق مەشىق مەيدانىدا « گۇم ، گۇم » قىلىپ ئېتىلغان ئىككى پاي ئوق يەر جاھاننى لەرزىگە سالدى .  ئالدىنئالا راسلاپ قويۇلغان ئىككى جەسەت ساندۇقى ليۇچىڭشەن ، جاڭ زىشەننىڭ قارارگاھى بولدى ؛ ۋەھالەنكى بۇ دېلونى بىر تەرەپ قىلىشتىن پەيدا بولغان كۈچلۈك زەربە دولقۇنىنىڭ ئۇلار بىلەن بىرگە تۇپراق ئاستىغا كىرىپ كىتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى . ليۇچىڭشەن ، جاڭ زىشەنگە ئۈلۈم جازاسى بېرىلدى ، بۇ دېلو راستىنلا ئويلىنىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەرنى قالدۇردى .  ئەسلىدە ئاشۇ چوڭ _ كىچىك ئەمەلدارلارنىڭ يوغان ساغرىسىدا چوڭمۇ ئەمەس ، كىچىكمۇ ئەمەس ، نۇر چېچىپ تۇرىدىغان تامغا بار ئىدى . كىيىنكى سىتاتىسكىدىن قارىغاندا ، ليۇچىڭشەن ، جاڭ زىشەنگە چېتىلغان چوڭ - كىچىك ئەمەلدارلار بىر نەچچە يۈزدىن ئېشىپ كەتكەنىدى .
      مۇبادا ئەينى يىللاردىكى ئۆلكىلىك پارتىكوم ، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۆمىتى بيۇروكراتلىقنى ئازراق قىلىپ ، ليۇچىڭشەن ، جاڭ زىشەننىڭ خىزمەتتىكى ئەمەلىي نەتىجىسىنى ئىنچىكە كۈزەتكەن _ تەكشۈرگەن بولسا ، ئۇلارنىڭ نەتىجىنى مەلۇم قىلىپ ، مەسىللەرنى مەلۇم قىلماسلىقى مۇمكىن ئەمەس ئىدى . ئۇ ھالدا ليۇچىڭشەن ، جاڭ زىشەنلەرنىڭ خىلمۇ _ خىل نەپسانىيەتچىلىك قىلمىشلىرىنى بالدۇرراق سېزىش مۇمكىنچىلىكى بولارمىدى ، بولماسمىدى ؟ ئۇلارنىڭ خىيانەت قىلىپ ئۆزىنى سەمىرىتىش جەھەتتىكى خىيانەت پۇل سانىنىڭ تېخىمۇ ئازىيىش مۇمكىنچىلىكى بولارمىدى ؟ ئۇلارنىڭ ئاشۇ سەۋەپ بىلەن جىنايىتىنى يەڭگىللىتىپ جېنىغا زامىن بولىدىغا 2 پاي ئوقنى يېمەسلىكى مۇمكىن بولارمىدى ، بولماسمىدى ؟
      مۇبادا ليۇچىڭشەن ، جاڭ زىشەن بىلەن بىر دەۋىردە ئىشلىگەن بۇ « باشلىق »  ،  ئۇ " سېكىرىتار "دېگەن كىشىلەر بۇ ئىككى جىنايەتچىنىڭ ھەرقانداق سوۋغات _ پارىلىرىنى قەتئىي رەت قىلغان ، بۇ ئىككى جىنايەتچىنىڭ خىلمۇ _ خىل خاتا قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىپلەپ ، ئۇلارنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقانغا ئوخشاش مۆكۈۋالىدىغان جاي تاپالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان بولسا ، ئۇ ھالدا ليۇ چىڭشەن ، جاڭ زىشەننىڭ جىنايىتى ، ئۇمۇمنىڭ پۇلىنى يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىشى ۋە قاقتى _ سوقتى قىلىش قىلمىشلىرى مەلۇم دەرىجىدە چەكلىنەرمىدى _ چەكلەنمەسمىدى ؟  ئۇلارنىڭ جىنايەت سوممىسى تېخىمۇ ئازىيارمىدى ؟ ئۇ ھالدا كومپارتىيىنىڭ ھېلىقى ئىككى پاي ئوقى شۇ ۋەجىدىن باشقا دۈشمەنگە ئېتىلماسمىدى ؟
      ئەمما ، تارىختا مۇنداق « مۇبادا » نىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس .
      ئىنساندىكى ئاچكۆزلۈكتىن ئىبارەت بۇ نەپسى _ بالا بىر كۈن مەۋجۇت بولىدىكەن ، خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش جېڭىنى بىر كۇن توختۇتۇشقا بولمايدۇ . شۇ ۋەجىدىن « ليۇچىڭشەن، جاڭ زىشەن دېلوسى » مۇ ئۆزىنىڭ پايدىلىنىش قىممىتىنى مەڭگۈ يوقاتمايدۇ ، ئېھتىمال ليۇ چىڭشەن ، جاڭ زىشەنلەرنىڭ ئۆزىمۇ ليۇ چىڭشەن ئېيىتقاندەك  « تارىخىي جەھەتتىن ئېيىتقاندا ئەھمىيەتلىك ئىش » بولغان « مەڭگۈلۈك نامدار كىشى » لەرگە ئايلىنىشنى يەنە كىملەر خالايدۇ ؟
      بۇنداق « تارىخىي نامدار كىشى » لەرگە يەنە كىملەر جازا بېرەر !
      بۈگۈنكى دەۋرانغا نەزەر سالايلى !
      تۈگىدى .
[ بۇ يازمىنىtograkدە2012-04-25 19:17قايتا تەھرىرلىد ]
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-25 19:08 |
tograk

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 61
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 420
شۆھرەت: 3858 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3833 سوم
تۆھپە: 2033 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2057 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3918(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

        ئۇ ئىككۆيلەننىڭ خىيانەت قىلغان ۋە ئىگەللىۋالغان مولىكىنى  خەلق پۇلىغا سۇندۇرسا 40 _ 50 مىڭ يۇەن قىممىتىدە ئىكەن .
        ھازىرچۇ ؟ ؟ ؟  مىليونلاپ ، مىلياردلاپ يەۋاتقان پارىخورلارغا سۇراق يوق .
       رەئىس ماۋزېدۇڭ  ھەقىقى تۈردە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ ، پاكلىق قۇرۇلىشىنى تۇتقان دۆلەت باشلىقى .
istanbol
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-28 19:22 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تەرمىلەر