saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 691 قېتىم كۆرۈلدى
elxatrahim
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6824
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 195 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 197 سوم
تۆھپە: 101 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 101 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئەدىب ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتىمىن

                                        
ئەدىب ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتىمىن  


     ھەممىمىزگە مەلۇمكى، بىر پۈتۈن ئەدەبىيات ئىلمى-ئەدەبىيات نەزەرىيسى،ئەدەبى تەنقىد ۋە ئەدەبىيات تارىخىنى ئۇز ئىچىگە ئالىدۇ.بىزدە ئەدەبىيات نەزەرىيسى ۋە ئەدەبى تەنقىد قانچىلىك يىتەرسىز بولسا،ئەدەبىيات تارىخىمۇ ئوخشاشلا كەمتۇك.ئەدەبىيات ئىلمىدە بۇ ئۈچى ئورگانىك ھالدا ئۆز-ئارا باغلانغان،بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن.بىز كىلاسسىك ئەدەبىياتقا باي بولساقمۇ،بىزدە تۈزۈك ئەدەبىيات نەزەرىيسى ۋە زۆرۈر ئەدەبى تەنقىد تەرەققى قىلمىغانلىقتىن،كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىمىزمۇ ھەقىقى ئىلىم تەتققاتى سەۋيىسىدىن يىراق.بىز ئەدىبلىرمىزنىڭ ئىديىسىنىڭ شەكللىنشىنى قانداقتۇربىر چوڭ ئىنقلاپلارغا،سىياسى ئۆزگىرىشلەرگە باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە ئۈستا بولۇپ،خۇددى توككىدە«ئاسماندىن چۇشكەن»ياكى لىككىدە«يەردىن ئۈنگەن»قىلىپ ئزاھلايمىز.چاغداش【1】 ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇشۇ خىل ئەنئەنە ئىزچىل داۋاملىشىۋاتىدۇ.ئەدىب ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئمىنگە كەيدۈرۈلگەن«مۇتەپەككۇر ئەدىب»دىن ئىبارەت يوغان«قالپاق»بىلەن ئون بەتتىن ئاشمىغان ئەدەبىيات تارىخدىكى ئورنى روشەن سىلشتۇرما بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ.  

    گەپنىڭ راستىنى ئېيتقاندا،ئابدۇشۈكۈر مۇھممەتئىمىنىڭ ئالىملىقى ئالدىدا   ئەدىبلىكى ئاجايىپ خىرەلىشىپ كەتكەن.شۇڭا ئەدەبىيات تارىخىنى يازغۇچىلار ياكى تۈزگۈچىلەر ئۇنىڭ ئالىملىقىنى پەش قىلىپ،ئەدىبلىكىنى ياراتمىغان ۋە ياكى ئۇنى مەغلۇبىيەتچى ئەدىپ سۈپىتىدە شەخسى تەنقىدلىرىنىڭ ئاستىغا كۆمۈپ تاشلىغان. ھەقىقەتتە ئۇ بىر بەدىئى ئادەم.بىراق،ئۇنىڭ بەدىئى ئەدەبىياتتىكى مۇۋاپىقىيتى چوڭ ئەمەس.ئۇ بىر مەزگىلىك ئەدەبىيات قىزغىنىلقىغا سەۋەپ بولغانلارنىڭ بىرى بولسىمۇ؛رۇبائى،نەسىرلىرى بىلەن تونۇلغان بولسىمۇ،بەدىئى ئىجادىيتىنىڭ ئاساسى بولغان شېئرىيەتتە چوڭ ئۇتۇق قازنالمىغان.ئۇنىڭ ئۈستىگە«رۇبائىيات»بىلەن«سەۋدالىق تەئەججۇبنامىسى»تەتقىقاتنىڭ«نەزىرى»گە ئىلنمىغان.ئۇنىڭ يازغانلىرى كۆپ بولسىمۇ،ئىلان قىلنغانلىرى ئاز.ئاياقلاشمىغان ئىجادىيەتلىرىمۇ خىلى بار.مەن ئۇنىڭ ئۆز بايانلىردىن ئۇنىڭ ئەدىبلىكىنى تەكشۈرۈپ چىقىشنى لايىق تاپتىم.ئەلۋەتتە،بۇ«ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەتقىقاتى»نىڭ سالماقلىق بىر بۆلىكى بولۇپ ھسابلنىدۇ. 

   ئەدىب ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت قارشىنىڭ شەكللنشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئامىللار ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن:«مېنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيتىمگە تەسىر قىلغان نەرسە تۆت بولدى:بىرنچى،ئائىلە تەسىرى.بولۇپمۇ ئانامنىڭ تەسىرى ئىدى.ئانام ماڭا تولىراق ‹يۈسۈپ-زۇلەيخا›،‹پەرھاد-شېرىن›،‹لەيلى-مەجنۇن›،‹چاھار دىۋان›قاتارلىق نەۋائى داستانلىرى ۋە غەزەللىرىنى،جۈملىدىن مەشرەپ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ بېرەتتى.ئېككىنچى،بىز بىر دەڭدە ئولتۇراتتۇق.قوشنىمىز بولسا بىرلا قارىغۇ قىزى بار تۇل خوتۇن بولۇپ،خەلق ھېكايە-چۆچەكلىرىنى ئېيتىشقا ئۈستا ئىدى.مەن‹ھەمرا-ھۆرلىققا›،‹بابا روشەن›،‹گۆر ئوغلى سۇلتان›،‹كەلىلە-دېمىنە›قاتارلىقلارنى شۇ ئايالدىن جىن چىراق ئاستىدا،ئايدڭدا،ھەتتا قاراڭغۇ ئۆيدىكى بورا ئۈستىدە ئاڭلىغاندىم.ئۈچىنچى،مەن دوستلىرىم بلەن ھېيىتگاھتا مەدداھلارنىڭ جەڭنامىلىرىنى،ھېكايەتچىلەرنىڭ‹يۈسۈپبېك-ئەھمەتبېك›داستانىنى،راۋاپ چېلىپ ئوقۇلدىغان‹سېيت نوچى›،‹ئابدۇرخمان ئاخۇنۇم›قاتارلىق پاجئەلىك داستانلارنى قىزىقىپ ئاڭلايتىم ۋە خانقالارغا كىرۋىلىپ،خانىقا مۇقاملىرىنى ئاڭلاپ،خانىقا سامالىرىنى كۆرەتتىم. 

    ماڭا ئۆچمەس تەسىر قىلغىنى ئائىلىمىزنىڭ 1944-يىلى ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگىچە ھارۋىدا قىلغان 94 كۈنلۇك سەپىرى بولدى.بۇ جەرياندا ماڭا جەنۇبى شىنجاڭ خەلقىنىڭ ھاياتى چوڭقۇر تەسىر قىلدى.بىز خەلق ھاياتىنىڭ كۆپ تەرەپلىرىنى-بازارلاردا،مەدداھلار،مۇقامچىلارنى،ئاشخانىلاردىكى سازەندىلەرنى كۆردۇق.بىز ئاقسۇغا بارغىنىمىزدا دادام ماڭا ئاق پاڭچۇ كۆڭلەك،قارا شىم كىيگەن،بېشغا چاچ قويغان كىشىنى كۆرسىتىپ: ‹ئوغلۇم،ئەنە لوتپۇللا مۇتەللىپ›دەپ كۆرسەتتى.ھازىر ئەسلىسەم،شۇ چاغلاردا ئاتا-ئانام مېنى شېئرىيەتكە قىزىقتۇرغان ياكى مەندىكى شېئىرىيەتكە قىزىقىشنى ھىس قىلىپ،ماڭا ئېلھام بەرگەن بولۇشى مۇمكىن.يەنە بىر تەسىر قىلغىنى ئەينى زاماندىكى ئىلغار ئىجدىمائى-سىياسى ھەركەتلەر،تۇتقۇن ۋە نامايىشلار،كىنو ۋە تىياتىرلار،ئىلغار كىشىلەر،بولۇپمۇ ئىلغار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يالقۇنلۇق لېكسىيىلىرى،نۇرانە ئۈلىگلىرى بولدى. 

تۈرتكىسى كۈچلۈك بولغان تەسىر-جوڭگو ۋە چەتئەل كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەسىرى بولۇپ،بۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا،بولۇپمۇ ئۆزلىكىمدىن كىتاپ ئوقۇشۇم ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن.مەن ماڭا كۈچلۇك تەسىر قىلغان ئەسەرلەر قاتارىغا چۈييۈەن ئەسەرلىرىنى،تاڭ،سۇڭ دەۋرى نەزمىلىرىنى،فاڭ جىمىننىڭ ‹سۆيۈملۈك جوڭگو› ناملىق ئەسىرى ۋە ئۆمەر مۇھەممەدى، لۇتپۇللا مۇتەللىپ شېئرىيتىنى،چەتئەلنىڭ ‹ئودىسسا›،‹رامايانا›،‹ماخاپخاراتا›،‹دۇن جۇئان›، شېكىسپىر دىرامىلىرى، سونىتلىرى، ‹گۈلىستان›،‹كەلىلە-دېمىنە› ۋە باشقىلارنى كۆرسىتىمەن.»【2】 

   كۆرۋىلىشقا بولىدىكى،بىر ئادەمنىڭ دۇنيا قارشى، قىممەت قارشى، ئىديىسىنىڭ شەكللىنىشى قانداقتۇر بىز كۆنۇككەندەك چوڭ ئنقىلاپلارغا،سىياسى ئۆزگىرشلەرگىلا باغلىق بولمايدۇ.ئۇ ئاستا-ئاستا، ناھايىتى كۆپ ئۆزگىرشلەردىن كىيىن ئاندىن شەكللىنىدۇ.كۆپ تەرەپلەرگە،ھەتتا كىچىككىنە بىر ئىشلارشغىمۇ بېرىپ تاقىلىدۇ.شۇڭا ئەدەبىيات تارىخىنى يازغاندا، مۇشۇ نۇقتىلارغا ھامان دىھققەت قىلشىمىز لازىم. 

    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنڭ ئەدەبى ئىجادىيتى 1948-يىلى «قەشقەر گىزىتى»دە ئىلان قىلىنغان بىر پارچە شېئىرى ۋە 1950-يىلى«شىنجاڭ گىزىتى»دە ئىلان قىلىنغان«كېسىلگەن قۇلاق» ناملىق ھېكايىسى بىلەن باشلانغان بولۇپ، «شەيدائى»،«گۈلزار ئاشىقى»،«بۇلبۇل ئازادى» قاتارلىق تەخەللۇسلاردا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇنلانغان.بۇنى ئەدىبنىڭ 1997-يىلى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلنىڭ 1-سانىدا ئىلان قىلنغان «ئۆمۈر تەلقىنلىرى »ناملىق كاتتا ماقالىسىدىن بىلەلەيمىز.ئۆزىنىڭ يۇقارقى ماقالىسىدىن بەرگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، «زۇلۇم ئوچىقى »،«ئاق خالات»،«ئالتۇنقىز»،«كېسىلگەن قۇلاق»،«كىچىككىنە ئاسىگۈل»،«نىلۇپەر»،«تاش پەرى» قاتارلىق ھېكايىلەرنى، «سۇمۇرۇخ قوشىقى»،«قەدىمكى يىپەك يولى»،«ئوردىدا باھار»،«پىلە مەلىكىسى»،«مەلىكە گۈليۈز»،«تەڭرىتاغ ناخشىسى»،«دات باسمىغان قىلچ»قاتارلىق دىراممىلارنى ۋە «مەرۋايىت مەلىكە» ناملىق ئۇسسۇل سىپىكتالى يازغان.بۇ ئەسەرلىرى ئىلان قىلنمىغان.سەۋەبى توغرسىدا ئۇ «ئۆمۈر تەلقىنلىرى»دە:«ئىشكابىمدىن چىقارغىم كەلمىدى»دەپ ئىزاھلىغان. 

     شېئىرىيەتتە ئۇنىڭ «چوغلۇق» (شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1986-يىلى نەشىرى)، «قارلىق تاغ شەجەرىسى» (شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى 1988-يىلى نەشىرى)، «رۇبائىيات1»(قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى 1982-يىلى نەشىرى)، «رۇبائىيات2»( قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى1989- يىلى نەشىرى) قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان. يەنە ئۆزى توپلام قىلىپ ئايرىغان «باھارىيات»،«ئاق توز»،«ئۇچقۇن بىلەن شەبنەم»،«كۆڭۈل كۈيلىرى»،«ۋىسال بېغى»،«سېرىن چېچىكى»،«ئىزگۈلۈك كۆز يېشى» قاتارلىقلار بار.شۇڭا ئۇ «ئۆمۈر تەلقىنلىرى»دە: «شېئرلىرىمنىڭ ئوندىن بىرى ئىلان قىلىندى» دىگەن.ئۇ شېئىرلىرىنى بەش تۈرگە بۆلۈپ، ئەتىراپلىق توختالغان.شېئىرلىرى توغرسىدا:«شېئىرلىرىم ئۈستەل ئۈستىدە شائىرانە ئوبراز بىلەن يېزىلمىغان. ئۇ، كوچىلاردا، ھارغىن ئەمگەكتىن كېيىن، ئەۋرەز يولىدىن چىقىپ ھاقارەت ئۆتكەندە، بىرەر خاتىرە ئورنىغا بېرشتىن بۇرۇن، ماشىنىدا، ئويغىنىپ كەتكەندە يېزىلغان‹سەرگەردان› شېئىرلار بولدى. مېنىڭ مۇھەببەت لېرىكىلرىمنى ئىشىق-مۇھەببەت نۇقتىسىدىن ئىزاھلىغۇچىلارغا كۆرە، ئۇنى رۇبائىيلار، غەزەللەر، لىرىك نەسىرلەر ۋە روھنى پاكلاشتۇرغۇچى، كەلگۈسىگە ئىنتلگۈچى تېمىدىكى ماقالىلرىم ئىچىدە گەۋدىلەنگەن سىمانتىك پىكىر-ھىسيات بىلەن تەرىپلىگۈچىلەر مېنىڭ مۇددىئايىمنى چۈشەنگەن بولۇشى مۇمكىن. »【3】دىگەن. 

     نەسىر جەھەتتە، ئۇ چاغداش (بۇگۈنكى دەۋىر) ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى تۇنجى نەسىرلەر توپلىمىنى تۈزگەن. بۇ نەسىرلەر ئەدىبنىڭ بەرگەن ئۈچىرىغا قارغاندا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا» دا يېزلغان. بەزىلىرىنى شۇ ۋاقىتتىكى جىددى ئاقتۇرۇش، قاماش ۋە سوراق جەريانلىرىدا يوقتىۋەتكەن.ئۇ نەسىرلىرى توغۇرلۇق: «مەن ‹كاككۇكنامە› دىكى 100 نەسىر ئارقىلىق ھۆرىيەتنى؛ ‹ مارجاننامە› دىكى 100 نەسىر ئارقىلىق دېڭىز ئاستىغا تاشلانغان مارجانلارنى ئاسمان يۈزىگە چاچمىغۇچە ئۇپۇق يورمايدىغانلىقىنى؛ ‹سۇمۇرۇغنامە› دىكى 100 نەسىر ئارقىلىق تارىخ ھېكمەتلىرىنى؛ ‹ جاھاننامە› دىكى 100 نەسىر ئارقىلىق رىئاللىق ئىبىرەتلىرىنى؛ ‹نىجادىيەتنامە› دىكى 100 نەسىر ئارقىلىق ھايات يولىنى يىغنچاقلىماقچى بولدۇم.»【4】دىگەن. ئەدىبنىڭ نەسىرلىرىنىڭ پەلسەپىۋىلىكى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ،زور تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە.ئۇلار ھەقىقەتەن «ئاجايىپ» يىللاردا يېزىلغان تەئەججۇپنامە ئىدى. 

    بۇلاردىن باشقا ئۇ يەنە ئەدەبى تەرجىمە ساھەسىدىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن يازغان «مەدەنىيەت دالاسىغا سەپەر- ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش» ناملىق كىتابتا كۆرسىتلشىچە، «چوغلۇق قىز»، «توققۇز نەزم»، «شاھنامە»، «شېكىسپىر سونىتلىرىدىن تاللانما» قاتارلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان.ئەل فارابى، مازوچاڭ شېئىرلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان.ئەگەر بىز سارتېكىن كۆرسەتكەن كاتالوگدىكى كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى نەشىر قىلندى، دەپ پەرەز قىلىپ سىستاستكىلساق،(تەرجىمە قىلغان، تاماملانمىغان، ئۆزى ۋە ئايالىغا بېغىشلاپ يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.) بەدىئى ئىجادىيتى تەخمىنەن %49 نى ئىگلەيدۇ.(ئۈچ قىسىملىق دەپ كۆرسىتلگەن، ئايالى توغرسىدا يېزىلغان ئەسلىمىنىمۇ بىر قىسىم دەپ ، ھىسابلىدىم.)  

    سارتېكىن كۆرسەتكەن كاتالوگدا ئەدىبنىڭ بارلىق ماقاللىرى(ئىلان قىلىنغان ۋە قىلنمىغان) جەمئى 204 پارچە.بۇنىڭ ئىچىدە ئەدەبىيات تارىخى، شېئىرىيەت، كىلاسسىك ئەدىبلەرگە ئائىتلىرى 70 پارچىدىن ئارتۇق نولۇپ، ئومۇمى ماقاللىردا ئىگلىگەن نىسبىتى %35 دىن يۈقىرى.ئۇ كىلاسسىكلارنىڭ ئەسەرلىرىنى نەشىرگە تەييارلاش، شەرھىلەش جەھەتلەردىمۇ ناھايىتى كۆپ كۈچ چىقارغان.دىمەك، ئۇ بىر ئەدىب بولۇش ساپاسىنى ھازىرلىغان.ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى كۈچلۈك پەلسەپىۋىلىك، مەزمۇنىدىكى رەڭدارلىق، چوڭقۇرلۇق ئۇنى چاغداش ئۇيغۇر ئەدەبىياتدىكى ئىسمى-جىسمىغا لايىق «مۇتەپەككۇر ئەدىب» سالاھىيتىگە ئىگە قىلغان.

    بەزى ئەسەرلەدە، مەتبۇئاتلاردا مەرھۇمنى «ئەدەبىياتشۇناس» دەپتۇ. مېنىڭچە، ئەدىب بۇ خىل ساپانى ھازىرلىيالمىغان.«ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى» 1-توم 244-بەتتە ئەدەبىياتشۇناسقا: «ئەدەبىيات كەسپى بىلەن شۇغۇنلانغۇچى مۇتەخەسىس، ئەدەبىياتچى» دىگەن ناھايىتى يۈزە بىر تەبىرنى بەرگەن.مېنىڭچە، ئەدەبىياتشۇناس ئەدەبىيات ئىلمى- ئەدەبىيات نەزىريىسى، ئەدەبى تەنقىد ۋە ئەدەبىيات تارىخى توغرسىدا سېستېمىلىق بىلىمگە ئىگە، بىر پۈيۈن ئەدەبىيات ئىلمىنى نەزەرىۋىى يۈكسەكلكتە چۈشەندۈرەلىگەن ياكى تەتقىق قىلغان ئادەمگە قارتىلشى كىرەك.ئەگەر يۈقىرى ئۆلچەم بىلەن تەكشۈرسەك، ئۇيغۇر جەمئيتىدە ئەدەبىياتشۇناسلار ساناقلقلا.مەرھۇم ئەدىب «ئۆمۈر تەلقىنلىرى»دا ئۆزى ئېتىراپ قىلىپ: «ئەدەبىيات نەزەرىيسى ياكى ئەدەبىيات تارىخىغا ئائىت ھىچقانچە تەتقىقات ئىلىپ بارالمىدىم»【5】دىگەن.شۇنداق بولغانكەن، ھېسياتقا تايانماي ئەمەلى پاكىتقا ھۆرمەت قىلشىمىز لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن «مۇتەپەككۇر ئەدىب» بولالايدىكى، ھەرگىزمۇ بىر ئەدەبىياتشۇناس بولالمايدۇ. 

     بۇ يىل ئەدىب ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ۋاپاتىغا نەق 16يىل بولدى. ئۇ ئارىمىزدىن كەتكىلى شۇنچە ئۇزۇن يىل بولغان بولسمۇ، ئەسەرلىرى تا ھازىرغىچە ئىلان قىلىنۋاتىدۇ ۋە ئىلان قىلىنىشنى كۈتىۋاتىدۇ.بىراق بىز ھازىرغا قەدەر بۇ زات توغرسىدكى تەتقىقاتنى باشلىمىدۇق.ئەڭ ئەپسۇسلىقى، بەزى ماقالە-ئەسەرلەردە ئەدىبنىڭ قاچان تۇغۇلۇپ،قاچان ۋاپات بولغانلىقى توغرسىدىكى مەلۇماتلارمۇ ھەرخىل بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.بۇ 21-ئەسىردە ياشاۋاتقان بىزلەر ئۈچۈن قاتتىق نۇمۇس بىر ئىش. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلەرىنى ئەڭ كۆپ نەشىرگە تەييارلىغان يالقۇن روزى ۋە سارتېكىنلەر ئۆز ئەسەرلىرىدە بىردەك «1933-يىلى 9- ئاينىڭ 28- كۈنى تۇغۇلۇپ، 1995-يىلى 2- ئاينىڭ 27- كۈنى 62 يېشىدا ۋاپات بولغان» دەپ يازغان.بىراق بۇرۇن يېزىلغان كۆپۈنچە ئەسەرلەردە 1934-يىلىنى تۇغۇلغان يىلى قىلىپ كۆرسەتكەن.«شىنجاڭ مەدەنىيتى» ژورنىلىنڭ 2010-يىللىق 5- سانىدىكى زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ «بىز قانداق چاكىنلشىمىز» ناملىق ماقالىسىدىكى نەقىلدىمۇ بۇ ئەھۋال تەكرارلانغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ئورنىنىڭ مەسئوللىقىدا يېزىلغان، 2006-يىلى مىللەتلەر نەشىرىياتى نەشىر قىلغان نوپۇزلۇق كىتاب «ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى» 4-توم1-كىتابنىڭ 256-بېتىدە «1996-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 63يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى» دېيىلگەن.ھازىر ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغان ۋە ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلۋاتقان قىرىنداش خەلقلەر كۆپىيۋاتىدۇ. بىز ئۆزىمىز يوغان «قالپاق» لارنى كىيدۇرۈپ مەدىيلىگەن ئالىم-ئەدىبلىرىمىزنى مۇشۇنداق كەلسە-كەلمەس تەتقىق قىلساق، باشقىلارنىڭ مەسخىرسىگە قالمايمىزمۇ؟ 

    ماقالەمنىڭ مەقسىتى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «مۇتەپەككۇر ئەدىب» لىكىنى تېخىمۇ تەھقىقلەش، ئۇنىڭ چاغداش ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخدىكى ئورنىغا قايتا باھا بېرىش لازىملىقىنى ئەسكەرتىشتىنلا ئىبارەت. ئۇنىڭ بەدىئى ئىجادىيەتلىرگە ئەدەبىيات نەزەرىيسى بويىچە باھالاش ئىلىپ بېرىش ۋە تەتقىق قىلىش ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرغا تاپشۇرۇلغان ئامانەت! ئىشنىمەنكى، ئەدىبنىڭ بارلىق ئەسەرلىرنىڭ تولۇق نەشىر قېلىنىشى بىلەن، ئۇنىڭ چاغداش ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى «مۇتەپەككۇر ئەدىب» لىكى تېخىمۇ جۇلالايدۇ!   

                                

                                  2011-يىلى2-ئاينىڭ 28-كۈنى تاماملاندى.شەھىرى غۇلجا. 





                نەقىل مەنبەلىرى ۋە ئىزاھات 

【1】ئابدۇقادىر جالالىدىن: .«شىنجاڭ مەدەنىيتى» ژورنىلىنڭ 2010-يىللىق 6-سانىدا ئىلان قىلغان «چاغداش ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تەنقىد قاتماللىقى» ناملىق ماقالىسىدا مۇشۇنداق ئاتىغان.شۇ بويىچە قۇبۇل قىلدىم. 

【2】ئابلىمىت ئىسمايىل، ماخمۇتجان ئىسلام: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1993-يىل نەشىرى 350-،351-،352- بەتلەر. 

【3】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئمىن: «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت»(يالقۇن روزى نەشىرگە تەييارلىغان) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى2001-يىل نەشىرى401-،402-بەتلەر. 

【4】يۇقارقى كىتاب 401-بەت. 

【5】يۇقارقى كىتاب 401-بەت. 
تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-15, 21:25
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-04-15 18:27 |
فىدا
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6545
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 245
شۆھرەت: 1254 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1271 سوم
تۆھپە: 749 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 752 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 179(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   ئەدىپ دىگەن نام بۇ ئالىمعا ئانچە ماس كەلمەيدىكەن .« چۇنكى بىز  ئۇيعۇر ئالىمى» ،دەپ كۇنۇپ قاپتىمىز . دىمىسىمۇ بۇ ئالىم 63يىللق ھاياتىدا حەلقىمىز ئۇچۇن ئەڭ كوپ جاپا تارتقان ،مۇدھىش كۇچلەر بىلەن بىر ئومۇر ئىلىشىپ ،بىر كۇنمۇ راھەت كورمىگەن ، ئەمەس بىر چاعدا ياشاپ قالعان ، ئىلىم-پەن ئۇچۇن قەردىرلىك ،ئوزحەلقى  ئۇچۇن قەدىرسىز ، تۇرمۇشتا تارتقان سڭعۇقچىلقلىرىنى 1000يىلدىن كىيىن ئەسلىسىمۇ ئادەمنىڭ ئىچى ئاچچىق بۇلىدىعان ،  ئەڭ جاپاكەش  ،ئەڭ مول ھوسۇللۇق  ئالىم لىرىمىزنىڭ بىرى . ئالىمنى تەتقىق قىلىش ، يۇرۇق دۇنياعا كوز ئاچالمىعان ئىلمى ئەمگەكلىرىنى حەلقىمىز بىلەن يۇز كورۇشتۇرۇش ،نوۋەتتىكى تەحىرسىز ۋەزىپە .
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-17 12:08 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » قوغۇنلۇقتىكى پاراڭلار